قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››ھەققىدە سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

760

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1915
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 191
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
روزى مۇھەممەت (ئارتۇچ)ئەپەندى بىلەن سۆھبەت




   2015-يىلى خاسىيەتلىك يېڭى يىل كېرىشى بىلەن دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغىلىپ 2015يىلى ‹‹كىتاب يىلى ››تەشەببۇسىغا قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشتى ،شۇمۇناسىۋەت بىلەن بىز 2015 –يىلى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››تەشەببۇسچىسى روزى مۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئەپەندى بىلەن ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››كىتاب ھەققىدە چۈشەنچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۇيۇشتۇردۇق .بۇ مۇناسىۋەت بىلەن روزى مۇھەممەت مۇئەللىم قاتارلىق سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئىيتىمەن .

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ،ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ،سۆھبىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغىنىڭزغا رەھمەت ئىيتىمەن .
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،سېزنىڭمۇ مەندەك بىر ئاددى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئاتايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىپ سورۇن ھازىرلىغىنىڭىزغا رەھمەت ئىيتىمەن .
   روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ،سىز2015-يىلى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ،ئۆزكۆز قاراشلىرىڭىز ،ئالدىمىزدا قىلماقچى بولغان پائالىيەتلىرىڭىز ،ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز ھەققىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز .

    ئالدى بىلەن بىلەن تورداشلارغا سالامىمنى يوللىۋىتەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار ،مەن روزى مۇھەممەت ئارتۇچتىن بارلىق قېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام ،مەن 2015-يىلى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە دىيارىمىز ئىچى سىرتىدا زور قىزغىنلىق كۆتۈرۈلدى مېنىڭ بۇ تەشەببۇسۇمغا ئاكتىپ ئاۋازلار قوشۇلدى ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈمنىڭمۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى تورداشلارغا يەتكۈزۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى .بۈگۈن مۇشۇنداق پۇرسەت بوپتۇ بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغان سىلەرگىمۇ رەھمەت .
   روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىڭىز توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن ؟
   بولىدۇ ،ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم ،مەن مەدىنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان ،ئەزىزانە قەشقەرگە تۇتاش ،قەدىمى يۇرتلاردىن بىرى بولغان ئاتۇش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ،2007-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يوپۇرغىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم ،ھازىر يوپۇرغا ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىزتىلى دەرسى بېرىۋاتىمەن ،دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ‹‹ئىزچىلار ئاۋازى ››رادىئوسىنى باشقۇرۇپ ياخشى بولغان پىروگىراممىلارنى قېرىنداشلارغا سۇنىۋاتىمەن .بولسا سۆھبىتىمىزدە نادىر پاراڭلارنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

   رەھمەت ،روزىمۇھەممەت مۇئەللىم .بۇندىن كېيىنكى ھاياتى پائالىيەتلىرىڭىزنى تېىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ يوللىرىڭىزنىڭ نۇرغا چۈمۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . سىزدىن سوراپ باقسام ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى ؟جەمىيەتنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق بولدى ؟
   بۇنىڭدا ئاساسلىق ئامىلنى مۇنداق بىر نوقتىغا يىغىنچاقلايمەن ،مەن خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ئەتراپىمدا نۇرغۇنلىغان كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنى ،نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ باللىرىنى ئوقۇشقا بەرمەيدىغانلىقىنى ،ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ،ھەتتا ئۆيلىرىگە بارساق ،كەتمەن كۆتۈرۈپ جىدەل چىقىرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ،مەن شۇنچىلىك ئازابلاندىم ،بىز ئاشۇ 1900-يىللاردىكى جاھالەت دەۋرىدە قالدۇقمۇ ؟ھازىر دېگەن ئۇچۇر دەۋرى ،ئاتوم دەۋرى ،.،...قاتارلىق دەۋرلەردە ياشاۋاتساق بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا بولغان قارىشى نېمىشقا تېخىچە ئايدىڭلاشمىدى ،توختا بۇنداق ياشاۋەرسەك جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ بەك پىتىپ كېتىمىز ،بۇلارنى بىر ئويغىتىش ،يىتەكلەش كىرەككەن دەپ ئويلاپ ،ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇم .نېمىشقا دېگەندە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئاددىسى ئۆزىمىزنىڭ مىللەت نامى بولغان ئۇيغۇر دېگەن نامنىمۇ توغرا ئاتىيالمايدىغان قىرىنداشلىرىمىز ھىلىھەم ئەتراپىمىزدا بار ،ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنى ئۇلۇغلايدۇ ،قەدىرلەيدۇ ،ئەمما نېمىشقىكىن تاڭ ،بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا مىللەت نامىمىزنى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ توغرا ئاتىيالمايدىغان كىشىلەرمەۋجۇت بىرى ئۇ كىشىلەر كىتاب كۆرمەيدۇ ،ئۆزىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ باش قاتۇرمايدۇ،يەنە بىرى شۇنداق خاتا تەلەپپۇز قىلغان ۋاقىتتا ،توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى بىرەر كىشى ئىيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويمىغان ،بۇ ئەھۋاللارنى بىز ئۆزىمىز تۈزىمىسەك باشقىلار سەن مىللەت نامىڭنى خاتا دەيدىكەنسەن دەپ بىزگە تۈزىتىپ بەرمەيدۇ .بىز شۇڭا بىرنى كۆرسەك بىر گە تۈزىتىش بېرىپ ،ئاكا،ھەدە ،قىرىندىشىم ماۋۇ گەپنى مۇنداق ئاتايمىز دەپ ،خۇددى شىنجاڭ رادىئو ئىستانىسى ئىككى خىل تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ گەپ قىلسا مۇنداق دەڭ دەپ تۈزىتىش بەرگەنگە ئوخشاش بىزمۇ ھەرقانداق يەردە مىللىتىمىزنىڭ ئاتالمىسىنى بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلغان ئەھۋالنى كۆرگەندە ،تۈزىتىش تەرەپدارى بولساق مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن توغرا تەلەپپۇزغا ئۆزگىرىدۇ دەپ قارايمەن ،
    ئەمدى ئەسلى مۇددىئايىمغا كەلسەم ،ئاشۇ ئوقۇيالمايۋاتقان بالىلار كۆزۈمگە كۆرىنىپ ،ئۆزىمىزنىڭ مىللەت نامىنى توغرا ئاتىيالمايۋاتقانلار كۆزۈمگە كۆرىنىپ ،توختا مۇشۇ كىشىلەرنى كىتابقا قىزىقتۇرايلى ،ئىلىمگە قىزىقتۇرايلى دەپ بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاپ قالدىم .
   چۈنكى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىمۇ ئوقۇ ،بىلەم ئال ،ئاق –قارىنى پەرقلەندۈرىشنى ئۈگەن ،ئىلغار مەدىنىيەت ،ئىلغار پەن –تىخنىكا ئارقىلىق ،ئاممىنى توغرا يولغا يىتەكلەش ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنىيىتى راۋاجلاندۇر دەۋاتىدۇ،بۇلار مېنىڭ تەشەببۇسىم بۇلارغا ناھايىتى ماسلىشىدۇ .مەن بۇلارنى ئويلاپ بىرى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ،يەنە بىرى ھۆكۈمەتنىڭ پەن-مەدىنىيەت ئارقىلىق ،ئاممىنى يىتەكلەش چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇم .

  بۇ تەشەببۇس 2014 -يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ‹‹كىتاب يىلى ››توغرىسىدىكى تېما باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، قىسقىغىنە 10كۈن ئىچىدە چېكىلىش نىسپىتى ئەللىك مىڭ قېتىمغا يەتتى ،مېنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىدارىغا قوشۇۋېلىپ ناھايىتى ياخشى بىر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمنى تەبرىكلەشتى ،ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەشەببۇسۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى .
  2014-يىلىنىڭ ئاخىرىسىدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ‹‹كىتاب يىلى ››توغرىسىدا مېنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىدى ،بۇ پىروگىرامما پات ئارىدا كۆرسۈتىلىدۇ .يەنە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىمۇ زىيارەت قىلىدى ،بۇ زىيارەتمۇ ئىككى ،ئۈچ كۈن ئىچىدە تېلۋۇزۇردا قويۇلىدۇ .
ئۈرۈمچىدە ،غۇلجىدا ،بۆرتالادا ،يەنە قەشقەردە ،مەن ياشاۋاتقان قەشقەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىلىم چىيى،كىتاب چېيى ،قاتارلىقلار مۇشۇ يىگىرمە كۈن ئىچىدە ئىلىپ بېرىلدى .مۇشۇلارئارقىلىق ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››نىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى باشلاندى ،گەرچە پۈتۈن دولقۇن قوزغىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ دەسلەپكى قەدەم ياخشى بېسىلدى ،دېمەك بۇ بىرىنجىدىن خەلقىمىزنڭ ناھايىتى كىتابخۇمار ،ئىلىمگە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە ئىككىنجىدىن مۇشۇنداق قوزغىتىشنىڭ جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىزگە ھېس قىلدۇردى ،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ بىر نەچچە ئاي جەرياندا قولىغا كىتاب ئالدى بۇ تەشەببۇس دىيارىمىزدا ئومۇملىشىشقا ،جەمىيەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ ،دىيىشكە بولىدۇ .

   رەھمەت روزىمۇھەممەت ئارتۇچ ئەپەندى ،بۇندىن كېيىنكى ئارزۇ –ئارمانلىرىڭىزغا يەتكىنى نېسىپ قىلسۇن ،مەن شۇنىڭغا قىزىقىۋاتىمەن ،سېز كىتاب بىلەن قاچان تونۇشقانتىڭىز ؟قانداق ئۆزگىچە كىتاب ئوقۇش ئادەتلىرىڭىز بار ؟مۇشۇ توغرۇلۇق ئازراق چۈشۈنچىلەرگە ئىگە بولغان بولساق ؟
   بولىدۇ ،مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە نۇرغۇن كىتابلار باركەن .مەن ئەمدى دېھقاننىڭ بالىسى ،سەھرالاردا قوي باقاتتۇق ،قوي بىقىۋاتقان چاغلاردا شۇ كىتابلار ماڭا ھەمرا بولاتتى ،شۇ كىتابلارنى ئوقۇپ مەنىۋى زوق ئالاتتىم ،شۇچاغدا بىزنىڭ ئۆيدە بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ كىتابلىرى بۇرۇنقى كىتابلار كۆپكەن ،مۇشۇ كىتابلاردىن ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ،ئادەم بولۇش ھەققىدىكى ھېكمەتلەرنى ،دۇردانىلەرنى ئوقۇپ مۇشۇ شەكىل ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشنى باشلىغان ،مېنىڭ كىتاب ئوقۇشتا تورداشلارغا دەپ بەرگۈدەك ئالاھىدە ئادەتلىرىممۇ يوق ،ئەمما تەكىتلەپ قويىدىغىنىم ،كىتاب ئوقۇغنى باشلىغاندا ھەرگىزمۇ يىرىم ئوقۇپ تاشلاپ قويمايمەن ،بىر كىتابنى باشلىۋالسام ئاخىرىغىچە ئوقۇپ ،ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن تەسىرات يازىمەن ،يازغان تەسىراتىم بىلەن ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا مەتبۇئاتلارغا ،گېزىت –ژورناللارغا بىرنەرسە يوللاپ تۇرىمەن ،ئەمدى مېنىڭ ئادەتلىرىم مۇشۇنچىلىك ئاددىيلا .

   روزىمۇھەممەت مۇئەللىم سېز شەرەپلىك خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ،ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل دەرسىگە بولغان پوزىتسىيەسىگە قانداق قارايسىز ؟ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى قانداقراق ؟

   بۇ مەسلىنى بىر قانچە يىللاردىن بۇرۇن سۆزلەشكە توغرا كىلىدىكەن ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ‹‹قوش تىل ››مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پەرزەنتىلىرىمىزدە ئاناتىلنىمۇ ئۆگەنمىسە بولمايدىغان ،دۆلەت تىلىنىمۇ تەڭ ئىگەللەپ  ماڭمىسا بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى ،دىمەك پۈتۈن يۈك ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى ،بىز دكلەت تىلىنى بىلمىسەك بولمايدۇ ،مىللەتلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش ،چۈشۈرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇتىلىنى ئۈگۈنىشىمىز كېرەك ،ئەمدى بۇ سىياسەتتىمۇ بەزى يىتەرسىزلىكلەر كۆرۈلۈپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا يىتىشىپ بولالماسلىق ،بىسىم ئىغىر بولۇپ كېتىش ،ئۆزىنىڭ مەدىنىيىتى ،كىملىكى ،ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى .مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ،قوش تىللىق بولۇش شەرەپلىك ئىش ،لېكىن ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس ئىش ،بۇنى بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىز ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ،بىز ھازىرمۇ ،ھەم ھەرۋاقىت شۇنى تەكىلتلەيمىز .پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزغىنلىقى گەرچە ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئۈزۈكلۈك كۆرۈلگەن بولسىمۇ ،ھازىر جەمىيەتنىڭ قوللىشى ،داڭلىق كىشىلىرىمىز ،ئوت يۈرەكلىرىمىزنىڭ كۈچىشى ،رادىئو –تېلېۋىزىيە ،ئاىبارات تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە پىروگىراممىلىرىنى ئاناتىلدا سۆزلەشنى ئومۇملاشتۇرىشى ،نەتىجىسىدە بىر خىل ياخشى يۈزلىنىش كۆرۈلىۋاتىدۇ ،پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاناتىلغا بولغان قىزىقىشى ،ئاتائانىلارنىڭ ،ئاناتىلنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتىشى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى .
   مەن ئۆزۈمنىڭ ئاڭلىتىشلىرىدا بالىلارغا ھەرۋاقىت تەكىتلەيدىغىنىم ،قوش تىل ئۈگىنىڭلار دەيمەن ،مەن ئۆزۈم ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ،بالىلارغا ئىنىگىلىزتىلى ئۈگىنىشنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن ،خەنزۇتىلى ئۈگىنىشنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن ،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ ئاناتىلنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى كۆپرەك تەكىتلەيمەن ،چۈنكى بالىلار،بالىلارلا ئەمەس ،پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۆز ئاناتىلدا تەپەككۇر قىلىمىز ،تەپەككۇرنى ئانا تىلدا ئىلىپ بارغانىكەنمىز ،بالىلىرىمىزنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىپ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە كۈچىسىمۇ ،يەنە ئۆزلۈكنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئاساستا ،تېخىمۇ تىرىشىپ ئانا تىلنى ئىگەللەشكە كۈچىسە ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن .
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش بىسىمى ئارتىپ كەتكەندىن كېيىن ،تەبىئىيلا دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرەلمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالدى ،بۇنى ياجەمىيەتتىن كۆرمەيمىز ،باشقىلاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ،چۈنكى بىز ھازىر تۇرمۇش رىتىمى تىز دەۋرگە كېرىپ كەتتۇق ،ئالدىراش ياشىمىساق بولمايدۇ ،لېكىن بۇنداق دەپلا كىتاب ئوقۇشنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ ،ئوقۇغۇچىلىرىمىز داۋاملىق ئۆزلۈكنى تونۇتىدىغان ،مىللى كىملىكنى ھېس قىلدۇرىدىغان ،مۇشۇنداق تېمىلاردىكى كىتابلارنى تېخى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ،ئاددىسى ‹‹قۇم باسقان شەھەر››‹‹ئىز ››‹‹ئويغانغان زىمىن ››دېگەندەك كىتابلارنى كۆرۈپ باقمىدى .مەن ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەندە مۇنداق ئەۋزەللىك بار ،يەنى ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹كىتاب مەدىنىيىتىنى ››تەشۋىق قىلىش مېنىڭ زىممەمگە چۈشكەن ،مەن تەشۋىق قىلمىسام ،باشقىلار تەشۋىق قىلمىسا ،ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىنىقلا ئانا مەدىنىيىتىمىزدىن بىرى بولغان ‹‹كىتاب مەدەنىيىتىمىزنى ››بىلمەي چوڭ بولىدۇ .بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ‹‹كىتاب مەدىنىيىتىمىز››يىللار ئۆتكەنسىرى ئىز باسارسىز قالىدۇ ،شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن دەرس ۋاقتىدا ،پىروگىرامما ئاڭلىتىدىغان ئاڭلىتىدىغان ۋاقىتلىرىمدا كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنىسكزلەپ كىلىۋاتىمەن ،كىتاب ھەققىدە كىچىك تىپتىكى مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزدۈم ،كىتاب ھەققىدە پىروگىراممىلارنى ئىشلەۋاتىمەن ،‹‹يىتىم بالىلار كىتاب فوندى ››دەيدىغان بىر فوندىم بار ،ئەتراپىمىزدىكى يىتىم ،روھى چۈشكۈن ،باللىرىمىزنى ،ياش –ئۆسمۈرلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلاردىكى قەلب چۈشكۈنلىكىنى ،ئازابىنى غەشلىكىنى تۈگۈتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ھازىرغىچە بەش مىڭ پارچىگە يىقىن كىتاب يىغىلدى ،ھەممىسى ئانا تىلدىكى كىتابلار ،ئۇنىڭدىن باشقا يىگىرمە مىڭ يۇئەن ئەتراپىدا نەق پۇل تاپشۇرىۋىلىپ ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ياش –ئۆسمۈرلىرىمىزگە بىرىش ئارقىلىق ئەتراپىمدا كىتاب ئوقۇش ،كىتاب ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە كىچىككىنە بولسىمۇ پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىۋاتىمەن .

   ناھايىتى ئەھمىيەتلىك گەپلەرنى قىلىپ بەردىڭىز روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ،بايا سۆزىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ‹‹يىتىم بالىلار كىتاب فوندى ››توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىڭىز .بۇ توغرىسىدا تورداشلارنى ئىنىقراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇ فوند توغرىسىدا تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بىرەمسىز ؟
   بولىدۇ ،‹‹يىتىم بالىلار كىتاب فوندى ››ئەتراپىمىزدا كىتاب ئوقۇيالمايۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان فوند بولۇپ بۇنىڭدا كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى بار ،لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتاب ئوقۇيالمايۋاتقان ،ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگە كىتاب سوۋغا قىلىشنى ،ئىئانە قىلىشنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان .
   بۇ پائالىيىتىمىز 2011-يىلى باشلانغان بولۇپ ھازىر تۆت يىل بولۇپ قالدى ،بىز بۇ تۆت يىلدىن بۇيان بىز نۇرغۇنلىغان ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى تارىخى رومانلارنى ،بالىلار ئەسەرلىرىنى ،باللىرىمىزغا سوۋغا قىلدۇق ،بەزى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق ،جەمىيىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانچىلار ،كىتابخۇمارلار بىزنىڭ كىلەچىكىمىزنى ئويلايدىغان نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ،ياش-ئكسمۈرلەرنى تەربىيلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان كىشىلىرىمىز ،نۇرغۇنلىغان بىباھا كىتابلارنى سوۋغا قىلدى ،بۇ يەردە مەن پەقەت كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدىم .كىشىلىرىمىز ئۆزلىرى ئوقۇپ بولغان ،ئەمدى ئىشلەتمەيدىغان كىتابلارنى ماڭا سوۋغا قىلىدۇ ،مەن ئۇنى ئەتراپىمدىكى كۆڭلى يىرىم يۈرىۋاتقان يىتىم بالىلىرىمىزغا ،كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن كىشىلەرنى كىتاب بىلەن تەمىنلىدىم ،پائالىيىتىمىز ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ،جەمئيىتىمىزمۇ بىزنى قوللاۋاتىدۇ ،مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەپ قويىدىغىنىم بولسا كارخانچىلىرىمىز كىتابخانىلىرىمىز ،كىتابخانا ئاچقان خوجايىنلىرىمىز ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ياش ئەۋلادلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ‹‹يىتىم بالىلار كىتاب فوندى››نى قوللاپ فوندىمىزنى تېخىمۇ زورايتىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

   مىللتىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش مەدىنىيتى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە .ئەمما بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى (كپمپىيوتىر،تېلفۇن )ۋە ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى (ئۈندىدار ،تور ،مۇنبەر )لەر كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ ۋاقتىنى ئىگەللەپ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى سۇسلاپ كېتىپ بارىدۇ ،مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق ؟

    دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،تارقىتىش ۋاستىلىرى ئىلغارلىشىپ كەتتى ،كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئىكران ئارقىلىق كىتاب كۆرۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى ،بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللا ئىلگىرى ئاۋازلىق ئەسەرلەر،ئاۋازلىق كىتابلار ئوتتۇرىغا چىقىپ جەمىيىتىمىزدە بىز مەزگىل دەۋر سۈردى ،ئەمما پەن-تېخنىكا بىزگە شۇنچىلىك قولايلىقلارنى ئىلىپ كېلەلىگەن بىلەن ،كىتابنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ ئوقۇشتەك بىر بوشلۇقنى يەنىلا تولدۇرالمىدى ،ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ تەسىرچانلىقى ،يۈرىكىمىزگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىشى ،ھەم ساقلىنىش قىممىتى قاتارلىقلار تازا يىتەرلىك بولمىدى ،ئۇلاردىن ئالغان ھېسىيات يۈزەكى بولۇپ قالدى ،دېمەكچى كىتابنى ۋاراقلاپ ئوقۇغاندەك ھېسىيات چىن ئىپادىلەنمىدى .
گەرچە پەن –تېخنىكا ئىلغار بولغان بىلەن بىزنىڭ چىن قەلبىمىزدىكى نەرسىلەرنى ئەينى ئىپادىلەپ بىرىشى بىر قەدەر تەسكە توختايدۇ ،چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبى ئوخشاش بولمايدۇ ،قەلبنىڭ ھېس قىلغىنىنى مەلۇم بىر ۋاستە مەلۇم بىر ئۈسكۈنە ،ئىلمى چىقىرىپ بىرىشى ناتايىن .ھازىر كىشىلىرىمىز نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتتى ،كىتابنىڭ ۋاراقلاپ تۇرۇپ چىن ھېسىيات بىلەن ئوقۇغاندىكىدەك بومايدىكەن دەپ كىشىلەر ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئانچە ئاڭلىماس بولدى ،ھازىر كىشىلىرىمىز ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئاپتوبۇسلاردا كىتاب ئوقۇيدىغان ھالەت ئۈرۈمچىلەردە ئاساسەن شەكىللىنىپ بوپتۇ ،مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم بولسا قېرىنداشلىرىمىز ،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قانتەرىدە يېزىلغان كىتابلارنى بىر ۋاراق –بىر ۋاراقتىن ئۆرۈپ تۇرۇپ چىن ھېسىياتى بىلەن ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن .

    روزىمۇھەممەت مۇئەللىم بۇيىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىلىم سۆھبەت چېيى ،كىتاب ئوقۇش تەسىرات چېيى ....قاتارلىق ئىلمى سۆھبەتلەر بولۇندى مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قايسى جەھەتلەردىن پايدىسى بار؟

    بىر قانچە يىل ئاۋۋال بىزدە ‹‹رېستوران مەدىنىيتى ››دەيدىغان بىر مەدەنىيەت سىرىتتىن كېرىپ بىزگە سىڭگەن كىشىلەر خۇدىنى بىلمەي رېستۇرانلاردا ياتقان ،رېستۇرانلاردا توي بولسۇن ،مەيلى چاي بولسۇن ،قانداق خاراكتىردىكى بىر پائالىيەت بولسۇن رېستۇراندا ئۆتكۈزۈش مودا بولغانىدى ،ھازىرغا كەلگەندە بولسا بۇ ئىشلا ئازراق پەسكويغا چۈشتى ،بۇ ئىشلار پەسكويغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ئون ئادەمدىن ،ئون بەش ئادەمدىن تەركىب تاپقان ھەرخىل چايلار ئەۋج ئالدى بۇ چايلار توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان تەنقىدى پىكىرلەر بولۇندى .لېكىن ئۇنىڭدا ماھىيەتلىك بۇرۇلۇش ھاسىل بولمىغان ئىدى .
بەزى چايلىرىمىز يىغىلىدىغان ۋاقىت ئېنىق ،تارقايدىغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس ،بەزىدە ئولتۇرسا كېچىلەرگىچە ئولتۇرۇپ كېتىدىغان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ،باشقا كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ،غەيۋەت سورىنى ،پۇل يىغىش چىيى ، باشقىلارغا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان سورۇن بولۇپ قالغانىدى .
ئەلۋەتتە بىزنىڭ بۇسورۇنلىرىمىز ئىسلاھ قىلىنىشقا بەكلا موھتاج ئىدى ،بىز بۇ چايلاردىن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ،پۇل ئىسراپچىلىقى ،كىيىم كىچەك ،يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى ...قاتارلىق ئىسراپچىلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ،ئىلمى بولغان ،مۇقىم ۋاقتى بىكىتىلگەن ،بىكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىلىم ھەققىدە پاراڭ قىلىدىغان ،كىتاب ھەققىدە پاراڭ قىلىدىغان جەميىتىمىزدە قىززىق نوقتا بولىۋاتقان ،يېڭىدىن ئىختىرا قىلىنغان پەن-تىخنىكا ھەققىدىكى پاراڭلار بولىنىدىغان ئىلمى سورۇنغا ئىلمى چايغا ئايلاندۇرۇشىمىز موھتاج ئىدى .
    مانا سەگەك زىيالىيلىرىمىز باشلىغان ئىلىم چىيى بۇيىل مانا ئىككىنجى يىلىغا قەدەم قويدى ،ھەم يامغۇردىن كېيىنكى نوتىلاردەك .يۇرت –يۇرتلىرىمىزدا كەينى-كەينىدىن ئىلىم چېيى ،كىتاب چېيى ،...قاتارلىق چايلار تەشكىللەندى مەنچە بولسا بۇنداق چايلارنى كۆپرەك تەشكىللەپ دوكتۇرلار چېيى ،كارخانىچىلار چېيى ،سىتودىنىتلار چېيى دېگەنگە ئوخشاش ،نۇرغۇن چايلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق ،تۈركۈملەر بويىچە ،كەسىپلەر بويىچە ئىلمى سورۇنلارنى تەشكىللەپ شۇ ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر سىلكىنىش ،ئويغىنىش ھاسىل قىلالىساق ،بۇبىزنىڭ ياخشى بولغان مۇۋاپىقىيىتىمىز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .ئاخىرىدا دەپ قويىدىغىنىم كىشىلەرنىڭ كىتاب چېيى ،ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈشكە تەشنا بولىۋاتقىنىنىڭ ئۆزى خەلقىمىزنىڭ شۇنداق بىر بىلىم تارقىتىدىغان سورۇنلارغا ،شۇنداق بىر ئىلمى سۆھبەتلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ،
   كىتابنى قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ سىلىپ ئاڭلىغاندىن ۋاراقلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ باشقىلارنىڭ تەسىراتىنى كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى يەنىلا كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
  ئەمدى مۇشۇ پەيتتە ئازراق قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى ،سىلەر ئۆتكەندىكى قەشقەردىكى ئىلىم چىيىنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك تەشكىللەپ ئكتكۈزۈپسىلە ،بولسا بۇ ئىلمى سورۇنىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ،ھەرقانداق نەرسە كىچىكلىكتىن زورىيىدۇ ،باشتىلا ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىۋەتمەي كىشىلەرنىڭ قەلبىگە قەشقەردىمۇ مۇشۇنداق ئىلمى چاينىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ جەمئىيتىمىزدىكى كىتابخۇمارلار ،ئىلىمخۇمارلارنى توپىمىزغا قىتىۋىلىپ پائالىيەت قىلساق .بۇسورۇنىمىزدا بىرىنجىدىن قۇرۇق گەپ سىتىشنىڭ ئالدىنى ئالساق ،ئىككىنجىدىن ئىسراپخورلۇق قىلمىساق مەيلى ۋاقىت مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن.ئۈچىنجىدىن مەيلى ئۆزىمىزنىڭ قىرىنداشلىرىنىڭ مەيلى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلانساق چۈنكى بىز تەشەببۇس قىلغان ‹‹ئىلىم چېيى ››ئىلمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانىكەن مۇشۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ كەتسەك بولسا ھەر بىرىمىز نادىر كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتىمىزنى سورۇنىمىزدا ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقا قىرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشساق دىمەكچىمەن .
   ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئاتا –بوۋىلىرىمىزنىڭ ‹‹كىتاب مەدىنىيىتىنىڭ››خىمىر تۇرىچى بىزدە بولغاچقا بىز يەنىلاشاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ مېغىزىنى تاللايدىغان چايلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتىمىز ،خەيرىيەت يوللىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولغاي .

   ھازىرقى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ،كىتابلارنىڭ تۈرى ،سۈپىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن ؟

   بۇ سوئال دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى مېنىڭمۇ ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقىنىممۇ مۇشۇ مەسىلە ،كىتاب نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان مۇنداق بىرنەچچە مەسىلە بار ،بىرى بىزنىڭ قەدىمى كىتابلىرىمىزنى ،بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى يىغىۋىلىپ ،باھاسىنى قىممەت ساتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .ئەمەلىيەتتە ھەممە كىتابلارنى يىغىۋېلىپ مونوپۇل قىلىپ قىممەت سېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ،‹‹ئانا يۇرت››نى خەلقىمىز ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ روماننىڭ كونىسىنى ئىزدەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپلا ھازىر ئەمدى باشقىلارنىڭ ئىڭىدا كونا كىتاب ياخشى ،ياكى بىرىنجى نەشىرىنى ئوقۇساق بولاتتى دەيدىغان يۈزەكى قاراش شەكىللىنىپ ھەرقانداق كىتابنىڭ كونىسى ،بىرىنچى نەشرى بارمىدۇ دەپ ئىزدەيدىغان ،بەزى كىتاب ئوقۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ؟كىتابنىڭ كونىسى بولسا سېتىۋالاتتىم دەيدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ قالدى .بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى ئەسلى باھاسىنى نەچچە ھەسسە قاتلىۋەتتى ،ئەمەلىيەتتە كۆپ كونا نەشىرى بىلەن يېڭى نەشىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ،بۇ تەرەپتىن كىملەر پايدىلىنىپ كەتتى دېگەندە ئارىلىقتىكى كىتاب سودىگەرلىرى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ،كىتابلار چىققان ۋاقتىدىلا يىغىۋېلىپ ،ئۇنى كىتابخۇمارلارغا قىممەت باھادا پۇل قوشۇپ ساتىدىغان ناچار خاھىشلار ئەۋج ئىلىپ قالدى ،ھەتتا بەزى شەخسى كىتابخانىلار كىتاب باھاسىغا خالىغانچە پۇل قىتىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››دا كىتاب سودىگەرلىرى كىتابخۇمارلاردىن كۆپ پايدا ئىلىشنى ئويلىماي ،ئاز پايدا ئالسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى كۆپرەك كىتاب بىلەن تەمىنلىسە ياخشى بولاتتى .
بۇ مەسلىنى تۈزەشكە نەشىرىيات ،مال باھا ئورۇنلىرى ئالاھىدە كۈچىشى كېرەك .
   نەشىرىيات ئورۇنلىرى كەڭ تۈردە كونا كىتابلارنى نەشىر قىلىشتا پائال كۈچەپ بۇ ئارقىلىپ خەلقىمىزنىڭ كونا كىتابلارغا بولغان تەشنالىقى قاندۇرۇلۇپ ،باھاسىدىن قورقماي سىتىۋالالايدىغان قىلىش كېرەك ،ئاندىن يىقىندا مىللەتلەر نەشىرىياتى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ››قاتارلىق تارىخى رومانلارنى ئەسلىدىكى نەشىرى بويىچە نەشىرگە تەييارلاپ كىتابخانىلارغا تارقىتىدۇ .بۇ خەلقىمىز ئۈچۈن بىر خوشخەۋەر ئۇكىتابلار نەشىردىن چىقسا مەنمۇ بىر يۈرۈش سېتىۋالىمەن .دېمەك جەمىيىتىمىزدە كىتاب ھايەنكەشلىكى قىلىدىغان كىشىلەر نەشىرىيات ،كىتابچىلىق ساھەسىدە ساقىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە .
    ئىككىنجىدىن بىزدە نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلار ناھايىتى كۆپ ،لېكىن نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سۈپىتى ،ساپاسى سەل تۆۋەن بولۇپ قىلىۋاتىدۇ ،ھازىر نەشىرىياتچىلىق ساھەسىمۇ بازارغا يۈزلەندى بۇ ئارىلىقتا كىتاب سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى ،كىتاب نەشىر قىلىدىغانلار بارلىققا كەلدى ،بەزى نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنغا قارىمايلا ۋاقىت قىستاپ قالغاندەكلا نەشىر قىلىۋىتىدىغان ،ئاندىن كېيىن كىتابلىرىمىزدا تەكرار مەزمۇن ئىپادىلىنىدىغان ،بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كىتابلاردىكى مەزمۇننى ئازراق ئۆزگەرتىپلا ،كىتاب مۇقاۋىسى ،ماۋزۇسىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ نەشىر قىلىدىغان ئەھۋاللار بولدى ،بۇنى ‹‹شىنجاڭ مەدىنىيىتى››ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 6-سانىدا بىر قېرىندىشىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ،بولسا تورداشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ماقالىنى كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    ئاندىن ياخشى كىتابلار ،بىر قىسىم يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ،باراڭ پۇل قاپاق پۇل بولماي قىلىپ ئادەتتىكى يېزىلغان كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ،ياخشى يېزىلغان ئېسىل ئەسەرلەر بىسىلىپ قالدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىۋاتىدۇ .بولسا نەشىرىيات ئورۇنلىرى تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى قىزىپ چىقىشى كېرەك ،خەلق ئىچىدە نۇرغۇن بىباھا ئېسىل ئەسەرلەرنى يازىدىغانلار،قەدىمى قوليازمىلارنى ساقلاپ قالغانلار بار ،بەلكىم شۇلارنىڭ كىتاب چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن نۇرغۇن ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ؟شۇلارنى توپلاپ نەشىر قىلىپ چىقىش نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ،نەشىرىيات ئورۇنلىرى بىر نادىر ئەسەرنى نەشىر قىلىپتۇق دىسە بۇ نەشىرىياتنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ،مۇنداق نادىر ئەسەرنى ئوقۇپتىمەن دىسە بۇ ،ئوقۇرمەننىڭ مۇۋاپىقىيىتى .
  ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››دا يالغۇز ئوقۇرمەنلەرلا كۈچەپ قالماي ،نەشىرىيات ئورۇنلىرىمۇ كۈچەپ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
   روزىمۇھەممەت مۇئەللىم كىتابلارنىڭ باھاسىمۇ بىز ئويلىشىدىغان مۇھىم بىر مەسلىگە ئايلىنىپ قالدى ،ئومۇمى نوپۇسىمىزنىڭ كۆپرەك سالمىقىنى ئىگەللىگەن دېھقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كىرىمى تۆۋەن ،بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ قىرىنداشلىرىمىز كۆپرەك كىتاب ئىلىپ ئوقۇيالمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى كىتابلارنىڭ باھاسى قىممەتمۇ قانداق ؟بۇھەقتە چۈشەنچىلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشساق ؟
    بەزى بىر يېڭىدىن نەشىردىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت چىقىۋاتىدۇ ،ئۇ كىتابلارنىڭ ھەجىمىنى زىيادە ئاشۇرۇپ خىتىنى چوڭ –چوڭ قىلىپ بىسىپ كىتابقا سىلىنىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرۇۋېتىپ كىتابنىڭ باھاسى قىممەت بولۇپ كىتىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار ،مەسىلەن بىرقىسىم چىقىشقا تىگىشلىك كىتابلار نېمىشقىدۇر يوغان-يوغان يېزىلىپ ئىككى قىسىم كىتاب بولغاندىكىن بىرىنچى قىسمىنى ئالغان كىشى ئىككىنچى قىسمىنى ئالماي بولمايدۇ دە . ئاندىن بىيجىڭدا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلار بىلەن شىنجاڭدا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە كىتابلىرىمىز ئارىسىدا باھا پەرقى تەبئىيلا مەۋجۇت .
مەسىلەن ‹‹تارىخى ھەمىدى ››قاتارلىق مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان كىتابلارنىڭ باھاسى 35يۈەن ئەتراپىدا ئالالايمىز.مەن ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن ،مەقسىتىم شىنجاڭدىكى نەشىرىيات ئورۇنلىرىنى تەنقىد قىلىش ئەمەس ،سېلىشتۇرساقلا باھاسى چىقىدۇ .
   نېمىشقا بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ دېگەندە كىتابچىلىق ساھەسى سودا خاراكتىرىنى ئالغاندىن كېيىن كىتابنى نەشىرگە ئۇيۇشتۇرغۇچى سودىگەر، ئاپتۇر،تەھرىر،مۇھەررىر، تىخنىك،كورىكتور،قاتارلىق ھالقىلار مەلۇم نىسپەتتە مەنپەئەت ئىلىشى كېرەك ،بۇ مۇناسىۋەت زەنجىرى ئۇزارغانسىرى كىتابنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ،يەنە بىرمەسىلە كىتابنىڭ تىراژى ،كىتابنىڭ تىراژى قانچە كۆپ بولسا ئۇنىڭ يەككە باھاسى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ ،مىللەتلەر نەشىرىياتى بولسا نادىر ئېسىل ئەسەرلەرنى تىراژىنى كۆپرەك نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كىتابنىڭ باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن .
   كىتابچىلىقنىڭ جانلىنىشى سودا ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى بۇ ياخشى ئەھۋال شۇ ئارقىلىپ كۆپلەپ نادىر كىتابلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ،ئەمما ياخشى ئىش دەپلا بىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزنى ،كىتاب سېتىۋىلىش سەۋىيەمىزنى ،بۇلارنى ئويلىماي تۇرۇپلا باھانى بېكىتىپ قويساق بولمايدۇ .كىتاب ھەرقانچە ياخشى بوسىمۇ ؟باشقىلار ئۇنى ھامان پۇلغا سىتىۋالىدۇ .شۇڭا نەشىرىيات ئورۇنلىرىدىن كۈتىدىغىنىم ،دىيارىمىز شىنجاڭدا دېھقانلىرىمىز كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،دېھقانلىرىمىز ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن كىتابخۇمارلار بار ،ئۇلار ئىتىز-ئىرىقل؛اردىن بىكار بولۇپ كېرگەندە كىتاب ئوقۇيدىغان ،قىشنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرىۋېلىپ تىنچ كىتاب كۆرۈدىغان ،ياكى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى قۇرۇپ قالغان پىچانلار ئۈستىدە يېتىپ ئاپتاپ سۇنغاچ كىتان ئوقۇيدىغان ھېرىسمەن كىشىلىرىمىز بار .كىتابنىڭ باھاسى جەھەتتە ئاپتۇر بىلەن نەشىرىيات ئارىلىقىدىكى باسىدىغان يوللار كۆپىيىپ كەتسە ئىنىقلا كىتاب باھاسى قىممەت بولىدۇ .
    مېنىڭ ئويلايدىغىنىم شۇكى نوپۇسىمىزنىڭ كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلىرىمىز كۆپرەك كۆزدە تۇتۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئېسىل نادىر ئەسەرلەرنى كۆرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىلسە ،بۇنداق دىگىنىم بىيجىڭدا چىققان كىتابلارنىلا سېتىۋېلىڭلار دېگىنىم ئەمەس ،كىتابخانلاردىن كۈتىدىغىنىم ھەقىقى ئوقۇغۇسى بار ،تارىخى قىممىتى بار ،ساقلاشقا تېگىشلىك ،كىتابلارنى باھاسىغا قارىماي سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويۇشىنى ئوقۇپ بىلىم ئىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

   روزىمۇھەممەت مۇئەللىم خەلقىمىزنىڭ كىتاب ۋە كىتاب مەدىنىيىتىگە تۇتقان پوزىتىسىيەسىگە قانداق قارايسىز ؟ئۆز چۈشەنچىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
   كىتاب مەدىنىيىتى دىگىنىمىز –بۇنىڭدا يىراق ئەسىردىكى كىتاب مەدىنىيىتىمىز توغرۇلۇق توختالساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ ،يىقىنقى ھازىرقى زامان كىتان مەدىنىيىتىمىز توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي .
   كىتاب مەدىنىيىتى باشقا بىر مەدىنىيەت ئەمەس بۇرۇن سىلەر بىلىسىلەر ،قەشقەردە چايخانىلار كۆپ ئىدى ئارىلىقتا بۇ چايخانىلار بىرمەزگىل چۆلدەرەپ قالدى ،يەنە ھازىرغا كەلگەندە نۇرغۇن چايخانىلار ئىچىلدى .بىزنىڭ چايخانلىرىمىزمۇ كىتاب مەدىنىيىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس ..
چايخانىدا قىرىنداشلىرىمىز نېمە توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىشىدۇ دېگەندە ئىلىم،ئىلمى سۆھبەت ،پەن –تېخنىكا ،مەدىنىيەت ،ئەتراپىدىكى يېڭىلىقلار توغرۇلۇق ،ئاندىن ئەڭ ئاساسلىقى بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىز ياغان كىتابلىرىمىز توغرۇلۇق پاراڭلار بولىنىدۇ ،بىزنىڭ بۇرۇنقى چايخانىلىرىمىزدا ئابدۇقادىر داموللام بوۋىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلمى پاراڭلىرى ،ئىلمى سۆھبەتلىرى ،ئالىمىمىز يېزىپ قالدۇرغان ھېكمەتلەر دۇردانىلەر ،ئۈنچىلەر توغرىسىدا ،تەھسىل ،تەلقىن قىلىنغان ،مۇشۇ ھەقتە ئەنجۈمەنلەر قۇرۇلغان . ئىلىم سۆھبەتلىرىمىز ئۆتكۈزۈلگەن.
   بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىتابلارنى ئۇلۇغلايدىغان شۇنداق ئېسىل ئادىتى بارتى ،يەنى كىتاب دېگەن ئۇلۇغ شۇڭا بىشىمىزدىن ئۈستۈن تۇرسۇن دەپ ئىگىزرەك تاختىبىشىغا ،مورا ئوچاقلارنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ ساقلايتتى ،ئىمكانىيىتى يار بەربەرگەنلەرھەرخىل نەقىشلەر بىلەن كىتاب ئىشكابى لاھىيلىتەتتى ،كىتابلار كۆيدۈرۈلگەن شۇزامانلاردا كىشىلىرىمىز شۇ قىممەتلىك كىتابلارنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن ھەتتا ئىسسىق جانلىرىنىمۇ ئاتىغان ،يەنە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا كىتاب يوق ئۆيگە پەرىشتە كېرمەيدۇ دەپ ،ھەربىر ئۆيدە ھىچبولمىسا قۇرئان كىتابلارنى ساقلايدىغان ئادەت ھازىرغىچە بار .
   ئەمدى ئوتتۇرا ئەسىردە مىللىتىمىز شاھانە ئوردىلاردا ،كىتاب توغرىسىدا ئىلمى مۇتائىلە قىلىشقان ،ئوردا كۈتۈبخانلىرىدا قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان ،ئىسسىق جانلىرىدىن ئەزىز ۋەتەنلىرىنى تەرك ئىتىپ شاھانە ئەسەرلەرنى يازغان بولسا ئەمدى بىزنىڭ دەۋرمىزگە كىلىپ چايخانلىرىمىزدا  ھەرخىل ئىلمى سورۇنلىرىمىزدا كىتاب توغرۇلۇق ئىلمى سۆھبەتلەر بولىۋاتىدۇ .ئۇۋاقىتلاردىكىدەك چوڭ بولمىسىمۇ كۈتۈبخانىلىرىمىز قۇرۇلىۋاتىدۇ ،پەرزەنتلىرىمىز ئەجدادلاردىن قالغان شۇ بىباھا ئەسەرلەرنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئوقىۋاتىدۇ ،كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ ساقلاۋاتىدۇ ،جەمىيتىمىزمۇ ئۇمۇمەن شۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى نەشىرگە سۇنۇپ نەشىر قىلدۇرىۋاتىدۇ ،ئەدىب ،يازغۇچى شائىرلىرىمىزمۇ ،ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ خەلقىمىزگە ئىسىل ئەسەرلەرنى سۇنىۋاتىدۇ .
   گەپنى يىغىنچاقلىغاندا مىللىتىمىز دەۋر-دەۋرلەردىن بىرى كىتابنى ئۆز يىنىدىن ئايرىپ باقمىدى ،ئىلىم-مەرىپەت،يىڭىلىقلارنى ئىگەللەشكە سۇسلۇق قىلىپ باقمىدى ،شۇڭلاشقا تالاي بوران -چاپقۇنلارنى بىشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۆز مەدىنىيىتى ،كىملىكىنى يوقاتماي تارىخ سەھنىسىدە زەپەردەس تۇرماقتا ،بۇنىڭ ھەممىسى كىتابنى قەدىرلىگەنلىكى ،سۆيۈپ ئوقۇغانلىقى ،كىتاب مەدىنىيىتىنى ئۈزۈپ قويمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى .
   ئەمدى ‹‹كىتاب يوق ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ ››دېگەن سۆزنى ھازىرغا تەتبىقلىساق كىتاب يوق ئۆيدە چوڭ بولغان پاك قەلبلىك ،ئوماق پەرزەنتلىرىمىز ،چوڭ بولسا پەرىشتىلەردەك بوماي قالىدۇ ،ئەگەرئۇلار كىتاب بار ئۆيدە چوڭ بولسا كىتاب ئوقۇيدۇ ،تەپەككۇرى ئادىمىيلىك قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ ،ئۇنداق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان پەرزەنتلەر پەرىشتىلەرگە ئوخشاش چوڭ بولىدۇ .دەپ چۈشەندۈرسەك خاتا بولساق .
  ئەمدى بىزپەرزەنىتلىرىمىزنى پەرىشتىدەك تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ،ئەجدادلىرىمىز ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتىمىزنى ئېسىل ئادىتىمىزنى قانداق قىلىپ پەرزەنتلىرىمىزگە يەتكۈزەلەيمىز ،ئۇلارنىڭ پەرىشتىدەك چوڭ بولىشىغا ئۇل سالالايمىز ،بۇلار ئەمدىكى بىز ئويلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ قالدى.
   رەھمەت روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ناھايىتى ئەتراپلىق ياخشى سۆزلەپ بەردىڭىز ؟ئەمدى سېزدىن سوراپ باقسام سىزنىڭچە ياشلىرىمىز قانداقراق كىتابلارنى ئوقۇسا بولىدۇ سېزنىڭ تەۋسىيەرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق ؟
   بۇ سۇئال ناھايىتى ئورۇنلۇق سورالدى،ئەتراپىمىزدىكى كىتابخۇمار قىرىنداشلىرىمىز ئىچىدە ياشلىرىمىز خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،ياشلار يىتەكلەشكە موھتاج ،مەن ياشلىرىمىزغا كۆپرەك كىتاب كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن مۇنداق دېمەكچى ،قىرىنداشلىرىمىز ئىچىدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى بارلار ئاللىبۇرۇنلا بىزنىڭ تارىخى ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇپ بولدى ،بۇلار ‹‹ئىز››‹‹ئويغانغان زىمىن ››‹‹ئانا يۇرت››‹‹قۇم باسقان شەھەر ››‹‹باھادىرنامە››....قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى بىلىدۇ ،ئەمدى مۇنداق تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ باقمىغان كىتاب ئوقۇشنى يېڭى باشلىغان ياشلىرىمىزغا بىرىنجى بولۇپ تەكىتلەيدىغىنىم .ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقىلاردىن سۆز ئىچىش تەس ،شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۆز تارىخىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ئاناتىلىمىزدا يېزىلغان يۇقىرىدىكىدەك تارىخى نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىشىمىز كېرەك ،بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان ياشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ياشلار ھازىر دەۋر بۆلگۈچ بىزر زاماندا تۇرىۋاتىدۇ،ياشلاردىن ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىدىغىنى ،تەپەككۇرنى ئىچىش ،قوزغىتىش ،ئىددىيەنى ئويغىتىش ،ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى كىتابلار ،ئۆزئالدىمىزغا ئىگىلىك تىكلەپ شۇ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن ،‹‹تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى ››‹‹مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى ››قاتارلىق مۇشۇ ئىككى كىتابنى ياشلارنىڭ ئوقۇپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    ئەمدى ياشلار ئامال بار رومان ،مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە رومانلارنى ئازراق ئوقۇسا دەپ ئويلايمەن ،نېمىشقا دېگەندە بىز ھازىر ھاياجانلىنىپ ئولتۇرماي ،ھاياجاننى تەپەككۇرغا ئايلاندۇرىدىغان ،ئۈگىنىدىغان ،ئەمەلى قول سىلىپ ئىشلەيدىغان دەۋرگە كىردۇق دەپ قارايمەن .
كىتاب ئوقۇشنى يېڭى باشلىغانلار تارىخى ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇپ ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىملىكى ،ئۆزلۈكى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ،ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ئىنتىلىشىگە قارىتا ،پۇل-مۇئامىلە ئىقتىساد ،سىياسى ئانالىز ،تەپەككۇرنى ئاچىدىغان پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تويۇنغان كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
   مەھمۇت قەشقىرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىب ،ئەلشىر نەۋايى قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۈيۈك ئالىم مۇتەپپەككۇرلىرىمىزنىڭ كىشىلەرنى چىن ئادىمىيلىككە يىتەكلەيدىغان ،پەلسەپەۋى ھىكمەتلەرگە تويۇنغان كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈپ ئۆزى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشلار ئىلىپ بارسا ،ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىمۇ كىتابخانىلاردا توپا بىسىپ قالمىسا .قەيەردە بىر ياخشى بىر كىتاب بولسا شۇنى ئىزدەپ سوراپ ئوقۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتسە دەپ ئويلايمەن .

    روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دىيارىمىز ئىچى سىرتىدا بۇ تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشۇپ كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى ،ئەمدى بىز يەنە بۇندىن كېيىن قانداق ئۇسسۇللار بىلەن بۇ پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىمىز ؟بۇ ھەقتە سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق ؟
   بۇمەسلىنى مەن بۈگۈنكى سۆھبەتتە دىسەم بەشىنجى قېتىم ئىيتقان بولىمەن ،ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىستا،قەشقەر خەلق رادىئوئىستانىسدىمۇ بۇ توغرۇلۇق گەوپ قىلغان .
   بىز ھازىر مۇنداق ۋاقىتتىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتۇق ،يەنى قانداق ۋاقىتتىن دېگەندىن كىتاب ئوقۇساڭ ياخشى ،كىتاب ئوقۇساڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ،دېگەندەك شۇئار خاراكتىرلىك نەزەرىيە تىپىدىكى سۆزلەرنى دەيدىغان ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتتۇق .چۈنكى خەلقىمىز يۇقىردىمۇ ئىيتتۇق ،ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ .
   بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز مەيلى تور ،مەيلى ئۈندىدار،مەيلى رادىئو تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئاخبارات تارقىتىش ۋاستىلىرىدە بولسۇن شۇئار خاراكتىرلىق گەپلەرنى قىلماي ئەمەلى ئىشلارنى قىلىش مۇھىم يەنى كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن خەلقىمىزنى توغرا يىتەكلەشكە ،كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇشقا كۈچەپ ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇيدىغان ،بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈش ئىلىپ بىرىش كېرەك دەپ قارايمەن .
ئەمدى بىز ئائىلىمىزدە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن مەن بۇ ئاي قانچە كىتاب ئوقۇدۇم ئائىلەمدە كىتاب ئوقۇش كۈنى بارمۇ؟ئائىلىمىزدە كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بارامدۇق؟دوستلار ئارا ئايدا بىرە قىتىم يىغىلىپ كىتاب ھەققىدە پاراڭ قىلامدۇق ؟دېگەنگە ئوخشاش ئەمەلى ئىشلارنى ئاۋۋال ئۆزىمىزنى باشلىساق .
جەمىيەتتىچۇ دېگەندە،شارائىتىمىزنىڭ يېتىشىچە‹‹كىتاب چېيى ››‹‹كىتاب مەشرىپى››‹‹يىتىم بالىلار كىتاب فوندى تارقىتىش پائالىيىتى ››‹‹ئائىلىۋى كىتاب سۆھبەت پائالىيىتى››مەكتەپ ۋە جەمىيىتىمىزدە ‹‹كىتاب ئوقۇش تەسىراتى يېزىش پائالىيىتى ››كىتابلاردىن چىقىرىلغان زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇش،‹‹كىتاب يىلى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ››شائىر يازغۇچىلىرىمىز ‹‹ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى››‹‹ئەدىبلەر ئوقۇرمەنلەر سۆھبىتى ››كىتابخانىلار ،كىتاب سودىگەرلىرى ‹‹ئېتىبارلىق كىتاب سىتىش پائالىيىتى ››‹‹مۇكاپاتلىق سىتىش پائالىيىتى ››نەشرىيات ئورۇنلىرى ‹‹نادىر ئەسىرلەر نەشىر قۇرۇلۇشى ››قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەردىن پايدىلىنىلىپ بۇ يىلقى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى››نى تېخىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزسەك بولىدۇ .
    كۆپلىگەن تورداشلار مەندىن مۇنداق سوئال سورىدى 2015-يىلىنى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››قىلىپ بېكىتتۇق ،2016-يىلى نېمە يىلى بولىدۇ؟2016-يىلىمۇ كىتاب ئوقۇمدۇقيا ؟كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يىللاردىن يىللارغا قانداق داۋاملاشتۇرىمىز ؟
    بۇنىڭغا كۆپ باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ،چۈنكى پىسخولوگىيدە مۇنداق بىر گەپ بارچۇ ؟ھەرقانداق بىر ھەرىكەت كۈن داۋاملاشسا ئادەتكە ئايلىنىدۇ دەيدىغان دېمەك بىز بىريىل كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا ئومۇمى جەمىيەتتە پىكىر ئىقىمى شەكىللەندۇردۇق ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قولىغا كىتاب ئىلىپ بۇ ياخشى ھەرىكەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرىۋالدى ،2016-يىلى بىز تەشەببۇس قىلمىساقمۇ تەبىئيلا كىشىلىرىمىزدە كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەت شەكىللىنىدۇ .بىز 2016-يىلى توغرۇلۇق ئويلاشماي ،2015-يىلىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپرەك ئەمەلى ئىشلارنى قىلىپ ،خەلقىمىزنى ئىلىم –مەرىپەتكە يىتەكلەيدىغان ئىشلارنى قىلالايمىز شۇنى ئويلاشساق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .

    ئاخىرىدا روزىمۇھەممەت مۇئەللىم سېزنىڭ تورداشلارغا ،قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟شۇلارنى ئاڭلاپ باقساق ؟
   بولىدۇ ،مەن پەلسەپەنى ئانچە بىلمەيمەن ،پەلسەپىۋى گەپلەرنىمۇ قىلالمايمەن ،شۇڭا يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاددى چۈشۈنىشلىك قىلىپ تورداشلارغا ئىيتىپ ئۆتەي ، تور دۇنياسى بىر قەدەر ئەركىن تارقىلىش سۈرئىتى تىز،مەنمۇ گەپلىرىمنى تارتىنماي دەۋالاي ،مۇنداق ئۈچ مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن ،بىرى بىزدە نوركا كېيىم قىزغىنلىقى شۇنداق مودا بولدىكى ،شۇنداق قىممەت كىيىمنى كىيىۋالغان كىشىنىڭ روھى شۇنچىلىك نامرات ،خۇددى بوۋىلىرىمىز دېگەندەك ‹‹تىشى پال –پال ،ئىچى غال-غال ››كىشىلىمىزئەتراپىمىزدا بار ،ھەتتا بەزى ئەرلىمىزمۇ ئاياللارنى دوراپ نوركا قىزغىنلىقى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ ،بۇ بىرىنجىدىن پۇل ئىسراپچىلىقى ،ئىككىنجىدىن ئۆز-ئۆزىنى كۆز قىلىش ،بازارغا سىلىش ،ئۈچىنجىدىن ھايۋانلارنى قوغداشقا بولغان مەسئۇلىيەت ئىڭىمىزنىڭ تۆۋەنلىكى .
چەتئەللىك بىرنەچچە دوستۇم بار ئۇلار مەندىن سىلەر ھايۋاننلارنىڭ تىرىسىنى كىيەمسىلە ؟ئۇلارنى قانداق ئۆلتۈرگىڭلا كىلىدۇ ؟دەپ سۇئال قوياتتى .تىشىنى ئاشۇنداق بويىۋالغان كىشىلەر ئىچىنىمۇ بىزەشكە ئازراق ئەھمىيەت بەرسە ‹‹بوياق بىلەن بويىغىچە تىشىڭنى ،بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى ››دېگەندەك ئۇلار كۆپرەك كىتاب ئوقۇسا .ھىچبولمىسا شۇقىممەت كىيىملەرنى سىتىۋالغان چاغدا شۇنىڭغا قوشۇپ بىرەر پارچە كىتاب سىتىۋالسا .
    ئىككىنجى يۈرەك سۆزۈم شۇكى تۇرمۇش سۈپىتى ئولتۇراق شارائىتىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەر مىليونلىغان پۇل خەجلەپ ئۆي سىتىۋالدى ،ئۆي بىزىدى ،بولسا ئۆيلىرىنى ئالاھىدە بىزەۋاتقان كىشىلىرىمىز ئۆي بىزىگەن ۋاقىتتا ئەللىك پارچىدىن يۈزپارچىگىچە كىتاب سىغىدىغان كىتاب جاھازىسى لاھىيلەپ قويسا بۇھەم ئۆيگە زىننەت بىرىدۇ ،ھەم بايا دىدۇق كىتاب بار ئۆيگە پەرىشتە كېرىدۇ دەپ ،ئۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىق بىزەلگەن ئۆي بىلەن ئاۋۇ كىتابلار بىرلىشىپ ئۆينى نۇرغا ،ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ ،باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن ئۈلگە ئىلىپ ئۆي لاھىيلىگەندە كىتاب ئىشكابى قىلىشنى ئويلايدىغان بولىدۇ .
ئۈچىنجى يۈرەك سۆزۈم كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى بەك يۇقىرى ،ساختا پىلاستىنكا ساتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەت بىلەن تۇرۇپ ماكىنونىڭ مانچىنجى قىسمى چىقتىمۇ دەپ تەلمۈرۈپ كېتىشىدۇ.
    مەن ئەتىگەندىن كەچ بولغىچە كىنو كۆرگەننى پەقەت ياقتۇرمايمەن ،چۈنكى بىز يەنىلا بىز تۈركىيەلىك تۈركىيەلىك ،ئۇلاربىلەن بۇرۇن باسقان ئىزلىرىمىز ئوخشىشىپ كەتسىمۇ ،ھازىرقى ئىجتىمائىي ،سىياسى مۇھىتىمىز ئوخشاش ئەمەس ،ئەتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقماس مۇھەببەت فىلىملىرى كۆرۈش ھەم ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھەم سالامەتلىككە زىيانلىق .
   بولۇپمۇ بەزى بىر قىسىم ئاياللىرىمىز‹‹مۇقەددەس يۈز يىل ››فىلىمى ناھايىتى قىزىقىپ كۆرۈپ كەتتى ،ئۇلار مىڭ قىزىقسىمۇ ئىنتىلسىمۇ ھۆررەم خانىش بولالدىمۇ؟شۇنىڭ ئورنىغا پەرزەنىت تەربىيلەش توغرۇلۇق بىرپارچە ياخشى كىتاب ئوقۇپ پەرزەنىتلەرنى ياراملىق تەربىيلىسە بولماسمىسى .ھىچبولمىسا شۇلارنى كۆرگەننىڭ ئورنىغا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ ‹‹ئىچىل داستخىنىم›› پىروگىراممىسىنى كۆرۈپ تاماق ئىتىشنى ئۈگۈنسە شۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
مېنىڭ تۈركىيە قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكۈم يوق ،بولسا ئىقتىساد ياربەرسە تۈركىيەنى ئىكران يۈزىدە ئەمەس ئەمەلىيەتتىن كۆرسۈن ،تۈركىيە جەمىيتىنى ،كىشىلىرىنى يىقىندىن كۆرسۈن ئۇلاردىكى ئىلغارلىقنى ،ياخشى تەرەپلەردىن ئۈلگە ئىلىپ باشقىلارغا تەشۋىق قىلسۇن لېكىن ھاماقەتلەرچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋۇزۇرغا بىرىلىپ كەتمىسۇن .
    ئاخىرىدا بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى زايە قىلماي ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،2015-يىلى ‹‹كىتاب ئوقۇش يىلى ››ھەممەيلەننىڭ ئەھمىيەتلىك ،مەنلىك ئۆتكەي .
   رەھمەت روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنىڭ چىقىرىپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆزلەرنى قىلىپ بەردىڭىز ،سېزگە بارلىق تورداشلار نامىدىن يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمەن ،سېزنىڭمۇ ھايات مۇساپىلىرىڭىز ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارغا تولغاي ،ئامان بولۇڭ مۇئەللىم .

   سېزگىمۇ رەھمەت ،سىزنىمۇ ئىگىمىز ئامان قىلغاي ،كۈنلىرىڭىز يېڭى –يېڭى مەنىلەرگە تولغاي سېزگىمۇ رەھمەت.

   ئاخىرىدا سۆھبىتىمىزنى ئىنىمىز ئابدۇخىلىل قۇتتىكىننىڭ شۇ سورۇنىمىزدا ئوقۇغان مۇنۇ شېئىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرايلى.

بىباھا قىممەتلىك گۆھەردۇر كىتاب ،

ئەجدادتىن بىزلەرگە مىراستۇر كىتاب .

چاڭقىغان دىللارغا شىپالىق دورا ،

تارىخقا گۇۋاھچى پۈتۈكتۇر كىتاب .


كىتابلار ئۈستىدە قۇرۇلسا سۆھبەت ،

ياغقۇسى دىللاردا ئاڭا كۆپ ھۆرمەت .

دانالار سۆزلىرى قوشۇلسا ئاڭا ،

بولغۇسى بۇسۆھبەت مۇكەممەل سۆھبەت .


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 23 –كۈنى سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى .

0

تېما

1

دوست

2228

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33780
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى سۆھبەت بوپتۇ ، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر .،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34021
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دوستۇم روزى مۇھەممەد مىللەت ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى،مەن دوستۇم روزى مۇھەممەدنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى،تىنىنىڭ سالانەت بولىشىنى تىلەيمەن! رەھمەت دوستۇم،ئارزۇيۇڭغا يەت!

11

تېما

2

دوست

3879

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1012
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
  يۈرىكى ئىلىم ئۈچۈن سوقۇۋاتقان روزىمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ تىلەكلىرى تىلەكلىرىمىز بىلەن بىرلەشكەي.

0

تېما

0

دوست

462

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9901
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كىتاب ھەققىدە سۆھبەت،كىتاب ھەققىدە پاراڭ،كىتاب ئوقۇش .....دىگەندەك تىمىلار بولسا ئىز قوغلاپ كورىمەن،بۇرۇن باغداشقا يېڭى تارىخى تىمىلار چىققانمىدۇ دەپ كىرەتتىم،ھازىر تارىخنى كىتابتىن ئوقۇپ،باغداشتا كىتاب ھەققىدە يېڭى تىمىلار چىققانمىدۇ دەپ كىرىدىغان بولدۇم.مىنى بۇرۇن ئىدىيە ئويغاقلىقىغا باشلىغان باغداش،تىما ئوقۇشتىن كىتاب ئوقۇشقا باشلىغانمۇ باغداش،يەنە ھازىر كىتابقا بولغان ئىشتىياقىمنى كۈنسىرى يالقۇنجىتىۋاتقانمۇ يەنىلا باغداش بولۇۋاتىدۇ...كۆپ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ،ئۈمىدلىرىمىزنىڭ،....ئچىنىشلىرىمىزنىڭ يالدامىسى بولغان باغداش.ئامانلىقىڭنى تىلەيمەن.

1

تېما

0

دوست

2254

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلماي، جۆيلۈش يىلى قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

0

تېما

0

دوست

79

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31984
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 12:01
ئەمدى 2015-يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلماي، جۆيلۈش يىلى قى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !    سىزنىڭ  بۇ  نىمە  دىگىنىڭىز  ؟  ھەممە  ئادەم  ئىلمى گەپ  قىلىۋاتسا    بۇنداق  تومتاقلا  تام تۈۋىدىن ھۇشۇ  قوپقاندەك  گەپ قىلسىڭىز  قانداق  بۇلىدۇ  ؟  !  
سىز  شۇ   توردىكى  بىردەم  بولسا  ئەلى مۇئەللىمنىڭ ، بىردەم  بولسا  زىۋىدە  مۇئەللىمنىڭ ، بىردەم  بولسا  ئوموننىڭ  ،  يەنە  ئۇمىد غەنى  نىڭ   ،   يەنە..................  قاتارلىق  كىشىلەر نىڭ  كەينىدىن  بۇلىۋاتقان  تىما  ئىنكاسلارنى  كۆرۈپلا  بۇنداق  دىسىڭىز  بولمايدۇ  .   
شۇ تىمىلارنىڭ  ئىچىدە  ھەقىقەتەن  ئىلمى  مۇنازىرە ،  توغرا پىكىر ،  ھەتتا  كۆپىنچىلىرى  چۇقۇم دىيىلىشى  كېرەك  بولغان  سۆزلەر  بار  ،  يەنە  بەزىلەرنىڭ  بەزى  ئەدەپسىز    بىلىمسىزلەرنىڭ  چالۋاقاشلىرىمۇ  بار  ،   بىراق  نىمىلا  بولمىسۇن     شۇ  بىر قانچەيلەننىڭ  سەۋەبىدىن  مەيدانغا  كەلگەن  بۇ  مۇنازىرە   بىزنىڭ  ئوي پىكرىمىزنى  غىدىقلىدى  ۋە ئالغا سىلجىتتى  .  شۇنداق  بولغانكەن   بىز  ئۇنىڭ  شاكىلىدىن  مېغىزىنى  ئايرىپ  ئىستىمال  قىلساق  بۇلىدۇ   ،  ئەگەر  ئايرىيالمىساق    ئاتۇق  ئىشقا  ئارلاشمىغىنىمىز  تۈزۈك  .   
  يەنە  بىر گەپ  :  مۇشۇنداق  بىر قانچە كىشىنىڭ  ئۈستىدىن  ئېلىپ  بېرىلغان  بىر قانچە  تۈرلۈك  مۇنازىرىلەر  - ھەتتا  بۇندىن كىيىن  يەنە  بىز ئويلاپ باقمىغان كىشىلەر ئۈستىدە  ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن -  مۇشۇلارنىڭ  ھەممىسى  بىزنى  ئۆزلىكىمىزدىن  تەپەككۈر  قىلىشقا ئۆزلىكىمىزدىن  ئىزدىنىشكە  ،  ئاخىردا  بەس مۇنازىرىنىڭ ئورنىغا  ئەمەلى نەتىجە چىقىرىشقا ئىنتىلىدىغان  جاسارەتلىك بىر  روھقا يېتەكلىغۈسى !!!!!!! .

7

تېما

0

دوست

2885

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 196
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى ئېلىپ بىرىلغان بىر قىتىملىق سۆھبەت بولۇپتۇ.2015-يىلى ھەقىقەتەن يىڭى بىر ئىلمىي كەيپىيات بىلەن باشلاندى.ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۆز ئىزىغا چۈشۈش جەريانى بولىدۇ.ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ياخشى باشلىنىشنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە.پۈچەك پىكىرلەر ئاستا-ئاستا بىسىقىپ سەرخىللىرى ھامان سۈزۈلۈپ قالىدۇ.شۇڭا مۇنازىرىنى بىراقلا توغرا يولغا سالىمەن دەپ بىر بىرىڭلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق قىرىنداشلىرىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )