قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2530|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياپون ئەر-ئاياللىرنىڭ بىرگە ئۆتۈش ئادەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

902

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 21:26:02 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جوڭگولۇقلار چۈشىنەلمەيدىغان ياپون ئەر-ئاياللىرنىڭ
بىرگە ئۆتۈش ئادەتلىرى

(يولوچى تەرجىمىسى)


00000000000000.jpg

  دۇنيانىڭ ھەممەيىرىدە يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئولتىراقلاشقان جۇڭگولۇقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، لىكىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولتىراقلىشىپ قالغان ياپونلۇقلار ناھايىتى ئاز. توردىكى "ياپونلۇق قىزلار جۇڭگولۇق يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى تالىشىپ كەتتى"دىگەندەك قاملاشمىغان، تۇتۇرۇقسىز ماقالىلەرنىڭ ئېقىپ يۈرىشى  ياغۇچىنىڭ دەل ياپۇن مەدەنىيتىنى چۈشەنمەي، قارىسىغا جۆيلىگىنىدۇر خالاس. مەن ھازىر ياپون ئەر-ئاياللىرىنىڭ بىرگە ئۆتۈش ئادەتلىرى ھەققىدە ئانچە مۇنچە سۆزلەپ ئۆتەي.
   ياپون ئەر-ئاياللىرىنىڭ بىرگە ئۆتۈش ئادەتلىرى
  ياپونىيەدە ئائىلىنى ئايال تەرەپ كونتىرول قىلىدۇ،ئائىلىنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىدا ئايالىنىڭ دىگىنى ھىساپ. ئائىلىدە مەيلى ئېرى بولسۇن، بالىسى بولسۇن ياكى ياشانغان كىشى بولسۇن ئەدەتتە ئايالىنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ،ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلارنى ئايالى قارار قىىلىپ بولغاندىن كىيىن ئېرىگە ئۇختۇرۇپ قويىدۇ.ئېرى ھەر ئايلىق مائاشى، يىللىق مۇكاپات پۇلىنىڭ ھەممىسىنى تولۇقى بىلەن ئايالىغا تاپشۇرىدۇ،ئاندىن ھەرئايدا ئايالىدىن پارچە-پۇرات خەجلەيدىغانغا پۇل سورايدۇ،كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ھىساپ قالدۇردىغان ئادىتى بولۇپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىملىرىنى خاتىرلەپ قويىدۇ.ياپونلۇق ئەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى مائاشىغا تايىنىپ جان باقىدىغان شىركەت خىزمەتچىلىرى بولۇپ،مائاشى بىرقەدەر مۇقىم ، لىكىن چىقىمىمۇ بىرقەدەر كۆپ.ياپون ئاياللىرى ئادەتتە تويدىن كىيىن خىزمەت قىلمايدىغان بولغاچقا، ئېرى بارلىق كىرىمىنى ئايالىغا تاپشۇرماقتىن باشقا چارە يوق، شۇنداقلا ئېرىنىڭ ئايالىدىن يۇشۇرۇن مەخپى پۇل ساقلىشىمۇ يوق دىيەرلىك، ياپون ئەرلىرىنىڭ ئائىلە ئىقدىسادىنى تەقسىملەش ھوقوقىنىڭ يوق بولىشى، مەسئۇلىيتىنىڭ ئېغىر بولىشى سەۋەپلىك ئائىلىدە ھۆكۈمرانلارچە سالاپەتتە يۈرەلىشى بىرقەدەر تەس. ئايالى داۋاملىق ئېرىنىڭ ئالدىدا ئائىلە چىقىمىنىڭ ئىشىۋاتقانلىقى،كىرىمنىڭ ئۈزلىكسىز بولمىغايۋاتقانلىقى، ئېرىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسمەسلىكى، مۇكاپاتىنىڭ ناھايىتى ئازلىقى،ئەگەر ئايالى پۇلنى تىجەپ، ئىنچىكە ھىسابات قىلىپ تۇرمىسا كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى تەستە ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاغىرنىپ تۇرىدۇ.شۇنداق چاغلاردا ئېرى ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق.
    ياپون ئاياللىرىنىڭ ئانىلىق ئىڭى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، جوڭگولۇق ئاياللار بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى بولسا،ياپون ئاياللىرى ئايال كىشى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ،جوڭگولۇق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.ياپون ئەرلىرى تەقدىرگە تەن بىرىدىغان كىلىدۇ، "ئايال كىشى بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان ئىكەن،جەزمەن ئاياللىق، ئانىلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشى كىرەك " دەپ قارايدۇ، ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئېرىنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقمايدۇ،لىكىن ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى، چىراي ئىپادىسىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئۇلارنىڭ مەلۇم ئىشقا بولغان پوزىتسىيسىنى ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار مەلۇم ئىشقا قارشىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا ،ۋاستىلىك ھالدا ھەمكارلاشماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىىپ، ئاخىردا يولدىشىنى ئۆزىگە يول قويغۇزىدۇ. ياپون ئاياللىرىنىڭ مىجەزى بىرقەدەر كاج كىلىدۇ، ھەتتا بەزىدە جاھىللق قىلىپ تۇرىۋالىدۇ،بۇخىل خارەكتىرىنى كۆپۈنچە ھاللاردا يولدىشىنىڭ يۈزىنى ئاۋايلاپ، سىلىق-سىپايە ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ، ئاخىردا ئېرىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ گىپىگە كۆندۈرىدۇ.ياپون ئاياللىرىنى ئاجىز دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ،قەيسەر كىلىدۇ، پەقەت نازۇك، يۇمشاق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ خالاس.
    تويدىن كىيىن ياپون ئاياللىرى ئادەتتە ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللايدۇ، لىكىن بۇخىل تاللاش ياپونىيە ئىقدىسادىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئەگىشىپ خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى،يولدىشىنىڭ كىرىمى ئائىلىنى قامدىيالمىغانسىرى ئاياللىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە مەجبۇربولدى. لىكىن ئۇلارغا تاللاش پۇرسىتى بولسا يەنىلا ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللايدۇ. توي قىلىپ بالىلىق بولۇش،پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت دەپ چۈشىنىدۇ،شۇڭلاشقا توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇشى سۈپۈتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولىشىغا ئانچە پىسەنىت قىلىپ كەتمەيدۇ.
   شۇنداق دەپ جەزىملەشتۈرۈشكە بولۇدۇكى:ياپون ئاياللىرى ئەرلىرىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى ياقتۇرمايدۇ،بىر ئىككى قىتىملىقىغا كارايىتى چاغلىق، لىكىن ئېرى داۋاملىق ئائىلە ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا، ئىنىقلا ئايالىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ،ھەتتا ئايالىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ.ياپون ئاياللىرىنىڭ قارىشىچە:داۋاملىق ئايالىغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ھەقىقى ئەركىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس،ئەركىشى دىگەن دىققىتىنى پۇل تىپىپ ئائىلىنى بىقىشقا مەركەزلەشتۈرشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسلانغاندا:ئائىلە ئايال كىشىنىڭ شىركىتى، ئاشخانا بولسا ئۇنىڭ ئىشخانىسى بولۇپ،ئەرلىرىنىڭ كىرىشىگە ، ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈشلىرىگە يول قويۇلمايدۇ. ناۋادا ئېرى داۋاملىق ئائىلە ئىشى بىلەن بولسا ئايالى"ئېرىم مەندىن رازى بولماپتۇ، پەقەت چىداپ تۇرالمىغاچقا ئۆزى قول سىلىپ قىلماقچى بولۇپتۇ"دەپ قارايدۇ. بەزىدە ئېرى ئۆزىدىن بىزار بولغاندەك، تازلىق ئۆيىنى پاكىز تازلىمىغاندەك، تاماقنى ئوخشۇتۇپ ئىتەلمىگەندەك،كىيىمگە دەزمالنى ئوبدان سالالمىغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىدۇ،شۇڭلاشقا ياپون ئەرلىرى ئاساسەن ئاشخانىغا كىرمەيدۇ، ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ،ئايالىغا ياردەم لازىم بولۇپ چاقىرغاندىلا ئاندىن ياردەملىشىدۇ. چۈنكى ئائىلە ئىشلىرى ئايال كىشىنىڭ خىزمەت دائىرسىدىكى ئىشلار بولۇپ،يولدىشى ئادەتتە ئارلاشمايدۇ، كۆپرەك ئارلىشىپ قويسا ئەكسىچە ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ئەركىشى ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ياپونىيەدە ئىسىل پەزىلەت ھىسابلانمايدۇ. ياپون ئائىلىلىرىدە ئەر-ئاياللىرىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغان بەزى تەرەپلىرى بولىدۇ،ئايالى ئەزەلدىن ئېرىنىڭ خىزمىتى توغۇرسىدا ئۇنداق مۇنداق گەپلەرنى قىلمايدۇ،ئائىلە ئىشى توغۇرلۇق ئېرىمۇ ئارتۇقچە بىرنەرسىلەرنى سوراپ كەتمەيدۇ،بالىسىنى ئانىسى باشقۇرىدۇ،ئاتىسى بالسى توغۇرلۇق ناھايىتى ئاز سۈرۈشتە قىلىدۇ.
ياپۇن جەمىيتى ئەنئەنىگە نىسبەتەن كونسىرۋاتىپراق كىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونلار جۆرىسىنىڭ ئاشنىسىغا نىسبەتەن سەۋىرچان كىلىدۇ،ناۋادا ئەر-ئايال ئىككىلى تەرەپنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قالسا ئۇرۇش-تالاش قىلىشمايدۇ،ھەتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەس بولىۋالىدۇ،ئارىسىدا بالىسى بولۇپ قالسا تىخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.بۇخىل ئەھۋالنى جۇڭگودا تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى قىيىن، ناۋادا ئەركىشىنىڭ سىرىتتا ئاشنىسى بولسا،ئەگەر ئۇ ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا،ئايالى ۋە بالىلىرىغا كۆينۋاتسا، ئايالى ئاجىرشىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئائىلىنىڭ، بالىلىرىنىڭ ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ،ئۇنداقتا بۇئايال جەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچىرايدۇ.ئەكسىچە ئايالىنىڭ سىرىتتا ئاشنىسى بولۇپ،ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرمىسىلا ئەرتەرەپ ئادەتتە يەنىلا سەۋىر قىلىشنى تاللايدۇ.كۆپ ساندىكى ياپون ئەر-ئاياللىرى بالىلىرى چوڭ بولغاندا، ئېرى پىنسىيەگە چىققاندا،ئىككى تەرەپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالغاندا ئاندىن  ئايرىم تۇرۇش ياكى ئاجىرشىشنى تاللايدۇ،ئۇلارنىڭ بۇنداق تاللاش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى ، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ نارازىلىقى ياش چاغلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، پەقەت ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئاخىرغىچە چىدايدۇ. ياپون جەمىيتىدە ئېرىنىڭ ئايالىنى ئەركىلىتىش مەجبۇرىيتى يوق، ھەم غەرپ ئەللىردىكىدەك "ئاياللار ئالدىدا"دەيدىغان چەۋەندازلارچە ئىتىبار قاراشلارمۇ يوق. ياپون ئاياللىرى ئېرىگە نىسبەتەن سەۋىرچان كىلىدۇ، ئەرلىرىمۇ ئاياللىرنىڭ زىغىرىنى تاتىلاپمۇ يۈرمەيدۇ،ئىككى تەرەپ ھىسياتىنى ئىپادىلەشتە ئۇنچە بەك سىرتقا ئاشكارلاپمۇ يۈرمەيدۇ،بىرتەرەپنىڭ يول قويىشى داۋاملىق ئۇرۇش-تالاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   ياپونىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان نىكاھ ئىشلىرىدا ياپون ئەرلىرىنىڭ 10دە9ئى چەتئەللەك ئاياللارنى ئالىدۇ،ئاياللىرى ياپون ئەرلىرىنى ئاۋال ئويلىشىدۇ.ياپون ئەرلىرى نىكاھ ئىشىدا بىرقەدەر ئەركىن بولۇپ،توي قىلىش يىشىغا يەتسە، توي قىلغۇسى كەلسە توي قىلىۋىرىدۇ،ئانچە تاللاپ كەتمەيدۇ، چەتئەللىك ئاياللار بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.   ياپون ئاياللىرى ئەرتاللاشتا بويى ئىگىز، كىلىشكەن، باي بولغانلىرىنى ئاۋال ئويلىشىدۇ.ئىلگىرى"3ئىگىز"بولۇش ئۆلچەم قىلىناتتى، يەنى قامىتى، ئوقۇش تارىخى،كىرىمى يۇقىرى بولۇش. ھازىر بۇ شەرتلەر خېلى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا مۇقىم خىزمىتى، كىرىمى ئوتتۇرھالدىن يۇقىرى بولغانلىرىنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. ياپون ئاياللىرى چەتئەللەردە ئولتىراقلىشىپ قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك بىلەن توي قىلماقچى بولسا ئالدى بىلەن ياۋرۇپا، ئامرىكىنى ئويلىشىدۇ، جۇڭگونى ئەمەس، توي قىلىپ بولۇپ ياپونىيەدىن ئايرىلماقچى بولسا مەيلى چەتئەلدىكى تۇرمۇش شارائىتى قانچىلىك ئىسىل بولۇپ كەتسۇن، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كىيىن ئاندىن قارار قىلىدۇ، كۆپۈنچىسى ياپونىيەدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ.

مەنبەسى:http://www.tokyocn.cn/forum.php? ... 4%E4%B9%8B%E9%81%93

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4184

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1328
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 23:08:12 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇن ياپۇندا ئەرلەرنىڭ دىگىنى يىساپ ھازىر ئاياللارغا ئۈتۈپتۇدە ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3003
توردىكى ۋاقتى: 799
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 23:26:32 |ئايرىم كۆرۈش
ياپۇن پاكارلىرىنىڭ ئەجەپ سەت ئەيىپى باركەن.


يەنى: ئەرلىرىنى يۇمشاقباش دەمدۇق.

0

تېما

0

دوست

260

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32526
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 11:52:33 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنى قانداقمۇ يۇمشاق باش دىگىلى بولسۇن

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 12:07:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇرۇن بىر خەۋەردە ئائىلە زوراۋانلىقى بەك ئېغىر دەۋاتقان ئىدى. بۇنىڭدا ئۇخشىمايدىكەن...

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3003
توردىكى ۋاقتى: 799
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 12:32:09 |ئايرىم كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 12:07
بۇرۇن بىر خەۋەردە ئائىلە زوراۋانلىقى بەك ئېغىر دەۋاتق ...

ئابلىمىتجان.

سىلە ئاۋۇ ياپۇنلارنىڭ ئەيىبىگە نىسبەتەن، كىلىشتۈرۈپ مودا لەقەمدىن بىرنى قويۇپ قويۇڭلا!

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4567
توردىكى ۋاقتى: 1337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 20:01:18 |ئايرىم كۆرۈش
بۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولسا قوبۇل قىلساق بۇلىدۇ. ياپۇنىيە قىزلىرى توي قىلىش ئۈچۈن ،نىكاھ خېتى ئالماقچى بولسا ، ئالى مەكتەپنىڭ تۇلۇق كورس دىپلۇمى بولمىسا قىزىل خەت ئالالمايدۇ دەپ ئاڭلىغان بۇ راستمىدۇ؟

5

تېما

0

دوست

902

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 22:54:25 |ئايرىم كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 20:01
بۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولسا قوبۇل قىلساق بۇلىدۇ. يا ...

بۇنداق چەكلىمە يوق. ياپونىيەدە ئوغۇللارنىڭ توي قىلىش يىشى 18ياش، قىزلارنىڭ 16ياش، ئۇقۇش تارىخ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )