قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىتاپ ئوقۇش ،كىتاپ ئوقۇش يەنە كىتاپ ئوقۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

0

دوست

1238

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 199
تۆھپە : 243
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 15:33:35 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    دىمەك ، ھايات قەدىمى 40تىن ھالقىغاندا ئادەم ئۆزى بىلىپ -بىلمەي ئەسلىمىلەر قاينىمىغا كىرىپ قالىدىكەن ، ئۆزى خالاپ -خالىماي باشقىلارنىڭ يېشىغا دىققەت قىلىپ سالىدىكەن ، بولۇپمۇ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇرلارنىڭ يېشى يېزىلغان ئىسكوپكىغا (تىرناققا ) نەزەر ئاغدۇرىدىكەن ، مانا بۇلار بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا ھاياتنىڭ نەقەدەر تاتلىقلىقىغا نىسبەتەن ئىپتىدائىي ئىنكاس بولىشى مۈمكىن . بۇنىڭغا قوشۇپ ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇ ، بۇ تۈنۈگۈن ساقتى دىگەن ۋەھىمىلىك پاراڭلار ياشلارنى گەڭگىراتمىسىمۇ ، 40تىن ئاشقانلارنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا ، بىز نىمە ئۈچۈن تۇغۇلدۇق ، نىمە ئۈچۈن ئۆلىمىز بۇ ھەقتە نۇرغۇن -نۇرغۇن پاراڭلار بولۇنماقتا ، بىراق يەنىلا ياشاپ كېتىۋاتىمىز ! كۈلۈپ يا قاقشاپ ، ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى دىدۇق ، ئۇنىڭ ئۇستىسى كىم سوراپ كۆرمىدۇق ، تۈنۈگۈن ئۈمىد غەنى كىتاپ ئوقۇما دەپتۇ بىزنى ، چىچاڭشىپتۇق ، قاقشاپتۇق خۇددى ئۈمىد غەنىنىڭ گېپى بىلەنلا ئۇيغۇر كىتاپ ئوقۇمايدىغاندەك ، ئويلاشماپتۇق بىزگە بېرىلگەن نەسىھەتلەرنىڭ نەسىھەت پېتى قالىدىغانلىقىنى . چۈنكى بىزدە تولۇپ -تاشقان ھاياجان بار ، ئەمما ئىزچىللىق يوق ، كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە ئۇزۇن زامانلار بولدى ،نەسىھەت ، ئۈگىتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز ، مەنمۇ بىلىمەن شۇ ئۈگىتلەر زادى ئۆزىمىزگە قانچىلىك تەسىر قىلدى ، بۇ ھەقتە خاتىرە يازمىدۇق ، ئۆزىمىزگە خىتاپ قىلالمىدۇق ، شۇڭا ئۈمىد غەنى كىتاپ ئوقۇما دەپتىكەن ئۇنىڭ تەنە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ئاغزىمىزدىن ئاق ئىت كىرىپ ، كۆك ئىت چىقىۋاتقان ھالەتتە مۇنبەر قاينام -تاشقىنلىققا چۆمۈپتۇ ، ئۈمىد مەيلى قايسى نۇقتىنى چىقىش قىلىپ كىتاپ ئوقۇما دىمىسۇن ، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى تۈپتىن خاتا بىز « كىتاپ ئوقۇش ، كىتاپ ئوقۇش يەنە كىتاپ ئوقۇش>> نى تەشەببۇس قىلمىساق قەتئىي بولمايدۇ ، كىتاپنىڭ قەدرى ياش ۋاقتىدا ئانچە بىلىنمىگەندەك قىلسىمۇ قېرىغاندا بىلىنىدۇ ، چۈنكى ئاتا -ئانىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنگىنىدەك .
    ھايات ئېقىن سۇدەك ئاقىدۇ ، مانا شۇ ئېقىن سۇ بويىدا بىرەر پارچە كىتاپ ئوقۇيالىساڭ شۇ ئېقىۋاتقان سۇغا تەم كىرىدۇ ھېچ بولمىغاندا ئۆزۈڭ بولساڭمۇ مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلىسەن ، كىتاپنى ئالدىڭغا قويۇپ مەززە بىلەن ئوقۇۋاتقىنىڭدا سەن ئېسىل ئادەملەر بىلەن ھەمداستىخان بولغاندەك ھالەتكە كېلىسەن 40ياشتىن ھالقىۋاتامسەن بۇرادەر ئەمدى كۆڭلۈڭ يېرىم بولىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ ، ھېساپلاپ باقساڭ كېيىنكى ۋاقىتنى ، بۇ چاغدا سەن تولاراق كىتاپ ئوقۇ ، قەلىمىڭنى ئېلىپ ئوقۇغان مەزمۇنلاردىن تەسىرات يېزىپ بالاڭ كۆرىدىغان يەرگە قويۇپ قوي ، ئۇلار ئەمدى كىتاپ ئوقۇي دىگەندە ، كىتاپ ئوقۇتمايدىغان تېلىفۇن دىگەن نەرسىنىڭ دوستى بولۇپ كەتتى ، ئەمما ئۈمىتۋار بول ئۇ سەن يازغان تەسىراتنى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئوقۇپ سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ خاتىرە يازىدۇ مانا ھايات شۇنداق ماڭىدۇ ، «كىتاپ ئوقۇش ، كىتاپ ئوقۇش يەنە كىتاپ ئوقۇش» بىز كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشقا تېگىشلىك مەزمۇن ! قولۇڭدا كىتاپ بولسا ، كۆزۈڭدە كىتاپنىڭ جۇلاسى بولسا نىمە دىگەن ياخشى ئەھۋال ھە ؟!! مەن تىرمىشىپ كىتاپ ئوقۇيمەن ، كىتاپ جازامدا كىتاپ بار. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى كىتاپ بار ئۆيۈمگە باشلايمەن ، سىنچاي كېلىشتىن بۇرۇن بىر پارچە كىتاپ كېلىدۇ ، كۆڭلىمىز ئارامغا تولىدۇ ، شۇ ئادەم مەندىن بىرەر پارچە كىتاپنى ئارىيەت ئېلىپ كېتىپ ئوقۇيدۇ ، قەلبى نۇرلانغان ھالدا ئۆيگە كېلىپ يەنە بىرنى سورايدۇ ، مەن دىمەيمەن دىگۈزۈشكە تىرىشىمەن ئۇلارنى كىتاپ ئوقۇيچۇ دەپ ،ئاجايىپ ياخشى بولىدىكەن كىتاپ ئوقۇسا ، ئېسىت دىدىم كىتاپ ئوقۇماي ئۆتكەن ئۆمرۈمگە ، ئۈمىد غەنى ئوقۇما دەپتۇ ، سەن ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن قولى قىسقا بىر قېرىندىشىڭغا بىر پارچە كىتاپنى ئېلىپ بېرىپ ، ئۇنىڭغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئاندىن ياز ئىنكاسنى ئۇ چاغدا گۈلى گۈلىگە كېلىدۇ ، مەن شۇنداق قىلدىم . كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەن بەش نامرات ئوقۇغۇچىغا بەش كىتاپ ئالغۇزۇپ بەردىم بايلارغا دەپ، بايمۇ خوش بولدى ، بەش بالىمۇ خوش بولدى ، مەنمۇ خوش بولدۇم .
    شۇنداق ئىشلار قېرىنداشلىرىم ئادەم قىرىقتىن ئاشقاندا ، ئويلاپ قالىدىكەن نىنى ئىشلارنى ، كىتاپتىن چىقىدىكەن سېنىڭ ئارمانلىرىڭ ، قەلەمگە جان كىرگۈزىدىكەن يازغانلىرىڭ « ئويلىسام «كىتاپ ئوقۇش ، كىتاپ ئوقۇش ، يەنە كىتاپ ئوقۇش » سىزگىمۇ ماس كېلىدۇ قانداق دىدىم !؟

13

تېما

0

دوست

4291

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1123
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 1144
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 23:32:34 |ئايرىم كۆرۈش
لېنىنمۇ ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش دېگەن ئىكەن... سىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇش، يەنە كىتاپ ئوقۇش دېگەن شۇئارىڭىزغا ئەگەشتىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1758
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 295
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 16:47:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahdaxkizi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 17:16  

"كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇش، يەنە ئوقۇش "  مەنمۇ ئەگەشتىم.

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15889
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 08:13:54 |ئايرىم كۆرۈش
كىشىلىك ھاياتنىڭ تىنماس مۇساپىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۆزلۈكىنى تېپىشتا كۆزى پىلدىرلاپ تۇرسىلا ئۇ ھاياتنىڭ ئۆزى دىسەك فىزولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا توغرا.. ئەمما ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ھاياتىمىز« يىيىش ئۈچۈن ياشاشقا قارىغاندا ياشاش ئۈچۈن يىيىشكە » مايىللاشقاندا ئەقلىيلىك ،فىزولوگىيەلىك ئېھتىياجنى بېسىپ چۈشكەندە ئاندىن ئادەم ئۆزى ۋە ھاياتلىق ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنىڭ سىلكىنىشلىرىگە ئۇچرىغاندا، بىر نەرسىگە تولىمۇ ئېھتىياجى چۈشىدىكەن ئۇ دەل ئەجداتلارنىڭ ئۈگۈتلىرى بىلەن ھايات قىسمەتلىرىنىڭ يادنامىسى بولغان كىتاپ. تېما ئىگىسىگە رەخمەت سىز بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن يەنە بىر ياڭراق خىتاپنى تەۋسىيە قىپسىز مەن پىاكارلىق بىلەن ئەگەشتىم .
"كىتاپ ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇش، يەنە ئوقۇش "

1

تېما

3

دوست

7587

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1925
توردىكى ۋاقتى: 602
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 09:26:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئىلىم-بىلىم،پەن-تېخنىكا،ئاڭ-ساپادا ئالدىدا مېڭىۋاتقان مىللەتلەرگە قاچان يېتىشەلەيدۇ؟

ئۇيغۇرنىڭ دېھقىنىمۇ  ئېتىزغا سۇ تۇتۇپ چارچاپ،قىر بېشىدا ئارامغا ئولتۇرغاندا؛لاي سۇدا بۇلغانغان پۇشقاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېلىش ئۇچۈن پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ،ئاپتاپقا قاقلىغاندا ؛ئىككى قولى ئېغىر ئەمگەكتىن ئازغىنەبوشىغان ئەشۇ قىممەتلىك
ۋاقىتلىرىدا --گېزىت-كىتاپ ئوقۇيدىغان بولغاندا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )