ئابدۇسەمەت مامۇت ئىنتايىن مىللەت ئېڭى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. ئۇخلىسىمۇ مىللەت ئۈچۈن ئۇخلايتى. ئۇنىڭ تېنىقلىرى مىللەتنىڭ تېنىقلىرىغا باراۋەر ئىدى. بۇنى ئۇ ئۆزى شۇنداق دەپ ئويلىۋالاتتى. ئۇنىڭ ئۆزى بىر مىللەت ئىدى. ئايالى رۇقىيە ھاشىم ئۇنى بىر ئۇلۇغ ئىنسان ھەتتا پەيغەمبەردەك كۆرەتتى. ئۇنىڭغا تىل تەككۈزۈش مىللەتكە تىل تەككۈزگەنلىك بولىدۇ دەپ ئويلايتى. ئابدۇسەمەت مامۇت بەزىدە خۇددى يېقىندا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ دۇنيانىڭ دىشۋاگەرچىلىكلىرىدىن قۇتۇلىدىغاندەك ھېس قىلاتتى ئەمما ئارقىدىنلا باشقىلارنىڭ روھىنى تىنىچ ياتقۇزماي ھەرخىل سۆز چۆچەكلەرنى قىلىشىنى ئويلىسا تېنى شۈركۈنۈپ كېتەتتى. ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئىنگىلىزچىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ئۆز ئۆزىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتى. قېرىغاندىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى يېقىندىن بېرى بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. توغرا! بىلىم چىندە بولسىمۇ ئېلىڭلار دىگەن دەپ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ قوياتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزى ئامېركىدا ياشايدىغان ئەمما كىملىكىنى بەك ئېننىقمۇ بىلمەيدىغان،، باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان بىر ئادەمگە خەت يېزىپ باقماقچى بولدى. ئۇ بۇ ئادەمنى قانداق چاقىرىشنى بىلمەيتى، شۇڭا ئۇ ئەڭ مۇۋاپىق سۆز بىلەن بۇ خەتنى مۇنداق يازدى: سۆيۈملۈك مەكتەپ مۇدىرى، مەن ئىنتايىن تىرىشچان، چەتئەلنىڭ مۇھىتىغا ئاسانلا ماسلىشىپ كېتەلەيمەن. دىنىمنى ساقلايمەن دەپ چەتئەل مەدىنىيىتىنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قۇبۇل قىلىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشتا كۈچ كۆرسىتىمەن... ماڭا ياردەم قېلىشىڭىزنى سورايمەن. رەھمەت.
ئۇ مۇشۇنداق يېزىپ خەتنى ماڭدۇرىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۆلۈكتىن جان تەلەپ قىلىۋاتقاندەكلا ئىش ئىدى. ئۇ خەت يازغان ئادەم ئەمەلىيەتتە مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قارايتى. نېمىلا بولمىسۇن بۇ يىللاردا ئامېركىدا ئوبۇرنى تازلىسىمۇ شۇ نوچى ئەمەسمۇ. ئۇ يەنىلا ئۈمۈد بىلەن جاۋاب كۈتىۋاتاتتى. كۈنلەر ئۆتىۋاتاتتى...ئۈمۈد دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. چەتئەلدىكىلەردىن ئۈمۈد كۈتۈش ئورتاق بىر پىسخىكا ھالەتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ھېسىياتىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. رۇقىيە ھاشىم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئايالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانغا، بالىسىنىڭ تەربىيەسىنى كۈچەيتىدىغانغا قەتئىلام ۋاقتى يوق ئىدى. چۈنكى ئۇ سائەت سائەتلەپ كومپىيوتېر ئالدىدا قاسقانغا تىزغان جىڭ مومىدەك ئولتۇرۇپ توختىماي ئۆز مىللىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىر نېمىلەرنى يازاتتى. ئۇنىڭ يېزىۋاتقانلىرى پەقەت ھېسىيات ئىدى. ئۇ نە پاكىت نە لوگىكا دىگەنلەرنى ئويلاپ قويمايتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ يەردە ياشاي دىسەم ھەممە ئادەم چەتئەلدە ئوقۇغاننى داڭلاۋاتسا ماڭا كىممۇ دېققەت قىلاتتى. چەتئەلگە چىكىتەي دەپ ئۇ يەردىكى ئادەمگە خەت يازسام خېتىمگە جاۋاب قايتۇمايۋاتسا. چوقۇم بىر ئامال تېپىش كېرەكتە. ئۇنىڭ ئوي خىياللىرى تۇيۇقسىز مۇشۇنداق تام تۈۋىدىن ھوشۇرتاز چىققاندەك ئەتراپقا غەيرى دولقۇنلىق سىگناللارنى تارقىتاتتى. ئۇ ئويلىغانسىرى ئەقىللىق بولۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئەمما ئۇنىڭ ئۇ ئەقىللىقى يەنىلا روھى ساراڭلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
ئۇ بۇندىن بۇرۇن لىكسىيە سۆزلەپ خېلى پۇل تېپىۋالغان بولۇپ نام ئابرويىمۇ ئازىراق بار ئىدى. داۋاملىق لىكسىيە سۆزلەشنى ئۇ تازا ياقتۇرماي قېلىۋاتاتتى. چۈنكى بىر لىكسىيە ئۈچۈن ئاز دېگەندە 10 كىتاب ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ يەنە بىر ئامال تاپتى. ئەمدى ئۇ لىكسىيە سۆزلىگەنلەرنىڭ، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويغانلارنىڭ خاتا گەپلىرىنى، ئۇششاق كەمچىلىكلىرىنى تۇتىۋېلىپ نەچچە نۇقتىغا بۆلۈپ تۇرۇپ ئوبزورسىمان بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقماقچى بولدى. چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن كىتاب ئوقۇپ ئاۋارە بولمايدۇدە. پەقەت شۇ لىكسىيەدە ئۆزىگە ياقمىغان گەپنى، رۇدىمىتلىشىپ كەتكەن مېڭىسىدىن ئۆتكىزەلمەي قالغان يەرلەرنى ئۆزى ۋە باشقىلار قاتتىق ئىشىنىپ كېلىۋاتقان ئىدولوگىيەلەرگە ماسلاشتۇرۇپلا بىرنىمە يازسا بولاتتى. بۇنداق بولغاندا كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشتىن باشقا نام ئابرويىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ قولىغا قەلەم ئالدىدە يېقىندا بىر داڭقى بار كىنو چولپىنىنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى توغرىسىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسى ئىچىدىكى بەزى گەپلىرىنى كۆپتىرىپ تۇرۇپ سۆكۈشكە باشلىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ شانشەرەپكە ئىنتىلىش تۇيغۇسى كۈچەيگەنسىرى ئويمان دۆڭنىڭ نەدىلىكىنى ھېس قىلالمايلا ھەركەت قىلىشنى باشلايتى.ئۇنىڭ مىللىتى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كەتسە مەيلىكى ئەمما مىللىتى يوقاپ كەتسە چاتاق بولاتتى. ئۇ خۇدانى مىللەتچى كۆرۈپ قالغان چېغى. ياق، ئۇ خۇدانى ئۇنتۇپ قالدى بولغاي. ئۇ بۇ ئىشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزى چوڭقۇر ئىشىنىۋاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقمىسا بولمايتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى بىلىدىغان ئىنگىلىز تىلىنى ئىشقا سېلىپ مىسىر مەدەنىيىتى، مايا مەدەنىيىتى، گىرىتسىيە مەدىنىيىتى، شەيتان، خۇدا، ئادەم، تۇپراق،...يەھۇدى، خېرىستىئان، مۇسۇلمان دىگەنلەرگىچە يۈزلەپ مىڭلاپ ئوقۇپ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى ھەقىقى چۈشەنمىسە بولمايتى. ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا نېمىشقا يارالغىنىنى چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. ئابدۇسەمەت مامۇت بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت لىكسىيە سۆزلىدى فىليەتون
ئابدۇسەمەت مامۇت يېقىندا تېلىۋىزوردىن بىر ئاكادىمىكنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئاكادىمىك شۇنچىلىك سۆزلىۋەتتىكى ئۇ لىكسىيەنىڭ تەسىرى يەرشارىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تارقالغان ئوخشاش مىللەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان ئىدى شۇنداقلا كىشىلەر بۇ لىكسىيە توغرىسىدا كوچىدا، ئۆيدە، ئاشخانىدا ھەتتا ئوبىرنىدىمۇ بەس مۇنازىرە قىلىشنى توختاتمىدى. ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇ ئاكادىمىكنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا كۆڭلى ئېلىشىپ يۈرىكى سىقىلىپ چىرايى تاتىرىپ ئۇدۇل بېرىپ ئۇ ئاكادىمىكنى ھىمالايا تېغىغا يامىشىۋاتقان يېرىدىنلا ھاڭغا ئىتتىرىپ چۈشۈرۋەتكۈسى كېلىپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئۆزىنىڭ «ئىلغار» ئىدىيىسىنىڭ بۇ ئاكادىمىكتىن قېلىشمايدىغىنىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويغىسى كېلىپ قالدى بولغاي بۇرۇنقىدەك خىيالغا پاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇمۇ چوقۇم يېڭى گەپلەرنى قىلالىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئوقىغان كىتابلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالىشى كېرەك ئىدى. كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئاكادىمىكتىن قېلىشمىغۇدەك تەسىر قوزغىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ خىياللار بىلەن ئۇ نەچچە كېچە كۈندۈز كىرپىك قاقمىدى. ئۇ ئويلايتى، جەمىيەتتىكى مەسىلىنى مەن چوقۇم ھەل قىلالايمەن. مەن چوقۇم پۈتۈن مىللىتىمگە يول ئاچىمەن. مەن مىللىتىمنى قۇتقۇزىمەن.مەن ...مەن...
ئابدۇسەمەت مامۇت مۇشۇنداق مەننىڭ ئارقىسىدا ئاخىرى بۇرۇن ئوقۇۋالغان پىسخىكا، پەلسەپە، تارىخ كىتابلاردىن يەكۈنلىۋالغان تومتاق ئوي پىكىرلىرى بىلەن جەمئىيەتتىكى «ئېغىر» ھادىسىلەرنى بىرمۇ بىر باھالاپ چىقتى. ئەمدى ئۇنىڭ تومتاق ئوي خىياللىرى ئىنتايىن رادىكال گەپلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرۋاتاتتى. بۇ خۇددى ئىشتىنىنىڭ كەينى يانجۇقىدىن 5 موچەننى چىقىرىپ بۇ 50 يۈەن دېگەندەك ئىش قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئىززا تارتماستىن چوقۇم ئۇنداق بولۇش كېرەك چوقۇم بۇنداق بولۇش كېرەك دەيتى. 19 ياشتىن بۇرۇن ئوغۇللار چوقۇم مۇھەببەتلەشمەسلىك كېرەك. سۆيۈشمەسلىك كېرەك. ... بۇنداق گەپلەر بىر قارىماققا توغرىدەك قىلاتتى ئەمما ئىنتايىن رادىكال بولۇپ بۇ گەپلەر پەقەت ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭلا كاللىسىدىن ئۆتەتتى. قانداق قىلىپ مۇھەببەتلەشمەسلىك كېرەك، نېمىشقا سۆيۈشمەسلىك كېرەك دېگەندەك زىل يەرلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانغا بىلىم يېتىشمەي قېلىۋاتاتتى.
ئۇ داۋاملىق چوقۇم يىڭى گەپ بولۇش كېرەك! دەپ ئۆز ئۆزىگە قايتا قايتا تەكىتلەيتى. ئاھ! مەن تاپتىم. ئۇ ھاياجاندىن ئۆزىنى باسالماي قېلىۋاتاتتى: مىللىتىم مىللىتىنىڭ ساتقان نەرسىسىنى ئالماسلىق كېرەك. ئەتكەن تامىقىنى يىمەسلىك كېرەك. مەسچىتىگە كىرىپ ناماز ئوقۇماسلىق كېرەك. بىز مۇشۇنداق قىلساقلا مىللىتىمىز نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تاماقنى ئوخشىتىپ ئېتىدىغان بولىدۇ. نامازدىن بۇرۇن تەبلىقنى ئوبدان قىلىدىغان بولىدۇ. بۇ بىزنى ئاخىرىدا تەرەققىياتنىڭ داغدام يولىغا باشلىيالايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز بايخۇت قىلىشىمىز كېرەك. ياق توختا. بىز مىللىتىمىز كىشىلىرى ئاچقان غەرىپچە مېھمان سارايلىرىدا ياتساق بولىدۇ. غەرىپچە تاماقلىرىنى يېسەك بولىدۇ.ئوباما ئىماملىق قىلىپ بەرسە ئارقىدىن ناماز ئوقىساق بولىدۇ. پاھ! مەن ئاخىرى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان گەپنى تاپالىدىم. خاسلىقنى تاپالىدىم. مەدەنىيەتنى تاپالىدىم. بىز غەرىپكە بېقىنىشىمىز كېرەك!.... ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ بېشى قېيىپ مېڭىسىنىڭ قېتىقى باش سۆڭىكىنىڭ تىشىغا چىقىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. ئۇ ئويلىغانسىرى رادىكاللىشىپ رېلىسنىڭ تېشىدىكى ئازگالغا توختىماستىن چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى.
ئۇ تېتىقسىز خىياللىرىدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئايغا چىقىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس...ئۆ تىنىمسىز مۇشۇنداق جەزىملەشتۈرىدىغان گەپلەرنى ئويلاۋەردى. بۇ گەپلەرنى باشقا كىشىلەرگە ئېيتىپ بۇ يولدىن باشقا يولنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ بولىۋاتاتتى. ئىشقىلىپ بۇ ئوي خىياللىرىدا ئەڭ چوڭ خاتالىقنى يەنى جەزمەنلەشتۈرۈش، مۇتلەقلەشتۈرۈشنى سادىر قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كاللسىدىكى ئوي پىكىرنىڭ ئۆزى ئۆزگەرمەس قائىدە بولۇۋاتاتتى. خىيالنى لايىقىدا ئويلاپ سۆزنى لايىقىدا ئېيتالمىغان ئادەمنى قانداقمۇ لىكسىيە سۆزلەپ بەر دېگىسى كېلىدۇ بىرسىنىڭ. ئەمما ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئىرادىسىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن رادىكاللىشىپ گەپنىڭ توغرا كەلمەيدىغىنىنى بىلگىلى بولاتتى. ئەلەكمۇللا بۇ بەندىگىمۇ خۇدانىڭ رەھمەت نۇرى چۈشسە رادىكاللىقتىن بالدۇرراق يېنىپ قالار. خەلقىم، مىللىتىم دەپ چوڭ سۆزلىمەي ئۆزىنى ئوڭشاشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ قالار.
ئەمما ئۇ بۇ رادىكال پىكىرلىرىنى بىر ئاماللارنى تېپىپ ئاخىرى «مىللىتىگە» ئاڭلاتتى.ھەقىقەتەنمۇ تەشۋىقات تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئابدۇسەمەت مامۇت ئائىلە ئىشلىرىدا ئىنتايىن فىراڭكا ئىدى. دائىم يوقنى بار قىلىپ، كىچىكنى چوڭايتىپ، ئۆيىدىكى ئىشنى تالاغا چىقىپ ئېيتىپ تالادىكى بىرسىنىمۇ بۇ ئىشقا ئارلىشىشقا قىستايتى.چۈنكى ئۇ قايسى بىر سىياسى توغۇرسىدا يېزىلغان كىتاپتا «كىچىك ئىشنى چوڭايتىش، يوغان ئىشنى تېخمۇ يوغانتىش» دىگەپ گەپلەرنى ئوقۇۋالغانىدى. قىسقىسى ئۇنىڭدىكى مىڭە سىياسى بىلەن زەھەرلەنگەن ئىدى. مانا بۇ ئىشنىمۇ شۇ ئىشقا ئوخشاش قىلدى.ئۇنىڭ ئۇششاق، تومتاق ئوي پىكىرلىرى دۇنياغا تارالدى. يەتتە ئىقلىمدىكى بۇلبۇللار تەڭ سايراشنى باشلىدى. ئالە شەرىڭنى... بۇلبۇللارغۇ سايرىسۇن ئەمما ئاڭلاۋاتقانلار قايسى بۇلبۇلنىڭ قانداق سايرىغىنىنى بىلىشكىمۇ ئامال قىلالمىسا قانداق قىلغۇلۇق. قىززىق يېرى كىشىلەر قانداق قىلىپ مىللى غورۇرى كۈچلۈك بۇ بۇلبۇلنىڭ تۇيۇقسىز 180 گىرادۇس بۇرۇلۇپ مىللەتسىز بولىۋالغىنىنى چۈشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇنى خاتا چۈشەنگەنلەرمۇ بولدى...ھىم بەلكىم كىتابتىن زەھەرلەنگەن بولسا كېرەك دېيىشەتتى بەزىلەر. ئابدۇسەمەت مامۇت چوقۇم بۇنىڭغىمۇ مۇۋاپىق جاۋاب قىلمىسا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق ئىش ئەمەس زىيانلىق ئىش قىلىپ قويغان بولاتتى.
قىسقىسى ئابدۇسەمەت مامۇت بىردە ئىنتايىن مىللى غورۇرى كۈچلۈك بولسا بىردە بىراقلا مىللى غورۇرىنى يوققا چىقىراتتى. بۇ دەل بىر قۇتۇپتىن بىر قۇتۇپقا سەكرەش ياكى قېيداش پىسخىكىسى بولسا كېرەك. ئابدۇسەمەت مامۇت ئوتتۇرىدىكى نۇقتىنى كۆرۈشكىمۇ ئاز قالدى...
|