قەدىمى شەھەردىكى يېڭىچە مەدىنىيەت ھادىسىسى
مەن ئۆز ھەۋەسلىرىم ،قىزىقىشىم بويىچە يېڭى يىل كېرىشى بىلەن قەدىمى شەھەر رايونىدا (بۇيەردە مەن شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي مەن قەشقەرقەدىمى شەھەر رايونىنى ،كوناشەھەر رايونى دەپ ئاتاشنى قوللىمايمەن ،قەدىمى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن كونا دېگەن سۆزنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى بار )تۆت بەش كۈنلۈك زىيارەت ،تەكشۈرۈشلەر جەريارنىدا ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ جانلىق تارىخى ،قامۇسى ،دىيارىمىزدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن قەدىمى شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك كوچىلىرىدا مېڭىۋىتىپ ،كاكۇللىرى چۈشۈپ كەتكەن خام قىشلارنىڭ توپىلىرىنى كۆزۈمگە سۈرتىۋىتىپ ،شۇنداق ھاياجانلىق ،پەخىرلىك ھېسلارغا چۆمۈلدۈم ،ھەم ئۆزۈمنىڭ تاللىغان يولۇمدىن ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ باسقان ئىزلىرىنى تاپماقچى بولغانلىقىمدىن سۆيۈندۈم ،لېكىن سۆيۈنۈش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ دە ،بۇ كۆمۈلۈپ قالغان ئىزلارنى تىپىش بەسى مۈشكۈل جەريان .
2009-يىلىدىن باشلانغان قەدىمى شەھەرنى ئۆزگەرتىش،قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشى داغدۇغىلىق باشلاندى .مەن 2009-يىلىدىن بۇرۇن قەدىمى شەھەرنى بىر نەچچە قىتىم ئايلانغان ،ئالغان تەسىراتلىرىممۇ ياخشى ئىدى ،ئەپسۇس بۇقىتىم مەن خۇشال بولالمىدىم ،بولۇپمۇ قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقبىشى ،ئەخلەتلەر ئارىسىدا تۇرغان بۇلاقلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار ئىقىپ كەتتى ،بۇ قەدىمى بۇلاقلار قەشقەرنىڭ يىلىكى ئەمەسمۇ؟ھىلىمۇ بەختىمگە يارىشا ئۈچكە يىقىن بۇلاقتىن سۇ چىقىۋىتىپتۇ .
مەن بارلىق ھېسىياتىمنى مۇنۇ بىر سۆزگە يىغىنچاقلاپ ئۆتسەم ،مەن بۇرۇن كۆرگەن قەدىمى شەھەر ،سىھىرلىك چۈمپەردىگە ئورالغان ،سىرلىق ،جەلىبكار ساھىبجامالغا ئوخشايتتى ،مېنىڭ كۆرگىنىم بولسا چاچلىرى چۇۋۇلغان كېيىملىرى يىرتىلغان ،يۈز-كۆزلىرىنى مەينەتچىلىك باسقان قىزغىلا ئوخشاپ قاپتۇ .بەلكىم قىزغا يارىشىملىق كېيىم كەيدۈرۈلسە ،يۈز-كۆزلىرى يۇيۇلسا ئۇنىڭ چىرايلىق جامالىنى كۆرگىلى بولا ؟قەدىمى شەھەرنى ئۆزگەرتىشى قۇرۇلىشىدا بەلگىلىك نەتىجىلەرمۇ كۆرۈلمىدى ئەمەس ،ھېيىتگاھ ئەتراپىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەھەر قىياپىتى يېڭى تۈسكە كېردى .
لېكىن ھېيىتگاھتىن قانچە يىراقلاشقانسىرى مەسىلىلەر ھىلىھەم ساقلاقلىق ،تولۇق پۈتمىگەن قۇرۇلۇشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ ،پۈتۈپ بولغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ،ئۆي ئالدىدىكى بەزى يوللارنىڭ تېخىچە ئوڭشالماسلىقى ،ئەخلەتلەرنىڭ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپمۇ پايپاققا نالە قاققاندەك پىششىق قىش قۇرۇلۇش ئۈستىگە سىمىنوت ،توپا قاتارلىقلاردىن ئىتىلگەن لاينىڭ سۇۋالغۇ قىلىنغانلىقى ،يىپيىڭى سىلىنغان قۇرۇلۇشقا قەدىميلىكىنى بىلدۈرىمىز دەپ بۇرۇنقى كونا ياغاچ ماتىرىياللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ،ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايدۇ ،ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ،يەنە كېلىپ كوچىلاردا ئۆزگىچىلىك يوق ،خۇددى قىلىپتا قۇيۇپ قويغاندەك بىرخىللا ،يەنە بۇرۇنقى خالتا كوچىلار يوقىتىۋىتىلگەن بولۇپ بۇرۇنقى سىرلىقلىقى قىسمەن يوقىتىۋىتىلگەن .
ق ەدىمى شەھەردە ساقلىنىۋاتقان مەسچىت مەدرىسىلەرگە كەلسەك مەن بىرنەچچە مەسچىتنىڭ ئىشىكى بار ،ئاساسى گەەۋدىسى يوقلىقىنى كۆرگەندىن باشقا ،مەسچىتلەر قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ ،ئەمدى مەدرىسىگە كەلسەك ،قەدىمى شەھەردە يىگىرمىگە يىقىن مەدرىسە بارلىقى قەيت قىلىنغان ،ھازىر بۇنىڭدىن ساقلىنىپ قالغىنى بىردىنبىر ‹‹ساچىيە مەدرىسى››بۇ مەدرىسمۇ ئەسلىدىكى زور كۆلىمىنى يوقىتىپ ھازىرقى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالماقتا ،قالغان مەدرىسىلەر ھەرخىل ئىجتىمائى تەبىئى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چېقىپ تاشلانغان ياكى قوشۇۋىتىلگەن يىراقنى دىمەي ،‹‹مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى ››دىن كېيىنكى ساقلىنىپ قالغان 4مەدرىسە ئۈستىدە توختىلايلى .
1- خانلىق مەدرىسە :‹‹مەدىنىيەت زور ئىنقىلابى››دا مەدرىسنىڭ دەرۋازى مۇنارلىرى چىقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ،بىر قىسىم ھوجرىلىرى ساقلىنىپ قالغان ،لېكىن 2009-يىلى شەھەرلىك بىرىنجى باشلانغۇچ مەكتەپنى كىڭەيتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ،قالغان قىسىملىرىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتقان .
2- ساچىيە مەدرىسى :بۇ مەدرىسە قەشقەردىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەدىرىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ خاتىرىلىنىشىچە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا شۇنداقلاشەرق ئەللىرىگە داڭقى كەتكەن مەدرىسە .مىلادىيە 955-يىلى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان تەىتكە چىققاندىن كېيىن ياسىتىلغان بولۇپ تىبابەت ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان تۇنجى مەدرىسە ھىسابلىنىدۇ .
3- چاسا مەدرىسىسى :مەزكۇر مەدرىسە 1960-يىللارنىڭ بىشىدا خەلق باشقۇرىشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىنغان 1990 –يىللارنىڭ بىشىدا تۈزلىنىپ ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سىلىنىپ شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپكە قىتىۋىتىلگەن شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇن شىپاخانا قىلىش ئۈچۈن يارباغ كوچا باشقارمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن .
4- مەسئۇدىيە مەدرىسى :بۇ مەدرىسە چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا ئەۋەتكەن باش بۇغى مەسئۇد ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان مەزەىلدە قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنىڭ نامىدا ئاتالغان يېنىغا ‹‹سائادەت كۈتۈبخانىسى ››بىنا قىلدۇرغان ھازىر ساقىيە ئىجتىمائى رايون 6-گورۇپپىسىدا بىر قىسىم ھوجرىلىرى بارلىقى مەلۇم .
بۇ قەدىمى شەھەر ‹‹سانى بۇخارا››دەپ ئاتىلىپ دىيارىمىزنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىلىم –مەرىپەت مەركىزىگە ئايلانغان ،قارايدىغان بولساق نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلىرىمىز خانلىق مەدرىسىدە ،يا بولمىسا ساچىيە مەدرىسىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ .ھازىرقى ھالەتكە قارايدىغان بولساق قەشقەرنىڭ مەدىنىيەت تارقىتىش ئورنى بولۇشتىكى ئۆزگىچىلىكى ،خاسلىقى خۇنۇكلەشتۈرىۋىتىلگەن .ھەرقايسى تەرەپلەر ،بولۇپمۇ ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسلىگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۆتكەن ئىش ئۆتتى ،نۇرغۇنلىغان مەدرىسىلەر مۇشۇ يېقىنقى دەۋردە چىقىپ تاشلاندى .بۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ،ئەسلىگە كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئەسلىدىكىدەك قىلىش بەسى مۈشكۈل.
ھازىرقى مەسىلە ،ئۇلارنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ،ساقلىنىپ قالغانلىرىنى بولسا قانداق قوغداش ،ئاسراش .
ئەمدى مەن دېمەكچى بولغان ئاساسى مەقسىتىمگە كەلسەم قەدىمى شەھەرنى ئايلىنىش جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش تاملارغا يېزىلغان قالايمىقان خەتلەرنىڭ مەسلىسى بولدى .شۇئار خاراكتىرلىق ئىشلەنگەن تام دوسكا دىيارىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە بار ئۇنى دىمىسەممۇ بولىدۇ .لېكىن نەگىلا بارماي كۆرگىنىم قول يەتكۈدەك يەردىكى ياكى ئۇنىڭدىن ئىگىزرەك يەرگە يېزىلغان قالايمىقان خەتلەر بۇلار ئاساسلىقى ،كىچىك بالىلارنىڭ يازغان خەتلىرى بىلەن ،چوڭلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك يازغان ئېلان ،تېلفۇن نومۇرلىرى .
نېمىشقا تاملارغا مۇنداق خەتلەر يېزىلىپ قالدى ،بۇرۇنقى قەدىمى شەھەرنىڭ تاملىرى سامان ئارىلاشقان كاكۇل لاي بىلەن سۇۋالغان ،پىششىق قىش لىرىمۇ بارئىدى .ئۇلاغا خەت يېزىپ چىقىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
ئەمما ھازىرقى سۇۋالغۇرلار بىر خىل سىمىنۇتقا ئوخشاپ كېتىدىغان ،قىزىل رەڭلىك سۇۋالغۇ بولغاچقا ،ئۇنى بالىلار ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان تەييار دوسكىغا ئايلاندۇرىۋالغان ،شەھەر قۇرۇلۇشى تېخى تولۇق ئاياغلاشمىغاچقا كىشىلەرنىڭ قۇم ،شىغىل قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىغا ئىھتىياجى چۈشىدۇ شۇ سەۋەبتىن قەدەمدە ،بىر-بىرىدىن قىزغانغاندەك تەييار دوسكىغا ئېلان بىرىۋالغان كىشىلىمىز قوشۇلۇپ قەدىمى شەھەر رايونىدا يېڭىچە بىر ھادىسە يەنى تام دوسكا دەمدۇق ،ياكى تارم تەشىقات دەمدۇق .بۇ ئەھۋال كېلىپ چىققان .
باللىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تاملارغا خەت يازىدۇ ،ئۇلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنىڭ ئازىريىپ كېتىشى ،قەلبىدە ئويلىغانلىرىنى ئىيتىدىغان جاي تاپالماسلىق ،يالغۇزسىراش سەۋەبلىك تاملارغا خەت يېزىپ ئۆزكۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىگەن بولىشى مۇمكىن ،لېكىن بۇنىڭدا ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار ،ئۇلاردا ئۆزى ياشاۋاتقان تۇپراق ،بۇ ماكاننى بىلىش ،چۈشىنىش قەدىرلەش روھىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈرىدۇ .جوڭگۇنىڭ داڭلىق مەدىنىيەت مىراسى بولغان سەددىچىن سىپىلىغىمۇ قالايمىقان خەت يېزىش چەكلەنگەن ،ھەم قالايمىقان يېزىلغان خەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سېلىنغان .
قەدىمى شەھەرمۇ مەملىكەت بويىچە بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولغانىكەن ئۇنى قوغداش ،ئاسراش ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپمۇ شۇيەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپىسى.
قەدىمى شەھەر ئۆزگەرتىلگىنى تېخى بىر نەچچە يىل بولماي تۇرۇپلا ،تاملارغا يېزىلىپ كەتكەن قالايمىقان ئەپسانە تىل –ئاھانەتلىك خەتلەر ،دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ناملىرى ،ھەرخىل پاراڭ ،ھەرخىل يوسۇندىكى گەپلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ ،بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ مەن خۇددى ‹‹كورتلار ۋادىسى پەلەستىن››دە تاملارغا يېزىلغان ئاشۇنداق خەتلەر كۆرىنەتتى ،مەن شۇ كۆرىنىشنى ئەسلەپ قالدىم ،يەنە ئون يىللاردىن كېيىن قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر تاملارغا يېزىلغان خەتلەرنى كۆرۈپ قەدىمى شەھەرنى ساياھەت قىلماي تاملاردىكى خەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ رەسىمگە تارتىپ ئىلىپ كېتىپ غەيرى يازما مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا تىزىۋەتمىسۇن .
لېكىن شۇنداق ئىجانى تەرەپنىمۇ ئىيتماي بولمايدىكى ،ھېيىتگاھقا يىقىنراق ئۆستەڭبويى كوچىلىرىدا ‹‹قۇتادغۇبىلىك››تىن تاللاپ ئىلىنغان مىسرالار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ،ئىنگىلىزچە ئۈچ خىل تىلدا يېزىلىپ تاملارغا چىرايلىق نەقىشلىنىپ قەدىمى شەھەرگە ئالاھىدە تۈس قوشتى ،بىز ئەلۋەتتە بۇنداق ئىجابى تەرەپتىكى يېڭىلىق ھادىسىلەرنى قوللايمىز ،بولسا قەدىمى شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىغا مۇشۇ خىل شەكىلدىكى يېڭىلىق قوشۇلسا يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ئەسەرلىرى بىلەنلا توختاپ قالماي يىقىنقى زاماندىكى شائىر ،ئەدىبلىرىمىزنىڭ مىسرالىرىمۇ قەدىمى شەھەر تاملىرىدىن ئورۇن ئالسا ،بۇ ئەلۋەتتە يېڭىچە بىر مەدىنىيەت ھادىسىسى بولاتتى .
2014-يىلى قەشقەر ساياھىتى مېنىڭچە ئانچە ئۈنۈملۈك بولمىدى ،بۇنىڭدا تۈرلۈك ئىجتىمائى ،سىياسى سەۋەبلەر بولسىمۇ،شەھەر قۇرۇلۇشى لاھىيلەش،پىلانلاش ،ئەسلىسىگە ھكرمەت قىلىش جەھەتلەردە مەلۇم سەۋەبلەر كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ساياھەتچىلەرنى جەلب قىلىش تازا يىتەرلىك بولمىدى .
قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ بىر يىلدىن بۇيان ‹‹كاشىغەر مەدىنىيىتى››ژورنىلىدىن تۆت سان چىقىرىپ قەدىمى شەھەرنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش ،تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ باردى .
پارتىيىمىزنىڭ قانۇن –سىياسەتلىرى بىلەن بىرگە قەشقەرنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كۈچەۋاتقان بىر ئاۋانگارت ژورنالنىڭ قەشقەرنى تەشۋىق قىلىش ،تونۇشتۇرۇش بىلەنلا توختاپ قالماي ،بۇ قەدىمى شەھەرنى ئاسراش ،قوغداش ئىشلىرىنى قول سىلىپ ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلسا ھەيدەكچى بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .ئەلۋەتتە ‹‹كاشىغەر مەدىنىيىتى››ژورنىلىدىكى قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى باشچىلىقىدا ،پىشقەدەم مەدىنىيەت ،تارىخ تەتقىقاتچىسى ،قەشقەرۋىلايەتلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان ،ھازىرقى باشلىقى مۇختەر سوپى قاتالىق يولداشلارنىڭ قەدىمى شەھەرنىڭ مەدىنىيەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا، ئاسراش ،قوغداش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مەن بىرنەچچە كۈندىكى ھاياتىمدا بەزى پىشقەدەملەر بىلەن كۆرۈشتۈم ،ئۇلار بىلەن سىرداشتىم ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاڭلىدىم ،بۇقەدىمى شەھەر بىزگە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ،ئاسراش ،قوغداش ،ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ،نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى خاسلىقىنى ساقلاپ كەلگەن بۇ شەھەر ھەممە تەرەپنىڭ تىرىشىشى بىلەن يىپەك يولىدا يەنە قايتا جۇلالانغۇسى .
|