ئوقۇغۇچۇمنىڭ خېتى
مۇھەممەد ئەمىن ئابدۇلئەزىز
غەمكىن ھالدا ئۈستىلىمگە ئېڭىشتىم . بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار مېنى كۈتۈپ تۇراتتى .
راست گەپنى قىلسام ئوقۇتقۇچىلىق دېگەندىن شۇنداق رايىم ياندى . رايىمنى ياندۇرغىنى باشقا بىر نەرسە ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلار ئىدى .
كۆڭۈللۈك دەمسىز ؟ نېمىسى كۆڭۈللۈك ؟ كۈندە غوۋغا ، كۈندە جىدەل . گاھى ئۆزۈمنى مەن سىنىپ مۇدىرىمۇ ياكى مەھكىمە شەرئىنىڭ قازىسىمۇ دەپ قالىمەن .
بالىلار ھازىر قاشاڭلىقتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ، مېنىڭ قاپاق تۈرۈشلۈرۈم ، ھومىيىشلىرىم ، ئالىيىشلىرىم ، ھەتتا سېسىق گەپ بىلەن تىللاشلىرىممۇ ئۇلارغا تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالدى .
نېمىشقىمۇ سەدىردىننىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىگە قۇشۇلغاندىمەن ؟ ھەي سەدىردىن ! ھەي سىەدىردىن ، سىنىپنى قانداقمۇ سىنىپ قىلغان بولغىيتىڭ ؟ سەندەك قابىل بىر سىنىپ باشلىقىدىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا تولىمۇ ئېچىنىمەن . قارا ، سىنىپنىڭ ھازىرقى ھالىغا . بالىلارنى بۇنچىلىك قىلىپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن . مانا كۆپچىلىكنىڭ قارارىسىز ئۆگىنىشتە ئەلا ، قۇلىقى يۇمشاق ، ھەممە ئىشتا پىرىنسىپچان ، مۇلايىم قىز گۈلنەزەرنى سېنىڭ ئورنۇڭغا دەسسەتكىنىم بېشىمغا بالا بولدى . جىمى خاپىلىق مۇشۇ قېتىمقى سىنىپ كادىرلىرىنى قايتا بىكىتىشتىن كىلىپ چىقتى .
يەلكەمگە خۇددى يوغان بىر تاغنى ئارتىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم . ئايالىم ئاغرىق . ئاخشام ئەلياتقۇ ۋاقتىدا تېلفونۇم سايراپ كەتتى . ئايالىمنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك پايپىتەك بولۇپ ، قويغان - تۇتقىنىمنى بىلەلمەي يۈرگىنىمدە تېلفوننىڭ ئارقىمۇ - ئارقا سەت چىرقىراشلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،- دېدىم زەردە بىلەن .
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۆمەر مۇئەللىممۇ ؟
- مەن شۇ ، نېمە ئىش ؟
- مەن مىجىت مۇئەللىم ، ھېلىقى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق تۇرمۇشىغا مەسئۇل .....
-ھە ، مىجىت مۇئەللىم ، بۇنچە كەچتە تېلفون قىلىپ قاپسىز ، بىرە ئىش يۈز بەرمىگەندۇ ؟
- ئوقۇغۇچىلىرىڭىز نېمە بولۇپ كەتتى ھە ؟ قارىسام ئۈچ ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قويدەك بىر ياتاققا تىقىلىۋاپتۇ . پۈتكۈل ياتاق بىناسىدا مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى جىمجىت ئۇيقۇغا كەتكەن ، پەقەت سىزنىڭ ئەشۇ يىگىرمە نەچچە ئوقۇغۇچىڭىزلا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىپ ، ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى . نېمىش بولغاندۇ دەپ كىرسەم ، گېپى تېخى مېنىڭكىدىن يوغان . يىغىن ئېچىۋاتىمىز دەپ گۈركىرەيدۇ . سىزنى ئۇقۇپ قالسۇن دەپ تېلفون قىلىشىم .
غەزەپتىن چىشلىرىم كىرىشىپ كەتتى . نەچچە ۋاقنىڭياقى بالىلار چوڭۇپ قالدى ، ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تاپىدۇ دەپ مەيلىگە قۇيۇۋەتكەن گۇناھ مەندە . بىر مۇنچە ئۆزىرخاھلىقلار بىلەن تېلفوننى قويىۋەتتىم . ئەسلى شۇ ئاچچىقىمدا ئىچ كىيىمىم بىلەنلا ماشىنامنى ھەيدەپ بېرىپ ، بىر - ئىككىسىنىڭ كۆرگۈلۈكۈنى كۆرسىتىپ قويماقچىدىم ، يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم . كىم قويۇپتۇ ئۇلارغا يىغىن ئېچىشنى ، يىغىن دېگەننى مۇئەللىم ئاچمامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە چوتلارنى سوقۇۋاتقىنىنى مەن بىلمەمدىم ؟ خەپ !.....
يانچۇقۇمدىن تاماكامنى ئالدىمدە ، يۈز مۇسكۇللۇرۇمنىڭ تارتىشىشى بىلەن لىپىلداپ كەتكەن كالپۇكۇمغا قىستۇردۇم . بىراق چاقماقنى تاپالماي رەللە بولۇپ كەتتىم . ئۇ يانچۇقۇمدىمۇ يوق ، بۇ يانچۇقۇمدىمۇ يوق . تارتمامنى ئەلەم بىلەن كۈچەپ تارتىۋىدىم ، تويۇقسىز بىر نەچچە ۋاراق قەغەز كۆككە بىر ئۆرلىۋېتىپ ، ئاندىن كەچكۈزدىكى دەرەخ غازىڭىدەك ئالدىرىماي لەيلىگىنىچە قۇچۇقۇمغا چۈشتى . نېمە قەغەزلەردۇر دەپ قارىغانىدىم ، قوناق پاسىرىنىڭ يىلتىزىدەك ئىرماش - چىرماش خەتلەر كۆزۈمگە چېلىقتى . ھەرپلەرنىڭ قۇيرۇقىغا قاراپ ئېھتىمال سول قولدا يېزىلغان بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم . خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى .
*************
قانداق ئەھۋالدىسىز ؟ ھۆرمەتلىك ئۇستاز ! تىنىڭىزنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن . ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمىساممۇ بولار . مېنى كۆرسىڭىز چوقۇم تونۇيسىز . نۆۋەتتە پىكىر ئالماشتۇرىشىمىزنىڭ ئەركىن - ئازادە ۋە تەبىئىي بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ نام - شەرىپىمنى مەخپى تۇتماقچىمەن . چۈشىنەرسىز ! مېنى بىر ھىسابتا 11 - يىللىق 5 - سىنىپتىكى بارلىق يۈرىكى دەرت - ئەلەمدىن لەختە - لەختە قان بولغان قەيسەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى دەپ بىلسىڭىزمۇ بولىدۇ .
بەرىبىر كىم ئىكەنلىكىمنى بىلمىگەندىن كىيىن قورقماي دەۋىرەي . داپتەك ئادەمكەنسىز ! داڭ قېتىپ قالدىڭىزمۇ ؟ دەماللىققا چۈشىنەلمىدىڭىز ھە ؟ يەنە بىر دەپ بىرەي . داپشاق ئادەمكەنسىز ، يۈزىڭىز ئىشەك تېرىسىدىنمۇ قېلىن ئىكەن . سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ سىزدە قان بېسىم كېسىلى يوق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈمدە ، بۇ گەپلەرنى قىلدىم . ئەگەر خاتالاشقان بولسام دەرھال جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفون قىلارسىز ، يا بولمىسا جامائەت خەۋپسىزلىكىگە . لېكىن ئوت ئۆچۈرۈشكە مەلۇم قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ، چۈنكى سىزنىڭ يۈزىڭىز ئازراقمۇ قىزىشمايدۇ .
بىلىمەن . بۇ گەپلەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئوقۇتقىچىغا دەيدىغان گەپلىرى ئەمەس ، مەندە ۋىجدان يوق . ھازىر بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ۋىجدان يوق . سىنىپنىڭ ھازىرقىدەك كەيپىياتى ئىچىدە كىمدىمۇ ۋىجدان بار دەيسىز . بۇ ۋىجدانسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىنىڭ دەل ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟
سىز نېمىشقا گۈلنەزەرنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويىسىز ؟ ئېيتىڭە ، زادى نېمقشقا ؟ قىزلار ھوقۇق تۇتقان ئىش نەدە باركەن ؟ گۈلنەزەرنىڭ ئەمەل بېشىغا مىنىشى سىنىپنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى . ياقىلار ئىتەك بولدى ، ئىتەكلەر ياقا . قىزلار يىلاندۇركى بىز مىسال پاقا . قانداق ؟ ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ؟ زۇلۇم جاندىن ئۆتتى ، پىچاق سۆڭەككە يەتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوغۇللار ئاخشام كېڭەش قىلىش ئارقىلىق قىزلارغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتۇق . قانداق دەڭ ؟ مانا مۇنداق ، قايسىكى قىز ئۆز ھوقۇقدارىنىڭ ھەيۋىسىنى ئارقا تىرەك قىلىپ بىزگە نوچىلىق قىلىدىكەن ، قىز بالا دەپ ئاياپ ئولتۇرماي يەتكۈچە دۇمبالايمىز . ھەرقانداق ئاقىۋەتكە ئەلۋەتتە سىز مەسئۇل .
نېمە ئۈچۈن ؟ ھە ؟ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ بىزنىڭ سىنىپتا سىنىپ باشلىقى بولغۇدەك ئوغۇل بالا يوقمىكەن ؟ دەپتىكەن دەرسىز ، مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە قايسىكى ئوغۇل بالىغا سىنىپنى تاشلاپ بەرسىڭىز گۈلدەك تۇتۇپ كېتەلەيدۇ . ئۆتەپ - تېشىپ ئەمدى قىز خەقنىڭ قولىغا قالدۇقمۇ ؟ بۇ بىر ھاقارەت ، بەلكى ئېغىر ھاقارەت . سىز ۋە جۈملىدىن 11 - يىللىق 5 - سىنىپتىكى 23 نەپەر سوقا سەندەلدەك ، يىگەن - ئىچكەندەك مەرد ئەركەكلەرنىڭ يۈزىگە سۈركەلگەن قارا . بىز قارا يۈز بولدۇقمۇ ئەمدى ؟
قىزلار تويۇقسىز ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى . توغرا ، ئۇلار ئېشىۋالدى . ئەمەل ئۆلۈكنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ . گۈلنەزەرمۇ بېشىغا ئەمەلنىڭ تاجىنى كىيۋېلىپلا ئوغۇللارنى كۆزگە ئىلماس بولۇۋالدى . قىزلارنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇق ۋە ئۆكتەملىكلىرىنى باشتا چاقچاق دەپ چۈشەنگەن ئىدۇق . بىراق بىز خاتالىشىپتىمىز . ئۇلار تېخى باشقا سىنىپتىكىلەرگە ماختىنىپ يۈرگىدەك . ئەجەب يامان نېمىكەن قىز بالا دېگەن . ئادەمنى تىللايدىكەن . زەھەردەك گەپلىرى بىلەن چېقىۋالىدىكەن . ئۇرۇپ قويسا نامەردلىك بولىدۇ ، تەڭ تىللاشسا تېخى سەت تۇرىدۇ . قانداق قىلىمىز ؟ گاس - گاچا بولۇۋالىمىز ، ئاقساق - چولاق بولۇۋالىمىز . يېقىندا بىر دوستۇم ئاجايىپ كاتتا ئامالدىن بىرنى ئويلاپ چىققانىكەن ئەمىلىلەشتۈرۈپ باقتۇق . ئەمما ، ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىدى . قانداق ئىش دەمسىز ؟ قانداق ئىشتى ؟ مەجۈن يەۋالىدىغان ئىش . مۇشۇ مەجۈن دېگەنمۇ قالتىس نەرسىكەن قاراڭ . قوناقتەك يەۋالسىلا ئەۋلىياغا ئايلىنىدىغان ئىشكەن . راست ، سىزنى ئالدىمىدىم . قايسى كۈنى ئازراق يەۋىلىپ قايناق سۇنى بولۇشىغا ئىچكەنتىم بېشىم كۆككە يەتتى . قۇلاق تۈۋىمدە شامال چىقىۋاتىدۇ . نېمە ئىشتۇ دەپ قارىسام بولۇتلارنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈپ كىتىۋاتقۇدەكمەن . كۈپكۈندۈزدىلا يۇلتۇز كۆرگىنىمچۇ تېخى . شۇنىڭغا قاراپ ئەۋلىيالىق مەقامىغا يەتكەن ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدىم . شۇ ئەمەسمۇ ؟ قىزلارنىڭ سېسىق گەپلىرى ۋە بىھايا قىلىقلىرىدىن قۇتۇلسا مۇشۇنداق ئەۋلىيا بولىدىغان ئىشكەن .
ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنىمۇ ئاڭقىىرالماي كۈننى كەچ قىلىپ ياتاققا كەپتىمز . بىر ۋاقىتتا ئۇخلاپ ئويغاندىممكىن تاڭ ، كۆزۈمنى ئاچسام باشقا بىر ياتاقتا يېتىپتىمەن . دوستلارنى ئىزدەپ - ئارىلاپ پاختا تەرگەندەك تىرىپ چىقتىم . قىزىق يېرى ئۇلارنىڭ يۈزى كۈپتەك ئىششىپ ، ئاجايىپ ئىسكەتكە كىرىپ قاپتۇ . شۇنداق قاتتىق كۈلۈپتىمەن . ئۇلارمۇ ماڭا قاراپ كۈلىدۇ . ئەينەككە قارىسام ئۇلاردىن بەتتەرراق ھالغا چۈشۈپ قاپتىمەن . يۈزۈمنى سىلىسام شۇنداق سىلىق بولۇپ كېتىپتۇ . قولۇمغا مايلىق بىر نەرسىلەر ئورۇنغاندەك قىلىۋىدى ، پۇراپ باقسام ساپلا قىزلارنىڭ قولىغا سۇۋايدىغان قول مېيى ئىكەن . باشقا دوستلارنىڭمۇ ھەم شۇنداق . دەرغەزەب بولدۇقتە ، بۆرىدەك ھۇۋلاپ نەرە تارتقىنىمىزچە سىرتقا تاشلاندۇق . شۇنچە قېدىرىپمۇ ئۇلارنى ھېچيەردىن تاپالمىدۇق . ئەسلى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياتاقلىرىغا مۆكۈۋېلىشقان ئىكەن .
مانا قاراڭ ، ئۇلارنىڭ ھازىر توپلىشىپ گۇروھۋازلىق قىلىشىپ كەتكىنىنى . جىدەل مۇشۇنداق تەرەققى قىلىشقا باشلىدى . ئەتىسى سۈرلۈك ھالدا گۈس - گۈس قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىردىمدە ، نەخ ئالدىمغا ئۇچراپ قالغان ئادىلەنىڭ ياقىسىدىن ئالدىم .
- ھۇ پاسكىنا ! كەيىپلىكتە بىزنى ئەخمەق قىلىشىپسەنا !
- پاسكىنا ؟ مېنى پاسكىنا دەۋاتامسەن ھوي لەقۋا ، قاراپ باقە ئۆزۈڭگە ، كىم پاسكىنىكەن ؟ سەت قاسماق !
- ئوچۇقتىن ئوچۇق قىلىنغان بۇ ھاقارەتلەر ئەرلىك غورۇرۇمغا ئۇدۇل بېرىپ تەسىر قىلدى دە ، قەلب دېڭىزىمنى لەززىگە سېلىپ قاتتىق دولقۇنلىتىۋەتتى .
- ئانناڭنى رەسۋا ! ،- شۇنداق دېگىنىمنى بىلىمەن ، چاڭڭىدە بىر ئاۋاز چىقتى . ئويلاپ باقسام ئېيىق تاپىنىدەك ئوڭ ئالقىنىم ئۇنىڭ سول مەڭزىگە قاپقارا بەش بارماقنىڭ ئىزىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ . توۋا دەپ قالدىم . باشقا بىر رەڭدىمۇ ئەمەس دەل قارا بولۇپ قالغىنى نېمىسى ؟ قانداق قارا دېمەمسىز ؟ قازاننىڭ قارىسىدەك قارا. مېنىڭ قولۇم شۇنچىۋالا قارىمىدۇ ؟ تېخى ئەتتىگەندىلا يۈزۈم بىلەن قوشۇپ يۇيغىنىم ئىنىق ئىسىمدە تۇرسا ، قاراپ تۇرۇپ پاسكىنا مەن بولدۇممۇ ئەمدى ؟ قورقۇپ كەتتىمدە قولۇمنى قولتۇقۇمغا تىقىۋالدىم . ئاندىن كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرغان ئادىلەگە قاراپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قېلىنلىق بىلەن ھىجايدىم .
- مېنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ پاسكىنا ؟ ،- ئۇنىڭ شۇنداق دېگىنىنى بىلىمەن ، چاڭڭىدە بىر ئاۋاز چىقتى . چاقماق سوقىۋەتتىمىكىن دەپتىمەن . ئەسلىدە ئادىلەنىڭ شاپىلىقى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ ئاچچىقتىن يېرىلاي دېدىم . نېمە خورلۇق بۇ ماڭا ؟ سىنىپقا باشقا ئوغۇللاردىن بالدۇر كىلىۋالغاندىكىن ماڭىمۇ خوپ بولدى تازا . ئۇنىڭ بىلەن يەنە سوقۇشسام ئاقىۋىتىنىڭ ئۇنچە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاستا تازلىق ئۆيىگە قاراپ تىكىۋەتتىم .
- ئەجەب ئىش ھە ؟ ،- دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە ،- قولۇم شۇنچىۋالا قارىمۇ مېنىڭ ؟ بىلىپ - بىلمەي بىرەر قارا نەرسىنى تۇتۇپ سالدىممۇ يا ؟
قولۇمنى قولتۇقۇمدىن ئاۋايلاپقىنا سوغۇردۇم ، ئەندىككەندەك ئالقىنىمغا قارىدىم . نەدىكىنى ؟ ئالقىنىم ئەتتىگەنكىدىنمۇ ئاق تۇرىدۇ . ئاق بولغاندىمۇ سۈتتەك ئاپئاق . سول قولۇمدىنمۇ ئاقىرىپ كەتكەن بۇ ئوڭ قولۇمنى سول قولۇم بىلەن سىلاپ بېقىۋىدىم ناھايىتىمۇ مايلاش تۇيۇلدى . پۇراپ باقسام ئەسلى قىزلارنىڭ يۈز مېيى ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
ئەخمەق بوپتىمەندە . ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى ، قولۇمنى يۇيۇۋاتقاچ ئالدىمدىكى ئەينەككە قارىسام مېنىڭمۇ يۈزۈمگە قاپقارا بەش بارماقنىڭ ئىزى چۈشۈپ قاپتۇ .
- ھىم ، ئەسلى مۇنداقكەندە ، ھەقىقى پاسكىنا سەنكەنسە ،- دېدىم .
قايتىدىن جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتتۈمدە ، سىنىپقا بوراندەك ئۈسۈپ كىردىم . ئەييۇھانناس ! نەدىن كەلدى بۇ كاساپەتلەر ؟ قىزلارنىڭ ھەممىسى قوللىرىغا سۈپۈرگە ، چىلەكلەرنى ئېلىپ ئوغۇللارنى ساقلاۋاتقانىكەن . قاراملىق بىلەن يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قالغىنىمنى ھېس قىلدىمدە ، پارتلا قاچتىم .....
مۇشۇنداق ئىش مۇئەللىم ، قىز بالا دېسە ھازىر كۆزۈمگە ئالۋاستى كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى . ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزۇلۇشقا باشلىدى . غورا ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ دېگەندەك يۇۋاش قىزلارمۇ تۇرۇپلا قىلىق چىقارغىلى تۇردى . بىلىسىزغۇ ؟ ئى پەرىدەنى . شۇنداق ئېسىل قىز بالىتى . كەڭ - كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ ، ياغلىقىنى چىرايلىق چىگىپ ماڭغىنىنى كۆرسەم بىر خىل مەستلىكىم كىلىپ كېتەتتى . دىققەت قىلغانسىز ؟ يېقىننىڭياقى ئۇ بىچارە ھېسىپتەك ئىشتانلارنى كىيىۋېلىپ ، قەدەمنىمۇ قىينلىپ دېگۈدەك ئارانلا بىر غېرىچ ئالالايدىغان بولۇپ قاپتۇ . سىرتتىغۇ شۇنداق قىلسۇن بوپتۇ ، مەكتەپتىمۇ شۇنداق قىلامدۇ دەيمەن ؟ مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىشتىنىنى تارلاشتۇرۇپ ، پۇچقىقىنى ئاياغنىڭ بوغقۇچى بىلەن بوغۇپ ، بەئەينى 8 - ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرى گوجەي يۆگىگەندەك قىلىۋاپتۇ . پەرىدە شۇنداق قىلغان يەردە باشقىلىرى قانداق قىلماقچىدى دەيسىز ؟ سىزمۇ بولمايدىغان ئادەمكەنسىز . شۇنچە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان .
بىز ئوغۇللار ھازىر پارتلاي دەپ قالغان بومبىغا ئايلىنىپ قالدۇق . ئەمدى چىدىمىدۇق . ئۇلارنى زادى پومىداقلاپ ئاپىرىپ پاتقاق گازى كۆلچىكىگە خام ئەشيا قىلىپ تاشلىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتۇق . سىزمۇ ئەمدى ئېھتىيات قىلىڭ . يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ دەيدىغان گەپ بار . ھەر قانچە قىلساقمۇ بىز ئوغۇللار قىزلارنىڭ بۇنداق بىھايا بولۇپ كېتىشىگە كۆز يۇمۇپ تۇرالمايمىز . نېمە ئۇ ؟ بىر يەردە چاپاننى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىپ كىيىدىغان ئىش بارمىكەن ؟ ئۇلار بىزگە نېمىسىنى كۆز - كۆز قىلماقچى ؟ ئەمدى بىز قىزلارنى باستۇرىمىز ، ئۇلارنى ئېزىمىز ، ئىلگىركى ئادەم قېلىپىغا سالىمىز . قايسى بىرى غىڭ قىلىدىكەن ئۆزىنى دوزىخى ۋەيلۇندا كۆرسۇن !
ھە راست ! بايا بىر ئىشنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . سىنىپ باشلىقى چوقۇم ئوغۇل بالا بولۇشى كېرەك . بولمىسا قىزلار تاپتىن چىقىدىكەن . سىزمۇ بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئالمايلا ئۆزىڭىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپسىز ، بىزمۇ دەسسەيمىز . ياقۇپنىڭ بېشىدىكى ھۈررەكلەر تېخى جىمىققىنى يوق . نېمە ھۈررەك ؟ ھېلىقى ئاشخانىدا گۆش تالىشىپ گۈلنىسا تەرىپىدىن چۆمۈچ بىلەن بېشىغا يەپ پەيدا بولۇپ قالغان ھۈررەك . گەپنى قىلسام - قىلسام پىغانىم ئۆرلەيدۇ . قىز بالا زادى قىز بالىغا ئوخشىماي قالدى .....
پىكرىمنى ئوبدان ئويلىنپ كۆرۈپ بىر قارار چىقىرىشىڭىزنى پۈتۈن سىنىپ ئوغۇللىرىغا ۋاكالىتەن ئۈمىد قىلىمەن . جاۋابىڭىزنى خەت قىلىپ يېزىڭدە ، سىنىپتىكى ئەخلەت چېلىكىنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇڭ ، بىز ئېلىۋالىمىز .
پەرىشەپ ۋە ۋىجداننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ سىزگە خەت يازغان يارامسىز ئوقۇغۇچىڭىز :xx
**********
گاھ ئاچچىقلىنىپ ، گاھ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغان بۇ خەتكە زادى نېمە دەپ جاۋاب يېزىشنى بىلەلمەيلا قالدىم . بىر ھازا ئويلىنىپ چىقتىمدە ، قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم ، ۋە مۇنۇ قۇرلارنى كىچىك بىر قەغەز پارچىسىغا يېزىپ چىقتىم .
«ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن ئەلنىڭ ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ . سىنىپ باشلىقى ئالماشمايدۇ . مەن ھېلى ئالدىغا ، ھېلى ئارقىغا ماڭىدىغانلاردىن ئەمەس . بۇ ئىشلار پەقەت ئۆزۈڭلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە گۇمانخورلۇقۇڭلاردىن كىلىپ چىققان . قىزلارنى قېلىپقا سېلىش سىلەرنىڭ زىممەڭلاردىكى ۋەزىپە . بىراق ، شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى ، ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى تاك ئىتىپ چىكىشىگە رۇخسەت يوق . بولمايدىكەن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ . تەكلىپىم شۇكى ، ھەقىقى ئوغۇل بالىدەك ياشاپ بېقىڭلار ! قىزلارمۇ قىزلارغا ئوخشايدۇ».
ئېغىر گەۋدەمنى تەستە يۆتكىدىمدە ، خەتنى ئېلىپ چىقىپ ھېلىقى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاپ قويدۇم .
2014 - يىلى 15 - ماي .
خوتەندە يېزىلدى .
|