قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەنئەت – تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

632

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33071
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 23:11:11 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سەنئەت – تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت (2)

يۈسۈپجان ياسىن


   مەلۇمكى، ھەر بىر دەۋرنىڭ قىياپىتى باشقا بولغىنىدەك، ئېھتىياجىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئېستېتىك غايىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال تەبىئىي ھالدا جەمئىيەت ئەزالىرىدا سەنئەتكە نىسبەتەن سەزگۈر بىر پوزىتسىيەنى پەيدا قىلىپ، دەۋرنىڭ سەنئەتتىن كۈتكەن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سەنئەت جەمئىيەتكە، جەمئىيەتمۇ سەنئەتكە تەسىر قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ روھىي قىياپىتى، چۈشەنچىسى ۋە ئىدېئالىدا تەۋرىنىش، ئۆزگىرىش بولىدۇ. بولۇپمۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تار چۈشەنچە، قۇرۇق ئەقىدە، چاكىنا ئارزۇلاردىن ھالقىپ ئورتاق بىر مەقسەت ئەتراپىغا ئويۇشۇشى سەنئەتنىڭ تەسىر كۈچىگە باغلىق. غەربنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى تارىخى ۋە سەنئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىزنىڭ سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى تولۇق چۈشىنىشمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ.
   بىز ماقالىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈكىدە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن رۆنېسانىس ھەرىكىتىنى تىلغا ئالغانىدۇق. بۇ ھەرىكەتنى تىلغا ئېلىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ دەل تارىختىكى ئۆرنەكلەردىن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق سەنئەتنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولى ۋە تەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت مىسال سۈپىتىدە نامىنىلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش بىلەن كۇپايە قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەس. رۆنېسانىس ياۋروپادىن ھالقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسىگە تەسىر قىلغان بىر ھەرىكەت. مىللىي گۈللىنىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەت بۇ ھەرىكەتنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆز ھاياتىغا تەتبىقلىشى لازىم. شۇڭا، بۇ يەردە رۆنېسانىس ھەققىدە بىراز چۈشەنچە بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. 14- ئەسىردە ئىتالىيەدە باشلانغان ۋە ئاستا-ئاستا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئىسپانىيە، ليۇكسېمبۇرىگ قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ ياۋروپانى قاپلىغان بۇ ھەرىكەت ئاۋۋال ئەدەبىيات، رەسىم ۋە ھەيكەلتىراشلىق ساھەسىدىن باشلىنىپ، كېيىن پەلسەپە، ئىلىم-پەن، دىن، ئىقتىساد، سىياسەت، قانۇن قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ، ياۋروپانى يېڭى بىر ئىدىيە ۋە يېڭى بىر مەدەنىيەت دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن. بولۇپمۇ بۇ ھەرىكەتتە سەنئەت ئەسەرلىرى ئىنسان ۋە ئۇنىڭ خاسلىقىنى، دۇنياۋىي ھايات(بۇ دۇنيالىق)نى، ئىنساننىڭ دۇنياۋىي ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە قولغا ئېلىش ئارقىلىق ياۋروپادا ھۇمانىستىك چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ، ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە روھىنى ئازات قىلغان. ئىنسان مەركەز تەلىماتىنى ياۋروپانىڭ ئەدەبىي، ئىلمىي، پىكرىي ھاياتىدىكى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇن ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادا ئارقا-ئارقىدىن رومانتىزم، پەلسەپىدىكى يېڭىلىق، دىنىي ئىسلاھات، مەرىپەتچىلىك، دېموكراتىزم، شەھەرلىشىش،  ئىشخانىلىشىش ۋە سانائەتلىشىش قاتارلىق بۈيۈك ھەرىكەت ۋە ئىنقىلاپلار مەيدانغا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەسىرى ئاستىغا ئالغان غەرب مەدەنىيىتى دەۋرى شەكىللەنگەن. رۆنېسانىس ھەرىكىتى ياۋروپادا تەپەككۇر، ئىجادىيەت، ھايات ۋە سانائەتتە پارتلاش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىپ، ياۋروپانىڭ تارىخىنى ئوتتۇرا ئەسىردىن ‹‹يېڭى دەۋر››گە ئېلىپ كىرگەچكە، رۆنېسانىس سەنئىتى ‹‹ئىنقىلاپچىل سەنئەت›› دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. پەلسەپە تارىخىدىمۇ بۇ يېڭى دەۋر رۆنېسانىس ھەرىكىتىگە باغلانغان ھالدا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خاس ناملار بىلەن تەرىپلەندى. يەنى پەلسەپە تارىخچىلىرى 16- ئەسىرنى ‹‹رۆنېسانىس ئەسىرى››، 17- ئەسىرنى ‹‹راتسىيۇنالىزم ئەسىرى››، 18- ئەسىرنى ‹‹مەرىپەتچىلىك ئەسىرى››، 19-ئەسىرنى ‹‹تارىخ ئەسىرى››( يەنە ‹‹ئىدېئولوگىيە ئەسىرى›› دەيدىغان قاراشمۇ بار) دېگەن نام بىلەن خاراكتېرلەندۈردى. دېمەك، ياۋروپا رۆنېسانىس ھەرىكىتى ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتى دەۋرىگە كىردى. بۇ دەۋردە جەمئىيەتتە ئەقىلچىللىك، يېڭى ئىدىيە، ئىسلاھات، ئىنقىلاپ، كەشپىيات، سانائەت ۋە مىللىي دۆلەتلەر مەيدانغا كېلىپ، ياۋروپانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، تەرەققىيات قەدىمى تېزلەشتى، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر كۈچكە ئېرىشتى. بۇ دەۋرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا ئىنساننى مەركەز قىلىش، ئەقىل ۋە بىلىمگە مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. مانا بۇ يېڭىلىق، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارغا ئاساس سالغان ئامىل دەل سەنئەتتۇر.
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ياۋروپا سەنئەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئويغىنىشقا، ئۆزىنى تونۇشقا ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان مەزگىلدە شەرق دۇنياسىدا، بولۇپمۇ  مۇسۇلمان ئەللىرىدە سەنئەت تار چۈشەنچىلەر ئىچىگە قاپسىلىشقا، تەقلىتچىلىككە، تېما تەكرارلىقىغا يۈزلەندى، رەسىم ۋە ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق بەزى ساھەلەر بولسا قارشىلىققا، چەكلەشكە دۇچ كەلدى. نەتىجىدە بۇ دەۋردە شەرقتە سەنئەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئايرىم ساھەلىرىدە بەزىدە قىسقا مەزگىللىك،  ئەمما خېلى گەۋدىلىك بولغان خۇسۇسىي پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن سەنئەت ياكى ئىلىم - پەن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق مەشغۇلاتى بولۇشتىن قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ساھەلەر رايون خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ بىر ھاۋزا شەكىللەندۈرەلمىدى. يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھەر خىل قىممەت سىستېمىسىنىڭ جانلىق، ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇتۇلماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگۈرىۋاتقان شارائىتقا قاراپ شەرھلەنمەسلىكى، شۇنىڭدەك بىكىنمە شارائىت، ئىچكى مالىمانچىلىق، تەبىئىي ئىگىلىككە باغلىنىپ ياشاش ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى قالاقلىق  قاتارلىق ئامىللارمۇ سەنئەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ جانلىنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ خىل ۋەزىيەت مەيلى سەنئەت جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئىلىم – پەن ۋە باشقا جەھەتلەردە بولسۇن غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا 500 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپە پەرقى پەيدا قىلدى. پەقەت 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن شەرقتە، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئەللىرىدە سەنئەتنىڭ قۇدرىتى قايتىدىن ھېس قىلىنىپ، ئىنسانلار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاۋۋال سەنئەت پائالىيەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان بىر باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، تۈركىيەدىن باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە سەنئەت يەنىلا خاتا دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ، خۇسۇسىي خاھىشلارنىڭ يەكلىشى ۋە چەكلىشىگە ئۇچراپ، سەنئەتنىڭ ئەركىن ۋە تەبىئىي تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى، ئىنساننىڭ روھىنى ۋە ئەقلىنى ئازاد قىلىش ئىقتىدارى بوغۇلۇپ كەلمەكتە.
    بۇ يەرگە قەدەر سۆزلەنگەن بايانلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، سەنئەت تەبىئەت ياكى ھاياتنىڭ ئەينى شەكىلدىلا تەسۋىرلىنىشى ئەمەس. ئۇ، سەنئەتكارنىڭ تۇيغۇ، چۈشەنچە، كۆزىتىش ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق يېڭى بىر شەكىل ئېلىشىدۇر. بۇ يېڭى شەكىلنىڭ مەقسىتى پەقەت گۈزەللىك، چوڭقۇرلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق ئويغىتىشتىن ئىبارەت. سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىمۇ دەل ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىشتۇر. سەنئەت تۇيغۇ، زوق، چۈشەنچە، ئىستەك ۋە ئىنسانغا تەسىر قىلغان ھەر خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن بىر روھىي پائالىيەت بولغاچقا، ئۇ ئىنساننىڭ روھىنى ئويغىتىپ، ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشىغا ۋە ئىجادىيلىق ئالاھىدىلىكىنى كۈچەيتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ، بولۇپمۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئېستېتىك چۈشەنچىسىنى، يەنى گۈزەللىك پەلسەپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكنى جانلىق ھالەتتە تۇتىدۇ. ئىنساننى جەمئىيەتكە ۋە تەبىئەتكە پايدىلىق ئادەم قىلىشقا تىرىشىدۇ. زېھنىي ۋە روھىي سەزگۈرلۈكنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سەنئەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى ئەسلىدە جەمئىيەتنى ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان پۈتكۈل شەخسلەرنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ھالغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، ئىنساننىڭ روھىي تەرىپىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. قىسقىسى، ئەخلاقتا يۈكسەلگەن ۋە ساغلام بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغان مىللەت ئەسلىدە سەنئەتتە يۈكسەلگەن مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
   سەنئەت ئىنساندا ھاياجان ۋە ئېستېتىك زوق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاچقا، ئۇ ھاياتنى جانلىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولۇشىغا ۋاسىتە بولىدۇ. مەسىلەن، بىر پارچە رەسىم ئىنساننى خاتىرىلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۇنىڭ خىيالىنى جانلاندۇرالايدۇ. بىر پارچە شېئىر ئىنساننىڭ ھەر خىل تۇيغۇسىنى قوزغىغاندىن سىرت، يەنە ئىنساننى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتكە باشلىيالايدۇ. بىر ناخشا ياكى بىر مۇزىكا ئىنساننىڭ ئىستەكلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە يەنە سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىنساننى ھوزۇرلاندۇرۇپ، تەسكىن تاپقۇزىدۇ. بىر بۈيۈك شەخسنىڭ ھەيكىلى ئىنسانغا تارىخنى ياكى ئۇلۇغ بىر روھنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ شەرەپ ئېڭىنى ئويغىتىدۇ. دېمەك، سەنئەت ئىنساننى ھاياتقا باغلاپ، ھاياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئىنساننى ئۆزى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ، سەنئەتكار ۋە جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەت تورى قۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، سەنئەت ئىنساننى ۋە جەمئىيەتنى تەمكىنلەشتۈرىدۇ، تاكاممۇللاشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئەزالىرىدا ھۇمانىستىك  چۈشەنچىلەرنى يارىتىدۇ، ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پىكىر  ۋە غايە بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئۇنىڭ روھىي قۇدرىتى سەنئەتتىن، ئەقلىي قۇدرىتى ئىلمىي چۈشەنچىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. سەنئەت ئۆز قانۇنىيىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن تەبىئىي ۋە ئەركىن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئۇنىڭ كۈچى ئاشۇ نەتىجىنى يارىتىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.
   ئەلۋەتتە، سەنئەتتىمۇ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق بولۇشى كېرەك. لېكىن، تەرەققىيات ياكى يېڭىلىق سەنئەتكارلارنىڭ سەپ ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كېچىش ۋە باشقىلارنىڭكىنى تەقلىت قىلىش شەكلىدە ئەمەس، بەلكى سەنئەتكارلارنىڭ مىللىي زوق بىلەن دەۋرنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنى، خەلق سەنئىتى بىلەن دەۋرنىڭ سەنئەت شەكىللىرىنى، ئېستېتىك غايە بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەم مىللىي ھەم ئىنسانىي تېمىلارنى قولغا ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى، يەنى سەنئەت زوقى مىللەتنىڭ تۇيغۇسىدىن، سەنئەت چۈشەنچىسى دۇنيا سەنئىتىدىن ئېلىنىشى كېرەك. سەنئەتتە تۇيغۇ بىلەن چۈشەنچە بىر - بىرىگە ماس كەلگەندە  ھەقىقىي ‹‹مىللىي سەنئەت›› مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە سەنئەت تارىخى، سەنئەت پەلسەپىسى، سەنئەت پىسخولوگىيەسى ۋە سەنئەت سوتسىيالوگىيەسى قاتارلىق پەنلەر ئارقىلىق سەنئەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا، سەنئەتكار بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا سەنئەت پىكرى ھاسىل قىلىپ، سەنئەت ھاياتنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان مۇھىت يارىتىش كېرەك. شۇنىمۇ  ئېيتىش كېرەككى، ھەر قانداق يەردە سەنئەت بىر ۋاسىتە ياكى بىر تاپاۋەت يولىغا، تەقلىتچىلىك مەھسۇلاتى ياكى ئىدېئولوگىيەنىڭ ئاۋازىغا ئايلىنىپ قالسا، ياكى مەلۇم بىر كۇچنىڭ ئىرادىسىگە بېقىندۇرۇلسا سەنئەت خاراكتېرسىزلىشىدۇ، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ، پالەچ ھالغا چۈشىدۇ. بۇنداق سەنئەت ‹‹ساختا سەنئەت›› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹‹ساختا سەنئەت›› مەۋجۇت بولغان جەمئىيەتتە روھىي تەۋرىنىش، پىكىر مالىمانچىلىقى، غايىسىزلىق، پەرۋاسىزلىق، شەخسىيەتچىلىك، كۆرەڭلىك، ئەخلاقىي سەتچىلىك، قۇرۇق ئەقىدە، ساختا دىندارلىق ۋە ماددىي بايلىققا چوقۇنۇشتەك نۇرغۇن يامان ئامىللار يامراپ، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىك تەرەققىياتلارمۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ پايدىسىدىن بەكرەك زېيىنى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. غەرب مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ۋە مائارىپ پروگراممىسىدا ئىنساننىڭ تۇيغۇسىغا ئاۋۋال سەنئەتنى سىڭدۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىش كېرەك دېگەن قاراش ئىزچىل تەكىتلىنىدۇ. ئۇلار سەنئەت تەربىيەسى ئالمىغان ئىنسان ھاياتتا زوراۋان شەخسكە ئايلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ مائارىپىدا سەنئەتتىن ئايرىۋىتېلگەن ئوقۇتۇش ئەندىزى يوق، ھەتتا ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرىدىمۇ سەنئەت دەرسلىرى بار. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرىدە تولستوي، دوستوۋېسكىي ۋە كافكا قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى دەرسلىك پروگراممسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي، مەدەنىي، زامانىۋىي ۋە تىنچ بىر جەمئىيەت يارىتىشتا سەنئەتنىڭ كۈچلۈك مەنىۋىي ئۇل سالىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ئىلمىي يەكۇنىدۇر.  
    سەنئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىرىشىدە سەنئەت مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينىغان. بەزىدە سەنئەت جاھىل گۇرۇھلارنىڭ چەكلىشىگە ۋە زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،  مىللەتنىڭ گۈزەللىك زوقى، ھاياتقا بولغان مۇھاببىتى ۋە تۇرمۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلارنى سەنئەتكە تېخىمۇ  يېقىندىن باغلىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپ تۇيغۇسى، ھەقىقىي روھى، مەدەنىيەت ئېڭى، مىللىي پەلسەپىسى ۋە ھاياتلىق غايىسىنى ئەڭ ياخشى ساقلاپ، ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى بىر بىرىگە چىڭ باغلىغان. مەسىلەن، تۈركىيەلىك ئالىم ئانىل چەچەن ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹تىياتىر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلاردا مۇزىكىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ‹ئون ئىككى مۇقام›ى بار. بۇ ‹ئون ئىككى مۇقام›نىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، جەمئىيەت ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش شەكىللىرىنى، بېشىدىن ئۆتكەن تۈرلۈك تارىخىي دەۋرلىرىنى ئۆزىگە جۇغلىغانلىقىدۇر.››(‹‹تۈرك دۆلەتلىرى››، تۈركچە، 173-بەت، 2007-يىلى، ئەنقەرە، فارك نەشرىياتى) دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆز سەنئىتىدىن ئۆزىنى، تارىخىنى، يىلتىزىنى، روھىنى تاپالايدۇ. ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى مەسىلىسى ئايرىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولغاچقا، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز. قىسقىسى، ئىنسان ھەم ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتكە مەنسۇپ ماددىي دۇنيا ئىچىدە، ھەم ئۆزگىرىشچان، تۇيغۇ ۋە ئىستەكلەرگە تولغان مەنىۋىي دۇنيا ئىچىدە ياشايدۇ. ئىنسان بۇ ئىككى دۇنياغا ماسلىشىش ئۈچۈن ھەم سەنئەتكە مۇھتاج، ھەم پەنگە مۇھتاج. فىرانسىيەلىك ھەربىي قوماندان ۋە ئىمپېراتور ناپولىيۇن بۇنى ‹‹ئىنسانغا ھەم شېئىر كېرەك، ھەم ماتېماتىكا كېرەك›› دېگەن سۆز بىلەن ياخشى خۇلاسىلىگەن.


(مەنبەسى : ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››، 2014- يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانى )

10

تېما

14

دوست

8016

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2378
توردىكى ۋاقتى: 605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:01:09 |ئايرىم كۆرۈش
دۆلەتنىڭ  بىخەتەرلىكى ھەم  بارچە خەلىقنىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكى  ئۈچۈن  ھازىرقى  دىھقانلارنىڭ ۋە  سودىگەر ..لەرنىڭ  ئومۇمىيۈزلۈك  ‹مەجبۇرى مەشرەپ › ئوينىشى يىتەرلىك  ئەمەس  ،   دۆلىتىمىزنىڭ  مۇتلەق  بىخەتەرلىكى  ئۈچۈن   بارلىق  ئىشچى  خىزمەتچىلەرمۇ  خىزمەتلىرىنى  توختۇتۇپ  ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار  ئوقۇ -ئوقۇتۇشنى  توختۇتۇپ ....‹مەجبۇرى مەشرەپ›  ئويناپ  دۆلەتنىڭ  بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چوقۇم  بىر كىشىلىك  ھەسسىنى  قوشۇش  كىرەك.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

26

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 4080
توردىكى ۋاقتى: 1575
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 10:00:44 |ئايرىم كۆرۈش
  سەنئەت ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما بەك ئاشۇرۋەتىشكىمۇ بولمايدۇ. تىمىدا ئېيتىلغاندەك قوزغاتقۇچلۇق رولىمۇ ئۇيغۇر سەنئىتىدە يوقمۇ ئەمەس، دەسلەپتە تاركۇچىنىڭ ئىگىسى مىرزات ئالىم ئاكا ئېيتقان ‹‹باشقىلار ئۇچتى، ئاي ۋە يۇلتۇزغا. بىزدىكى غەم بۈگۈن، توي بىلەن داستان.›› مۇشۇ ناخشا بارغۇ، ھەقىقەتەن مەزمون-تۇراقى بار. ئەمما مەرھومنىڭ ناخشىلېرىنى تۇلا ئاڭلىمايدىغان بۇلۇپ، زامانغا لايىقلىشىپ ‹‹خىيالىمدا سەن، نەگىلا قارىسام سەن كۆرۈنۋاتىسەن، ئالاي دىسەم تەگمەيسەن،كىمگە تەگسەڭ تىگىدىغانغا، تىگىپ قويساڭ بولمامدۇ›› دىگەندەك مەزمونىنىڭ تايىنى يوق ناخشىلار بازار تىپىۋاتىدۇ. قىنى بىزنىڭ گىنرال دەرىجىلىك ناخشىچىلېرىمىز؟...


رىئاللىقىمىزدا ‹‹ناخشا-مۇزىكا دىگەننى ئاڭلىسام قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ›› دىگەنلەرنى ئۇچرىتىپ قالىمىز،  يەنە بەزىدە ‹‹مۇزىكىنى ئاڭلىسىلا ئادەم بار-يوق دىمەي ،سورۇن تاللىماي ئۇسولغا چۈشۈپ›› كىتىدىغانلارنىمۇ كۆرۈپ قالىمىز. يۇقارقى ئىككى خىلنىڭ ھەر ئىككىسىلا بىنورمال ھالەتكە كىرىدۇ.
  مەھەللىلەردە سەنئەت پائالىيەتلېرىنى ئېپ بېرىپ تۇرۇش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش، ئەمما لايىقىدا بولسۇن، ھاشارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن. بېيجىڭدىمۇ ھەر قايسى كۇچىلاردا ياڭگىر ئوينايدۇ، ئەمما خەق كۆرىمەن دەپ توپلىشىۋالمايدۇ، يا توپلىشىپ ياڭگىر كۆرۈشكە زورلىمايدۇ، شۇ خەلىق سەنئەتكارلېرىمۇ پەرۋاسىز شۇنداق جان-جەھلى بىلەن ئويناپ كىتىدۇ. جاڭ دىگەن بىرنىمىنى چالىدىغان كىشىنىڭ ئىككى مىس تەخسىسىنى قۇلىغا چىڭ باغلاپ چىشلېرىنى كىرىشتۈرۈپ كۆزىنى يۇمۇپ كىرىپلا كىتىشى...
  بېغىڭىزدا بىر ئالما يەرگە چۈشۈپ تۇپا بولسىمۇ ئىلىپ يۇيۇپ يەيسىز، ئەمما ھاجەتخانا ياكى يۇندىغا چۈشسىچۇ؟...
  دىمەك نورمال ھالەتنى ساقلاشقا دەققەت قىلمىساق، باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن سەنئىتىمىزنىڭ سۈپىتىگە دىققەت قىلمىساق ناخشا-مۇزىكا دىگەننى ئاڭلىسا قۇلىقىغا مۇش بۇلىدىغانلار كۈپىيىپ كەتمىسۇن.

0

تېما

0

دوست

455

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 10:20:31 |ئايرىم كۆرۈش
سەنئەت سەنئەت دەپ يۇرگۇچە بۇ يىل كىتاپئۇقۇش يىلى شۇڭا بىز ما كىتاپنى ئۇقۇيلى يىڭى نەشىردىن چىقىپتۇ بۇ كىتاپ ياخشى كىتاپ بىر ئۇقۇپ بېقىڭلار دەپ تەۋسىيە قىلساڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟
سەنئەت دىگەن ئون ئادەم بولسا ئىككسى ئويناپ قالغان سەككىز ئادەمنى بىكارچى قىلىدىغان ئىش شۇڭا پايدىلىق تېما يوللاڭلار

0

تېما

0

دوست

1107

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:27:44 |ئايرىم كۆرۈش
سەنئەت  بولمىسا بولمايدۇ،بىراق  چەكتىن  ئېشىپ  كەتمەسلىگى  كېرەك،پەقەت  ئىلىم-پەنگە  تايانغاندىلا  دۇنيانىڭ  ئالدىدا  ماڭغىلى  بۇلىدۇ،  خۇددى  يەھۇدىلاردەك،،،،،،بىزدىنمۇ  قاچان  نوبىل  مۇكاپاتىغا  ئىرىشىدىغانلار  چىقار.

0

تېما

0

دوست

1107

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:29:18 |ئايرىم كۆرۈش
بىزدىنمۇ  قاچان  نوبىلمۇكاپاتىغا  ئىرىشىدىغانلار  چىقار.

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1460
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:43:48 |ئايرىم كۆرۈش
سەنئەت ھەققىدە ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بارلىق مەينەت-چاكىنا سەپسەتىلەر يۈسۈپچان ياسىن ئاكىمىزنىڭ بۇ ماقالىسىدىن كېيىن جايىنى تېپىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

5

تېما

0

دوست

902

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 12:00:00 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجداتلىرىمىز ئىسلامغا كىرگەندە مىللىي ئەنئەنە بىلەن دىننىي ئەقىدىينى مۇرەسسلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان. شۇڭلاشقا شىجاڭ دىيارىدا مەسچىتنىڭ ئەزان ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇل مەشرەپلىرى، ئىككى دىننىي ھىيت بىلەن ئەنئىۋىي نورۇز بايايراملىرى تەڭ داۋاملىشىپ كەلگەن. بولۇپمۇ مىڭ يىللىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە شىئرىيتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مىللىي سەنئەتنىڭ تەرەققىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگىمۇ زور ھەسسسە قوشۇپ كەلدى. لىكىن ناخشا-ئۇسۇل تىپىدىكى سەنئەت بەھرە ئىلىش خارەكتىرىدىكى پائالىيەت بولۇپ،  پەن-تىخنىكا، ئىقدىسادى تەرەققى قىلمىغان مىللەتنىڭ ناخشا-ئۇسۇلنى بىرتەرەپلىمە تەققى قىلدۇرماقچى بولغىنى، شۇنداقلا شۇنىڭغا سىلىنغان سىلىنمىنىڭ ئاشۇرلۇپ بىرىشى ئەخمىقانىلىق. شۇنىڭدەك جەمىيتىمىزدىكى ئارتۇقچە سەنئەت قاناللىرىنىڭ كۆپ بولىشى، تەشۋىقاتنىڭ گەۋدىلىك بولۇپ كىتىشى، تولۇقسىز، تولۇقتىكى دەسلەپكى دۇنياقارشى ۋە كىشلىك تۇرمۇش قارشى شەكىللىنىۋاتقان ئەۋلاتلارغا بەزى سەلبى تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىۋاتقانلىقىغىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىگە نىسبەتەن ئىيتقاندا ناخشا-ئۇسۇلغا سىلىنغان مەبلەغنىڭ 3دىن2قىسمى ئارتۇقچە دەپ قارايمەن،.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )