- تىزىملاتقان
- 2014-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1145
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
14.5%
|
سۈرە ئەنكەبۇت ۋە ئۆمۈچۈك (مۇھاكىمىلىق نەسر) ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
ئۇزۇنلۇقى 1 ~ 90 مىللىمېتىرلار ئەتراپىدىكى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق تېنى باش، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلمىدىن تەركىب تاپقان ۋە ئۆزى دېڭىز يۈزىدىن تەقرىبەن 5000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدىغان بولۇپ، ئانتاركتىكا قىتئەسىدىن بۆلەك قۇرۇقلۇقلارنى ئاساسەن ئۆزلىرىگە ماكان ئەتكەن، قاناتسىز ۋە بۇرۇتچە، مۈڭگۈز، ئانتېناب قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىسىز، كۆپچىلىكىنىڭ باش كۆكرەك قىسمىدا سەككىز كۆزى بار (بەزىلىرىنىڭ 6، 4، 2 دانە كۆزى بار، ھەتتا بىرمۇ كۆزى يوقلار ھەم مەۋجۇت)، ئادەتتە تور قۇرتى، دولقۇنسىمان سىم قۇرتى، يېسسى قۇرت، سەككىز پاچاقلىق قۇرت ۋە ھويلا شاھزادىسى... ۋەھاكازا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بوغۇم پۇتلۇق بىر ھايۋان بار : ئۆمۈچۈك.
ئۆمۈچۈكنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى ___ تور توقۇش. بۇ ھەم ئۇنىڭ ياشىيالىش ۋەجى. بىراق ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار زور ئۈمىدلەرنى ئىستەپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان بۇ قورغانى ئۇلارنى ئۆزىدىن بەدەنلىكرەك ھاشاراتلارنىڭ ئۆسۈپ - سوقۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى، بۇ سىپار بادىسابانىڭ يېنىك يەلپۈنۈشىدىن كۆتۈرۈلگەن ئانچىكى چاڭ - توزانلارنىمۇ توسۇپ قالالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۆزىچە بەسىي «مۇستەھكەم شاخ - شۇمبىلىغان» بۇ پاناھ بېغىدا نۇرغۇنلىغان ھاڭ - يوچۇقلارنى قالدۇرۇپ قويغان. ئاللاھ - تائالا ئۇلارنى شۇ ھالەتتە ياراتتى ۋە بۇنى ئىنسانلارغا ئىبرەت ئەتتى.
ئەينى چاغدا 950 يىل ياشىغان نوھ ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەس قوۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ نوھنى تەرك ئېتىشى ئۆز تۇرارلىقىغا توپان بالاسىنى چىللاپ كەلدى. شۇ قاتارىدا ئىبراھىم لۇت ۋە نەمرۇدقا، شۇئەيب مەديەنگە، مۇسا بەنى ئىسرائىلغا، ھۇد ئادقا ۋە سالىھ سەمۇدقا دېگەندەك بىرمۇنچىلىغان ئادالەت ئەلچىلىرى تېخىچە ھەق نېئمىتىگە ۋاقىپ بولالمىغان بىچارە قوۋمىگە مۇئەككەل سۈپىتىدە ئەۋەتىلدى. ئۇلاردىن لۇت ۋە ئىسرائىل ئەۋلادى ھىدايەت تاپتى ھەم لۇت ئەنبىيالىق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. نەمرۇد بولسا ئىبراھىمنىڭ دەۋىتىگە سەركەشلىك قىلدى، دوكار قارۇن بىلەن «ئىلاھلىق» جارچىسى فىرئەۋن مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
ئاللاھ - تائالا بۇ كەتمىشلەرنى «قۇرئان كەرىم» دىكى مەككىيە سۈرىسى ئەنكەبۇتتا(سۈرە ئۆمۈچۈك) بىر - بىرلەپ ئىزھارلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېچىنارلىق قىسمەتلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھەممەد(س ئە ۋ) كە ئەگىشىش ۋە ئەگەشمەسلىك قىرىدا، سائادەت ۋە جاھالەت پاسىلىدا ئارىسالدى قېلىۋاتقان مەككە - مەدىنە قەبىلىلىرىگە ساۋات ۋە ساۋاق بەرمەك بولۇپ، شۇ سۈرىنىڭ 41 ~ 43 - ئايەتلىرىدە: «ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى)【41】. ئاللاھ ئۇلار ئاللاھنى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر【42】. بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ【43】» دېدى.
يۇقارقى كالامۇللاھتىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئۇنداق تاۋى يېشىرقىغان ماغدۇرسىز ۋە جانسىز «ئىلاھلار» ھەقىقەتنىڭ ياز ۋە ئايازىغا ھېچ چارە قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ مۇنداقلا بىر سىلكىنىپ قويۇشىغىمۇ چىدىيالمايدۇ. بىز بۇ شەجەرىنى ئەسلەۋېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە دەھرىيلىك بايرىقى تۈۋىگە جۇغلىشىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى توك - توك پۇل - مېلى، يا بولمىسا كىچىككىنە ئىششىغان مۇسكۇلى بىلەن ھەتتا جاھانغا پاتماي كۆرەڭلەۋاتقان روھى ئۆلۈك ئەمما ئۆزى تىرىك بەزەن قەغەز نوچىلارغا ئۆكۈنمەي تۇرالمايمىز. ئۇلار تۈرلۈك مەبۇدلاردىن رىزىق ۋە ياردەم تىلەيدۇ. بىراق، مەبۇد قارىلىۋاتقان ئۇ غەلدى - غەشلەر نەتىجىدە ئۇلارنى چەكسىز نائۈمىدتە قويىدۇ. بۇنىسى مۇقەررەر - دە، جاھاندا باتىلنىڭ دەردىگە ھەقتىن ئۆزگە قاياش بارمىدى ئەجەبا؟! ئەمما ئۇ ئەقىلسىزلەر تېگى - تېگىدىن ئەما بولغاچقا، ئۇلۇغلۇقتا ئۆزىگىمۇ يەتمەيدىغان ئاشۇ بىر نەرسىلەرنىڭ نەپسىزلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ھامان جان كۆيدۈرۈپ ئۇلۇغلاۋېرىدۇ.
ئاڭ ۋە نېرۋىلارغا زورمۇزور قاچىلىۋېتىلگەن بۇ ئەقىدە سىستېمىسى ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ ئۆز مۇرتلىرىنى بەرىبىر ھالاكەت كارىزىغا ئىتتىرىۋېتەتتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ روچىۋىنلىكىدىن بىخەۋەر، ئۆزىگە باققاندا تۆۋەن تائىپە ۋە ئۇششاق مەرتىۋىدىكى ياۋاش كىشىلەرگە قىسماق قۇرۇپ، خىيالىچە ناھايىتى «ھەيۋەت» بىلەن ياشايدۇ. قارا قورساقلىق بىلەن تويۇنغان بۇ سەت قىلمىش كىشىگە ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ھاشاراتلارنىلا تۇتۇپ يېيەلەيدىغانلىقىنى، ۋەھەتتا ئۇنىمۇ «ئوغۇل بالا» لىق بىلەن ئۇتتۇردىن كېلىپ ئوۋلاپ ئەمەس، بەلكى يوشۇرۇن زەھەرلەش، ئارقىدىن يانجىپ ئۆلتۈرۈش ۋەياكى ئۇخلاپ قالغاندا قان شوراش قاتارلىق نومۇسسىز «يەر ئاستى» ۋاسىتىلىرىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ. ئۇلار ئۇلۇغ - ئۇششاق ھوقۇق ۋە كوزىرلىرىنى خام - ئەشيا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆمۈچۈكنىڭ تور ئۆيىگە ئوخشاش قارىماققا ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىغان، ئەمما ئۇلى ۋە تىكلىنىشى پىت - پاشىچىلىكمۇ قۇدرەتگە ئىگە ئەمەس ھەپتىرەڭ ھالەتتە قەسىر ياسايدۇ. كوزىر دېگەننى ھەق كارۋانچىلىرى ئارىسىدىن بىرەرسى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئادىلانىلىك يوسۇندا دەۋران سۈرۈشكە ئىشلەتمەمدۇ؟!
بىراق بار ئەھۋال قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەبەدىيەت يىقىلمايدىغاندەك دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس چاغلىشىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇلاردەك دەڭگىرەك بولۇش قەتئىي تەس ئىش ئەمەستى! بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت «تۈلكە ھىيلە - مىكىر قامۇسى» غا سەپسېلىپ قويساقلا كۇپايە ئىدى. ئەمما بىز دۇنيادىن ۋىجدان ۋە غۇرۇرىمىز، ئىمان ۋە ئىنسابىمىز بىلەن چىرايلىق ئۇزاشنى ئارزۇ قىلىمىز.
گەرچە ناھەق ئەھلى ھازىر ئۆمۈچۈككە ئوخشاش ئۆينىڭ تورۇسلىرىدا توردىن سەلتەنەت قۇرۇپ مۇۋەققەت گىدىيىپ ئولتۇرۇۋالغىنى بىلەن، بىر كۈنلىرى ھەقنىڭ غەزەپلەنگەن لەشكەرلىرى كېلىپ يالقۇنلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپلا قويسا، ئۇلار تەختى گۇمران بولغان پادىشاھتەك موللاقلاپ پەگاھقا چۈشۈپ كېتىدۇ - دە، مەڭگۈ قوپالمايدۇ. ئۇلار مۇشۇ خارابلاشقىنىچە ئۇدۇل جەھەننەمنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز قايناقلىقىدىكى زەنجىر - كۇلالىرىغا باغلىنىپ كېتىدۇ.
ھەيھات، «باشباغ كۆتۈرۈلسە تورنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ، تۇتقا تۇتۇلسا تارماقلار يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.» ئازغۇن زامانداشلىرىمىز ئۆزىگە ئۆمۈچۈكچە ياشاشنى قىبلە قىلىۋالغان بولغاچقا، ئۇلار مەڭگۈ ئۇ پەللىگە يېتىپ بارالماي، ئۆمۈچۈكچىلىكمۇ بەخت ۋە ئىقبالغا مۇشەررەپ بولالمىدى. ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلمىسى خېلى مۇرەككەپلىك بىلەن لايىھىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نەپسىنىلا قورشىدى ۋە قوغدىدى. ئۆمۈچۈك ئانتاركتىكا قىتئەسىدىن باشقا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغىنىدەك، شۇ مىسالىدىكى ئەبگارلارمۇ ھەقىقەت قۇرۇقلىقىدىن بۆلەك جىمى جايدا سۇدەك تولىلىقى بىلەن دېڭىز - ئوكيانلارنى ھاسىل قىلدى.
شۇنى مۇھىم بىلىپ ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلىكى، ئۆمۈچۈك بىر ھاشارات، بىز بولساق ئادەم ئەۋلادى. ئۇ ئۆلسە ھېساب يوق، ئەمما بىز ئۆلسەك تۈمەنلىگەن سوئال - سوراقلارغا دۇچ كېلىمىز. شۇڭا ئۇ بىغەم، بىراق بىز ئۇنى كۆرۈپ ھوشسىزلانماسلىقىمىز كېرەك. مەن ئويلايمەن، ئۆمۈچۈك روھى ئىنسانلارنى بۇرۇن ئۇچىدىكى چەكلىك ھالاۋەتكە كۈشكۈرتكۈچى شەيتان. شۇڭلاشقا سېلەرنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، تەلەيلىكىدىن ئاللىقاچان دۇرۇس بىر كوچىغا بۇرىلىپ بولغان كىشىلەر بۇ كوچىدىكى ئۇۋاق چاغلىق جەبرى - جاپالاردىن ئاغرىنىپ، مول ھەشەمەت ئىچىدە بۈگۈنچە كېرىلىپ يېتىۋاتقان شور پىشانىلەرگە ھەۋەسلىنىپ قالماڭلاركى، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋايىغا يەتكەن مۆئمىنلىكىڭلار ۋە ئەدەپلىكىڭلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلارنى ھاياتىڭلارغا ئىنتىلدۈرۈڭلار.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ساماۋى ھەقىقەت ۋە ۋەھىيلەرنى ئىنسانلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت. شۇنىڭدەك، ئېتىقادىغا كېسەل تەگكەن ئۇ ئادەملەر تۇيۇق يولىدىن ۋاقتىدا يانامدۇ - يانمامدۇ، مەنمۇ پەقەت ھەق گەپنى قىلىپلا قويىمەن، خالاس!
2015 - يىلى فېۋرالنىڭ 2 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
|
|