قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1288|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

(خاندولۇق)بىزدىكى بىر تەخىرسىزلىك -شىركەتنى چۈشۈنۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

1460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 15:17:28 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بىزدىكى بىر تەخىرسىزلىك -شىركەتنى چۈشۈنۈش

  نۆۋەتتە جەمىئىتىمىزدە كارخانىچىلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بۇلۇپ،مىللىي كارخانىلار يامغۇردىن كىيىنكى باھار مايسىلىرىدەك بەس-بەس بىلەن مەيدانغا كىلىپ،دۆلەت، جەمىئەت ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قۇشىۋاتىدۇ،نۇرغۇن يىڭىلىقلارنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.شۇنداق دەپ ئىيتىشقا بۇلىدۇكى مىللىي كارخانىچىلىقنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دەۋىرنىڭكىدىن مەيلى سان ،مەيلى كۆلەم-سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن مۇتلەق ئۈستۈن  ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئەھۋال.
   نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا شىركەت-كارخانىلار گاھى ئاۋاتلىشىپ،گاھىدا چۈشكۈنلەشتى.ئەمما ئۇ ھايات قالدى،زورايدى ھەمدە جەمىئەت قان تۇمۇرىغا بىر تامچە-بىر تامچىدىن سىڭىپ كىرىپ،ئاخىر ئۆزىنى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى.شىركەت بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن قۇدىرەتلىك رولىنى نامايان قىلدى.بىر شەخىس ۋە ياكى بىر كوللىكتىپنىڭ ۋە ھەتتاكى بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم مۇددىئاسى بىلەن دەرھاللا زىچ بىرىكەلەيدىغان بۇ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئۆزلۈكسىز يىڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن بىۋاستە ئۆزگۈرۈشلەرنى رۇياپقا چىقاردى.

ئۇنداقتا شىركەت دىگەن زادى قانداق تەشكىلات؟ ئۇ قانداق بارلىققا كەلگەن؟
    تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق شىركەت ئەڭ دەسلەپ ئۇتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى،شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ تىز تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن.ئەمما تارىخىي مەنىدىكى ئەڭ دەسلەپكى شىركەتنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تۇغرا كەلسە ۋاقتىنى تىخىمۇ يىراقلاردىن ئىزدەشكە تۇغرا كىلىدۇ.
شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىقتىسادىي گەۋدە قەدىمكى رىم ئىمپىرىيەسىدە ئاللىقاچان پەيدا بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمكى رىم ئېمپىريىسىنىڭ ئىگەللىگەن زىمىنى غايەت زور بۇلۇپ،ئۇرۇش ئارقىلىق ئىگەللەنگەن غايەت زور زىمىننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن زور مالىيە چىقىمى كىتەتتى.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تارىخىي مەنىدىكى شىركەتلەر پەيدا بولدى.ھۆكۈمەت بىر قىسىم سودىلارنى سودىگەرلەرگە كۈتۈرە بېرىشكە يول قويدى،ھەمدە باج قاتارلىق ئوسوللار ئارقىلىق مەبلەغ يىغىپ ،مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.شۇنداقلا بەزى سودىگەرلەر بىرلىشىپ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى كۆتۈرە ئىلىپ «پاي شەكلىدە»پايدا تەقسىم قىلىشقا باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا شىركەت شەكلىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى.
   مىلادىيە-1ئەسىردە ئىجاد قىلىنغان بىر پارچە قاپارىتما نەقىشتە ،مەلۇم بىر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا،ماياكنىڭ يول باشلىشى ئاستىدا،بىر سودا كېمىسىنىڭ تۇلاجىن پورتىغا ئاستا-ئاستا كىرىپ كىلىۋاتقاندەك ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى بىر مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن ئىدى.دەلىللىنىشىچە،بۇ قاپارىتما نەقىش قەدىمكى رىمدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ۋىۋىسكىسى ئىكەن.بۇ بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈش مۇمكىن بولغان ئەڭ قەدىمكى شىركەت ئوبرازلېرىنىڭ بىرسى بولسا كېرەك.
   ئەمما، رىم ئىمپىريىسىنىڭ ھالاك بۇلۇشىغا ئەگىشىپ،شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى ياخشى ئاينىيدىغان مۇھىتتىن قۇرۇق قىلىپ خاراپلاشتى.ئەمما مۇھىم بولغىنى ،رىم دەۋرىدە تۇرغۇزۇلغان سودا ئەندىزىسىنىڭ ۋە قانونىي پىرىنسىپلارنىڭ كەلگۈسى شىركەتلەر تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك بولدى.
   -15ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە،يىڭى قۇرۇقلۇقنىڭ بايقىلىشى ۋە يىڭى دىڭىز يوللىرىنىڭ ئىچىلىشى يىراق ئوكيان سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.ياۋرۇپالىق سودىگەرلەرنىڭ پائالىيىتى ئۇتتۇرا دىڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلېرىغىچە كىڭەيدى.شەرقى يېرىم شاردىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىسى مىسىلسىز گۈللەندى.بۇنىڭ نەتىجىسىدە چوڭ تىپتىكى سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت تەشكىللەش جىددى بىر ئىھتىياجقا ئايلاندى،شۇنىڭ بىلەن غەربىي ياۋرۇپادىكى سودىغا مايىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئالاھىدە ئىجازەت بېرىلگەن چوڭ سودا شىركەتلىرى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.مەسىلەن ئەنگىلىيەدە 1553- يىلدىن1680-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئىلگىرى -كىيىن بۇلۇپ 49يىراق ئوكيان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت قۇرۇلغان.ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى مەلوم رايوننىڭ سودىسىنى قىلاتتى.18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەسمى ھالدا شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ھەقىقىي مەنىدىكى شىركەت بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلىش يۇلىغا ماڭغان.
    -1673يىلى فىرانسىيە پادىشاھى لويىⅧ(لويى14) «سودا ئىشلىرى نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلدى،بۇ نىزامنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تونجى قىتىم شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى بىكىتتى.19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك نىزامنامە –قانونلارنى ئېلان قىلىپ چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنى شىركەت تەشكىللەشتىكى يىڭى بىر خىل تۈر قىلىپ بىكىتتى ۋە پاي مەسئولىيەت تۈزۈمى،شىركەت مۈلكى ۋە قانونىي ۋەكىل قاتارلىق تۈزۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك قانونلارنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى.بۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى شىركەت بارلىققا كەلدى.
      ياۋرۇپادا شىركەت تەرەققىياتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ جەمىئەت تەرەققىيات قۇرۇلمىسى جىددى ئۆزگىرىش ياساۋاتقاندا بولسا جوڭگو تېخىچە ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ناتۇرال ئىگىلىك ھالىتىدە ئىدى.ئىككى قىتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كىيىن غەرىپلىكلەرنىڭ توپ-زەمبىرەكلېرىنىڭ قۇدىرىتى جوڭگودىكى كاللىسى سەگەك بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۆزى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشقا مەجبور قىلدى.ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان تەيپىڭ تىيەنگو ھەرىكىتىنى ئەجنەبىيلەر بىلەن ئورتاق باستۇرۇپ ،غەرىپنىڭ ئىلغار پەن-تىخنىكىسىنىڭ قۇدىرىتىنى ھىس قىلىپ يەتكەن بىر تۈركۈم ھوقوقدار ۋەزىرلەر «ئەجنەبىيلەردىن ئۈگىنىپ دۆلەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش»شۇئارىنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇپ ھەربىي سانائەتنى مەركەز قىلغان ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىدى.بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا شىركەت كۈكلىيەلەيدىغان مۇھىت بارلىققا كىلىشكە باشلىدى.1872-يىلىغا كەلگەندە مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرويلۇق ۋەزىرى ،شىمالىي دىڭىز قاتناش-سودا ۋەزىرى،جىلىي ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي نازارەتچىسى لىي خۇڭجاڭ شاڭخەيدە «پاراخوت سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى»نى قۇردى،بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى شىركەت شۇنداقلا «ھۆكۈمەت نازارىتىدىكى سودىگەر پايچىكلار تىجارىتى» قىلىدىغان تۇنجى شىركەت ئىدى.
    بۇ خىل «ھۆكۈمەت نازارىتىدىكى سودىگەر پايچىكلار تىجارىتى» ئەندىزىسىدىكى شىركەتلەر ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلۇپ،ئەينى يىللىرىدىكى جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ خاراكتىرىگە ئۇيغۇن ئىدى،سودىگەرلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شىركەت قۇرۇشى 1894-يىلدىكى جۇڭگو-ياپۇنىيە جىياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن باشلانغان.ئىلگىرى ھۆكۈمەت سودىگەرلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەپ كەلگەن،جىياۋۇ يىلدىكى ئۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن كىيىن ياپۇنىيىگە ئوخشاش كىچىك دۆلەتكە يىڭىلىپ قىلىش-ئەجنەبىيلەردىن ئۆگىنىشنىڭ زۆزۆرلىكىنى جۇڭگولۇقلار يەنە بىر قىتىم تۇنىغان.
ھۆكۈمەتنىڭ يول قۇيۇشى نەتىجىسىدە جۇڭگو مىللىي كاپىتالى سانائەتلىشىش يۇلىغا ماڭغان،مىللىي كاپىتالنىڭ سانائەتلىشىشى شەخسى شىركەتلەرنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
    1895-يىلى جىياڭسۇلۇق جاڭ جىيەن قۇرغان جىياڭنەن پاختا تۇقۇمچىلىق فابرىكىسى جۇڭگودىكى تۇنجى شەخسى سانائەت كارخانىسى ھىساپلىنىدۇ.ئىچكى-تاشقى بىسىم،ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى نەتىجىسىدە چىڭ ھۆكۈمىتى 1901-يىلى «يىڭى سىياسەت»نى يولغا قويغان بۇلۇپ،بۇ سىياسەت  شەخىسلەرنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئاشكارا قوللاپ،رىغبەتلەندۈرگەن،بۇنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگودا زاۋۇت-كارخانا قۇرۇش دۇلقۇنى شەكىللەنگەن.شۇندىن كىيىنكى 50يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىچكى-تاشقى ئۇرۇش ،داۋالغۇشلار داۋامىدا شىركەتتىن ئىبارەت بۇ سودا تەشكىلى جۇڭگودا گاھ ئۆرلەپ،گاھ چۈكۈپ ئۆز مەۋجوتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى.
      يىڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ،1978-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو شىركەتلىرى ھەقىقىي مەنىدىكى باھار پەسلىگە ئېرىشىپ ،ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

      ئۇنداقتا دىيارىمىز شىنجاڭدىچو؟ شىنجاڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى شىركەت قاچان قۇرۇلغان؟
      داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۇققۇز تۆھپىسى»دىگەن ماقالىسىدە 1905-يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان «موسابايېف بۇرادەرلەر شىركىتى» تۇغرۇلۇق مەخسوس تۇختالغان بۇلۇپ، بۇ شىركەت شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار قۇرغان ھەقىقىي ھازىرقى زامان  مەنىسىدىكى تۇنجى شىركەت بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ماقالىدە يەنە تۈۋەندىكىدەك بايانلار بار-«ئاكا-ئۇكا موسابايېفلارنىڭ 1905-يىلى غۇلجىدا «موسابايىف بۇرادەرلەر شىركىتى»نى قۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۇششاق بۇرژۇئازىيەدىن مىللىي بۇرژۇئازىيەگە ئايلىنىش يۇلىدا تاشلىغان دادىل بىر قەدىمى ئىدى.20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ تۇنجى شىركەت قۇرۇلغان چاغدا ئىشلەتكەن ئىش قەغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئۇچۇرلاردىن ،بۇ شىركەتنىڭ خەلىقئارا ئۆلچەمدىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ.روس ۋە ئۇيغۇر تىل-يىزىقىدا ئايرىم-ئايرىم ئىشلەنگەن مەخسوس ئىش قەغىزىنىڭ بېشىدا شىركەتنىڭ نامى،تۆۋىنىدە شىنجاڭ،ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەدىكى سودا ئورۇنلىرى بار شەھەرلەر نامى،شىركەتنىڭ تىجارەت تۈرلىرى،مەكتۇپ ئادىرسى،تېلگېراف ئادېرسى،بانكا ھىسابات نۇمۇرى قاتارلىقلار تەپسىلىي يىزىلغان».ء
   مانا مۇشۇنىڭدىن توپتۇغرا بىر ئەسىر داۋامىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر لار ئىچىدە كارخانىچىلىق مەلوم مەزگىل ئۈزۈكچىلىك ھالىتىدە تۇردى ،ئارقىدىن يەنى ئىسلاھات –ئىچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئويغۇر كارخانىچىلىقى ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ يىڭى ئەسىرگە كىردى.
    شىركەت جەمىئەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەپ ،ئۆزلۈكسىزيىڭى قان ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئىقتىسادىي گەۋدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم جان تۇمۇرىغا ئايلانغان.شىركەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەرخىل فۇنكىسىيەلەر جەمىئەتنىڭ ھەربىر ھالقىلېرىغىچە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،جەمىئەت ماشىنىسىنىڭ ماتورىغا ئايلانغان.مەسىلەن:گىرمانىيە دۇنيادىكى ياساش سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان دۆلەت بۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش  ۋە تەتقىقات -ئىچىش سەۋىيەسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەپلېرىنىڭ بىرى گىرمانىيە مائارىپ تۈزۈلمىسىدە بۇلۇپ،گىرمانىيە مائارىپىدا كەسپى-تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن بۇلۇپ،ئۇقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن ئىككى خىل يۆنىلىش بۇيىچە تەربىيەلەيدۇ،بىرى-تۇلۇق ئۇتتۇرا باسقۇچىدىن كىيىن تەخمىنەن 82% ئۇقۇغۇچى كەسپى-تېخنىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئۇقۇپ،تىخنىك ئىشچىلار قۇشۇنى بۇلۇپ،ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىغا ئىگە تىخنىك ئىشچىلار قۇشۇنى بۇلۇپ  يىتىشىپ چىقىدۇ.يەنە بىرى-18%ئەتىراپىدا ئۇقۇغۇچى تۇلۇق كورىس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش ئۇنۋانى ئۈچۈن ئۇقۇپ،تەتقېتات ،ئىچىش ئىقتىدارىغا ئىگە  پەن-تەتقېقات قۇشۇنى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ. بۇخىل تۈزۈلمە گىرمانىيە كارخانىلېرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئاساسىنى يەنى ئىقتىساسلىقلار ئامىلىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرگەن.ئامىرىكا دۆلىتىدىكى يىڭى كەشپىيات ئىختىرالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئامىرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى بۇلۇپ ،ئامىرىكا جەمىئىتىدىكى يىڭىلىق-ئۆزگۈرۈش-تەرەققىيات-قۇدىرەتنى ھەرگىز ئامىرىكا شىركەتلىرىسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
      شىركەت بىر دۆلەت ۋە خەلىق ئۈچۈن شۇنچىۋالا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلغانىكەن شىركەتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە فونكىسىيە رولىنى،شىركەتنىڭ جەمىئەتتىكى ئورنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش،شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈنىلىشىنى تۇغرا ئىگەللەش ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.شىركەت قۇرۇپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقان كارخانا-شىركەتلىرىمىز ئاز ئەمەس،لىكىن تەرەققىيات بوشلۇقى قانچىلىك، تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كىڭەيتىشتىكى سىتىراتىگىيە،پىلان-تەدبىرلىرى دۇنيادىكى،مەمىلكىتىمىزدىكى شىركەت-كارخانا تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماس كىلەمدۇ-كەلمەيدۇ؟ شۇنىڭغا لايىق ئىقتىساسلىقلار قۇشۇنى بارمۇ -يوق؟ دىگەندەك بىر قاتار سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەشتە يەنىلا شىركەتنىڭ خۇجايىنى بولغان شەخسنىڭ شىركەتنى قانچىلىك چۈشىنىشى ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.چۈنكى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق خادىممۇ خۇجايىننىڭ شىركەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كىتەلمەيدۇ.ئېھتىمال دەل مۇشۇ سەۋەپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر كارخانا خۇجايىنلىرى «ئىشلەيدىغان ئادەم كۆپ،ئىقتىدارلىق ئادەملەر ئاز» دەپ ۋايسىشىنىڭ بىر سەۋەبى بۇلۇشى مۇمكىن.
    ئىنىقسىز سىتاتسىكىغا ئاساسلانغاندا ھازىر شىنجاڭ رايونىدا 20مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر شىركىتى بار ئىكەن،بۇ سان ھەم تۇختىماي كۆپىيىشى مۇمكىن.سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،پەن-تەتقىقات،يۇقىرى تىخنىكىلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىلىرىمىزمۇ كۈنسىرى كۆپىيىپ مىڭىۋاتىدۇ.شۇنداق دىيىشكە بۇلۇدۇكى ئۇيغۇرلاردا ھازىر شىركەت قىزغىنلىقى كۈتۈرۈلدى،بۇ ھەم دەۋىرنىڭ تەلىپى ھەم چۇقۇم بىسىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك يول.لىكىن شىركەتنى ماھىيىتىدىن تۇنۇش تىخى بىزدە كەمچىل.ئەنئەنىۋى تىجارەتكە شۇنچىلىك كۆنگەن تىجارەتچىلىرىمىز شىركەت قۇرۇپ ياخشى ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە،شان-شەرەپكە ئېرىشىپ كارخانىچى نامىنى ئالغان بولسىمۇ ،ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتە يەنىلا تىجارەتچى سەۋىيەسىدىن ھالقىيالمايۋاتقان ئەھۋال خېلى ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجوت.كارخانىچى بىلەن تىجارەتچىنىڭ پەرقى بار.كارخانىچى بىر سىستىما قۇرۇلۇشى قىلغۇچى ۋە شۇ سىستىمىنى زورايتىپ ،جەمىئەتنىڭ يىتەكچىلىك مەسئولىيىتىگە قاتنىشالايدىغان سالاھىيەتنى ھازىرلىشى كېرەك،تىجارەتچى بولسا پۇل تاپىدۇ،پۇل تاپىدۇ...خالاس.بىزدە ئەزەلدىن تىجارەتچى كەم بولغان ئەمەس ، تىجارەتچى بولغاندىمۇ راۋۇرۇس تىجارەت قىلىپ ئەلگە داڭقى كەتكەن كىشىلەر ئاز ئەمەس.لىكىن كىيىنچو؟ قىنى ئۇ تىجارەتچىلەر؟قىنى ئۇلارنىڭ ھەشەمەتلىك قەسىر-ئايۋانلىرى؟قىنى ئۇلارنىڭ جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قۇيۇپ تىپىپ توننىلاپ يىغىپ ساقلىغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرى؟ قىنى ئۇلاردىن بىزگە قالغان تىجارەت ماھارەت -نەسىھەتلىرى؟  ھەممىسى كەتتى ،ھەتتا ئۇلارنىڭ شۇ بايلىقلىرى ئەۋلاتلىرىغا بالايئاپەت ئىلىپ كەلدى.گەرچە ئۇلار بىزنىڭ قىممەتلىك كىشىلېرىمىز،مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرى بولسىمۇ ئاز ساندىكىلېرىدىن باشقىلىرى دۇنيانىڭ سودا ئۇيۇنى قائىدىسى بۇيىچە ماڭمىغان ھەم ئۇنى چۈشەنمىگەن،چۈشىنىشنىمۇ خالىمىغان.بۇ دۇنياۋى سودا ئۇيۇن قائىدىسىدىكى كۆۋرۈك دەل شىركەتتۇر.تىجارەتنى شىركەتلەشتۈرۈش دىمەك شەخسى بايلىقنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش دىگەنلىك. دىمەك شىركەتنى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ھازىرقى تىجارەتچىلرىمىز ۋە كارخانىچىلېرىمىز چۇقۇم قىلمىسا بولمايدىغان بىر تەخىرسىزلىك.

تۈگىدى

0

تېما

0

دوست

360

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28539
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 17:11:36 |ئايرىم كۆرۈش
شىركەتنىڭ قۇدىرىتى دىگەن كىتابنى ياكى شۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

784

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 17:12:09 |ئايرىم كۆرۈش
ئارمان مۇسۇلمانچەيىمەكلىك سانائەت گوروھى 2014يىلدىكى سىتىش سومىمىسى 1مىليارد 700مىليۇندىن ئىشىپ شنجاڭدىكى 10كۆچلۈك كارخانىڭ 10-بۇلدى ،بارلىق مىللى كارخانىلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشمىز

0

تېما

9

دوست

784

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3023
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 17:25:08 |ئايرىم كۆرۈش
0430 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 17:12
ئارمان مۇسۇلمانچەيىمەكلىك سانائەت گوروھى 2014يىلدىكى س ...

ۋا ئارمان گورۇھى راۋۇرۇس تەرەققى قىلىپ كېتىپتىغۇ ئەمسە

0

تېما

0

دوست

67

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33768
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 20:55:08 |ئايرىم كۆرۈش
باغانسىرى،ياخشى،بولدۇ،ئوزەمچە

14

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3990
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 21:00:35 |ئايرىم كۆرۈش
aslayman يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 17:25
ۋا ئارمان گورۇھى راۋۇرۇس تەرەققى قىلىپ كېتىپتىغۇ ئەم ...

  يۇقىرى يىڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كىرىمى بەك يۇقىرى تىخى، بىز بۇ يولدا خېلى ماڭمىساق بولمايدۇ ...

0

تېما

0

دوست

188

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33782
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 21:27:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئارمان شىركىتىنىڭ سىتىش  سوممىسى

يوق

1

تېما

1

دوست

472

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 22:39:58 |ئايرىم كۆرۈش
rambo8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-4 21:27
ئارمان شىركىتىنىڭ سىتىش  سوممىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ياخشې تىما يوللاپسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )