قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6267|ئىنكاس: 167
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈمۈد غەنىگە سۇئال قويغۇچىلارغا جاۋاب

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

63

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34049
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۈمۈد غەنىگە سۇئال قويغۇچىلارغا جاۋاب
ئايكىن

   يېقىندىن بۇيان توردا قىزىق تېمىغا ئايلانغان«ئۈمۈد پاراڭلىرى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىغا نائىل بولدى. بولۇپمۇ سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا كىتاپ توغرىسىدا سۆزلەنگەن بايانلار نۇرغۇن تورداشنىڭ كەسكىن ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپچىقاردى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈمۈد غەنىنى ئەيىپلىدى،ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا مەسلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن كۈزۈتۈش پىرىنسىپى بۇيىچە باھا بېرەلىدى. مېنىڭچە، ئۈمۈد غەنى ئاللىقاچان چوڭ مەسلىگە ئايلانغان،ئەمما بىز تەن ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان كىتاب ئوقۇش ۋە كىتابچىلىقتىكى ئېغىركاساتچىلىقنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭ مۇنداق دېيىشىمدە بەلگىلىك ئاساس بار. ئۈمۈد غەنى گەرچە سۆھبەتتە «ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقىماسلىق كېرەك»دېگەن بولسىمۇ كەينىگە ئولاپ «ئۇيغۇر ياغۇچىلىرىنى بازار شاللىۋەتكەندىلا ئاندىن ئۇلار تەپەككۈر قىلىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزى تىلغا ئېلۋاتقان كىتابلارنىڭ نۆۋەتتەئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يېزۋاتقان تۈرلۈك رومان ۋە باشقا كىتابلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق قەيت قىلىپ ئۆتتى. بۇ گەپ ناھايىتى ئۇچۇق ئېيتىلغان. ئۇنىڭ قامچىلىماقچى بولغىنى بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاب ئەمەس، بەلكى كۈندىن كۈنگە كاساتلىشۋاتقان، قىلچە يېڭىلىق، ئىجادىي تەپەككۈر، ئىزدىنىش بولمىغان، مەلۇم ئورۇنسىز مەقسەتلەر ئۈچۈن زورلۇنۇپ-زورلاپ يېزۋاتقان، يېزىلۋاتقان كىتابلاردىن ئىبارەت. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كىتاب ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرى، ئىنساننىڭ روھى ئۇزۇقى. بۇنى ئەقلى بار ئادەمبىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس. ئۇنداقتا ئۈمۈد غەنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى تەنقىدلەيدۇ؟ مېنىڭ جاۋابىم شۇكى تەنقىدلەشكە تىگىشلىك، شۇنداقلا قاتتىق تەڭقىدلەش كېرەك. مەزكۇر ماقالىنى ئاخىرغىچە ئوقىغان كىشى ئىلگىرى تورلاردائۈمۈد غەنىگە قويۇلغان سۇئاللارغا بەلگىلىك جاۋاب تاپالىسا ئەجەپ ئەمەس.
    نۆۋەتتە رايونىمىز ئىچىدە يىلىغا نۇرغۇن رومان يېزىلۋاتىدۇ، نۇرغۇن توپلام، شېئىرلار چىقۋاتىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق كىتابلارغامەنىۋى ئۇزۇق بېغىشلىيالىغۇدەك تۈزۈك تەپەككۈرنىڭ سىڭمىگەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق قانچىلىك «بەدەل» بىلەن چىقىدىغانلىقىنى، نەشرىياتلار بىلەن يازغۇچىلار ئوتتۇرسىداقانداق پايدا-مەنپەئەت سودىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى مېنىڭچە كۆپۈنچە تورداش بىلمەيدۇ.
   2000-يىللاردىن باشلاپ ئاز-تۇلا بىر نەرسەئېلان قىلىپ يۈرگەن كىشىلەر بىر-بىرىنى دوراپ رومان يېزىش قىزغىنلىقىغا باشچىلاپ كىرىپكەتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان شىددەت بىلەن كۆپۈيۈپ كىتابخانىلار رومان بىلەن توشتى. بۇ كىتابلار قانداق چىقىدۇ؟ ئەلۋەتتە يول بىلەن چىقىدۇ. يول دېگىنىمىز ئاپتورنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن ياكى مەلۇم ناتوغرا نەپ بېرىش يولى بىلەن چىقىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن، مەنمۇ تېخى يېقىنقى نەچچە يىلدا ئاڭلاپ،مۇشۇنداق ئىلىم-مەرىپەت ساھەسىنىڭمۇ نەپسانىيەتچىلىك ساھەسىگە ئايلانغانلىقىدىن ھەيران قالغان ئىدىم. شۇ ساھەنىڭ ئىگىسى بولمىش تالاي ئاتالمىش يازغۇچى (بىر قىسىم ئەمەس، زور تۈركۈمدىكى) 2-3 ئاي، ئېشىپ كەتسە 5-6 ئايدا بىر روماننى پۈتتۈرىدۇ. ئاندىن نەشرىياتلارغا زورلاپ، چاپانچىلىق، راخمانچىلىق قىلىپ، ناتوغرا يوللار بىلەن پىلانغائالغۇزىدۇ، بۇلار ئەپلەشمىسە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن قەرز ئېلىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن چىقىرىدۇ. ئاندىن نەشرىياتلار بىرەر مىڭ كىتابنى سېتىشقا ئېلىپ قىلىپ، قالغاننىڭ ھەممىنى ئاپتورغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ئاپتور بىر كىتابنىڭ يازغۇچىسى بولۇش شەرىپىگەئېرىشىپ، ئۇنى يەر ئاستى ئۆيىدە ئىسسىق ساقلاپ ياتىدۇ، ياكى كىتابخانا،ۋاستىچىلارنى ئىزلەپ زورلاپ ئەرزان باھادا ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە كىتاب چىقىرىپ نەچچە يىل قەرز تۆلىگەن، كىتابلىرىنى سېتىشقا يول ئىزلەپ ھەتتا ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى بولغان مەكتەپلەرگە بىر ئاماللاپ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشىنى تۇتۇش بەدىلىگە زورلاپ ساتىدىغان، سېتۋالغان ئوقۇتقۇچى ئاچچىقىدا ئاپتورنىڭ كۆز ئالدىدا كىتابىنى مەشكەتىقۋەتكەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ تۇردۇق، بۇ رىئال ئەھۋال. رومان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر،ئۇنى 5-6 ئايدا پۈتكۈزۈش ئىنتايىن قېيىن. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكمىگەن، شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، قۇرۇق خام خىيال بىلەنلا يېزىلغان نەرسە رومان، ئەدەبىيات بولالالمايدۇ. بىزگە مەلۇملۇق نامى بار، تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان ئەسەرلەر ئۇنداق قىسقا ۋاقتتا پۈتكەن ئەمەس.
   چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە نۇرغۇن ئامىللار بولىدۇ، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى سىياسەت، ئىقتىساد، تەبئى ئاپەت، جەمىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى دېگەندەك تۈرلۈك ئېنىق ۋە ئېنىقسىز ئامىللارغا چېتىلىدۇ. ئەممابىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز بىرسىگە كۆيۈپ قالغانلىقىنى تېما قىلىپ باشلىسا ھېندىستان كىنولىرىدىكىدەك باشقا ئامىللارنى بىردەك چەتكە قايرىپ قۇيۇپ باشتىن-ئاخىر ئىشقىي-مۇھەببەت بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ،  ئاغرىنىش،زارلىنىش، نالە-پەرياد ۋە قارغاش ۋە تەگەشتىن باشقىنى ئويلاشمايدۇ. بۇنداق ئەسەرلەر قانداقمۇ بىر دەۋىرنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلىسۇن؟ بۇنداق ئەسەرنىڭ بېشىنى نەچچە بەت ئوقۇغىچە ئاخىرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.رايونىمىزيازغۇچىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى مانا مۇشۇنداق ئاددىي، تەپەككۈر قىلىنمىغان، جەمىيەت ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنمىغان بىر دۆۋە سۆزلەرنى كىتاب شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرگەسۇنماقتا.
   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك كادىرى، پىشقەدەم مائارىپچى مۇنداق دەيدۇ «كىتاب دەپ يېزىۋىرىدىكەنمىز، يىلدىن-يىلغا كۆپۈيۋاتىدۇ،چىقۋاتىدۇ، ئەمما ئادەمنىڭ كۆڭلىگە يارىغۇدەك بىرنەرسە يوق. ھەر يىلى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاۋاتىمىز، شۇلاردىمۇ تازا بىر ۋاي دېگۈدەك نەرسە يوق.مۇكاپات تارقىتىلسا تېلۋىزىيىنىڭ، رادىئونىڭ مۇخبىرلىرى يۈگرەپ كېلىدۇ، ئامال يوقيالغاندىن ماختايدىغان گەپ...بەش بەتنى يەنە ئازراق ئۇزارتسام پوۋىسېت بولدىكەن،يۈز بەتنى ئۇزارتىپ 200 بەت قىلسام رومان بولدىكەن، دەپ يېزىۋېرىدىغان نەرسىمۇ ئۇ؟».
   دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئانا ژۇرنالنىڭ باشمۇھەررىرى يەنە مۇنداق دەيدۇ «كىتاب دەپ يېزىۋەرمەيلى، ئوننى يازىدىغاننىڭ ئورنىغابىرنى يازايلى، بىر يىلدا ئون رومان يازغۇچە ئون يىلدا بىرنى يازايلى، يۈرەكنى سىلكۈگىدەك ئەسەر مەيدانغا كەلسۇن...بەزىلەر يىلدا نەچچە كىتاب يازىدىكەن، نەدىمۇمۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن، بۇ گەپنى قىلساق خۇددى بىز ھەسەت قىلۋاتقاندەك،كۆرەلمىگەندەك بوپ كىتىشىدىكەن...ئەسەرلەر مۇشۇنداق بولغاچقا ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق، شۇڭا ئانا ژۇرنالنىڭ تىراژىنى 15 مىڭغىمۇ ئاپىرالمىدۇق».
  يوقۇرقىلار مېنىڭ توقىغان گېپىم ئەمەس، بەلكى چوڭ بىر يىغىندا نۇرغۇن شاھىدنىڭ ئالدىدا ئاڭلىغان گەپلەر. يوقۇرقى كىشىلەرمېنىڭچە يۈرەك سۆزىنى قىلدى. ئۇلار رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات ئىلىمىنىڭ ئەڭ يوقۇرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشلامچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزى نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيىسىنى بەلگىلىك يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئالغاندا، يېقىنقى 10-15 يىلدا 200-300 ئەمەس،20-30 رومان بارلىققا كەلسىلا توغرا بولاتتى، شۇنداق بولسا يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1-2 پارچە رومان-ھېكايە، قالغىنىدا كەسىپكە، تېخنىكىغا ئائىت كىتابلارنى ئوقىغان بولساق ھال-كۈنىمىز ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولاتتى، ھەقىقى يازغۇچىلارمۇئەمگىكىگە لايىق ئۈنۈمگە ئېرىشەتتى. ئەمما ئەھۋال پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە. شۇنداق ئىكەن، يوقۇرقى كىتاب چىقىرىش توغرىسىدىكى يوللارنى قوشقاندا، ئەھۋالنىڭ بىزئويلىغاندىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. بۇ ئەھۋاللارمۇ مەلۇم مەنىدىن، ئادەملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەخمەت ئىمىن، ئابدىرىھىم ئۆتكۈر، راخمان مامۇت، بۇغدائابدۇللا، مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق پىشقەدەم مۇيسىپىتلارنى يەنە شۇنداق ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغانلىقىنى بەلگىلىك چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك. مۇشۇنداق سېسىقچىلىققا تولغان ھاۋانى يەنە نېمىشقا داۋاملىق سۈمىرىۋېرىمىز؟ ئەجەبا ئۇئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلىما؟ قانداقلا يېزىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ ياخشى ئىشقا ئىشلىتىلسە چاقنايدۇ، ئەكسىچە كاسات ئىش ئۇنى خارابلاشتۇردۇ.
    بىزنىڭ ساۋادىمىز ئېلىپبەدە چىقتى، ئەمدى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم ئالىمىزمىكىن، دەپ كىتابقا يۈزلەنسەك دۈچ كەلگىنىمىز سېسىقچىلىق بولدى، تورداشلار ۋە باشقائوقۇرمەنلەر ئېسىل دەپ بىلگەن بىر قىسىم كىتابلارمۇ يوقۇرقىدەك كىتابلارنىڭ كاساپىتىگەكەتتى، ئېسىل كىتاب يازغانلارنىڭ قولى قىسقا بولغاچ پايدا-مەنپەئەت توپلىڭىغائارلىشالماي ئورگىناللىرى بېسىلىپ ياتتى. ھەتتاكى نۇرغۇن يازغۇچى تەلمۈردىغان بىرقىسىم چوڭ، ئانا ژۇرناللاردا ئىشلەيدىغان ئادەملەردىكى ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ چېكىنىشى، ھەتتاكى ھاراقكەش، نەشىخور ئادەملەرنىڭ بۇ ئورۇنلاردا گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىغا كەلگەن ئەسەرلەرگە قازىلىق قىلىشى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ھالەت شەكىللەندۈرۈپ قويدى. نەشرىيات ئەركىنلىكىدە دېرىزىنى ئېچۋىيدۇق ساپ ھاۋاغا ئېرىشكەن ئىدۇق، كېيىنچە پاشا-چېۋىنلار كۆپۈيۈپ ھاۋانى بۇلغىدى، بۇ ھاۋادانەپەسلەنگەن تالاي كىشى گاراڭلىقتىن ئەسلىگە كېلەلمەي، ئوڭنى تەتۈر، ساقنى ساراڭدەيدىغان بوپ قالماقتا. بۇنداق بۇرۇق تۇرمىلىقتىن پەقەت كاللىسى سەگەك كىشىلەرلا ئۆزىنى چەتكە ئالالايدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ئەدەبىيات دۈچ كېلۋاتقان پاجىئەنىڭ كىچىك كارتىنىسى.  نەپ بىلەن بولىدىغان بۇنداق سودىدا باشتا كىتاب چىقارغۇچى ئورۇن لوڭ گۆشكە چۈشىدۇ، ئاندىن ئاپتور سۆڭەك غاجلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەر ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي، ئاپتورنىڭ شۆھرەت تاماسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاز-تۇلا نەپكە ئېرىشكەن يازغۇچىلار تېخى بارماقتا سانىغۇدەكلا.
    مەلۇم ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىر قېتىم «يوقۇرى باھالايدىغان ئەسەرلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۋاتىدۇ، باھالىندىغان ئەسەرلەر چوقۇم ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولىشى كېرەك، كىتاب قەتئى بولمايدۇ» دەيدۇ. بۇ يەردىكى يوقۇرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ. يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار رايونىمىزدا بارغانسىرى تاپتىن چىقىپ كېتۋاتقان كىتابچىلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، بىر قەدەر قاتتىق تەلەپ بۇيىچە چىقىدىغان ژۇرناللارنى ئاساس قىلماقتا، تېخى ما يېقىنقى 1-2 يىلدىلا ئاندىن روماننى خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كىرگۈزدى.
    كىتاب ئاپتورىنىڭ چوڭقۇرئىزدىنىشى، ئىجتىھات بىلەن تەتقىق قىلىشى ۋە سىرتقى دۇنياغا تەدبىقلاپ سېلىشتۇرىشى، جەمىيەتنىڭ ئېقىمىنى، دەۋرنىڭ تەلىپىنى، خەلق ئاممىسى دۈچ كېلۋاتقان تۈرلۈك كىرزىسلەرنى ھېس قىلىش-قىلالماسلىقى ۋە بۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ توغرا يولىنى بەلگىلىك دەرىجىدە كۆرسىتىش ئىقتىدارى كىتابخانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلەرھېسابلىنىدۇ. چىن يازغۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئۇستازى ۋە پاكلىغۇچىسى. ئۇ ئىگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان قابىليەتنى ھازىرلىمىغاندا يېزىلغان كىتابنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوي-خىياللىرى بىلەن پەرقى بولمىغان بولىدۇ. ناۋادا ئۇ قاششاق كۆز قاراشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، بېشىنى دېرىزىنىڭ سىرتىغا سوزۇپ سىرتنى كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولسا ياكى كەينىدىكى نەرسىلەرگە باغلىنىپ قالسا ئۇ يازغۇچى ئەمەس چىرىتكۈچى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ كىتابىغا داخىل بولغان ئوقۇرمەنمۇ مەھكۇملۇقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي، ئاۋالقىدەك كونا مۇقامغا توۋلاپ،بىلگەن سەنىمىگە دەسسەيدۇ. مۇشۇنداق چىرىتكۈچى يازغۇچىلار تۈرلۈك كىتابلارنى يېزىپمۇئون ياكى يىگىرمە يىلدىن كېيىنكى جەمىيەتنىڭ يەنىلا ھېچقانچە ئالغاباسمىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئاۋالقىدەكلا بىچارە ئۆتۋاتقانلىقىنى تۇيۇشى،كىتابلىرى ئارقىلىق ياخشىلىققا تارتماقچى بولغان ئوبىكىتنىڭ سۆرلەم پالازدەك باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئېزلەڭگۈلۈك بىلەن سۆرۈلۈپ كېتۋاتقانلىقىنى كۆرۈشى ۋەكاللىسىنى سىلكىشى، ئۆزئارا ماختىشىپ، بىر بىرىگە يەل بېرىپ جەمىيەتنى داۋاملىق چىرىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
     ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ماھىيىتىنى، بايلىق يارىتىشنى نىگىز قىلغان كىتابلارنى يارىتىشقا بەيئەت قىلالمىغان يازارمەنلەر ھەم بۇنىڭغا ئىنتىلمىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئاخىرقى ھېسابتا كىتابپۇرۇچلار پايدا ئالىدىكى، بۇنىڭدىن ئۆزگە ھېچ قانداق نەتىجە بارلىققاكەلمەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ئۆگۈنۈش، ئويلىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇلار يەنە ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتىنى جارىي قىلدۇرۇشى،ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىق يارىتىشى ئۈچۈندۇر. بىز ھەمىشە ئەتراپىمىزدىكى تالايلىغان«مەرىپەت» ئىگىسىنىڭ كۆپۈنچە ھاللاردا مەنىۋى بايلىقني كۆپرەك تەكىتلەپ، ماددىيبايلىققا سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇ گەپ-سۆزلەر چىرىتكۈچىلەردە بۇلارنى ھېس قىلغۇدەك ساپانىڭ يوقلىقىنى ياكى قەستەن بىلمەس بولۋالغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنى قىستۇرۇپ قويۇش كېرەككى، بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان ماددىي بايلىقلار كىتابنىڭ تەسىرىدە كاللىسى ئېچىلغان، يول تاپقان ئادەم ۋە بۇ ئادەم ياراتقان ۋاستىلىك بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، بىر پۈتۈن جەمىيەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسىدا ئالغا سىلجىيدۇ. دۇنيادا كىتاب نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن، نۇرغۇن سىياسىيون، كارخانىچى ۋە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ناۋادا چىن مەنادىكى مەنىۋىي بايلىق يارىتىلمىغان بولسا مۇشۇنداق مۇنەۋۋەرئىنسانلارنىڭ بارلىققا كەلمىكى بەسىي مۈشكۈل ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، چىرىتكۈچى يازغۇچىلارنىڭ يوقۇرقىدەك مۆجىزىلەرنى نامايەن قىلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە ھەم ئىسپاتلىغۇدەكمۇ دەسمايىسى بولمىغاچقا ئۆزىمۇ بىلمەي ياكى بايلىق توغرىسىدىكى تېمىدىن ئەتەي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۆپۈنچە ھاللاردا قىممىتى ئېنىقسىز مەنىۋىي بايلىقنى تەكىتلىمەكتە، قالتىس ئىش قىلۋەتكەندەك كېرىلمەكتە، ھۆرمەت تەمەن ناسىدائەتراپقا قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار كىشىلەرنى ھېسىياتلاندۇرۇش، ھاياجانغاسېلىشتىن ئۆزگە نەتىجە ياراتقىنى يوق. ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ نىسبىتى بىلەن يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدىن ئىلگىركى ھالىتىنىڭ نىسبىتى كۆپ ئۆزگەرمىدى. ئەلۋەتتە، تۇرمۇشنىڭ ياخشىلانغىنى كۆرىنەرلىك، ئەمما شۇنى يادىمىزداتۇتۇشىمىز كېرەككى، دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان قېيىقنىڭ ئۆزلىكىدىن يوقۇرى ئۆرلەش ئىقتىدارى بولمايدۇ، دېڭىز يۈزى ئۆرلىسە قېيىقمۇ ئۆرلەيدۇ. ياخشىلانغاندەك كۆرۈنگەن تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەمەلىيەتتە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشۋاتقان قېيىقنىڭ ئۆرلىشىدىن ئىبارەت. قائىدە بۇيىچە، كىتاب مۇئەللىپلىرى جەمىيەتكە بەلگىلىك مەنىۋىي بايلىق يارىتىپ، ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللەندۈرۈشى ھەم بۇبايلىقنىڭ نەچچە ھەسىسىگە باراۋەر ماددىي بايلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكەبولىشى كېرەك ئىدى. مۇشۇنداق كىتاب بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا ئەرزىيتتى. ئەپسوس، ماددىي بايلىقنى تىلغا ئېلىش چىرىتكۈچىنىڭ نەزەرىدە ھەم ناھايىتى نۇمۇسلۇق ھەم تىلى تۇتۇلۇپ كېكەچلەپ قالىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. مېنىڭچە ئۈمۈد غەنى ئەپەندىم مۇشۇنداق چىرىتكۈچىلەرگە قامچا ئۇردى. چىرىتكۈچىلەرگە ئالدانغانلارئۇلارغا بولۇشۇپ كەتتى، بولغان ئەھۋال مۇشۇ. ئالدانغانلاردا گۇناھ يوق، ئۈمۈدغەنىدىمۇ خاتالىق يوق. بىز پەقەت ئالدانغىنىمىزنى سەزگەن چاغدا ئاندىن چىرىتكۈچىلەرگە نەپرەتلىنىمىز ۋە ئاق-قارىنى ئېنىق ئايرىيمىز. يېڭى پىكىرنى قوبۇلقىلىش، ئويغۇنۇش تەس، ئۇنى ئاستا-ئاستا ئىدىيىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاچچىق ساۋاقلارئارقىلىق قوبۇل قىلىمىز.
    ئىنساننىڭ ئەسلىي ماھىيىتى نېمە؟ ئەلۋەتتە، تېنچ-خاتىرجەملىكنى ئىزدەشكە، خەجلىگۈدەك پۇلغا، يېگۈدەك غىزاغا،كىيگۈدەك كېيىمگە، راھەت ماكانغا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بۇ ئىنتىلىشلىرى ئاخىرقى ھېسابتا توغرا يول تۇتۇشتىن، خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈشتىن، يىتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاشتىن، باشقىلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك ئېلىشتىن روياپقا چىقىدۇ. كىتاب بۇ جەرياندا ھەم يىتەكلىگۈچىلىك ھەم يەتكۈزگۈچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەپسوس، بەزى ئەھۋاللارغا قاراپ بىر خەلقنىڭ نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمىساقمۇ بولىدىغانلىقىنى،ئوقىغان بىلەنمۇ نېمە سەۋەپتىن قالاق ھالەتتە قىلۋاتقانلىقىنى ئاز-تۇلا چۈشۈنۈش مۇمكىن. ئۆيىگە نەچچە مىڭ كىتابنى تېزۋالسىمۇ ئاغرىقنى داۋالىتىشقا پۇلى يوق،تۇرمۇشىنى ئادەمدەك ئۆتكۈزىشكە قۇربى يەتمەيدىغان، «مەنىۋى بايلىقى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان» بىر قىسىم كىشىلەر پات-پات ئۇچراپ تۇرىدۇ. كىتابخانا لىققىتە كىتاب بىلەن توشسسا بىر خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقى ئۆسكەن بولمايدۇ. بىز ئۆگۈنمىز،كاللىمىزنى ئاچىمىز دەپ ئوقۇيمىز، كاللىمىز ئېچىلسا قىلغان ئىشلىرىمىز روناق تاپىدۇ. كاللىمىز ئېچىلمىسا ئۆز ئىزىمىغا دەسسەيمىز.
    كىتابنىڭ رولىنى تىلغائالساق، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۇتۇق قازانغان نۇرغۇن ئالىم، سىياسىيون ۋەكارخانىچىلار كىتابتىن بەلگىلىك ئۇزۇق ئالغان. ئەمما، شۇنى ئېنىق ھېس قىلىشىمىزكېرەككى، رومانغا تايانغانلىرى يوق، دېيەرلىك. ئۇلار كەسپىي كىتابلارغا، سودائىلىمىگە ئائىت ئوقۇشلۇقلاردىن پايدىلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرى ئىجابىي تەپەككۈر ئېڭىغا تۇيۇنغان كىتابلار بىلەن ئۆتكەن. شۇڭلاشقىمۇ تاھازىرغىچە «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»قا ئوخشاش كىچىككىنە نادىر ھېكايىلىرىمۇ دۇنيابۇيىچە ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
   ناۋادا مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايوندا كىتابچىلىق ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىسا، ئۇنداقتايېزىش، نەشر قىلىش، سېتىش، ئوقۇش ۋە ئاخىرقى ئۈنۈم قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلارداكونىچىلىق، كەينىگە باغلىنىش، دورامچىلىق بەئەينى قاپلىق قۇرتتەك ئىلىم-مەرىپەت بۇلىقى ھېسابلىندىغان كىتابچىلىق ساھەسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئىنتايىن قاتمال ئېقىم شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەلنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى ھە دېگەندە كەينىگەتارتىشىدۇ، ئەجداتلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىسكەنرەپ، كونىسىدىن قول ئۈزۈشكەجۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇلارغا چىرىتكۈچىلىكنىڭ تەسىرىگە جۆر بولغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ساداسى قوشۇلۇپ شۇنداق بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ھاۋانى شەكىللەندۈردىكى، بۇ ھاۋانى قوغلىۋىتىشكە ئۇلاردا قىلچىلىك مادار بولمايلا قالماستىن، يەنە رازىمەنلىك بىلەن سۈمۈرىشىدۇ. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھى ئاللىقاچان چىرىتكۈچى ئۇستازلارنىڭ تەسىرىدە سېسىغان بولىدۇ. ئۇلار شۇنداق ھىدقا كۆنگەن ھەم ئۇنىڭغا تەشنا، بۇنداق پۇراق ئۇلارنى مەستخۇش قىلىپ جاھاننىڭ غېمىدىن مۇستەسنا قىلىدۇ، قولى يەتمەيدىغان ئاچچىق شاپتولدىن ئۆزىنى تارتىشقا ئۈندەيدۇ، بۇرۇقتۇرمىچىلىقنىڭ سىرتىدا تېخىمۇخۇشپۇراق، ساپ ھاۋانىڭ بارلىقىنى تامامەن يادىدىن چىقىرۋىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ يازارمەنلەر بىر ئېقىمنى بويلاپ يېزىۋىردىغان، نەشرىياتچىلارمۇ شۇ ئېقىمنى بويلاپ چىقىرىۋىردىغان، ئوقۇرمەنلەرمۇ شۇ ئېقىمنى بويلاپ ئوقۇۋىردىغان، ئوقىغانلىرىنى بىباھا بايلىق، قىممەتلىك مىراس دەپ بىلىشىدىغان، ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغانلىقىدىن،كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشكەنلىكىدىن، ئاتالمىش ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇشىدىغان يامان خاراكتىرلىق ئايلىنىش بارلىققا كېلىدۇ. ئەپسوس، ئۇلار بۇچاغدا قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان ئەرزىمەس نەرسىلەر ئۈچۈن ئىسراپ بولغانلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ قىلىشىدۇ. ئۇلاردا دېرىزىدىن باشلىرىنى سوزۇپ سىرتقا قارايدىغان،كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ جاھاندىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئاڭقىرالىغۇدەك زامانىۋى ئاڭ،زامانىۋى ئىلىم-پەن ئۇقۇمى كەمچىل بولغاچقا جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلمەي ياشاۋېرىدۇ،مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ. بۇنداق ئىنتىلىش ئۆز مۆرىتىدە پۇرسەتپەرەس يازارمەنلەرنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرىدۇ، كەڭ ئوقۇش بوشلۇقى، بازىرى، قۇرۇق شۆھرىتى تېخىمۇ كۆپ چىرىتكۈچىلەرنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلپ قىلىدۇ-دە، ھەممىسىشاپاققا يىپىشقان چىۋىندەك يۇپۇرلۇپ كېلىشىدۇ. ئەمما، كاللىسى سەگەك كىشىلەربۇلارغا قاراپ شۇنداق بىر نىدا قىلىدۇكى، بىز زادى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلۋاتىمىزمۇ ياكى زامانىۋى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلۋاتىمىزمۇ؟ زامانغالايىقلاشقان، جاھاننىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان كۆز قاراش، ئىدىيە،ھەركەت ۋە ئىلمىي ئەمگەكنىڭ نامايەندىسى قېنى؟ روھنى تاۋلايدىغان، پاكلايدىغان،مەرىپەت نۇرى بىلەن يورىتىدىغان ئاقارتىش ئىشلىرىدا كونىچىلىققا زىيادە ئېسىلۋىلىش كىشىلەرنى نېمىلەردىن مەھرۇم قىلۋەتتى؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن نەرسىلەردىن، جاھاننى بىلىشتىن، ساماۋىي ئىلىمنى، پايدا-مەنپەت مۇناسىۋىتىنى چۈشۈنۈشتىن، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ئالەمنىڭ سىرىنى يېشىشىتىن، بايلىق يارىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلۋەتتى، ئىقتىدارىنى يىگلەشتۈردى، كۆزىنى كور قىلىپ، پەقەت تۈنۈگۈننى كۆرسىتىشتىن، ئاددىي خىياللار قاينىمىدا مەست-ئەلەق قىلىشتىن، سېسىقچىلىققا غەرق قىلىشتىن باشقا ئاكىتىپ رول ئوينىمىدى. تالاي چىرىتكۈچىلەر كىتابلىرىنى «زوق ئېلىش، ھوزۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن پەدەزلاشقا ماھىر، ئەمما راھەت-پاراغەت، ھوزۇرنىڭلاگېپىنى قىلساق جاپانى كىم تارتىدۇ؟ جاپا بولمىسا نەدىكى ھوزۇر ئۇ؟ مۇشۇنداق ھالەتتە كىتاب ئوقۇشنى تەرغىپ قىلىش ئېنىقكى ئۆتمەس ماتانى زورلاپ ساتقانلىقتىن،گەپنىڭ سەتەرىكىنى قىلغاندا تېزرەك كىشىلەرنى «ھەيرەتتە قالدۇرۇش»نى ئويلىغاندىن باشقا ئىش ئەمەس. «كىتاب ئوقۇمايدۇ» دەپ ئاغرىنغۇچىلارمۇ دەل ئاشۇنداق تاماگەرپارازىتلاردۇر. بۇنداق پارازىتلارغا ئۆز ئىردىسىگە خىلاپ ئىجابىي باھا بەرگەنلەربىلەن نامىنى قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قەلەم تۇتقانلار ھامان تارىخ دەرياسىنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىدۇ. تارىختىمۇ بىزگە ئېنىقسىز نۇرغۇن يازارمەنلەر ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن، ئەنە ئۇلارنى بىز ئۇنتۇپ كەتتۇق، ئېسىمىزدا بارلىرى پەقەت ساناقلىقلا.كىتاب بىر تۈرلۈك ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى، ئەۋلادلارنى تەربىيلەيدىغان قورال ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرالنى تەسەللىي تېپىش، ئىچ پۇشۇقنى چىقىرىش، ۋاقت ئۆتكۈزۈش،قايغۇ-ھەسرەتكە، تۈرلۈك توقۇلما تىراگىدىيىگە ئەمەك بولۇشقا زورلاش خاتا. ئەقىلنى مۇنداق خورلاش ۋە ئىسراپ قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. تارىختا مەدەنىيەتنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆيدۈرۈلگەن كىتابلار ئۈچۈن ياققا تۇتۇپ، كۆزلەردىن ياشلار ئاققان،دات دەپ توۋلىغانلار ئۆتكەن بولسا، بۈگۈنكى دۇنيا كۆزلەرنى توسىغان پەردىنى، ئېغىرقاششاقلىقنى يوقۇتۇشقا، كاللىنى ھەردائىم چىرماپ تۇرغان، زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ يوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلۋاتقان، دەۋرى ئۆتكەن قالاق، داتلاشقان زانجىر-كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاشقا، ھەممىلا يەرگە تولۇپ كەتكەن ئېسىل مۇقاۋىلىق نەپىس «رومان» ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرۈشكە، قارا قىشنىڭ كېلەڭسىز ئوچۇقىغا تۇترۇق قىلىشقا مەجبور قىلماقتا.
   كىتاب ئىنسان ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بۇلۇقى. ئەمما، نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرەققىياتى ۋە ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيمىزكى، بۇ كىتابلار ھەرگىزمۇ ھېلىقى چىرىتكۈچى يازارمەنلەر داۋاتقان، جاھازىلارغا لىق تولغان ئېسىل مۇقاۋىلىق كىتابلارئەمەس، بەلكى ساماۋىي ئەقىل-پاراسەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئالەمدىكى جىمىي مەۋجۇداتلارغا يۇشۇرۇنغان سىر-كارامەتلەر ئەكس ئېتىپ تۇرغان، ۋۇجودىدىكى ئەقىل-پاراسەتنى ئىنسانىيەت بەختىگە بېغىشلىغان، چىن ئىنسانىيلىقنى، ئادىمىيلىكنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلاردۇر.
   ئۈمۈد غەنىنىڭ مۇشۇنداق بىرپىكىرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن دىللار سۈيۈنۈشى كېرەك. ئۇتالايلىغان «رومان، ھېكايە ۋە خام خىيال پەرۋانىلىرى»نى ئۆزىنى بىلىشكە ئۈندىدى ۋەياڭراق خىتاپ قىلدى، توغرا تەپەككۈر قىلىشقا، خەلق دۈچ كىلۋاتقان كىرزىسنى چۈشۈنۈشكە، شىپالىق دورا ئىزلەشكە ئاز-تۇلا دەۋەت قىلدى.
    شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، مىللىتىنى سۆيمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ، مەنمۇ، ئۈمۈد غەنىمۇ، شۇنداقلا بۇ يەردىكى تورداشلارمۇ ئوخشاش. بىز مۇشۇنداق ئورتاقلىققا ئىگە. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئۈمۈدغەنىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابنىڭ قانداق بولىشى بىلەن نېمە پەرۋايى؟ بىز ئۆز تىلىمىزنى،ئۆز ئىززىتىمىزنى قەدىرلىمەكچى بولساق گەپ-سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمىلىي ھەركىتىمىزبىلەن ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ئېسىل كىتابلار يوق ئەمەس، ئىلگىرى نەچچە يىل ئەجىرقىلىپ يېزىلغان، تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار بىزگە ھەر ۋاقت ئىلغار پىكىر ئېقىمىنىسىڭ دۈرەلەيدۇ، قايتا-قايتا ئوقىساق بولىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى تېخىمۇ توغرا ھېس قىلالايمىز. بىز ئۆزىمىزدىكى مەسلىلەرگە ئۆزچەمبىرىكىمىزدە تۇرۇپ ئەمەس، بەلكى شۇ چەمبەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ قارايلى، باشقاچەمبەرلەر بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقايلى، شۇ چاغدا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇيغۇريازغۇچىلىرىنىڭ نەچچە مىڭ كىتابىنى ئوقۇۋەتسەكمۇ، ئىدىيىمىز يېڭىلانمىسا، ئەمىلي ئىش قىلىپ بايلىق ياراتمىساق، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى يوقۇرى كۆتۈرمىسەك، ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا ھەسسە قوشمىساق ئوقىغان كىتابلىرىمىز نۆلگە تەڭ، بۇ مىللەتنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى خورلىغانلىق، ھاياتقا قىلىنغان ھاقارەت، جان باقتىلىق قىلغانلىق،قۇرۇق ئېغىزدا شۇئار توۋلىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆز ئەقىل پاراسىتىمىزنى نامايەن قىلغۇدەك دەرىجىگە يېتەلىسەك ئىنىقكى، باشقىلار بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى ئۆگۈنىدۇ، تىلنىڭمۇ مەۋجۇتلىقى ئاشىدۇ. مانا بۇ ھەقىقى مەنىدىكى سۆيگەنلىك، تۇنۇتقانلىق.
   يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەر خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى ياكى نەشر قىلىندى. ئەمما، ئۇقۇرمەنلەر بۇنىڭغا ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى،بۇ ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغاتەرجىمە قىلىدىغان خەنزۇ يولداش يوق دىيەرلىك. قائىدە بۇيىچە، بىر مىللەت قېرىنداش مىللەتلەردىن ئەسەر تاللاپ ئۆز تەرجىمە قىلماقچى بولسا شۇ مىللەتنىڭ تەرجىمانلىرى قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولغاچقا، باشقا تىلدىكى ئەسەرلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلالايدۇ. (ئويلاپ باقايلى، «قىزىل راۋاقتى كىچۈش»نى خەنزۇ تەرجىمانلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولسا شۇنچىلىك پاساھەتلىك چىقامتى؟) ئەپسوس، بىزدە تېخى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ھەۋەس قىلغۇدەك ئۇنداق ئۇيغۇرچە ئەسەر ۋۇجوتقا كەلمىدى، بىز پەقەت ئۆز-ئۆزىمىزگە باھا بېرىپ، شۇنداق ئېسىل ئەسەرلەر بار دەپ قارايمىز، خالاس. قاغا قاق ئېتۇر، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتۇر،دېگەندەك ئىش قەدەمدە بىر ئۇچرىماقتا.
    خارۋاردنىڭ تېمىغا«رەقىبىڭىز ھازىرمۇ توختىماي كىتاب ۋاراقلاۋاتىدۇ» دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆزيېزىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، كىتاب ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزغا قەدەم قويغان ئۇزۇن سەپەردە ھەمراھ بولىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلگىرلىشىدىكى شۇتا. قەدىمدىن تاھازىرغىچە كىتاب باشتىن-ئاخىرى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ۋاستىسىگە ئايلانغان.ھالبوكى، «ھەممە كىتابنى ئوقۇش كىتاب ئوقىمىغانغا باراۋەر» دەيدىغان گەپمۇ بار.شۇڭا، زامانىمىز ياشلىرى «كىتابنى تاللاپ ئوقۇش»نى بىلىشى، قىلچە قىممىتى يوق«ئەخلەت» كىتابلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن چۆرۋىتىشى كېرەك.
    يەنە بىر قىسىم تورداشلارپەلسەپىۋى، جەمىيەتشۇناسلىق تېمىسىدىكى كىتابلارنى نەقىل كەلتۈرۈپتۇ. مەن بۇ يەردەمۇنداق بىر گەپنىلا قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم. ئەپلاتون، سوقرات، ئارىستوتىلدەك توپ-توپ پەيلاسوپلىرى چىققان گىرىتسىيە ئەمدى تېخى قەرز كىرزىسىدىن قۇتۇلۋاتىدۇ، يەنەكېلىپ ئۇ ياۋرۇپادىكى ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قاتاردىكى ئەل سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئېسىل پەيلاسوپمۇ بىر ئەلنى مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرالمىغان، بىز بۇنى ئۆز تارىخىمىز ئارقىلىق دەلىللىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئاتالمىش پەيلاسوپ، جەمىيەتشۇناسلارغائىشىنىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كۈچلۈك پەن-تېخنىكىسى، دىپلۇماتىيىسى ۋە ئىقتىسادى كۈچى بولمىغان ئەل ئەزەلدىن بوزەك. مەن تورداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى مەسلىنى ھەل قىلالىسىڭىز ئۇ سىز ياراتقان پەلسەپە بولىدۇ، مەسلىنى خەقنى دوراپ ئەمەس، ئۆز يولىڭىز بىلەن ھەل قىلىڭ، ئۆز يولىڭىزنى ئۆز قەدىمىڭىز بىلەن مېڭىپ چىقىڭ. تارىخى كىتابلار توغرىسىدا مېنىڭ تەكلىپىم پەقەت بىرلا، كەينىمىزگەتارتىشماي ئالدىمىزغا قارايلى. بىز ھەرقانچە ئېسىل مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولساقمۇ ئۇ ئىلگىركىلەرگە تەۋە، بۈگۈنكى كۈندىكى بىزنىڭ ئەمەس، بۈگۈننى ئۆزىمىزيارىتىمىز. تارىختىكى نەتىجىلەردىن شۇنچىلىك زوق ئالدىغان بولساق ئۇنداقتائۇلاردىنمۇ سەرخىل نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا قاراپ توختىماي ئىلگىرلىشىمىز،ئىزدىنىشىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە ئەمگىكىمىز ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئەجداتلىرىمىزغا يۈز كىلىمىز.
    يىگىرمە يىل ئىلگىرى باشلىقىم مېنىڭ ھېكايە كىتاب كۆرۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، بۇنداق كىتابلارنى كۆرمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى، شۇ چاغدا مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ھەيران قالغان، ھەم گۇمانسىرىغان ئىدى. ھازىر بۇ گەپنى مەن سىلەرگە قالدۇرۋاتىمەن. ئىلگىركى باشلىقىم ئەل ئىچى كارخانىچىسىغا ئايلاندى، مەن بولسام تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئائىلەئىگىلىكىمنى ئىككى مىليونغا يېقىنلاشتۇرغان خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ كىلۋاتىمەن. ئەل-ۋەتەننى،جۈملىدىن ئائىلىمىزنى، ئۆزىمىزنى سۆيسەك، ئۇلار ئۈچۈن ئەمىلىي ئىشلەپ، بەخت يارىتايلىكى، ھەرگىز چاكىنا يازارمەنلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ خىياللار بىلەن توشقان ئەخلەت كىتابلار ئارسىدىن ھېكىمەت ئىزلەپ بىھۇدە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلۋەتمەيلى. قېيىنچىلىققا يولۇقسا سۇنماس ئىرادىمىز بىلەن ئەقىل-پاراسىتىمىزگەتايىنىپ ھەل قىلايلى، يۈگرەپ يۈرۈپ «ھېكىمەتلىك» كىتابلارنى ۋاراقدىمايلى، خەق ماڭغان يولنىڭ بىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.
ھۆرمەتلىك تورداش، ئۈمۈدغەنى ئەپەندىمنىڭ كىتاب توغرىسىدىكى بايانلىرىغا ئاكىتىپ پىكىرقاتناشتۇرغانلىقىڭىز سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز. ئەمما، سىز ئويلاۋاتقان، تەلمۈرۋاتقان،قەدرىنى قىلۋاتقان كىتابنىڭ كەينىگە قانچىلىك ئۇيۇننىڭ يۇشۇرنغانلىقىدىن خەۋەردارئادەم ناھايىتى ئاز. مەنمۇ خەۋىرىم بارلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇنداق نۇمۇسلۇق ئىشلار ئىنتايىن خۇپىيانە بولغاچقا كۆپۈنچە ئادەم ئۇنى بىلمەيدۇ. پەرىزىمچە، بۇتورغا كىرىپ ۋاقت ئۆتكۈزۋاتقان ئادەمنىڭ كوپۇنچىسى 80-، 90- يىللارنىڭ بالىلىرى.70-يىللىقلارنىڭ تولىسى ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە توردىكى بەس-مۇنازىلەردىن چىكىندى. شۇڭا، ياشلىق مەزگىلدە تۇرۋاتقان ياشلار قىزىق قانلىق قىلىشتىن، ھېسىياتقا بېرىلىشتىن ساقلىنىپ، ياخشى ئويلانمىسا كەلگۈسى يولنى خاتاتاللايدۇ.
    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ھەممىمىزنى كاللىمىزنى سەگىتىپ، نۆۋەتتىكى بىز دۈچ كېلۋاتقان مەنىۋى ئۇزۇق جەھەتتىكى كىرزىسنى ھېس قىلغىنىمىز، بۇ ئۇزۇقنىڭ نېمىشقا شۇنچە ئاجىز بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدەئويلانغىنىمىز ئەۋزەل. ئۇچۇشقا قۇربى يېتىدىغان ئادەم بىلەن پىيادە ئادەمنىڭ بىرلاپەرقى بار، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۈر قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.
ئاخىرىدا مۇشۇنداق مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تۈرتكە بولغان ئۈمۈد غەنى ئەپەندىم ۋە پىكىرقاتناشتۇرغان بارلىق تورداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

4

تېما

0

دوست

2531

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2928
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 132
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 287
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمىد غېنى « ئىنقىلابى »  پارتىلامدۇ نىمە ئەمدى ؟؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

7

دوست

3062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16206
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 940
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەتراپلىق مۇلاھىزە  .

70

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.61%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2605
تۆھپە : 12864
توردىكى ۋاقتى: 6270
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما،ئورۇنلۇق تەشەببۇسلار ئىكەن.ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەپەككۆر بىلەن يۇغۇرۇلمىغان،ئەخلەت ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىگى پاكىت.

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33966
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qutluq79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 22:14  

مېنىڭچە، «ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك» دېگەن سۆز بىلەن «ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى بازار شاللىۋەتكەندىلا ئاندىن تەپەككۇر قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەن سۆز ئويلاپ باقساق، ئالدىنقىسى كېيىنكىسى تولۇقلاپ كەلگەن ئەمەس. بەلكى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى نۇقتىدىن چىققان ئىككى پىكىر، ياكى ئىككى كۆز قاراش.
ئۈمىد غەنى دەسلەپتە  «ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك» دېدى، كەينىگە ئۇلاپلا «ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى بازار شاللىۋەتكەندىلا ئاندىن تەپەككۇر قىلىدىغان بولىدۇ» دېدى، دەپ، ئىككى نۇقتىدا تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى ئاقلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

50

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33966
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەزكۇر تېما بولسا ئۈمىد غەنىنىڭ «ئۈمىد پاراڭلىرى» دېگەن پىروگىراممىسىنى دەستەك  قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانكى، ئۈمىد غەنىنى ئاقلاش ياكى ئۇنىڭغا تەنقىد بېرىش يۈزىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قىلمايدۇ.  

0

تېما

0

دوست

275

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،ئايكىن سىزنىڭ تىمىڭىزنى ئەقلىمىزنىڭ ئارغامچىسىنى ئۇزۇن قۇيۇپ بېرىپ ئويلانغاندا،ياخشى بىر تېمىنى سۇنغالىقىڭىزغا تەشەككۇر دىمەي ئامال يوق.
لىكىن ئۈمىد غەنىينىڭ كىتاپ ھەققىدىكى بايانى ۋىجدانلىق يازغۇچىلىرىمىزغا بىر سىگنال بەرسە،ئەمدىلا كىتاپ ئۇقۇشقا كىرىشكەن نادان خەلقىمىزگە نىسبەتەن چوڭ بىر چىكىنىش.
ئۈمىد غەنىي خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان ئادەم ئۇ ئۇيغۇرچە كىتاپ ئۇقماڭلار دىسە خەلقىمىزگە مايدەك يېقىپ،خەلقىمىز يەنە ئارقىغا دەسسەپ ئمدىلا باشلانغان كىتاپ ئۇقۇش دولقۇنى سامانغا تۇتاشقان ئۇچقۇندەك تېزلا ئۈچۈپ قالىدۇ
شۇڭا كىتاپ ئۇقۇش يىلىنىڭ ھورمىتىنى قىلىپ بارلىق كۇچىمىز بىلنخەلقىمىزنى كىتاپ ئۇقۇشقا چاقىرشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن

1

تېما

0

دوست

978

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25692
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەخلەت كىتاب كۆپ دەپ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كىرەك دىسە بولامدىكەن.دۇنيادا ھەممە تىلدا ئەخلەت كىتابلار بار.
ئۈمۈد غەنىڭ قارىسىغا سۆزلىگەن ھۆكۈملىرى خىلى بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )