قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4056|ئىنكاس: 181
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

10

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 916
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار

(ئۇمۇن)



  ئۇزۇن زامان يىپىق جەمىيەتتە ياشىغان كىشىلەر ئەنئەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشالمايدۇ.يىڭى ئىدىيە،يىڭى تەپەككۈر مىۋىللىرى، كونا قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن ئىنكارلانغانلىقى ئۈچۈن زامانىۋىي جەمىيەت ئۇقىمى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئەخلاقسىز ۋە ئىتىقادسىز جەمىيەت بولۇپ تۇيىلىدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن خەتەرلىك ۋە كەسكىن  تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.مىللەت، ۋەتەن ۋە ئەركىن ھايات ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى مىللەتكىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرىگە مەجبۇرلاۋاتىدۇ.
    مىللەتكە كۆيۈنۈش ۋە مىللەتكە بارلىقىنى بىغىشلاش ئۈچۈن ئەركىن ياشاشنى قۇربان قىلىش ۋە تەبىئىي«مەن»نى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش كىرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى خەلقىمىزگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن  ئۇيغۇردىكى پالەش تۈزۈملەرگە تەسلىم بولۇش كىرەك.بۇ خىل قىممەت ئۆلچەملەر ياشلىرىمىزنىڭ قىززىقىشى ۋە ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ.
  ياشلىرىمىزدىن مىللەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىن ھاياتى، قىززىقىشلىرى ۋە چۈشەنچىللىرىنى قۇربان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز ياشلىرىمىزنىڭ مىللەتتىن سەسكىنىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.زوق ئىلىش تۇيغۇسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ،تارتىشىلمايدۇ.مىنىڭ ئاپلىسىن تەملىك كەمپۈتنى ياخشى كۆرىشىم ئاپلىسىن تەملىك كەمپۈتنىڭ بۆلجۈرگەن تەملىك كەمپۈتتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئەڭ ياخشى نەرسە سىز ياخشى كۆرگەن نەرسىدۇر.زامانىۋىي پوپ موزىكا ياكى راك موزىكىسىنى ياخشى كۆرگەن ئىنسانغا نىمىشقا دۇتتار-تەمبۈرنى ياخشى كۆرمەيسەن دەپ چالۋاقاش ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىقتۇر.
   12مۇقام،ئۇيغۇر،ئۆزبەك،تۈرك مىللەتلىرىنىڭ خەلق ناخشىللىرى ۋە سەنئەت مۇزىكىللىرىنى ياخشى كۆرىمەن.لىكىن مىنىڭ بۇ سەنئەت جەھەتتىكى لىرىكىلىقنى،سالماقلىق ۋە چوڭقۇرلۇقنى قوغلىشىشىمنى ياشلاردىكى جۇشقۇنلۇق ۋە شوخلۇقنى قوغلىشىدىغان قىزغىنلىققا سىلىشتۇرۇش «ئۆزۈمنىڭ دىرىزىسىدىن باشقىلارغا قاراش»بولىدۇ.
  پەرىقلىق ھەۋەس ۋە قىززىقىشلىرى تۈپەيلى دىنى ۋە مىللىي نۇقتىدىن ئەخلاقسىزغا چىقىرىلغان ياشلاردىن مىللەتكە تۆھپە يارىتىشنى كۈتۈش ھەقىقەتەن بىمەنىلىك.بۈگۈنكى ياشلارغا قارايدىغان بولساق كىلاسسىك ئۇيغۇر مەدىنيىتى بىلەن تەربىيلەنگەن بالىلار بىلەن چوڭ شەھەرلەردەك ھەرخىل مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشقان رايۇنلاردا يىتىشكەن بالىلار ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن چوڭ ئۈزۈكچىلىك ۋە چوڭقۇر كىلىشەلمەسلىك مەۋجۇت.
   تۆۋەندە مەن بۇ ئىككى خىل موھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنى كىلاسسىك بالىلار ۋە يىڭى بالىلار دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىپ سۆزلەپ ماڭىمەن.(بايان قىلىشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈم ئايرىۋالدىم).
   كىلاسىك بالىلاردا مىللي ۋە دىننى تۇيغۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.بۇ خىلدىكى بالىلاردا ئۆز مەدىنىيىتى ئۈستىدە تەنقىدى مۇلاھىزە يۇرگۈزۈش ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ ۋە مىللىي،دىنى تۇيغۇلىرى ئەقلى يەكۈنگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىنى كىلاسىك مىللىي ئەزالار تەشكىل قىلىدۇ.
    يىڭى بالىلار ئارلاشما مەدەنىيەت موھىتىدا يىتىشكەنلىكى ئۈچۈن مىللى ۋە دىنى تۇيغۇلىرى سۇس،زامانىۋىي مەدەنىيەتكە بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ.قوشتىل مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى شەھەرلىشىشنىڭ چوڭىيىشى بىزدە كىلاسسىك بالىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تارىيىشى ۋە يىڭى بالىلارنىڭ ئۈزلىكسىز كىڭىيىشىدەك ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلىۋاتىدۇ.بۈگۈنكىدەك يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە ئۇيغۇرلار ئىنتايىن چوڭ مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىيلىقنىڭ بوھرانىغا ئۇچۇرماقتا.ئالدىنقى تىمامدا دەپ ئۆتكۈنۈمدەك ياكى يىڭى مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىيلىق بىلەن قۇراللىنىپ مىللىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز ياكى يىڭى مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىيلىققا قارشى جاھىللارچە ئىنكاس بىلەن مىللەتنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەپ بولىمىز.
    يىڭى بالىلار بىلەن كىلاسسىك بالىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈكچىلىك ۋە كىلىشەلمەسلىك جەمىيەتنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مومكىن. ئەنئەنىۋىي ئائىلىلەرنىڭ يىمىرىلىشى،يىڭى نەسىللەرنىڭ يىڭى مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە بولىشى،مائارىپىمىزدىكى «سىڭىپ كىرىش »  ياشلىرىمىز ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن چوڭ زىدىيەتكە سەۋەپ بولىشى مومكىن.

   تارىخ ۋە تەرىققىيات بىزگە يىڭى تاللاشنى تۇتقۇزۇپ قويدى.يا ماسلىشىش ياكى يوقۇلۇش.
    ئىنتايىن ئاچچىق رىئاللىق شۇكى ئۆركەش ئىسىملىك بىر توردىشىمىز ئىنكاسىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىدەك بۈگۈنكى ياشلىرىمىز بىزگە ئۇلتۇماتۇم تاپشۇردى.
ئۇلار مىللەتكە  چىرىك قاراشلىرىڭنى تازلاپ  زامانىۋىي مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلىسەن ئۇيغۇرلىقىمىزنى ساقلايمىز ياكى داۋاملىق قارشى تۇرسەن ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن باشقا مەدەنىيەتلەرگە قىتىلىپ كىتىمىز دەپ بايانات ئىلان قىلىۋاتىدۇ.ياشلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ جەلىپكارلىقىغا تاتقۇزۇپ قويۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭلا سەۋەنلىكى ئەمەس.يىڭى مەدەنىيەتلەرگە،ئوخشىمىغان قاراشلارغا،پەرىقلىق سىسياسىي ئىدولوگىيەلەرگە ۋە باشقا دىنى، جىنسى خائىشتىكى مىللىي ئەزالارغا بولغان رادىكاللىقىمىز بۈگۈنكى زامانىۋىي مىللەتلەردىكى يىڭىچە ئەخلاق سىستىمىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ تاشلىنىدۇ.كۆكۈرۈپ كەتكەن قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى قۇچاقلاپ يوقۇلۇپ كىتىشىمىزنى تاللامدۇق ياكى زامانىۋىي ئىدولوگىيەلەر بىلەن قۇراللىنىپ مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلامدۇق بۇ تارىخنىڭ قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسە.
  ياشلىرىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قالىمىز؟مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنى قانداق قىلغاندا كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟؟بۇ خىل سوئاللار دەۋىرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈستىدىن بىزگە قويغان سوئاللىرىدۇر.ئىچىنىشلىق سىياسىي رىئاللىققا قاقشاش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش بۈگۈنكى رىئاللىققا شۈكرى قىلىش مەنىسىگە كىلىدۇ.بۈگۈنكى مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىيلىق بوھرانى جەمىيىتىمىزنى ئوراپ تۇرغان چۈرۈك مىللى ۋە دىنى ئىدىيىلەرنى ئۆتمەتۆشۈك قىلىپ تاشلىدى.ياشلىرىمىز تەلپۈنۈش بىلەن ئىچىۋىتىلگەن مەدەنىيەتلەرگە قاراپ ئاقماقتا.ياشلىرىمىز يۇقارقى مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرنى تونىمىغىدەك دەرىجىدە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشى مومكىن.بىز بۇ خىل ۋەزىيەتتە ياكى يىپىق جەمىيەت قۇرۇلمىمىز بىلەن باشقا مىللەتلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىمىز ياكى ئىچىۋىتىلگەن جەمىيەتنى بەرپا قىلىپ ئەۋلادلىرىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
   يۇقارقى تاللاشلارنى تاللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۈش ھىچقايسىمىزنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.تاللاش بار ئەمما بىز يەككە شەخىس بويىچە تاللىيالمايمىز .تاللىشىمىز ئۈچۈن تارىخ ياردەم قىلىشى كىرەك.ياشلار ئارىسىدىكى ئۈزۈكچىلىك ۋە كىلىشەلمەسلىك قوشتىل مائارىپى،شەھەرلىشىش دولقۇنى ۋە يىڭى مەدەنىيەتلەرنىڭ بوھرىنى بىلەن تىخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ ماڭىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ خىل زىدىيەت كىلاسىك ئۇيغۇرلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاتا-ئانىلار بىلەن يىڭى بالىلار ئوتتۇرسىدا كۆرىلىشى(ئەمەلىيەتتە كۆرىلىۋاتىدۇ)،ئەۋلادتىن ئەۋلاتقان ئۆتكۈرلىشىپ مىڭىشى مومكىن.بالىلىلىرىڭىز چ چ ۋە ئۈندىدار دوسلار چەمبىركىگە ھەمبەھىرلىگەن نەرسىلەرنى سىزنىڭ كۆرىشىڭىزگە توغۇرلاپ چەكلەپ قويمىغانلا بولسا ھەمبەھىرلىگەن نەرسىلەرگە قاراپ بۇ ئۆزگۈرۈشنى چوڭقۇر ھىس قىلالايسىز.
    مۇنبەرداشلارنىڭ بىرى چەت سەھرادىن يەنە بىرى قايناق شەھەردىن بولىشى مومكىن.ئەتراپىمىزدا ئۇچۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىشىمىز تەبىئىي.لىكىن شۇنى كىسىپ ئىيتالايمەنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىچىدە ياشلار ئوتتۇرسىدىكى ۋە ئەجدات-ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈكچىلىك ۋە كىلىشەلمەسلىك ھەقىقى مەۋجۇت ۋە جىددى ھادىسە.ياشلاردىكى ئۇيغۇردىن سەسكىنىش ھادىسىسى مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە سىياسىي رىئاللىق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى تىخىمۇ كىڭىيىپ ۋە تىخىمۇ ئۇلغۇيۇپ بارماقتا.
   ھەتتا بىر قانچە دوكتۇر ۋە ماگىستىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ بۇ خىل ئۇيغۇردىن سەسكىنىدىغان سەلبىي ھادىسىنى ئۇچراتتىم.تاشقى دۇنيادىن كەلگەن مەدەنىيەت بوھرانلىرىنى توسۇپ قالغۇدەك قۇدرەت بىزدە يوق.بىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئامال تاشقى دۇنيادىن كەلگەن بۇ بوھرانغا ماسلىشىش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىمىزنى قوغداش.
   تاشقى دۇنيادىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ماسلىشىش  دىنى ۋە مىللى روھنى چۆرىۋىتىش دىگەن مەنىدە ئەمەس.ھەرقانداق ئىنساننىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ.بىراق ئومۇمىي دىنى ھىسياتلىرىمىز بىلەن رىئال دۇنياغا،مىللەتنىڭ مەنپەتىگە تاقىشىدىغان يادرۇلۇق مەسىلىلەرگە باھا بىرىشىمىز تەنتەكلىك ۋە ھىسياتچانلىققا ياتىدۇ دەپ قارايمەن.
   ياشلىرىمىزنىڭ يىڭى مەدەنىيەت ئىقىملىرىغا بولغان تەلپۈنىشى قاتتىق رادىكال ئىنكاسقا ئۇچۇرسا ياشلىرىمىز مىللى مەدەنىيىتىمىزدىن سويۇپ كىتىدۇ.
ياشلاردىكى مەدەنىيەت پەرقىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىلاردا مىللى ۋە ۋەتەنپەرۋەتلىك روھىنى كۈچەيتىش كىرەك.بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بەرگەن ئاساستا ئۇلارنىڭ مىللى  مىراسلارغا بولغان مۇھاببىتىنى كۈچەيتىشىمىز كىرەك.بۈگۈنكى ئەقلى تەپەككۈر تەكىتلىنىدىغان جەمىيەتتە نۇرغۇنلىغان پالەش ئىدىيەلىرىمىز بالىلارنىڭ قەلبىدە پاچاقلاپ تاشلىنىۋاتىدۇ.

   ياشلارنىڭ قىززىقىشىغا،مەدەنىيەت تەلپۈنىشگە،شەخسى زوق ئىلىش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز رادىكال ئىنكاستا بولماسلىقىمىز كىرەك.سىياسىي رىئاللىق مىللەتچىلىك ۋە دىننىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ يىڭى مەدەنىيەتكە ئۇچۇرغان مەلۇم قاتلامدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى  مىللەتنى چۆرىۋىتىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.
    دىققەت قىلىدىغان نۇقتىمىز شۇكى سىياسىي رىئاللىق،بۈگۈنكى مائارىپ ۋە ئۈزلۈكسىز شەھەرلىشىش كىلاسسىك بالىلارنىڭ تارىيىشى يىڭى بالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئويلايدىغىنىمىز يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىغا ئۇچرىغان بالىلارنى قانداق قىلغاندا مىللىي روھقا ئىگە قىلىپ يىتىشتۈرگىنى بولىدۇدىن ئىبارەت.
   تىل،دىن،مەدەنىيەت ئامىللىرى پەقەتلا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئامىللار، يادرۇلۇق ئامىل بولسا مىللىي روھتىن ئىبارەتتۇر.مىللى روھى ئۆلۈشكە قاراپ يۈزلەنگەن مىللەتتە دىن،تىل،مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ ئاسمىلاتسىيە بولۇشقا باشلايدۇ.بالىلاردا مىللى روھنى كۈچەيتىش،ياشلارنىڭ مىلىيلىككە بولغان مۇھاببىتىنى ئاشۇرۇش،مەدەنىيەتىمىزنى زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.بۇگۈنكى دۇنيا سىستىمىسى مەدەنىيىتىمىزگە يا ئۆزىگە ماسلىشىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشنى ياكى دۇنيا سىستىمىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ بۇلۇشنى تاللاش قىلىپ  سۇندى.
   ياشلىرىمىز ۋە ئەجدات-ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش  مەۋجۇتلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم مەسىلە.بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىل ئاۋۋالقى دۇنيا ئەمەس.دەۋىرگە قانچىكى كىچىكىپ ماسلاشساق شۇنچىلىك ئاسمىلاتسىيەگە ئۇچرايمىز دەپ قارايمەن.ياشلارنىڭ مىللى روھقا ئىرىشىشى ۋە زامانىۋىي جەمىيەتكە بولغان توغرا پوزىتسىيىسى كىلەچىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن مەدەنىيەتلەر يۇغۇرلىنىشىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كۈزۈتۈش ماڭا نىسبەتەن موھىم بىلىنىدۇ.ياشلاردىكى تەربىيلەشنى يۇمشاقلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىيلاشتۇرۇش كىرەك.بالىلارغا نىسبەتەن ھەرخىل تەن جازالىرى،ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانىي غۇرۇرىنى سۇندۇرىدىغان بارلىق تەربىيلەش ۋاستىللىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كىرەك. تەربىيلەش  ۋە مىللىي مەدەنىيەت جەلىپكارلىقى بالىلارنى مىللى روھقا تارتىدىغان ئىككى موھىم كۈچتىن ئىبارەت.بالىلارنى مىللى مەدەنىيەت تونىدىكى رادىكال ئىدىيەلەردىن، ئىنسانلىق تۇيغۇلارغا خىلاپ ئىدىيىلەردىن يىراق تۇتۇشنىڭ ئۆزى بالىغا مىللىي روھنى يىتىلدۇرۇشكە پايدىلىق.
    بالىلارغا دىنى جەھەتتىن مۇسۇلمان بولمىغان توپلۇملارغا قارشى ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى چىچىشنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ئىنسانلىق تۇيغۇسىغا قارشى ھەركەت.
«ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ»،«مۆشۈك ئىككى يۈزلىمىچى» دىگەن قاراشلارنىڭ ئۆزى بالىلارنىڭ ھايۋانلارغا بولغان پاك تۇيغۇلىرىغا مۇخالىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا تىخىمۇ زىيانلىق ھەركەتتۇر.
    يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەرنى بىز دىنى مۇقەددەسلەرگە چىتىش ئارقىلىق ئىلاھلاشتۇرشقا ئۇرىنىمىز،يۇقارقىدەك بىمەنە قاراشلارنى ئىلاھلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغىنىمىزنىڭ ئۆزى دىنغا قىلىنغان ئەڭ ئىغىر زىيانكەشلىكتۇر.بالىلارغا يۇقارقىدەك مەنتىقسىز ۋە بىمەنە قاراشلارنى سىڭدۈرىشىمىز بالىلارنىڭ ئەقلى يىتىلىشىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي بالىلارنىڭ  تەپەككۈرىگە قاتمۇقات توساق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.بالىلارنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن،مىللى روھقا ۋە دىنى مۇستەقىل قاراشقا ئىگە قىلىپ يىتىشتۇرۇپ چىقىش ۋە مىللى، دىنى قاراشلىرىنى رىئال مىللىي مەنپەئەتكە ئارلاشتۇرمايدىغان پوزىتسىيەگە ئىگە قىلىپ تەربىيلەش لازىم.
    سىياسىي رىئاللىق تۇرمىشىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك دىلغۇل ئاتمۇسفۇرادا بىر مىللەتنىڭ ياشلىرىنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇش مۇرەككەپ سوئالدۇر.قۇلقىغا ھالقا ئاسقان ئۇزۇن چاشلىق ياشنى مىسال ئالسام غالجىرلىشىپ كەتكەن قىرىنداشلىرىمنى كۆرۇپ ئىچىندىم.
60-70يىل بۇرۇن چىچىنى بۇدۇر قىلىپ بىر خوتۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تالاغا چىقالمايتتى.بۈگۈنكى تالادا چىچىنى سىرىققا بويىغان بۇدۇر چاچلىق ئەركەكلەرنى ئۇچۇرتالايمىز.بىز تىرەجەپ قۇبۇل قىلمىغان بىلەن زامان ۋە رىئالىق بىزگە قۇبۇل قىلغۇزىدۇ.قۇبۇل قىلساقمۇ،قۇبۇل قىلمىساقمۇ قۇبۇل قىلىمىز.چۈنكى بۇ تارىخنىڭ تاللىشى.بۈگۈنكى دەۋىر جەمىيەتنىڭ باھاسىغا ئەمەس، كىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ.
   بۇ خىل جەمىيەت قۇرۇلمىسىدا مىللى مەنپەئەتكە پايدىلىق نىمىلەرنى قىلالايمىز؟بۇ خىل مەدەنىيەت بوھرىنىدا ياشلىرىمىزنى مىللى مەدەنىيەتكە قانداق قىززىقتۇرالايمىز ؟؟كىچىگىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەھمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى،ھەتتا ئەيسا ۋە مۇسا ئەلەيھىسالامنى بىلمەيدۇ.لىكىن زوق-شوخ بىلەن ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئوينىيالايدۇ.(مىسال)
   دىنىمىز بىلەن مىللى تارىخىمىز ياشلىرىمىزغا مىللى ناخشا -ئۇسۇلىمىزچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بىر جەمىيىتتە ياشاۋاتىمىز.بۇ بۈگۈنكى مەدەنىيەت بوھرىنىنىڭ ياشلاردىكى ئەڭ كىچىك ئىپادىسىنىڭ بىرىدۇر.مىللى ناخشا-موزىكىللىرىمىز مىللى كۆڭۈل ئىچىش تۈرلىرىمىز مىللى جەلىپكارلىقنى ئاشۇرۇپ ياشلارنى مىللى روھقا ئىگە قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ. مىللى روھقا ئىگە بولغان ئەزالاردا مىللى قىممەتلەرگە بولغان مۇھاببەت شەكىللىنىدۇ.ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىنى قارغۇلارچە ئىنكار قىلىش ياشلارنىڭ مەنىۋىي زوق ئىلىش ئىستىكى ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تەلىپى بىلەن قارمۇ قارشى ھەركەتتۇر.
ياشلارنى مىللەتكە كۆيۈنىدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ياشلارنى مىللەتچى قىلىشىمىزنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.مىللەتچىلىكنىڭ بازىرى دۇنيادا ئۆلدى.بۈگۈنكى تەشەببۇس گۈزەل جەمىيەت ۋە ئىنسانچىلىق تەكىتلىنىدىغان تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىشتۇر.
   ياشلارنى دۇنيادا بازار تىپىۋاتقان ئەڭ ئىلغار ئىدىيەلەر بىلەن قۇراللاندۇرۇشنىڭ ئۆزى ياشلارغا گۈزەل كىلەچەك يارىتىشتۇر.بۈگۈنكى دۇنيا جەمىيىتى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى،ئىنساننىڭ ساپلىقى ۋە تەبىيلىكىنى قوغلىشىدۇ.بۇ ئىدىيە جالالىدىن رۇمىنىڭ« ئۆزۈڭدەك كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭدەك بول» دىگەن جۈملىسىگە يىغىنچاقلانغان.
   ئىنسانلار ھەرخىل ئىجدىمائىي تۈزۈلمىلەر،ئەنئەنىۋى مىللى ۋە دىنى ئەخلاق زەنجىرلىرى بىلەن ئۆزىنى قاتمۇقات باغلىۋىتىدۇ.بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەشەببۇسى ئاشۇ زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئۆزەڭدەك«مەن»بولۇپ ياشادىن ئىبارەتتۇر.چوڭ شەھەرلەردىكى ياشلارغا بۇ خىل ئىدىيە ئۈزلۈكسىز سىڭىۋاتىدۇ.بۇ ئىدىيەنىڭ تەسىرىدىن يىڭى ياشلار مىللەتنىڭ ئۆلچىمىدەك« مەن»بولۇپ ياشامدىم ياكى ئۆزۈمدەك«مەن»بولۇپ ياشامدىم دىگەن تاللاش ئىچىدە گاڭگىراۋاتىدۇ.بۇ گاڭگىراش  مىللەتكى بولغان  سەسكىنىشكە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.ياشلارنى ھەم ئۆزىدەك«مەن»بولۇشقا رىغبەتلەبدۇرۇش،ھەم مىللەت خەلىقنى ئويلايدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ سىڭىشىغا  تۈرۈتكە بولۇش ئۈچۈن تەڭپۇڭ بىر ئىدولوگىيە سىستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش زۆرۈردۇر.
  

ياشلارنىڭ مىللەتكە بولغان سۆيگۈسىنىڭ ئىشىشى بالىدا ئەخلاقنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
    بۈگۈنكىدەك جەمىيەتتە ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ يىمىرىلىشى ئەسلى توغرا يۆنۈلۈش ئەمەس.بۈگۈنكى دۇنيا بازار تىپىۋاتقان ئەخلاق سىستىمىسى دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا ئەخلاق سىستىمىسىنىڭ زامانغا لايىقلاشقان شەكلىدۇر.
   سەمىمىيلىك،ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلىش،پاكىزلىق،شەخسىيەتسىزلىك ۋە ئىشەنىچ قاتارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىراس ئەخلاقلىرى بۈگۈنكى نەچچە مىڭ يىللىق دەھشەتلىك قۇللۇق تۈزۈم ئاسارىتىدە قالغان چوڭ مىللەتلەرنىڭ چىرىك ئەخلاق سىستىمىسىغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىپ بارغانلىقى ھەقىقەتەن قىززىقارلىق ئىش.
  

   مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە ماشىنا ئادەمدەك پۇل تىپىشقا ھىرىسلىك يات مىللەتلەردىن بىزگە كىرگەن ناچار ئىدىيەدۇر.
   بالىلارغا پۇل تىپىش ۋە مۇۋاپىقيەت قازىنىش تەربىيىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بەرگەن ئاتا-ئانىلار ئۆز مىللى ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ئاتا-ئانىلاردۇر.بالىغا ھاياتنى سۆيۈش،ئەتراپىدىكىلەرنى سۆيۈش،تەبىئەتنى سۆيۈش،ئىنسانىيەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت گۈزەل ھىس تۇيغۇلارنى سىڭدۈرگەن ئاتا-ئانىلار بالىغا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان ئاتا-ئانىلاردۇر.
    بالىنى ھەددىدىن زىيادە مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا قىستاش،رىقابەت تەربىيىسىنى چەكتىن ئاشۇرۋىتىش بالىنى ئۆزىنىمۇ سۆيمەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.«خەنزۇچە بىلمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى بالىلارنىڭ قۇلقىغا سۆزلەپ تۇرىمىز قىنى قانچىمىز بالىمىزنىڭ قۇلقىغا «ئەتراپىڭدىكىلەرنى سۆيمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى پىچىرلەپ باقتۇق؟!

     سۆيۈشنى بىلمىگەن ئىنساندىن مىللىي مەسئۇلىيەتنى تەلەپ قىلىش ئالجىغانلىق.

    خوتەندىكى كۈلگە مىلەنگەن كۆمەچنى،قەشقەرنىڭ تار كوچىللىرىنى،ئىلى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنىنى،ئۈرۈمچى كوچىللىرىدىكى پىداكار روھلارنى سۆيمىگەن، سۆيەلمىگەن كىشىلەردىن مۇھاببەت تەلەپ قىلالمايدىغىنىمىز ئايدىڭ.(ئازراق ھاياجان پىكىرلىرىمنى قىتىپ قويدۇم،ئۆزرىلەر)
    بالىلارغا مۇھاببەت تەربىيىسىنى سىڭدۈرشىمىز ئەمەلىيەتتە بالىلارغا مۇۋاپىقيەت قۇراللىرىنى سوۋغا قىلغىنىمىزدۇر.دىنى ۋە مىللى چۈشەنچىللىرى مۇستەقىل،رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقىش بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ تەلىپىدۇر.ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە بالىلاردا شەخسىيەتچىل ئىدىيەگە ئايلىنىپ قاپتۇ.مەن بۇ مەزمۇندا بىر قانچە ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ باقتىم.
   سۆھبەت ئىلىپ بارغان بىرقانچە ياشلار (خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلار)ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان ئىدىيەلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلى مىللەت توغۇرلۇق گەپ قىلىشنىڭ ئۆزىنى قالاقلىق دەپ قارىۋالغان.ھەقىقەتەن دۇنيادا مىللەتچىلىك   ۋە ئىرىقچىلىق قالاقلىق سانىلىدۇ.بىراق مىللىتىنى سۆيۈش ۋە مىللەتكە تۆھپە قوشۇش يەنىلا پۈتكۈل دۇنيا ئەخلاق سىستىمىسىدا  ئالىيجاناپ بىر ھەركەت دەپ قارىلىدۇ.
    يىڭى بالىلار شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش ئىدىيىسىنى  ئىنتايىن خاتا ئۇسۇلدا ھەزىم قىلغان.ھەزىم قىلىشتىكى خاتالىق شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشنى مىللەتنى سۆيۈشكە زىديەتلىك قىلىپ قويغانلىقىدۇر.مىللەتنى سۆيۈش بىلەن شەخسى ئەركىنلىك ھىچقانداق پۇت تىپىشىدىغان نۇقتىدا توختىمايدۇ.ھەر ئىككىسى بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ۋە ئىلغار قاراش.بىرىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يەنە بىرىنى قۇربان قىلىش ياشلىرىمىزدىكى قۇبۇل قىلىش خاتالىقىدۇر.
    مىللەت،زامانىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئەۋلادلار ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر مىنىڭ بۇ كىچىككىنە يىرىم ئىلمىي،يىرىم ھىسسى ماقالەمدە تولۇق ئەكىس ئىتەلمەيدۇ.بۇ توغۇرسىدا ئىزدىنىش ۋە تەدبىر تۈزۈش كىرەك.ماقالىنى بۈيۈك مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياكى مىللەتكە  يول كۆرسىتىش ئۈچۈن يازمىدىم.جەمىيەت،مەدەنىيەت بوھرىنى ۋە ياشلار ئوتتۇرسىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەر بۇ ماقالە ئارقىلىق زىيالىيلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ كىچىككىنە دىققىتىنى تارتالىسا بۇ ماقالىغا  سەرىپ قىلغان زىھىن ۋە ۋاقتىم ئىنتايىن ئۈنۈملۈك خەجلەنگەن بولىدۇ.


تۈگمەس سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت بىلەن ھەممىڭلارغا تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن.

0

تېما

0

دوست

149

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33878
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    بۈگۈنكىدەك جەمىيەتتە ئۇيغۇر مىلىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ يىمىرىلىشى ئەسلى توغرا يۆنۈلۈش ئەمەس.بۈگۈنكى دۇنيا بازار تىپىۋاتقان ئەخلاق سىستىمىسى دەل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا ئەخلاق سىستىمىسىنىڭ زامانغا لايىقلاشقان شەكلىدۇر.بۇ بۇلەكلەرنى ىۇقۇپ راسلا بىز نىڭ ىەنىەنۋى ىەخلاقىمىزنىڭ بىزدىن بەكلا يىراقلىشىپ كىتىۋاتقانلىغىنى يەنە بىر قىتىم تۇلۇق ھىس قىلدىم تىيما ىگسىغا  تىشەككۇرلەر بۇلسۇن ھارمىغايسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

961

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 284
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمۇن ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىسى   مىنى قايىل قىلدى.ھەم ئويلاندۇردى.

5

تېما

3

دوست

4738

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7694
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 587
تۆھپە : 1068
توردىكى ۋاقتى: 418
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل تېمىدىن بەھرىلەندۇق.

9

تېما

0

دوست

2208

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇر جەمىيىتى ئالغا سىلجىۋاتىدۇ، ئۇمۇندەك كىشىلەر بولغاچ!

0

تېما

1

دوست

549

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30981
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بالىنى ھەددىدىن زىيادە مۇۋاپىقيەت قازىنىشقا قىستاش،رىقابەت تەربىيىسىنى چەكتىن ئاشۇرۋىتىش بالىنى ئۆزىنىمۇ سۆيمەيدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.«خەنزۇچە بىلمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى بالىلارنىڭ قۇلقىغا سۆزلەپ تۇرىمىز قىنى قانچىمىز بالىمىزنىڭ قۇلقىغا «ئەتراپىڭدىكىلەرنى سۆيمىسەڭ ياشىيالمايسەن»دىگەن سۆزنى پىچىرلەپ باقتۇق؟![/colo

ماڭا بەك تەسىر قىلدى ،  ئاللاھىم ئامانلىق بەرسۇن

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34089
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
چوقۇم تاللاش ياكى شاللىنىش . ئاخىرقى زاماندا ھەتتا دەججالمۇ زىمىنغا چۈشۈپ غەپلەتتە قالغان كىشىلەرنى ئۆزىدىكى سىھىر جادۇلىرى ئارقىلىق تۇيۇق يولغا ماڭغۇزىدىكەن بىراق ، بىر-بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ھەم شۇ يولدا ماڭغان كىشىلەرلا ئۇنىڭ ئىزىقتۇرۇشلىرىدىن ساقلىنىپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدىكەن . دىمەكچىمەنكى ئومۇن قىرىندىىشىمىز ئىيىتقاندەك ئۆزىمىزدىكى مىللى ئالاھىدىلىك ھەم گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتىمىزنى ، ئىسىل ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاق - قارىنى پەرىق ئەتكەن ھالدا سىھىردىن ساقلانمىساق كىيىن ھەسرەت چىكىپ قىلىشىمىز ئىنىق .

0

تېما

0

دوست

370

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32333
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمۇن ئەپەندىگە سەمىمى تەكلىپ؛مەن ئىزچىل ماقالىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كىلۋاتىمەن .ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا ماقالىلەر ئارقىلىق مەزمۇن ئىپادىلىسىڭىز.بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسەكۆپۈنچە تورداشلار تەپسىلى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازىدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )