قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پەن-تېخنىكا ۋە كەشپىيات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

52

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34079
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 00:27:22 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پەن-تېخنىكا ۋە كەشپىيات


    ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۆتكەنكى ھېچقانداق بىر دەۋردە بۈگۈنكىدەك تېز تەرەققى قىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئۇچۇر تېخىنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى، تارقىلىشى ۋە يېڭىلىنىشىمۇ ھازىرقىدەك تېز ۋە كەڭ دائىرىدە بولۇپ باقمىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسانىيەت ئۆز تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئەڭ دەسلەپتە تەبئىي ئوتتىن پايدىلىنىشتىن ئىپتىدائىي ھالەتتىكى كەشپىيات ھېسابلانغان تاشنى تاشقا ئۇرۇپ ياكى ياغاچنى سۈركەشتىن ئوت ھاسىل قىلىپ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشنى باشلىغاندىن تارتىپ، ھازىرقى زاماندىكى زامانىۋى ئىلغار پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلگەن تېخنىكا ۋاستلىرى ئارقىلىق ئۆزىلىرى ياشاۋاتقان يەر شارىدىن ھالقىپ ئاي شارى، مارس، ھەتتا تولىمۇ يىراق سامان يولى سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ كەشپىياتلىرىنى ئۇل قىلغان. كەشپىيات ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك مۇرەككەپ بىر ئوقۇممۇ ئەمەس. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، كەشپىياتنى ئىنسانلار ئۆز ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلتۈرگەن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بولغان مەلۇم بىر خىل ۋاستە دېيشىكە بولىدۇ. يەنى ھەر خىل كەشپىياتلار ئېھتىياج تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان. مەسىلەن، يىراق قەدىمكى زاماندا ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى تاش قوراللارنى ئىشلىتىشى؛ سۇنئىي ئوتتىن پايدىلىنشنى بىلىشى؛ يېزىقنى ئىجاد قىلىشى؛ ساپال، مىس، تۆمۈر قوراللارنى ياساش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئۇلۇغ كەشپىياتلار بولۇپ، ئىپتىدائىي ئىنسانلار ياشاش زۆرۆرىيىتى بىلەن قەدەممۇ-قەدەم ياساپ چىققان. مۇشۇ كەشپىياتلارنىڭ تۈرتكىسىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىستىمالىنىڭ كۈنسېرى ئىشىشى ھەمدە تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ خىلمۇ-خىل كەشپىياتلار ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي بارلىققا كىلىپ، ئەجدادنى ئەۋلادقا، دەۋرنى دەۋرگە ئۇلاپ كەلگەن. شۇڭا، ئىنسانلار مەيلى قايسى جەمئىيەتتە، مەيلى قايسى دەۋردە، قەيەردە ياشىمىسۇن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى پەن-تېخنىكىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ياسىغان ھارۋىدىن تارتىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان مىسىر ئەلئېھراملىرى، سانائەت دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن پار ماشنىلىرىدىن تارتىپ يېقىنقى زاماندىكى كومپيۇتېر ۋە ئالەم كېمىسى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە سۆزلەۋاتقان كەشپىيات بىلەن پەن-تېخنىكا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئۇلار ئوتتۇرسىدا بىر-بىرنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتى مەۋجۇد. مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، پەن-تېخنىكا ھەر تۈرلۈك كەشپىياتلارنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەشپىيات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتنىڭ ماددى ۋاستىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.
  1-ۋە 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەنگلىيەنى مەركەز قىلغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ دۆلەتلەردە پەن-تېخنىكىنى ئاساس ۋاستە قىلغان ھەرخىل ئىختىرا-كەشپىياتلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كىلىپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتتى. مانا بۇ پەن-تېخنىكا كەشپىياتلىرىنى جون.براكماننىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن كەشپىياتلارنى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان «ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات» ناملىق كىتابى ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكا ۋە كەشپىيات تارىخىنى چۈشىنشىتىكى ئىنتايىن ياخشى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنى يۈەن لىچىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، شاڭخەي پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003-يىل 3-ئايدا نەشر قىلىنغان.
ب   ۇ خىلدىكى كىتابلار ئادەمنىڭ كاللسىىنى غىدىقلاپ، تەپەككۈرىنى ئاچىدۇ، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئىدىيىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى تەبئىي پەن مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەر قانداقتۇر كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە ئارزۇ-ئىستەكلەرنى ئاساس قىلماستىن بەلكى، تەجرىبە، ئەمەلىيەت ۋە كۈچلۈك پاكىتنى، ئەقىليىچىلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولىدۇ. شۇڭا، ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەر بىر تۈرلۈك كەشپىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتكەن ياكى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. قىسقىسى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى تۈرلۈك كەشپىياتلارنىڭ غايەت زور رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

بىز ئالدى بىلەن كىتابنىڭ ئاپتورى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
   جون.براكمان (John Brockman) ئامېرىلىق مەشھۇر ئەسەر ۋاكالەتچىسى(ئەسەر ئۇيۇشتۇرغۇچى)، كىتاب لايھىلىگۈچى بولۇپ، 19 تال كىتاب تۈزگەن، براكمان خەلقئارا شېركىتىنى قۇرغان، بۇ شېركەت مەخسۇس ئەسەر ۋە يۇمشاق دېتال ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە قىرغاق (www.edge.org) تور بېكىتىنىڭ ئېلان قىلغۇچىسى ۋە تەھرىرى. ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇيۇرك شەھىرىدە تۇرىدۇ.
   1999-يىل 4-يانۋار، داڭلىق ئەسەر ۋاكالەتچىسى جون.براكمان «قىرغاق» تور بېتىدە مۇنداق بىر سوئال قويۇپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ سۇئال: «ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات نېمە؟ نېمە ئۈچۈن؟» نۇرغۇن ئالىملار، پەيلوسوپلار ۋە كارخانىچىلار، مەسلەن، تەدىرىجى تەرەققىيات بىئولوگىيەشۇناسى رىچارد.داجنىس، پەيلاسوپ دانېل.دانت، فىزىئولوگىيەشۇناس جيالىد.دەيۋىد ۋە كومپيۇتېر مۇتەخخەسسىسى ماۋېن.مىڭسىجى قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ، قىزقارلىق بولغان بىر مەيدان مۇنازىرىنى پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى يېڭى ھەم ئۆزگىچە، شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بولۇپ، مۇشۇ دەۋردىكى ئەڭ يېڭى قاراش ۋە ئىدىيىلەر مەركەزلەشكەن دېيىشكە بولاتتى. ئارقىدىنلا، براكمان بۇ جاۋابلارنىڭ ئىچىدىن تەخمىنەن 100 جاۋاپنى تاللاپ، بىر كىتاب تۈزۈپ چىققان. بۇ دەل «ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات» ناملىق كىتابتۇر.
براكمان ئۆزى تاللىغان بۇ يۈز سۇئالنى ئىككى تۈرگە ئايرىغان: بىر تۈرى بولسا، شەكىللىك ۋە تېخنىكىلىق كەشپىياتلار؛ يەنە بىرى، ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى. ئالايلى: بەزىلەر مەتبەئەنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىر ئەڭ زور، ئەڭ ئۇزۇن دەپ قارىسا؛ بەزىلەر كومپيۇتېر ۋە تور تېخنىكىسى دەپ قارىغان؛ يەنە بەزىلەر مۇزىكىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات دەپ قارىغان. چۈنكى مۇزىكا ئىنسانىيەتنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قۇشقان. مەنىۋى جەھەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر «دېموكراتىيە، تېنىچلىق قاتارلىق قاراشلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنى ئەڭ مۇھىم» دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولسا، بەزىلەر «ئەركىن ئىرادە، تىجارەت، ئىلمىي مېتودلوگىيە ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەرنى ئىنكار قىلىش قاتارلىق ئىدىيىلەرنى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات» دەپ قارىغان. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، ئەتراپلىق، ئىلىم-پەن بىلەن ئادەم ۋە تەبىئەت زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەقىقەتەن نەزەر دائىرىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
   بۇ ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كىلىدىغان ھەم بەلگىلىك ئىلمىي قىممىتى بولغان كىتاب بولۇپ، «كىتاب ئوقۇشچانلىققا ئىگە» دىيىلىشتىكى سەۋەب، ئەسەرنى تۈزگۈچى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز پىكىرىنى يۈرگۈزگەن. ئۇ ئوتتۇرغا قويغان بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلا خىل بولمايدىغانلىقىنى ئەسەرنىڭ بېشىدىلا ئويلاپ يەتكەن، ئېرىشكەن جاۋابلار ئەقىلىي كۈچنىڭ سىلىشتۇرۇلىشى دېسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇڭا، كىتابتىكى كۆز-قاراشلاردا سىرتقى جەھەتتىكى «ئەركىن» لىك ئاستىدا چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولغان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى يۇشۇرۇنغان.
    بەزىلەر «ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات» ناملىق كىتابتىكى يۈز خىل جاۋابنى ئىستاستىكىلاپ چىقىپ مۇنداق نەتىجىنى بايقىغان: كىتابتا ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات ئىچىدە تاللانغان ئالدىنقى بەش تۈرلۈك كەشپىياتنىڭ تەرتىپى بولسا: مەتبەئە تېخنىكىسى، كومپيۇتېر، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، دىففېرىنسئال ۋە ئىنتېگرال، ئىلىم-پەن؛ يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر باشقىلار ئانچە ئويلاپ كەتمەيدىغان جاۋابلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان. مەسلەن، «سىۋەت»، «قۇرۇق ئوت»، «مۇرەككەپ ھېساب خاتىرلەش ئۇسۇلى»، «شەھەر»، «دېموكراتىيە»، «شاھمات»، «پاتنېت ئىدارىسى»، «سوئال جۈملە» قاتارلىقلار. ئەمما ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا، يەنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرىتىدىغان ماددى بۇيۇملار، ئۇسۇل ياكى ئوقۇملاردۇر.
   ئەلۋەتتە، ئاپتورنىڭ مۇنداق بىر قىزقارلىق مەسلىنى ئوتتۇرغا قويۇشى، مۇشۇنداق مۇنازىرە قىلىشى ئەسلىدە بىر مەيدان ئەقىل سىناش ئۇيۇنى بولۇپ، ھەرگىزمۇ چوقۇم ھەممە ئېتىراپ قىلدىغان بىر خۇلاسە چىقىرىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇيۇن غەربتە، يەنە كىلىپ توردا ئېلىپ بېرىلغاچقا، جاۋابلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئادەمدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
   قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ئۆتكەن 2000 يىلدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات» ناملىق بۇ ئەسەر يېڭى نۇقتىدىن ئىنسانلارنى، تەپەككۈرنى، ئالەمنى ھەمدە پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، مۇشۇ دەۋردىكى ئاقىللارنىڭ يېڭى كۆز-قاراشلىرى، يېڭى ئىدىيىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، دەۋر تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا تۆھپە قوشقان دېيىشكە بولىدۇ.


كىتاب مەزمۇنىدىن بەزى ئۈزۈندىلەر؛
  يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارمۇ سىستېمىلىق ئىلىم-پەن يەنى ئىلمىي گۇرۇھ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ئالدىغان ئۆتەلمەيدۇ. بۇ تەشكىلاتلار بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ جۇغلىنىشى ناھايىتى ئاستا بولغان، چۈنكى مۇقىم بولغان تارقىتىش ۋە باھا بېرىش سورۇنى بولمىغان، بولۇپمۇ يېڭى قارشلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياكى رەدىيە بېرىدىغان ئۇسۇل كەمچىل بولغان، يەنە ھەقىقىي نەتىجىگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە مۇكاپاتلايدىغان تۈزۈممۇ بولمىغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەشكىلاتلار كۈنسېرى زورايغاچقا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقە قۇيۇقلاشقان ۋە كۈچەيگەن، دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدە قۇرۇلمىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن بىلىم ئۈزلىكسىز جۇغلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ يۈكسەلگەن. ئاپتور ئىزاھلاپ ئۆتكەن بىر نەچچە مۇھىم كەشپىياتلار:

قەغەز ياساش تېخنىكىسى  
   مەن سەيلون ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلغان قەزغەزنى ئنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى كەشپىيات ـــ ئنتېر تورىنىڭ ئەجدادى دەپ قارايمەن.
سەيلون تېرىغان بۇ «ئۇرۇق» يىلتىز تارتىپ بىخ چىقىرىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنتېر تورى دۇنياغا كەلدى. قەغەز ۋە ئىنتېر تورى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەتكە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىيات ۋە پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن يەرشارىنى كىچىك بىر كەنتكە ئايلاندۇردى. كەلگۈسى ئون يىلدا، كىشىلەرنى ئېڭىدا شەكىللىنىدىغان جەمئىيەت جۇغراپىيىلىك مەنىدىكى جەمئىيەتكە ئوخشاشلا ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. كەلگۈسىدە ئىنتېر تورى بۈگۈنكى ئاتالمىش«مىللەت»نىڭ چوڭ ئوچىقىغا ئايلىنىدۇ. ئىنتېر تورىنىڭ غايەت زور قولىنىڭ تارتىشى بىلەن جۇغراپىيىلىك ئوقۇم تەدرىجىي سۇسلاپ، بارا-بارا ئىنسانلاردا يەككە ھالدىكى كوللېكتىپ ئېڭى ۋە كوللېكتىپ فونكىسيىسىلا قالىدۇ.
   خائوس ئىلمىي ئىنتايىن ئاجىز ھەرىكەتمۇ نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان ئىنكاس پەيدا قىلالايدۇ، دەپ قارايدۇ. ھازىر بۇ نۇقتا بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېنىق بولۇپ، تالاش-تارتىش كەتمەيدىغان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. مەن جىمجىت كېچىدە، پۈتۈن دىققىتىم بىلەن بىر پارچە خەرىتىگە نەزەر سالدىم، خەرىتىدە پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان 61000 دانە ئىنتېر تورى ئاپپاراتىنى كۆردۈم. شۇ ۋاقىتتا مەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم: مەن بۇ يەردىن بىر ئىدىيە ئۇچقۇنىنى يەنى بىرخىل قاراشنى تارقاتسام، ئاندىن باشقا دۆلەت رايۇنلاردا بۇ قاراشنى مەلۇم بىر كىشى ئۆز قۇۋۇمىغا تارقىتىدۇ، مۇشۇنداق ئايلىنىپ مېنىڭ قارىشىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزلىكسىز زەررەتلەيدۇ.

باتارىيە   
    باتارىيە نەچچە مىليون يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن بىر خىل ئېلىپ ماڭغىلى بولىدىغان ئېنىرگىيە ساقلىغۇچ ھېسابلىنىدۇ.
   ئېلىپ مېڭىشقا ئەپلىك، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان بۇ خىل ئېنىرگىيە ساقلىغۇچ نۇرغۇن تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تارىختىن بۇيان تۇنجى بولۇپ يەرشارىغا كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەردىن ھاياتلىقنى تونۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئاددىي ھالدىكى باتارىيە مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق كېيىنكى ئەۋلاد يېقىلغۇ باتارىيىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ئەركىن بولغان، ۋىكلىياچاتىل ئىشلەتمەيدىغان سۈنئىي بۇيۇملارنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىن ئەتتى. ئىنسانىيەت بۇ ئارقىلىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
   سىياسى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كرىستال لامپىلىق رادىيو ۋە كۆچمە تېلېفۇن ئۇچۇرنى تېزگىنلەشتىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى شەپقەتسىزلىك بىلەن بۇزۇپ تاشلىدى. ئېنىقكى، بۇ تارىختىن بۇيانقى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قۇرال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا ئاھالە كۆچۈرۈش، يەرشارىنىڭ جىنىغا زامىن بولىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ زەربىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك تەسەۋۋۇرلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىنسانلار ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئېلىپ يۈرگىلى ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق. ئىنسانلار ياسىغان بارلىق ئاپتوماتىك بويۇملار يەنى سەزگۈر دېتاللار (كامېرا، مىكروسكوپ، سۈرئەت ئاشۇرغۇچ، سىمسىز رادىيۇ، سوقۇلۇشنى ئۆلچەپ بىكىتىش ماشنىسى قاتارلىقلار) دىن تارتىپ ئېفېكتور (دۋىگاتىل، سولېنوئىد، ئالماشتۇرغۇچ) غىچە بولغان زامانىۋى پەن-تېخنىكا قۇراللىرىنىڭ ھەممىسى توكنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان. يەنە كېلىپ ئىنسان ئەقىل پارسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ مەھسۇلاتلار قۇياش نۇرىغا تايانماسلىقتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇلار پەقەت باتارىيە ئېنرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سولسپېرگمان(SolSpiegelman) مۇنداق دېگەن: «نوكلىك كىسلاتاسىدىن ماشنا ئادەم ياساشتىكى مەقسەت، كەلگۈسىدە ئاي شارىغا بېرىپ ھاياتلىق كۆپىيىشىنى داۋاملاشتۇرۇش.» ئىنسانلار مۇشۇنىڭدەك مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باتارىيىنى كەشىپ قىلغان.

14

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3990
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 16:06:11 |ئايرىم كۆرۈش
  مانا مۇنازىرە قىلىدىغان تىما ئەمدى ئۇتتۇرغا چىقىپتۇ، يوق ئىشنى مۇنازىرە قىلغاندىن مۇشۇنداق تۇرمۇشقا پايدىسى تىگىدىغان ئىشلارنى مۇنازىرە قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك...
  
مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تىمامنى مۇشۇ يەرگە يوللاپ قۇياي.

  20يىللار ئىلگىرى ھەر-قايسى كەسىپتىكى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ سودىسى ياخشى بۇلۇپ بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن ئىدى، مەيلى تىككۈچىلىك بولسۇن مەيلى رىمونىتچىلىق كەسىپلېرى بولسۇن بازاردا خېلى پۇت تىرەپ تۇرالايتتى ھەم ئۈگەنگۈچى شاگىرتلارمۇ كۆپ ئىدى.
  بىر مەزگىل كىيىم-كىچەك ۋە ئائىلە-ئىلىكتىر سايمانلېرى باھاسىنىڭ تۈۋەنلەپ كىتىشى نەتىجىسىدە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكانلېرى چۆلدەرەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تۇلىسى تۇڭلاتقۇ رىمونت قىلىشقا يۈتكىلىۋالدى ياكى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بازار-بازارلاردا تەييار مەھسۇلاتلارنى سىتىش بىلەن مەشغول بۇلسا يەنە بىر قىسىملېرى كەسىپنى تاشلاپ دېھقانچىلىق بىلەن مەشغول بولدى. ئاز ساندىكى تىككۈچى ئۇستاملار دۇكانلاردا باشقا ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشنى تىزىملاپ بېرىپ قىلغان ئىششىنىڭ كىرىمىنىڭ %60 تىنى بېرىش شەكلى بىلەن ئىشلىتىپ شۇ ئارقىلىق يەنىلا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەمما مەن رىمونىتچىلىق كەسپىدىكىلەرنىڭ بۇ ئۇسولنى قوللانغىنىنى كۆرمىدىم.
  بۇنداق قىلغاندا ‹‹ھۈنەرۋەنلەر تۇلا ماڭدۇرىدۇ›› دىگەن گەپلەرگىمۇ ئورۇن قالمايدىغان بۇلىدۇ، دەسمايىسى يوق ئەمما ھۈنىرى بارلارغا چىقىش يۇلى تىپىپ بېرىدىغان بۇپلا قالماي نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەر توپلاشقاندىن كىيىن ئەمىلى تەجىربىلېرىنى ئالماشتۇرۇپ كەسىپتە تىخىمۇ زور ئىلگىرلەشلەر قولغا كىلىدۇ. شاگىرتلارغا تىز ئۈگەتكىلى بۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شاگىرتلىققا كىلىدىغانلارمۇ كۈپىيىدۇ، شاگىرتلار كۈپەيگەنچە دۇكاننىڭ نامى تىخىمۇ تارىلىپ خەق ياسىتىش ياساتماسلىقتا ئىككىلىنىپ تاشلاپ قويغان نەرسىلېرىنى ياساشقا ئىلىپ كىلىدۇ. بىر كەسىپتە بازارنىڭ ياخشى بۇلىشىنى بەلگىلەشتە شاگىرت بالىلارنىڭ ياكى رىمونىت قىلىدىغان كەسپى خادىملارنىڭ كۆپ بۇلىشى بەك چوڭ رول ئوينايدۇ. رىمونىت سۈپىتى يۇقىرى كۈتىرىلىدۇ، يەنە رىمونىتچىلىقتا ئىشلىتىدىغان زاپچاسلارنى توپ ئالىدىغان بولغاچقا باھادا ئېتۋارغا ئېرىشەلەيدۇ. يەتكۈزۈش شىركەتلېرىمۇ توپ مال بولغاندىكىن تىزرەك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بەزى بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان، سۈپىتى ياخشى بولمىغان زاپچاسلارنى مەخسوس ئۆزلېرى قايتا رىمونىت قىلىپ ئىشلىتىش دىگەندەك يىڭى بايلىق يوللېرى ئىچىلىدۇ، مەسلەن ئالغاندا ھازىر بازارلاردا ئىلىكتىرماتور، تۇڭلىتىش ئۈسكىنىلېرىنىڭ كومپىسسورلېرىنىڭ تۇلىسىدا مىس ئورام ئىشلەتمەي ئاليومىنلىق سىم ئورام ئىشلىتىلىۋاتقاچقا بەك ئاسان كۈيۈپ كىتىدۇ، ئاليومىنلىق ئورامنىڭ مىس ئورامدىن كۆپ ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىپ ئاز ئىش ئىشلەيدىغانلىقىنى كۈپىنچە قېرىنداشلېرىمىز بىلىدۇ. بۇ يەردىغۇ خەنزولار يىڭىنى ئالىدىغان باھادا بولسىمۇ مىس ئوراملىق قىلىپ ئورىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
  ھازىر بولسا تىخىمۇ ياخشى يېرى ھۈكىمەت مۇشۇنداق شەكىلدىكلى كارخانىلارغا يۈلەش مەبلىغى ئاجىرتىپ بېرىدىغان يېرى. يەنە بىرىگە بۇنداق شەكىلدە كارخانا بولسا يەككە ئىش قىلغانغا ئوخشاش بازارنىڭ كۆزىدىن ئۆي ئىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، سەل چەتتىن كۈلىمى چوڭ ئەرزان باھالىق ئۆيلەرنى ئالسىمۇ بۇلىدۇ. شۇنداق قىلغۇسى بارلار  ھەر-قايسسى يەرلىك ھۈكىمەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ باققىنى ياخشى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

500

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 10:26:24 |ئايرىم كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )