- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1400
- نادىر
- 0
- يازما
- 170
ئۆسۈش
40%
|
ئەلى ئەپەندىم : «مەھمۇت » تىن مەن ئەۋزەل ، مەن ھەممىدىن ئۈستۈن ، مەن بىزنىڭ جەمىيىتىمىزنىڭ مەرگىزى . ھەر بىر ئۇيغۇر بىر مەرگەز ، ئۆزىمىزدىن ھالقىيلى .
ئۈمۈت ئەپەندىم : «مەھمۇت » ناھايىتى بىر لوغەت تۈزگەن ، ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇمايلى ، يازغۇچىللىرىمىز شالللانغاندىلا ھىس قىلىپ يىتىدۇ .
ئۇستاز ئادبدۇقادىر جالالىدىننىڭ ، « تارىخ دەرسى » ناملىق ماقالىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، بىر يۈرۈش ماقالىللىرى ( توپلام ) ، ئەسەت سۇلايماننىڭ « ئۆزلۈك ۋە كىملىك »، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە » .
بۇكىتاپلار بىزگە بىۋاستە ھالدا ئۆزىمىزنى تۇنۇش ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنى ئۈگۈتىپ ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىمىزنى قوزغۇتۇشىمىز ئۈچۈن ، روھى يۆلەنچۈك بولماقتا . بۇلار كىمگە سۆزلەۋاتىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئۇيغۇرغا ، شەخسكە خىتاپ قىلىۋاتىدۇ . مەخسدىچۇ ؟ ئۇيغۇرنى قوزغاش ، ئادەمدەك ياشاشقا دەۋەت قىلىش ، ھەقىقى بىر مىللەت سۈپۈتىدە ياشاشقا ئۈندەش . مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى » ، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى » . ئابلىمىت ئۆمەر بىلگىنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى » قاتارلىق كىتاپلار ، بىزگە ئەجداتتىن پەخرلىنىش ، ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز ، ھەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ، ئىزدىنىشلىرىنى بىزنىڭ ئۈلگە قىلىشىمىز ئۈچۈندۇر . مەرھۇم ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ قىسقىغىنە « ئىز » ناملىق شېئىرى ، بىزگە نىمىگە ئىنتىلىشىمىزنى ، نىمىنى نىشان قىلىشىمىزنى ئەسكەرتىدۇ . سەيمىل خانتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ، ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى » ناملىق كىتاۋى ، بىزگە بىر تەشۋىشلىك سىگىنالنى ۋە سەزگۈرلۈكنى يەتكۈزىدۇ .
بۈگۈنكى دۇنيادا 4000 دىن ئارتۇق مىللەت ، بۇ مىللەتلەر سۆزلىشىدىغان 2500 خىل ئەتىراپىدا تىل ( نەبىجان تۇرسۇننىڭ يازمىسىدىن ) بار ئىكەن . بىراق بۇ مىللەتلەرنىڭ ، ئاجىزلىرىمۇ كۈچلۈكلىرىمۇ بار . بەزىللىرى مىللەت سۈپۈتىدە ياشاۋاتىدۇ ، بەزىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىرە ، بەزىللىرى بولسا مىللەت سۈپۈتىدىلا ئەمەس ، بەلكى بىر مىللى دۆلەت سۈپۈتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ !
مىنىڭچە بولغاندا ئەلى ئەپەندىم ۋە ئۈمۈد ئەپەندىم يۇقارقىلارنىڭ نەزەرىيەۋى يۇپۇق ئاستىدىكى بايانلىرىنى ، بىۋاستە ھالدا يالىڭاچ ، ئاددى ئەمما ئادەمنىڭ يېغىرىغا تىگىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ، بىزنى كۈچلۈك زەرەت بىلەن زىۋىتلاۋاتىدۇ ، چۈنكى بۇلار ئەمدى يەنە داۋاملىق كۈتۈپ تۇرۇشقا ، تاقەت قىلالمىغانلاردۇر . بۇ بۇرۇختۇرمىچىلىقنى ، نەپەسنىڭ بوغۇلۇشىنى ، تېزراق ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغانلاردۇر !
ئەلى ئەپەندىم ، « مەھمۇت قەشقەرى » ۋە « يۈسۈپ » بوۋىمىزدىن ئاشايلى ، بۈگۈنكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇلاردىن مۇھىم ، دىيىش ئارقىلىق شەخسنىڭ ئىدىيە ھۆرلۈكىنى ، ئىدىيەگە ۋەكىللىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، ھەر بىر كىشى ئىنسان ۋە مۇستەقىل مىڭىگە ئىگە بولۇش سۈپۈتى بىلەن ، پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ، بىر توپنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر يەككىلىك غەلبىگە ئىرىشسە ، يەككىلىك تەۋە بولغان شۇ توپنىڭ ، تەبىئى ھالدا غەلبىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ . مىللەتنىڭ ئەقىل بۇلۇقىنى تۇلۇقى بىلەن قوزغۇتۇشنى مەخسەت قىلىۋاتىدۇ .
ئۈمۈت ئەپەندىم ، ئامال قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئىددىيەۋى يىتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان ، سەركىلەر قاتلىمىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ، بۇ توپتا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بىزدە بىر سەكرەشكە تۈرتكە بولماقچى بولۇۋاتىدۇ .ئۈمۈت ئەپەندىم نىمە دىگەن بولمىسۇن ، كىتاپنى تاللاپ ئوقۇغان ياخشى ، يەنە شۇ تاللاپ ئوقۇغان كىتاپ ئىچىدىكىنى ، يەنە بىر قېتىم تاللاپ ، تەدبىقلاپ قوبۇل قىلغان ياخشى دەۋاتىدۇ .
مەندەك باشقا تىلدا ساۋاتسىزلار ، يەنىلا مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە كىتاپ ئوقۇغۇنىمىز ياخشى .
ئۈمۈت ئەپەندىم شۇ سۆزى ئارقىلىق ، نەشىريات ساھىەسىدە بىر سىلكىنىشنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى ئۈمۈد قىلغان دەپ ئويلايمەن . بۇ نوقتىدىن ئۈمۈت ئەپەندىمنىڭ سۆزى جەمىيىتىمىز ئۈچۈن ، يوللۇق ۋە تەخرسىز تۇلۇقلىما . بۇ سىلكىنىش ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە تەسىر قىلسا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ سىلكىنىشىنى پەيدا قىلسا !
كەتكەنلەردىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن . بۈگۈنكىلەردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئازات سۇلتان ، ئەسەت سۇلايمان ئۇيغۇرنىڭ مىللى ئېدولوگىيىسىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدۇر . ئۇلار يازغان ، يېزىۋاتىدۇ ، سۆزلەۋاتىدۇ نىمە ئۈچۈن ئۇلار ھارمايدۇ ؟ ئۇلار يېزىشنى جان بېقىش ياكى پۇل تېپىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرىۋاتامدۇ ؟ ياق ! بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا يېزىپ جان باققىلى ، پۇل تاپقىلى بولمايدۇ . ھەتتا بەزى ياتلار ، بىزنىڭ ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ھارماي يازىدىغان ، سۆزلەيدىغانلارنىڭ نىمىشقا ھازىرغىچە داۋاملىق چىقىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالىدىغاندۇ ....... چۈنكى ئۇلارنىڭچە بولسا ، بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئەمدى بۇنداق ساراڭلار چىقمىسا بولاتتى ! دەل شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىزدە ئىددىيە بىرلىكى پاخاللىشاتتى ، بىر پۈتۈنلۈك يوقۇلاتتى ، نەتىجە ئايدىڭ ، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بىز ئۇيغۇرلار ، ئۇيغۇر بولۇشتىن يەر شارى ئادەملىرى بولۇشقا ئۆزگۈرەتتۇق !
مەن تاسقاپ تەھلىل قىلىپ باقسام ، جەمىيىتىمىزدە يېقىن كەلگۈسىدە بىر يېڭىلىق ، سىلكىنىش ، ئىدىيە جەھەتتە بىر سەكرەش بولۇدىغاندەك قىلىدۇ . مەن بىر پارلاق كەلگۈسىنى كۆرىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن !
ئەلى ئەپەندىم ، ئۈمۈت ئەپەندىم : بۈگۈنكى ئۇيغۇر پۇت تىرەپ تۇرالمىسا ، بۇ بۈيۈك بوۋىللىرىمىز ئۇيغۇر تىرىك تۇرۇپ ، ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجدادى بولامماسلىق تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەن يەردە . ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپقىيىتى بولمىسا ، ئەتىكى ئۇيغۇر ۋە شۇ ئەجدادى بۈيۈك بوۋىللىرىمىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقى بولمايدۇ دەۋاتىدۇ . دىمەك ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقى ، كەلگۈسىمىزنىلا ئەمەس بەلكى ھەتتا ئۆتمۈشىمىزنىمۇ بەلگۈلەيدۇ دەۋاتىدۇ .
ماھىيەتتە بۇ ئىككى ياش ئىزدەنگۈچىللىرىمىز ، بىزگە نۇرغۇن قىسىلچىلىقلار ، ئىدىيە چەكلىمىچىلىكى ................................. ئاراشلىرىدىن ، بىزگە بىرنىمىلەرنى دەۋاتقاندەك ، بىز بولساق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تاشلاپ ، يۈزەكى قىسمىغا ئېسىلىۋېلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن .
جەمىيىتىزدە بىر يېڭى ئېقىم پەيدا بولىۋاتقاندەك بۇ ئېقىم تۇنجۇقتۇرۇلمىسۇن .............
20 يىلنىڭ ئالدىدا ئەختەم ئۆمەر تۇنجۇقتۇرۇلغاندەك ......................ئەختەم ئۆمەر يالغۇز قالغان ............................ ئۇ بىرنىمە دىمەكچى ئىدى .
10 يىلنىڭ ئالدىدا يالقۇن روزىنىڭ تەپەككۈرىگە پالتا چېپىلدى ، ئۇمۇ بىرنەرسە دىمەكچى ئىدى ....................................
بۈگۈنكى كۈندە ، ئەلى ئەپەندىم بىلەن ئۈمۈد ئەپەندىم ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ، ئۇلارنىڭ تەپەككۈرلىرىنىڭ ئاخىرى بىر نوقتىنى كۆزلەۋاتقاندەك . بۇ نوقتا زادى قانداق نوقتىدۇ ؟ ......................................
ئۇلار بۇ نوقتىنى ئۆزى بىلىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ تىلى ، كېكەچ .
بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار........................
|
|