قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 317|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئورتاقلىق ۋە خاسلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1009

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 14:58:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئورتاقلىق ۋە خاسلىق
                       ئالىپ ئوغۇز                          


   بىز ئورتاقلىق ۋە خاسلىقنى تەھلىل قىلغاندا ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تەپسىلىي يېشىپ بەرمەستىن كۆپىنچە ئۇنىڭغا ئاتالغۇ يوسۇنىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا بەرگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى تەھلىل ۋە ئىزاھاتىمىز تار دائىرىدىكى يېشىم بىلەن چەكلەندى. بىز ئورتاقلىق بىلەن خاسلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرنى قاتمال چۈشەنچىلەر بىلەن چۈشەپ قويۇپ، ئۇنىڭ دەۋر ۋە شەخس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قارىدۇق. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىق ۋە خاسلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى بارغانسېرى سۇسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىمىزدا ئويناۋاتقان مۇھىم رولى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ئاللا بۇرۇن غايىب بولدى.
   بىز كىشىلەر تۇرمۇشىنى كۆزەتكەن ۋاقتىمىزدا، خاسلىققا قارىغاندا ئورتاقلىقنىڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈپ يېتىمىز. مەسىلەن، كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى پائالىيىتى خىزمەتكە بېرىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، گېزىت ئوقۇش، نەرسە سېتىۋېلىش … يىغىپ ئېيتقاندا بىز كۆپ قىسىم ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئورتاقلىقنى بايقايمىزكى خاسلىقنى كەمدىن _ كەم ئۇچۇرتىمىز. بىز يېزىۋاتقان كىتابلىرىمىزدا، گېزىت _ ژۇرناللىرىمىزدا، كۆرۈۋاتقان جاھاننامە ئەينىكىمىزدە خۇددى كېلىشىۋالغاندەك بىر خىل چۈشەنچىنى بايان قىلىۋاتىمىز، ئوخشاش چاقىرىقنى توۋلاۋاتىمىز … چۈشەنچىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ھەرىكىتىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالماقتا.
   بىز ئۈزلۈكسىز مەلۇم مۇھىت قۇرۇلمىسىنىڭ ئوقىغا ئەگىشىپ چۆگىلىمەكتىمىز. ناۋادا بۇ ئوق بىزگە ئىشەنمەسلىكنى ئىپادىلىسە ئۇ چاغدا بىز ئازابلىنىپ كېتىمىز، ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىمىزنى ئولتۇرۇۋېلىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئوق << ئوخشاش جىنسلىق >> لارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى قانۇنلۇق ياكى يوللۇق ھەرىكەت دەپ قارىسا بىز ئۇنى قانۇنلۇق دەپ ئاۋاز قوشىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن كوچىدا << ئوخشاش جىنسلىق >>لارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى يولۇقتۇرۇپ قالساق بۇرۇنقىدەك ھاڭ-تاڭ قالماستىن ئەكسىچە نورمال ھەرىكەتلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىمىز، شۇنداقلا بۇ چاغدا بىز << ئوخشاش جىنسلىق>>لارنىڭ كوچىدا ئوچۇقتىن _ ئوچۇق پەسكەشلىكنى قىلغان تۇرۇپمۇ چىرايىدا قىلچە خىجىلچىلىقتىن ئەسىر يوقلۇقىنى بايقايمىز. ناۋادا بىز ياشاۋاتقان مۇھىت << ئوخشاش جىنسلىق>> لارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قانۇنسىز قىلمىش دەپ جاكارلىسا، شۇنىڭدىن كېيىن كوچىدا يوقاردىكى بى نورمال ئىشلارنى قىلغۇچىلار يولۇقۇپ قالسا ئۇلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارايمىز ھەتتا ئادەملەر قاتاردىن چىقىرىپ تاشلاپ چالما _ كېسەك ئاتىمىز.
قەدىمكى دەۋرلەردە گۇناھكار ياكى جىنايەتچىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ جازالاش ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەم ھەممە كىشى يوللۇق دەپ قارايدىغان ئورتاقلىق ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ دەۋرلەردە جازا مەيدانىغا ئادەملەر ياش تۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن تولۇپ كېتەتتى. ھازىر نېمىشقا گۇناھكار ياكى جىنايەتچىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ جازالاش يولسىزلىق ۋە چېكىدىن ئاشقان رەزىللىك دەپ قارىلىدۇ؟ شۇ ئۆتمۈشتىكى دەۋرلەردە نېمىشقا بىرەر ھۆكۈمەت ياكى شەخس ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ جازانى ( ئوتتا كۆيدۈرۈشنى) قەبىھلىك دېمەستىن ئەكسىچە ئالقىشلايدۇ؟ بۇ ئالقىشلاش ئىنسانلاردىكى خاسلىق بولماستىن ئەكسىچە ئورتاقلىقتۇر. بۇ مەلۇم مۇھىت تۈزۈلمە ھاۋاسىنىڭ ئىنسانلاردىكى ئىپادىسى. بۇ ھاۋا بارلىق كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىنى تۇيدۇرماي ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى يارىتىدۇ …
     كۆپ قىسمىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئوقىدا ئەمەس ئەكسىچە ئۆز دەۋرىمىزنىڭ ئوقىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىمىز. دەۋر بىزگە ھەممىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا نىمنىڭ توغرا ئىش، نىمىنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى مېڭىمىزگە مەجبۇرى ئىشپىرىش بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ،تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىمىزمۇ تەرەققىي قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولساق ئۆلۈم جازاسىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بىلەن ئۇنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. ئۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردەك ھېلى ھەممۇ مەۋجۇت. كىيىم _ كىچىكلىرىمىزنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ خام _ ئەشياسى بۇرۇنقىلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يۇڭ، كەندىر پاخىلى … ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىيىملەرنى كېيىۋاتقان ئۇچار_ قۇش، ياكى ئاتالمىش ئۆڭكۈردە ياشايدىغان مايمۇنلار بولماستىن يەنىلا ئادەملەردۇر. دېمەك بۇ يەردە تەدرىجىي تەرەققىيات ئەمەس بەلكى يانار تاغدەك توساتتىن پارتلىغان چوڭ بىر ئۆزگىرىش يەنى شەيئىلەرنى بىلىشنىڭ شەكلى ئۆزگەردى. ئەمما شەيئىلەر ئۆزگەرمىدى. پەقەت ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەر ئوخشاش شەيئىنى ئوخشىمىغان شەكلىدە تۈنىدى ۋە قوبۇل قىلدى. بۇ تونۇش ۋە قوبۇل قىلىش شەخسنىڭ سەزگۈسىنى ۋە ئەقلى ھۆكۈمىنى ئاساس قىلماي، ئۆز دەۋرىنىڭ تۈزۈلمىسى ئالاھىدە سىستېمىلاشتۇرغان بىلىشنى ۋە قاتتىق بەلگىلەنگەن پرىنسىپنى ئاساس قىلدى. بىز دىنوزاۋرلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ باشقا ھايۋان توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئەمەس، شۇنداقلا مۇھىتقا ماسلىشالماي يوقالغانمۇ ئەمەس، بەلكى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاقار جىسىملارنىڭ يەرشارىغا سوقۇلۇشىدىن ئىبارەت زور ۋەقە ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتكەن.
    يوقاردىكى مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋاتىمىزكى بىز ئۆز دەۋرىمىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە پىكىرنى ( ئالدىن بەلگىلەنگەن خاھىشىنى) تەقلىد قىلىۋاتىمىز، بىز خۇددى نېمىنى كىرگۈزسە شۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ماشىنىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز دەۋر شامىلى قاياققا قاراپ چىقسا شۇ ياققا كېتىپ بارغان يەلكەن. يەلكەننى دەل شامالغا قارشى ھەيدىگەنلەر، خاسلىقنى ئىپادىلەش روھىغا باي بولغان ساناقلىق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ سانى ئورتاقلىقنى ھىمايە قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئىپادىلىگۈچى كىشىلەرگە قارىغاندا يوق دېيەرلىك. بۇ ساناقلىق كىشىلەر توساتتىن پەيدا بولغان ھامان ئۇلار ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ سىنچى كۆزى ئۇلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ _ دە، ئۇلارنى جىددىي كۆزىتىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆزەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ ئورتاقلىق رامكىسى بىلەن ئۆلچەيدۇ. ناۋادا بۇ خاسلىق ھادىسىسى ئورتاقلىقنىڭ زورىيىشىدا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولسا، دەۋر ئۇنى <<تەدرىجىي تەرەققىيات>> ياكى <<تارىخنىڭ داۋامى >> دېگەن سۆزلەر بىلەن پەردازلاپ ئورتاقلىققا قېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خاسلىق ئومۇمىنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كېتىپ، ئاخىرى دەۋر ئوقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، گىتلېر ئەينى ۋاقىتتا نېتزشېنىڭ ئۆز خاسلىقى ئىپادىلەنگەن پىكىرلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى گېرمانىيە خەلقىنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان دەۋر ئوقىغا ئايلاندۇرۇۋالغان. تۇزلا ئېيتقاندا ئۇ نېتزشېنىڭ خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتكەن … نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەتلىك نېمىس مىللىتى گىتلېر ياساپ چىققان دەۋر ماشىنىسىغا ئەگىشىپ تاجاۋۇزچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ بۇ سوئال ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خۇددى لېنىن رۇسلارنىڭ ئورتاقلىقنى كۈچەيتىپ پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندەك نېمىسلارنىڭمۇ ئورتاقلىقى گىتلېرنىڭ ئېزىقتۇرۇش بىلەن بەك زورىيىپ كەتكەن …
   ھەرقانداق دەۋردە مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئادەملەر بولسىمۇ لېكىن ئۇلار يەنىلا دەۋر ئوقىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چۈنكى ئورتاقلىق ھەر زاماننىڭ نادىر كەشپىياتنى شۇنداقلا بىردىن _ بىر شوئارى. بىر غەربلىك پەيلاسوپ:<<جۇڭگودا پەلسەپە يوق پەقەت پىكىرلا بار. >> دېگەن ئىكەن، دېمىسىمۇ جۇڭگونىڭ تارىخىنى ۋاراقلىساق بىرەر دۇنياۋى پەلسەپە سىستېمىنى ئۇچراتمايمىز. ھەممە پىكىر ئورتاقلىققا سىڭىپ كەتكەن. خاس سىستېما ئۇششاق ئۈزۈندى ياكى ئەقلىيە سۆزلەرگە ( ھىيلە _ تاكتىكا) پارچىلىنىپ ئورتاق بىر كىتابقا قىستۇرۇلغان. جۇڭگودا (ئۆتمۈشتە) خاس سىستېمىلار پەيدا بولغان ھامان ئورتاقلىق يۇتۇۋەتكەن. جۇڭگو تارىخىدا روي بەرگەن نۇرغۇن _ نۇرغۇن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ، بۇ قوزغىلاڭچىلار ئۆز خاسلىقىنى مەلۇم ۋاقىت ئىپادىلىگەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا ئۆز دەۋرىنىڭ مەركىزى ئوقىغا قايتىشنى كۈرەش نىشانى قىلىۋالغان .. بۇ خاھىشنى بىز‹‹ سۇ بويىدا ›› ناملىق رومان ۋەقەلىكىنىڭ ئومۇمى جەريانىدىن ئېنىق چۈشىنىۋالالايمىز ( بۇ ھەققىدىكى تەھلىلنى كىتبخانغا قالدۇرىدۇم.).
قىزىق يېرى شۇكى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ شوبىنخوېر: بىللە ئېقىشنى بۇلغىنىش دەپ جاكارلىغان ھەم ئىزچىل بۇ ئەقىدىگە ئەمەل قىلغان. ئۇ ئاخىرى ئۆزنىڭ خاسلىقىنىڭ ئىسپاتى بولغان ئىرادە پەلسەپىسىنى روياپقا چىقارغان.


ئەسكەرتىش : ماقالنىڭ يېزلغىنىغا ئۇزۇن بولغاچقا مەلۇم سەۋەنلىكلەرنىڭ بولىشى تەبىي ،شۇڭا تۆزتۈپ ئوقۇشڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .

1

تېما

1

دوست

491

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   95.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32888
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 18:48:59 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىپ ئوگۇز ئەپەندى !ماقالىڭىزدا دىيالىكتىكىنىڭ كاتىگۇرىيەسى بولغان«ئورتاقلىق ۋە خاسلىق »نى  بىر ئوبدان تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كىلىۋىتىپ، « بۇ ساناقلىق كىشىلەر توساتتىن پەيدا بولغان ھامان ئۇلار ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ سىنچى كۆزى ئۇلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ _ دە، ئۇلارنى جىددىي كۆزىتىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆزەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆزىنىڭ ئورتاقلىق رامكىسى بىلەن ئۆلچەيدۇ. ناۋادا بۇ خاسلىق ھادىسىسى ئورتاقلىقنىڭ زورىيىشىدا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە بولسا، دەۋر ئۇنى <<تەدرىجىي تەرەققىيات>> ياكى <<تارىخنىڭ داۋامى >> دېگەن سۆزلەر بىلەن پەردازلاپ ئورتاقلىققا قېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خاسلىق ئومۇمىنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كېتىپ، ئاخىرى دەۋر ئوقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. »دەپ خاسلىقنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئومۇملۇق تەرىپىدىن سۈمۈرۋىلىنىدىغانلىغىنى بايان قىلىپ، خاسلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى يەنىي كۈزەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن  تەرىپىنىڭ قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىغىنى  چۈشەندۇرمەيلا گىتلىر بىلەن نېتزشېنىڭ مىسالىغا چۈشۈپ كىتىپسىز ،خاسلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز . بۇنىمۇ بىر بىلىۋالساق .ياكى چۈشەندۈرۈشتىن ئۆزىڭىزنى ئەتەي قاچۇرۇپ خاسلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى جەمىيەت تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ  ئۆزلىرى تەپەككۇر قىلىپ چۈشۈنىۋالسۇن دەپ بىزگە قالدۇرۇپ قويدىڭىزمۇ يا .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )