- تىزىملاتقان
- 2012-12-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2586
- نادىر
- 0
- يازما
- 188
ئۆسۈش
19.53%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش ئەھلى ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك بىز 2011- يىلى ھۆكىمىتىمىزنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن 50 كىۋادىرات مېتىرلىق ئككى ئېغىز يېڭى ئۆي سالغان ئىدۇق لېكىن كىم بىلسۇن بۇ يىل ئۇ ئۆيلىرىمىز يول قۇرلۇشىغا تاقىشىپ قالغاچقا چېقىشقا توغرا كېلىپ قالدى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ئۇ ئۆيلەرنى چېقىڭلار بىز يەنە بۇ يىلقى سانغا كىرگۈزۈپ يېڭىدىن ئۆي سېلىپ بېرەيلى دېگەنتى بىزلەرمۇ ماقۇل بولغانتۇق لېكىن ئۇ ئۆي تېخى سېلىنغىنىغا ھېچقانچە ۋاقىت بولمىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە يول قۇرلۇشىغا پەقەت 4 مېتىرلا تاقاشتى شۇڭا ھۆكۈمىتىمىزغۇ يەنە سالماقچى بولغان ئۆيۈمىزگە ياردەم پۇلى بېرىدۇ لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۆي سالماق دېگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن بۇنى ئۆي سېلىپ باققانلار ئۇقۇدۇ
شۇڭا بىز بۇ ئۆينى چاقماي 4 مېتىر يىراققا يۆتكەشنىڭ ئامالى چىقىپ قالارمۇ دېگەن ئۈمۈتتە بۇ تېمىنى يېزۋاتىمىز بەلكىم بىزنىڭ بۇ خىيالىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن لېكىن شۇنداقتمۇ بىر ئۇرۇنۇپ باققۇمىز كەلدى تورداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا مۇشۇنداق پىششىق خىش قۇرۇلمۇلۇق ئۆيلەرنى يۆتكەپ باققان ياكى يۆتكىگىننى كۆرگەنلەر ياكى مەخسۇس چوڭ تىپتىكى كىراندا مۇشۇنداق ئۆي يۆتكەش ئىشنى قىلىدىغانلار بولسا بىزلەرنىڭمۇ ئۆيۈمىزنى يۆتكەپ بەرسە ياخشى رازى قىلاتتۇق بۇ ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى يەر يۈزىگە بىر قات چۈلىيەن قۇيۇقلۇق كەڭلىكى 38 سانتىمېتىر ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر ئۇنڭ ئۈستىدە يەنە بىر قات پولات چىۋىقلىق چۈلىيەن بار كەڭلىكى 25 سانتىمېتىر ئېگىزلىكى 20 سانتىمېتىر ئۇنۇڭ ئۈستىگە تام قوپارغان تمغا ئىشلىتىلگەن خىش تەخمىنەن 10000 تامنىڭ ئۈستىدە يەنە پولات چېۋىقلىق 20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا چۈلىيەن بار ئۇنىڭ ئۈستى ياغاچ قۇرۇلمىلىق قىلىپ يېپىلغان ئەگەر مۇشۇ ئۆينى چاقماي يۆتكەپ بېرەلەيدىغانلار بولسا تولۇق رازى قىلاتتۇق بۇ قېتىم يول قۇرلۇشقا تاقاشقان ئۆي 6 ئائىلىلكنىڭ ئۆيى ھەممەيلەننىڭ ئۆي شەكلى ئوخشاش 50 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆي بۇ ئۆينى مەيلى كىراندا كۆتۈرۈپ يۆتكەيلى ۋە ياكى ئاستىغا رېلىس ئورنۇتۇپ سىيرۇلدۇرۇپ يۆتكەيلى پەقەت 4 مېتىر يىراقلىققا يۆتكىسەكلا بولاتتى كەڭ تورداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ئەگەر سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ئادېرسىمىز مەكىت ناھىيە قىزىل ئاۋات يېزا چ چ ئۈندىدار 1152705266
|
|