قانۇندىن ياردەم
مەن بىر دوستۇم بىلەن 2014-يىلى 5-ئاينىڭ13-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بىر شەخسى شىركەتتە ئىشلىگەن ، مەن شىركەت بىلەن توختام تۈزمىگەن ، دوستۇمنىڭ توختامى بار ،يەنە شىركەتتىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر ھېچقانداق سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلمىغان، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە 5ئايلىق مۇئاشنى بۈگۇن ، ئەتە بىرىمىز دەپ بەرمىدى ، بۇ ئارلىقتا قەرىز ھىسابىداشىركەت مالىيەسىدىن بىرسىمىز 5600 يۈەندىن ئېلىپ ئىشلەتكەن ، ئايلىق مۇقۇم مۇئاشىمىز 2800يۈەن ، تاماق پۇلى 400 يۈەن ، جەمئىي ھەرئايدا شىركەتتىن ئېلىشقاتىگىشلىك پۇل ھەر بىرىمىزگە 3200 يۈەندىن توغرا كىلىدۇ ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ8-كۈنى شىركەت بىزگە 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بارلىق مۇئاشىمىزنى بىرىپ بۇلۇشقا ۋەدە بىرىپ ئىسپات يېزىپ بەرگەن ، بۈگۈن 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شىركەتكە مۇئاشىمىزنى تەلەپ قىلىپ بارساق يەنە سەۋەپ كۆرسىتىپ مۇئاشىمىزنى ئالالمىدۇق ، بۈگۈن ئەمگەككۈچلىرى ئىدارىسى تەپتىش ئىشخانىسىغا كىردۇق ، خىزمەتچى خادىملار شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزەڭلار چىرايلىق كىلىشىڭلا ،ئەگەر كىلىشەلمىسەڭلا بىزدېلو تۇرغۇزۇپ سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بىرىمىز دەپ قايتۇرىۋەتتى . شىركەتكە بارساق ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلىپ بېرىپسىلە ، مۇئاشىڭلاردىن تۇتىمىز دەپ بىرمۇنچە باھانەسەۋەب تېپىپ چىقتى ، مەن 2014-يىلى11-ئايدا ئىشلىمەيمەن دەپ 15كۈن شىركەت بارمىغان(لىكىن مەن شىركەت دېرىكتورلىرىغا مەن ئىشلىمەيمەن دىگەن گەپنى قىلماپتىكەنمەن) ، 15 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن شىركەت خوجايىنى داۋاملىق ئىشلەۋەرسەڭلا دەپ تىلفۇن قىلىپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن مۇئاشنى بەرگىچە ئىشلىگەچ تۇرساممۇ مەيلى دەپ قايتا بېرىپ 2014-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە ئىشلىگەن ، دوستۇم 2015-يىلى 1-ئاينىڭ21-كۈنىگىچە ئىشلىگەن،شىركەت ئەمدى مىنىڭ 11-ئايدا 15 كۈن ئىشلىمىگەن ۋاقتىمنى سەۋەبسىز ئىش تاشلىغان دەپ ھىسابلاب 3 ھەسسە بۇيىچە 45 كۈنلۈك مۇئاشنى تۇتىمىز دەپ تۇرىۋالدى ، دوستۇمنىڭ12- ئايدا پۇتۇن بىر ئاي كۈندە يېرىم سائەت ئىشقا كىچىككەن دەپ چىقاردى(لىكىن بۇنىڭغا ماددى ئىسپاتى يوق)،بىز بۇ ئىشقا قارىتا زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلىشىمىز كېرەكمۇ ؟ ئەگەر ئەرىز قىلساق ئۇتۇپ چىقالامدۇق؟ مەن يەنە شىركەتنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان باج ئوغۇرلىغانلىق ، ساختا ھېسابات تالونى ياسىغانلىق .....................قاتارلىق ئىشلىرىنى بىلىمەن ، لىكىن بۇنىڭغا ئائىت مەندىمۇ ماددى ئىسپات يوق ، لىكىن گۇۋاھچىلار بار ، بۇلارنىمۇئىسپات سۈپىتىدە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا پاش قىلسام بۇلامدۇ ؟ كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز ، ئەگەر قانۇندا ئوقۇغان ، ئادۋۇكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇستازلار بولسا تەلىم بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن! مۇمكىن بولسا بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويساڭلار ،كۆپچىلىككە رەھمەت . ئالاقىلىشىشچ چ نۇمۇرۇم :
|