قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2240|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىم قانداق ئادەم ئىدى؟: يۇنان ئەپسانىلىر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34112
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھىي قەھرىمان ئاكىللىس ۋە ئۇيغۇر رېئاللىقىدىكى سەمەرىلىك

پالۋان ئابدۇراخمان ئابلىكىم


ئابدۇقادىر جۈمە


    «بۇ كېچە دوستۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى ئەسلىدىم» دەپ تېما قويۇلغان بۇ ئەسلىمە ئەسلى ياش تەرجىمان ئابدۇقادىر جۈمەنىڭ  قەلىمى بىلەن « ئۈندىدار» دا ھەمبەھرىلەنگەن ئىدى. مەن، بۇ ئەسلىمىنى مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرراق تونۇشتا قىممەتكە ئىگىكەن قارىدىم ۋە كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈپ ئەينەن پېتى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىلەر.
رەھمەت.

   بۇ كېچە دوستۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى ئەسلىدىم
   ئەتراپىمىزدا چۆرگىلەپ يۈرگەن ئۆلۈم پەرىشتىسى بۈگۈن ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ بېشىنى سىيلاپتۇ.  ئاللاھ باغاشلىسۇن، رەھمەت ئەيلىسۇن، ھەممىمىزگە سەبرە بەرسۇن! ئابدۇراخمان ئۆلۈمنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغاندەك مەن بۈگۈن ئۆيگە، ياق، ئىچىمگە سولاندىم. ئاللاھىم ئۆزۈڭ رەھمەت قىل، بىزنى يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىما، غايىلىرىمىز ئۈچۈن كۈچ ۋە پۇرسەت بەر!
    مارالبېشىدىكى دوستۇم مەمەتئېلى ئابدۇراخمان ماڭا بۇ خەۋەرنى تېلېفوندا يەتكۈزگەندە، يىغلىمىدىم، قوللىرىم تىترىدى، يۈرگۈم نورمالسىز سالدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، دېلىغۇللۇققا چۆكتۈم، گېپىمدىن ئېزىۋاتاتتىم، ئىزچىل پەرىشانلىق قاماللاپ تۇرغان يۈرىكىم يەنە ئېزىلدى. مەن چاي ئىچمەكچى بولدۇم، تېلېفوننى ئاچتىم، ئابدۇراخمانغا تېلېفون بەرمەكچى بولۇپ نومۇرىنى باستىم ۋە يېنىۋالدىم. يەنە تېلېفون كەلدى، خەۋەر راست ئىدى.
    ئۆزۈمدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئىشەنمەسلىك ئارىسىدىكى تۇيغۇ خىرەلەشتى، ساقچى ماشىنىلىرى ئاستا ۋە ھەيۋەت كېزىپ يۈرىدىغان قەشقەر كوچىلىرى، ئالتىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانا، ئىشخانىدىكى دوستۇم مۇھەممەتئېلى يۈسۈپ ماڭا دەملەپ كىرگەن زەپەر چاي، ئۇ ماڭا تەسەللى بولسۇن دېگەن خىيال ۋە ئۆلۈمنى ئەسلەش ئارىلىشىپ كەتكەن تۇيغۇدا، ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۆتكەن يىل ئۆز  قۇچىقىدا جان بەرگەن ئانىسىنىڭ ھېكايىسى، كومپيۇتېر، تاماكا، ئۈستەللەر، ئىشخانىدا لەيلەپ يۈرگەن ئىس، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماسلىق ۋە ئۆزۈمنى بەزلەش ئۈچۈن قەستەن تەكرار يۆتكەۋاتقان گەپ تېمىسى، ئەقلىمگە كېلىۋاتقان سۆيگەن كىشىلىرىمنىڭ سېيماسى، مەندىن يىراقتىكى قىزىم، بۈگۈنگىچە غايىلىرىمنىڭ ئارىسىدا پايخان بولۇپ، تۈزۈك بىر ئىشنى قىلىپ بولالمىغان ئۆزۈمدىن خۇدۈكسىرەش، ئاللاھىم ماڭا كۈچ بەر! دەپ تۇرۇپ ئۆزۈمگە ۋەدە بېرىپ كېلىۋاتقان تالاي چالا ئىشلىرىم... ھەممىسى كاللامغا ناھايىتى قالايمىقان سوقۇلماقتا ئىدى.
    بۇلار نېمە؟  تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈم چاقىرىقىنىڭ پەرىشان ھاللىرىمۇ؟ ئۆزۈمدىن قورقۇش تۇيغۇسىمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن مەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان قۇرداشلىقتىن كېلىۋاتقان ۋەھىمىمۇ؟ ھەممىمىز ئۆلۈشنى بىلىش ۋە بىلمەسلىك ئېلىپ كەلگەن غەپلەتنىڭ ساداسىمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي دوستلۇقىمىزدىن قالغان كەچمىشتىكى خاتىرىلەرنىڭ يۈزىمۇ؟ رېئاللىق، رىشتە، ئىككىلىنىش، ۋەسۋەسە، قورقۇش، چەكلىمە، رەت قىلىنىش، تېڭىرقاش.. ۋەھاكازالار ئېلىپ كەلگەن كەلمىشلەردە تىتماتاتاڭ بولۇشمۇ؟ ياكى ئۆز روھىمىزدىكى قاراڭغۇلۇقتا ئېزىپ قېلىشمۇ؟ ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدەمگە بۇنداق تۇيۇقسىز كەلگەن چاقىرىقلار تۈپەيلى ۋاپا قىلالماسلىق رەسۋالىقىدا تولۇق گۇمران بولۇشتىن قېچىش تۇيغۇسىنىڭ «ساقلا» دېگەن نالىسىمۇ؟ ياكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىسيانىمۇ؟

شەخسىيەتچى ئادەم بىز، مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر شەخسىيەتچىلىكنى بىلگەن غەپلەتتە قالغۇچى بىز. روھىمىزدىكى تالاي يىشسىزلىك ۋە ئىچى بوشلۇقنى بايقاۋاتقان سەرسان بىز...

    دوستۇم، بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىنى سىيلايدىغۇ ئاخىر؟ نىچۈن شۇنچە سەۋدالاندىم؟ بىلمەيمەن ئىچىمنى كەچمىشلەر تاتىلىدى، ئۆزۈمگە سولىنىپ ئەسلەرگە قېتىلدىم. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مەن بىر سائەتتىن كېيىن تېرىك كۆرەلمىگەن ئۆز قولۇمدا تۇپراققا بەرگەن نەۋرە ئاكامنى ئەسلىدىم، مەن جىسمانىي ئەركىم كېسىلگەن كۈنلەردە يۈزىنى كۆرەلمىگەن، تەتۈر زاماندا پومېشچىك پۇشتى دەپ ئېزىلگەن، بىر ئۆمۈر قىلچە خوۋلۇق كۆرمەي نادامەت ئىچىدە ۋاقىتسىز كەتكەن، ياۋاش تاغامنى ئەسلىدىم. يەنە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئىككى تاغام ۋە مەن يۈزنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ، غۇرۇر تۇيۇپ يۈرگەن بوۋا-مومىلىرىمنى، جەمەت دەرىخىمدىن سۇنغان بىر توپ شاخلارنى ئەسلىدىم، مەن بىر قېتىممۇ قېيىن ئانا دېيەلمىگەن ناتىۋان ئانىنى، بېيجىڭدا ئابدۇراخمان ئابلىكىم بىلەن كۆرۈشكەن، كېيىن بېيجىڭدىكى ئۆلۈك سۇدا تۇنجۇقۇپ جەسىتى مۇساپىر قالغان دوستۇمنى، ئۆلۈم ۋە مۇھەببەت يۈزىدىن كورلىغا ئىككى قېتىم كىملىكسىز سەپەر قىلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆلۈمىنى ئۇزاتقان ئانا ۋە شۇ ياش قېرىندىشىمنى، قار يېغىۋاتقان كۈنلەردە ئۆلۈپ كەتكەن ئىلھامجان ئابلىز، مۇھەممەت باغراشلار... ئەسلىدىم، ئىچىمدە رەببىمىزدىن ئۇلارغا رەھمەتلەر تىلىدىم.
    مەن ئابدۇراخمان ئابلىكىم بىلەن 2000- يىلى بېيجىڭدا تونۇشقان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن سىدنېيغا ئاسىيا بوكس پالۋىنى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە بېرىپ، شۇ شەھەردىن يانغان پالۋىنىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن كۆرۈشتۇق. ئۇ چاغدا مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ئىدىم. مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان غايىلىك ياشلىرىمىزنى يىغىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئاددىي كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردۇم. ئۇ كۈنى ئابدۇراخمان شۇ مەزگىلدە بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان دوستىمىز مەخمۇت ھىسام ۋە شىئەندە ئوقۇۋاتقان دىلئارام قۇربانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تەييارلىق فاكۇلتېتىمىزنىڭ يىغىن زالىغا كىردى.
    زال بىردەمدە تاغ-داۋام ئېشىپ يۈكسەك ئىرادە، ئاجايىپ قىزغىنلىقتا ئوقۇشقا كەلگەن بولسىمۇ، بىر زامان ئۆتكەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى سىقىلىشتا سولاشقاندەك كۆرۈنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن توشقانتى. ئۇ كۈنى زال ئادەمنىڭ كېلىشتىن بۇرۇنقى بېيجىڭ غايىسىنى تەكرار بەربات قىلىدىغان 8- نومۇرلۇق چىركىن ياتاق بىناسى ۋە شۇ بىنادىكى 8 كىشىلىك مەينەت ياتاقلاردا پىۋا ئېچىپ كۈن بويى سېسىق ئوسۇرۇپ ئۇخلايدىغان ئوغۇللار، دىمىقتا مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈللۈكتە ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرۇپ، گازىر چاققاچ جاھاننىڭ گېپىنى قىلىدىغان قىزلار، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىدىكى مەكتەپلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساۋاقداشلار بىلەن لىق تولغاندى.
    ئۇلار ھاياجانلاندى، قېنى قاينىدى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى سۇسلىغان قەلبى لاۋۇلدىدى، بالىلارنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئىپادىلەپ بېرىش تەس مۇرەككەپ تۇيغۇ، لىغىلداپ تۇرغان ياشلىرىنى يوشۇرۇپ پارلايتتى. ياش ئەمەسمۇ، بوغۇن ئەمەسمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان سەرخىل بالىلار ئەمەسمۇ؟! ئەي بىنورمال تۈزۈملەردە ۋەيران بولۇۋاتقان ھېسلار، ئەي بېسىلغان تۇيغۇ!
   چىركىنلىك توزۇدى، بىلدۇق، كۈلدۇق، تونۇدۇق، غايىمىز قايتا قوپتى. تەييارلىق فاكۇلتېتىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى كىچىك زال شۇنداق تەسىرلىك، كەسكىن، جانلىق غەيۇر دەملەرنى خاتىرىلەۋاتاتتى، ئۇ سورىغان سوئاللارنىڭ ۋەزنى، كۆپلۈكى، دادىللىقى مۈگدەۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان ئۇيغۇر مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقا يۈزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.  
   مەن بۇ مەكتەپتە بۇنداق كەيپىياتنى بەك ئاز كۆرەتتىم، ئۆزۈممۇ توختىماي گەپ قىلدىم، رىياسەتچىلىك قىلدىم، باللارنى تېخىمۇ كۆپ سوئال سوراشقا رىغبەتلەندۈردۈم. ئۆزۈمدە بۇ مەكتەپتە بولۇپ باقمىغان تۇيغۇلارنىڭ غەليانىنى كۆردۈم. سوئاللار يامغۇرى كەم سۆز ئابدۇراخماننى خېلى تەرلەتتى. بەزى سوئاللارغا ئۇنى ئوبدان چۈشىنىدىغان سىرداش دوستى، دوستىمىز مەخمۇت ھىسام ۋاكالىتەن جاۋاب بەردى. شۇ كۈنى ھەممىمىز بەك خۇشال بولغان، ئۇنىڭ بىلەن جۇغلىشىپ ۋە يەككە رەسىملەرگە چۈشكەن. ۋاقىت قىستىدى، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ئىمكانىمىز پەقەت بىر دەستە گۈلگىلا يارىدى. بىزنى ئۇنى مەكتەپ ئارقا ئىشىكىگىچە ئۇزىتىپ قويدۇق، ئۇلار كەتتى. بۇ يەردە كۈنسېرى تايىنىمىز قالمايۋاتقان ئوبرازىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك، بويىمىز ئۆسۈپ قالغاندەك بولۇپ قالغانتى.
   يۇيۇلمىغان پايپاق ۋە كۇسارلارنىڭ پۇرىقىدا تاپتەك پۇرايدىغان ياتاقلاردىن ئۇلارنى سۆرەپ چىققان نەرسە نېمە؟ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىمۇ؟ قەھرىمانلىقمۇ؟ چولپانغا چوقۇنۇش ھېسسىياتىمۇ؟  ئىنساندىكى قەھرىمانلىق تۇيغۇسىنىڭ مەلۇم ئىنسان ئارقىلىق ئوبراز سۈپىتىدە نامايان بلۇشىمۇ؟ مىللەت قەھرىمانغا موھتاجمۇ ياكى ياش بوغۇنلارنىڭ قەلبىدە غۇرۇر مۇشۇنداق شەكىلدە كۈچىيەمدۇ؟ مەن بۇلارنى زىغىرلاپ كەتمىدىم، ئوقۇشىمىز نورمال داۋام ئەتتى. مەنمۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم، ئەمدى ئويلىسام، شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ساۋاقداشلىرىم ھازىر نەلەردە ئۇنى بىلەيمەن. بەلكىم بۈگۈن شۇ بالىلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلا بولسا شۇ كۈننى ۋە ئابدۇراخمانغا ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلىدى.
   شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ، ھال-مۇڭ قىلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق. دوستلۇقىمىز چىڭىدى، مەن قەھرىمان ئابدۇراخمان ئابلىكىم بىلەن ئەمەس، تۇرمۇشتىكى نورمال ئابدۇراخمان ئابلىكىم بىلەن ئۇچراشتىم.تېخى يېقىندىلا بەك ئۇزۇن دەردلەشكەن، بۇرادىرىم تۇرسۇن شەيخنىڭ مەسلىھەت چېيىدىن تاراپ مەن ئۇنىڭ بىلەن يېرىم كېچىدە ئۆيىگە قەدەر بارغان. جۈمە كۈنلىرى نامازدا پات-پات كۆرۈشەتتۇق، ئالدىنقى قېتىم تېخى ئۈرۈمچىدىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا تازا چاقچاقلاشقانتۇق. ئۇ كۈنى، ئۇ قولىدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نى كۆتۈرۈلۈۋالغان ئىكەن. ئۇ، شۇ كۈنى گېزىتكە چىققان بىر ماقالىنىڭ گېپىنى قىلىپ  گەپ باشلىدى:
-ئاداش، دېگىنە شۇنداق دېسە بولامدۇ؟ سەن يازساڭ قانداق يازاتتىڭ؟ مەن بۇ ماقالىگە بىر ماقالە يېزىپ رەددىيە بېرىمەن... دېگەن ئۇ، كۈلۈپ كەتكەن، ئۇنى بۇنى دېيىشىپ يولىمىزغا جۆنىگەن.
    ئۈرۈمچىدىكى ھايات شۇنداق شەكىلدە داۋام ئېتىۋاتاتتى.  ئەمدى ئويلىسام بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈشىمىز بولۇپ قالغان ئىكەن! ئەجەلدىكى ئىمكان، بۇ تەندىكى ئامانەت ئاجايىپ ئىش ئىكەن. كاشكى بىلسەك ئىدۇق لاڭتيەن 20 قورۇدىكى ئۆيىدە يالغۇز قويماستۇق، بىلسەك ئىدۇق، قۇربىمىز يەتسە ئىدى، ئائىلىسى ۋە بالىلىرىغا ئەمەس، مىللەتكە ياراملىق ئادەمنى قوغدار ئىدۇق.  كاشكى قولىمىزدىن كەلسە ئىدى بۇ دەۋر ياشلىرىدا كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆتىگە تېپەتتۇق! ئەپسۇس تەقدىر ئىكەن بۇ، ياراتقۇچىنىڭ ئەمرى ئىكەن بۇ. قالدۇق، قالىمىز، ساختىپەزلىكىمىز بىلەن قالىمىز، كېتىمىز...
   ئابدۇراخمان قانداق ئادەم ئىدى؟ ئۆزۈمدىن سورىدىم، مەن قاتنىشالمايدىغان نامىزىدا ئۇنى سورىمايدۇ، جامائىتىنىڭ تايىنى يوق ئۈرۈمچىدە ئۇ شۇنداق يوسۇنسىز يوسۇنلاشقان نوغاي مەسچىتتە پېشىن نامىزىدىن يانغان جامائەتكە ئىمامئاخۇن بىلگەنلىرىنى قەغەزدىن ئوقۇپ بېرىدۇ، دوست-يارەنلەر گۈلسايغا ئاپىرىپ كۆمىدۇ، قايتىدۇ. ياكى، مۇھەممەت باغراشنى قەبرىگە ئەكىرىپ قويۇپ، خۇددى ئۇنى قەبرىگە ئەمەس سۆرىدىن مەھەللىسىگە ئەكېلىپ قويۇپ ئالدىراپ قايتقان بىر تۈركۈم يوسۇنسىز كىشىلەردەك قايتىدۇ. ئۇ يەردە ھەر كۈنى كۆپىيىۋاتقان قەبرىلەرگە بىر قەبرە قوشۇلىدۇ.
    مەن بىلىدىغان ئابدۇراخمان نوچى ئىنسان ئىدى. مەن نوچىلىقنىڭ كونكرېتىنى ئۆلچىمىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇيغۇردا ئۇزۇن زاماندىن قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇقۇمنىڭ ئابستراكتنى ئۆلچىمىنى تونۇيمەن.
    نوچىلىق ئۇيغۇرلاردا تۇيغۇلاشقان ئۇقۇم. ئۇيغۇرلار ھېسسىي تەپەككۇردا ياشايدۇ، ئۇقۇملارنى رەتلىمەيدۇ، كونكرېت ئۆلچەملىرىنى بېكىتمەيدۇ. ئەمما قەلبىنى ئۆلچەم قىلىپ بەزى زىل ئۇقۇملارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نوچىلىق شۇ ئۇقۇملارنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ئۆلۈم يا كۆرۈم دەيدۇ. ئىشلارغا شۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. بەلكىم قەشقەردە ياشىغانلىقىدىن ئىبارەت بىرلا ئۇچۇر قالغان، ئەمما قاچان، نەدە تۇغۇلۇپ، نەدە، قانداق ياشاپ، قاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولمىغان سېيىت نوچىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇپ ئېڭىدا داۋام ئېتىشى ۋە ئۇنىڭ غايىۋىلەشتۈرۈلۈپ ئىپادە قىلىنىشى شۇنىڭ ئىپادىسى.
   مەن ئابدۇراخماننىڭ نوچىلىقىنى بۇنداق ھېسسىي ئۆلچەملەردىن كۆرە خەلقئارالىق ئۆلچەملەشكەن تەنتەربىيە مەيدانلىرىدىكى نەچچە ئونمىڭ ئارىسىدىن تاللىنىپ چىقالىغان نوچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ، ئەڭ زىل ئۆلچەم ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ قازانغان نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كونكرېت كۆرىمەن.
   ئۇ 1978- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەسىلدىن ئالتايدا تۇغۇلدى. 16 يېشىدا تەنتەربىيە ساھەسىگە قەدەم قويدى، 21- يېشىدا ئاسىيا پالۋىنى بولۇپ، 75 كىلوگراملىقلارنىڭ پۈتۈن ئاسىيادىكى شىرىغا ئايلاندى.  ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ، ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىككە قاتنىشالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. ئۇ 1998- يىلى شياڭگاڭدا، 1999-يىلى گۇاڭجۇ، گۇيجۇدا چېمپىيون بولدى، 2000- يىلى سىدنېيغا بېرىپ ئولىمپىككە قاتناشتى، 2001- يىلى ئوساكادا 3- بولدى، 2001- يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى، 2002- يىلى كورېيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئاسىيا تەنتەربىيە يىغىنىغا قاتناشتى. 2005- يىلى ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى. 2009- يىلى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلاپ ياش بوغۇنلارنى تەربىيىلىدى. بۇلار ئۇنىڭ كۆپ نوچى ياشىغانلىقىغا يېتەرلىك ئىسپات بولاتتى.
   مەن بىلىدىغان ئابدۇراخمان ئابلىكىم بىلىملىك، كەمتەر، خۇش پېئىل، يۇمۇرىستىك، پسىخىكىسى ساغلام، غۇرۇرلۇق ئىنسان ئىدى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە خېلى پىشقان يازارمەن. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسا ھايات ئۈمىدكە تولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا توختىماي ئۆگىنىدۇ. گەرچە مۇنتىزىم ئالىي مائارىپ كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ كۆپ مەلۇماتلىق. ئىنگلىز تىلىنى ئوبدان قوللىنىدۇ. ئەڭ يېڭى كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ. توختىماي ئىزدىنىدۇ. ئەگەر ئۇ كەمتەر بولمىسا ئىدى ئەتراپىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللارنى پاخال قىلىپ نام چىقىرىش تەمەسىدە يۈرگەن نۇرغۇن قوڭالتاقلاردىن ياخشى يازالايتتى ۋە نام چىقىراتتى.
   لېكىن، ئۇ بۇنىڭغا ھەۋەس قىلمىدى. ئۇنىڭ سۆھبەتلەردىكى ئۆتكۈر پىكىرلىرى كىشىنى قايىل قىلاتتى. ئۆزىنىڭ «گۈللۈك» تورىدا ئېلان قىلغان نۇرغۇن كىنو ئوبزورلىرى ئىنتايىن سەۋىيەلىك يېزىلغان. كىنوغا بولغان ئورتاق ئىشتىياق بىزنىڭ يېڭى بىر سۆھبەت تېمىمىزغا سەۋەب بولاتتى. ئۇنىڭ «گۈللۈك» دەپ بىر تور بېتى بار، نۇرغۇن پىكىرداشلار شۇ يەردە پىكىرلىشىدۇ، ئۇنىڭ تورىدىكى ئىسمى ئاكىللىس بولۇپ، ئاكىللىس «ئىليادا» دىكى ئاكىللىستىن كەلگەن.
   ئاكىللىس – يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھىي قەھرىمان. كىنو ھەۋەسكارلىرى ئوبدان بىلىدىغان «تېروي» فىلىمدىكى برەد پىد رولىنى ئالغان باش قەھرىمان. يۇنان بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ بىرىنچى پالۋىنى، دېڭىز ئىلاھەسى دىستىس بىلەن قەھرىمان پىئولۇسنىڭ ئوغلى. ئۇ تۇغۇلغاندا ئانىسى ئۇنى بىر تېپىك بىلەن ئۆلۈم سۈيىگە چىلىغان، لېكىن، دىتىس ئۇنىڭ سۇغا غەرق بولۇشى ۋە تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئايىغىنى سۇغا تىقمىغان ئىكەن. شۇ سەۋەب ئۇنىڭ سۇغا كىرمىگەن ئاياغلىرىدىن باشقا يېرىگە ھېچقانداق ياراق ئۆتمەيدىكەن. تىروي ئۇرۇشىدا ئۇ تىروينىڭ چوڭ شاھزادىسى قەھرىمان خىكتورنى ئۆلتۈرۈپ يۇنانلىقلارنى مەغلۇپ بولۇش خەۋپىدىن نۇسرەت تېڭىغا ئۇلاشتۇرىدۇ. كېيىن، پارس ( ھىلىننى ئېلىپ قېچىپ تىروي ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان تىروينىڭ كەنجى شاھزادىسى، خوكتورنىڭ ئۇكىسى) قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ كۆرسەتمىسى ۋە قوغدىشى بىلەن ئاتقان غايىب ئوق ئۇنىڭ ئاياقلىرىغا كىرىپ ئۆلىدۇ.
   ئاكىللىس ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزنى تونۇش سەپىرىدىكى بىر پارلاق يول بەلگىسى. گېگىل ئاكىللىس ھەققىدە: « بىز ئاكىللىس ھەققىدە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئۇ شۇنداق بىر ئادەمكى، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېسىل خاراكتېر ئۇنىڭدا تولۇق ئەكس ئەتكەن. ھەر ئادەم بىر پۈتۈن گەۋدە، بىر دۇنيا ھەر ئادەم مۇكەممەل، قەھرلىك ئادەمكى، ھەرگىز مەلۇم يېگانە تىپتىكى مەسەللەشتۈرۈلگەن ئابستراكت نەرسە ئەمەس» دېگەن.
   ئابدۇراخمان ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىدىكى ئاكىللىستەك قەھرىمان بولمىسىمۇ، قەھرىمانلىققا چوقۇنىدىغان ئۆزىنىڭ قەھرىمانى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىمىزدىكى تەنتەربىيە پالۋىنى، نۇرغۇن ياش-بوغۇنلارغا ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرى ۋە پەزىلىتى بىلەن تەسىر كۆرسەتكەن، ئۈمىد بەرگەن شەخس، ئۇ تىرىك دەرسلىك ئىدى. ئەمدى ئارىمىزنىڭ جىسمى غايىب بولدى، سېيماسى، ئۆزى تىكلىگەن ئوبرازى كەتمىدى، كەتمەيدۇ!!!
    ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاخشام بۇلارنى يازدىم، مەيلى قانچە دېلىغۇل بولاي، پەرىشانلىقىم قانچە قىينىسۇن، مەن دوستۇمنىڭ ئۆلۈمىنى مەن مۇشۇ شەكىلدە خاتىرىلىدىم. كېچە ئىچىمگە كىرىۋالغاندەك ئەندىكتىم، قەشقەرنىڭ كوچا چىراقلىرى پىلىلدايتتى...
2015- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى قەشقەردە كېچىدە يېزىلدى.

0

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33792
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇ قانداق ئادەم ئىدى؟ج:بۇكسيۇرچى ئىدى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

2

دوست

2306

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 667
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەلەمدىمۇ ،قەلەمدىمۇ تەڭ  يىتىشكەن، پەزىلەتلىك ئوغلان.....

1

تېما

3

دوست

7464

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1887
توردىكى ۋاقتى: 594
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىزدىن ئابدۇراھماندەك،ئابدۇراھماننى  بېسىپ چۈشكۈدەك پالۋانلار يەنە چىقىدۇ!

1

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20864
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تۇغرا !  بىزدىن ئابدۇراھماندەك،ئابدۇراھماننى  بېسىپ چۈشكۈدەك مىڭلىغان  پالۋانلار يەنە چىقىدۇ !

0

تېما

0

دوست

3838

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1212
توردىكى ۋاقتى: 445
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   مەرھۇم   ئابدۇراخمان   ،    ئۇيغۇر   خەلىقىنىڭ   ئەڭ   ھۆرمەتكە   سازاۋەر   سۆيۇملۇك   ئوغلانى    ئىدى   .     

11

تېما

2

دوست

3879

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1012
توردىكى ۋاقتى: 282
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھازىر ئۇ رەھمەتلىك ئىدى؟ شۇڭا، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ياخشى-يامان گېپىنى كۆپ قىمىغۇلۇق،مېنىڭچە!

0

تېما

0

دوست

1837

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 535
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )