قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1328|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

154

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1165
تۆھپە : 4229
توردىكى ۋاقتى: 1577
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 10:44:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-6 10:50  

كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى


مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمىسىدا ئامېرىكىدىكى «مايكۇل جوسېفسون» (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم [1]. ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ زات ھەققىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىغىمۇ قوشۇپ قويدۇم. 2015-يىلى 15-يانۋار كۈنى مايكۇل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. مايكۇل بۇ قېتىم تىلغا ئالغان 7 سۈپەتنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە بىردىن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچىدىكى «C» ھەرپى بىلەن باشلانغان. شۇڭلاشقا مايكۇل بۇ يازمىسىغا «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە C سى»، دەپ ماۋزۇ قويغان [2].

تۆۋەندىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنى.

ھازىر سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېڭى يىللىق بىر نىشان تۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، مەن سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ئۈستىدىمۇ بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىزنى ناھايىتى ياشىنىپ قالغان بىرسى، دەپ ئويلىمايمەن، ھەمدە يۇقىرىدىكى سۆزلىرىم ئارقىلىق مەن سىزنى بىر يامان ئادەم، دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىر ياخشى ئادەمنى تېخىمۇ ياخشىراق ئادەمگە ئۆزگەرتىش، بىر يامان ئادەمنى ياخشى ئادەمگە ئۆزگەرتىشكە قارىغاندا كۆپ ئاسان.

بىزنىڭ بىر ياخشىراق ئادەم بولۇش يولىدىكى كۈرىشىمىز بىزنىڭ ھەر بىر كۈندىكى كىشىلىك تاللاشلىرىمىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر پەۋقۇلئاددە ئېسىل كىشىلىك خاراكتېرلەرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى، ئۇلار ئۆزلىرىدە توغرا ئىشلارنى بىلىش، ۋە شۇنداقلا توغرا ئىشلارنى قىلىش ئەقىل-پاراسىتى (wisdom) ۋە ئارتۇقچىلىقى (strength) نى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان، ھەمدە باشقىلار تەرىپىدىن باشقىچە يول تۇتۇشقا قايمۇقتۇرۇلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا توغرا ئىشلارنى بىلىدۇ ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.

كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى بار. مەن ئۇلارنى «كىشىلىك خاراكتېرنىڭ يەتتە C سى»، دەپ ئاتايمەن. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1. ۋىجدان ياكى ئىنساب (Conscience): سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەخلاقىي كومپاسىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئاسراڭ، ئۇنى ئىشلىتىڭ، ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ.

2. باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىش ياكى ئىچ ئاغرىتىش (Compassion): باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۆز ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە باشقىلارغا ئىئانە ۋە ياردەم قىلىڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ھەممە ئىشلاردا ۋە ھەممە ۋاقىتلاردا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈڭ، نامايان قىلىڭ، ۋە ئىسپاتلاڭ.

3. باشقىلارنىڭ ھالىغا ياكى دەردىگە يېتىش، ياكى باشقىلارنى ئويلاش (Consideration): باشقىلارنى چۈشىنىدىغان بولۇڭ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئازايتىپ، باشقىلارغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ.

4. ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ (Confidence): ھەر بىر پۇرسەتنى ئۇچراتقاندا ۋە ھەر بىر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە، سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇ پۇرسەتكە ئەرزىيدىغان، ۋە ئاشۇ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىقتىدارىڭىز يېتىدىغان ئادەم ھېسابلاپ، ئۇ پۇرسەت بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ئاساستا قوبۇل قىلىڭ. باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، قىيىنچىلىقلار ۋە كېلىشمەسلىكلەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان ئىچكى قابىلىيىتىڭىزدىن قىلچىلىكمۇ گۇمانلانماڭ.

5. جۈرئەت، جاسارەت ياكى غەيرەت (Courage): ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ تەشۋىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىڭ، ھەمدە ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزدە بار بولغان بارلىق ئېسىل پەزىلەتلەر (integrity) نى ساقلاپ قېلىڭ. بۇ ئىشلارنى قىلىشتا تۆلەيدىغان بەدەللەر ئۆزىڭىز تۆلەشنى خالايدىغان مىقداردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ شۇنداق قىلىڭ.

ئىلاۋە: ئىنگلىزچىدە كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق سۈپەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان «integrity» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە لۇغەتتىكى ئىزاھاتى مۇنداق: «كىشىلەرنىڭ ئىنسانلىق ئەخلاقى ۋە خىزمەت ئەخلاقى پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش سۈپىتى؛ ئەخلاقىي خاراكتېرنىڭ ساغلاملىقى؛ سەمىمىيەتلىك». بۇ سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «پۈتۈنلۈك، تولۇقلۇق، توغرىلىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، ئوچۇق ئاشكارىلىق» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ. مېنىڭچە بۇ ئىككى خىل ئىزاھاتتا خېلى چوڭ پەرق بار. بولۇپمۇ «integrity» دېگەن سۆزنى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتىگە ئىشلەتكەندە، يۇلغۇن لۇغىتى كۆرسەتكەن يۇقىرىدىكى سۆزلەر ئانچە ماس كېلىپ كەتمەيدۇ. بولسا ئۇيغۇر تىلشۇناسلار «integrity» دېگەن سۆزگە ماس كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرچە سۆزنى تەۋسىيە قىلغان بولسا. مەن ھەر قېتىم «integrity» دېگەن سۆزنى ئۇچراتقاندا، ئۇنى ئۇيغۇرچە توغرا ۋە تولۇق ئىپادىلەشتە قىينىلىمەن.

6. ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەش (Control):  ئۆزىڭىزنى چۈشۈرىدىغان، شەنىڭىزگە داغ كەلتۈرىدىغان، ياكى سىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلىدىغان ھېسسىياتلىرىڭىزنى، تەشنالىقىڭىزنى ۋە نەپسىڭىزنى قاتتىق كونترول قىلىڭ.

7. ئېرىشكەن خىزمەت ئورنىغا لايىق بىلىم ۋە قابىلىيەت جەھەتتىكى سالاھىيىتى (Competence): ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئەخلاقلىق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ھەل قىلىشتىكى سالاھىيىتىڭىز، بىلىمىڭىز، قابىلىيىتىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈڭ.


مايكۇل جوسېفسون ھەققىدە

بۇ مەزمۇن ئۆزۈمنىڭ «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.

ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، ھەمدە ھۆكۈمەت، شىركەت-كارخانا، مائارىپ، تەنتەربىيە، ساقچى ئىدارىلىرى، ئاخبارات ئورۇنلىرى، قانۇن، ۋە ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بولۇپ جەمئىي 100000 دىن ئارتۇق كىشىگە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى قىلىپ بەرگەن. ئۇ لوس ئانژېلېس رايونىنىڭ «KNX-1070» دېگەن رادىيوسىدا «ئەخلاق مۇھىم» دېگەن تېمىدا ئوبزور سۆزلىگىلى 15 يىلدەك بولغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئوبزورلىرىنى ئاڭلىغان، ھەمدە ئۇنى شۇ ئارقىلىق تونۇغان. ئۇ ھازىرغىچە ئەخلاق مەسىلىرىگە ئائىت كىتابلاردىنمۇ خېلى كۆپ كىتاب چىقارغان.

مايكۇل يازغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى 8 پارچە كىتابنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۆۋەندىكىلەرگە يېقىن كېلىدۇ:

(1) ئاممىۋى خىزمەت ئەخلاقىنىڭ بەش پىرىنسىپى
(2) سالامەتلىكتە ياخشىراق بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كېسەل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق
(3) ئەخلاقىي قارار ئېلىش ھەققىدە
(4) ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىڭىزدا
(5) ئاتا-ئانىلارنىڭ ئون نەچچە ياشلىق بالىسىدا ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشى
(6) ياخشى ئەخلاقنىڭ كۈچى
(7) ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئاجرىتىش ۋە ھەر خىل تۈرلەرگە پۇل ئېلىشتىكى ئەخلاق: ساخاۋەتنى ياخشىلاش
(8) ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئەخلاقىي قىممەت، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي ئىپادىلەر

m01_character.png
1-رەسىم: « كىشىلىك خاراكتېرنىڭ 7 يادرولۇق سۈپىتى» نىڭ ئىنگلىزچە تام گېزىتى.

m02_20090526.JPG
2-رەسىم: ۋەتەندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلاردىن بىر كۆرۈنۈش (2009-يىلى تارتىلغان).

m03_help.jpg
3-رەسىم: باشقىلارغا ياردەم قىلىش.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت
<http://bbs.alkuyi.com/thread-48789-1-1.html>
<./thread-27520-1-1.html>
<http://bbs.bozqir.top/forum.php?mod=viewthread&tid=5963>
<http://bbs.izdinix.com/thread-61490-1-1.html>
http://bbs.misranim.com/thread-132948-1-1.html

[2] The Seven Cs of Character
<http://whatwillmatter.com/2013/1 ... s-of-character/>

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


1

تېما

1

دوست

305

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33989
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 12:30:31 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ئەركىن ئەپەندى ئەجرىڭىزگە.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

1

دوست

1459

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 12:49:52 |ئايرىم كۆرۈش
بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئىلمىنىڭ تىخىمۇ زىيادە بولىشىنى. ئاكىمىزغا ئىلىم بىلەن بىرگە ھىكمەتنى تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

1113

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-7
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 13:06:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا تېمىڭىزغا تەشەككۇر

0

تېما

2

دوست

2313

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 20:08:02 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ، ياراتقۇچىمىزدىن سىزىگە سالامەتلىك ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.

3

تېما

0

دوست

1460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16569
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 21:10:06 |ئايرىم كۆرۈش


接受的论文
www.ijmra。我们


国际多学科研究学会杂志》上
IJMRA

首页 征集论文的通知 当前出版 版权形式 联系我们


亲爱的作者(年代),


我们感谢您感兴趣的国际期刊的多学科研究学院(IJMRA)和贡献你的研究论文/文章/书评/案例研究。我们很高兴地通知你,你提交的论文/条加工利用双盲审稿工作流程,并已被接受发表。的出版费Rs.1500 / -(40美元)单一作者和Rs.1800 / -(45美元)两到三作者和Rs.2100 / -(50美元)超过三位作者是应付手稿出版。


标题:——新牛顿定律和ABC三个基本规则

注:-请包括身份���号码的纸在你的电子邮件的主题领域

给我们发电子邮件在 editorijmie@gmail.com

Ø  Copy of publication fee deposit slip

Ø  Copyright warranty Form

(亲爱的作者,


点击这个链接下载版权形式

" http://www.ijmra.us/project%20doc/CopyrightForm.pdf ".)


付款方式如下:

1。通过直接存款从银行给我们的银行账户如下细节:


的名字的 银行: 旁遮普 国家 银行肾脏穿刺术)

的名字账户持有人: 国际多学科研究学院学报(IJMRA)

账户号: 4682002100001390

IFSC代码的分支:PUNB0468200

斯威夫特代码:PUNBINBBJKB

分支机构: 旁遮普 国家 银行,印度jagadhri - 135003。

2。通过这套系统/基金从银行转移到我们的银行账户按照给定的点没有细节。1。(还需要证据的沉积通过这套系统/基金转移)。

3。在线支付通过贝宝/网上银行/现金卡/信用卡/借记卡

" http://ijmra.us/pay_pal_payment.php"


4。作者的钱也可以通过西联支付出版费用/克。

国际管理杂志》上,它与工程(ISSN 2249 - 0558)

2012年影响因子(IJMIE)3.911和4.297为2013


国际市场营销和技术杂志》(ISSN:2249 - 1058)

2012年影响因子(IJMT)3.833和4.077为2013

国际��理和社会科学杂志》(ISSN:2249 - 5894)


2012年影响因子(IJPSS)2.628和3.797为2013

国际社会科学杂志》的研究(ISSN:2249 - 2496)

2012年影响因子(IJRSS)2.771和4.567为2013

国际期刊的工程、科学和数学(ISSN:2320 - 0294)

2012年影响因子(IJESM)3.754和4.689为2013


国际工程和科学研究杂志》(ISSN:2347 - 6532)

2013年影响因子(IJESR)= 3.847

































3

تېما

0

دوست

1460

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16569
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 21:18:40 |ئايرىم كۆرۈش
akim يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 21:10
接受的论文

ھۇرمەتلىك ئەركىن مۇئەللىم،بىز ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇنۇ ژورنالنى بېكىتتۇق،(ISSN 2249 - 0558،چۇنكى بۇنىڭ تەسىرى باشقا ژورناللارغا قارىغاندا خېلى پەرقلىنىدىكەن،{كېچە ئۇزۇن بولسا ،چوش كوپ بولىدۇ} دەپ،بۇگۇن ژورنالغا خەت يېزىپ،{بىزنىڭ ماقالىنى بىرەر كىم ئىنكار قىلالىسا،1000دوللار مۇكاپات بېرىمىز،ئالدى بىلەن توختاملىشىپ قويايلى دىدۇق}،يەنى 100ئادەمگىچە ئىنكار قىلسا،مۇكاپات بار،ۋاختى 3يىل ،لېكىن ماقالىنى مۇش ژورنالدا ئېلان قىلشى كېرەك} دىدۇق، ھەم  بىز بۇنىڭغا بىر يىلغىچە جاۋاپ بېرىمىز دىدۇق،بۇنى قۇبۇل قىلالىشى ناتايىن،يەنە كېلىپ قولنى كەسمىگىچە قان چىقىمايدۇ،سىزچە قانداق بوپتۇ؟

0

تېما

1

دوست

1138

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 22:15:30 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر تەربىيىۋى خاراكتىردىكى ياخشى تىما ، رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )