قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سۈتچي :بىز تەبىئەتتىن بەك يىراق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

330

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32658
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 11:44:45 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بىز تەبىئەتتىن بەك يىراق


    تەبىئەت ۋە مۇھىت ،مۇنداقچە ئىيىتقاندا يەرشارىمىز ئىنسانلارنىڭ بۆشۈكى .قەدىمدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ئۇ ئىنسانلارنى ياشاش ۋە تەرەققى قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ كىلىۋاتىدۇ .تەبىئى مۇھىت –ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ،كۆپىيىشىنىڭ ماددى ئاساسى ،تەبىئى مۇھىتنى قوغداش ۋە ياخشىلاش- ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى .
   ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈن مۇھىتتىن بايلىق ئالىدۇ ،دەسلەپكى مەزگىللەردە ئادەم ئاز بولغاچقا ،ئىنسانلار مۇھىتقا ئانچە تەسر كۆرسىتەلمىگەن،ۋە زىيان يەتكۈزەلمىگەن.20ئەسرنىڭ 30 يىللىرىدىن كىيىن ،پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا بوز يەر ئىچىلىپ ،ئۆسۈملۈكلەر ئىغىر بۇزغۇنچىلققا ئۇچراپ ،يەر شارىمىزنىڭ مۇھىتى دەسلەپكى قەدەمدە بۇلغۇنىشقا باشلاندى .شۇندىن كىيىن مۇھىتنىڭ دۇنيا خاراكىتىرلىق بۇلغۇنۇشى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىلىپ كەلدى ،يەر شارى مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىش مەسىلىسى ئىنتايىن كۆپ ،بۇلار يەنە ئاتموسفورا ،سۇ،ئوزۇقلۇق، تۇپراق      
   قاتارلىق بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ .دۇنيا سەھىيە تەشىكلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتى مۇھىت يىرىك پىلان مەھكىمىسىنىڭ ،ھاۋا ،سۇ ، ئوزۇقلۇق نىڭ بۇلغۇنىشىغا دائىر دوكلاتىدا ئىيتىلشچە ،پۈتۈن دۇنيادىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى بۇلغانغان ئاتموسفۇرادا ياشايدىكەن.پۈتۈن دۇنيادىكى 1مىليارد 800 مىليون ئادەم بۇلغانغان سۇ ئىچىدىكەن .خوش ،ئەمدى بىزمۇ مۇشۇ يەر شارىدا ياشاۋاتىمىز .بىزنىڭ مۇھىتىمىز قانداق ؟بىز مۇھىتتنى قوغداۋاتامدۇق ؟ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىۋاتامدۇق ؟  ياق ياق .تىخى ئۇنداق ئىش يوق
   21-ئەسىرگە كەلگەندە،ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ  پەن-تىخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى .ئىقتىساد يۈكسەلدى ،زاۋۇت كان كارخانىلار قۇرۇلدى ،يول كۆرۈك ياسالدى .ئىگىز –ئىگىز بىنالار سىلىندى .قاتناش قۇراللىرى كۆپەيدى .بىز ھەممە نەرسىمىزنىڭ تەل بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ ،بەخت ئىلكىدە ياشاپ تۇرۇپتىمىز .ئەمما بىزنى بىقىۋاتقان يەر شارىمىزنى ،تەبئىتىمىزنى ئويلايدىغان ،قوغدايدىغان ،بىرەر پائالىيەت ،بىرەر خىزمەت ،بىرەر ھەركەتنى كۆرۈپ باقماپتىمەن.ئىنچىكىلەپ ئويلساق ،بۇ تەرەققىياتلار مۇھىتىمىزنى ،تەبىئىتىمىز بۇزۇش ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كەلدى خالاس .مەن بۇ يەردە شەھەردىكى بۇلغۇنىشلار توغرىسدا ئىغىز ئاچمايمەن .ئىغىز ئىچىپ قالسام بۇ ئىغىزنى يۇمماق تەس .ماشىنىلاردىن چىققان ئىس ،زاۋۇت –كارخانىلار قويۇپ بىرىۋاتقان ،كىرەكسىز زەھەرلىك گاز ،سۇ ،كۈندىلىك تۇرمۇشۇمىزدا تاشلىنىپ چىقىۋاتقان ئەخلەت ،بولدىلا دىمەي بىھۇدە قاقشاپ قالىمەن .ئاۋۋال سەھرالىرىمىزغا قاراپ باقايلى.
    ئۆيىمىز سەھرادا ئېدى. ئەمەلىيەتتە سەھرا بەك گۈزەل ھەم تەبىئى ،ئۇ بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكى .بىزنى بىقىۋاتقان ئانا زىمىن ئىدى .
ئۆيىمىزدە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسى بار ئىدى .مەسىلەن .ئايۋان ئۆيىمىزدە بىر قارلىغاچ بار ئىدى .ھەر يىلى ئەتىيازدا كىلىپ ،2-3 بالا چىقىرىپ ،قىشتا كىتەتتى .
   ئۆيىمىزدە 5قۇشقاچ ئۇۋۇسى بار ئىدى ، پىشايۋانىمىزدا 2 پاختەك تۇراتتى ،يەنە نۇرغۇن قۇشلار بار ئىدى .ھازىر قالغىچىم كەلمەيۋاتىدۇ .قۇشقاچلىرىمىزدىن بىرلا ئۇۋۇلا قالدى .پاختىكىممۇ يوق .ھازىر ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى ئىتىزلىقلاردا ئۆلۈپ قالغان قاغا ،سىغىزخان،مۈشۈك ،تورغاي دىگەندەك ئۇچار قۇش ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكىنى پات-پاتلا كۆرۇپ قالىمەن .ئىتىز –ئىرىقلىرىمىزدا پاقىلار كۇكۇرىشىپ تۇراتتى .ئۇلارمۇ يوقالدى ئىشىك ئالدىمىزدا بەك جىق ئاق تىرەكلەر بار ئىدى .بۇ سەھراسىمىزنىڭ زىننىتى ئىدى .يول قۇرلىشى ،ئۆستەڭ قۇرلىشى بىلەن بۇ دەرەخلەر كىسىلدى .لىكىن تولۇقلاپ تىكىلمىدى .بىغىمىزدا ئۈرۈك ،شاپتۇل ،بىھى دىگەندەك مىۋىلەر بەك ئوخشايتتى ،ھازىر ئۇلارنىڭ غولىغا بىر خىل ئاق كىسەل تىگىپ ،ئاساسەن قۇرۇدى ،ياكى كىسىلدى .ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئۆستەڭنىڭ سۈيى پامىر ئىگىزلىكىدىن باشلانغان  چاقماق دەرياسىدىن كىلەتتى .بەك پاك ،ۋە ساپ سۇ ئىدى .ئوچۇملاپ ئىچسە ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىراتتى .ھازىر شۇ قەدەر بۇلغاندىكى ،ھەممىمىزنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلاندى .ئۆي-ئۆيلەردىن چىققان ھەر قانداق بۇ سۇغا تاشلاندى .ھازىر بۇ سۇنى ئىچىش ئەمەس .يىنىغا كىلىپ تۇرۇشمۇ تەس بولۇپ قالدى ..
   سەھراسىم تەرەققى قىلىپ ئۆزگەردى، لىكىن شۇ قەدەر بۇلغاندى . خەلقىم باي بولدى .لىكىن تەبىئى مۇھىتىم  نامراتلاشتى .خاراپلاشتى .مانا سەھراسىمىىڭ مۇھىتى مۇشۇ دەرجىگە يىتىپ  باردى ،بىرمۇ ئادەم نىمە ئۈچۈن قۇشلار ئازلاپ قالىدۇ ؟نىمىشقا پايدىلىق ھاشاراتلەر يوقۇلىدۇ ؟ نىمىشقا ھەرخىل كىسەللىك ۋە تەبىئى ئاپەتلەر يۈز بىرىدۇ ؟؟؟ دەپ ئۆزىگە سۇئال قويۇپ باقمىدى .
ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ،يۇرۇت چوڭلىرى بۇ نىڭغا كۆڭۈل بۆلمىدى .
ئەگەر مۇشۇنداق شۇنداق سۇئاللار سورالسا ،كۆپ قىرىنداشلىرىمىز ،قويە ،قۇش ئۆلسە نىمە كارىم ؟
سۈيۈڭ بۇلغانسا نىمە بوپتۇ ،تۇربا سۈيى باغۇ ؟ دىگەندە پوزىتسيە تۇتۇشى تەبىئى ئىدى  .
  لىكىن ئەمدى ئويلانمىساق بولمايدىغان  .ھەركەتلەنمىسەك بولمايدىغان چاغ يىتىپ كەلدى ،ئۇنداق قىلمىساق كىچىكىمىز ،پۇشايمان قىلىمىز  .چۈنكى بىز بەھىر ئىلىۋاتقان بۇ يەر شارىدا باشقىلارنىڭمۇ ،ئەۋلادلارنىڭمۇ ھەققى بار .ھاياتلىقتىكى بارلىق ماددىلار نۇرمال تەبىئى مۇھىتقا مۇھتاج،بۇ خىل نۇرمال مۇھىت شارائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ،جانلىقلار ۋە ئادەملەر توپىدا تۈرلۈك كىسەللىڭ ئۆزگىرىشى پەيدا بولىدۇ .ئاخىر ھاياتلىققا خەۋىپ يىتىدۇ .مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئادەم تىنىگە بولغان خەۋپى ئىنتايىن مۇرەككەپ
   ئۇنى ئادەتتە ،جىددى خاراكتىرلىك ،ئاستا خاراكتىرلىق ،ۋە توپلانما خاراكتىرلىق دەپ 3 تۈرگە بۆلۈشكە مۈمكىن .توپلانما خاراكتىرلىك خەۋىپ .كەلگۈسى خەۋىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ .ئۇ ئاساسلىقى راك ،نۇرمالسىزلىق پەيدا قىلىش ،توساتتىن ئۆزگىرش پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ .دۇنيا بويىچە ھەر يىلى 5 مىليون ئادەم راك كىسەللىكى بىلەن ئۆلىدۇ ،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە ،ئىنسانلاردىكى راكنىڭ زور قىسمىنى مۇھىت ئامىلى پەيدا قىلغان ئىكەن .
ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك .؟؟؟؟بەزىلەر دەيدۇ ،مەن مۇھىت قوغدىغانغا ،ئەخلەت تاشلىمىغانغايەر شارى بۇلغانماسمۇ دەپ ،راس گەرچە بىر ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولسىمۇ ،ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارساق چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ .
   ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپلىرىمۇ زور كۈچ چىقىرىشى كىرەك .مۇھىت ھەققىدە تەشۋىقات ۋە خەۋەرلەرنى كۆپەيتىشى كىرەك .تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى تەڭ نىسپەتتە ئىلىپ بىرىش كىرەك ،تەبىئى بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئىچىش كىرەك ،مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىغان تۈرلەرنى تەستىقلىماسلىق كىرەك .قاتتىق نازارەت قىلىپ قاتتىق تۇتۇش ۋە تۈزەش كىرەك.بىزمۇ ھۈكۈمەتكە قاراپ تۇرماي ،ھەممەيلەن ئورتاق ھەركەتلىنىپ ،بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ،ئاز-ئازدىن كۈچ چىقارساق چوقۇم ياخشى ئۆزگىرىش بولىدۇ دەپ قارايمەن .
   ئەزىز قىرىنداشلىرىمغا بىز قىلالىغۇدەك تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەۋسيە قىلىمەن .
    تەبىئى مۇھىتىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز ،چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشىمىز كىرەك .ئائىلىدە ئىقتىسادچىل بولۇش ،ئىنىرگىيە تىجەش كىرەك .ئىشقا بارغاندا ،كەلگەندە ،ماشنىنىڭ ئورنىغا ،ۋىلسىپىت ياكى ئاممىۋى قاتناش ئىشلىتىش كىرەك .ئەخلەتنى ئاز چىقىرىش كىرەك .تاشلىغان ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ،يەنى ،ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ،قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،ۋە زەھەرلىك باتارىيە تۈرىدىكىلەرنى ئايرىپ تاشلاش كىرەك .سۇلياۋ خالتىلارنى ئامال بار ئشلەتمەسلىك ۋە قالايمىقان تاشلىماسلىق كىرەك .ئىتىزلارغا خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئازراق ،ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپ ئىشلىتىش كىرەك .زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك .ئۇچار قۇش ۋە ھايۋانلارنى ئاسراش ۋە ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەش .دەرەخ ۋە ئورمانلارنى قالايمىقان كەسمەسلىك .كۆچەت تىكىپ ،ئورمان بەرپا قىلىش دەريا –ئىقىنلارنى ئاسراش قوغداش .يەنە سىلەر بىلىدىغان نۇرغۇن ئاماللار بار .
مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى مەسىلىسدە دۆلەت مىللەت ئىرق چىگرىسى بولمايدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن دۆلەتلەر ،كۆپلىگەن مىللەتلەر ھەتتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە  توغرا كىلىدۇ .شۇڭا ھەممەيلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى .كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ياخشى مۇھىت قالدۇرايلى .
بىزنىڭ بىرلا يەر شارىمىز بار .يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش ،ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى .
           ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى )
             2014 –يىل 2-ئاينىڭ 5 –كۈنى           ئۈستۈنئاتۇش

0

تېما

1

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32039
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 19:22:10 |ئايرىم كۆرۈش
  ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز، مىنىڭچە بولغاندىمۇ بىز تەبىئەتتىن مۇۋاپىق يۇسۇندا چىكىنىپ، ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئاز-تۇلا كۈچ چىقىرىپ، بىر قىسىم يايلاق ۋە ئورمانلىقلار( زور كۈچ بىلەن تەبىئى ئورمانلىق بەرپا قىلىپچۇ)غا سەيلى-ساياھەتچىلەرنىڭ قەدەم ئېلىشىنى چەكلىسەك ياخشى بۇلاتتى....
‹‹ تەبىئەتنى سۈيۈپ، ئىكىلوگىيەلىك سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› توغرىسىدىكى ئاخىرى يوق خىياللىرىم مىنىمۇ شۇنداق قىينايدۇ دىسە....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

14

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3990
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 20:16:55 |ئايرىم كۆرۈش
kuhunqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-6 19:22
ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز، مىنىڭچە بولغاندىمۇ  ...


  قاپ-قارا ئىس چىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى پاش قىلىشمۇ مۇھىتقا كۈڭۈل بۆلگەنلىك...

6

تېما

2

دوست

1209

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 20:30:42 |ئايرىم كۆرۈش
بولۇپمۇ تاقۇتتىكى تۆمۈر رۇدىسىنىڭ تەركىۋىنى ئايرىيدىغان زاۋۇت بىلەن سىمونت زاۋوتىدىن تۈزۈلگەن  «ئېغىر سانائەت بازىسى» بارا - بارا شەرىقتىكى ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ يوقىتىدۇ.
ياخشى ئىنكاس ئىكەن.

0

تېما

1

دوست

2090

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 00:27:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزبېكىستاندا خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلەتكەنلەرنىڭ يەر تېرىش ھوقوقىنى 10 يىل ئېلىپ تاشلايدۇ دەپ ئاڭلىغان.

2

تېما

1

دوست

220

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33956
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 01:34:08 |ئايرىم كۆرۈش
يەنىلا ئىشنى ئۆزىمىزدىن كىچىك ئىشلاردىن باشلايلى، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايلى، يىمەكلىكنى، سۇنى ئىسراپ قىلمايلى، ئامال بار ماشىنىنى ئاز ھەيدەپ كۆپرەك ئاممىۋي قاتناشتا ياكى پىيادە ماڭايلى، سالامەتلىكىمىزگىمۇ پايدىلىق، باشقا چوڭ ئىشلار قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ، يۇقارقىدەك ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىقمۇ موھىتنى قوغداشقا ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.

0

تېما

0

دوست

616

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33141
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 10:15:57 |ئايرىم كۆرۈش
مەن كىچىك چىغىمدا ئەتىياز ۋە يازدا ئاسمانلاردىن ھەرخىل قۇشلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كىتىپ بارغىنىنى كۆرەتتىم،لىكىن ھازىر ناھايىتى ئاز كۆرىمەن،بۇرۇنلاردا ماڭا سىرىتنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ئىللىق شۇنداق ساپ نەپەسلەنسەم شۇنداق راھەتلىنىپ كىتەتتىم ،لىكىن ھازىر نەپەس ئالسا بۇرۇنقىدەك ئىللىقلىق تۇيغۇسى يوق(ئاللاھقا شۈكرى مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ نەپەسلىنەلىدىم)

0

تېما

2

دوست

3751

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1130
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 21:56:07 |ئايرىم كۆرۈش
ھەممە مۇھىت بولغاندى بۇلغاندىلا دەيدۇ ھوكىمەت تەشۋىقاتلاردىمۇ شۇ گەپ .ئورمانلار كىسىلىپ ،ئوتلاقلار ئېچىلىپ بوز يەرلەر ئچىلۋتىدۇ ،دىيارمىزد سۇ قىسلىشۋاتىدۇ ،يەرلەر توختىماي ئېچىلۋاتدۇ ،مۇھىت ئەھۋالى كۇندىن كۇنگە ناچارلىشۋاتىدۇ ، ھەممە شۇنى دەيدۇ بىلىدۇ ئەمما ئوتىرغا چىقىپ تۇسىدىغان ئادەم يوق ،يىمەكلىك مىۋە چىۋە ،سەي كوكتات خىمىيلىك دورا ،ھورمۇنلۇق دورىلارنى كوپ ئىشلىتىش بىلەن ھۇسۇل كوپ ،يىگەن ئادەمگە مەنپەت قىلمايدۇ ئەكسىنچە زىيان قىلىدۇ ،بۇنىمۇ ئەمەلداردىن  پۇخراغىچە ھەممە بىلدۇ بىراق بۇنى توسىدىغان بىر ئادەم يوق ،بۇ بىر ئاچارچىلىق يىللار ئەمەسقۇ بۇنچىۋالا خىمىيىلىك دورا ئىشلىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى بۇ  دولىتىمىزدە مەن ياشىسام سەن نىم بولسام مەيلىغۇ دەيدىغان دەۋىر ئەمەسقۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )