- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1209
- نادىر
- 0
- يازما
- 102
ئۆسۈش
20.9%
|
جەمئۇل تەۋارىق
.راشىدىننىڭ "جەمئۇل تەۋارىق" ئەسىرىنىڭ رۇسچە نەشرى بىرىنچى توم 67-71.بەتلىرى
شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، يەر يۈزىنڭ ھەرقايسى بەلۋاغلىرىدا بىر – بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان، كۆچمەن تۇرمۇش تەرىزىدە ياكى ئولتۇراقلىشىپ، شەھەر بەرپا قىلغان ھەمدە تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرگەن خەلىقلەر ياشايدۇ. بولۇپمۇ شەھەرلەردىن يىراق بولغان ئوت – چۆپلۈك يەرلەردە ئاساسەن كۆچمەن قەبىلىلەر ياشايدۇ. بۇلارنى بىز ئاساسەن ئىران ۋە ئەرەپلەرنىڭ سۈيى قىس ئەمما ئوت-چۆپلۈك، تۆەىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان زىمىنلاردا بايقايمىز. مۇشۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئەرەپلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مۇشۇ چۆللۈكلەرنىڭ غەربىدىن باشلاپ، ھىندى ئوكياننىڭ قىرغاقلىرىغىچە بولغان چۆللۈكلەرنى ئۆزلىرىگە ماكان قىلىشقان.
شۇنداقلا يەنە بىر خەلىق يەنى بۇنىڭغا قەدەر ۋە بۈگۈنكى كۈندە "تۈرك" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان خەلىق دەشتى قىپچاق، رۇسلار، چىركاسلار، باشقىرلار، تالاس ۋە سايرام* ئىبىر ۋە سىبىر*،بۇلار ۋە ئەنقەرە دەرياسى* قاتارلىق زىمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي كەبىر ۋە ياكى تۈركىي سەغىر دەپ ئاتىلىدىغان زىمىنلارنى، نايمان ئېلىنىڭ تەۋەسىدىكى دەريا ۋە تۈزلەڭلىك ۋادىلارنى يەنى كۆك ئىرتىش*، قارا قورام، ئالتاي تاغلىرى، ئورخۇن دەرياسى،كېم-كېمجىئۇتلار ۋە قىرغىزلارنىڭ كۆپلىگەن قىشلىق ۋە يازلىق يايلاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنى موغۇلىستان دەپ ئاتىلىدىغان زىمىنلارنى، ئونون، كېلۇرەن، تالان بالجىئۇس، بۇرقان قالدۇن، بارغۇجىن توقۇم، قالائالجىن ئەلەت، ئۇتكۇخ* ۋە سەددىچىنغا تۇتاشقان كېرائىتلارنىڭ كەڭ زىمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن خەلىقلەردۇر. بۇلار ئۆزىنىڭ قۇۋۋىتىگە تايىنىپ، چىن ئېلىنىڭ ھەممە زىمىنىغا، ھىندىستانغا، كەشمىر، ئىران، ۋىزانتىيە(رىم) سۈرىيە ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەرنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ چوڭ بىر بۆلۈگىنى ئۆزلىرىگە بوي سۇندۇرغان.
بۇلار ئۇزاق تارىخنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناھايىتى كۆپلىگەن ئۇششاق ئۇرۇقلارغا بولۈنگەن بولۇپ، بۇنداق ئۇرۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگەللىگەن ئورنىغا قاراپ يەنە نۇرغۇن ئۇرۇقلارغا يەنى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە "تۈركمەن" دەپ ئاتىلىۋاتقان ئوغۇزلاردەك قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن. تۈركمەنلەر قىپچاق، قاڭلى، قارلۇق ۋە مۇشۇ قەبىلىلەرگە تەۋە بولغان، بۈگۈنكى كۈندە "موڭغۇل" دەپ ئاتىلىۋاتقان جالائىرلار، تاتارلار، ئويراتلار،مەركىتلەر، ۋە موڭغۇل ئۆڭلۈك باشقا خەلىقلەر--- ئۆز دۆۋلەتلىرىگە ئىگە بولغان كېرائىتلار، نايمانلار، ئونغۇتلار ۋە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھۇڭرات، قۇرالاس، ئىكىراس،* ئەلجىگىن، ئۇريانقات*،تېلېنغۇت ۋە شۇ قاتارلىق قەبىلىلەر ۋە خەلىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۆھ ئەلەيھىسالامنىڭ كىچىك ئوغلى ئەبۇلجاھان ئوغۇللىرى قاراخان، ئورخان، گورخان ۋە قوزخاننىڭ ئەۋلاتلىرى غەربىي شىمال ۋە شەرقىي شىمال تەرەپلەرگە تارالغان. بۇلاردىن قاراخاننىڭ ئوغلى ئوغۇزخان يەككە ئىلاھلىق دىننى قوبۇل قىلغان.
ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلى، ھەر بىر ئوغلىنىڭ يەنە تۆتتىن ئوغلى بولۇپ، ئوغۇزخان بۇ ئالتە ئوغۇلنى قوشۇنىنىڭ ئوڭ ۋە سول قانات قىسىمىغا مۇنداق تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرغان:
ئوڭ قانات:
كۈنخان ( قەيى*، بايات، ئەلقارائۇلى، قارا ئۆيلى)
ئايخان ( ياراز، دۇكەر، دوردۇغا، بايارلى)
يۇلدۇزخان ( ئاۋۇش، قىرىق، بەكدەلى، قارقىن )
سول قانات
كۆكخان ( باياندۇر، بىخا، جائۇلدۇر، چىپنى )
تاغخان ( سالىر، ئىمۇر، ئالايۇنتلى، ئۇركەز )
دېڭىزخان ( ياندىر، بۇكدۇز، بىنۋا، قانىق )
ئوغۇزخاننىڭ ئاكىلىرى، تاغىلىرى، نەۋرە تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭغا قوشۇلغانلىرى: ئۇيغۇر، قاڭلى، قىپچاق، قارلۇق، قالئاچ ۋە ياغاچ ھەرە.
ئوغۇزخانغا قوشۇلمىغان تاغىلىرىدىن ئورخان، قوزخان، گورخان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىقنداشلىرى، ئوغۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلىق يەنە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى بۆلىگى : بۈگۈنكى كۈندە "موڭغۇل" ئاتىلىۋاتقان خەلىقلەر. بۇ نام بۇرۇن بۇنداق ئاتالمىغان بولۇپ، ئۇلار شەكىللىنىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇلارنىڭ ھەر بىر شۆبىسى يەنە ئۇششاق شۆبىلەرگە بۆلۈنۈپ، جالائىر، سۇنىت، مەركىت، تاتار، قۇرلائۇت، تۇلاس، تۇمات، بۇلاغاچىن، كەرەمۇچىن، ئۇراسۇت، تامغالىق، تارغۇت، ئويرات، بارغۇت، كورى، تېلېنغۇت، كەستەمىي، ئۇريانقا، قوقان ۋە سۇقائىتلار دەپ ناملىنىدۇ.
ئىككىنچى بۆلەك: يۇقارقىلارنىڭ ئارىسىدىن كىيىنن "موڭغۇل"ئاتالغان، ۋە شۇ زىمىنلاردىكى تۈزلەڭلىكلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن كېرائىتلار، نايمانلار، ئونغۇتلار، تاڭغۇتلار، بەكرىنلەر، قىرغىزلاردىن ئىبارەت.
|
|