ئائىلە ئىگىلىكىمنى قانداق گۈللەندۈردۈم
(مەزكۇر ماقالىدا سۆزلەنگەنلىرى مېنىڭ ئەمىلىي ئىشلىرىم. بىرەر ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشىلەرگە ئاز-تۇلا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەخسەتتە يېزىپ چىقتىم)
مەن ئائىلىدىكى تۆت بالىنىڭ چوڭى. ئاتا-ئانام تاپقىنى يىلدىن-يىلغا ئارانلا يەتكۈزىدىغان ناھايىتى ساددا ھەم سەمىمىي دېھقان كىشىلەر. مەن مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە توغۇلۇپ ئۆستۈم. ئەينى چاغدا بىز ئالتە جان ئىككى ئېغىز كېسەك ئۆيدە تۇرىدىكەنمىز. ئۇ ۋاقتلاردا مەن تېخى كىچىك بولغاچقاھەمما ئادەم مۇشۇنداق ياشايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتىم. كېيىنچە ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ بۇ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىكىلى بولىدىغانلىقىنى، تىرىشىپ ئوقۇساملا ئايلىقچى بولۇپ ياخشى تۇرمۇش يارىتالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم ۋە تىرىشىپ ئوقۇدۇم. ياخشى ئوقۇش ئۈچۈن كەنتتىن توققۇز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيەبازىرىغا بېرىپ ئوقۇدۇم. ئۇ چاغلاردا كەنتىمىزدىكى مەكتەپتە ھېچقانداق تەجرىبەسايمانلىرى يوق ئىدى، مەن بولسام فىزىكا، خىمىيە دەرسىنى ياخشى كۆرەتتىم. ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپتە دەملىش ۋاقتلىرىمدىمۇ ئارام ئالمىدىم، نورمىدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلىۋىلىش نەپسىمنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبىخانىدىكى ئوقۇتقۇچىغا يېقىنچىلىق قىلىپ،يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتىم، چۈنكى مەن تەجرىبە ئىشلەشنى، ئۆز قولۇم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كىتابتىكى مەزمونلارنى دەلىللەشنى ياخشى كۆرەتتىم، شۇنداق بولغاندىلا ئالغان بىلىمىمىز پۇختا بولاتتى. قىش كۈنلىرى قىلىن قار بىلەن قاپلانغان يولدا كېلەڭسىز قۇلاقچامنى كېيىپ ۋېلسىپىت بىلەن كۈن يورىماستا مەكتەپكەماڭاتتىم. مەن مۇشۇنداق تىرىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزەم ئارزۇلىغان مەكتەپكە ئۆتتۈم. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ كىشلىك ھاياتىم باشلاندى. نەچچە يىللىق ئوقۇشۇمنى مەن ئىنتايىن تىجەشلىك ئۆتكۈزدۇم. 90- يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئاينى 20-30 يۈەن بىلەن چىقىرىش خېلى تەسكە توختايتتى. شۇنچىلىك پۇلنىمۇ تىجەپ كېرەكلىك كىتابلارنى سېتۋالاتتىم،كومپيۇتېر ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ھەق تۆلەيتتىم. خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئايلىقچى بولۇش بىلەنلا ھەممە ئىش ھەل بولمايدىكەن، ئايلىقچى ئايدا موقۇم كىرىم ئالسىمۇ ئەمما قولىنى نەگىلا سۇنسا يەتمەيدىكەن. تۈرلۈك چىقىملار بېشىمنى قاتتۇراتتى. ئۇ چاغلاردا ياشلىقىم-بەڭباشلىقىم دەپ تايىنى يوق مۇئاشىمغا چوڭچىلىققىلىپ قىممەت باھالىق تاماكىلارنى چېكەتتىم، ئاغىينىلىرىمغا ھەر ھەپتىدە داستىخانسېلىپ چوڭچىلىق-دۆڭچىلىك قىلاتتىم، پۇلۇم يەتمەي قالسا بىر نەرسىلىرىمنى رەنىگەقويۋىتىپ يۈردۈم. شۇنداق چاغلاردا بىردىنلا كاللام سەگىدى. دوستلۇرۇمغا پۇل خەجلىسەمۇ ئۇ پەقەت بىر خىل ئۇيۇن-تاماشا بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايدىكەن، خەجلىۋەتكەن پۇللارنىڭمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمايدىكەن، دوستلۇق مېھرىنى بۇنداق كۈچەيتكەنلىكنىڭ ئەھمىيىتىمۇ يوقكەن. دوستلۇقنى ياخشىلايمەن دېسەم ئۇلارغا يەپ-ئىچىش سورۇنىدا ئەمەس، ئەمىلىي تۇرمۇشتا ياردەم ئارقىلىق ئىپادىلىسەم توغرا بولىدىكەن. مەن ئارزۇلىغان تۇرمۇش بۇ ئەمەس ئىدى. شۇڭا، مەن ئىككىنچى قەدەمدە بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش، قىسىلماي خەجلىگۈدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم بەل باغلىدىم. شۇچاغلاردا كومپيۇتېر ئۇموملىشىشقا باشلىغان، ھەممىلا يەرنى كومپيۇتېر ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى قاپلىغان چاغلار ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كومپىيۇتىرنى خېلى ياخشى ئۆگەنگەن ئىدىم. شۇڭا خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىلدىن كېيىن، مەلۇم بىر خەنزۇخۇجايىننىڭ كومپيۇتېرلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ناھىيە بازىرىدا تەربىيلەش كورسى ئاچتىم. گەرچە تۇنجى قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم بولغان بولسىمۇ بۇ ئىشنى ئۇزاق قىلىشقا بولمايتتى، بازار ناھايىتى تېز تۇيۇنۇپ كېتەتتى. بۇ ئارلىقتا توي قىلدىم.ئەمما ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭلا ياشلىق شوخلىغى تۈگۈمىگەچ ھە دېسە مۈشكۈلدە يېغقان مۇئاشىمىزنى 3-4 ئايدا بىر قېتىم ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىش بىلەن ئۇچۇرۋىتىپ يۈردۇق، تاكى ئىككى يىل شۇنداق ئويناپ، ھايات پەيزىنى سۈردۇق، ئارتۇق پۇل ساقلىمىدۇق، بارا-بارا تۇرمۇش بېسىمى تېخىمۇ بىلىندى، كېيىنكى ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىدە ئۇكۇلىرىمغا، ئاتا-ئانامغا ياخشى قارىمىسام بولمايتتى، كۈنلىرىمنى بۇنداق بەڭباشلىقتا ئۆتكۈزسسەم بولمايدىكەن. مەن خىزمەتنى قىلغاچ ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان كومپيۇتېر كەسپىنى ئاساس قىلىپ، باشقىلاردىن پۇل قەرز ئېلىپ كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ئاچتىم. ئۇ چاغدا كومپيۇتېر، نۇسخا ئالغۇ دېگەن نېمىلەرنىڭ زەھەردەك قىممەتلىكىنى دېمەيسىلەر. بۇ ئىشنى ئۇدا ئۈچ يىل قىلدىم، قەرزلەرنىمۇ قايتۇرۇپ تۈگەتتىم، ئەمما مەن يېزىدا ھەم ئىقتىدارىممۇ چەكلىك بولغاچ تازا جىق پۇلمۇتاپالمىدىم، 20 مىڭ يۈئەنلا ئامانەت قويۋالدىم. بۇ ئىشنى قىلىپ ئۈچۈنچى يىلى خىزمىتىم ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلدى(مەن خىزمەتنى ناھايىتى ئەستايدىل ئىشلەيتتىم).شۇنىڭ بىلەن بىنا ئۆي ئېلىش قىزغىنلىقىغا مەجبورىي كىرىپ كەتتىم. ئەسلىدىمۇ يېزىدائۆز ئىلكىمدە ئۆي يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى نەچچە ئون مىڭ يۈئەنلىك ئۆيلەرنى ئېلىشقازادىلا قۇربىم يەتمەيتتى. ئامالسىز قولۇمدا بارىنى تۆلەپ، قالغىنىغا بانكىغا قەرزبولۇپ يۈرۈپ 110 كۇۋادىرات مېتىرلىق يېڭى بىر ئۆيگە كىردىم. ئۆيگە كىرگەندىمۇھېچقانداق ئائىلە-سايمىنىنىڭ تايىنى يوق ئۆيگە قولۇمنى سەپلا كىرگەن ئىدىم. بۇيېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىدى. مەن 1-2 يىل قۇلقۇمنى يوپۇرۇپ يۈرۈپ ئاز-تۇلاھاللانغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپمىسام جەمىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇمنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ئايالىمغا بەرگەن تالاي ۋەدىلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى، بالامنى ياخشى ئوقۇتۇش شارائىتىغا ئىگە قىلغىلى، يېقىن تۇققانلىرىم ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قالسا داۋالىتالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بىراق مەن خىزمەتنى تاشلاپ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلالمايتتىم. شۇڭا كاۋاپمۇ، زىخمۇكۆيمەيدىغان ئامال ئىزلىدىم. ئەينى چاغدا ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىزىشقا باشلىغان ئىدى.مەن بۇنى تۇنۇپ يېتىپ يەنە ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرز ئېلىپ ناھىيە بازىرى ئىچىدىن بىر يېرىم مو ئۆي ئورنىنى سېتۋالدىم. شۇ سودا بىلەن يەنە بىر يىل ئەسلىمگە كىلەلمىدىم، ئەمما بۇ جەرياندا يەرنىڭ باھاسى ئۆستى. مەن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ يەنە قەرز ئېلىش شەكلى بىلەن شۇ يەرنىڭ يېنىدىكى بىر مو ئۆي ئورنىنىمۇ قوشۇپ سېتۋالدىم(بۇنىڭغا جەمئى 70 مىڭ خەجلىدىم). شۇنىڭ بىلەن كونا-يېڭى قەرزلەر گەدىنىمنى بېسىپ ئۈچ يىل، تاكى 2007-يىلىغىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم. ياخشى يېرى، بۇ جەرياندائىقتىسادنىڭ ئۆزلىكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ مۇئاش كىرىمىمىزمۇ بەلگىلىك ئۆسۋاتاتتى،شۇڭا ئىلگىرى جىق بىلىنگەن قەرزلەر نىسبى ھالدا ئانچە چوڭ بىلىنمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئايالىم ئىككىمىز ئېشىنچە پۇلنى ئارتۇق چىقىم قىلماي يىغىپ قەرز تۆلىدۇق، قەرزقايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالساق ئۇنىڭ بۆكىنى ئېلىپ بۇنىڭ بېشىغا كەيدۈرۈپ تۇرىدىغان ئىشلارنىمۇ، يەنى قىسقا ۋاقتلىق قەرز ئېلىپ كونا قەرزنى قايتۇردىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ تۇردۇق. شۇنداق قىلىپ ھەر نېمە بولسا كونا قەرزلەرنى ئازايتىپ ماڭدۇق، بىز سېتۋالغان يەرنىڭ باھاسى ئۆزلىكسىز ئۆسۈپ باردى. 2008-يىلىغا كەلگەندەمەنمۇ باشقىلارنى دوراپ قېيىن ئاتامدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ فوند، پايچەك قىزغىنلىقىغا سەكرەپ چۈشتۈم. بۇ جەرياندا پايچەكتىن يېرىم يىلغا بارماي ساپ 25 مىڭ يۈەن زىيان تارتتىم. شۇ مەزگىللەر پاي بازىرى تازا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، پايغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆرۈپ، پاي ئوينايدىغان خەنزۇ خىزمەتداشلىرىمدىن سوراپ ئۈگۈنۈپ ئاخىرى قانداق قىلىشنى ئاز تۇلا بىلۋالدىم. پايچەك غەلىتىلا نەرسە، ئۇنى ياخشى ئوينىيالىسىڭىزقىسقا ۋاقتتا سىزنى بايغا ئايلاندۇرالايدۇ، ئوينىيالمىسىڭىز ئۈچ كېچىدە قاق سەنەم قىلۋىتىدۇ. شۇ ئوينىغىنىمچە تاكى 2010-يىلىغىچە ئۈچ يىل پايچەك بىلەن ھەپىلەشتىم، ئاز-تۇلاپۇلمۇ تاپتىم. شۇ جەرياندا يەنە ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى تەرجىمەقىلىدىغان ئىشنى باشلىۋالدىم(شۇنداق قىزغىنلىقىم ۋە ئىقتىدارىم بار تۇرسائىشلەتمەي نېمە قىلىمەن)، كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم شەخسلەرنىڭ زاكالىتى بۇيىچە مەدىكارلىق قىلىپ تەرجىمىگە ئىشلىدىم، جىق بولسا خوش بوپ كەتمىدىم، ئازبولسا ۋايسىمىدىم، ئىشقىلىپ تاپقىدەك بولسا تېپىپ تۇردۇم، يېتىلىش مانا مۇشۇنداق جاپالىق بولىدىكەن. 2010-يىلى قولۇمدىكى پۇللارغا پايچەكتىن كىرۋاتقان ئاز-تۇلاكىرىم ۋە يەنە ئاز-تۇلا قەرز قىلىپ 60 مىڭ يۈەنگە كاتەكتەك بولسىمۇ ئىجارىلىك دۇكان سېتۋالدىم(تەلىيىمگە قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان بىر سودىگەرنىڭ ئۆيىنى ئەرزان ئىلۋالدىم ۋە شۇ ئايدىلا 1800 يۈەن ئىجارە ئالدىم، سېتۋالغان بۇ دۇكان ھېلىمۇيىللىقى 6000 يۈەندىن ئىجارىگە بېرىگلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەسلى باھاسىدىن بىرھەسسە ئۆستى)، 120 كۇۋادىرات مېتىرلىق بىنا ئۆينىمۇ يېڭىدىن بىر يۈرۈش سېتۋالدىم(ئۆي فوندى پۇلۇمنى دوملىتىپ ئىلگىرى ئالغان بىنا ئۆي قەرزىمنى ئۈچ يىل بۇرۇنلاتۈگەتكەنتىم). ئۇ چاققىچە كونا قەرزلىرىمنىڭ تۈگەيدىغىنى تۈگەپ، ئازلايدىغىنى ئازلاپ ماڭدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئېشىپ بارغاچقا مۇئاش كىرىملىرىمىزمۇ ئۆسۈپ بېرۋاتاتتى. بۇ ۋاقتتا مەن سېتۋالغان يەرنىڭ باھاسى تەخمىنەن تۆت ھەسسىگە يېقىن ئۆستى. بىنا ئۆيلىرىممۇ ئۆسۈپ ماڭدى. 2012-يىلى پايچەكتىن ئالغان پايدا بىلەن يەنەچوڭلاردىن ئالغان قەرز پۇلنى قوشۇپ مىراسلىق ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىپ، ھېلىقى تۇرالغۇئۆي ئورنىغا 180 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆي سالدىم ۋە ئىجارىگە بېرۋەتتىم(بۇ ئۆي يۈزمىڭ يۈەن بىلەنلا پۈتتى، بىر قىسىم ئىش ھەققىنى ئۇنىڭ بۆكۈنى بۇنىڭغا كەي گۈزۈششەكلىدە تۆلەپ تۈگەتتىم). بۇ قەرزلەرنى توپتوغرا ئىككى يىل ئۈزدۈم، تەرجىمە بىلەن كىرىدىغان كىرىممۇ يىلدا ئون مىڭ يۈەندىن چۈشۈپ كەتمىدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىككى كىشلىك خىزمەت، بارلىق ئىجارە پۇل، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىن قىلغان كىرىم ۋە پايچەكتىن بىريېرىم يىل غەيرەت قىلىپ يىغقان 80 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن ئىسىمى-جىسمىغا لايىق دۇكان ئېلىش ئۈچۈن كونا بىنا ئۆيۈمنى بانكىغا رەنىگە قويۇپ 140 مىڭ يۈەن قەرز بىلەن 220مىڭ يۈەن جوغلاپ ناھىيە بازىرىدىن 440 مىڭ يۈەنگە بىر ئىجارىلىك دۇكان سېتۋالدىم.بۇ ئۆينىڭ قالغان پۇلىنى ئايدا 3000 يۈەن قەرز قايتۇردىغان قىلىپ باشقا بىربانكىغا تۇتۇلدۇم. بۇ ئۆينى ئېلىپ كېيىنكى ئېيىدا 24 مىڭ يۈەنگە بەش يىللىق ئىجرىگە بېرۋەتتىم. گەرچە ئىجارىگە ئالغان خەنزۇ خۇجايىن پۇلنى كەينىگە سۆرەپ كېچىكتۈرۈپ بەرسىمۇ يىل ئىچىدە بېرىپ تۈگۈتۈپ كېتۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىجارە پۇلىنى ئۇدۇل بانكىغا تۇتۇپ بەردىم، شۇنداق قىلىپ يىلدا تۆلەيدىغان 36 مىڭ يۈەن قەرزپۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىجارە كۆتۈردى، مەن ئايدا پەقەت مىڭ يۈەن چىقارساملا بۇئۆينىڭ قەرزىنى ئوڭۇشلۇق ئۈزۈپ ماڭالايمەن. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بىر قاتار ئىگىلىك تىكلەش جەريانىم بىر يەرگە باردى. بۇلتۇر يىل ئاخىردا ھۆكۈمەت يول ياساش ئۈچۈن ناھىيەبازىرىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنى چېقىپ كۆچۈرگەندە مەركەزنىڭ يېڭى سىياسىتى بۇيىچەتۆلەم ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ ئاممىۋى ئىشلار ئۈچۈن بېرىلگەن تۆلەم. كونا ئۆيدە ئولتۇرۋاتقان كىشىلەرمۇ ئولتۇراق ئۆي كۈلۈمىگە تايىنىپلا خېلى كۆپ تۆلەمگەئېرىشتى. مەن سېتۋالغان ئولتۇراق ئۆي ئورنى كۆلۈمى ئىككى يېرىم مو كېلىدۇ، ناۋاداشۇ قېتىمقى تۆلەم بۇيىچە ھېسابلانسىمۇ ئۆي قوشۇلۇپ بىر مىليونغا يېقىن تۆلەم كېلىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ يەر ناھىيە بازىرىنىڭ سودا مەركىزىگە 150 مېتىرلا كېلىدۇ. قالغان ئولتۇراق ئۆيۈم ۋە قەرزلىرى ئۈزۈلگەن ۋە ئۈزۈلۈپ ئازلاۋاتقان دۇكانلارنى قوشقاندا مەن 12يىلدا ياراتقان ئىقتىسادى قىممەت ئىككى مىليونغا يېقىنلىشىدۇ (ناۋادا قىممىتى چۈشۈپ كەتمىسىلا). ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋادا سودا خاراكتىرلىق يەر ئىشلىتىش بولساقىممىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇشى ئىنىق. مەن 12 يىلدا يىلىغا 1-2 يۈز مىڭدىن پۇل تاپمىدىم، بەلكى ئىككى تۈرلۈك ھەقىقەتنى چۈشەندىم. بىرى، قىمەتنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ھەقىقەت ئۇنۋېرسىتىتتا سىزگە ئۆتۈلمەيدۇ، ياكى كىتابلاردا بۇ ھەقتەسىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرمەيدۇ، بۇنى پەقەت سىز ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش قانونىيىتىگە قاراپ بىلىسىز. ئىقتىساد ئۆزلىكسىز ئېشىپ بارىدۇ، بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدىن ياخشى بولىدۇ. ئەمگەك قىممىتى ئېشىپ بارىدۇ، ئاشقانسىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ، بۇرۇن كۈنىگە 30 كويغا كەتمەن چاپقان بولساق ھازىر 100، 200 كويغاچېپىۋاتىمىز. دېمەك، بۇرۇنقى 30 كويلۇق ئەمگىكىمىز بۈگۈنكى كۈندە 200 كويغا تەڭ بولدى دېگەن گەپ. سىز 30 كوينى 10 يىل ئىلگىرى مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسىڭىز،بۈگۈنكى كۈندە ئۇ 200 كويغا يارىغان، قىممىتى ئالتە ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆسكەن بولىدۇ، ناۋادا سىز 30 كوينى 10 يىلغىچە بانكىغا قويسىڭىز، بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە50 كويمۇ ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن، مانا بۇ مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت. زۆرۈربولمىغان ئەھۋالدا بانكىدا ھەرگىز ئارتۇق پۇل ساقلىماڭ، بانكا ئۆسۈمى يىلدىن-يىلغائېشۋاتقان پۇل پاخاللىقىنى تولدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ، سىز ئامانەت قويغان 100 پۇل بىريىلدا ئۆسۈپ 10 كوي بولغان تەقدىردىمۇ، بىر يىلدىن كېيىن 110 كويغا بىر يىل بۇرۇنقى 100 كويلۇق نەرسىنى سېتۋالالمايسىز. شۇڭا ئامال قىلىپ ئۇنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇڭ. روسيىدە پۇل پاخاللىقى كۆرىلىۋيدى كىشىلەر ماشىنا سېتۋىلىپ پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشمىدىمۇ؟ شۇڭا، پۇل قويماي بانكىنى قەرز قىلۋىتىڭ،چۇنكى بانكىنى قەرزگە سۆرەپ كىرسىڭىز ئۆسۈم ھەرقانچە يوقۇرى بولسىمۇ سىز ئاشۇرغان قىممىتىڭىزگە يەتمەيدۇ. بولمىسا شۇنچە كۆپ ئادەم ۋە كارخانا قەرزدىن قورقماي ئالامتى؟ كۆز ئالدىمىزدىكى ئازغىنە پايدىنى كۆزلىمەي يىراقنى كۆزلىسەك چوقۇم پايدا ئالىمىز. بىر نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى،بايلىقلار ئازلاپ بارىدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئويلايدىغان نوپۇس كۆپۈيىدۇ، بىڭسى بارلىرى شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن كاللىسىنى ئىشلىتىپ پۇل تاپىدۇ، پۇل تاپقانسىرى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تېزلىشىدۇ، ئىقتىساد ئاشىدىكەن قىممەتنىڭ ئۆسۈشى تەبئى. شۇڭا، ئىقتىسادنىڭ ئاشىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاراش كېرەك. يەنە بىرى، تارقاق پۇلنى جوغلاپ ئىشلىتىش. مەن12 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى دېگۈدەك بانكىدىن ياكى تۇنۇش-بىلىشلەردىن،ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرز ئېلىپلا تۇردۇم. قەرز ئۈزمىگەن ۋاقتىم بولمىدى ھەم ھازىرمۇ ئۈزۈپ كېلۋاتىمەن. ئەمما، شۇنى چۈشەندىمكى، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تارقاق پۇل بىر ئادەمنىڭ قولىغا يىغىلمىسا ئۇنى مەبلەغ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. ھېچكىم پارچە پولى بىلەن چوڭراق ئىشقا تۇتۇش قىلالمايدىكەن. بىر يەرگە يىغىلغاندىلائۇنىڭدىن ئۈنۈمۈلۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولىدىكەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئادەم تاسقالدى، سىنىقىمدىن ئۆتتى، مەنمۇ قەرز ئالغىنىمغا تۇشلۇق ئۇلارغا پايدىسىنى ئاز-تۇلا بېرىپ تۇردۇم، ھەتتا شىرىكلەردىنمۇ بولدۇق. بەلكىم تورداشلار مېنى قەرزدىن قورۇقمايدىكەن دېيىشى مۇمكىن. قەرزدىن قورقماسلىق كېرەك، سىزدە شۇنداق يۈرەكلا بولىدىكەن، ئۇقەرزلەر سىزنى قورقۇتالمايدۇ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ، ياخشى نىيەت ئۈچۈن مەبلەغ سالسىڭىز ئۇنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە بىر يەرلەردىن پۇلنىڭ ئورنى چىقىپ تۇرىدۇ.ھەممىدىن بېشىنى باشلىماق تەس، ئەڭ مۇھىمى جاسارەت. بۈگۈن 10 كوي قەرز ئالسىڭىزئەتە بۇ پۇل 9 كويغا توغرا كېلىدۇ، ئەمما ئەمگەك باھاسى ئۆسكەچكە سىز تۈنۈگۈن 3كوي تاپقان بولسىڭىز، بۈگۈن 4 كوي تېپىشىڭىز مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا تۈنۈگۈنكى ھېساب بۇيىچە ئالغان 10 كوي قەرزدىن بىر كوي تەبئىلا پارغا ئايلىنىدۇ. چوڭ ھېسابمۇشۇنداق. ناۋادا مەن ئەينى چاغدا ۋاقتىدا كاللامنى سىلكىمەي، ياشلىق قىلىپ ئوڭچە-چوڭچە خەجلەپ يۈرگەن، ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسام، تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش ئارانلا بىر يۈرۈش ئۆينى بېقىپ، خىزمىتىمگە سوكۇلداپ چېپىپ ئۆتكەن بولاتتىم. ئىلگىرى ھەر خىل ئىشلارغا قىزىقىپ باقتىم، ھەتتا بىراقلا باي بولۇپ كېتىش خىيالىدا داچەن،تەڭگە دېگەندەك قەدىمقى بۇيۇملارنى ساتىمەن دەپ ئۈرۈمچىنىڭ ئارقابولۇڭ-پۇچقاقلىرىنى پىقىراپ يۈرگەنمۇ بولدۇم. ئەپسوس، ئاسماندىن بىكىرىغا پوشكال ياغىدىغان ئىش يوقكەن. ھەممىنى ئۆز پاراسىتىمىز ۋە كاللىمىزغا تايانمىساق بولمايدىكەن. مەن بىر ئىدارىنىڭ ئادەتتىكى بىر خادىمى.2008-يىلىدىن باشلاپ ئاخىرى چىقماس تېلېفون، دەككە-دەشنەم قاتارلىق باش ئاغرىتىدىغان ئىشلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ، ئىسمىنىڭ كەينىدىكى كىچىكلىكتە چېكى يوق«باشلىق» دېگەن ئاتالغۇدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچكەندىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى خادىم بولۇپ ئىشلەپ كېلۋاتىمەن. مەن ۋە باشلىقىمنىڭ ئىدارىدىن ئالدىغان يىللىق كىرىم پەرقىمىز 6-7 مىڭغا بارمايدۇ. مەن ئۆزەمگە تاپشۇرۇلغان خىزمەتنى دەل جايىدا،سەۋەنلىك چىقارماي ئىشلەيمەن، ئىقتىدارىممۇ بۇنىڭغا يېتىپ ئاشىدۇ، شۇنداقلا باشقائون نەچچە خادىمدىن ياخشىراق قىلالايمەن، شۇڭا بۇ خىزمىتىمنى ئوبدان قىلغاچ، يەنەبىر ئاساسلىق نىشانىمنى ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قاراتتىم ۋەكۈتكىنىمدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قارىشلىقلارغا ئۇچرۇدۇم.نۇرغۇن يېقىن دوستلىرىم، نېمە جاپا سىزگە بۇ، قەرز تۆلەپمۇ بىر ئىشمۇ، دەپ نەسىھەت قىلغانمۇ بولدى. جاپا بولمىسا ھالاۋەت نەدە؟ بىر ئەرنىڭ، بىر دادىنىڭ مەسئولىيىتى ئۆز تەسەررۇپىدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈنغۇ؟ ئەر بولغان كىشىمۇشۇنداق جاپا تارتماي نېمە قىلىدۇ؟ ئادەم ياش چېغىدا كاللىسىنى، جىسمىنى ئىشلەتمىسە قانداق بولىدۇ؟ ۋاقت ئىنتايىن تېزئۈتۈپ كېتىدۇ، ياشلىق تېزلا ئاخىرلىشىپ قېرىلىق يېتىدۇ، ئۇ چاغدا قىلىمەن دېگەن بىلەنمۇ ئاقمايدۇ. شۇڭا مەن داۋاملاشتۇردۇم. ياش ۋاقتىمدا قاتتىق نان غاجىساممۇ چىشىم ئۆتىۋېرىدۇ، قېرىغاندا غاجىلاش تەس كېلىدۇ. يەنە يەتتە يىل ئۆتسە بارلىق قەرزلىرىم پاك-پاكىز تۈگەيدۇ، ئۇ چاغدا خىزمەتتىن سىرت يىلىغا 40-50 مىڭ كىرىم قىلالايدىغان سەۋىيىگە يېتىمەن. يەتتە يىلغىچە ئىقتىساد داۋاملىق ئۆسىدۇ، مۇئاش كىرىمىممۇ ھەم ئېشىپ بارىدۇ. مۇقۇم مۈلۈك ۋە باشقا ئىجارە ئۆيلىرىمنىڭمۇ كىرىمى ئۆسۈپ بېرىشى ئېنىق. ئەينى يىللىرى قاتتىق نان غاجىلاشتىن ئەنسىرىگەن دوستلىرىم ئەمدىلىكتە قىرىقتىن ھالقىدى،پۇرسەتمۇ خېلىلا كېتىپ قالدى. ئۇلار كېرەكلىك جايغا ئىشلىتىدىغان پۇللىرىنى زۆرۆرىيىتى بولسۇن-بولمىسۇن ماشىنا ئېلىش دېگەندەك پاخاللىشىدىغان ئىشلارغا خەجلەپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، ئۇلارغىمۇ بوپتۇ، بىر ھېسابتا ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈردى، كېيىنكى ئىشلىرىمۇ بىر گەپ بولار. ھېچقانداق يەردە بايلىق ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ،بەلكى ئاز-ئازدىن توپلىنىدۇ. ياراتقۇچى ناھايىتى ئادىل، ئۇ بىر ئادەمنى مىننەتسىزباي قىلىپ قويمايدۇ، بۇنداق قىلىش باشقا تىنىمسىز ئەمگەك ۋە تەپەككۇر قىلۋاتقان كىشىلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. پەقەت بىز توغرا نىيەت، سەمىمىلىك ۋەئىنساب بىلەن ئىش قىلساق، لەۋزىمىزدە تۇرساق ئەجرىمىز تولۇق جاۋابقا ئېرىشىدۇ. سىزئاشۇرغان قىممەت پۇللا بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭىزنىڭ، كىشلىك قەدىر-قىممىتىڭىزنىڭ، جەمىيەتتىكى ھۆرمىتىڭىزنىڭ ئېشۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن قىلماقچى بولغانلىرىمنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە قىلۋالدىم، يېشىممۇ قىرىققا باردى. قالغان 4-5 يىلدا تۇرمۇشنىڭ ھۇزورىنى سۈرۈپ ئىلگىرى يېمىگەنلىرىمنى،كەيمىگەنلىرىمنى، ئالمىغانلىرىمنى تولۇقلاپ بەھىرلەنگەچ ئالدىرماي يىغقان پۇللىرىمغا ئېسىلراق ماشىنا ئالساممۇ ياكى ھېلىقى تۇرالغۇ يېرىمگە ئەپلىكەرەك داچا سېلۋالساممۇ قۇربىم تامامەن يېتىدۇ. مەن ئەمدى بىر نۇقتىنى تېخىمۇ چۈشەندىم،بايلىق مانا مۇشۇنداق يول تۇتۇش ئاساسىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد توپلىندىكەن، مىھرى-شەپقەت قىلغۇچىمۇ ئەمىلىي ئىشلەپ تىرىشقاننى يۈلەيدىكەن. بوۋام دادامغا ئاق نان يېگۈزىمەن دەپ تىرىشپتىكەن، دادام ماڭا گۆش يېگۈزىمەن دەپ تىرىشىپتۇ. مەن بولسام بۇئىستەكلەردىن ھالقىپ ئوغلۇمغا تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنۈش، ئوقۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا قىسىلماي ئوقۇشى ئۈچۈن، ئىلىم تەھسىل قىلغىلى تېخىمۇ يىراقلارغا ئوڭۇشلۇق پەرۋاز قىلىشى ئۈچۈن، ئايالىمنى ئۆزەم ۋەدە قىلغان بەختكە ئېرىشتۈرۈش، ئاغرىق-سىلاقلاردا كۆزۈمنى پارقىرتىپ قاراپ تۇرماسلىق ئۈچۈن،ئاتا-ئانامنى ياخشى كۈتۈش ئۈچۈن، قولى قىسقىلارنىڭ بېشىنى ئاز-تۇلا سىلاپ قويۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمەن ھەم ئوغلۇمغىمۇ بۇ قائىدىنى ئۆگۈتىمەن. ئىشىنمەنكى ئوغلۇممۇشۇنداق قىلىدۇ.
بۇ پەقەت مەندەك ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەريانى، خالاس. جەمىيەتتە يەنە نۇرغۇن ئىشسىزياشلار بار. بۇ ياشلار ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئاز تۇلا ئىگەنلىسە،جەمىيەتنى كۆزۈتۈشكە ماھىر بولسا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يۈلۈنىشىنى تەپەككۇرقىلىپ توغرا مۆلچەلىيەلىسە، راھەت-پاراغەتكە ئالدىرماي جاپاغا-چىداپ ئىشلەش روھىنى يىتىلدۈرسە، جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە تاۋلىنىشنى نۇمۇس كۆرمىسە، ئاغرىنىش، ياراتماسلىق،چوڭچىلىق، بەدخەجلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ، ھازىرقى ئازغىنە پۇلىنىمۇ تىجەپ ئەھمىيەتلىك ئورۇنلارغا ئىشلەتسە، ۋە ياكى سەمىمىي بولغان ئاساستا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرەرئىشنى تۇتسا ئاستا-ئاستا قەد كۆتۈرەلەيدۇ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشىغائاساس سېلىنىدۇ. دېھقان قېرىنداشلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ياخشى ئىگەنلەپ پايدىلىنىشنى بىلسە، ئۈسۈمسىز قەرزلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈنۈملۈك ئىشلەتسە ئۆزكۈنىنى جەزمەن ياخشىلىيالايدۇ، گەپ شۇنداق جۈرئەت ۋە كاللىدا ھېسابنىڭ بولۇش-بولماسلىقىدا. چوڭ جەھەتتىكى داۋلىنى مەن يوقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. مەنمۇتۆۋەن كىرىملىك، كۆپ نوپۇسلۇق، بەش موغا يەتمەيدىغان يېرى بار بىر دېھقاننىڭ بالىسى ئىدىم، خىزمەتكە چىققاندا يېنىمدا دادامدىن ئالغان 100 كويدىن ئۇشۇق پۇل يوق ئىدى.
|