قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بەك قىممەت ئىكەن (تولستوي)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4184

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1328
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 23:10:17 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ساترىك ھېكايە: بەك قىممەت ئىكەن

لېف تولىستوي (رۇسىيە)

قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

  ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىغا ـــ فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە چېگرىسىغا جايلاشقان بۇ كىچىك پادىشاھلىقنىڭ ئىسمى موناكا. ئاشۇرۇپراق ئېيتقاندا، ئۇچرىغانلىكى بىر كىچىك يېزىنىڭ نوپۇسى موناكا پادىشاھلىقىنىڭ ئومومىي نوپۇسىدىن كۆپ. بۇ پادىشاھلىقنىڭ باردا- يوق يەتتە مىڭلا ئاھالىسى بار. ئەگەر ئۇنىڭ زېمىنى پۇقرالىرىغا تەقسىملەپ بېرىلسە، كىشى بېشىغا بىر ئېنگىلىس مو زېمىنمۇ توغرا كەلمەيدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ ئوق بېشى دۆلىتىنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى پادىشاھى بار. پادىشاھنىڭ ئوردىسى، ۋەزىرلىرى، ئېپىسكوپى، قوماندانى ۋە ئارمىيىسى بار.

  بۇ پادىشاھلىقنىڭ دۆلەت ئارمىيسى ئارانلا ئاتمىش ئەسكەردىن تەركىب تاپقان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇمۇ بىر ئارمىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىچىك پادىشاھلىقمۇ باشقا جايلارغا ئوخشاش تاماكا بېجى، ھاراق بېجى، نوپۇس بېشى دېگەندەك باجلارنى يىغىدۇ. گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىكىگە ئوخشاش ئىچىپ- چېكىدىغان بولسىمۇ، ئادەم سانى بەك ئاز بولغانلىقتىن، پادىشاھ ئالاھىدە بىر كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ ئىككى توك- توك پۇقراسىدىن يىغىلغان باج پۇلىغا تايىنىپ ئۆزىنى ۋە قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارنى باقالىشى مۇمكىن ئەمەس. پادىشاھقا كىرىدىغان ئالاھىدە كىرىم دەل بىر ئايلانما تەخسىلىك قىمارخانىدىن كېلىدۇ. بۇ يەردە قىمار ئوينىغان كىشىلەر مەيلى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن، قىمارخانا خوجايىنى ئوخشاشلا چوتۇغا ئېرىشىدۇ. ئۆزىگە تېگىشلىك پايدىنى ئايرىۋېلىپ، پادىشاھقا زور تۈركۈمدە ھەق تاپشۇرىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھقا ئۇنچىۋالا كۆپ ھەق تاپشۇرىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ قىمارخانا پۈتۈن ياۋروپا بويىچە تەۋەررۈك ھېسابلىنىدىغان بىردىنبىر قىمارخانا. گېرمان پادىشاھلىقلىرىدىن بەزىلىرى بۇ خىلدىكىدەك قىمارخانىنى ئېچىپ باققان، ئەمما قىمارخانىلاردىن كېلىدىغان زىيان بەك ئېغىر بولغانلىقتىن، نەچچە يىللار ئىلگىرى ھەممىسى تاقىۋېتىلگەن. قىمار ئوينىغان براۋنىڭ دەسلىپىدە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ، ئارقىدىن ھەممە نەرسىنى قىمارغا تىكىدۇ- دە، باردا يوقىنى ئۇتتۇرۇپ قاقسەنەم بولىدۇ. ئاخىرىدا قەرز سوراپ بولسىمۇ قىمار ئوينايدۇ، ئەگەر يەنە ئۇتتۇرىۋەتسە، ئۇ ھالدا پۈتكۈل ئارزۇ- ئارمانلىرى بەربات بولۇپ دەياغا سەكرەپ ياكى ئۆزىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گېرمانىيە پۇقرالىرى ئۆز پادىشاھلىرىنىڭ بۇ خىل يول بىلەن دۇنيا توپلىشىغا يول قويمىدى. بىراق، موناكا پادىشاھىنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇدىغانغا ھېچكىم بولمىغىنى ئۈچۈن، موناكا پادىھشاھى تېخىچە بۇ ساھەنى مونوپول قىلىپ تۇرماقتا.

     ھازىر كىم قىمار ئوينىغۇسى كەلسە، ئۇدۇل مونوكاغا كېلىدۇ. مەيلى ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن، پادىشاھنىڭ يانچۇقىغا پۇل كىرىۋېرىدۇ. «سامان ئارىلاشمىغۇچە لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىغۇچە باي بولماس» دېگەندەك، مونوكا پادىشاھى قىلىۋاتقىنىنىڭ دۇرۇس سودا ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا نېمە ئامال؟ ئۇنىڭغىمۇ تۇرمۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاراقـــ تاماكا ئارقىلىق پۇل تېپىشنىڭمۇ دۇرۇس يول بولۇشى ناتايىن. ئۇ ئاشۇ كىرىم ئارقىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ، يېنىنى توملايدۇ. قىمارخانىدىن تاپقان پۇل بىلەن، رەسمىي يوسۇندىكى پادىشاھلارغا ئوخشاش كۈتىۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ.

   ئۆزى ئۈچۈن تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلدارلىرىنى مۇپاكاتلاپ، گۇناھكارلارنى جازالايدۇ، پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى چاقىرىدۇ. قانۇن تۈزىدۇ ۋە سوت مەھكىمىلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. يۇقارقىلار باشقا دۆلەت پادىشاھلىرى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق كۆلىمى بەكلا كىچىك.

   بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ ئۆق بېشى دۆلىتىدە بىر قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سادىر بولدى. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى سىڭگەن نېىنى يەپ ياشايدىغانلاردىن بولۇپ، ئۆتمۈشتە بۇنداق دېلو پەقەتلا يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى. سوتچىلار داغدۇغىلىق يىغىن چاقىرىپ، بۇ دېلونى ئەڭ ئادىل ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلماقچى بولدى. سوتچى، مۇپەتتىش، زاستاتىللار ئۆمىكى ۋە ئاقىلغۇچى ئادۇۋكاتلارنىڭ ھەممىسى يىغىنغا ھازىر بولدى. دېلونى قانداق ھەل قىلىش توغرلۇق مۇزاكىرىلەشتى. ئاخىرىدا، قانۇنىي مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ماقۇللاندى. بۇ ھۆكۈم ماقۇللانغۇچە ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولدى. ئاندىن، ئۇلار بۇ قارارنى پادىشاھقا سۇندى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ قارارىغا قاراپ چىقىپ «بۇ جىنايەتچىگە جازا بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك» دەپ تەستىق سالدى.

   ئەمدىلىكتە بىر مەسىلە ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاقساتتى: ئۇلاردا كاللا كېسىدىغان جادۇمۇ، جازا ئىجرا قىلىدىغان جاللاتمۇ يوق ئىدى. ۋەزىرلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، فىرانسىيە ھۆكمىتىگە بىر جادۇ ۋە بۇ جادۇنى ياخشى ئىشلىتىپ، جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى كېسەلەيدىغان جاللات ئۆتنە بېرىپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار يوقلۇقى، ئەگەر بۇنداق مۇمكىنچىلىك بار بولسا، ئۇ ھالدا قانچىلىق ھەق ئالىدىغانلىقى توغرلۇق مەكتۈپ يازدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن جاۋاب خەت كەلدى. خەتتە جادۇ ۋە ئۇستىكارنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن ئون ئالتە مىڭ فرانك ئالىدىغانلىقى دېيىلگەن ئىدى. پادىشاھ جاۋاب خەتنى كۆرۈپ قايتا- قايتا ئويلاندى. پاھ، بىر مىڭ ئالتە يۈز فرانك.

   ـــ ئۇ بىچارە ئەبلەخ بۇنچىلىك پۇلغا ئەرزىمدۇ؟ـــ دېدى پادىشاھ،ـــ ئەرزانراق بولسا بولماسمىدى؟ ھەي، ئون ئالتە مىڭ فرانك، پۈتۈن خەلقنىڭ ھەر بىرىدىن ئىككى فرانكتىن يىغساقمۇ يەتمەيدۇ. خەلق بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئۇنداق قىلدىغان بولساق، چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىشى تۇرغانلا گەپ!

   شۇنداق قىلىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرلۇق يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى چاقىرىشقا توغرا كەلدى. يىغىندا ئىتالىيە پادىشاھىغا فرانسىيە پادىشاھىغا يازغاندىكىدەك مەكتۇپ يېزىش قارار قىلىندى. فرانسىيە جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، بۇ دۆلەتتە پادىشاھنىڭ ھۆرمىتى دىگەندەك ئەمەس ئىدى. ئىتالىيە پادىشاھى بولسا موناكو پادىشاھىغا ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەپ بولسىمۇ، بۇ ئىشقا كېتىدىغان چىقىمنى سەل ئازلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەكتۇپ ئەۋەتىلدى. جاۋابقىمۇ تېز ئېرىشتى.

   ئىتالىيە ھۆكمىتى خەتتە ئۆزلىرىنىڭ موناكو پادىشاھلىقىنى جادۇ ۋە ئۇستىكارنى خۇشاللىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقى، يول خىراجىتىنى قوشقاندا، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ فرانك كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ باھا فرانسىيە ھۆكمىتى قويغان باھادىن ئەرزانراق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەك قىممەت ھېسابلىناتتى. ھېلىقى مۇتتەھەم ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك پۇلغا ئەرزىمەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن، ھەربىر پۇقرادىن ئىككى فرانكقا يېقىن پۇل ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، يەنە بىر قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ئېچىلدى. ئۇلار قانداق قىلغاندا چىقىمنى تېخىمۇ تېجىگىلى بولىدىغانلىقى توغرلۇق كۆپ مۇزاكىرىلەشتى. ئارمىيەدىن بىرەر ئەسكەر چىقىرىپ، ھۆكۈمنى شۇ ئەسكەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىپ ئىشنى ھەل قىلىشمۇ ئويلىشىلدى. گېنرال چاقىرتىپ كېلىندى. ئۇنىڭغا:

   ـــ سىز ئەسكەرلىرىڭىزدىن بىرنى چىقىرىپ، ئۇ جىنايەتچىنىڭ كاللىسىنى كەسكۈزەلمەمسىز؟ ئەسكەرلەر جەڭ مەيدانىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇستىغۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار دەل ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن ئەمەسمۇ؟ـــ دېيىلدى. گېنرال بۇ ئىشنى ئەسكەرلىرىگە ئېيتىپ، كىمنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشقا مەيلى بارلىقىنى سورىدى. بىراق، ئەسكەرلەردىن ھېچكىم بۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمىدى.

   ـــ بولمايدۇ، قانداق ئۆلتۈرۈشنى بىلمەيمىز، بىز ئۇنداق ئىشنى قىلىشنى ئۆگىنىپ باقمىغان،ـــ دېيىشتى ئەسكەرلەر.

   قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋەزىرلەر كۆپ ئويلىدى. ئۇلار بۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورگان قۇردى. ئورگاننىڭ قول ئاستىدا كومېتىت، كومېتېتنىڭ ئاستىدا تارماق كومېتىت قۇرۇلدى. ئۇلار ئەڭ ئاخىرى جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، پادىشاھنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلىگىلىمۇ، چىقىمنى تېجىگىلىمۇ بولاتتى.

   پادىشاھ بۇ چارىگە ماقۇللىقىنى بىلدۈردى، شۇنداق قىلىپ، ئىش شۇ بويىچە بولىدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە، باشنى قاتۇرىدىغان يەنە بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى: ئۇلارنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنى سولايدىغان تۈرمىسى يوق ئىدى. ئۇلاردا بار بولغىنى پەقەت تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلارنى قامايدىغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئىدى. ئۇلاردا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، قۇرۇلۇشلىرى مۇستەھكەم تۈرمە يوق ئىدى. بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى سولايدىغانغا ئاخىرى جاي تاپتى. جىنايەتچىنى شۇ جايغا سولاپ، ئۇنىڭغا قاراۋۇلدىن بىرنى مەسئۇل قىلدى. قاراۋۇل جىنايەتچىگە كۆز قۇلاق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاشخانىدىن ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.

    جىنايەتچى ئۇ يەردە ئاينى ئايغا ئۇلاپ ئاخىرى بىر يىلنى ئۆتكۈزدى. بىر يىلدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، پادىشاھ دۆلەتنىڭ كىرىم چىقىم ھېساباتىنى كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ، يېڭى بىر تۈرلۈك چىقىمنى ئۇچراتتى. بۇ دەل ھېلىقى جىنايەتچىنى بېقىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان چىقىم ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوممىسىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. جىنايەتچىگە قارايدىغان مەخسۇس قاراۋۇل ۋە جىنايەتچىنىڭ تامىقى ئۈچۈن بىر يىلدا ئالتە يۈز فرانك چىقىم بولغان ئىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، جىنايەتچى كۈچـــقۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئىدى، قارىماققا، يەنە ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆرىدىغاندەك تۇراتتى. مۇشۇنداق ھېسابلايدىغان بولسا، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ بارلىق ۋەزىرلىرىنى چاقىرتىپ مۇنداق دېدى:

ـ   ــ سىلەر نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن، چىقىمنى تېجەيدىغان ئامالدىن بىرنى تېپىپ بۇ لۈكچەكنى بىر تەرەپ قىلساڭلار بولاتتى. ھازىرقى بۇ ئۇسۇلدا پۇل بەك ئىسراپ بولىدىكەن،ـــ دېدى. ۋەزىرلەر يەنە يىغىن چاقىردى. ئۇلار كۆپ مۇزاكىرە قىلىشتى. ئاخىرىدا، ۋەزىرلەردىن بىرى:

  ـــ كۆپچىلىك، بىز ئۇ قاراۋۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەيلى،ـــ دېدى. يەنە بىر ۋەزىر بۇ گەپكە قارشى تۇرۇپ:

   ـــ ئۇنداق قىلىدىغان بولساق، ئۇ جىنايەتچى قېچىپ كېتىدۇ،ـــ دېدى. باشتىكى ۋەزىر:

  ـــ ئۇ ئۆلگۈر ئەبلەخنى قاچۇرىۋەتسەك بولىدىغۇـــ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار قارارنىڭ نەتىجىسىنى پادىشاھقا دوكلات قىلدى. پادىشاھ بۇ قارارغا قوشۇلدى. قاراۋۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ۋەزىرلەر ئەمدىكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. نەتىجىدە ئۇلار شۇنى بايقىدى: تاماق ۋاقتى كەلگەندە، جىنايەتچى ئىشىكتىن چىقىپ قاراپ باقتى، قاراۋۇل يوق ئىدى. ئۇ ئاشخانىغا ئۆزى كىرىپ تاماق ئۇسسىدى. تاماقنى كۆتۈرۈپ كامېرغا قايتىپ كىرىپ، قايتا سىرتقا چىقمىدى. ئىككىنچى كۈنىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ تاماق ۋاقتى كەلگەندىلا چىقىپ تاماق ئەكىرەتتى. ئۇنىڭدا قېچىپ كېتىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋەزىرلەر يەنە بىر قېتىم كاللا قاتۇرۇشتى. ئۇلار:

ـــ گەپنى ئۇنىڭغا ئوچۇق ئېيتىپ، ئەمدى ئۇ قانداق قىلسا كارىمىز يوقلىقىنى بىلدۈرەيلى،ـــ دېيىشتى.شۇنىڭ بىلەن تەپتىش ۋەزىرى ئادەم ئەۋەتىپ جىنايەتچىنى ئېلىپ كەلگۈزدى.

ـــ سەن نېمىشقا قېچىپ كەتمەيسەن؟ـــ دەپ سورىدى ۋەزىر،ـــ ھېچكىم سېنى بېقىپ يۈرمەيدۇ. نەگە كەتكۈڭ كەلسە، شۇ يەرگە كەتسەڭ بولىدۇ، پادىشاھ ئالىيلىرى بۇنىڭغا باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ.

ـــ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ باشقىچە پىكىردە بولمايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن،ـــ دېدى جىنايەتچى،ـــ بىراق مەن نەگىمۇ بارالايتتىم. سىلەر مېنى نېمە قىلسۇن دەيسىلەر؟ ماڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، نامىمنى بۇلغۇدىڭلار. ئەمدى مېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ. يەنە تېخى،ئەمدى ماڭا قىلاي دېسەم ئىش چىقمايدۇ. ماڭا قىلغان بۇ مۇئامىلەڭلار ئادىل بولمىدى. باشتا ماڭا ئۆلۈم جازاسى بەرگەندىكىن، ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلساڭلار بولاتتى. بىراق بۇنداق قىلمىدىڭلار. بۇ بىرىنچى ئىش. بۇنداق قىلغىنىڭلارغا نارازى بولمىدىم. ئارقىدىن، ماڭا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردىڭلار، يەنە تېخى مەخسۇس بىر قاراۋۇلنى تامىقىمغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدىڭلار. بىراق بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇ قاراۋۇل توختىتىۋېتىلدى. ئاندىن ئۆزۈم بېرىپ تاماق ئەكەلدىم. بۇ ئىشلارغىمۇ ئاغرىنىشىم يوق. بىراق ھازىرچۇ، سىلەر مېنى بىراقلا قوغلىماقچى بولۇۋاتىسىلەر! مەن ھەرگىز بۇنداق قىلالمايمەن. نېمىنى خالىساڭلار شۇنى قىلىڭلار، ئىشقىلىپ مەن كەتمەيمەن!

   ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ۋەزىرلەر يەنە يىغىن چاقىردى. ئۇلار ئەمدى قانداق ئامال تېپىپ چىقىشى كېرەك؟ جىنايەتچى كېتىشنى خالىمىدى. ۋەزىرلەر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا كۈتۈنۈش ھەققى بېرىشنىڭ بىردىنبىر ئامالللىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار بۇنى پادىشاھقا مەلۇم قىلدى.

ـــ پەقەت ئامال قالمىدى،قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئۇنى كەتكۈزىۋەتمىسەك بولمايدۇ،ـــ دېيىشتى ئۇلار. كۈتۈنۈش پۇلى يىلىغا ئالتە فرانك قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ قارار جىنايەتچىگە ئۇقتۇرۇلدى.

   ـــ بوپتۇ، ئىشقىلىپ پۇلنى ۋاجتىدا يەتكۈزۈپ بەرسەڭلارلا، مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق، شۇنداق قىلالىساڭلار، كەتسەم كېتەي،ـــ دېدى جىنايەتچى.

ئىش شۇنداق پۈتۈشۈلدى. جىنايەتچى ئۆزىگە ئالدىنئالا بېرىلگەن يىللىق كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ چېگرىسىدىن ئايرىلدى. چېگرىدىن چىقىشقا پويىزدا ئولتۇرسا پەقەتلا ئون بەش مىنۇت كېتەتتى. ئۇ چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، چېگراغا يېقىن يەرگە ئورۇنلاشتى. شۇ يەردىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، كۆكتات تېرىش ئارقىلىق جېنىنى قامداشقا كىرىشتى. خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم كۈتۈنۈش ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا موناكوغا يېتىپ كېلەتتى. پۇلنى ئېلىپلا قىمارخانىغا بېرىپ ئىككى ئۈچ فرانكلىق دەسمىي سېلىپ قىمار ئوينايتتى. بەزىدە ئۇتۇپ، بەزىدە ئۇتتۇرۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كېلەتتى. ئۇ سىڭگەن نېنىنى يەپ ياشاپ، كۈنلىرىنى شۇنداق ياخشى ئۆتكۈزدى.

   بەزى دۆلەتلەر باركى، بىرەر مەھبۇسنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ياكى ئۇنى بىر ئۆمۈر ھەپسىگە سولاش ئۈچۈن، قانچىلىك چىقىم كېتىشىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇنداق دۆلەتتە ياشاپ قالمىغىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتە بىر بەختلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.



مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلى» 2014- يىللىق 2- ساندىن ئېلىندى

0

تېما

0

دوست

423

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   61.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 09:44:37 |ئايرىم كۆرۈش
ھۇزۇرلۇق تېما ئىكەن رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1142

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 12:55:55 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ramadan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-7 13:01  

مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ. پاساھەت ئەدەبىي تەرجىمە بلوگىدىن ئالدىڭىزمۇ قانداق؟

2

تېما

8

دوست

5372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 13:24:30 |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپ   دۆلەتكەن  ماۋۇ ھە....     چوڭ   زومىگەر دۆلەتلەرنىڭ بىرەسىمۇ   يۈتىۋىلىشنى ئويلاپ باقماپتۇ دە .  قارىغاندا  ئۇ دۆلەتتە نىفىت يوق چىغى   .   

44

تېما

2

دوست

7254

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1839
توردىكى ۋاقتى: 469
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    توۋا، يامان قىززىق ھېكايە ئىكەن. ئوقۇپ بولغىچە كاللامدا مىڭ بىر تۈرلۈك سۇئال تۇغۇلدى.

0

تېما

0

دوست

1142

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بۈيۈك نامايەندە لىۋ تولىستوينىڭ ئەسەرلىرى زامان، ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، ئىسانىيەتنىڭ ئازابىغا يىغلىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى تىل خەلقلىرى ئارىسىدا ئەتىۋارلانماقتا.
ئۇ ھەقىقەتەن «ياۋروپانىڭ ۋىجدانى» دۇر.

0

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزگىچە تەسەۋۇر بىلەن يىزىلغان كاتتا ئەسەر.

0

تېما

0

دوست

203

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28049
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
پادىشاھ پېتىر ئۈستەلگە بىر مۇشتلىسا  پۈتۈن ئوردا تىتىرەپ كېتەتتى، لېف تولوستوي قەلەمىنى قەغەزگە بىر تەككۈزسە پۈتۈن روسىيە تىتىرپ كېتەتتى.  ---   لېنىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )