گىرمانچە كىتاب ئوقۇشنىڭ سېىھرى كۈچى، ئادەت تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ يولوچى تەرجىمىسى
گىرمانىيەئىنتايىن زېرىكىشلىك دۆلەت،بۇيەردە سائەت 10دىن كىيىن ئاشخانىلاردا مەززەقىلىپ ئولتۇرغان گىرمانلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ "ھاردىم"دىگۈچەبازار ئايلانغىنىنى كۆرۈش تەس،ھەتتا ياشلارمۇ دائىم دىگۈدەك يىغىلىپ كۆڭۈل خوشىقىلىپ يۈرمەيدۇ،پۈتۈن گىرمانىيەنىڭ ئادەمگە بىرىدىغان كەيپىياتى يەنىلا شۇزېرىكىشلىك "تىنىچ ھالەت"،شۇڭلاشقا گىرمانلار ئىچى پۇشقىنىدىنى كۈنلىرىنى كىتاب ئوقۇپ ئۆتكۈزىدۇ. مانا مۇشۇنداق زېرىكىشلىك،مەنىسىز دۆلەتتەنۇرغۇنلىغان،پەيلاسوپلار،مۇتەپەككۇرلار، يازغۇچى-شائېرلار بار. گىرمانىيەنىڭقۇدرەت تىپىشىمۇ گىرمانچە كىتاپ كۆرۈشتىن قەتئىي ئايرىلالمايدۇ.
گىرمانچە كىتاب ئوقۇش
گىرمانچە كىتاپ ئوقۇش دىگەن نىمە؟ بۇنى مۇنداقيىغىنچاقلىساق بولىدۇ"كىتاب ئوقۇش ئادىتى، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى، كىتابئوقۇش ئەسلەھەلىرى..... ياكى ئۇنى گىرمانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىتاب ئوقۇشمەدەنىيتى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ" كىتاب ئوقۇش ئاۋام خەلىقنىڭ مەدەنىيتىگەئايلىنىپ كەتكەن چاغدا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھىچ قانچە ئىش ئەمەس ئالدى بىلەن بىرقىسىم سانلىق مەلۇماتلار بىلەنتونۇشۇپ چىقايلى،بۇمەلۇماتلار بىزگە گىرمانلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىنى ئېيتىپ بىرىدۇ: %91گىرمانىيلىك ئالدىنقى بىريىل ئىچىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر كىتاب ئوقۇغان.بۇنىڭئىچىدە %23 ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش مىقدارى 9دىن 18پارچە ئارىسىدا،%25ئادەمنىڭ ئوقۇشمىقدارى 18پارچە بولغان، تەخمىنەن ھەر 3ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇغان. كىتاب دوسلارئارىسىدىكى ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان سوۋغاتقا ئايلانغان.%70گىرمانىيلىك كىتابئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن، يېرىمىدىن كۆپرەكى قەرەللىك ھالدا كىتابسىتىۋالىدىكەن، 3/1قىسمى ھەركۈنى دىگۈدەك كىتاب ئوقۇيدىكەن. تىلغا ئىلىشقائەرزىيدىغىنى،بارلىق ياش بۆلىكىدىكى توپلار ئارىسىدا،30ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭكىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.گىرمان ياشلىرى كتابنى گىرمانپىۋىسىدەكلا ياخشى كۆرىدىكەن.14ياشتىن يۇقىرى گىرمانلار ئارىسىدا%69 ئادەم ھەرھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر كىتاب كۆرىدىكە.%36 دىن يۇقىرى كىشىلەر ئۆزلىرىنى"دائىم"كىتاب كۆرىمەن دەپ قارايدىكەن، %22 ئادەم "ناھايىتىكۆپ"كىتاپ كۆرگەن،%16ئادەمنىڭ ھەركۈنى كىتاب ئوقۇش ئادىتى بولۇپ،ئوقۇشمىقتدارى ئىنتايىن كۆپ كىشىلەر قاتارىغا كىرگەن. 80مىلىيوندىن ئارتۇق گىرمانلاردۇنيادىكى 2-چوڭ كىتاب بازىرىغا ئىگە بولۇپ،يىللىق سىتىش سوممىسى 9مىلىيارت600مىلىيون ياۋرۇغا يىتىدۇ، گىرمانىيەدە ھەريىلى نەشىردىن چىقىدىغان يىڭىكىتابلارنىڭ تۈرى 90مىڭ خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر 10مىڭ ئادەمگە11.5خىل كىتاب توغرا كىلىدۇ.گىرمانىيە پۈتۈن دۇنيادىكى كىتابخانا ئەڭ زىچ دۆلەتبولۇپ ،ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر 10مىڭ700 ئادەمگە بىر كىتابخانا توغرا كىلىدۇ.
گىرمانىيەنىڭ كىتاب ئوقۇش مەدەنىيتى
كىتاب ئوقۇش ئادىتى
گىرمانىيەنىڭ ھەممەجايلىرىدا كىتاب ئوقۇۋاتقانئادەمنى كۆرگىلى بولىدۇ،مەيلى ۋوگزال بولسۇن، قەھۋاخانا بولسۇن ياكى ئوتلاقبولسۇن ھەممە سورۇندا كىتاب ئوقۇيدۇ،ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە ئادەمنىڭ سومكىسىدا بىرئىككىدىن كىتاب بار بولۇپ،بوش ۋاقتى بولسىلا كىتاب ئوقۇيدۇ.ئەگەر سىز گىرمانىيەدەياشاۋاتقان بولسىڭىز بۇيەردىكى كىتابنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى بايقايسىز،2012-يىلدىكى بىر پارچە بازىرى ئىتتىك ھىكايە كىتاپنىڭ باھاسى 19.9نياۋرۇ(170يۇۋەنخەلق پۇلى). گىرمانلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سودىنى ئىزچىل جانلاندۇرۇپ كلىۋاتىدۇ. گىرمانلار قەغەزچە كىتابلارنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق بولىشىدا ئاساسلىق ئىككى خىل سەۋەپ بار: بىرى، قەغەزچە كىىتابنى قولغا ئالغاندىكى ئەنئەنىۋىي ھەم ھەقىقىي بولغاندىكى ھىسياتنى ياخشى كۆرىدۇ.يەنە بىرى، قەغەزكىتابلارنىڭ باھاسى بىرقەدەر ئەرزان. گىرمانلار ھەقىقىي ئوقۇشنىڭ مەنبەسى كىتاب،رىئال تۇرمۇشتىكى ئۇچۇرلار ئەمەس دەپ قارايدۇ،شۇڭلاشقا ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن يىزىلغان مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى،ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخىشى كۆرىدۇ،ھەرگىزمۇ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى يوق، ھەرخىل-ھەرياڭزا، ئوزۇقلۇق قىممىتى بولىمىغان ئۇچۇرلارنى ئەمەس.گىرمانلار چۇڭقۇر مەنىلىك،تەپەككۇر قىممىتىگەئىگە ،ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنى تىتىرتىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئەڭ ياختۇرۇپ ئوقۇيدۇ.
كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى
كىتاب ئوقۇش توپ ئويناشتىىن باشقا ئاساسەن دىگۈدەك پۈتۈن گىرمانلار ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىش بولۇپ، چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش،ئەر-ئايال ھەممىسى بېرىلىپ ئوقۇيدىغان ئاۋام ئوقۇشلىقى دەرىجىسىگە بىرىپ يەتتى.ئۇلاردىكى"كىتاپ ئوقۇش مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى چىنىق تۇرغىلى بولىدۇ"دىگەن ئىتقادى،گىرمانلارنى ئاكتىپلىق بىلەن .ئۈگۈنىدىغان،ئۆمۈرۋايەت ئۈگۈنىدىغان قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن.ئۇندىن باشقا،گىرمانلاردۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار زور ئوقۇشلۇقلارنى ياشلارنىڭ ئوقۇش ماھارىتى،چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقاپايدىلىق دەپ قارايدۇ،ئائىلە باشلىقى ۋە مەكتەپنىڭ ھەيدەكچىلىكىدىن باشقا،ھۆكۈمەتمۇ كىتاپ ئوقۇشنى بالىلىقتىكى ئىدىيە ئاقارتىش ھەركىتى دەپ قارايدۇ،5-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر تالدىن چەك تارقىتىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئوقوغۇچىلار مۇشۇ چەك ئارقىلىق كىتابخانىدىن بىر پارچە ھەقسىز كىتابقا ئېرىشەلەيدۇ. گىرمانىيلىك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كىچىكىدىن تارتىپلا كىتاب ئوقۇش قىزىقىشىنى يىتىلدۈرىدۇ،كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ تۇنجى ئويۇنچىقى كىتاب بولىدۇ، بالىلىرىغا ئۇخلاش ئالدىدا كىتاپ ئوقۇپ بىرىدۇ ياكى بىرگە ئوقۇيدۇ. گىرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەركۈنلۈك دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە چۈشتە ياكى چۈشتىن كىيىن سائەت 2 ئەتراپىدا قويۇپ بىرىلىدۇ. ھەرقايسى كىتابخانىلار ئۇلار ئۈچۈن دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ھەرخىل ئۈنلۈك ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ.ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقوغۇچىلارغا مۇھاكىمە خارەكتىرلىك تاپشۇرۇقلارنى قالدۇرىدۇ،ئوقوغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئىشلەش ئۈچۈنمۇ كۆپ ماتىريال كۆرۈشكە مۇھتاج بولىدۇ. ئاساسەن دىگۈدەك ھەربىر گىرمان ئائىلىلرىدەكىتاب جازىسىياكى قىرائەتخانىسى بولىدۇ،ياكى كىتابلىرىنى مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ،بۇمۇ ئۆيگەنىسبەتەن بىر زىننەت بولۇپ قالىدۇ.ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەربىر ئائىلىدە 300پارچىگەيىقىن كىتاب بولۇپ،كىشى بىشى بويچە ساقلانغان كىتابلار 100پارچىدىن ئاشىدۇ،كۆپ قىسىم گىرمانلار ئادەتتە ئائىلىدىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان بولىدۇ.ئۇلار"بىر ئائىلىدە كىتاب بولمىسا،خۇددىي ئۆينىڭ دەرىزىسى بولمىغانغائوخشاش"دەپ قارايدۇ.
كىتاب ئوقۇش ئەسلەھەلىرى
گىرمانىيەدە 7700گە يىقىن كىتابخانا ،تەخمىنەن 31مىڭ كىتابخانا خىزمەتچىسى بار،مەيلى شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ سودا-سارايلاردا بولسۇن،بىكەت ئەتراپىدىكى كىچىك كىتابخانىىلار ياكى گىزىت-ژورنال بوتكىلىرى بولسۇن،ھەممەيەردە كىتابخانىلارنى ئۇچراتقىىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز شۇنداق سەپ سىلىپ قارىسىڭىزناھايىتى كۆپ جايلاردا تىلفون بوتكىسىغا ئوخشاش،كىچىڭ شىپاڭلار بولۇپ،ئىچىدەلىقققىدە كونا كىتابلار بار، بۇ دەل ئاممىۋىي خارەكتىرلىك كىتاب ئارىيەت ئىلش ئورۇنلىرىدۇر، سىز بۇيەردىن ئۆزىڭىز ئوقۇشنى ياقتۇرىغان كىتابلارنى ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇسىڭىزمۇ ياكى ئۆيىڭىزدىكى كۆرۈپ بولغان كىتابلارنى بۇيەرگە قويۇپ قويسىڭىزمۇبولىدۇ.كىتابخانىلارنىڭ ئىچى ناھايىتى تىنىچ، نەپىس بولۇپ،كۆپ قىسىم چوڭ تىپتىكى كىتابخانىلارنىڭ ئىچىدە ياكى كىچىك تىپتىكى كىتابخانىلارنىڭ ئالدىلىرىدا قەھۋەئىچكەچ كىتاب ئوقۇيدىغان ياكى ھەقسىز كىتاب ئوقۇش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلاربار بولۇپ پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ئەتتتىگەندىن –كەچكىچە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسىڭىزمۇھىچكىم سىزنى ھەيدىمەيدۇ. چوڭ تىپتىكى كىتابخانىلار دائىم كىتاب ئوقۇش ياكى ئۈنلۈكئوقۇش يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقارىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. ئامما خارەكتىرلىك كىتاب ئوقۇش ئەسلەھەلىرىدىن باشقاھەريىلى گىرمانىيەنىڭ فىرانكىفورت قاتارلىق شەھەرلىرىدە كىتاب كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، كىتاب مەدەنىيتى ھەم سودا ئىشلىرىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ھەريىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەشىرىيات سودىگەرلىرىنى ئۆزلىرىگە جەلىپ قىلىدۇ.
گىرمانيىە كۈتۈپخانىلىرى گىرمانىيەدە 10مىڭ 400دىن ئارتۇق كۈتۈپخانا بولۇپ،تەخمىنەن 1مىلىيارت 29مىلىيون كىتاب ساقلانغان. گىرمانىيەدە كۆتۈپخانىلار ھەرقايسى شەھەر، رايونلارنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىغا سىلىنغان. شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كۈتۈپخانىلار يازغۇچىلارنىىڭ نۇتۇق سۆزلەش يىغىلىشلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلىكسىز ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ، كىچىك بازارلاردىمۇ كۈتۈپخانىلار بار،ھەتتا مۇقىم كۈتۈپخانىىلىرى بولمىغان يىزا-كەنىتلەردىمۇ مۇددەتلىك ئاقما كۈتۈپخانىلار بولۇپ،يىزا-كەنىت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئىلىش ئىشلىرىغا قولايلىقلار يارىتىپ بىرىلگەن. كىشىلەر 10ياۋرۇ خەجلىسىلا يىللىق كىتاب ئارىيەت ئىلىش كارتىسى بىجىرىپ بىرىلىدىغان بولۇپ، شۇكارتا بىلەن كىتابلارنى ئەركىن ئارىيەت ئالالايدۇ.(گىرمانىيەدىكى بىرقانچە داڭلىق كۈتۈپخانىلارنى تونۇشتۇرۇش قىسقارتىلدى)
يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلەردىن شۇنى كۆرۋالاليمىز 1901-يىلدىن 2013-يىلغىچە گىرمانىيەنىڭ نوبىل موكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتى ئامرىكا،ئەنگىلىيە دىن قالسىلا 3- ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن،ئامرىكىنىڭ بىرىنچى دەرىجىگە ئۆتىشىدىمۇ ئىينىشتىيىنغا ئوخشاش گىرمانىيلىك ئالىملارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرشى مەزگىلدىكى كۆچۈشىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئەپسۇسكى قەغەزنى كەشىپ قىلغان جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. نىمەئۈچۈن؟ چۈنكى جۇڭگولۇقلار دا كىتاب ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز، بىز گىرمان مەھسۇلاتلىرىدىن "ئۇھ سىنىپ" يۈرگەن، گىرمانىيەنىڭ"ياۋرۇ"رايونىدا ئىزچىل كۈچلۈكلۈك ئوبرازىنى ساقلاپ كەلگىنىدىن خۇرسىنىىپ يۈرگەن چىغىمىزدا ، ئەپسۇسكى گىرمانىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى ۋەكۈتۈپخانىلىرىنىڭ شۇ جايلاردىكى ئەڭ ئىسىل قۇرلۇش ئىكەنلىكىگە ، بۇ كۈتۈپخانىلارنىڭ قاتناش ئەڭ قولاي رايونلارغا قۇرۇلغانلىقىغا،گىرمانىيە دۇنيادىكى كىشى بىشى بويچە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان پۇخرالاردىن تەشكىللەگەنلىكىگە ، ئەڭ مۇھىمى، گىرمانلارنىڭ بىلىمنى ھۆرمەتلەش ۋەكىتاب ئوقۇش كەيپىياتلىرىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كىتەلمەيۋاتىمىز. گىرمانىيەگەئوخشاش كىتابخۇمار دۆلەت ئۇرۇشتا 10 قىتىم يىڭىلسىمۇ 10قىتىم قەد كۆتۈرۈپ خەلىقئارا "مانا يەنە مەن" دەپ يۈرەلەيدۇ. كىتاب ئوقۇش نىسبىتى تۆۋەن ياكى يوق دۆلەت خەلقى بارغانسىرى "ئىپتىدائىي"لىشىدۇ. كۆپپچىلىك مىكروبىلوگقامەستانە بولۇپ، ئۇچۇر يىڭىلاپلا يۈرىيدىغان، "پال ئىچىپ" يۈرۈيدىغان،مۇنبەر ئويناپ يۈرۈيدىغان بولۇپ كىتىۋاتىمىز. ناھايىتى كۆپ ئەخلەت خەۋەرلەر ھەم ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىۋىرىش، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەسىملىكلەرگە بىرىلىپ كىتىش،ئەقلىيلىككە ئىگە بولمىغان ئەسەرلەرنى قارىسىغا ئوقىيۋىرىش تەبىيلا ئادەمنى بىئارم قىلىپ، روھىي دۇنيارىمىزنى سەزگۈر ھەم تەشۋىشلىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ ، بەخىت تۇيغۇرمىزدىن مەھرۇم قىلىدۇ....... ئۇچۇرلارنىڭ پارتىلاش خارەكتىرلىك يىڭىلىنىپ تۇرىشى بىزلەرنى "يۈزەكى ئوقۇش"خارەكتىرلىك تىزتاماق شەكىلدىكى ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ قويىۋاتىدۇ، بەلكىم كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش مىقدارى ئىشىۋاتقاندۇ لىكىن ئوقۇش سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولىنمايۋاتىدۇ. بۇ جەمىيتىمىزدە قانچىلىك ئادەم ھەقىقىي زىھنى-قۇۋۋىتىنى، ۋاقتىنى بىر كىتابقا مەركەزلەشتۈرۈپ، روھى دۇنياسىنى پاكلاپ،تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان كىتاپ ئوقۇ يار ؟ ماشىنىدا ئولتۇرغىنىمىزدايانفونىمىزنى يىغىشتۇرۇپ،قولىمىزغا كىتاب ئىلىپ ئوقۇساق، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق تەشۋىشلىرىگە بەنىت بولماي، تەمكىن، خاتىرجەم ھالدا كىتاپ ئوقۇساق، ئاتالمىش"يۈزەكى ئوقۇش"لىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرمەي، مەخسىۇس ۋاقىت چىقىرىپ بىىركىتابنى"ھەقىقىي" يوسۇندا مىغىنىزىنى چىقىپ ئوقۇساق نىمىدىگەن ياخشى بولارئىدى ھە؟
مەنبە: http://book.iqilu.com/yjrw/qmydj/2014/0623/2035596.shtml
|