ئۇيغۇر سىتودىنتلىرى نىمىشقا شىركەتلەردە ئىشلەشنى تاللىمايدۇ؟
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىش مەسلىسى نۇرغۇن ياش سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسسللەرنىڭ بىرى.ئىمتىھان بىرىپ تۆمۈر تاۋاقنىڭ ئىگىسى بولۇش كىرەكمۇ ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئۆز چىقىش يولىنى تېپىش كىرەكمۇ؟ئىقتىسادنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بولغان بېسىمىغا ئەگىشىپ، سىتودىنتلىرىمىزنىڭ تۆمۈر تاۋاققابولغان كۆز قارشىدا يەنىلا تىڭىرقاش مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.بولۇپمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،خىزمەت تېپىش مەسلىسىگە كەلگەندە قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بەلگىلەپ بولالماي ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانلىرى ئارسىدا قىسماققا ئېلىنىش خېلى كۆپ ياش سىتودىنتلىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن.ھازىرئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى(ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا) سىتودىنتلىرىمىزغا ئىككى خىل تاللاش يولى تۇرۇپتۇ،بىرى داۋاملىق تىرىشىپ تۆمۈر تاۋاققا ئىگە بولۇش،يەنە بىرى چىقىش يولىنى شىركەتلەردىن ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىدىن ئىزدەش.تۆمۈرتاۋاققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىمتىھاندىن ئۆتىشىمىز كىرەك.بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق.لىكىن شىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەپ ئۆز قىممىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆمۈر تاۋاققاكەتكەندەك ئۇنچە باش قاتۇرىدىغان ئىمتىھانمۇ كەتمەيدۇ.مۇئاش ،تەمىنات جەھەتلەردىمۇتۆمۈر تاۋاقتىن كۆپ پەرقىلىنىپ كەتمەيدۇ.لىكىن سىتودىنتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىستىقبالىنى شىركەتلەردىن ئىزدەيدىغانلار يەنىلا ئاز.ئۇنداقتا ،سىتودىنتلىرىمىززادى نىمىشقا شىركەتلەرنى تاللىمايدۇ؟ سىتودىنتلارنىڭ شىركەتلەرگە بېرىشنى تاللىماسلىقىدىكى سەۋەپنى ئىككى تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ،بىرى سىتودىنتلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆز قارشى،يەنە بىرى،شىركەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى.سىتودىنتلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆز قارشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بىرى ئۇلارمۇ ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى «تۆمۈر تاۋاق»ئىددىيىسىنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان.بۇنۇقتىدىن دىگەندە،نۇرغۇن سىتودىنتلىرىمىز بۇنى ئىنكار قىلىشى مومكىن.سىتودىنتلىرىمىز «تۆمۈرتاۋاق»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھالەتتىمۇ،ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كالللىسىغا سىڭىپ كەتكەن«تۆمۈر تاۋاق»ئىددىيىسى ئۆز ئىددىيىمىزنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلدۇرمىغان بولىشى مومكىن.يەنە بىرسى باشتىنلا كاللىسىدا شىركەتلەرگە شىركەتتەئىشلەشكە نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئايدىڭ ئەمەس، ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ شىركەتتەئىشلەمدىم دىگەن توساقتىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيۋاتقانلار.ئەلۋەتتە،سىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرنى تاللىماسلىقىنى نوقۇل سىتودىنتىلىرىمىزدىنلا كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،جەمئىيەتكە قەدەم قويغان بىر سىتودىنتنىڭ كاللىسىدا بۇ جەمئىيەتنىڭ مەكتەپ بىلەن ئانچە چوڭ پەرقى بولمىسا كىرەك.ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ياتاقلارنى قايتۇرۇپ،مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ،كۆپ ساندىكى سىتودىنتلاردا بولىدىغان ئورتاق بىرخىل سېزىم ،كىيىنكى قەدەمنى قانداق ماڭارمەن؟يەنە قانداق ئىشلارنى،قانداق ئادەملەرنى ئۇچرىتارمەن؟مۇئەللىم بولۇشنى ئويلايدىغانلار مۇنبەرلەردە دەرسلەرنى سۆزلەپ كەتكەن ھالەتلىرىنى،ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كەڭ،يورۇق ئىشخانىلاردا كومپىيۇتېر ئالدىدا ئىشلارنى بىجىرىپ كەتكەن ھالەتلىرىنى،ئاز ساندىكى«ئاق ياقىلىق»بولۇشنى ئويلايدىغانلار كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالەتلىرىنى خىيال قىلىپ دىگەندەك ،بىلىپ-بىلمەيلا جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇتاتلىق خىياللارنى ئەمىلىيەتتە سىتودىنتلىرىمىزنىڭ مەكتەپتىكى گۈزەل خىياللىرىنىڭ ئاخىرى دىيىشكە بولىدۇ.رىئاللىققا قايتىپ،مۇئەللىم بولغۇسى بارلار ئىمتىھانلارنى بىرىپ مەكتەپلەرگە تەقسىم بولدۇق،ئىدارە-ئورگانلارغا كىرەلىگەنلەركىردۇق،كىرەلمىگەنلەر «بوپتۇ»دەپ باشقا ئىشلارنى قىلىپ باقتۇق،لىكىن كاللىمىزداشۇخىيال،بىركۈنى چوقۇم ئاشۇ«تۆمۈر تاۋاق» ئىدارىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كىتىمەنغۇ. شۇنداق خىياللار بىلەن ھەرقايسىمىز ھەرقايسى ئورۇنلاردا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتۇق.بىر يىلدىن كىيىنكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ياكى قايسى بىر ساۋاقداشنىڭ تويىدا يىغىلىپ،يەنەشۇ خىزمەتنىڭ پارىڭى.مۇئەللىم بولغانلار تۈگىمەس نۆۋەتچىلىك،تەتىلىمنى تولۇق بەرمىدى،يىراق جايغا بۆلۈپ قويدى...ئىدارىدىكىلەر مۇكاپاتىمنى تۇتىۋالدى،شىركەتتىكىلەرچۇ؟شۇ «تۆمۈرتاۋاق»دەرۋازىدىن كىرەلمەي كۆزۈم تۆت.يەنە شۇ قاخشاش.مەيلى قانداقلا ئورۇنداقانداق خىزمەت قىلمايلى مەن خىزمىتىمدىن رازى،مەن خىزمىتىمنى بەك ياخشى كۆرىمەندىگۈچىلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ھېچقانداق خىزمەتتىن رازى بولماي ،«تۆمۈرتاۋاق»نى تاشلاپ شىركەتلەرگە كىلىپ باقتۇق.لىكىن شىركەتكە كىرمەي تۇرۇپ يەنەدىلىغۇللىق ئىچىدە قالدۇق.شىركەتتىكى خىزمەتنى شۇنداق بىر غايىۋە پەرەز قىلدۇقكى،شىركەتكە بارغاندىكن كىيىن ھەممىنى باشتىن باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق.شىركەتكە بارغاندىن كىيىنكى رىئاللىق بىلەن خىيالىمىز ئارسىدىكى غايەت زورپەرق تاللىشىم خاتامۇ دىگەن تۇيغۇغا ئەكىلىپ قويدى.شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ بىرمەزگىل ئىشلىدۇق.لىكىن ئاخىرىدا شىركەتنى تاشلاپ دادام بىلەن ئاپامنىڭكىنى ئاڭلىسام بوپتىكەن دەپمۇ قالدۇق.نىمىشقا ئۇنداق دەپ قالدۇق؟شىركەتلەردىكى قانداق ئەھۋاللارسىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرنى تاللىشىدىن يالتايتىپ قويدى؟«تۆمۈر تاۋاق»قا كۆزيەتمىگەندىن كىيىن،ياكى ئاپىمىز بىلەن دادىمىزنى قاخشىتىپ تۇرۇپ شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپ باقماقچى بولغانلار يەنە نىمىگە تېڭىرقاپ قالدى؟بۇ چاغدىكى تېڭىرقاشتا مەسلە بەلكىم شىركەت تەرەپتە بولىشى مومكىن.1-ئورۇندىكىسى تەمىنات ۋە خىزمەت مۇھىتى،تەمىناتى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى بولۇپ،مۇھىتى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي قالسا،ياكى خىزمەت ئورنى چەت،يىراق جايلاردابولۇپ قالسا بۇ شىركەتنى يەنە تاللىماسلىقى مومكىن.مەسلەن،ئىككى يىلنىڭ ئالدىداسانجىدىكى تېبىيەن دىيەنگوڭ شىركىتىگە قوبۇل قىلىنغان 28 سىتودىنت يىل ئاخىرىغابارمايلا بىرسىمۇ ئىشلىمەي يىنىپ چىققان.نەچچە ئاي مۇئاشنى ياخشى بىرىپ بىر ئاي ياخشى بولماي قالسۇن يەنە شۇ چىقىش يولى بەرگەن شىركەتنى تاشلاپ چىقىپ كىتىدىغانلارنى يوق دىيەلمەيمىز.«تۆمۈر تاۋاق»لىق دوستلىرىمىزنىڭ مۇئاشى بىلەن دائىم ئۆزىمىزنىڭ مۇئاشىنى سېلىشتۇرىمىز.ئۇمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ مانچە پۇلمۇئاش ئالىدۇ،مەنمۇ ئوخشاش ئوقۇپ مانچە پۇل ئالىمەن.2-ئورۇندىكىسى،شىركەتنىڭ باشلامچىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى.شىركەتكە كىرىپ ئىشلىگەنلىك ئېنىقراقنى ئېيتقاندا خەتەرگەتەۋەككۇل قىلغانلىق دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.«تۆمۈر تاۋاق»ئالدىراپ چېقىلىپ كەتمەيدۇ،بۇ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان.لىكىن شىركەت ئۇ بىر ئىقتىساد ئايلىنىپ تۇرىدىغان گەۋدە.ئىقتىسادنىڭ راۋان ئايلىنىشى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك.شۇ شىركەتنى باشلاپ مېڭىۋاتقان بىرىنجى قول باشلىقنىڭ ئىقتىدارى مۇشۇئىقتىسادى گەۋدىنىڭ راۋان ئايلاندۇرالامدۇ يوق،ئۆز مەۋجۈتلىقىنى قانچىلىك ساقلىيالايدۇ، بۇ ھەربىرىمىز ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.،شىركەتنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شۇ سىتودىنتنىڭ بۇ شىركەتكە كىرىپ ئىشلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش ئىشلىمەسلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.چۈنكى سىتودىتلىرىمىز مەكتەپلەردەئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ، ئۆيدە بولسا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ باشقۇرۇش يىتەكلىشى ئاستىدابولىمىز.خىزمەتكە چۈشۈپ شىركەتكە كەلگەندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئۈستىمىزدەباشلىقىمىز،خىزمەت ئورنىمىزدا تۈزۈلمە بولىدۇ.باشلقنىڭ ئادەم باشقۇرۇش سەنئىتى،شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسى خۇددى كومپىيۇترنىڭ قاتتىق دىتالىغا ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىۋاستە باشقۇرىدىغان باشلىقنىڭ باشلىقلىق سالاپىتى،ئادىمىيلىكى،ئادەم باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئەمدى مەكتەپ قوينىدىن چىققان سىتودىنتلىرىمىزنى قايىل قىلالىىسا،ئاشۇ باشلىقىنى خۇددى ئۇستازىنى كۆرگەندەك كۆرەلىسە ئۇنداقتا بۇ سىتودىنت شىركەتتىن چىقىپ كىتەرمۇ؟3-ئورۇندا،شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى.شۇ شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئۆزساھەسىدىكى تەسىر قىلىشكۈچى شىركەتلەرنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا. ھەرقانداق بىريېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن سىتودىنت مەيلى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلسۇن ۋە ياكى شىركەتكەكىرىپ ئىشلىسۇن ھەممىسى ئالدىن سۈرۈشتە قىلىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتنى تاللاشتاشىركەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە باشقىلارنىڭ بۇ شىركەتكە بولغان باھاسىمۇسىتودىنتلارنىڭ شىركەتلەرنى تاللىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىتودىنتلىرىمىز ئارسىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلاشىركەتلەرگە كىرىپ ئىشلەشنى تاللىغانلارمۇ يوق ئەمەس.ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتتەئىشلىگەنلەرنىڭ كىيىنچە شىركەتتىن چىقىپ كىتىشىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن نۇقتىلاردىن باشقا،يەنە شىركەت تەرەپنىڭ بۇ سىتودىنتقا يىتەرلىك سەھنە ھازىرلىغان ھازىرلىمىغانلىقى،ئۇنىڭ كەلگۈسى كەسپى ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن بۆلمىگەنلىك ۋە بۇ سىتودىنتقا ئىشەنچ تۇيغۇسى بىرەلىگەن ياكى بىرەلمىگەنلىكى قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتكە كىرىپ ئىشلىگەن سىتودىنتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جاپاغا چىداش روھى كۈچلۈك بولىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن شىركەتكە كىرىشتىن بۇرۇن جەمئىيەت ۋە شىركەت توغرىلىق مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان ۋە شىركەتلەربىلەن ئۇچىرىشش پۇرسىتى بولغان ئوقۇغۇچىلار ھىساپلىنىدۇ.شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارشىركەتلەرگە كىرگەندىن كىيىن ،جاپالىقراق بولسىمۇ،جىسمانى ئەمگەك ئەمەس،ئەقىلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشنى بەكرەك خالايدۇ.لىكىن شىركەتلەردە كۆرۈرلىۋاتقان بىرمەسلە شۇكى،ئىقتىساس ئىگىسىنى شىركەتكە ئەكىرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان خىزمەت بولۇشى ياكى جىسمانى ئەمگىكى ئەقلى ئەمگەكتىن كۆپ بولۇپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىركەتتە ئىشلەۋاتقان سىتودىنتتا شىركەتكە نىسبەتەن يىرگىنىش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.مەسلەن، ئۆز سالاپىتىگە شۇنداق دىققەت قىلىدىغان سىتودىنتلىرىمىزنى مال توشۇيدىغان،ئىسىكلاتقا قارايدىغان دىگەندەك ئىشلارغا قويساق بەلكىم ئۇلارنى يىرگىندۇرۇپ قويىىشىمىزمومكىن.بوغالتىرلىق ئۈگەنگەن سىتودىنتلىرىمىزنى مال سېتىش خىزمىتىگە قويساق بەلكىم ئۇلارنى يىرگندۈرۈپ قويىشىمىز مومكىن .مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇزاق بولمىغان ئۈچ ئاي سىناق ۋاقتىنىمۇتوشقۇزماي شىركەتتىن چىقىپ كىتىدىغان سىتودىنتلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئالى مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن سىتودىنتلىرىمىزنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان،جۇشقۇن مەزگىلى بولغاچقا،ئۇلاردا ئورتاق بولىدىغان بىر پىسىخىكا ،بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنت بولۇش سۈپىتى بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە شىركەت ئىچىدە ياخشىراق كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىرەر نەتىجەكۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.بۇنداق خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىق جەريانىدا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بەك كۆپ توسالغۇلار بولمايدۇ.خىزمەتكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەيدۇ.لىكىن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرگگن سىتودىنتلىرىمىزدا خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل بولغانلىقتىن خىزمەت ئۈنۈمى كونا خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا جىق تۆۋەن بولىشى ئېنىق.شۇنداقتىمۇ سىتودىتلىرىمىزدا كۆپرەك بولىدىغان بىر قاراش ،شۇنچە تىرىشىپمۇگەرچە دىگەندەك ياخشى نەتىجىلىك بولمىغان بولسىمۇ باشلىقنىڭ بىرە ئېغىز رىغبىتىنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىدىن چۈشلۈنلىشىش ياكى بىراقلا خىزمەتتىن ۋاز كىچىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. خىزمەتنى تاماملىغاندىن كىيىن بولسا ،ئوخشاش بىر خىزمەتنى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتودىنت بىلەن ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇغان ئۆزىدىن چوڭ كوناخىزمەتچىنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئالى مەلۇماتلىق سىتودىنت ئالدىراپ قالغانلىقىنى ئۆزى ھىس قىلىپ يىتىدۇ. شىركەت تەرەپنىڭ بۇ يەردە سەل قارىغان تەرىپى،سىتودىنتلىرىمىزغا ئۆز ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ بېقىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىك.شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتكە ئېرىشىپ،ئۆزىنى دەڭسىيەلمىگەنلىك سەۋەپلىك شىركەتدەرۋازىسىدىن كىرىپ بولۇپ چىقىپ كىتىدىغانلار خېلى كۆپ. ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىركەتلەرگە كىرىپ سىناق مەزگىلىدىنمۇ ئۆتۈپ رەسمىيلىشىپ بولۇپ يەنە چىقىپ كىتىدىغانلارمۇ بار.بۇلارنىڭ چىقىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ،شىركەت تەرەپ ۋە ئىشلىگۈچى ئوتتۇرسىدا ئورتاق كىلىشمنىڭ ھاسىل بولماسلىقى ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.سىناق مەزگىلىدە ۋە توختاملاشقان چاغدا دىيىلگەن نۇقتىلار ئەمىليىلىشمىگەنلىك ياكى دىيىشكەندەك بولمىغانلىق تۈپەيلىشىركەتتىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن سىتودىنتلىرىمىز شىركەتلەردىن چىقىپ كىتىپ قالىدۇ.ھەر بىر ئادەم چىقىپ كەتكەندە شىركەتتىن پەقەت ئادەملا چىقىپ كەتمەيدۇ،شۇئادەم بىلەن بىرگە شۇ شىركەتنىڭ مەلۇم ئىناۋىتىمۇ بىرگە چىقىپ كىتىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى شىركەتلەرگەقەدەم ئېلىپ بولغان سىتودىنتلىرىمىز كەينىگە داجىپ ،ئەسلى«تۆمۈر تاۋاق» ياخشىكەن دىگەن تۇيغۇغا كىلىپ قېلىشىمۇ مومكىن.يىغىپ ئېيتقاندا،سىتودىنتلىرىمىز شىركەتلەرگەكىرىشنى خالىمايدۇ ئەمەس،كىرىشنى خالايدىغانلارمۇ بار.لىكىن كىرىپ بولغاندىن كىيىنياكى كىرىش جەريانىدا شىركەت ۋە ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلاردىكى چوڭ –كىچك ئۆزگىرىشلەرتاللاپ بولغانلارنى پۇشايمان قىلدۇرۇپ،تاللىماقچى بولغانلارنى تاللاتقۇزمايدىگەندەك،ئادەم لازىم جايدا ئادەم يوق،تويۇنۇپ بولغان جايلاردا داۋاملىقتىقىلىش،تالىشش مەۋجۈت بولماقتا.سىتودىنتلىرىمىزنىڭ شىركەتلەرگەبېرىشى،شىركەتلەرنىڭ سىتودىنتلىرىمىزنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى بۇ ھەرگىزمۇ يەككەھالەتتىكى تاللاش تاللىنىش ئەمەس.سىتودىتلىرىمىز شىركەتلەرنى تاللىغان ئىكەن ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلانغان ئاساستا ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك.شىركەتكە بېرىپلا ئۆزى ئويلىغان ئورۇنغا ئىشقا چۈشۈشى ناتايىن.شىركەتنىڭ سىتودىتلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى بايقاپ، كۆرۈپ يىتىشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كىتىدۇ.بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق.شىركەت بىزگە قۇچاق ئاچقانىكەن شىركەتتە بىزگەئۆز ئىقتىدارىمىزنى سىنايدىغان سەھنە بار دىگەن گەپ.شىركەتتە ئىشلەۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ.كاللامدا بىر نۇقتا ئېنىقكى،ھەر بىر خوجايىن ھەرقانداق بىرئادەمنى بىكارغا ئالمايدۇ.خوجايىن ئۈچۈن ،كارخانا ئۈچۈن ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمىدىڭىز دىگەن گەپ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز يوق دىگەنلىك. شۇڭا شىركەتكە بېرىپ خىزمەت قىلىش بۇ يەككە ھالەتتىكى سىتودىنتنىڭ تالللىشى بولۇپلا قالماي،قوش يۆنىلىشتىكى تاللاش.شۇڭا ھەر ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان،بىر-بىرىنى دەڭسەيدىغان پۇرسەت بىرىش كىرەك. |