- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3185
- نادىر
- 0
- يازما
- 190
ئۆسۈش
39.5%
|
مۇشۇ مەزى بېزى توغۇرلۇق ھەر خىل گەپلەر بولۇنۇۋاتىدۇ ، كوچىدا كىتىۋاتقان ئون ئادەمنىڭ سەككىزى مەزى بېزى چىقىدۇ دەپ ئاڭلىدىم ، مېنىڭچىمۇ راس بولۇشى مۇمكىن ، گەرچە مەن تىببى كەسىپتە بولمىساممۇ ئوزەمنىڭ تەجىربىلىرىمنى سوزلەپ بەرسەم ئاشۇ مەزى بېزىغا گىرىپتار بولۇپ ، نەچچە تۇمەن خەقلەپ ساقىيالمايۋاتقان ، دوختۇرلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۇشۇپ ئىقتىسادى ۋە كېسەل ئازابى تارتىۋاتقانلارغا كىچىككىناڭ مەلھەم بولسا ئەجەپ ئەمەس .
مېنىڭ ئاڭلىشىمچە غەرىپ تىبابىتى بويىنچە داۋالىسا ساقىيىشى مۇمكىن ئەمەسكەن ، ۋاقىتلىق ساقايغاندەك قىلسىمۇ لىكىن يەنىلا قايتا قوزغىلدىكەن ، چۇنكى دورا ئۇكۇلنىڭ تەركىۋى ئاساسەن سوغوق ئىكەن ، ھەم مەزى بېزى مىكروبى جاھىل خاراكتىرلىك بولۇپ دورا ئۇكۇلغا ماسلىشىپكىتىدىكەن ، بىرىنچى قېتىم ئۇرغاندا ئىشلەتكەن دورا ئۇكۇل بىلەن كېيىنكى قېتىمدا ساقايمايدىكەن ، ھەم بىر دەرىجە كۇشلۇك ئۇكۇل ئىشكىتىشكە توغرا كىلىدىكەن ،
مېنىڭ تەجىربەم توۋەندىكىچە ؛
مەزى بېزى قوزغالغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن ئسسىق ئوتكۇزىمىز ، ھىڭ ، شورتۇز ، ياكى كونا ئوينىڭ كېسىگىدىن تېپىپ قىزىتىپ چات ئارلىققا قويۇپ بېرىمىز ، ۋاختى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، يەنە ھىڭنى سۇدا قاينىتىپ پۇتىمىزنى چىلايمىز ، ھەر كۇنى داۋاملاشتۇىمىز ، بۇشۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئاچچىق - چۇچۇك ، سوغوققا مايىل ، توڭلاتقۇدىن ، غىدىغلىغۇچى (لازا ، ئاچچىقسۇ ، ھاراق - شاراپ ) يىمەكلىك ، ئىچىملىك ئىچمەيمىز ، يىمەيمىز . مۇشۇنداق قىلساق نەچچە كۇندە كورۇلگەن جىددى ئالامەتلەر يوقايدۇ ، بۇ دىگەنلىك ساقايدى دىگەنلىك ئەمەس ، بۇ يالۇغ جاھىل خاراكتىرلىق بولۇپ ئۇنداق ئوڭاي يۇقۇمايدۇ ،
ئىككىنچى قەدەمدە مۇشۇ ئىسسىق ئوتكۇزۇشنى ھەپتىدە بىر قېتىم قىلىش بىلەن ، بولسا كۇندە بىر ، بولمىغاندا ھەپتىدە ئىككى قېتىم 100 گىرامدىن كاۋا ئۇرۇقى چاقىمىز ، مۇشۇنى ئالتە ئاي داۋاملاشتۇرساق ئۇنۇمىنى راۋرۇس كورۇمىز ، دوختۇرخانىدا نەچچە ئونمىڭلىق داۋالانغاندىن ئۇنۇمى نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولىدۇ .
يەنە بىرگە مۇشۇ پەرزەنت كورۇش ئىقتىدارى يوقلار كاۋا ئۇرۇغى چاقسىمۇ ئۇنۇمى پەۋقۇلاددە يۇقۇرى بولىدۇ ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقى ئولمىگەن لىكىن 50 پىرسەنتتىن توۋەن بولغانلار ، پەرزەنت كورەلمىگەنلەر كاۋا ئۇرۇغىنى ئالتە ئاي چاقسا ئۇنۇمى پەۋقۇلاددە يۇقۇرى بولىدۇ ، كاۋا ئۇرۇقىغا ئۇرۇك مېغىزىنى قېتىپ يىسە ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
ھەتتا شېكەر سىيىش كېسىلى بىلەن قاندا ماي ، قان تۇمۇر قېتىش قاتارلىقلارغىمۇ ئۇنۇمى ياخشى دەپ ئاڭلىدىم . ( بۇ تەجىربەم ئەمەس ئاڭلىغىنىم ) يۇقاردا دىگەنلەرنى ئىككى يىل داۋاملاشتۇرسىا مەزى بېزىدىن ئاساسەن ساقىيدۇ ، بىمارلارنىڭ پۇل كەتمەيدىغان بۇ ئۇسۇلنى سىناپ ئۇنۇمىنى كورۇشۇڭلارنى ، بىر كۇن بولسىمۇ بۇ كېسەلدىن بالدۇر قۇتۇلۇشۇڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئۇنۇمىنى كورگەنلىكىڭىز ئاستا - ئاستا ئوزىڭىزگە بىلىندۇ ، تۇرمۇشىڭىز ھاياتى كۇچكە تولىدۇ . |
|