قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1687|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئاتاقلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىرگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 3650
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئاتاقلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن بىرگە

تاشپولات روزى


2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە تىلشۇناسلىق دوكتورى زۆھرەگۈل ئابلىمىت ھەم ئۇنۇڭ ئوغلى بىلەن بىرگە كالىفورنىيە سانتىياگو شەھىرىگە بېرىپ، بىزنىڭ دۇنياۋى ئاتاقلىق بىئولوگىيە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ كەلدۇق. زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى لوس ئانژىلىسقا يېتىپ كېلىپ بىزنىڭ ئۆيدە 1-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە تۇردى. بۇ جەرياندا سىڭلىم زۆھرە
لوس ئانژىلىستىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، ئىلىم-پەن مۇزىيىنى، مەكتىپىمىزنى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەكتىپىمىزدە پسىخولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە دەرسلىرىنى ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى. مەكتەپتىكى سۆھبەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن مەكتىپىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلدى. بۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە 230 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بولۇپ، 15 نەپىرى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. بىز بۇ مەكتەپتە 3 سىنىپقا كىرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسنى ئاڭلىدۇق. بىزنىڭ ئاڭلىغان دەرسلىرىمىز بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىپ بەرگەن ئىنگلىزچە دەرسلەردىن ئىبارەت.


بۇ قېتىم زۆھرە سېڭلىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئامېرىكىدا قىلماقچى بولغان ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈش بولۇپ، مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇ ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھرىدە تۇرىدىغان بولۇپ، تەلىيمىزگە يارىشا ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە كالىفورنىيەدىكى سانتىياگو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتناشماقچى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز سانتىياگودا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشتۇق.  بىز 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ شۆھرەت مۇتەللىپ تۇرۇۋاتقان سانتىياگودىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان مېھمانخانىغا ئەتىگەن سائەت 10 دىن سەل ئۆتكەندە يېتىپ باردۇق. كالىفورنىيەدە 3 داڭلىق شەھەر بولۇپ، بۇلار لوس ئانجېلېس، سانتىياگو، ۋە سان فرانسىسكودىن ئىبارەت. سانتىياگو شەھىرى كالىفورنىيەدە لوس ئانجېلېسدىن قالسا 2- چوڭ شەھەرگە كىرىدۇ. ئۇ لوس ئانجېلېس شەھىرىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، جەنۇبىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان. بۇ شەھەرنىڭ بىر قىرغىقى تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتۇشقان بولغاچقا بەكمۇ گۈزەل شەھەر. ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىمۇ مۇشۇ يەردە. بۇ شەھەر 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە.


يېتىپ بارغىنىمىزدا شۆھرەت مۇتەللىپ بىزنى مېھمانخانىنىڭ دەم ئېلىش ئۆيىدە ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. بىز ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ قىزغىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق. زۆھرە سىڭلىم ۋەتەندىن ئالاھىدە سوۋغا سۈپىتىدە ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر قاتماقۇم شىركىتىنىڭ گۈزەل رەسىمىنى تەقدىم قىلدى. بۇ رەسىمنى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ كۆرۈپ بەك خوش بولدى ۋە بۇ سوۋغىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدى. زۆھرە سىڭلىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشكىنىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئۆتتى. بىز قىزغىن پاراڭلار ئىچىدە سۈرەتلەرگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇق. شۆھرەت مۇتەللىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە پورتلاندقا قايتماقچى ئىكەن. بىز چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمغىچە تاماق يىگەچ سۆھبەتلەشمەكچى بولدۇق. شۇڭا بىز دېڭىز بويىنى ماشىنا بىلەن ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن شۆھرەت مۇتەللىپ بىلىدىغان بىر تاماقخانىغا دەل چۈش ۋاقتى سائەت 12 دە كىردۇق. بىز دېڭىز تەرىپى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاشخانىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ سۆھبەتلەشتۇق.


بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا مەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت (بىلگەجان) ئۇكامنىمۇ تەكلىپ قىلغان ئىدىم. بىراق ئۇ بۇ ھەپتىدە ناھايىتى جىددىي بىر تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاماملىشى كېرەك بولغانلىقى ۋە قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا دېيىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشقا كىلەلمىدى. بىراق ئۇ ماڭا شۆھرەت مۇتەللىپتىن سوراشقا تېگىشلىك 3 كەسپى سوئالنى ئەۋەتىپ بەردى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرسۇنجان ئۇكامغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ بۇ قېتىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۇچراشقىنىمىز پاراڭلار ئىچىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە زۆھرە سىڭلىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن كۆرۈشۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، سۆھبەت ئۈچۈن مەخسۇس توختالمىدۇق. چۈنكى ئالىمىمىز بۇ يىل يەنە ئىككى-ئۈچ ئايدىن كېيىن ۋەتەنگە بېرىپ كەسپىي لىكسىيە ۋە ھەرخىل سۆھبەتلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەتەنگە بېرىش ئىشلىرى ھازىر بېجىرىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ۋەتەنگە بارىدىغان كۈنلىرى ئېنىق بېكىتىلگەندە مەن ئۇنى بۇ يەردە ئېلان قىلىپ قويىمەن.


ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سانتىياگوغا كېلىشىدىكى سەۋەب كالىفورنىيە شتاتىدىكى غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا پۇل بېرىدىغان بىر ئورۇننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن كەلگەن ئىكەن. بۇ ئورۇننىڭ 4 مىليارد دوللار پۇلى بولۇپ ھازىرغا كەلگۈچە غول ھۈجەيرە ساھەدىكى تەتقىقاتلارغا مەبلەغ ئاجىرىتىپ كەپتۇ. بۇ قېتىم بۇ تەتقىقات ئورنى دۇنيا غول ھۈجەيرە ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق 18 ئالىمنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2013-يىلى بارلىق پەن ساھەلىرى بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز كەسپى بولغان غول ھۈجەيرە ساھەسىدىكى بۇ يىغىنغا ئەلۋەتتە ئۇمۇ تەكلىپ قىلىنغان. شۆھرەت مۇتەللىپ پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئايروپىلان بىلەن سانتىياگوغا كېلىپ جۈمە كۈنى بىر كۈن كەچكىچە 18 ئالىم بىلەن بىرلىكتە پۇل بېرىلمەكچى بولغان تەتقىقاتچىلارنى تاللاپ چىققان ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئىچىدە قانداقمۇ بۇ تەتقىقاتچىلارنى تاللاپ چىققانسىلەر دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: نەچچە ئاي بۇرۇن بۇ ئورۇن پۇلغا ئىلتىماس قىلغان مەن شۇغۇللىنىۋاتقان ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا 18 ئالىم ئۆزلىرى باھالىغان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەرتىپىنى مۇزاكىرە ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىپتۇ. قانچە ئادەم ئالماقچى بولسا ئاشۇ 18 ئالىم بېكىتكەن تەرتىپ بويىچە پۇل بېرىلىدىكەن.

سانتىياگو شەھىرى

بىز چۈشلۈك تاماق يىگەش قىزغىن پاراڭلاشتۇق. پاراڭلار ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك سوئالنى سورىدىم.

1-سوئال، سىز ئوتتۇرىغا قويغان تۇغما خوندىرىئوسوملۇق (Mitochondrial) كېسەللىكلىرى ئۈستىدە يېڭىچە گېنېتىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) تەرىپىدىن مۇنازىرىگە قويۇلغان ئىدى. (FDA) بۇ تېخنىكا ئۈستىدە قارار چىقاردىمۇ؟ بۇ جەھەتتە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بار؟

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: (FDA) تېخى ئېنىق قارار چىقارمىدى. بىراق بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە بۇ مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولىدۇ. بىز ئاشۇ قارارنى ھازىر ساقلاۋاتىمىز.

2-سوئال، سىز ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىنسانلاردا سىناق قىلماقچى بوپتىكەنسىز، ئەنگلىيە تەرەپتىن قانداق يېڭى ئۇچۇرلار بار؟

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەنگلىيە تەرەپ ھازىر قانۇن چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغىمۇ بىر ياكى ئىككى يىل كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر قارار ئېلىنسا ئىشنى باشلايمىز.

3-سوئال، سىز ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ھەر يىلى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردىن بولغان "تەبىئەت"، "ھۈجەيرە" قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا يۇقىرى سەۋىيىلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىسىز. بۇ يىلمۇ مۇشۇ ژۇرناللارغا ماقالە تاپشۇردىڭىزمۇ ياكى شۇنداق پىلانىڭىز بارمۇ؟ بۇ ماقالىلەر قايسى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ؟

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز بويىچە ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، ماۋۇ ماقالىنى ئېلان قىلماقچى دېسەك ياخشى بولمايدۇ. ئۇنۇڭ ئۈستىگە ژۇرنال تەرەپمۇ ماقالە چىقىپ بولغۇچە ھېچقانداق بىر ئۇچۇرنى سىرتقا بەرمەسلىكنى تەكىتلەيدۇ. بىز يېقىندا يۇقىرىدىكى ژۇرناللارغا بىر قانچە ماقالىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ ئېنقلا زور غۇلغۇلا قوزغايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

4- سوئال، سىز ۋەتەندىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەكېلىپ ئوقۇتۇش خىيالىڭىز بارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە بىۋاسىتە ۋەتەندىن سىزنىڭ قولىڭىزغا كەلگەن تەتقىقاتچىلار يوق؟

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ يېنىمدا ئالىم پولات ئۇكام شىۋىتسىيەنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى بىلەن پوستدوكتور سۈپىتىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ 2 يىللىق ۋاقتى توشقاندا شىۋىتسىيەگە قايتىپ داڭلىق بىر تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. بىراق مەن قىلىۋاتقان تەتقىقاتقا بەكمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەتقىقاتچىلار كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دوكتورلۇقنى چوقۇم تۈگەتكەن بولۇشى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدە نەچچە يىللاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇشى لازىم. ھازىر مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ رەتتە تۇرۇۋاتقانلار ئۆزىنىڭ تەتقىقات پۇلىمۇ بار ھەم دۇنيادىكى داڭلىق ژۇرناللاردا ماقالىلىرى بار تەتقىقاتچىلار. مەن بۇ ساھەدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشۇم ئۈچۈن يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغان تەتقىقاتچىلار بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس، ۋەتەندىن يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغان تەتقىقاتچىلار چىقمايۋاتىدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى پات ئارىدا مەن ئويلايدىغان ئاشۇنداق تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردىن چوقۇم چىقىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ياشلىرى ھەرگىز مەيۈسلىنىپ قالماي قاتتىق تىرىشىشى لازىم.

5-سوئال، باللىرىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، ئوغلۇم ھازىر مەكتىپىدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ. قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ. ئۇنۇڭ ئوقۇشىمۇ بەك ياخشى. ئۇ داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرىمەن دەپ بىر يىلدەك ساناتورىيىدىكى چوڭلارغا ئوقۇشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا قارىدى. ھازىر قىزىم مېنىڭ تەتقىقات ئورنۇمدا تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. قىزىم بىز بىلەن بىرلىشىپ ھۈجەيرە ژۇرنىلىنىڭ بىر تارماق ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلدى. مەن ئۇنۇڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن. بالىلىرىم تەنھەرىكەت بىلەن كۆپ ھەپلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ھەرخىل تەنتەربىيە كۇلۇپلىرىغا ئاپىرىمەن. بالىلارنى كۇلۇپلارغا ئەكىرىپ قويۇپ، ئۇخلىيالمىغان ئۇيقۇنى ماشىنىدا ئۇخلىۋالىمەن.

(ئەسكەرتىش، ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىدىغان تالانتلىق ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ ئۇلارنى نومۇرغا قاراپ تاللاش تەس بولغاچقا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوقۇشتىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە قارايدۇ).

شۆھرەت مۇتەللىپ بىزگە يەنە ئۇنىڭ كورىيە ۋە جۇڭگودىكى (بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى) بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلسا شۇ جايلاردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەردى. بىز دېڭىز بويىدىكى بۇ گۈزەل ئاشخانىدا قىزىق پاراڭلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقماي قاپتۇق. ۋاقىت چۈشتىن كېيىن بىر يېرىمدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. شۇڭا شۆھرەت مۇتەللىپ بىز بىلەن خوشلاشتى. شۆھرەت مۇتەللىپ، ۋەتەندىكى ياشلارغا قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي ياخشى ئوقۇشىنى ۋە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە چوڭقۇر سالام يەتكۈزۈپ قويۇشىنى زۆھرە سىڭلىمدىن ئۆتۈنۈپ تاكسى بىلەن سانتىياگو ئايروپىلان ئىستانسىغا قاراپ يول ئالدى. بىز شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن دېڭىز بويىغا ماشىنىمىزنى توختىتىپ قويۇپ، پىيادە دېڭىز سەيلىسى قىلدۇق. زۆھرە سىڭلىم قىزغىنلىق بىلەن شۆھرەت مۇتەللىپ توغرىلىق ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئېيتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شۆھرەت ئاكام دۇنياغا داڭلىق بىر ئالىم تۇرۇپمۇ بىزگە ۋاقىت ئاجراتقانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەكمۇ كىچىك پېئىل، سەمىمىي ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم. قارىغاندا قانچە بىلىملىك كىشىلەر شۇنچە كەمتەر كىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن مەن ئەمەس پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى پەخىرلىنىدۇ. زۆھرە سىڭلىم ئۆزى سورىغان سوئاللارنى ۋە كۆرۈشكەندىكى تەسىراتلىرىنى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن قەلەمگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى مەكتىپىمىزدە

زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى مەكتىپىمىزنىڭ دەرسخانىسىدا

زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى مەكتىپىمىزنىڭ دەرسخانىسىدا

زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى  ئوتتۇرا  مەكتەپ خىمىيە دەرسخانىسىدا  

زۆھرە سىڭلىم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى  ئوتتۇرا  مەكتەپ بىئولوگىيە  دەرسخانىسىدا

0

تېما

1

دوست

442

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33470
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تاشپۇلاتكا  تۈكۈۋىتىپسىز غۇ تىيما دىگەننى .سالامەت  بۇلۇڭ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

784

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27520
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۈندىداردا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ دەپ خەۋەرلەر تارقىلىپ كېتىپتۇ
لېكىن لايىق

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 3650
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 15:34
ئۈندىداردا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ دەپ خەۋەرلەر تار ...

بۇمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەڭ كەمتەر دېگەن ياپون خەلقىمۇ ھەر يىلى نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشتىن ئاۋۋال مۇنۇ ياپونلۇقلار بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشى مۇمكىن دەپ خۇشال بولۇپ كەڭ خەۋەر بېرىدۇ.  ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيانى 2 قېتىم زىل-زىلغا سالغان ۋە 2013-يىلى بارلىق پەن ساھەلىرى بويىچە دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر 10 ئالىمنىڭ بىرى بولغان ئىنساننىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشى مەنچىمۇ ۋاقىت مەسىلىسىدۇر.  

0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33814
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نوبىل مۇكاپاتىغا بەلكىم 5يىلدىن 10 يىلغچە بولغان ئارلىقتا ئىرشىپ قىلىشى مۇمكىن،ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىرىغا نەتىجە تىلەيلى

0

تېما

0

دوست

788

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7614
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 179
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

0

تېما

0

دوست

443

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۇيغۇرلادا تۇنجى قېتىممۇ؟
تىللىماڭلار بىلمىگەچكە سوردۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )