قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2077

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6463
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
باشلانغۇچ مائارىپ كەسپى مائارىپ پىسخولوگىيىسى
1ـ باب . مۇقەددىمە
     §1 . ئومۇمىيبايان   
مائارىپ پسىخولوگىيىسى _مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدىكى دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى پسىخولوگىيىلىك بىلىش نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىت قىلىدىغان پەن. ئىنسانلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە دائىم دېگۈدەك بىۋاسىتە ياكىۋاسىتىلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز تەسر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .شۇڭا تەلىم _ تەربىيە بىر خىلئىجتىمائىي ھادىسە . ئەمما مائارىپ تەربىيىسى تەربىيىلەنگۈچىلەرنى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ، تەشكىللىك ئاساستا قەدەم _ باسقۇچلۇق ئاساستا تەربىيىلەيدىغانپائالىيەت بولغاچقا، مائارىپ پسىخولوگىيىسىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەردىكى رولىناھايىتى زور بولىدۇ .
   1)پسىخولوگىيىنى ئۈگىنىشنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغانمۇناسىۋىتى
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پسىخولوگىيە بىلەن تەبىئىي ھالداباغلىنىشلىق بولىدۇ . چۈنكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمىتىئوقۇغۇچىلارنى نورمال روھىي ھالەتكە ۋە گۈزەل قەلپكە ئىگە قىلىپ تەربىيىلەپيېتىشتۈرىدىغان خىزمەت بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارنى پسىخولوك ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدېيىشكە بولىدۇ .
دۇنيادا ھېچقانداق كەسىپمەكتەپ تەلىم _ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدەك پسىخولوگىيە بىلەن ئۇنداق زىچباغلىنىشقا ئىگە ئەمەس .ھېچقايسىسى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردەك ئۇنداقئۇزۇن مۈددەت قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلار بىلەنئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ، تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا ، يەنىلا پسىخىك جەھەتتىكىزىچ باغلىنىش بولۇپ ، سانسىزلىغان پسىخىك باغلىنىشلار پسىخىك تور يىپچىلىرىنىھاسىل قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى مانا شۇ تور يىپچىلىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ . مەسىلەن ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ، ئوقۇتقۇچى بىلەنئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇتقۇچى بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى .......
      مەكتەپلەرنىڭ بارلىق ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيەپائالىيەتلىرى ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پسىخىك باغلىنىشقائىگە بولغان تور يىپچىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . پسىخىك جەھەتتىكى بۇنداقباغلىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ،ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك چۇڭقۇر تەسر قالدۇرىدۇ . بەزى تەجىرىبىلىك ئپقۇتقۇچىلار ئەخلاقىناچار ئوقۇغۇچىلار ياكى ناچار سىنىپلار خىزمىتىنى ئىشلەشتە ، ئۇلارنى ھە دېگەندەتەنقىدلىمەي ياكى ئەيىپلىمەي ئەكسىنچە ئىلھاملاندۇرۇش ، كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدائۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىىنى كۆپ سۆزلەش ، سۆسبەتلىشىش ، ياردەم بېرىش بەلكى بەزىكىچىك ئىشلار مەسىلەن ، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش ، بىرلىكتە ساياھەت قىلىش ،قاتارلىقلار ئارقىلىق روھىي ھالەت جەھەتتە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ . بەزىمەشھۇر ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئاتاغلىق ئەربابلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئوقۇتقانئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنتۇلماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئاساسەن ئۇلارنىڭ بالىلىق دەۋرىبىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن پسىخىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلاردا جاۋاپقايتۇرۇش ھېسياتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئىبارەت .
     2) پسىخولوگىيە ئۈگىنىشنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيەخىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم _ تەربىيە خىزمىتىدە پسىخولوگىيە بىلەنمۇناسىۋەتسىز بولغان بىرمۇ خىزمەت يوق . چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق ئوقۇتۇشتەلىم _ تەربىيە تەدبىرلىرىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى چىقىشقىلىنغان بولىدۇ . ھەممىدە بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋەئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغان بولىدۇ .
ئوقۇتۇش جەريانىداپسىخولوگىيە بىلىملىرىدىن تېخىمۇ ئايرىلغىلى بولمايدۇ ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسققانۇنىيىتى ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۆزدە تۇتۇلغانبولىدۇ . ۇچىدا بالىلارنىڭ پسىخىكىسى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش جەريانىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەر قايسى يىللىقلاردا ئوخشاش ھالەتتە بولمايدۇ . مەسىلەن ، باشلانغۇچمەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلارنىڭ بىر سائەت ئىچىدە دىققەت كۈچىنى دەرسكەمەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 10_ 15 مىنۇت ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدۇ .ئوتتۇرا يىللىقتىكى بالىلارنىڭ دىققىتى 20 مىنۇت ، يوقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىڭدىققىتى 25 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلارنىڭ دىققەت كۈچىچېچىلىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىپ دەرسخانە پائالىيىتىنىماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، دەرس سۆزلەش ، دوسكا خېتى ، سۇئاللارغا جاۋاپبېرىش ، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ، ھەتتا ھىكايە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىمۇۋاپىق ھالدا كىرىشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا ئوقۇتقۇچى دەرسمەزمۇنى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئوقۇتۇش مىتودىنىيېتىلدۈرۈشى كېرەك .
   3)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى بىلەن پسىخولوگىيىنىئۈگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى  
مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداقئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرى ئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكىئۆز ئارا رول ئويناش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىكئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە پۈتكۈل ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە پائالىيەتلىرىگەتەسر كۆرسەتمەسلىكى مۈمكىن ئەمەس . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ، تەلىم _ تەربىيە ئېلىپبېرىشتا ئۆزىدىكى پسىخىك ئامىللارنىمۇ شۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىش كېرەك .بىراق نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىلا ئويلاپ ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشىئاز بولىدۇ ، ’باشقىلارنى ‘ ، لېكىن ’ ئۆزىنى بىلمەيدۇ‘ .
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكىپسىخىك ئامىللار ئوقۇتۇش ۋە تەلىم _ تەربىيىدىكى مەركىزى ھالقا .چۈنكى مەكتەپنىڭبارلىق پائالىيىتى كونكرېت ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى ئۇزاقمۈددەت ئوقۇتۇش ، تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، مۇقىم ، تۇراقلىق بولغانئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەشتەك كەسپىي ئاڭغا ، ئوبيېكتقائاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئىقتىدارغا ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەككەسپىي ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتئالاھىدىلىكى بولۇپ ، تەدرىجىي ھالدا ئوقۇتقۇچىنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى بولۇپھىسابلىنىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىك سىنىپ ئىستىلى، ئوقۇغۇچىلارئارا مۇناسىۋەت ۋە بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەزىلىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭمۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ .كەيپىياتى تۇراقسىز ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا دوستانە ، ماس كەيپىياتيارىتالىشى قىيىن . بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆئارا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆپرەك سادىر قىلىدۇ .ئەكسىچە كەيپىياتى تۇراقلىق ،خۇشخۇي ، دوستلۇق  ۋە مۇلايىملىق كەيپىياتىغا تولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىلابىر غايىبانە چاقىرىق بولۇپ ، سىنىپتا ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ،ئوقۇغۇچىلار ئتتۇرىسىدا يولداشلارچە دوستلۇق ئورنىتالايدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىنىڭپسىخىك ئالاھىدىلىكى مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئوقۇتۇشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغانموھىم بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ . شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەيپىياتى ۋەھېسسىياتىنى ئاڭلىق ھالدا كونترول قىلىپ ، ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنجىقېتىم كۆرۈشكەندە ، ئۆزىنىڭ كەيپى خوش ، قىزغىن ۋە ئوچۇق _ يورۇق ئىكەنلىكىنىزېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىشى لازىم .
2§. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ ئوبيېكتى ۋە ۋەزىپىسى
ھەرقانداق بىر پەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەيدا بولغان ۋە تەرەققىيقىلغان ، ھەر بىر پەننىڭ ئۆزىگە خاس ئىزدىنىش ساھەسى ۋە تەتقىقات ئوبيېكتى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پەنلەر ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ھادىسىلەرنى ،پائالىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ’ ھەر بىر پەندىنئۆزىنىڭ شەيئىلەر ۋە شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەر بىلەن بولغان ئومۇمىيباغلىنىشتا تۇتقان ئورنىنى ئېنىقلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ . ‘
1. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى
پىسخولوگىيىسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى - ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ، ئۆزگىرىش ،تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولسا ، مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭتەتقىقات ئوبيېكتى – باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيەئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولغان ياكى دۇچ كەلگەن پىسخىك پائالىيەتلەر ۋەئۇلارنىڭ ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەسىرىدە ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەتلەرنىسېستىمىلىق ئىگىلىشى ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، ساغلامئىندىۋىدۇئال پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ، جىسمانىي سۈپىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىقجەھەتتىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن ئىبارەت .
2. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
مائارىپپىسخولوگىيىسى – ئومۇمىي پىسخولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى ، مانا بۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن پەنلەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىبولۇپلا قالماستىن ، ئۇ ، پسخولوگىيىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. مائارىپ پىسخولوگىيىسى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ، تەلىم ـتەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن . ئۇ ، ئومۇمىيپىسخولوگىيە ، تەرەققىيات پىسخولوگىيىسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيىسىنىڭ تەرىققىياتىئاساسىدا ، ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ، ئىندىۋىدۇئالپىسخىكا توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە ۋە ئۆگىنىش پىسخىكىسى ۋە ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى نەزەرىيەلەرگە تايىنىپ ، مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدىكى پىسخىك پائالىيەت ۋە ئۇلارنىڭقانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ .
دېمەك، ئومۇمىي پىسخولوگىيە ، مائارىپ پىسخولوگىيىسى ، مەكتەپ پىسخولوگىيىسى ۋەتەرەققىيات پىسخولوگىيىسى بىر ـ بىرى بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلىنىشلىق بولۇپلاقالماستىن ، بەلكى پىسخولوگىيىنىڭ باشقا تارماقلىرى بىلەنمۇ مەلۇم ئىچكىباغلىنىشقا ئىگە .
3. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى
مائارىپپىسخولوگىيىسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – ماركسىزم ـ لېنىنىزم ـ ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسىنىڭيېتەكچىلىگىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيە جەريانىدىكى پىسخىك پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ پىسخىكپائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەتەدبىرلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ دىئالېكتىكىلىقمۇناسىۋەتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ، ئېلىمىزمەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىنئىبارەت .
4. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى
1)مائارىپ پىسخولوگىيىسىنى ئۆگىنىش مائارىپ خادىملىرىنىڭ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزملىقدۇنيا قارىشىنىڭ تىكلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .
پىسخولوگىيەبارلىق دىنىي خۇراپاتلىق ئىدىيلەرگە ۋە مېتافىزىك كۆز قاراشلارغا قارشى كۆرەشقىلىشتىكى نەزەرىيىۋى قۇرالللارنىڭ بىرىدۇر .
2)مائارىپ پىسخولوگىيىسىنى ئۆگىنىش ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇتۇشئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ .
مەكتەپلەرنىڭئوقۇتۇش ، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشجەريانىدىكى بىر پۈتۈن پىسخىك پائالىيىتى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنى ئىگىلىۋالغاندىنكېيىن ، پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى تەتبىق قىلىشى كېرەك . يەنى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدا تەربىيەئېلىپ بېرىشى ، ئۆگىنىشكە قىزىقىشتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دىققەت قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللىشى ، كۆزىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەپەككۈر قانۇنىيىتىگەئاساسلىنىپ دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك . ئوقۇغۇچىلارغاتەكرارلاشلارنى ۋە تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ، ئۇلارنىڭ خاتىرە ۋە خىيالقابىلىيىتىگە ئاساسەن ، مۇستەھكەم بىلىمگە ، كۆپ تەرپلىمە ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگەقىلىشنى كۆزدە تۇتۇش لازىم ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ، تەربىيەخىزمىتىدە پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىش كېرەك .
3)مائارىپ پىسخولوگىيىسىنى ئۆگىنىش سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلەشكەياردەم بېرىدۇ . سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىلپائالىيەتلەدىكى پىسخىك قانۇنىيەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئامىلللار تەسىرىدە شەكىللەنگەنپىسخىك ئالاھىدىكلەرنى ئىگىلىۋالغاندىلا ئاندىن ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ئىدىيۋىخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى يېتىشتۈرگىلىبولىدۇ .
ھازىرئېلىمىزدە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ تەسىرىدەمەدەنىيەتلىك ، ئەدەپلىك بولۇپ ، ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ، ئىجتىمائىيئەخلاقنى ھىمايە قىلىدىغان يېڭىچە روھىي قىياپەت بارلىققا كەلمەكتە . لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي پەزىلىتىدە ناچارلىق ،ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ، سىياسىي ۋە پەن ئۆگىنىشىگە قىزىقماي پۇلغا بېرىلىش ،جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىش ھادىسىلىرى ساقلانماقتا . شۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپلەردە سىياسىي ، ئىدىيىۋى خىزمەتتىكى پىسخولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىقۋە ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان كوممۇنىزملىق غايە ۋەمىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشتەك مىللىي غۇرۇر تەربىيىسىنىكىچىكىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش كېرەك .
4. مائارىپ پىسخولوگىيىسى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىشسەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ .
مەكتەپرەھبەرلىكىنىڭ مەكتەپلەرنى ئىلمىي ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يەنىلا پىسخولوگىيەبىلىمى كەم بولسا بولمايدۇ ، يەنى مەكتەپ قۇرۇلۇشى ، ئوقۇتۇش قۇراللىرىنى تولۇقلاش، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك پائالىيەتلىرى قانۇنىيىتىگە قانداق ماسلىشىش ، پىسخىكىلىكگىگىنا تەلەپلىرىگە قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ،خىزمەت ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەش ، بىلىم ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ھالدائورۇنلاشتۇرۇش ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن ئۈستۈن ۋە ئادەتتىكىدىن تۆۋەنئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە قانداق ئېتىبار بېرىش ، ئوقۇغۇچىلارقائىدىسى ، مۇكاپاتلاش ، جازالاش تۈزۈمىنى ئىزچىلللاشتۇرۇشتىكى پىسخىكىلىقمەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ؛ مەكتەپنىڭ تازلىقى ، ساقلىقنى ساقلاشخىزمىتىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار . بۇمەسىلىلەر پىسخولوگىيىنىڭ ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەشكە مۇھتاج . بولۇپمۇرەھبەرلىك ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭئاكتىپلىقىنى قانداق قوزغاش ، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئىلمىي ئىدارە قىلىش كېرەك .
3§. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە
ئاساسىيمەزمۇنى
1. مائارىپ پىسخولوگىيىسىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى
مائارىپپىسخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا قوللىنىدىغان مۇھىم نەزەرىيلەر تۆۋەندىكىچە :ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ، ئىندىۋىدۇئال پىسخىكتەرەققىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىش نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت.
1)ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە
ئېنگېلسئادەم پىسخىكىسىنى ’ يەر شارىدىكى ئەڭ چىرايلىق گۈل ‘ دەپ ئاتىغانىدى . ئادەمپىسخىكىسى دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نېمە ؟ پىسخىكىنىڭ ماددا بىلەن قانداقمۇناسىۋىتى بار ؟ بۇ ، پىسخولوگىيىدە ھەل قىلىدىغان تۈپ مەسىلە ، بۇ مەسىلىلەرتوغرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ،ماتېرىيالىزم بىلەن ئىدېئالىزم ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش بولۇپ كەلدى ،ئىدېئالىستلار ، پىسخىكىنى غەيرىي ماددىي ۋە تەڭداشسىز روھنىڭ پائالىيىتى ،ئالەمدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى دەپ قاراپ ، ’ دۇنيادا روھتىنتاشقىرى نەرسە يوق ‘ دەيدۇ ؛ بەزىلەر ’ كۆڭۈل ئادەمنىڭ ئىلاھىدۇر ‘ دەيدۇ ؛ يەنەبەزىلەر ’ مىڭىنىڭ پىسخىكىنى ھاسىل قىلىشى خۇددى جىگەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجىرتىپچىقارغىنىغا ئوخشاش ‘ دەيدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەرپىسخىك پائالىيىتى ئورگىنى ’ يۈرەك ‘ دەپ قاراپ ، ’ يۈرەكتىن ئىبارەت بۇ ئورگانپىكىر قىلىدۇ ، پىكىر قىلغاندىلا بىلىشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ ‘ دەيدۇ . ئارىستوتىل :’ جان قان بىلەن تەندە ئېقىپ يۈرىدۇ . جان يۈرەكتە تۇرىدۇ ، تەپەككۈرمۇ يۈرەكتەبولىدۇ ‘ دەپ قارىغان .
يۇقىرقىبايان قىلىنغانلار ئىدېئالىزملىق نەزەرىيىدۇر . ئىدېئالىستلار ئالەمدىكىشەيئىلەرنى ئادەم پىسخكىسىدىن پەيدا بولغان قىلىپ قويىدۇ .
ماتېرىيالىستلار: ’ پىسخىكىلىق پائالىيەت ئادەم تېنىنىڭ بىر خىل فۇنكىسىيىسى پىسخىكا بەدەنگەتايىنىدۇ ‘ دەپ قارايدۇ . ئۇلار ، پىسخىكىلىق ئادىسىلەر نېرۋا توقۇلمىلىرىپائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن . لېكىن ماركسىزمدىن ئىلگىرىكىماتېرىيالىستلار ، ساددا مېخانىك ماتېرىيالىستلار ئىدى . ئۇلار دۇنيانىڭ ئەسلى مەنبەسىماددا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئۇلاردا دېئالىكتىك نۇقتىنەزەر يوق ئىدى .مەسىلىگە تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىيالمايتى .
پەقەتدېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزملار بىلەن تارىخىي ماتېرىيالىزملار ئادەم پىسخىكىسىنىڭماھىيىتىنى ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرەلىدى . يەنى پىسخكا مىڭىنىڭ فۇنكىسىيىسى ،مىڭە پىسخىكا ئورگىنى ، پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى ، ئوبيېكتىپرېئاللىق پىسخىكىنىڭ مەزمۇنى ۋە بۇلىقى ، ئادەم پىسخىكىسى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتجىريانىدا پەيدا بولۇپ راۋاجلىنىدۇ . ئادەم پىسخىكىسى ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئادەممىڭىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىنكاسى دېگەن ئىلمىي يەكۈننى چىقاردى .
ھازىرقىئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە : ھايۋاناتلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپمۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەندىلا ، نېرۋا سېستىمىسى پەيدا بولغان . يەنەتۆۋەندەرىجىلىك ئىپتىدائىي ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بولمىغان . كۆپھۈجەيرىلىك ھايۋانلارغا كەلگەندە ئاندىن تاشقى تەسىرنى قوبۇل قىلالايدىغانئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان . ھايۋاناتلار دۇنياسى تەرەققىيقىلىپ كاۋاك تەنلىكلەر باسقۇچىغا كەلگەندە ئاندىن نېرۋا سېستىمىسى پەيدا بولغان .بىراق بۇ خىل نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نېرۋا مەركىزى شەكىللەنمىگەن . ئومۇرتقىلىقھايۋانلار باسقۇچىغا كەلگەندە ، مېڭە ۋۇجۇدقا كېلىپ تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىكئىنكاس شەكلى ئىداراك پەيدا بولغان .
يۇقىرىقىلاردىنشۇنى كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇكى : تەخمىنەن ئۈچ مىليون بەش يۈز نەچچە مىڭ يىلللارئىلگىرى ئادەمسىمان مايمۇننىڭ پائالىيىتى تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئەمگەك ۋە تىلنىڭ تەرەققىياتى مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە يۈكسەكدەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ، مۇكەممەل ئادەم مېڭىسىگە ئايلاندى ، شۇندىن باشلاپپىسخىكا ، ئاڭ پەيدا بولدى . ئەمگەك داۋامىدا پەيدا بولغان تىل ئادەمنى ئۇنىڭئۆزىگە خاس ئىنكاس شەكلى – ئادەم پىسخىكىسى ۋە ئاڭغا ئىگە قىلدى .
دېمەك، ئالىي دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئادەم مېڭىسىنىڭ ئاساسى ماددا . ئادەمپىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئەزا يۈرەك بولماستىن ، بەلكى مېڭە .
پىسخىكا– مېڭىنىڭ فۇنكىسىيىسى ، مېڭە پىسخىكا ئورگىنى ، ’ مېڭىسىز تەپەككۈر ‘ مەۋجۇتئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن مېڭىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە رولىنى توغرائىگىلىشىمىز ، ئادەم پىسخىكىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ ، مېڭە بىلەن پىسخىكىنىڭمۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىشىمىز كېرەك .
(1)ئادەم مېڭىسىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئۇنىڭ رولى
ئادەمنېرۋا سېستىمىسى نۇرغۇنلىغان نېرۋۇنلاردىن تۈزۈلگەن . نېۋرۇن يەنى نېرۋا ھۈجەيرىسىنېرۋا سېستىمىسىنى تۈزگۈچى ئاساسىي قۇرۇلما ياكى فۇنكىسىيە بىرلىكىدىن ئىبارەت .
ھەربىر نېۋرۇن ھۈجەيرە تېنى بىلەن ھۈجەيرە ئۆسۈكچىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىنتۈزۈلگەن . ھۈجەيرە تېنىدە ھۈجەيرە يادروسى بولىدۇ . ھۈجەيرە تېنىدىن ئۆسۈپ چىققانھەر خىل ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆسۈكچىلەر ھۈجەيرە ئۆسۈكچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . ھۈجەيرەئۆسۈكچىسى ، دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ۋە ئوقسىمان ئۆسۈكچە دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ .دەرەخسىمان ئۆسۈكچە ھۈجەيرە تېنىدىن سوزۇلۇپ چىققان نەيچىسىمان سوزۇلما ماددا ، ئۇدەرەخ شېخىغا ئوخشاش شاخلانغان ، ئەمما قىسقا بولىدۇ ، ئۇ ھۈجەيرە تېنى ئەتراپىغاجايلاشقان . ئوقسىمان ئۆسۈكچىمۇ نەيچىسىمان سوزۇلما ماددا . بىراق ئۇ ، دەرەخسىمانئۆسۈكچىگە قارىغاندا ئۇزۇنراق بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى بىر نەچچە مىكرو مېتىردىن بىرمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . ئوقسىمان ئۆسۈكچە نېرۋا تالالىرى دەپ ئاتىلىدۇ .
نېۋرۇننېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ، غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىش ، رەتلەش، يەتكۈزۈش رولىغا ئىگە .
ھۈجەيرەتېنىنىڭ ئاساسىي رولى – ماددا ئالمىشىش ، سىرتتىن كەلگەن سىگنالللارنى قوبۇل قىلىشرەتلەش رولىغا ئىگە .
دەرەخسىمانئۆسۈكچىنىڭ رولى – سىرتقى غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىپ ، نېرۋا قوزغىلىشى پەيدابولغاندىن كېيىن ئۇنى ھۈجەيرە تېنىگە يەتكۈزۈش رولىغا ئىگە .
ئوقسىمانئۆسۈكچىنىڭ ئاساسىي رولى – قوبۇل قىلىنغان غىدىقلاشلارنى ( نېرۋا قوزغىلىشى )ھۈجەيرە تېنى ئارقىلىق نېرۋا مەركىزىگە يەتكۈزۈپ ، سىرتقا جاۋاب قايتۇرۇش رولىغائىگە .
دېمەك، نېۋرۇنلارنىڭ مۇرەككەپ باغلىنىشلىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسى تۈزۈلگەن.
ئادەمنېرۋا سېستىمىسى – مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسىدىن ئىبارەتئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ .
ئادەمنېرۋا سېستىمىسى مۇكەممەل بىر گەۋدە . ئۇنىڭ ھەر بىر تارماق سېستىمىسىنىڭ ئوخشاشبولمىغان سېستىمىسى ۋە رولى بولىدۇ . بىراق چوڭ مېڭە پوستلىقى – پۈتۈن نېرۋاسېستىمىسىنىڭ پائالىيىتىدە تەڭشەش ۋە ئىدارە قىلىش رولىغا ئىگە .
بىرىنچى، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى – مېڭە بىلەن يۇلۇنغا بۆلۈنىدۇ . چوڭ مېڭە ، مېڭىنىڭئالىي دەرىجىلىك قىسمى بولۇپ ، ئۇ پىسخىك پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي ئورگىنى .ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوڭ ۋە سول ئىككى يېرىم شارغا بۆلۈنىدۇ . چوڭ مېڭىنىڭ يۈزىكۈلىرەڭ ماددىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ پوستلاق دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىچىگە چوڭ ـكىچىكلىگى ، شەكلى ، تىزىلىش ئۇسۇلى ، فۇنكىسىيىسى ئوخشاش بولمىغان 14 تىن 15مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى توپلانغان . قۇرامىغا يەتكەن كىشى مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقىئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1400 گرام كېلىدۇ . ئۇ شار شەكلىدە قاتلىنىپ پۈرمىلەنگەنبولۇپ ، باش سۆڭەك ئىچىگە جايلاشقان . پوستلاقنىڭ پېتىنقى قىسمى ئېرىقچە ، كۆپىنكىقىسمى پۈرمە دەپ ئاتىلىدۇ .
چوڭمېڭە يېرىم شارلىرىدىن سول يېرىم شارلارنىڭ فۇنكىسىيىسى ئوڭ يېرىم شارفۇنكىسىيىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ ، چوڭ مېڭە سول يېرىم شار بىلەن شارچىسى دەپقارىلىدۇ . بۇنىڭ فۇنكىسىيىسى ئاساسەن بەدەننىڭ ئوڭ يېرىمىنى باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاساسلىقى تەھلىل تەپەككۈر ، مەركەزلىك تەپەككۈر ، لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈنچىقىرىش ، تىل ئارقىلىق نەزەرىيە سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئەقلىي بۇلىقىنىئاچىدۇ . ئوڭ يېرىم شار ئىجادىيەت شارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ بەدەننىڭ سوليېرىمىنى باشقۇرۇش بىلەن بىرگە ئاساسلىقى تەسەۋۋۇر قىلىش ، مەڭگۈ ئەستە ساقلاش ،ئومۇملاشتۇرۇش ، خىيال قىلىش ، ھېسىياتقا باي بولۇش ، تارقاقلاشتۇرۇپ تەپەككۈرقىلىش ئارقىلىق ئىجادىيەت بۇلىقىنى ئاچىدۇ .
ئالىملارنىڭتەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى : چوڭ مېڭە سول ئوڭ يېرىم شارلىرى ئۆز ئالدىغا مەخسۇسخىزمەت قىلىپلا قالماستىن ، ئۇلار يەنە ئۆز ـ ئارا ھەمكارلىشىدۇ ، بىر ـ بىرىنىتولۇقلايدۇ .
چوڭمېڭە پوستلىقى ئاستىدا ئارىلىق مېڭە ، ئوتتۇرا مېڭە ، كۆۋرۈك مېڭە ، ئۇزۇنچاق مېڭە، كىچىك مېڭە ، يۇلۇن قاتارلىق قىسىملار بولۇپ ، بۇلار تۆۋەن دەرىجىلىك نېرۋامەركەزلىرى ياكى پوستلاق ئاستى مەركەزلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . ئارىلىق مېڭە ، ئوتتۇرامېڭە ، كۆۋرۈك مېڭە ، ئۇزۇنچاق مېڭە – مېڭە سېپى دەپ ئاتىلىدۇ .
يۇلۇن– مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئورنى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىككى خىلفۇنكىسىيىسى بولىدۇ . بىرىنچىسى ، يەتكۈزۈش فۇنكىسىيىسى بولىدۇ . ئىككىنچىسى ،رېفلىكىس فۇنكىسىيى بولىدۇ .
ئىككىنچى، ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى ، مېڭە نېرۋىسى ، يۇلۇن نېرۋىسى ۋە ۋىگىتاتىپنېرۋىلاردىن تەركىب تاپقان .
ئەتراپنېرۋا سېستىمىسىنىڭ بىر ئۇچى مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسىنىڭ مىڭە بىلەن يۇلۇنغائۇلانغان ، يەنە بىر ئۇچى بەدەندىكى ھەمما ئەزالارغا تۇتاشقان . مېڭە بىلەنتۇتاشقان قىسمى مېڭە نېرۋىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ جەمئىي 12 جۈپ بولىدۇ . ئۇ ئاساسەنمېڭىدىن چىقىپ باش ۋە يۈز قىسىمغا تارالغان بولۇپ ، ئۇ ، باش ۋە يۈز قىسمىنىڭھەرىكىتى ۋە سەزگۈلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يۇلۇن بىلەن تۇتاشقان قىسمى يۇلۇننېرۋىسى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ جەمئىي 31 جۈپ بولىدۇ . بۇ ، يۇلۇندىن چىقىپ پۈتۈنبەدەن ، گەۋدە ، پۇت ـ قولللارغا تارالغان بولۇپ ، بەدەن ، گەۋدە سەزگۈسى ۋە پۇت ـقولللارنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . يۇلۇن نېرۋىسى – مەركەزگە ئىنتىلگۈچىنېرۋا تالاسى ۋە مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا تالالىرىغا بۆلۈنىدۇ .
(2)مېڭىنىڭ پائالىيەت ئۇسۇلى
ئادەمنىڭئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش ئۇسۇلىدىن ئېلىپئېيتقاندا ، رېفلېكستىن ئىبارەت . چوڭ مېڭە ، ئورگانىزم بىلەن مۇھىت ئارىسىدىكىتەڭپۇڭلۇقنىڭ ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا تامامەن رېفلېكس ئۇسۇلىدىنپايدىلىنىدۇ . دېمەك ، مېڭىنىڭ ئاساسىي پائالىيەت ئۇسۇلى رېفلىكستىن ئىبارەت .
رېفلېكسدېگىنىمىز – ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانمۇئەييەن غىدىقلاشقا بىلدۈرگەن قانۇنىيەتلىك ئىنكاس پائالىيىتىدۇر .
رېفلېكسنىئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نېرۋا قۇرۇلمىسى رېفلېكس ياي دەپ ئاتىلىدۇ . رېفلېكس يايسەزگۈچى ئورۇن ( رىتسىپتور ) – مەركەزگە ئىنتىلغۇچى نېرۋا – مەركىزىي نېرۋا –مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا – ئېففىكتورلاردىن تەركىب تاپىدۇ . رىتسىپتور ، مەركەزگەئىنتىلگۈچى نېرۋا ، مەركىزىي نېرۋا – ئانالىزاتور دەپ ئاتىلىدۇ . مەركەزدىنقاچقۇچى نېرۋا ، ئېففىكتورلار – ئىجرا قىلغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئادەمنىڭرېفلېكس ھەرىكىتى تاساددىبىي پەيدا بولمايدۇ . ئاددىي ياكى مۇرەككەپ رېفلېكسپائالىيىتى بولسۇن ، سەۋەبىيەت قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ . كۈچلۈك تەسىرى كۈچلۈكرېئاكسىيىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاجىز تەسىر ئاجىز رېئاكسىيىنى پەيدا قىلىدۇ . سازئاۋازى قۇلاققا ياقىدۇ ، شاۋقۇن قۇلاققا خوش ياقمايدۇ ، خۇش پۇراق كىشىنى جەلپقىلىدۇ ، ئاغرىتىدىغان تەسىر كىشىنى قاچۇرىدۇ ۋە باشقىلار ، شۇنىڭ بىلەن تەڭمۇرەككەپرەك رېفلېكس ھەرىكىتى ، نېرۋىنىڭ ئاددىلا بىر قېتىم بىر يۆنىلىش بويىچەئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئورۇندالمايدۇ . بەلكى مەركەزگە ئىنتىلىش ياكى مەركەزدىن قېچىشنېرۋا يولىدا نېرۋا ئىمپولىسىنىڭ قايتىلىنىشى بولىدۇ . نېرۋا ئىمپولىسىنىڭ بۇ خىلقايتىلىنىشى ، يالغۇز مەركەزگە ئىنتىلغۇچى ياكى مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋا ئارلىقىدابولۇپ قالماي ، يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك مەركەزلەر ئارلىقىدىمۇ ئۈزلۈكسىزئىمپولىس قايتىلىنىش بولىدۇ . ئۇنداق بولمىسا چوڭ مېڭە تاشقى ئالەمدىكى شەيئىلەرنىتوغرا ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ توغرا تىزگىنلىيەلمەيدۇ .
ئادەمنىڭبارلىق پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب رېفلېكستىنئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ شەرتسىز رېفلېكسۋە شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
شەرتسىزرېفلېكس – تۇغما ئېرسىيەت ئارقىلىق كەلگەن بولۇپ ، ئۆگەنمەيلا بېلىدىغان رېفلېكسنىكۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : ئېغىزغا يېمەكلىك كىرىشى بىلەنلا تۈكۈرۈك ۋە شۆلگەي كېلىشى، بۇرۇنغا غەيرىي نەرسە كىرىش بىلەنلا چۈشكۈرۈش قاتارلىقلار ... .
شەرتلىكرېفلېكس – ئادەم ياكى ھايۋاناتلار تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدائۆگىنىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان رېفلېكسلارنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : كۇچۇك ياشاشداۋامىدا جېسىملارنىڭ شەكلى ، ئاۋازى ۋە پۇرىقى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەنيېمەكلىك تېپىشنى ، يات ئادەم بىلەن تونۇش ئادەمنى ئۇلارنىڭ قىياپىتى ، ئاۋازىغاقاراپ پەرق ئېتىشنى ، كېچىدىن تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ مەنىسىنى پەرق ئېتىشنى تەدرىجىيئۆگىنىۋالىدۇ .
(3)ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى
ئادەمئورگانىزمىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىپ ئىشلىشى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىتبىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى ، ئادەم نېرۋا سېستىمىسىغا تايىنىدۇ ، بولۇپمۇ چوڭ مېڭەپوستىلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . چوڭ مېڭە پوستىلىقى پۈتۈن پائالىيەتلەرنىئىدارە قىلىدىغان ئەڭ ئالىي تەڭشىگۈچ . ئۇنىڭ پائالىيىتىنى ئادەتتە ئالىي نېرۋاپائالىيىتى دەپ ئاتايمىز .
ئادەمنىڭئالىي نېرۋا پائالىيىتى قارمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىيجەريانغا يەنى قوزغىلىش جەريانى بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانىغا بۆلۈنىدۇ .
قوزغىلىشجەريانى دېگىنىمىز ، نېۋرۇن تەسىرنى قوبۇل قىلغاندا توقۇلمىلارنىڭ ھەرىكەتسىزھالەتتىن ھەرىكەتلىك ھالەتتكە ئۆتۈشى قوزغىلىش دەپ ئاتىلىدۇ .
تورمۇزلىنىشجەريانى دېگىنىمىز ، ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ ھەرىكەتلىك ھالەتتىن ھەرىكەتسىزھالەتكە ئۆتۈشى تورمۇزلىنىش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ . تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭشەكىللىنىشى ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورگان ، مۇسكۇل ، بەزلەرنىڭ پائالىيىتىنىئاجىزلاشتۇرىدۇ ، ھەتتا توختىتىپ قويىدۇ . ئەگەر چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى تامامەنتورمۇزلىنىش ھالىتىگە ئۆتسە ، ئۇ كىشى ئۇخلاپ قالىدۇ ، سىرتقا قارىتا ھېچقانداقئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ . تورمۇزلىنىش – سىرتقى تورمۇزلىنىش ۋە ئىچكى تورمۇزلىنىش دەپئىككىگە بۆلۈنىدۇ .
سىرتقىتورمۇزلىنىش – چوڭ مېڭە پوستلىقىغا سىرتقى تەسىردىن پەيدا بولغان قوزغىلىشنىڭپوستلاقتىكى شەرتلىك رېفلېكس قوزغىلىشنى تورمۇزلاپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەنئوقۇغۇچىلار دىققەت بىلەن لېكسىيە ئاڭلاۋاتقاندا سىرتتىن تۇيۇقسىز ئاڭلانغانقاتتىق ئاۋاز ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان دىققىتىنى توختىتىدۇ . مانا بۇ سىرتقىتورمۇزلىنىش بولىدۇ .
ئىچكىتورمۇزلىنىش – ئىچكى تەسىر كۈچ قوزغىلىش پەيدا قىلغان شەرتلىك غىدىقلىغۇچىكۈچەيتىلمىگەنلىكىتىن تورمۇزلىنىش پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تەكرارلىمىغانلىقتىن ئۇنتۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ . بۇئىچكى تورمۇزلىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر .
2)پىسخىكىغا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى
ئادەممېڭىسى ئادەم پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئورگان . لېكىن ئادەم مېڭىسى خۇددى ئۆتسۇيۇقلۇقنى ئاجىرتىپ چىقارغاندەك   پىسخىكىنىئاجىرتىپ چىقىرالمايدۇ . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئادەم مېڭىسى پەقەت پىسخىكا پەيدا بولۇشىدىكى ماددىي ئاساس ، مېڭىنىڭ ئۆزىلاپىسخىكىنى ھاسىل قىلالمايدۇ ، پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدىلاپىسخىكا ھاسىل بولىدۇ ، ئوبيېكتىپ رېئاللىق پىسخىكا ھاسىل بولۇشنىڭ مەنبەسى ۋەبۇلىقى . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى . بۇ دېئالېكتىكىلىقماتېرىيالىزمنىڭ پىسخىكىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشدۇر .
(1)پىسخىكا ماددىي ئالىي ئىنكاس شەكلى
دۇنيادىكىخىلمۇ خىل ماددىلار ، مەسىلەن : كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ، قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ـ ئوكيان ،ئۆسۈملۈك ، ھايۋانات ، ھاۋا ، نۇر دولقۇنلىرى ، ئاۋاز دولقۇنى ، نېرۋا سېستىمىسى ،مېڭە ، ئادەم قاتارلىقلار ، مەيلى قايسى دەۋر بولسۇن ئادەمنىڭ ئېڭىغا تايانمايمۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئوبيېكتىپ رېئاللىق .
دېئالېكتىكىلىقماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە : دۇنيانىڭ ئەسلى زاتى ماددا ، ماددا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتقىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ .دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددىنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىدىنئىبارەت .
ئادەمپىسخىكىسى بىلەن ھايۋان پىسخىكىسى ماددا تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك باسقۇچلىرىدا پەيدابولغان ئىنكاس شەكلى بولغاچقا ، بۇئىككىسى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەتمۇ بار ،يەنە ماھىيەتلىك پەرقمۇ بار . بۇ ماھىيەتلىك پەرق تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .بىرىنچى ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتى ئاڭلىق ئىنكاس قىلىش بولۇپ ، بۇ خىلئىنكاسنىڭ خاراكتېرى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، پەن ـتېخنىكا ، تەربىيە شارائىتلىرىغا تايىنىدۇ . ھايۋانلارنىڭ بولسا ، ئاڭلىق ئىنكاسئەمەس . ھايۋانلارنىڭ ئىنكاس شەكلىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەبىئىيشارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئىككىنچى ، ئادەم ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىئىنكاس قىلىشتا ئاڭلىق خىيال ۋە تەپەككۈر قىلىدۇ ، كەلگۈسىنى كۆرەلەيدۇ ، ھەمدەھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ ، مەقسىتىگە يېتىدۇ . ئادەم ئاڭلىقئىنكاس قىلىش شارائىتىگە تايىنىپلا قالماستىن ، بەلكى دۇنيانى يارىتىدۇ ، ئەمماھايۋانلارنىڭ ئىنكاسى پەقەت ئۆز تېنىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيىسىنى ئۈزلۈكسىزئۆزگەرتىپ ، شارائىتقا لايىقلىشىش جەريانىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۈچىنچى ،ئادەمنىڭ ئاڭلىق ئىنكاسى ئىندىۋىدۇئال تەجىرىبىلەر بىلەن ئىجتىمائىيتەجىرىبىلەرنىڭ يىغىندىسى . ئادەم تىل ، يېزىق ئارقىلىق ئىلگىركىلەرنىڭ ئىجتىمائىيتەجىرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ، ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلللارغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنىجارى قىلدۇرىدۇ ، ئەمما ھايۋانلارنىڭ تەجرىبىسى پەقەت ئىندىۋىدۇئال تەجرىبە بولۇپ، ئۇلار بۇنى مۇستەھكەملەپ داۋاملاشتۇرالمايدۇ . تۆتىنچى ، ئادەم مەنىلىك ئاڭغا ،مەقسەتلىك يۆنىلىشلىك مەقسەتكە ئىگە ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى ، ئارزۇسىنى ، قىزىقىشىنى، ئېھتىياجىنى بىلەلەيدۇ ، ھەرىكىتى مەقسەتلىك ، يۆنۈلۈشلىك بولىدۇ . ئەمماھايۋانلار مەنىلىك ئاڭغا ئىگە ئەمەس ، دېمەك ، ئادەم پىسخىكىسى ماددىنىڭ ئالىيئىنكاس شەكلى ، بۇ خىل ئالىي ئىنكاس شەكلى ئادەمگىلا خاس بولغان ئاڭدىن ئىبارەتبولۇپ ، ئاڭ پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئەمگەك بىلەن تىلدىن ئىبارەت .
(2)ئوبيېكتىپ رېئاللىق پىسىىكىسىنىڭ ھاسىل بولۇش مەنبەسى
ئادەمپىسخىكىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ، مېڭىدە ئەزەلدىن بارمۇ نەرسە ئەمەس . ئادەممېڭىسى پىسخىك نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى پەقەت ئىمكانىيەت بىلەنلا تەمىنلايدۇ .ئەمما بۇنداق ئىمكانىيەت پەقەتلا ئوبيېكتىپ رېئاللىنىڭ تەسىرى ئاستىدىلارېئاللىققا ئايلىنىدۇ . پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى .ئوبيېكتىپ رېئاللىق دېگىنىمىز ، ئادەم ئېڭىغا تايانمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپتۇرغان بارلىق تەبئىي ھادىسىلەر ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسلىرىدىن ئىبارەت.
ئىجتىمائىيتۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزى – ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرققىيات سەۋىيىسى ،ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، مەدەنىيەت ، پەن ـ تېخنىكا ،تەربىيە شارائىتى ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ، ئادەت قاتارلىقلار ئادەم پىسخىكىسىنىڭپەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر . بۇ ئادەم پىسخىك پائالىيىتىنىڭ پەيدابولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ، ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ شەكىللىنىشىدە بەلگىلەشخاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ . ئادەم پىسخىكىسى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە ئىنكاس شەكلىدۇر. ئەگەر بىر كىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلسا ، تىل ـ يېزىق ئارقىلىق ئىنسانلارجەمئىيىتىنىڭ تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا ، پىسخىكىلىق پائالىيەت ھاسىل قىلىدىغانئادەم مېڭىسىگە ئىگە بولغان بىلەنمۇ ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتى ھاسىل بولۇشىمۇمكىن ئەمەس .
ئادەمكىشىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالسا ، ئادەم پىسخىكىسىنى ھاسىل قىلىدىغانماددىي ئالدىنقى شەرت – ئادەم مېڭىسىگە ئىگە بولغان تەغدىردىمۇ ئادەم پىسخىكىسىھاسىل بولمايدۇ . ئادەم ئادەم بولالماي پەقەت يەككە بىر جانلىق ئىندىۋىدتىنلائىبارەت بولىدۇ .
(3)پىسخىكا ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ سۇبيېكتىپ ئىنكاسى .
ئادەمنىڭبارلىق پىسخىك ھادىسىلىرى ، ھەر بىر كونكرېت ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا پەيدا بولىدۇ .كىشىلەر رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەندە ، ئۇنىڭ بىلىمى ، تۇرمۇش تەجرىبىسى ، پىسخىكپەزىلىتى ، ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىكلىرى ، شۇكىشىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى چۈشىنىشىۋە ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيىسىگە تەبئىي ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنكىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولغان شارائىتتا ، ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىئوخشاش بولمايدۇ . مەسىلەن : مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان بىر تۇتاشتەربىيە تەلىپى ، قولللانغان تەربىيە تەدبىرلىرى ئوخشاش بولسىمۇ ، تۈرلۈكئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشكەن تەربىيە نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، پىسخىكائوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ سۇبيېكتىپ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئوبيېكتىپرېئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغان پىسخىكا ، ئادەمنىڭ بىلىمىگە ، تەجرىبىسىگە ، ئېھتىياج، قىزىقىش ، ھېسىيات ۋە دۇنيا قارىشىغا تايىنىدۇ ، ئۇ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقئالاھىدىلىكىگە ئىگە . ئادەم پىسخىكىسى ئاڭ دەپ ئاتىلىدۇ . ئاڭنىڭپائالىيەتچانلىقى مۇنۇ جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ : كىشىلەر پەقەت مۇھىتقا ماسلىشىشئۈچۈنلا رېئاللىقنى پاسسىپ ھالدا ئەكس ئەتتۈرەلمەستىن ، بەلكى رېئاللىقنى ئەكسئەتتۈرۈش جەريانىدا ئاكتىپلىق كۆرسىتىدۇ . شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنى ئىنكاسئېتىش ئاساسىدا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاچىدۇھەمدە شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن كۆرەلەيدۇ ، رېئاللىقنى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ھالدا ئۆزگەرتىدۇ . ئەمما بۇ خىل سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى ئوبيېكتىپشەيئىلەر تەسىرى پەيدا قىلىدۇ . ئوبيېكتىپ رېئاللىق تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنسۇبيېكتىپ ئىنكاس پەقەت ئىنكاس قىلىنغۇچى ئوبيېكتىپ شەيئىگە ئوخشايدۇ . ئۇ مېڭىنىڭنېرۋا پائالىيىتى جەريانىدا پەيدا بولىدۇ ھەمدە كونكېرت سۆز ھەرىكەت ئارقىلىقئىپادىلىنىدۇ . شۇڭلاشقا پىسخىك ( ئىنكاس ) ھەم ئويېكتىپ بولىدۇ ، ھەم سۇبيېكتىپبولىدۇ .
ئۇنىئوبيېكتىپ بولىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ، ئۇنى ئوبيېكتىپ رېئاللىق پەيدا قىلىدۇ ،ئوبيېكتىپقا ئوخشاپ كېتىدۇ ، شۇنىڭدەك ، مېڭىنىڭ ماددىي جەريانىدا ئەمەلگە ئاشىدۇھەمدە سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ .
ئۇنىسۇبيېكتىپ بولىدۇ دېيىشىمىزدىكى سەۋەب ، ئۇ ھامان كونكېرت ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ھاسىلبولىدۇ ، ھەم شەخسنىڭ بىلىم تەجرىبىسى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىلەنبىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمىزكى ، ئادەمنىڭ رېئاللىق توغرىسىدىكىئىنكاسى بولغان ئادەم پىسخىكىسى ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپ قارمۇ قارشىلىقنىڭبىرلىكىدىن ئىبارەت . ئومۇمەن ئېيىتقاندا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىتوغرا ، ھەقىقىي ئىنكاس ئېتىشتۇر .
سۇبيېكتىپبىلەن ئوبيېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ، تارىختىن بۇيان پەلسەپە ساھاسىدىكىلەرمۇنازىرلىشىپ كېلىۋاتقان چوڭ نەزەرىيىۋى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ .
(3)پىسخىكا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ . تۇرمۇشئەمەلىيىتى ئادەم پىسخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي . ئادەمپىسىىكىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدائەمگەك ، ئۆگىنىش ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ، كىشىلەر ئارا ئالاقە جەريانىداپەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ، ماددىي تۇرمۇششارائىتى ، ئۈستىگە ئلغان ۋەزىپىسى ، قاتناشقان ئەمەلىي پائالىيىتى ئوخشاشبولمىغانلىقتىن ، كىشىلەردە پەيدا بولغان ئاڭمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، ئىندىۋىدۇئالئالاھىدىلىكىمۇ پەرقلىق ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ ، ئوخشاش بولمىغان روھىي قىياپەتشەكىللىنىدۇ . شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ئەمەلىي پائالىيەتجەريانىدا پەيدا بولىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇ . ئادەم پىسخىكىسىنىڭ موللۇقىتۇرمۇشتىكى ئەمەلىي پائالىيەتنىڭ موللىقىغا باغلىق . لېكىن ئادەملەرنىڭپىسخىكىسىدا ئورتاقلىق يوق ئەمەس .
ئەمەلىيەتجەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئىنكاس قىلىشى پاسسىپ ھالدا ئەمەس ،بەلكى ئاكتىپ سۈرئەتتە بولىدۇ . ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەنپائال سۈرئەتتە ئۇچىرىشىپ ، ئۇلار بىلەن ئۆز ئارا تەسىر قىلىشقاندىلا ، ئاندىنپىسخىك پائالىيەت پەيدا بولىدۇ . كىشىلەر ھامان سىرتقى دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەنتەڭ ، ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ ، ئۆزىنىڭ تاشقى دۇنيانى ئىنكاسقىلىشىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ .
ئادەمپىسخىكىسى ئەمەلىيەت جەريانىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيپائالىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ . ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپرېئاللىقنى ئىنكاس قىلىشى ، ئوبيېكتىپ رېئاللىققا تەسىر كۆرسىتىش ئەمەلىيپائالىيىتى جەريانىدا ھاسىل بولىدۇ ، ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن : ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئوبيېكتىپ رېئاللىق قانۇنىيىتىنى بىلىۋالغاندىنكېيىن ، ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلگىنى بويىچە ئۆزگەرتىشپائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . شەيئىنىڭ كەلگۈسىنى ئالدىن كۆرۈپ ئاكتىپپائالىيەتچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئاڭلىق ھالدا تەبىئەتنىئۆزگەرتىش ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش كۆرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . مانا بۇ ئادەمنىڭسۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىق رولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى .
يىغىپئېيتساق ، ئادەم پىسخىكىسى ئادەم مېڭىسىنىڭ مەھسۇلى ، يەنە جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ،ئۇ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ . ئىجتىمائىيتارىخىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ . ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىتەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، تۇرمۇش شارائىتىدىن ھالقىغان پىسخىكا مەۋجۇت ئەمەس .ئادەم پىسخىكىسى ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئوبيېكتىپ دۇنياغاقىلغان سۇبيېكتىپ پائالىيىتىدىن ئىبارەت . پىسخىكا ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپرېئاللىقىنى سۇبيېكتىپ ئاكتۇئاللىق بىلەن ئىنكاس ئېتىشىدۇر . ئادەم پىسخىكىسىئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور تەڭشەش رولىغا ئىگە .
2)ئندىۋىدۇئال پسىخىك تەرەققىيات نەزەرىيىسى
ھەرقانداق ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى بىلەن  ئندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ئېرسىيەت، ئىجتىمائىي شارائىت ، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى قاتارلىقئامىللارغا باغلىق بولىدۇ . فىزىئولوگىيىلىك تەرەققىيات بولۇپمۇ نېرۋاسىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى بىلەن ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭشەكىللىنىشتىكى ماددىي ئالدىنقى شەرت . لېكىن ئۇ ئادەم پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىياتسەۋىيىسىنى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىمەيدۇ .ئادەمنىڭ پسىخىك تەرەققىياتى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى بەلگىلەيدىغانئامىل _ تەربىيە ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدۇر . بۇ ئادەم پسىخىكىسىتەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر . مەكتەپ تەربىيىسى پسىخىكا تەرەققىياتى ۋە ئندىۋىدۇئاللىقىنىڭشەكىللىنىشىدە يېتەكچى ئامىل . ئەمما بۇ يېتەكچى ئامىل ، ئادەمنىڭ ئىچكىئامىلى(بىلىم_ تەجرىبىسى، ئۆز ۋاقتىدىكى پسىخىكىلىك ھالىتى ، سەۋىيىسى قاتارلىقلار) سوبيېكپىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
ئىنسانلارداپسىخىك جەريان بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئوخشىمىغان ئندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك ،تۈمەنمىڭ خىل پەرقلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .مەسىلەن، بەزىلەر ئەدەبىيات _ سەنئەتنىياقتۇرسا ، بەزىلەر تەبىئىي پەننى ياقتۇرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر تەنتەربىيىگە قىزىقىدۇ؛بەزىلەر ماتىماتېكىغا ماھىر بولسا ، بەزىلەر يېزىقچىلىققا ماھىر بولىدۇ .
ئادەمھامان مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدا ياشايدۇ ، ھامان ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ . شۇڭا بىرەر ئادەمنىڭ ئندىۋىدۇئاللىقى ھامانئىجتىمائىي ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ .
ئىجتىمائىيئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ .
دۇنيادائندىۋىدۇئاللىقى ئوپمۇ ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەم بولمايدۇ .خۇددى ’ بىر پالەكتەمىڭ خامەك ، ھەر خامەكنىڭ تەمى بۆلەك‘ بولغىنىدەك .
يىغىپئېيتقاندا ، ئادەم ئالىي دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مەخلۇق ، ئادەم پىسخىكىسى تولامۇرەككەپ بولىدۇ . كىشىلەر ئۆزىلىرىنىڭ بەزى پىسخىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىق ھالدايوشۇرىدۇ ، ھەتتا كۆڭلىدىكىدە ماس كەلمەيدىغان ساختا كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .شۇڭلاشقا بىز بىۋاستە كۆزەتكەن كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلىنىپ ، مەلۇم پىسخىك پائالىيەتئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەجرىبىلىرىمىز بار . مەسىلەن :بىرسى مۇناسىۋەتسىز ھالدا سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىسە ، سىز بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈمقىلكىسىز ؟ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش قېيىن ، ئۇ كىشى سىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ياخشىھېسىياتقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ، ياكى ئۇ كۆڭلىدە سىزنى ئەخمەق بىلىپ مەسخىرەقىلىۋاتقاندۇ ، ھەتتا ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىنىڭ تېگىدە سىزگە نىسبەتەن ھەسەتخورلۇقيوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ئۇنداقبولسا ، ئادەم پىسخىكىسىنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدىغان شۇنچە سىرلىق نەرسىمۇ ؟ ياق، پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەرىكىتىدەھامان ئاز ـ تولا ئىپادىسى بولىدۇ . بىۋاستە ئىپادىسى يوشۇرۇنغان بولسىمۇ ، لېكىنئۇ ھامان ۋاستىلىك ھالدا باشقا جەھەتلەردىن ئازىراق بولسىمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىل ئەتراپلىق ، سېستىمىلىق كۆزىتىپ ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىقبىر كىشىنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال ياكى بىنورمال ئىكەنلىكىنى بىر قەدەربىلىۋالالايمىز .
2_باپ
                          ئۆگىنىشپسىخىكىسى
     ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكىئاساسىي ۋەزىپىسى _ بىلىم ئۆگىنىش . بىلىم _ كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ رىياللىقنىبىلىشىنىڭ نەتىجىسى ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئىچكىباغلىنىشلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنكاسى . بىلىم ئۇمۇمەن تەجرىبە ياكى نەزەرىيەشەكلىدە كىشىلەر مېڭىسىدە ساقلىنىدۇ . ئىنسانلارنىڭ بىلىمى بىۋاسىتە تەجرىبىدىنكېلىپ چىققان . لېكىن كىشىلەر ھەممە ئىشتا بىۋاستە تەجرىبىگە تايىنىشى مۈمكىنئەمەس ، ئەمەلىيەتتە بولسا نۇرغۇنلىغان بىلىملەر ۋاسىتىلىك تەجرىبىنىڭ يەكۈنى .
     ئۆگىنىشيەنىلا بىلىش جەريانى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم دەرسلىكبويىچە پىلانلىق ، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىشى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ بىلىشپائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئۆگىنىش _ ئىلگىرىكىلەرنىڭ بىلىشنەتىجىلىرىنى ئىگىلەش ، ئىلگىركىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆز تەجرىبىسىگە ، بىلىملىرىنىئۆز بىلىملىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت . شۇڭا ، بۇ جەريان ئۇزۇن ھەم قىسقابولىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشىمۇ ئوڭاي ئەمەس . ھەرقانداق بىر بىلىمنىئۇگىنىش جەريانى بىر قاتار مۇرەككەپ پسىخىك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇنىڭ بىر خىلى ئۆگىنىشتىكى ئاكتۇئاللىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن، دىققەت ،ھېسسىيات ، كەيپىيات ،  ئىرادە ۋەباشقىلار . يەنە بىر خىلى تەسەۋۋۇر ، خىيال ، تەپەككۇر قاتارلىقلار . بىرىنچىخىلدىكىسى بىلىش جەريانى بىلەن ئۇنىڭ ئۇنۇمىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىككىنچىخىلدىكىسى ، ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە تاقىلىدۇ . ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداقبولۇشى، مۇشۇ پسىخىك جەريانلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئۆگىنىش جەريانىمۇ ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ . ئۆگىنىش جەريانى ئىككىتەرەپنىڭ يەنى ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاكتىپ پائالىيىتى بىلەن ئەمەلگەئاشىدۇ .
     ئادەتتىكىبىلىش جەريانى ئەمەلىي پائالىيەت داۋامىدا ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكەتەرەققىي قىلىش، ئەقلىي بىلىشتىن يەنە ئەمەلىيەتكە پائال يېتەكچىلىك قىلىش ،جەريانىدۇر . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشىدە كىتابى بىلىم ئاساس قىلىنىدۇ .ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن كىتابى بىلىم بىر خىل ۋاسىتىلىك تەجرىبىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئوقۇغۇچىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىشى ، ئوقۇتقۇچىنىڭبەلگىلىك دەرسلىك بويىچە مەقسەتلىك ، پىلانلىق ئۆگىتىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىنىڭتەپەككۇر قىلىشى ، چۇشىنىش ، ئەستە ساقلاش ۋە ئىشلىتىش قاتارلىق بىلىشپائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇنەلاشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمئۆگىنىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق ، تەشكىللىك ئېلىپبېرىلىدىغان ، بەلگىلىك ، سىستېمىلىق بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەش ، ئوقۇغۇچىنىڭئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئەخلاقىي پەزىلەتنىشەكىللەندۇرۇشنى ۋەزىپە قىلغان ئاڭلىق پائالىيەت .  
   ئۆگىنىشپسىخكىسى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى پسىخىكىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭقانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكىنۇرغۇنلىغان پسىخىك مەسىلىلەر ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ .  
                        1§. ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى
   ئۆگىنىشئاكتىپچانلىقى ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى بىر خىل ئاڭلىق پائالىيەتچان پسىخىك ھالەتبولۇپ ، ئۇ نۇرغۇن پسىخىك ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ . يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسى ، ئۆگىنىشكە قىزىقىش ، ئۆگىنىش جەريانىدىكى دىققەت ھالىتى قاتارلىقلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
1.ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش
1)ئۆگىنىش مۇددئىاسى
مۇددىئا_ ئادەمنى بەلگىلىك مەقسەتكە يېتىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىشقا ئۇندەيدىغان ئىچكى سەۋەپ.
       ئۆگىنىشمۇددىئاسى _ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۇرىدىغانئىچكى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچ . مۇددىئا ئېھتىياجدىن تۇغۇلىدۇ . دېمەك ، ئۆگىنىشمۇددىئاسى بىر خىل ئۆگىنىش ئېھتىياجىدىن ئىبارەت .
ئۆگۈنىش مۇددىئاسى بىلەنئۆگىنىش مەقسىتى ھەم بىر–بىرىدىن پەرقلىقلىنىدۇ، ھەم بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىكبولىدۇ.
ئۆگىنىش مەقسىتى– ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشتە ئېرىشىدىغان نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولسا ئوقۇغۇچىنىمۇئەييەن مەقسەتكە يېتىشكە ئۈندەيدىغان ئىچكى سەۋەپتۇر. ئوخشاش ئۆگىنىش مەقسىتىگەئىگە ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ ئوخشاش بولۇشى ناتايىنئۆگىنىش مۇددىئاسى ئوخشاش بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىتىمۇ ئوخشاشبولماسلىقى مۈمكىن.
   ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ پسىخىكىلىق تەركىبى ئاساسەنئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاستە قىزىقىشتىنئىبارەت.
ئۆگىنىشتىكى ئاڭلىقلىق دېگىنىمىز، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىگەبولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئۆگىنىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيىسى بىلەنھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
  ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاستە قىزىقىش دېگىنىمىز، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بىلىۋېلىشئۈچۈن ھاسىل بولغان ئىنتىلىش بولۇپ، دۇنيانى بىلىشكە،پەننىي بىلىملەرگەئېرىشىشكە،ھەقىقەتنى تېپىشقا بولغان بىر خىل خاھىشتىن ئىبارەت.
  جەمئىيەت ۋە مائارىپنىڭئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتا قويغان تەلىپىنىڭ دائىملىقلىق، مەزمۇنغا بايبولۇشى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددئىاسىنىڭ مۈرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولۇشىنىبەلگىلەيدۇ. ئوخشىمىغان ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشىمىغان مۇددا بولىدۇ. ھەتتا بىرئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئوخشىمىغان مۇددىئالار ئارلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. پسىخولوگىيەتەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە؛ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئىگە؛ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەلىپىنىقاندۇرۇش، ئاتا–ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، ياخشى نومۇر ئېلىش،ساۋاقداشلىرىدىن كېيىن قالماسلىق، مۇكاپاتقا ئېرىشىش، پىئونىر ۋە ئىتتىپاقئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسسىياتى، ۋەتىنىمىزنى تۆتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشئۈچۈن ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاش، يوقىرىمەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش، ئالىم بولۇش، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىشقاتارلىقلار.
   2) ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
   (1)ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مۇددىئاسىنى ئالاقە خاراكتېرلىك مۇددىئاغائايرىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى مۇشۇ ئىككى خىل مۇددئىانىڭمەركىزىدە ھاسىل بولىدۇ. ئۆگىنىش پائالىيىتىدە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.
ئالاقەخاراكتېرلىك مۇددىئا ئەڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مۇددىئا بولۇپ، بۇ خىلمۇددىئا ئۆگىنىش جەريانىدا مۇنداق ئىپادىلىنىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ياخشىكۆرگەن ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇشنى خالايدۇ. ئەمما ، ئۆزى ياخشى كۆرمىگەنئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئۆگىنىشنى رەت قىلىدۇ.
  (2) مۇددىئا مەزمۇنىنىڭخاراكتېرىگە ئاساسەن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنكېلىدىغان توغرا مۇددىئا ۋە خاتا شەخسىيەتچىل ئۆگىنىش مۇددىئاسى دەپ ئايرىشقابولىدۇ. مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېتىلدۈرۈشكە،خاتا ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېڭىشىغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەك.
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىغا بىر تەرەپلىمە ھالدا توغرا ياكى خاتا دەپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ. بۇنىتوغرا تەھلىل قىلىش كېرەك. نومۇر ئۈچۈن ئۆگىنىش شەخسىيەتچىلىك نۇقتىسىدىنبولغاندا، توغرا مۇددىئا دىيىشكە بولمايدۇ، لېكىن
ئوقۇغۇچىلاربۈگۈنكى ئۆگىنىشىمىز ئەتىكى ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دەيدىغان ئالدىنقىشەرت ئاساسىدا تىرىشىپ ئۆگىنىش لازىملىقىنى ئېنىق تونۇغان بولسا، مۇنداق مۇددىئانىخاتا دېيىشكە بولمايدۇ.
   (3) ئۆگىنىشمۇددىئاسىنى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگەقاراپ ۋاسىتىلىك ئۆگىنىش
مۇددىئاسىۋە بىۋاستە ئۆگىنىش مۇددىئاسى دەپ ئايرىشقىمۇ بولىدۇ.
   ۋاسىتىلىكئۆگىنىش مۇددىئاسى– ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولمىغانمۇددىئانى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن؛ كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىش ياكىئۆزىنىڭ كېلەچەكتىكى چىقىش يول ئۈچۈن بولغان مۇددىئا، بۇ خىل مۇددىئا جەمئىيەتبىلەن ئائىلە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي ئاڭ بىلەن بىۋاستەباغلىنىشلىق بولىدۇ.
   بىۋاسىتەئۆگىنىش مۇددىئاسى– ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولغان مۇددىئابولۇپ، بۇ ئېھتىمال ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاسىتە قىزىقىش ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭتەقدىرلىشى ياكى جازالىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە ياكى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بىلەنبىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ.
   (4) ئوقۇغۇچىئۆگىنىش مۇددىئاسى رولىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ئۇزۇن– قىسقىلىقىغا قاراپ، ۋاسىتىلىكيىراق مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى، بىۋاستە يېقىن مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسىدەپ ئايرىشقا بولىدۇ......
ۋاسىتىلىكيىراق مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى _ بۇنداق مۇددىئا ئىجتىمائىي ئەھمىيەت بىلەنباغلىنىشلىق بولىدۇ . بۇ ئىجتىمائىي تەلەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىكى ئىنكاسى .مەسىلەن ؛ كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشنى ۋەتىنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشلىرىبىلەن باغلاپ ئۆگىنىدۇ . ئۇلار كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ تۆھپەيارىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ . ئاز ساندىكىلەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، شەخسىيەتچىلىكبىلەن شەخسىي نام، مەنپەئەت ئۈچۈن ئۈگىنىدۇ . بۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشىنىڭئەھمىيىتىنى بىلىش بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا يىراقنى كۆرەلىگەن ئالىيجاناپ غايە بىلەنشەخسىيەتچىلىك مەقسىتىنىڭ بار _ يوقلۇقى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى بىلەن يېقىنمۇناسىۋەتلىك مۇددىئالاردۇر . بۇ خىل مۇددىئالار شەكىللەنگەندىن كېيىن تۇراقلىققاۋە ئۇزۇن مۈددەتلىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ، ئوڭايلىقچە ۋەزىيەتتىكى تاسادىپىيئامىللار سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ .
   بىۋاسىتەيېقىن مەنزىرىلىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى ، بۇنداق ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئۆگىنىشپائالىيىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ . ئۆگىنىشكە بىۋاسىتە قىزىقىش ،ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش مۇشۇ خىلمۇددىئالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسىلەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا دەرسىكىشىنى مېڭسىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈكتۇرىدۇ دەپ قاراپ ، ماتېماتىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .بەزى ئوقۇغۇچىلار ئانا تىلغا باي ۋە ئۇستا بولغانغا يەتمەيدۇ دەپ قاراپ تىل _ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ . بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغانسۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈنلا تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . بەزىلەر ئالىي مەكتەپكە كىرىشئۈچۈنلا تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . بۇ خىل مۇددىئالار كونكرېت بولىدۇ . بەلكى ئەمەلىيئۈنىمىمۇ بولىدۇ . لېكىن، ئۇنىڭ رولى قىسقا ، ۋاقىتلىق بولۇپ تۇراقسىز بولىدۇ.ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزگىرىدۇ . بۇنداق تۈرگە ئايرىشنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆگىنىش مۇددىئالىرىنىڭ رولىنى ئانالىز قىلىش ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ياردىمى بار .لېكىن بۇ ئىككى خىل مۇددىئانىڭ بولۇشنى مۈتلەقلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .
   3) ئۆگىنىشكەبولغان قىزىقىش
   قىزىقىش _مەلۇم شەيئى ئۈستىدە پائال ئىزلىنىش ياكى مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشخاھىشىدىن ئىبارەت . ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىش ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىياكى ئۆگىنىش ئوبيېكتىنى بىلمەكچى بولۇش ياكى ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلىش خاھىشى بولۇپ، بۇنداق خاھىش بەلگىلىك ھېسىيات بىلەن باغلانغان بولىدۇ . ئادەمدە قىزىقىشبولىدىكەن ، مەلۇم شەيئى ياكى پائالىيەتكە نىسبەتەن مۇئەييەنلەشكەن پوزىتسىيسىنىئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن ، ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچى ھەر ۋاقىت ئەدەبىيئەسەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . مۇزىكىغا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچى مۇزىكىغا دائىرخەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ . . . شۇ جەھەتتىكى بىلىملارنى ئىلاجى بارئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ . شۇ سەۋەبتىكى بەزىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئىختىساسلىق ئادەمبولۇشنىڭ ’ باشلىنىش نۇقتىسى ‘ دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
ئۆگىنىشكەبولغان قىزىقىش – ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىدىكى ئەڭ رېئال ، ئەڭ جانلىق پىسخىك تەركىببولۇپ ، ئۇ ، ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشى كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا باغلىق بولىدۇ . بۇنداق ھالەتباشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئەڭ روشەن ھالدا ئىپادىلىنىدۇ ، بىرەر ئوقۇغۇچىمەلۇم پەنگە قىزىقىپ قالسا ، ئۇ ھەر قاچان ئاكتىپ ۋە تەشەبۇسكار بولىدۇ . خۇشال ـخۇرام ئۆگىنىدۇ . ئۆگىنىشنى ئېغىر يۈك ، دەپ ھېساب قىلمايدۇ . بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئوقۇغۇچى شەكىل ئۈچۈنلا زومۇ زور ئۆگىنىدۇ . مەسىلەن ، بىر ئوقۇغۇچىنى خەنزۇتىلى ئۆگىنىشكە ئانچە قىزىقمايدۇ ، دەيلۇق . ئۇ تىل ئۆگىنىش باشقا مىللەتلەرنىڭئىلغار پەن ـ تېخنىكىسىنى ، ئىلغار ئىدىيىسىنى ۋە ئۆز ئارا تىل يېزىق ئالاقە ئېلىپبېرىشىنىڭ مۇھىم شەرتى ئىكەنلىكىنى ، ئۆز يېزىقىمىزدا نەشىر قىلىنغانماتېرىيالللارنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنلا ، تىرىشىپخەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بەل باغلايدۇ . بۇ يەردە ئۇ تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىگە ئەمەس ،باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ، پەننى بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ، مىللىتىمىزنىڭ شان ـ شەرىپىگەتۆھپە يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتىگە ، پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ ئەقلىي ، ئەخلاقىي ، جىسمانىيۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتىشكەن ئىختىسالىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىغاقىزىقتى ، شۇڭا تىرىشىپ ئۆگەندى ۋە ئۆگەنمەكچى بولدى . مانا شۇ چاغدىلا خەنزۇ تىلىئۆگىنىشنى جاپالىق ھېس قىلماستىن ، بەلكى خۇشاللىق دەپ ھېس قىلدى . نەتىجىدە بۇئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ئۆگىنىشكە قىشىقىھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
ئۆگىنىشكەقىزىقىش – بىۋاستە قىزىقىش ، ۋاستىلىك قىزىقىش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . بىۋاستەقىزىقىش دېگىنىمىز ، شەيئىنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجى چۈشۈشتىن كېلىپ چىققان قىزىقىشنىكۆرسىتىدۇ . ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۆگىنىۋاتقان بىلىمنىڭ مەزمۇنى ،دەرسنىڭ جانلىقلىقى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى پەيدا قىلغان قىزىقىش بىۋاستە قىزىقىش دەپئاتىلىدۇ .
ۋاستىلىكقىزىقىش دېگىنىمىز ، مەلۇم شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزىقىش ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭكەلگۈسىدىكى نەتىجىسىنى ئېھتىياجلىق دەپ ھېس قىلىشتىن كېلىپ چىققان قىزىقىشنىكۆرسىتىدۇ . يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئاڭلىقلىقى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق بولغانقىزىقىشىدىن ئىبارەت . بۇنداق قىزىقىش مەلۇم شەيئى جەريانىنىڭ قوزغىتىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بىزگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشتىن پەيدابولىدۇ .
4)ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلللار .
ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش پائالىيىتى داۋامىدا ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىبىر ـ بىرىگە زىچ باغلىنىپ ، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئوقۇغۇچىلاردىكىتىرىشىپ ئۆگىنىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسى ، ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىشتۈرۈش ۋەكۈچەيتىشكە ياردىمى بولىدۇ . ئۆگىنىش داۋامىدىكى بۇنداق قىزىقىش ئۇنىڭ ئەسلىدىكىئۆگىنىش مۇددىئاسىغا نىسبەتەن مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ . بىراق ،ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىشنىڭ بولۇشى ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى ناتايىن .
ئۆگىنىشمۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئېھتىياجنى ئاساسقىلىدۇ . ئېھتىياج تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئىككى تۈرلۈكبولىدۇ : بۇنىڭ بىرى فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج .
5)ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاساسىي شەرتلەر .
(1)ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئېنىق ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولغاندا ، ئۆگىنىشكە قىزىقىشئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن باغلىنىپ كېتىدۇ .
(2)قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشى بىلىم ئىگىلەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىگە باغلىق بولىدۇ .
(3)قىزىقىشنىڭ شەكىللىنىشى بىلىش بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ ئۈزلۈكسىزچوڭقۇرلىشىغا باغلىق بولىدۇ .
6)ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سۇبتېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپئامىلللار .
ئۆگىنىشمۇددىئاسى جەمئىيەتنىڭ ۋە تەربىيىنىڭ ئوقۇغۇچىغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىمېڭىسىدىكى ئىنكاسى بولغانلىقىدىن ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى جەمئىيەت ۋە تەربىيىنىڭئوبيېكتىپ شارائىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئالئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت سۇبيېكتىپ جەھەتتىكى شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ .
يىغىپئېيتقاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى شەكىللىنىش جەريانىدا ئوبيېكتىپبىلەن سۇبيېكتىپ ئىككى تەرەپ ئامىلىنىڭ تەسەرىگە ئۇچرايدۇ .
(1)ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەلىم ـ تەربىيە تەسىرى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىيتۇرمۇش ۋە تەلىم ـ تەربىيە شارائىتى ئوقۇغۇچىقىغا ئوخشاش بولمىغان تەلەپلەرنىقويىدۇ . ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى پەيداقىلىدۇ .
(2)ئائىلە ، جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭشەكىللىنىشىدىكى رولى .
جەمئىيەتنىڭتەلىپى كۆپ ھالللاردا ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ .خۇسۇسەن تۆۋەن يىللىقلاردا تېخىمۇ شۇنداق . ئوخشاشمىغان ئائىلىلەر ۋە ئائىلىنىڭجەمئىيەتتىكى ئورنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە بىۋاستە رولئوينايدۇ .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى ئۆگىنىشمۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، ئۇلارنىڭ ئۆگنىش مۇددىئاسىنىڭشەكىللىنىش جەريانىدىمۇ بەلگىلىك پەرقلەر بولىدۇ .
7)ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى ۋە ئۆگىنىشنى يېتىلدۈرۈش .
ئوقۇغۇچىنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشى ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلمەيدۇ . بەلكى ، ئائىلە ،جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ئارقىلىق مەقسەتلىك ، پىلانلىق يېتىشتۈرۈش ۋەقوزغىتىش ئارقىلىق پەيدىنپەي شەكىللىنىدۇ ، مۇستەھكەملىنىدۇ . جەمئىيەتتە ھەر خىلتەسىرلەر ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ۋە تەربىيە ئارقىلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك .
(1)ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدىكى تەربىيە ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغائىلھام بېرىش كېرەك .
(2)ئەسلىدىكى مۇددىئانى كۆچۈرۈشتىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش ئېھتىياجىنىپەيدا قىلىدۇ .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك بىلىم ئىزلەش ئارزۇسى بىلەن ئۆگىنىشكە قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكېرەك .
(4)ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ ، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك .
8)ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قىزىقىشنى قوزغاش .
(1)ھەر سائەتلىك دەرسنىڭ كونكرېت مەقسىتى بىلەن بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشلازىم .
(2)ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن ئۇسۇلى يېڭى بولۇشى كېرەك .
(3)مەسىلە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقائىلھاملاندۇرۇش .
(4)مۇۋاپىق ھالدا مۇسابىقىنى قانات يايدۇرۇش .
(5)ئۆگنىش نەتىجىسىنىڭ قايتما تەسىرىدىن پايدىلىنىش .
(6)باھا ۋە تەلەپ ئارقىلىق مۇۋاپىق تەغدىرلەپ رىغبەتلەندۈرۈش .
2. ئۆگىنىشتىكى دىققەت ھالىتى
ئوقۇغۇچىنىڭئۆگىنىش ۋاقتىدىكى دىققەت ھالىتى ، كەيپىيات ھالىتى ، ئىرادە ھالىتى ۋە تەپەككۇرھالىتىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىتىكىئاكتىپچانلىقىدىكى پىسخىك ھالەت . بىز بۇ يەردە ، دىققەت ۋە دىققەت قانۇنىيىتىنىڭئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش جەھەتتە قوللىنىش مەسىلىسى ئۈستىدىلا توختىلىپ  ئۆتىمىز .
1)دىققەت ۋە ئۇنىڭ تاشقى ئىپادىسى
بىزچەكسىز خىلمۇ خىل شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر بىلەن تولغان مۇرەككەپ ، ئۆزگىرىشچانرېئال دۇنيا ئىچىدە ياشايمىز . ئەنە شۇ تۈرلۈك تۈمەن خىلمۇ خىل شەيئىلەر ۋەھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ماددىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولۇپ ، بۇلار بىر ـبىرىگە ئۆزگىرىپ ، بىر ـ بىرىگە باغلانغان ھالدا ھەر ۋاقىت بىزنىڭ سەزگۈئەزالىرىمىزغا تەسىر قىلىپ ، دىققىتىمىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . كىشىلەر سەگەكھالەتتە ھامان يا ئۇنداق ، يا مۇنداق پىسخىك پائالىيەتلەردە بولىدۇ . شۇڭا ،دىققەت ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ .
دىققەتدېگىنىمىز ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭ مۇئەييەن بىر ئوبيېكتىغا قارىتىلىشى ۋەبىر نۇقتىغا مەركەزلىك ھالدا توپلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ .
ھەممەۋاقىت بىلىش پائالىيىتىگە دىققەت قاتنىشىدۇ ، يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشلەن دىققەتبولغاندىلا ، ئاندىن ئۆگىنىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلىبولىدۇ ، ھەمدە ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇڭا ، مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭدىققىتىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك .
2)ئىختىيارسىز دىققەت بىلەن ئىختىيارىي دىققەتنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى
دىققەت– ئاڭلىق بولۇش ـ بولماسلىققا ، ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىش ـ كۆرسەتمەسلىككەقاراپ ئىختىيارسىز دىققەت ۋە ئىختىيارىي دىققەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
(1)ئىختىيارسىز دىققەت دېگىنىمىز ، ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولمىغان ، تەبئىي پەيدابولىدىغان دىققەت بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ .
(2)ئىختىيارىي دىققەت دېگىنىمىز ، ئالدىن كۆزلىگەن مەقسەت بولغان ، بەلگىلىك ئىرادەتىرىشچانلىقى تەلەپ قىلىدىغان دىققەتنى كۆرسىتىدۇ . ئىختىيارىي دىققەت ئاڭلىقبولىدۇ . بەلگىلىك ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ ، ئىختىيارىيدىققەتكە مۇناسىۋەتسىز توسالغۇلار كاشىلا قىلغان ئەھۋالدىمۇ مەركەزلىشىپ ، تۇراقلىشىپقالىدۇ ، چۈنكى بۇنىڭغا ئاڭلىقلىق ، ئىرادە تىرىشچانلىقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
3)دىققەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش .
دىققەتيالغۇز ئۆگىنىش پائالىيىتىدىلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن ، بەلكى خىزمەت ۋە كۈندىلىكتۇرمۇشىمىزدىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . روشەنكى ، ئۆگىنىش ۋە بارلىق پائالىيەتلەردەكىشىلەر ھامان ئۆزلىرى مەسئۇل بولىۋاتقان پائالىيەتلەرگە دىققىتىنىمەركەزلەشتۈرگەندىلا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىدراكىدا ئىپادىلەنگەن ئوبرازىنىڭ ئوچۇق ،مۇكەممەل ، خاتىرە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ، پىكىر يۈرگۈزگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغاكاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
(1)ئىختىيارسىز دىققەت قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش .
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي دىققىتىنى يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش .
(3)ئىككى خىل دىققەتنىڭ بىر ـ بىرىگە ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش .
2§. ئۆگىنىش جەريانىدىكى سەزگۈ ـ ئىدراك قىلىش
پائالىيىتى
ئۆگىنىشھېسسىي بىلىشتىن باشلىنىدۇ . ئۆگىنىش جەريانىدا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈ ـ ئىدراكقىلىش پائالىيىتى ، شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرىنى ۋە دەرسلىكتىكى قائىدىلەرنى چۈشىنىشبىلەن ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ، دەرسلىكتىكى ئاساسىي نەزەرىيىنىيەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن ، زۆرۈر بولغان ھېسسىي ماتېريالللار بىلەنتەمىنلەش رولىنى ئوينايدۇ .
1. سەزگۈ ـ ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇر
سەزگۈـ ئىدراك قىلىش پائالىيىتى ئۆگىنىش جەريانىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى سۈپىتىدە ، نۇرغۇنپىسخىك ئامىلللارنىڭ بىرلىكتە رول ئوينىشى ئاساسىدا ئىشقا ئاشىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭئاساسىي پىسخىك تەركىبىي سەزگۈ ـ ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت . ئىدراك قىلىش ـسەزگۈ بىلەن ئىدراكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ، تەسەۋۋۇر بولسا ئەينى ۋاقىتتا ، قايتايارىتىلغان خىيال بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ .
1)سەزگۈ ۋە ئىدراك
سەزگۈ– كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدۇر .
ئىدراك– كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدىن ئىبارەت .
سەزگۈبىلەن ئىدراك بىلىش جەريانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ ، ئۇلارمۇ باشقا پىسخىكجەريانلارغا ئوخشاش ، ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىق دۇنياسىدىكى ئىنكاسى .ئەتراپىمىزدىكى رېئال دۇنيادا بىپايان تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان سانسىزلىغان شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر بار . دۇنيادىكىخىلمۇ خىل شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ماددىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر .ئەنە شۇ خىلمۇ خىللىق بىلەن بىر پۈتۈنلىكنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتكۈل ئالەمنىڭ بىر ـبىرىگە باغلانغان ، بىر ـ بىرىگە ئۆزگىرىدىغان چەكسىز بولغان ماددىي بىرلىكنىماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش بويىچە ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق بىلىشىمىزگە ،ئىگىلىشىمىزگە ۋە ئۆزگەرتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .
سەزگۈ– ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى سۇبيېكتىپ ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ شەكىلجەھەتتە سۇبيېكتىپ بولىدۇ . مەزمۇن جەھەتتە ئوبيېكتىپ بولىدۇ . بۇلارنىڭ رولىجەھەتتىن قارىغاندا ، شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپلىقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ سۇبيېكتىپئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . سەزگۈ بولمايدىكەن ، ئىنسانلارنىڭشەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توغرا بىلىشىمۇ بولمايدۇ . كىشىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدائوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ، بۇ شەيئىلەر ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغاتەسىر كۆرسىتىدۇ . كىشىلەر بۇ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتى ۋە بىر پۈتۈنلىكىنى ،شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشقا شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . كىشىلەرنىڭكۆز ئالدىدىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى ( مەسىلەن ، رەڭگى ،پۇرۇقى ، قاتتىق ـ يۇمشاقلىقى ) توغرىسىدىكى ئىنكاسى سەزگۈ ، دەپ ئاتىلىدۇ .
سەزگۇ– ئىدراك ، مەلۇم غىدىقلىغۇچنىڭ سەزگۇ ئەزالىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدابولڭدۇ . غىدىقلىغۇچنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى ياكى مۇرەككەپ غىدىقلىغۇچ سەزگۈئەزالىرىمىزغا بىۋاستە تەسر كۆرسەتكەندە ، نېرۋا توقۇلمىلاردا قوزغىلىش ھاسىلبولڭدۇ .بۇ قوزغىلىش مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ئارقىلىق ، چوڭ مېڭەپوستىلىقىمىزنىڭ مۇناسىپ رايونىغا بارغاندا ، سەزگۈ ۋە ئىدراك پەيدا بولىدۇ . بۇجەرياننىڭ ئاناتومىيىلىك فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى سەزگۈ ئەزالار ، مەركەزگەئىنتىلگۈچى نېرۋا ۋە چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مۇناسىپ رايونى قاتارلىق ئۈچ قىسىمنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ئانالىزاتۇر دەپ ئاتىلىدۇ .
ئىدراك_ كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىدەپەيدا بولىدۇ . كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيىتىئىچىدە بىر خىل ئانالىزاتۇرىنىڭ پائالىيىتى يېتەكچى رول ئوينايدۇ . ئېدراك قىلىشتايېتەكچى رول ئوينىغان ئانالىزاتۇرنىڭ پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، ئىدراكنىڭتۈرلىرى ، كۆرۈش ئىدراكى ، ئاڭلاش ئىدراكى ، تەم ئىدراكى ، پۇراق ئىدراكى ، تېگىشئىدراكى ، ۋە ھەرىكەت ئىدراكى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . بىز بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپئادەتتىكى ئېدراك دەپ ئاتايمىز . بۇلاردىن باشقا شەيئىلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكىئىدراكمۇ بار . مەسىلەن ؛ زامان ئىدراك ۋە ماكان ئىدراك ۋە باشقىلار . ئادەمنىڭئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى تېزدىن ئېنىق ئىدراك قىلىشى ئىدراكنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىككەئىگە ئىكەنلىكتىن ئايرىلمايدۇ . ئادەم شەيئىلەرنى سەزگەن _ ئىدراك قىلغاندا ، ھامانبەزى شەيئىلەرنى تاللاپ ئوبيېكتى قىلىدۇ . بۇ ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى دەپئاتىلىدۇ . ئىدراكنىڭ تاللاشچانلىقى بولمىسا ، ئوبيېكتنى ئارقا كۆرىنىشتىن ئايرىپچىققىلى ، ئېنىق ئىدراكقا تېز ئېرىشكىلى بولمايدۇ . چۈشىنىشچانلىق ئىدراكنىڭ يەنەبىر ئالاھىدىلىكى ، ئۇ ، شەيئىنى ئىدراك قىلغاندا ، ھامان بۇرۇنقى بىلىم ۋەتەجرىبىگە ئاساسەن ئۇنى چۈشىنىشى ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشى ۋە ئۇنى مۇئەييەنشەيئىلەر سىستېمىسىغا كىرگۈزىشى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ئىدراكقىلالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئىدراكنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ، بىر پۈتۈنلۈكتىنئىبارەت . ئىدراكنىڭ ئوبيېكتى نۇرغۇن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەر ياكى قىسىملاردىنتۈزۈلگەن مۈرەككەپ غىدىقلىغۇچىدۇر . شەيئىلەرنى ئىدراك قىلغاندا ، ئايرىم قىسىملاربويىچە ئەمەس ، بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە ئىدراك قىلىمىز . ئىدراكنىڭ يەنە بىرئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تۇراقلىقلىقىدۇر . ئىدراك تۇراقلىقلىقى ئىدراكنىڭ شەرتلىرىئارقىلىق (كىچىكلىشىش نىسبىتى ، يورۇتۇلۇش دەرىجىسى ) قاتارلىقلار ئۆزگەرگەندە ،ئىدراك ئوبيېكتنىڭ چۇڭلۇقى ، شەكلى ۋە رەڭگى يەنىلا نىسپىي ھالدا ئۆزگەرمەيتۇرىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئىدراكنىڭ بۇنداق تۇراقلىقلىقى ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپشەيئىلەر توغرىسىدا ھەقىقىي ئىدراكقا ئىگە بولۇشىغا پايدىلىق .
كۆزىتىش__ سەزگۈ _ ئىدراكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە شەكلى ، ئۇ مەقسەتلىك ، پىلانلىق ،باسقۇچلۇق ، سەزگۈ _ ئىدراك پائالىيىتىدۇر .مەسىلەن ؛ ئوقۇغۇچىلار خىمىيە - فىزىكابىلىملىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتكۈچ تەجرىبىسىنىكۆرۈشكە ، قايتا ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ . مۇشۇنداق مەلۇم مەقسەتلىك ۋەزىپىنىنەزەردە تۇتۇپ ، مەلۇم بىر ئالاھىدە شەيئىنى ئىنچىكە ، ئەتراپلىق سېزىش ئىدراكقىلىش ، كۈزىتىش ھېسابلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش پائالىيىتى مەقسەتلىك ،پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىكۆرسەتكەن تەجرىبىنى ياكى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېكسكۇرسىيە ، زىيارەت ئارقىلىقئوبيېكىتنى كۈزىتىشكە مۇھتاج بولۇپ قالماستىن ، بەلكى ئوقۇتقۇچى تەمىنلىگەن كۆرسەتمىلىكماتېرىياللار ۋە باشقا ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتلارنىمۇئەستايىدىل كۈزىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ . بۇنداق كۈزىتىش پائالىيىتى تەپەككۇر بىلەنباغلىنىشلىق بولىدۇ . شۇڭا ، بەزىدە كۈزىتىش ’ تەپەككۇرلۇق سەزگۈ _ ئىدراك ‘ دەپمۇئاتىلىدۇ .
2)تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيال
تەسەۋۇر– بىز ئىلگىرى ئىدراك قىلغان شەيئىلەر ئوبرازىنىڭ مېڭىمىزدىكى ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ، ئىدراك قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھېسسىي ئوبرازدىن ئىبارەت .
ئىدراكبىلەن تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ .
ئىدراك– كۆز ئالدىمىزدىكى سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا بىۋاستە تەسىر قىلىۋاتقان مېڭىمىزدىكىئىنكاسىدۇر . تەسەۋۋۇر بولسا ، بۇندىن بۇرۇن بىلگەن ، كۆرگەن كۆز ئالدىمىزدابولمىغان شەيئىلەر ئوبرازىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر .
تەسەۋۋۇرخىيال – مېڭىمىزدە تەسەۋۋۇرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەكىللەنگەنيېڭى ئوبرازدۇر . تەسەۋۋۇر خىيال دېگىنىمىز ، تەسەۋۋۇر ئاساسىدا باشقىلارنىڭ سۆزىياكى يازما بايانىغا ئاساسەن ، ئۆزى ئىدراك قىلمىغان شەيئىلەر ئوبرازىنى تەسەۋۋۇرقىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن : ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ سۆزىگە ياكى يازمابايانىغا ۋە سۆرەتلىك تەسۋىرىگە ئاساسەن ، چۆل ـ جەزىرە ، دېڭىز ـ ئوكيان ،جەنۇبىي قۇتۇپ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپچىقالايدۇ . شەيئىلەرنىڭ مۇشۇنداق پەيدا بولغان يېڭى ئوبرازى تەسەۋۋۇر خىيالدىنئىبارەت .
تەسەۋۋۇر، تەسەۋۋۇر خىيال ۋە ئىدراك گەرچە ئوخشاش كۆرسەتمىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ،كۆرسەتمىلىك جەھەتتە بۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ . تەسەۋۋۇر ئىدراكتىن تۇغۇلىدۇ، ئىدراكقا ئوخشاش ئوبرازلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ، تەسەۋۋۇر ئىدراكقا ئوخشاش ئۇنداقروشەن ، مۇكەممەل ۋە مۇقىم بولمايدۇ . لېكىن ، تەسەۋۋۇر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنجەھەتتە ئىدراكتىن كۆپ جىق ۋە كۆپ مول بولىدۇ . تەسەۋۋۇر ئىدراك نەتىجىلىرىنى كۆپقېتىملاپ سېنتىزلاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇ ئىدراكقا قارىغاندا تېخىمۇ زوردەرىجىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە بولىدۇ . چۈنكى ، تەسەۋۋۇر ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .شەيئىلەرنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي بولغان ، يەنە كېلىپ كۆرسەتمىلىككە ياتىدىغانبەلگىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، ئۆي ـ ئىمارەت توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر مەلۇمبىر خاس ئۆي ـ ئىمارەتلەرنىڭ ئوبرازى ئەمەس . بەلكە ھەر خىل ئۆي ـ ئىمارەتلەرنىڭتاشقى بەلگىلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان ئوبرازىدۇر . تەسەۋۋۇر خىيال بولسا ،شەيئىلەرنىڭ بىۋاستە ئىدراك قىلىشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، پەيدا بولغان ئوبرازىنىكۆرسىتىدۇ . يەنى ، تەسەۋۋۇر خىيال سۆزلەر ھەققىدىكى تەسۋىرى بايانغا ياكى نۇسخا ،مودىل ، بەلگە قاتارلىقلارنىڭ بىشارىتىگە ئاساسەن ، مېڭىدە يېڭى ئوبراز پەيداقىلىدىغان پىسخىك جەرياندىن ئىبارەت . مەسىلەن : بىناكارلىق ئىشچىلىرى قۇرۇلۇشچېرتيۇژىغا ئاساسەن بىنانىڭ ئوبرازىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ، ماشىنا لاھىلىگۈچىلەرماشىنىنىڭ چېرتيۇژىغا ئاساسەن ماشىنىنىڭ ئوبرازى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى خىيالىدىنئۆتكۈزىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇر خىيال ھېسابلىنىدۇ .
يۇقىرىقىلارئوخشاش بولمىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا ، بىلىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدىغانرولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .
2. ئوقۇتۇشنىڭ كۆرسەتمىلىك شەكىللىرى
ئوقۇغۇچىلارئۈچۈن بىلىم ۋاستىلىك تەجرىبە . بۇنداق بىلىملەرنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئۈچۈن ،مۇناسىۋەتلىك ھېسسىي ماتېرىياللارنىڭ ياردىمىگە تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي بىلىملىرى كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئاساسىدا سەزگۈ ـ ئىدراك ،تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالللارغا ئوخشاش پىسخىك پائالىيەتلەردىن كېلىدۇ .كۆرسەتمىلىك شەكىللەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكلىرى بولىدۇ . بۇ ئالاھىدىلىكلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشرولىنى ئوينايدۇ . بىز تۆۋەندە ئوقۇتۇشنىڭ بىر قانچە كۆرسەتمىلىك شەكىللىرى بىلەنتونۇشۇپ ئۆتىمىز .
1)ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى
ئەمەلىيبۇيۇم كۆرسەتمىسى ، رېئال ئەمەلىي نەرسىلەرنى سېزىپ ـ ئىدراك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن : ئوقۇتۇشتىكى كۆرسەتمە ئەۋرىشكىلەرنى كۆزىتىش ، تەجرىبە ئىشلەش ،ئېكسكۇرسىيە قىلىش ، زىيارەت قىلىش ، پىراكتىكا قىلىش ، دەرستىن سىرتقىپائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ، ئوقۇتۇشنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشقاتارلىقلار ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى ھېسابلىنىدۇ .
2)ئۆرنەك كۆرسەتمىسى
ئۆرنەك– ئەمەلىي شەيئىلەرنىڭ مودېلى ۋە سۈرئىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . مودېل ۋە سۈرەت شەيئىلەرنىڭتەقلىدىي بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ . سۈرەت رەسىم ، دىئاگرامما ، مودېل ۋە كۆلەڭگەچۈشۈرۈش ئاپاراتى ، كىنو ، تېلىۋىزور قاتارلىقلار ئۆرنەك كۆرسەتمىسىگە كىرىدۇ
ئۆرنەككۆرسەتمىلىكىدە ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن ، ئەمەلىي بۇيۇمنىچوڭايتىپ ۋە كىچىكلىتىپ كۆزىتىشكە ، مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، مۇھىمبولمىغان جايلارنى قىسقارتىۋېتىشقا بولىدۇ .
3)تىل كۆرسەتمىسى
تىلكۆرسەتمىسى ئاساسەن تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالىغا تايىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارئەسلىدىن بار بولغان ھېسسىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا تىل بىلەن بايان قىلىش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە ئالاقىدار شەيئىلەر ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈش تەسەۋۋۇرلۇقكۆرسەتمە دەپ ئاتىلىدۇ ، مەسىلەن : بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلارنى تىل ئارقىلىق بايانقىلىپ ، ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە تونۇشلۇق ھېس قىلدۇرۇش . . . ئوقۇتقۇچى دەرسلىكنىئوبرازلىق ئوخشىتىش جانلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلار مېڭىسىدە شەيئىلەرنىڭئەينى ئەھۋالىنى گەۋدۈلەندۈرۈپ بېرىش ۋەھاكازالار .
3. سەزگۈ ـ ئىدراك قانۇنىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش
كۆرسەتمىلىكئوقۇتۇش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەزگۈ ـ ئىدراك تەسەۋۋۇر ، تەسەۋۋۇر خىيال قاتارلىقپىسخىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، سەزگۈ ـ ئىدراك قانۇنىيىتىنى توغرا تەتبىق قىلىشى كېرەك .كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى سەزگۈ ـ ئىدراك قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىللەشۋە تەتبىق قىلىشى كېرەك .
1)كۆزىتىش مەقسىتى ۋە باسقۇچى ئېنىق بولسا ، سەزگۈ ـ ئىدراك شۇنچە روشەن بولىدۇ .
ئىنسانلارئوبيېكتىپ رېئاللىقتىكى شەيئىلەر ئىچىدىن سېزىپ ئىدراك قىلىش مۇمكىن بولىدىغانئوبيېكتنى ئېنىق ئايرىۋالىدۇ . بۇ سەزگۈ ـ ئىدراك پائالىيىتىدىكى ئىدراكنىڭ تالاشچانلىقئالاھىدىلىكى بولۇپ ، ئىدراكنىڭ تالاشچانلىقى سەزگۈ ـ ئىدراكقا بويسۇنىدۇ .كۆزىتىشتىكى مەقسەتچانلىق قانچە ئېنىڭ بولسا قەدەم باسقۇچلىرى قانچە روشەن بولسا ،سەزگۈ ـ ئىدراك شۇنچە ئېنىق بولىدۇ .
كۆزىتىش– مەقسەتلىك ، پىلانلىق سەزگۈ ـ ئىدراك پائالىيىتى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىشقابىلىيىتى ئاساسەن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ، تەرەققىي قىلىدۇئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزۈتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىلازىم .
(1)ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىڭ كۆزىتىش مەقسىتىگە ئىگە قىلىش لازىم .
(2)مۇۋاپىق تەرتىپ بويىچە كۆزەتكۈزۈش .
(3)ئوقۇغۇچىلارنى سېلىشتۇرۇشقا يېتەكلەش .
(4)ئوقۇغۇچىلارغا كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسىنى يازغۇزۇش لازىم .
2)ئوبيېكت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە قانچە گەۋدىلىك بولسا ، شۇنچە ئاسان ئىدراك قىلىنىدۇ.
ئارقاكۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئوبيېكتنى گەۋدىلەندۈرۈش ئىدراكنىڭ تالللاشچانلىقى بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئوبيېكت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە قانچە گەۋدىلىك بولسا شۇنچەئاسان ئىدراك قىلىنىدۇ . ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئوبيېكتنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋەتالللاش ، ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شەرتلەرگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن ، بەلكىئوبيېكت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ پەرقى ، غىدىقلۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ھەر قايسىقىسىملارنىڭ بىرىكىشى ، ھەرىكەتچانلىققا دائىر قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشىمىزغا توغراكېلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن :
(1)ئوبيېكتىپ ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن بولغان پەرقىنى كۈچەيتىش كېرەك .
(2)ئوبيېكتىنىڭ ھەرىكاتچانلىقىنى كۈچەيتىش .
(3)غىدىقلىغۇچىنىڭ ئۆزىدىكى ھەر قايسى قىسىملارنىڭ بىرىكىشىدىن پايدىلىنىش كېرەك .
3)ئوبراز بىلەن تىل بىرلەشتۈرۈلگەندە ، سەزگۈ ـ ئىدراك تېخىمۇ تېزلىشىدۇ ۋەمۇكەممەللىشىدۇ .
(1)ئەمەلىي بۇيۇم كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆرنەك كۆرسەتمىسىدە ، ئوبراز بىلەن تىل ئايرىلىپكەتسە ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي ھېسسىي بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇمۇرەككەپ مۇھىت ئىچىدە ، ئوبيېكتنىڭ تاشقى بەلگىلىرى روشەن بولمىغاندا ، تىلنىڭرولى ئىنتايىن مۇھىم .
(2)تىل كۆرسەتمىسىدە ، ئەگەر تىل بىلەن ئوبراز ئايرىۋېتىلسە ، يەنى ئوبرازلاشقانتىلدا تەسەۋۋۇر كەمچىل بولسا ، ئوقۇغۇچىلاردا تەسەۋۋۇر خىيالىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىقىيىنغا توختايدۇ . ئوقۇغۇچىلار زۆرۈر تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولغاندىلا ، ئاندىنئوبرازلاشقان تىل تەسۋىرى ئارقىلىق ، تەسەۋۋۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ياكى قايتائۆزگەرتىپ ، شەيئىلەرنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىدۇ .
4)كۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ ماس پائالىيىتى سەزگۈ ـ ئىدراك ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ .
ئوبيېكتىپشەيئىلەر كۆپىنچە ، كۆپ خىل خۇسۇسىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ غىدىقلىغۇچبولغانلىقتىن ، بىزنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى سەزگۈ ـ ئىدرىكىمىزمۇ دائىمكۆپ خىل ئانالىزاتۇرلارنىڭ ماس پائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . كۆرسەتمىلىكئوقۇتۇشتا ئوبيېكتنى سېزىش ـ ئىدراك قىلىش پائالىيىتىگە بىر ۋاقىتتا ، كۆپ خىلئانالىزاتۇرلار قاتناشتۇرۇلسا ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپلىمە ھېسسىي بىلىملەرگەئىگە قىلىپلا قالماي ، بەلكى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇشقا بولىدۇ . مەسىلەن :ئوقۇغۇچىلارنى لېكسىيە يازدۇرغاندا ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ، يەنە بىر تەرەپتىنيېزىش بىلەن شۇغۇلللاندۇرغاندا ، كۆرۈش سەزگۈسى ، ئاڭلاش سەزگۈسى ، ھەرىكەتسەزگۈسىنى تەڭ ئىشقا سالىدۇ . سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ .
3§. ئۆگىنىشتىكى چۈشىنىش
ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگۈنىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ، دەرسلىكنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت . سەزگۈ ـ ئىدراكئاساسىدا دەرسلىكنى چۈشىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش جەريانىدىكى مەركىزىيھالقىسى .
چۈشىنىشدېگىنىمىز ، ئەمدى بىلمەكچى بولغان يېڭى شەيئى توغرىسىدىكى بىلىمنى ، مېڭىمىزدەبار بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئۆزلەشتۈرۈش ، سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت بولغانپىسخىكىلىق جەرياندىن ئىبارەت . چۈشىنىش جەريانىدا چۈشەندۈرمەكچى بولغان يېڭىشەيئىنى ياكى بىلىمنى ، ئەسلى بىز بىلىدىغان ياكى مېڭىمىزدە بار بولغانمۇناسىۋەتلىك سەزگۈ ـ ئىدراك ماتېرىياللىرى ياكى بىلىم سېلىشتۇرۇپ ، ئۇلارئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ياكى ئوخشىماسلىقنى تېپىۋالغان ۋاقتىمىز ، چۈشىنىشئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتىدۇر . دېمەك ، چۈشىنىشنىڭ ئاساسى ئەسلىدىكى سەزگۈ ـ ئىدراكماتېرىياللىرى ۋە ئەسلىدىكى بىلىمدۇر .
دەرسلىكنىچۈشىنىش دېگىنىمىز ، دەرسلىكتە بايان قىلىنغان ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چۈشىنىش ،شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
1. ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇر
دەرسلىكنىچۈشىنىش – دەرسلىكتە بايان قىلىنغان ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چۈشىنىش ، شەيئىلەرنىڭماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ . چۈشىنىش بىلىم ھاسىل قىلىشجەريانىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى سۈپىتىدە ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكتىكىشەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى چۈشىنىش بىلەن ئاساسىينەزەرىيىلەرنى ئىگىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداقلا چۈشىنىش ئۆزىنىڭ ئەمەلگەئېشىشىنىڭ قېيىن ۋە ئاسانلىقىغا قاراپ ، بىۋاستە چۈشىنىش ۋە ۋاستىلىك چۈشىنىش ،دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ . بىۋاستە چۈشىنىش دەرھال ئەمەلگە ئاشىدۇ . ۋاستىلىكچۈشىنىش بولسا تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدۇ ، ئۇ بۇرۇن چۈشىنىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ئەسكەچۈشىشىدىن ئىبارەت ؛ ئۇنىڭغا چۈشەنمەسلىكتىن چۈشىنىشكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بىرجەريان لازىم بولىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان چۈشىنىش دېگىنىمىزدە ، يېڭى ئوقۇشماتېرىياللىرىنى ۋاستىلىك چۈشىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئۇ سەزگۈ ـ ئىدراك ، تەسەۋۋۇرۋە تەسەۋۋۇر خىيال ئاساسىدا تەپەككۇر جەريانىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
1)تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بەلگىسى
تەپەككۇردېگىنىمىز ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى ۋاستىلىك ۋەئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى بولۇپ ، ئۇ ئەقلىي بىلىش جەريانىدۇر . ۋاستىلىك ،ئومۇمىيلىق ۋە پائالىيەتچانلىق تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپھېسابلىنىدۇ .
تەپەككۇر– سەزگۈ ـ ئىدراك ، تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالغا ئوخشاش ، ئادەم مېڭىسىنى ئوبيېكتىپرېئاللىق توغرىسىدىكى ئىنكاسىدۇر . بىراق سەزگۈ ـ ئىدراك ، تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇرخىيال قاتارلىقلار ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىق توغرىسىدىكى بىۋاستەئىنكاسى ، كۆرسەتمىلىك ئىنكاسدۇر . تەپەككۇر بولسا ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپرېئالىق توغرىسىدىكى ۋاستىلىك ، ئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى . سەزگۈ ـ ئىدراك ،تەسەۋۋۇر ۋە تەسەۋۋۇر خىيالنىڭ ئىنكاس قىلىدىغىنى شەيئىلەرنىڭ سرتقى ھادىسىلىرىدىنئىبارەت ، تەپەككۇرنىڭ ئىنكاس قىلىدىغىنى ، شەيئىلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانئالاھىدىلىكى ، ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ، قانۇنىيەتلىك باغلىنىشى ۋەمۇناسىۋەتلىرىدىن ئىبارەت .
ماھىيەتدېگىنىمىز ، بىر تۈردىكى شەيئىلەردە ئورتاق بار بولغان ، شۇ تۈردىكى شەيئىلەربىلەن باشقى تۈردىكى شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خاس خۇسۇسىيەتتىن ئىبارەت. شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش جەريانى تەپەككۇر ھېسابلىنىدۇ .
بارلىقئىلمي ئۇقۇم ، قائىدە ، تېئورما ، پرىنسىپ ، قانۇنىيەت ، فورمۇلا قاتارلىقلارئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىلىك ئومۇملاشقان ئىنكاس ۋە تەپەككۇرپائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ .
2)تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي ۋە قۇرالى
تەپەككۇر– ئەسلىدە بار بولغان بىلىم تەجرىبىلىرىنى ئۆزىگە ئاساس قىلىدۇ ، تىلنى قۇرالقىلىدۇ .
تەپەككۇر– سەزگۈ ـ ئىدراك ، تەسەۋۋۇرلارغا ماھىيەت جەھەتتە ئوخشىمايدۇ . لېكىن ، سەزگۈ ـئىدراك ، تەسۇۋۋۇرلارغا تەپەككۇرنى زۆرۈر بولغان ماتېرىيالللار بىلەن تەمىنلەيدۇ .تەپەككۇر پائالىيىتى ئەسلىدىكى بىلىم تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەگەرمەلۇم ھېسسىي ماتېرىيالللار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەقلىي بىلىملار ئاساس قىلىنمىسا ،تەپەككۇر ۋاستىلىك ۋە ئومۇملاشقان بىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس .
تەپەككۇرنىڭۋاستىلىك ۋە ئومۇملاشقان ئىنكاسى تىلنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا پىكىر يۈرگۈزگەندە ياكى باشقىلار بىلەن تىل ئارقىلىقبىرەر ئويىمىزنى ئېيتماقچى بولۇپ ئالاقە قىلغاندا ، بەلگىلىك تىل ماتېرىيالىئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ .
تەپەككۇربىلەن تىل زىچ باغلىنىشلىق . تىل كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىش قۇرالى .شۇنداقلا تەپۇككۇرنىڭ ئاساسىي قۇرالى ، كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆز ئارا پىكىرئالماشتۇرىدۇ . تىلنى ئىگىلىگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مەسىللەر ئۈستىدە تىلئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزىدۇ ، تەپەككۇر قىلىدۇ . تەپەككۇردىكى ئومۇملاشتۇرۇش سۆز ۋەئىبارىلەر ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ . چۈنكى ، سۆز بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان، لېكىن ، ئورتاق ۋە ئومۇمىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە نۇرغۇن شەيئىلەرنىڭ سىگنالى ، يەنىئومۇملاشقان سىگنال . ھەر بىر سۆز بىر خىل شەيئى ياكى بىر خىل مۇناسىۋەتنىڭئومۇملاشتۇرۇلۇشى ، شۇڭا سۆزنىڭ ياردىمى بىلەن شەيئىلەردىكى ئومۇمىي ۋە ماھىيەتلىكنەرسىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇملاشقان بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز .
3)تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي جەريانى
تەپەككۇرشەيئىلەرنىڭ تۇپ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ، سېنتىزلاش ،سېلىشتۇرۇش ، ئابستراكتلاش ، ئومۇملاشتۇرۇش ، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇشئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
شەيئىلەرنىڭماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ئىنسانلار تەپەككۇرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىشقائاشىدۇ . بۇ ئەسلىدە بار بولغان بىلىم تەجرىبىلەرنى ئاساس ، تىلنى قۇرال قىلىپ ،مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالللار ئۈستىدە كۆپ باسقۇچلۇق ئانالىز قىلىش سېنتىزلاش ،سېلىشتۇرۇش ، ئابستراكتلاش ، ئومۇملاشتۇرۇش ، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە سېستىمىلاشتۇرۇشقاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .
(1)ئانالىز قىلىش
شەيئىلەرنىڭئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ھەر قايسى قىسىملارغا ئاجرىتىش ياكى بىر پۈتۈن جېسىمنىڭئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋە ئايرىم تەرەپلىرىنى پارچىلاپ چىقىشتىن ئىبارەت .
(2)سېنتىزلاش
سېنتىزلاشدېگىنىمىز ، شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر ـ بىرىگە باغلاشتىن ئىبارەت .
(3)ئابستراكتلاش
بىرخىل تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ۋە ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاجرىتىۋېلىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(4)سېلىشتۇرۇش
شەيئىلەرنىڭخۇسۇسىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنىئېنىقلاشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(5)ئومۇملاشتۇرۇش
ئابستراكتلانغانشەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر ـ بىرىگە باغلاش ھەمدە ئۇنىشۇ تىپتىكى شەيئىلەرگە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(6)كونكرېتلاشتۇرۇش
ئومۇملاشتۇرۇلغانئومۇمىي بىلىشنى كونكرېت شەيئىلەرگە تەتبىق قىلىش ، شۇ ئارقىلىق چۈشەنچىنىچوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
(7)سىستېمىلاشتۇرۇش
ئومۇمىيۋە ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئوخشاش شەيئىلەرنى مۇئەييەن تۈر ۋە سىستېمىغا ئايرىش ۋەيىغىنچاقلاش جەريانىدىن ئىبارەت تەپەككۇر جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .
2. دەرسلىكنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى
تەپەككۇردەرسلىكىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسىي پىسخىك جەريانى بولغاچقا ، تەپەككۇر قانۇنىيىتىگەمۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن زۆرۈربولغان بىر نەچچە نۇقتىلار توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
1)يېڭى دەرسلىكنى چۈشىنىش تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا باغلىق .
تەپەككۇرمەسىلىدىن باشلىنىپ ، يەنە مەسىلە ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ .ئادەم مەلۇم مەسىلىگە دۇچ كەلگەندىلا تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مەسىلە ھەل قىلىدۇ . تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقىمەلۇم ئەمەلىي مەسىلە بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ . تەپەككۇر پائالىيىتىنى ئاكتىپقانات يايدۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكنى ئوڭۇشلۇق چۈشىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى .شۇڭا، ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلە تېپىشقا رىغبەتلەندۈرسەك، ئۇلاردا مەسىلەھەل قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ دەرسلىكنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكەتۈرتكە بولغىلى بولىدۇ . مەسىلە بولغاندا، ئۆگىنىشتە تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىقبارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
2)يېڭى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى چۈشىنىشتە كونا ـ يېڭى بىلىملەرنىڭ باغلىنىشىغا تايىنىش.
تەپەككۇركۆپىنچە ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان بىلىم تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .زۆرۈرى بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇش تەپەككۇر پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قاناتيايدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى . يېڭى بىلىمنى ھامان كونا بىلىم بىلەن باغلاش لازىم .شۇنداق قىلغاندىلا، تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىكقىلغىلى بولىدۇ . بۇ يېڭى بىلىمنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم تەپەككۇرنىڭئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرىدۇ .
3)يېڭى دەرسلىكنى چۈشىنىشتە تىلنىڭ ياردىمىگە تايىنىش .
تىلھەم تەپەككۇرنىڭ ھەم چۈشىنىشنىڭ مۇھىم قۇرالى . تىلنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرقىلىشى ۋە چۈشىنىشكە بولغان تەسىرى ئېغىز تىلى ، يازما تىلى ۋە ئىچكى تىلى يەنى (ئاۋاز چىقارمايدىغان تىل ) قاتارلىق ئۈچ شەكىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ئۇلارتەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىشتە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئوقۇتۇشتائوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى تىلنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەپەككۇرتەرەققىياتى ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
(4)يېڭى دەرسلىكنى چۈشىنىش توغرا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشنىتەلەپ قىلىدۇ .
ئۆگىنىشجەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، توغرا تەپەككۇرئۇسۇلىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشنىمۇ ئۆگىتىش لازىم . بۇنىڭ بىلىمنى چۈشىنىشنىڭ تېز –ئاستىلىقى ۋە چۇڭقۇر – تېيىزلىكى شۇنىڭدەك بىلىش قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشبىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ . بىلىش قابىلىيىتى باشقىلاردىن ئۈستۈنبولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى چۈشىنىش قابىلىيىتىنىڭ يوقۇرى بولۇشىمۇئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك . تەپەككۇر ئۇسۇللىرىخىلمۇ – خىل بولۇپ، تەپەككۇر جەريانلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
3. ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى چۈشىنىشنىڭ ئومۇمىي جەريانى
ئىلمىيئۇقۇم ۋە قائىدىلەر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتى توغرىسىدىكىبىلىملەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ، ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيان دۇنيانى بىلىش ۋەدۇنيانى ئۆزگەرتىش تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ، دەرسلىكلەردىكى نەزەرىيىۋىبىلىملەر مەلۇم ئىلمىي ئۇقۇم بىلەن قائىدىلەرنىڭ مۇئەييەن مۇناسىۋەت ۋەباغلىنىشلىرى بىلەن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇقۇم ئۇنىڭ  بىلىم بۆلىكى  ، قائىدەبولسا  بىلىمبۆلەكلىرى،  ئوتتۇرىسىدىكىباغلىنىشلاردىن شەكىللەنگەن .
ئۇقۇمدېگىنىمىز ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىئەكس ئەتتۈرىشتىكى تەپەككۇر شەكلىنى كۆرسىتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭئىلمىي ئۇقۇم ، قائىدىلەرنى چۈشىنىشى دائىم ھېسسىي بىلىشتىن باشلىنىدۇ . ھېسسىيبىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش ، يەنى ئەقلىي بىلىشتىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشجەريانىنى قوللىنىدۇ . بۇ تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
1)ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھېسسىي تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇش .
2)شەكلىنى ئۆزگەرتىش ۋە سېلىشتۇرۇش يولى بىلەن شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك تەرتىپىنىگەۋدىلەندۈرۈش .
3)ئۇقۇم بىلەن قائىدىلەرنىڭ مەزمۇنىنى تىل ئارقىلىق ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش .
4)تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق مەشق قىلىپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش .
5)بىلىم سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ ، ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپچۈشىنىش .
4§. بىلىمنى ئەستە ساقلاش
بىلىمنىئەستە ساقلاش – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى .شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يېڭى بىلىم ئۆگىنىشنىڭ تەييارلىقى .
1. خاتىرىنىڭ بىلىمنى ئەستە ساقلاشتىكى رولى
1)خاتىرىنىڭ ئاساسىي جەريانى
خاتىرەدېگىنىمىز ، بېشىمىزدىن كەچۈرگەن شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىمنىڭ مېڭىمىزدە ئىزقالدۇرۇشى ، ساقلىنىش ۋە قايتا گەۋدىلىنىش جەريانىدىن ئىبارەت .  
2)خاتىرىنىڭ تەرەققىياتى
پىسخولوگىيەتەتقىقاتىدا خاتىرىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئوزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ ، خاتىرە ،پەيتلىك خاتىرە يەنى ( ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە ) قىسقا مۇددەتلىك خاتىرە ،ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
2. ئۆگىنىش جەريانىدا ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك شەرتلىرى
ئەستەقالدۇرۇش ئەستە ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بىلىمنى ئەستە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىبىلەن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئەستە قالدۇرۇش لازىم .
ئەستەقالدۇرۇش – بىز سەزگەن ، ئىدراك قىلغان شەيئىلەرنىڭ مېڭىمىزدە ۋاقىتلىق نېرۋاباغلىنىش ھاسىل قىلىش جەريانى ياكى ئىز قالدۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت . يەنى ئەستەقالدۇرۇش ، بىر خىل تەكرار ئىدراك قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت .
ئوقۇغۇچىلارنىڭماتېرىيالللارنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەستە قالدۇرۇش ۋە پىششىقئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
1)بىلىمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەستە قالدۇرۇش
بىلىمنىدەسلەپكى قەدەمدە ئەستە قالدۇرۇش ئوقۇغۇچى ياكى بىلىمنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىمۇسەزمىگەن ئەھۋالدا ئەمەلگە ئاشىدۇ . بۇنداق ئەستە قالدۇرۇش ئاساسلىقى ،ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش رول ئوينايدۇ . بىلىمنىڭ مېڭىدە ھاسىل قىلىغانۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە پەيدا بولىدۇ .
ئوقۇتۇشماتېرىياللىرىنى بىلىمنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلىتۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
(1)ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ جانلىق ھەم ئوبرازلىق بولۇشى .
(2)ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل پائالىيىتىنى كۈچەيتىش .
2)ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى پىششىق ئەستە قالدۇرۇش .
ئۆگىنىشماتېرىيالىنى پىششىق ئەستە قالدۇرۇش – دەرسخانىدا تەكرارلاش ئارقىلىق كونادەرسلىكنى مۇستەھكەملەش ، دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاش ، كۆپ تەكرارلاش، مەشق قىلىش ئارقىلىق قايتا ـ قايتا ئىدراك قىلىش ، ئەسكە چۈشۈرۈش ئارقىلىقئەمەلگە ئاشىدۇ . پىششىق ئەستە قالدۇرۇش ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەستە قالدۇرۇشئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ . بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى – بىلىمنىڭ ئەستە ساقلىنىشىبىر قەدەر توغرا ۋە مۇستەھكەم بولغانلىقىدا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرىگەئايلانغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ .
پىششىقئەستە قالدۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك :
(1)پىششىق ئەستە قالدۇرۇشنىڭ مەقسەت ، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش .
(2)چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشقا تولۇق تايىنىش .
(3)ماتېرىيالنىڭ مىقدارى ، خاراكتېرى ۋە ئورنىنىڭ تەسىرىگە دىققەت قىلىش .
(4)مېڭىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش .
3. ئۇنتۇشنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنتۇشقا قارشى كۈرەش قىلىش
ئەستەقالدۇرۇلغان ماتېرىيالللارنى مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەسلىيەلمەسلىك ۋەتونۇيالماسلىق ياكى خاتا ئەسلەش ، خاتا تونۇش ئۇنتۇش دەپ ئاتىلىدۇ . ئەستە ساقلاشبىلەن ئۇنتۇش بىر ـ بىرىگە قارمۇ قارشى بولغان جەريان . ئەستە ساقلاش ئەستە قالدۇرۇلغاننەرسىلەرنى توغرا تونۇش ـ تونۇيالماسلىقتا ۋە ئەسكە چۈشۈرۈش ـ چۈشۈرەلمەسلىكتەئىپادىلىنىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭتەكرار قىلىشنى ئويۇشتۇرۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى . تەكرار قىلىشئۇيۇشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش لازىم .
1)تەكرار قىلىش ۋاقتىنى بىۋاستە تەقسىملەش .
(1)ۋاقتىدا تەكرار قىلىش لازىم . ئالدى بىلەن تەكرار قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىقئورۇنلاشتۇرۇش لازىم . مەيلى قانداق ماتېرىيال بولسۇن ، ئەستە قالدۇرۇشتىن كېيىنئۇنتۇش تېزلا باشلىنىدۇ . ئۇنتۇشنىڭ ئاۋال ئاۋال تېز، كېيىن ئاستىلاپ قالىدىغانقانۇنىيىتىگە ئاساسەن، تەكرارلاشنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك .
(2)دائىم تەكرار قىلىپ تۇرۇش لازىم . تەكرار قىلىش – بۆلۈپ تەكرار قىلىش ،مەركەزلەشتۈرۈپ تەكرار قىلىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . بۆلۈپ تەكرار قىلىش –تەكرارلاش ۋاقتىنى بىر نەچچىگە تەقسىملەپ تەكرار قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
(3)تەكرار قىلىش مۇۋاپىق تەقسىملىنىشى كېرەك . تەكرار قىلىش تارقاق بولۇشى ھەممۇۋاپىق تەقسىملىنىشى كېرەك . ھەر قېتىمقى تەكرار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىتمۇۋاپىق بولۇشى ۋە ۋاقىت بۆلىكىنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىقى توغرا تەقسىملىنىشى كېرەك .
2)تەكرار قىلىش مەزمۇنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش .
(1)ئوخشاپ كېتىدىغان ماتېرىيالللارنى كىرىشتۈرۈپ تەكرار قىلىش لازىم .
(2)ماتېرىيالللارنىڭ پۈتۈنلىكى بىلەن قىسىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكرار قىلىش لازىم .
(3)ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تەكرار قىلىش ئىككى بېشىنى تەكرار قىلىشتىن كۆپبولۇشى لازىم .
3)تەكرار قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولۇش .
(1)ئوقۇتۇش بىلەن ئەسكە چۈشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم . ئەگەر تەكرار قىلىنىدىغانماتېرىيال يادلاشقا تېگىشلىك بولسا ، ئۇ ھالدا ئوقۇتۇش بىلەن ئەسكە چۈشۈرۈشبىرلەشتۈرۈلسە ، تەكرارلاش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
(2)كونا ماتېرىيالللارنى يېڭى نۇقتىدىن ئەسكە چۈشۈرۈش لازىم . كونا ماتېرىيالللارنىيېڭى نۇقتىدىن ئەسكە چۈشۈرۈش ، كونا ماتېرىيالللارنى ئاددىيلا تەكرارلاپ قويغانغاقارىغاندا كۆپ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .
(3)ماتېرىيالنى تۈرگە ئايرىپ سىستېمىلاشتۇرۇش لازىم . ھەر قانداق بىر پەننىڭ بىلىمسىستېمىسى بولىدۇ . بىلىمنىڭ ئىچكى باغلىنىشىغا ئاساسەن ، ئۇنى تۈرگە ئايرىغاندا ،خاتىرە تۇتۇش ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .
   3_ باپ
             بىلىمنىڭ تەدبىقلىنىشى ۋە ماھارەتنىڭشەكىللىنىشى
بىلىم ئۆگىنىشتىن مەقسەتئۆگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت، بىلىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نەزەرىيە بىلەنئەمەلىيەت بىرلەشتۈرىلىدۇ . بىلىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنىچۈشىنىشى ۋە ئەستە ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە تەكشۈرگىلى بولىدۇ . شۇنىڭدەكبىلىمنى ئىشلىتىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماھارەت ئىگىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىتەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى .
     1§. بىلىمنىڭ تەدبىقلىنىشى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنىتەدبىقلىشىنىڭ ئاساسىي شەكلى
ئوقۇتۇش مەقسىتى ۋە تەلىپىنىڭئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى تەدبىقلاش شەكلى خىلمۇ خىل بولىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىم تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ھەر خىل تاپشۇرۇقلارنى يېشىش ياكى ئەمەلىيباشقۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پراكتىكا مەشغۇلاتلىرىنى ئورۇنلاش ئوقۇغۇچىلارنىڭبىلىمنى تەدبىقلاشنىڭ ئاساسىي شەكلى ھېسابلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنىئىشلىتىشىنىڭ يەنە بىر شەكلى شۇكى ؛ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكىئەمەلىي مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشتىن ئىبارەت . بىلىمنى ئىشلىتىشچۇڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئىجادچانلىق سەۋىيىسىدە پەرق بولغاچقا بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭشەكلىدىمۇ تۆۋەن دەرىجلىك ۋە يوۇقىرى دەرىجىلىكتىن ئىبارەت پەرق بولىدۇ .ئادەتتىكى ئەھۋالدا تەييار ئومۇمىي بىلىملەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ، تۈرلۈكتاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاش ياكى ئاددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭتۆۋەن دەرىجىدىكى شەكلى ھېسابلىنىدۇ، بەزى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىپ،مەسىلىلەرنى بايقاش ياكى ئەمەلىي ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆگۈنىش ۋەئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ياكى تېخنىكا يېڭىلاشپائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار بولسا، بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭ بىرقەدەرمۇرەككەپ، قىيىن، ئىجاتچانلىققا قويۇلىدىغان تەلەپ بىر قەدەر يوقۇرى بولغانشەكىلدۇر . ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك پەن – تېخنىكاپائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى بۇ ئىككى خىل شەكىلنىڭ ئارىلىق ھالقىسى ياكى ئۆتكىنچى ھالقىسىدەپ قاراشقا بولىدۇ .
2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنىتەدبىقلاشنىڭ ئومۇمى جەريانى
(1)مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ۋە شەرتىنى ئىگىلەش . بىلىمنى تەدبىقلاشنىڭ نىشانى مەسىلىنى يېشىش،مەسىلىنىڭ شەرتى بولسا، بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى . مەسىلىنىڭۋەزىپىسىنى ۋە شەرتىنى ئىگىلەش بىلىمنى ئىشلىتىشنىڭ باشلىنىشىدۇر .
(2)مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىئەسكە چۈشۈرۈش ۋە مەسىلىنى تۈرگە ئايرىش مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرى، ۋەزىپىسى ۋەشەرتىگە ئاساسەن، ئاتسۇتسىئاتسىيە ئارقىلىق بىلىملەرنى ئەسكە چۈشۈرۈش بىلەن ئۇنىبىلىم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش مەسىلىنى تۈرگە ئايرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .تۈرگەئايرىلىپ بولغان بىلىملەرنى ئوقۇغۇچى مۇناسىۋەتلىك بىلىم، ئۇقۇم، قائىدە، فورمۇلا،قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن مەسىلىلەرنى يېشىپ توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ . تۈزۈلۈشىمۈرەككەپ مەسىلىلەرنى يېشىشتە بىلىمنى ئەسكە چۈشۈرۈش كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغاباغلىق بولىدۇ . مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىشمۇ كۆپ خىل بولىدۇ . بىر تەرەپ قىلىشمۇئوڭۇشلۇق بولمايدۇ . بەزىدە خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ . شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىكبىلىملەرنى ئەسكە چۈشۈرۈش ۋە مەسىلىنى تۈرگە ئايرىش جەھەتتىمۇ خاتالىقلار ۋاقتىداتۈزىتىلمىسە مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق يەشكىلى بولمايدۇ .
   (3)مەسىلىلەرنى يېشىش ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ۋەئىسپاتلىنىشى
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل – يېزىق شەكلىئارقىلىقمەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشى، مەسىلىنى يېشىش جەريانىدىكى ئىچكى تەپەككۇرپائالىيىتىنىڭ تاشقى يېزىق شەكلىگە ئايلىنىش يولى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ .
تاشقى تىل – يېزىق ئىچكىبىلىش پائالىيىتىنىڭ ئىپادىسى ۋە خاتىرىسىدۇر . بىلىمنى تەدبىقلاش ئارقىلىقۋەزىپىلەرنى ھەل قىلىش جەريانى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ . ئۇ ئۆز ئارا باغلىنىشلىقبولغان ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ . يەنى، بىلىمنى تەدبىقلاش ئارقىلىق مەسىلىنىيېشىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش . يەنە بىرى؛ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىنئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ .
2)بىلىمنىڭ تەدبىققىلىنىشىغا تەسر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىللار
(1) بىلىمنى چۈشىنىش ۋەمۈستەھكەملىك سەۋىيىسى.
بىلىمنى چۇڭقۇر، ئەتراپلىقۋە توغرا چۈشىنىپ، مۈستەھكەم ئىگىلىگەندىلا ئۇنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ياخشى تەدبىققىلغىلى بولىدۇ . چۇڭقۇر، ئەتراپلىق دېگىنىمىز شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىكخۇسۇسىيىتىنى ۋە باغلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن چۈشىنىشنىكۆرسىتىدۇ .
(2) تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭمۈستەقىللىك ۋە ئىجاتچانلىق سەۋىيىسى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانالىزقىلىش، سىنتىزلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق ئەقلىيماھارىتىنىڭ يېتىلىشى ۋە خىيال تەپەككۇر قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەتلەردىكى سۈپەتپەرقىمۇ بىلىمنىڭ تەدبىق قىلىنىش ئۈنۈمىگە تەسر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سەۋەپلەرنىڭبىرىدۇر . ئوقۇغۇچى مۈستەقىل ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغاندا، مۈرەككەپئەھۋاللار ئىچىدىن مەسىلىنىڭ شەرتىنى ئاجرىتىپ چىقالايدۇ . ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشماھارىتىنى ئىگىلىگەندىلا، مەسىلىلەرنى تۈرگە ئاجرىتىپ بىلىمنى كونكرېتلاشتۇشۇشنىئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . ئوقۇغۇچى مۈستەقىل ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىنىڭ كەمچىل بولۇشى،مەسىلىلەرنى يېشىشكە بىۋاستە تەسر كۆرسىتىدۇ .
(3) مەسىلىنىڭ خاراكتېرى
بىلىمنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگەتەدبىقلاشنىڭ ئۈنۈمى مەسىلىنىڭ خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .بۇنىڭدىكى قانۇنىيەت شۇكى : ئابستراكت ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر كونكرېتتەپسىلاتقا ئىگە بولغان شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە قارىغاندا ئاسان بولىدۇ . ئاددىيمەسىلىلەر مۈرەككەپ، كۆپ باسقۇچلۇق مەسىلىلەردىن ئاسان بولىدۇ .
يوقارقى بايانغا ئاساسەن،ئوقۇتقۇچى بايان قىلغان ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەسىلىلەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىي پائالىيىتىگە بولغان تەلەپنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش،بىلىم ئىگىلەشنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرى ۋە مەقسىتىگە ئاساسەن، ھەر خىلتىپتىكى تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم . بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتۇشنىڭ دەسلەپكىباسقۇچىدا ئاۋال ئوقۇغۇچىلارغا مەزمۇنى بىرقەدەر ئومۇمىي بولغان يازما مەسىلىلەرنىيەشكۈزۈپ، ئاندىن مۈرەككەپ ۋە ئونىۋېرسال يەنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانمەسىلىلەرنى يەشكۈزۈش لازىم . ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭبىلىش قابىلىيىتى، ئانالىز قىلىش، كونكرېتلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئىدارە قىلىشقابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ .
   2§ . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىيېتىلدۈرۈش
ماھارەت دېگەن نېمە ؟ ئۇقانداق تۈرگە بۆلۈنىدۇ ؟
ئادەم مەيلى قانداقپائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ماھارەت بولىدۇ . مەسىلەن، ئوماورۇش، قارىغا ئېتىش، ئوېراتسىيە قىلىش، ئوكۇل سېلىش، توپ ئويناش، ئوقۇتۇش بىلەنشۇغۇللىنىش، ئۇسۇل ئويناش، ناخشا ئېيتىش .... قاتارلىقلار .
بەزى ماھارەتلەر ھەممەكىشىدە ئورتاق بار بولىدۇ . مەسىلەن، يول مېڭىش، تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش، كىيىميۇيۇش، سۆزلىشىش، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە باشقىلار . ئەگەر كىشىلەردە زۆرۈربولغان ماھارەت كەم بولسا، تۇرمۇشتا قولايسىزلىق ھېس قىلىدۇ .
    ماھارەت دېگىنىمىز ، مەلۇم ۋەزىپىنىئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن ھۆرۈر بولغان ھەرىكەت ئۇسۇلى ياكى ئەقلىي پائالىيەتئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇ مەشق ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ . ماھارەت بىلىم ئىگىلەش بىلەنقابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ھالقا بولۇپ ، ئۇئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان شەرت .
بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقانماھارەت ئۇقۇمى كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئادەتتە ئېيتىلىپ يۈرگەن تارمەنىدىكى ماھارەت بىلەن ماھىرلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تار مەنىدىكى ماھارەتدېگىنىمىز ، ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەسلەپكى باسقۇچنى يەنە دەسلەپكى قەدەمدەئۆگىنىۋالغان باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، خەت يېزىشنى دەسلەپ ئۆگەنگەندىكىقەلەم تۇتۇش ، ھەرپلەرنىڭ يېزىلىش تەرتىپى بويىچە پۈتۈن دىققتىنى مەركەزلەشتۈرۈپھەرپلەرنى بىرمۇ ـ بىر يېزىپ ، خەت يېزىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگىنىۋېلىشباسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ . ماھىرلىق – ماھارەتنىڭ شەكىلىنىشىدىكى ئالىي باسقۇچنىكۆرسىتىدۇ . بۇ باسقۇچتا ھەرىكەت پىششىق ۋە مۇكەممەل ئىگىلەنگەن ، پائالىيەتنىڭئاساسىي تەركىبى ئاپتوماتىك دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ . ئوقۇتۇشنىڭ مەقسەت ،تەلىپىدىن قارىغاندىمۇ ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش – ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك ماھىرلىقنىشەكىللەندۈرۈش دېمەكتۇر .
ماھارەت بىلەن قابىلىيەتبىر ـ بىرىدىن پەرقلىنىدۇ . لېكىن يەنە يېقىن باغلىنىشلىق بولىدۇ . ماھارەت –بىرەر ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھەرىكەت ئۇسۇلى . قابىلىيەت بولسا ،ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەت ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغانئىندىۋىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىك . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن مەلۇم قابىلىيەتنىئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . ماھارەت – قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشتىكىئوتتۇرا ھالقا . ئومۇمەن ماھارەتنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ .
1) ماھارەت تۇغما بولمايدۇ. ماھارەت ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەت ئۇسۇلى بولۇپ ، مەشق ئارقىلىق تەدرىجىيشەكىللىنىدۇ .
2) ماھارەت پائالىيەتنىڭبىر تەشكىلىي قىسمى ، ئادەمنىڭ پائالىيىتى بىر قاتار ھەرىكەتلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئاڭلىق بولىدۇ . يەنە بىر قىسمىئاپتوماتلاشقان بولىدۇ . مەسىلەن : لېكسىيە يېزىش پائالىيىتىنى ئالساق ، ئۇنىڭئاڭلىق قىسمى ، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇننى ئاڭلاش ، پىكىر قىلىش ھەمدە مۇۋاپىقسۆزلەر بىلەن قىسقارتىپ خاتېرىۋېلىش ، ئاپتوماتلاشقان قىسمى بولسا ، قولنىڭ يېزىشھەرىكىتىنى ماھىرلىقىدۇر . مانا مۇشۇ خىل ئاپتوماتلاشقان قىسمى ماھارەت بولىدۇ .
3) ماھارەت ئاڭنىڭ بەلگىلىككونتروللىقىدا بولىدۇ . ماھارەت ئاڭنىڭ  كونتروللىقىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولمايدۇ . پەقەتلا ئۇنىڭدا ئاڭ تەركىبىبىر قەدەر ئاز بولىدۇ ، خالاس . چۈنكى ماھارەت كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق پائالىيىتىنىڭيەككە ـ يېگانە قىسمى ئەمەس ، بەلكى تەشكىلىي قىسمىدۇر . مەسىلەن : ۋېلسىپىت مىنىشماھارىتىگە ئىگە ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ توسالغۇغا دۇچ كەلگەندە ، ئۇنىڭدىنچاققانلىق بىلەن يانداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ . بۇنداق ماھارەتنى ئىشىلتىش ئادەمنىڭ ئاڭلىقمەقسىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ماھارەت بىلەن ئادەتمۇ گەرچەتۇرمۇشتىكى ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەتكە ياتسىمۇ ، لېكىن بۇلار بىر ـ بىرىگەئوخشىمايدۇ . بىر ـ بىرىدىن پەرق قىلىدۇ . ماھارەت ئادەمنىڭ ئاڭلىق پائالىيىتىنىڭتەركىبى قىسمى بولۇپ ، ئۇ بەلگىلىك ئاڭنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ . ئادەت بولسا ،ئاپتوماتلاشقان ھەرىكەتنى بىر قەدەر مۇقىم ۋە مىخانىكىلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇشتىنئىبارەت بولغان بىر خىل خاھىشتۇر . ئادەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر ماھارەتكە ئوخشاشئاپتوماتلاشقان بولىدۇ . لېكىن ، بۇلار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىلەك بىر قانچەئاساسىي پەر بار :
بىرىنچى ، ماھارەتپائالىيەتنىڭ ئاپتوماتلاشقان قىسمى ، ئۇ پائالىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشقاسېلىنىدۇ ياكى توختىتىلىدۇ . كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمۇ ـ پايدىلانماسلىقىمۇمۇمكىن . ئادەت بولسا ، ئاپتوماتلاشقان پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېھتىياجياكى خاھىش بولۇپ ، بەلگىلىك ئەھۋالدا بۇنداق ھەرىكەت ئورۇنلانمىسا ئادەم بىئارامبولىدۇ .
ئىككىنچى ، ماھارەت ئاڭلىقمەشق قىلىش بەزى ھەرىكەتلەرنى ئاڭلىق ياخشىلاپ يېزىش ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ . ئادەتبولسا ، ئوخشاش بىر پائالىيەتنى ئاڭسىز ھالدا ئاددىي تەكرارلاۋېلىش ئاساسىداشەكىللىنىدۇ .
2 . ماھارەتنىڭ تۈرلىرى
ماھارەت ئۆزىنىڭ خاراكتېرئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەرىكەت ماھارىتى ۋە ھەرىكەت ماھارەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ھەرىكەت ماھارىتى دېگىنىمىز، ئاساسەن سىرتقى قىسمىدا ئىپادىلىنىدىغان ، بىر قەدەر مۇۋاپىق ئۇيۇشتۇرۇلغانھەمدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قاتار ھەرىكەت ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن، خەت يېزىش ، ساز چېلىش ، گىمناستىكا ئويناش ، ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىباشقۇرۇش قاتارلىقلار ئۆگىنىش پائالىيىتى ، تەنھەرىكەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشئەمەلىيىتىدىكى تۈرلۈك ئەمەلىي ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت . بۇ ھەرىكەرلەر ئاساسەنمۇسكۇل ، ئىسكىلىت ھەرىكەتلىرى ۋە نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ماس ھالدىكى قىسمەنھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت . دېمەك ، ھەر قانداق بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بىرقاتار ئەمەلىي ھەرىكەتلەر مۇكەممەل ، ئەقىلگە مۇۋاپىق تەشكىللىنىپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپبېرىلسا ئۇ ، ھەرىكەت ماھارىتىگە ئايلانغان بولىدۇ .
ئەقلىي ماھارەت دېگىنىمىز ،ئىچكى نۇتۇق ئارقىلىق مېڭىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچەئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىلىش پائالىيىتىگە مەنسۇپ بىرقاتار ئۇسۇلللارنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن ، سەزگۈ ، ئىدراك ، خاتىرە ، خىيال ۋەتەپەككۇر پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆزىتىش ، ئەستە قالدۇرۇش ، ئانالىز قىلىش ،پىكىر قىلىش ماھارىتى قاراتلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، لېكىن ئابستىراكىتتەپەككۇر ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى ھېسابلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەمگەك ماھارىتى بىلەنئەقلىي ماھارەتنى ئاجرىتىش ناھايىتى تەس . بىراق ، بۇ ئىككى ماھارەتنى بىر ـبىرىدىن پۈتۈنلەي ئاجرىتىۋەتكىلى بولمايدۇ . پائالىيەتتە قايسى تەرەپنىڭ يېتەكچىرول ئوينايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك . مەسىلەن ، مەسىلە يېشىش ، كۆڭلىدە ھېسابلا ،ئوقۇش ، يېزىقچىلىق ، توغرا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئەقلىي ماھارەتكە تەۋەبولىدۇ .
ھەر قانداق ئەقلىيپائالىيەتتە ئەقلى قابىلىيەت بىلەن ئەقلىي ماھارەت بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ .لېكىن ، ماھىيەتلىك پەرق قىلىدۇ . ئەقلىي ماھارەت – بىرەر ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇقئورۇنلاشتىكى ئەقلىي پائالىيەت ئۇسۇلىنى كۆرسەتسە ، ئەقلىي قابىلىيەت – ئەقلىيماھارەتنى ئىگىلەش جەريانىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلغان ، تېخىمۇئومۇملاشتۇرۇلغان بىر خىل بىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت .
ئەقىلي ماھارەت يەنە مەخسۇسئەقلىي ماھارەت ۋە ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . مەخسۇس ئەقلىيماھارەت – مەلۇم خىلدىكى مەخسۇس بىلىش پائالىيىتى داۋامىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ .مەسىلەن ، كىتاب يېزىش ، ماقالە يېزىش ۋە ھېساب ئىشلەش ماھارىتى قاتارلىقلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاساسىي مەخسۇسماھارىتى ھېسابلىنىدۇ . ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت – ئادەتتىكى بىلىش پائالىيىتىدەشەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇ بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ .مەسىلەن ، كۆزىتىش ، ئاڭلاش ، چۈشىنىش ، مەسىلىنى ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىشماھىرىتى ئومۇمىي ئەقلىي ماھارىتىگە كىرىدۇ . مەخسۇس ئەقلىي ماھارىتى بىلەنئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت بىر ـ بىرىگە باغلىنىشلىق ھەم بىر ـ بىرىدىن پەرقلىنىدۇ .ئومۇمىي ئەقلىي ماھارەت ھەر خىل مەخسۇس ئەقلىي ماھارەتلەر ئىچىدە گەۋدىلىنىدۇ .مەخسۇس ئەقلىي ماھارەت بەلگىلىك دەرىجىدە ئادەتتىكى ئەقلىي ماھارەتنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ .
ماھارەت بىلەن بىلىم بىر ـبىرىدىن پەرقلىق ھەم باغلىنىشلىق بولىدۇ . بىلىم ئىگىلىگەنلىك ماھارەتنىڭشەكىللەنگەنلىكى ئەمەس . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يېزىش قائىدىلىرىنى بىلگەنلىكىئۇلارنىڭ خەت يېزىشنى بىلگەنلىكى ئەمەس . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، ماھارەتنىڭشەكىللىنىشى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەشنى ئاساس قىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭئوقۇش ، يېزىش ، ھېسابلاشقا دائىر قائىدە ۋە ئۇسۇلللارنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىنمەشق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇش ، يېزىش ، ھېسابلاش ماھارىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ .شۇنداقلا ھەر خىل ماھارەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى يەنە كېلىپ بىلىم ئىگىلەش ۋەتەتبىقلاشقا شەرت ـ شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ .
3 . ماھارەتنىڭ شەكىللىنىشجەريانى
(1) ماھارەت شەكىللىنىشنىڭباسقۇچلىرى ۋە ئالاھىدىلىكى
ماھارەت مەلۇم ۋەزىپىنىئورۇنلاش جەريانىدا ئۆگىنىش ۋە مەشق قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . ھەرىكەتماھارىتى بىلەن ئەقلىي ماھارەتنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرى بىلەن ھەر بىر باسقۇچنىڭئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئورتاقلىق ۋە پەرقمۇ بار .
ھەرىكەت ماھارىتىنىڭشەكىللىنىشى ئۆگىنىۋېلىشتىن پىششىق ئىگىلىۋېلىشقىچە بىر ـ بىرىدىن پەرق قىلىدىغانھەم بىر ـ بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ .
① قىسمەن ھەرىكەتلەرنىئىگىلەش باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، ئارتۇقچە ھەرىكەتلەر بولىدۇ ۋە جىددىيلىككۆرۈلىدۇ . ھەرىكەت ، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ياردىمىگە تايانغان ھالدا تىزگىنلىنىدۇ .ھەرىكەت تېزلىكى ئاستىراق بولىدۇ .
② مۇكەممەل ھەرىكەتنىدەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەش باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، قىسمەن ھەرىكەتلەر بىرسېستىمىغا بىرلەشكەن بولىدۇ . ئوشۇقچە ھەرىكەتلەر تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ ياكىتۈگەپ كېتىدۇ . ھەرىكەت سەزگۈسى ئارقىلىق تىزگىنلەش كۈچىيىدۇ ، سۈرئەت تېزلىكى ئېشىپبارىدۇ .
③ ھەرىكەتلەرنىڭ ماسلىشىشىبىلەن مۇكەممەللەشكەن باسقۇچى : بۇ باسقۇچتا ، ئاڭغا ئانچە تايانمايمۇ بىر يۈرۈشھەرىكەتلەرنى تېز ۋە توغرا ئورۇنلىيالايدىغان بولىدۇ . خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ،گىمناستىكا ئويناش ، ۋېلسىپىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن بۇ جەرياننى روشەنكۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئەقلىي ماھارەتنىڭشەكىللىنىشى بولسا تۆۋەندىكى بەش باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .
بىرىنچى ، پائالىيەتنىشانىنى بەلگىلەش باسقۇچى : ئالدى بىلەن نېمە ئىش قىلىش ۋە قانداق ئىش قىلىشكېرەكلىكىنى بىلىش ، مېڭىدە پائالىيەت تەسۋىرىنى پەيدا قىلىش ، مەسىلەن :ئوقۇغۇچىلارغا تۈرگە ئايرىشنى ئۆگىتىشتە ، ئوخشاش خىلدىكى شەيئىلەرنى بىر ـ بىرىگەيىغىشنىڭ ئۆزى تۈرگە ئايرىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش .
ئىككىنچى ، ماددىي ۋەماددىيلاشتۇرۇلغان پائالىيەت باسقۇچى : رېئال جىسىم ، مودېل ، سىخىماقاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قول بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش .
ئۈچىنچى ، ئاۋازلىق تىلباسقۇچى : بىۋاستە رېئال جىسىمغا تايانماي ئاۋازلىق تىل ئارقىلىق پائالىيەتنىئورۇنلاش .
تۆتىنچى ، ئاۋازسىز تىلباسقۇچى : سۆزنىڭ ئاۋاز تەسەۋۋۇرىنى ۋە ھەرىكەت سەزگۈ تەسەۋۋۇرىنى ئاساس قىلىپتۇرۇپ ، تاشقى تىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنسىز تىل پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش .
بەشىنچى ، ئىچكى تىلباسقۇچى : ئاددىيلاشقان ئىچكى تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئاڭغا ئۇنچىۋالا كۆپتايانمايمۇ ئاپتوماتلاشقان ئەقلىي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش . بۇ ئەقلىيماھارەت شەكىللىنىپ بولغان باسقۇچتۇر .
(2) ئەقلىي ماھارەت ۋەھەرىكەت ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىكى ھەر بىر باسقۇچنىڭ ئۆزگىرىشىتۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكتە ئىپادىلىنىدۇ .
1) پائالىيەت قۇرۇلمىسىنىڭئۆزگىرىشى .
2) پائالىيەت سۈرئىتىنىڭتېزلىشىشى .
3) پائالىيەتنى تەڭشەشتىنقارىغاندا ھەرىكەت ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىشى .
4 . ماھارەتنىڭيېتىلدۈرشنىڭ تۈپ يولى ۋە ئۇسۇلى .
مەشق ماھارەتنىڭيېتىلدۈرۈشنىڭ تۈپ يولى . كىشىلەرنىڭ بارلىق ماھارەتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ، مەشق قىلىشئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . مەشق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي ماھارىتى ھەرىكەت ماھارىتىنىشەكىللەندۈرۈشنىڭ تۈپ يولى ھېسابلىنىدۇ . لېكىن ، مەشق قىلىش مىخانىك ھالداتەكرارلاشقا ئوخشىمايدۇ . ئۇ مەقسەتلىك ، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانپائالىيەتتۇر .
مەشق قىلىشنى مەلۇم خىلدىكىماھارەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياردىمى تېگىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە جەھەتكە دىققەت قىلىش لازىم .
1)مەشىق قىلىشنىڭ مەقسىتىبىلەن تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، ماھارەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنىئىگىلىتىش كېرەك .
2) مەشقنىڭ توغرا ئۇسۇلىبىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش . توغرا مەشق ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندە، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتىن ساقلانغىلى ، مەشق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .
3) مەشق پىلانلىق ، قەدەم ،باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك . مەشق قىلىشنىڭ سېستىمىلىق بولىشىغان دىققەتقىلىپ ، پەيدىنپەي ئىلگىرلەش ، ئاددىيدىن ـ مۇرەككەپلىككە ئۆتۈش كېرەك .
4) مەشقنىڭ قېتىم سانى ۋەۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، مەشقنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىش ، ماھارەتنىشەكىللەندۈرۈش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، يېتەرلىك مەشق ۋاقتى ۋە مەشق قىلىش قېتىمسانى بولۇش كېرەك .
5) مەشق قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولۇش . مەشق قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشق قىلىشقابولغان قىزىقىشىنى قوزغىغىلى ، ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى يېتۈلدۈرگىلى بولۇپلاقالماستىن ، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى ئەمەلىيەتتە جانلىق ئىشىلتىش ماھارىتىنىمۇيېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .
3§ . ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىش ۋەكاشىلا
ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىشى ھەم بىلىم ئېلىش ھەم ماھارەت شەكىللەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ . بىلىم بىلەنماھارەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە يۆتكىلىش ھادىسىسى مەۋجۇت . ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىشقانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ ، بىلىم ۋە ماھارەتتىكى يۆتكىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەندە ،ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .
1)يۆتكىلىشنىڭ ئۆگىنىشتىكى رولى .
ئۆگىنىشتىكىيۆتكىلىش دېگىنىمىز ، ئىلگىرىكى ئۆگىنىشنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىشكە بولغان تەسىرىنىكۆرسىتىدۇ . ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىش ھادىسىسى دائىم كونا ـ يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتلەرئوتتۇرىسىدا ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىدۇ .ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر ئاكتىپ ۋە پاسسىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئاكتىپ تەسىرمۇسبەت يۆتكىلىش ياكى يۆتكىلىش دەپ ئاتىلىدۇ . پاسسىپ تەسىر مەنفى يۆتكىلىش ياكىكاشىلا دەپ ئاتىلىدۇ . شۇڭا ، ئۆگىنىشتە يۆتكىلىشتىن تولۇق پايدىلىنىش ۋەكاشىلىلاردىنمۇ ساقلىنىش لازىم .
بىلىمۋە ماھارەتنىڭ تەتبىق قىلىنىش مەسىلىدىمۇ يۆتكىلىش ھادىسىسى مەۋجۇت . ئوقۇغۇچىلارئىگە بولغان بىلىم ۋە ماھارەت يېڭى بىلىم ئۆگىنىش يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشجەريانىدا ، ئەمەلىيەتكە ياخشى تەتبىق قىلىنسا ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاسانلا ھەلبولۇپ كېتىدۇ ـ دە ، بىر مەسىلە ئارقىلىق باشقىلارنى بىلىۋېلىشتا ئۈنۈمگەئېرىشكىلى بولىدۇ . بۇ ئىلگىرىكى ئۆگىنىشنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىشكە بولغان يۆتكىلىشرولى . بۇ خىل ھادىسە ھەر خىل پەنلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ .مەسىلەن ، تىل ئۆگىنىش ، تارىخ ياكى چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشكە پايدىلىق . بۇنىڭدىنباشقا يۆتكىلىش ، ئوخشاش بىر پەننىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەپلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ .
مەنفىيۆتكىلىش ياكى كاشىلا دېگىنىمىز ، كونا ئۆگىنىشنىڭ يېڭى بىلىم ماھارەتنى ئۆگىنىشكەبولغان توسالغۇ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى ۋە كونا ئۇقۇملارنى بىرـ بىرىگە ئارىلاشتۇرىۋېتىش ھادىسىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىملىرىئوتتۇرىسىدىكى كاشىلا ھادىسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، توغرا بولمىغان خەتيېزىش ئۇسۇلى مۇستەھكەملىنىپ قالسا ، ئۇنى تۈزىتىش قېيىن بولىدۇ . مانا بۇ كوناماھارەتنىڭ توغرا بولغان خەت يېزىش ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بولغان كاشىلىسىدۇر. دەرستىن سىرتقى مەلۇم پائالىيەتكە بېرىلىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە بولغانقىزىقىشى ئاسان شەكىللەنمەيدۇ . مانا بۇ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى كاشىلاھادىسىسىدۇر .
ئۇنىڭدىن باشقا، بىلىمماھارەت تۈزۈلمىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان بىر خىل بىلىم ۋە ماھارەتكە بولغانتەسىرىمۇ كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپلىمە بولىۋەرمەيدۇ . بەزىدە مۈسپەت يۆتكىلىشىبولسا، يەنە بەزى ھاللاردا كاشىلا بولىدىغان تەرىپىمۇ بولىدۇ .
2)ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىلللار .
ئۆگىنىشتىكىيۆتكىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىلللار تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ .
(1)كونا ـ يېڭى ئۆگىنىش ئوبيېكىتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئامىلللار .
ئورتاقئامىلللار يۆتكىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنىڭ بىرى . ئومۇمەن ئىلگىرىكى ئۆگىنىشبىلەن كېيىنكى ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق ئورۇنلار كۆپ بولسا ، يۆتكىلىشتەسىرى پەيدا بولىدۇ . شۇنىڭدە ئۆگىنىش ئوبيېكتىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ئامىلللارقانچە كۆپ بولسا ، يۆكىلىشمۇ شۇنچە ئاسان ھەم كۆپ بولىدۇ .
(2)ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىگەن بىلىم تەجرىبىلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇش سەۋىيىسى .
ئەسلىدىكىبىلىمنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا ، يۆتكىلىشنىڭ ئىمكانىيىتىشۇنچە چوڭ بولىدۇ . بۇنداق مىسالللار ئەمەلىي ئوقۇتۇش جەريانىدا كۆپ ئۇچىرايدۇ .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىشى .
ئوقۇغۇچىلارنىڭشەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىشى قانچىكى ئۆتكۈر بولسا ، يۆتكىلىشتەسىرى شۇنچە ئاسان پەيدا بولىدۇ . ئادەتتە بۇ ’ ئومۇملاشتۇرۇلغان ‘ نەزەرىيىنىڭتولۇقلىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ . چۈنكى ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكىمۇناسىۋەتلەر بايقالمىغاندا ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچەچوڭ بولىدۇ .
3)ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شەرتلىرى .
(1)ئاساسىي بىلىم ماھارەتنى ئىگىلەپ ، ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىشنى پايدىلىق شەرت ـشارائىت بىلەن تەمىنلەش .
بىلىمماھارەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئامىلللار ئۆگىنىشتىكى يۆكىلىشنى پەيدا قىلىدىغانمۇھىم ئوبيېكتىپ شەرت . ئوقۇغۇچىلار ئاسساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرنى پۇختائىگەللىۋالسا ، يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئۆگىنىشكە پايدىلىقھازىرلىغان بولىدۇ .ئۆگىنىشتىكى يۆتكىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىلگىرى، كېيىنئۆگىنىۋالغان نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان ، ئۆزئارا ئوخشاش بولغان مۇھىمئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . شۇڭلاشقا ئوقۇتۇش تەرتىپى مۇۋاپىق بولۇشى ، كونابىلىملەرنى ئەسلەش ئاساسىدا يېڭى بىلىملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇشى كېرەك .
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشئاتسۇتسىئاتسىيىسىنى شەكىللەندۈرۈش .
ئوقۇغۇچىلارنىڭئانالىز قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەپەككۇر قانۇنىيىتى ئۆز بىلىملىرىدىكىيۆتكىلىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىم ۋەتەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسى بىلىمنىڭ يۆتكىلىشىگە بىۋاستە تەسىركۆرسىتىدۇ . ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسى قانچىكى يۇقىرى بولغان بىلىم ، بىر خىلشەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەتلەرنى ۋە قانۇنىيەتلىك باغلىنىشلارنىشۇنچە ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ . ئۇنىڭ شەيئىلەر بىلەن بولغان باغلىنىشىمۇ شۇنچە كەڭبولىدۇ . ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە ياخشى ، يۆتكىلىشئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ .
دېمەك، ئەسلىدىكى بىلىم قانچە ئومۇملاشتۇرۇلغان بولسا ، يۆتكىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى شۇنچەزور بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تالللاش ھەم تەشكىللەشتە ھەر بىرپەننىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرىنى ، ئاساسىي قائىدىلىرىنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى مەركىزىيئورنىغا قويۇپ ، ئۇنى دەرسلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ ، دەرسلىكنىڭ ئىچكىقانۇنىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك .
(3)تەپەككۇردىكى قېلىپلىشىپ قېلىشنىڭ ئاكتىپ رولىدىن پايدىلىنىش ، ھەم ئۇنىڭ كاشىلاقىلىشىدىن ساقلىنىش .
كىشىلەرئۇزاققىچە بىر خىل خىزمەت بىلەن شۇغۇلللانغاندا ، بىر خىل مەسىلىنىلا ھەل قىلىشجەريانىدا ، كۆپ ھاللاردا ئادەت خاراكتېرلىك بىر خىل تەپەككۇر يۆنىلىشى ياكىكىشىلەر ئادەتتە ئېيتىدىغان پىكىر قىلىش يولى شەكىللىنىپ قالىدۇ . مانا بۇتەپەككۇردىكى بىر خىل قېلىپلىشىپ قېلىش ھادىسىسى ، بىر خىل پىسخىك تەييارلىقھالىتى ھېسابلىنىدۇ . بۇنداق ھالەت ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىقبولغان بىر خىل ئاكتىپ يۆتكىلىش ھادىسىسىدۇر . لېكىن بۇ خىل ھادىسە وخشاش بولمىغانمەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاسانلا كۈچلۈك كاشىلا پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەسىلىنىھەل قىلىشىنىڭ يېڭى پىكىر ۋە يولىنى شەكىللەندۈرۈشكە دەھلى قىلىدۇ .
(4)سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كاشىلىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىنىش .
ئوقۇتۇشتاسېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغانئەھۋالللاردىكى ئوخشاشلىق بىلەن پەرقىنى ئومۇميۈزلۈك ، توغرا ۋە چوڭقۇر تەھلىلقىلىشقا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ . ئەگەر بۇ ئۇسۇل مۇۋاپىق قوللىنىلسا ، ئۆگىنىپبولغان بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگىلىشكە بولغان كاشىلىسىدىنساقلانغىلى ، كونا بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتنى ئىگىلەشكە بولغانئىجابىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ . سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قولللانغاندا، يېڭى ئۆگىنىش بىلەن كونا ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدىكى كاشىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .يېڭى ئۆگىنىش بىلەن كونا ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي يۆتكىلىشكىمۇ پايدىلىقبولىدۇ .
(5)ئىلگىرىكى ئۆگىنىشنى مۇستەھكەملەش ۋە پىشىقلاش ئاساسىدا ، كېيىنكى ئۆگىنىشكە قەدەمتاشلاش .
ئىلگىرىكىئۆگىنىش بىلەن كېيىنكى ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدا يۆتكىلىش مۇناسىۋىتى سادىر بولغاندا ،يۆتكىلىش ئىلگىرىكى ئۆگىنىشنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ھەسسىلەپ پەيدا بولىدۇ . ئەكسىچەكاشىلا قىلىش مۇناسىۋىتى پەيدا بولغاندا ، ئىلگىرىكى ئۆگىنىشنىڭ ئۆگىنىشدەرىجىسىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا قاراپ كاشىلا ئازىيىپ ، يۆتكىلىش ئارتىپ بارىدۇ .شۇڭا ، زۆرۈر بولغان ئەھۋالدا ، ئىلگىرىكى ئۆگىنىشلەرنى ئىمكانقەدەر تولۇقئاخىرلاشتۇرۇپ ، كېىينكى باسقۇچلۇق ئۆگىنىشكە كۆچۈشكە دىققەت قىلىش لازىم .
4§. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېتىلدۇرۇش
ھازىرقىزامان پەن – تېخنىكىسىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا كېلىپ چىققانبىلىمنىڭ پارتىلاش خاراكتېرلىك ئۆسۈپ بېرىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭچەكلىكلىكى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى زور بولماقتا . بىلىمنىڭ بۇنداقتەرەققىياتىغا مەكتەپتە كىتابى بىلىم ئېلىش يولى بىلەن ماسلاشقىلى بولمايدىغانلىقىھازىر ئېنىق ھېس قىلىنماقتا . چۈنكى بىرەر ئادەم ئۆمۈر بويى مەكتەپتە ئوقۇغانھالەتتىمۇ بىرەر كەسپ دائىرىسىدىكى بىلىملەرنى تامامەن ئىگىلەپ كەتكىلى ، بولمايدۇ. ئۇنداقتا بىلىم مىقدارىنىڭ كۆپىيىش تېزلىكى ۋە كونىراش جەريانىنىڭ قىسقىراشتېزلىكى بىلەن، ئۆگىنىش ۋاقتىنىڭ چەكلىكلىكى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى قانداق ھەلقىلىش كېرەك ؟ بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىش ۋەتەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت .
خېلىدىنبۇيان مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوقۇتۇشنىڭ تۈپمەقسىتى، دەپ قاراپ ، ئوقۇتۇشتا بىلىم بېرىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىش ئاز بولدى ، خېلى كۆپساندىكى مەكتەپلەردە ۋە ئوقۇتقۇچىلاردا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرسئۆتۈشىنىڭ ئۆزى مائارىپ فاڭقېنىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى «ئەقلىي جەھەتتىن تەرەققىيقىلدۇرۇش» دېگەن تەلەپنى ئورۇنلىغانلىق بولىدۇ ، دەپ قاراپ « بىلىم تەربىيىسى» نى«ئەقلىي تەربىيە» ئورنىغا دەسسىتىپ، بىلىم بېرىش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ، ئەقىلنىتەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەل قارىماقتا . بۇنداق بىر تەرەپلىمە خاتا قاراشنىڭ ئوقۇتۇشخىزمىتىدىكى يامان ئاقىۋەتنىڭ تەسىرىدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشسۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئۆگەنگەن بىلىمنى مۈستەقىل ۋە جانلىق ئىشلىتەلمەيدىغان، دۇچكەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۈستەقىل ھەل قىلالمايدىغان، تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۈستىدەئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلالمايدىغان، تەپەككۇر قابىلىيىتى تۆۋەن، ئەقلىي جەھەتتەقارمال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بىلىمنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ جانلىقئىشلىتىشنىڭ ئۆزى ئەقلىي تەرەققىياتنىڭ يوقىرلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
1. ئەقىل ۋە ئەقىلنىڭ ئاساسىيئامىللىرى
ئەقىلدېگەن نىمە ؟ ئەقىل ئادەمنىڭ بىلىش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ، تۈرلۈكبىلىش قابىلىيەتلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدۇر . ئەقىل دېگەن ئۇقۇمغا يىغىنچاقلاپمۇنداق تەبىر بېرىشكە بولىدۇ . ئەقىل دېگىنىمىز، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىلىشجەريانىدا شەكىللەنگەن تۈرلۈك مۇقىم بىلىش قابىلىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىياكى بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئىبارەت . ئەقىل – ئىنساننىڭ كۈزىتىش قابىلىيىتى، دىققەتقابىلىيىتى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئاساسىي قابىلىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .دېمەك، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەقىلنى تەشكىل قىلغۇچى مۇشۇقابىلىيەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم .
كۆزىتىشقابىلىيىتى — ئىنساننىڭ ئادەتتىكى ھادىسە ياكى شەيئىلەر ئىچىدىن ئادەتتىن تاشقىرىھادىسىلەرنى ياكى شەيئىلەرنى بايقاش . شەيئىلەرنىڭ روشەن بولمىغان، خىرە بەلگىلىرىئىچىدىن روشەن، تىپىك بەلگىلەرنى تېپىپ چىقىش، يۈزەكى ھادىسىلەردىن ماھىيەتلىكباغلىنىش ۋە قانۇنىيەتلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى تېپىۋېلىش جەھەتتىكى ماھىرلىقىدۇر .
خاتىرەقابىلىيىتى — خاتىرە ئەقىلنىڭ موھىم ئامىلى . شۇنداقلا ئەقلىي پائالىيەتنىڭ ئاساسى. ھەر قانداق ئەقلىي پائالىيەت خاتىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . خاتىرە بولمايدىكەنباشقا ئەقىل ئامىللىرىنىڭ يەنى كۈزىتىش، خىيال، تەپەككۇرنىڭ بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. خاتىرە – بىز بۇرۇن سەزگەن، ئىدراك قىلغان، بېشىمىزدىن كەچۈرگەن شەيئىلەرنىڭئېسىمىزدە ساقلىنىشى ۋە مېڭىمىزدە قايتا گەۋدىلىنىشىدىن ئىبارەت . ئۇچۇرنەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خاتىرە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ مېڭىگە كىرىشى،ساقلىنىشى ۋە لازىم بولغانلىرىنىڭ تاللىۋېلىشىدىن ئىبارەت .
خىيالقابىلىيىتى — خىيال ئادەم مېڭىسىدە ساقلانغان سەزگۈ، ئىدراك ماتېرىياللىرىئاساسىدا ياكى تۈرلۈك سوبيېكتىپ ئوبرازلار ئاساسىدا يېڭى ئوبراز قۇراشتۇرۇپ چىقىشجەريانىدىن ئىبارەت .
خىيالتەپەككۇر جەريانىنىڭ باسقۇچى ياكى ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، خىيالنىڭ ئاساسىيجەريانى تەپەككۇرغا ئوخشاشلا ئانالىز – سېنتىزلاشتىن ئىبارەت . ئەدەبىيقەھرىمانلار يازغۇچىنىڭ خىيال جەريانى ئارقىلىق قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان، يېڭىدىنئىجات قىلىنغان ئوبرازلاردۇر . بۇنداق ئوبراز يارىتىش جەريانى، يازغۇچىنىڭ ئىجادىخىيال جەريانىدىن ئىبارەت .
تەپەككۇرقابىلىيىتى — ئادەم مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توغرىسىدىكى ۋاسىتىلىك ۋەئومۇملاشتۇرۇلغان ئىنكاسى بولۇپ، كىشىلەر تەپەككۇر ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭماھىيەتلىك بەلگىسى ۋە ئىچكى باغلىنىشلىرىنى بىلىدۇ . ئوبيېكتىپ شەيئىلەرتوغرىسىدىكى ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىش سەۋىيىسىگە كۆتىرىدۇ .
دىققەتقابىلىيىتى — دىققەت ئادەمنىڭ پىسىخىك پائالىيىتىنىڭ مەلۇم شەيئىگە قارىتىلىشى ۋەتوپلىنىشىدىن ئىبارەت . دىققەت توپلانغاندا ئەقلىي پائالىيەت ئۈنۈملۈك بولىدۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تۇراقلىق دىققەت قابلىيىتىنىيېتىلدۈرۈش موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى بارلىق ئەقلىي پائالىيەت ياكى پسىخىكپائالىيەتكە دىققەت قاتنىشىدۇ . دىققەتسىز ئەقلىي پائالىيەتنىڭ بولۇشى مۈمكىنئەمەس . ئەقىلدىن ئىبارەت بو بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى كۈزىتىش، خاتىرە،خىيال، تەپەككۇر، دىققەت قابىلىيەتلىرىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم .
2. بىلىم ئىگەللەش بىلەن ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭمۇناسىۋىتى
بىلىمۋە ماھارەت ئىگەللەش بىلەن ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ .ئوقۇتۇش ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشتە بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلەشنىۋاسىتە قىلىدۇ . ئوقۇغۇچىلار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، ئۆزى ئىگىلىگەنبىلىملىرى ئارقىلىق ئانالىز قىلىش، سېنتىزلاش، ئابستراكتلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ھۆكۈمقىلىش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئېلىپ بارىدۇ . بىلىم ئىگەللەشتىن ئايرىلغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالىدۇ .ياخشى ئوقۇتۇش شارائىتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئگىلەش جەريانىنىڭ ئۆزى تۈرلۈكمۇرەككەپ بولغان ئەقلىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . ئەقىلنىڭتەرەققىياتى بىلىم ئىگىلەشتىن ئىبارەت ئەقلىي پائالىيەت جەريانىدىلا ئەمەلگەئاشىدۇ .يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىگىلىشى ياكى بىلىم ئىگىلىشىنىڭ تېز– ئاستىلىقى، چۇنەقۇر – تېيىزلىكى ۋە مۈستەھكەملىك دەرىجىسىنىڭ قانداقلىقى، يەنەكېلىپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى يېتىلدۈرۈش
بىلىمئېلىش تەبىئىي ھالدا ئەقلىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەيدۇ . بىلىم ئىگىلەشنىئەقلىي تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتۇشقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ .
(1)ئوقۇغۇچىلارغاقانۇنىيەتلىك بىلىم، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى ئۆگەتكەندىلا، ئەقىلنى تەرەققىيقىلدۇرغىلى بولىدۇ .
بەزىلەرئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، دەپ ھېسابلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئەقلىي تەرەققىياتقائېلىپ بارمايدۇ .
قانۇنىيەتلىكبىلىم ، ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدە شەكلى بىلەن ئىپادىلەيدۇ . ئۇقۇم ۋە قائىدە ئادەممېڭىسىنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى ۋە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە بولغانئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ھامان كىشىلەرنىڭ يېڭىھادىسىلەرنى بىلىش ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى لوگىك تەپەككۇرنىڭ قۇرالىبولۇپ قالىدۇ . ئىلمىي ئۇقۇم ۋە قائىدىلەرنى تەتبىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ، ئەقلىييەكۈن چىقىرىش ، بۇ ئابسىتراكت لوگىك تەپەككۇرىدۇر .
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىي تەرەققىياتى ياخشى ئوقۇتۇش مېتوتىغا باغلىق .
ئوقۇتۇشئۇسۇلى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتۇشئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولىدۇ . يەنى دەرس مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپقويۇش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنىشكە تەشەببۇس قىلىش ئوقۇتۇش ئۇسۇلى،ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . مەيلى قانداق ئوقۇتۇشئۇسۇلىنى قوللانمايلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولىدىكەنمىز،بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكى ئاساسىي تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم .
①مەسىلىلەرئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىپائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ئۇنى مۇئەييەن نىشانغا قارىتىش لازىم .
②ئوقۇغۇچىلارنىڭتەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىپائالىيىتىنى بەلگىلىك لوگىكىلىق تەرتىپ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ ، شەيئىلەرنىڭماھىيىتىنى بىلىش مەقسىتىگە يېتىش لازىم .
③ئوقۇغۇچىلارنىڭھازىرقى ئەقلى تەرەققىيات سەۋىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇشى، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ بىربالداق يوقۇرى سەۋىيەگە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم .
(3)ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىندىۋىدۇئاللىق پەزىلەت يېتىلدۈرۈش بىلەنبىرلەشتۈرۈش كېرەك .
(4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىدىكى پەرقلەرگە ئېتىبار قىلىش، ئوبيېكتقا قاراپتەلىم – تەربىيە بېرىش لازىم .
كىشىلەرنىڭئەقلىي تەرەققىياتى تەكشى ، باراۋەر بولمايدۇ ، يەنى ئەقىللىق ، ئەقىلسىزلىق پەرقىبولىدۇ ؛ شۇڭا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئوبيېكتىپقا قاراپ تەلىم تەربىيە بېرىشزۆرۈر . تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ،نورمال ، ئادەتتىكىدىن تۆۋەن بالىلارنىڭ نىسبىتى ئىككى بېشى كىچىك ، ئوتتۇرىسى چوڭبولۇشتىن ئىبارەت .
4. باب ئەخلاقىي پەزىلەت پىسخىكىسى
§ 1 . ئەخلاقىي توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
1 . ئەخلاق ۋە ئەخلاقىيپەزىلەت ئۇقۇمى
ئەخلاق بىلەن ئەخلاقىيپەزىلەت ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم ، ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنىڭبىرى ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ۋە ئىش ـ ھەرىكەتلىرىنىڭ مىزانى ۋە قېلىپى .ئەخلاق ـ جەمئىيەت ياكى مەلۇم سىنىپ جامائەتچىلىكى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتاچەكلەش رولىنى ئوينايدۇ . تۈرلۈك سىنىپلارنى ئەخلاق كۆز قارىشى تۈرلۈكچە بولىدۇ .ئەخلاق بىلەن قانۇن ئوخشاش ئەمەس ، ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىنسا جامائەتچىلىكنىڭئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ . قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنسا جازاغا ئۇچرايدۇ . ئەخلاق ياخشىبىلەن ياماننى ، ئايرىشنىڭ بىر خىل ئۆلچىمى . ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپتەرەققىي قىلىدۇ . سىنىپىي جەمئىيەتتە ئەخلاق سىنىپىي خاراكتېرلىك بولۇپ ، ئۇ ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئورنى بىلەن مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىنكاسى .ئەخلاق ئۈستىقۇرۇلمىغا تەۋە بولۇپ ، ئۆز بازىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
ئەخلاق بىلەن ئەخلاقىيپەزىلەت ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ھەم پەرقلىق بولىدۇ . ئۇلارنى باغلىنىشلىق دېيىشىمىزـ ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن ئايرىلغان ھالدا شەخسنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى توغرىسىدا سۆزئېچىش مۇمكىن ئەمەس . ئەخلاقىي پەزىلەت ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ بىر شەخسنىڭ تۆپىدەكونكېرت ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت . ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىيقىلىشى ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئوخشاش جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتىنىڭچەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .
2 . ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى
ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابىيغايە ، كوممۇنىستىك ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىنى بېرىش ، ئېلىمىزنىڭ تۆتتەزامانىۋىلىشىش ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ، بازارئىگىلىكىگە كۆچۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك . شۇڭا ، بۇ ئىشقا تولۇقئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك .
ھەر بىر مەملىكەت ئۆزئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەم تەربىيلەيدۇ ، مەملىكىتىمىزدە ئەخلاقىي تەربىيىنىڭمەزمۇنى ، پىرىنسىپى ، شەكلى ، مېتودى قاتارلىقلار ئالدى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن پارتىيىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسلىنىپبەلگىلىنىشى ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بالىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش ،تەرەققىي قىلىشنىڭ باسقۇچلىرىغا ، مۇمكىنلىكىگە ۋە قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەنبەلگىلىنىشى كېرەك . لېنىن : ‹ ياشلارنى تەربىيلەش ئۇلارغا ئەخلاق توغرىسىدىكىتۈرلۈك چىرايلىق ، تەسىرلىك سۆز ئىبارىلەرنى ۋە ئۆلچەملەرنى سىڭدۈرۈپ قويۇش ئەمەس› دەپ كۆرسەتكەنىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈر ياشلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ چوڭتەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ ، كىچىك جايدىن قول سېلىپ ، ئومۇمىي ئەخلاققا مۇۋاپىقكېلىدىغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇلارنى ھەق ـ ناھەقنى ئايرىشقا تەدرىجىي كۆندۈرۈش، تەربىيە ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان ئۈنۈملۈك بىر تەجرىبە . بۇ داۋاملىقئىزدىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە . ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئۈنۈمى بىر قاتارشەرتلەرگە باغلىق . ئۇ پەقەتلا مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ توغرا تەلپى بىلەن مۇۋاپىق تەدبىرىگىلاتايىنىپلا قالماستىن ، يەنە جەمئىيەت ، ئائىلە ، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ بىردەكلىكىگەتايىنىدۇ . ئۇ پەقەت تاشقى شەرتلەرگىلا تايىنىپلا قالماستىن ، يەنە ئوقۇغۇچىئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىسخىك شەرتلەرگىمۇ تايىنىدۇ .
3 . ئەخلاقىي پەزىلەتپىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى
ئەخلاقىي پەزىلەتيېتىلدۈرۈش مەسىلىسىنى نۇرغۇن پەنلەر تەتقىق قىلىدۇ . مائارىپ پىسخولوگىيىسى پەقەتپىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىتىكى پىسخىك قۇرۇلمىنى، پىسخىك جەرياننى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىنى ئېچىپ بېرىپ ، تەربىيە يوللىرىبىلەن تەربىيە تەدبىرلىرىنىڭ پىسخولوگىيە ئاساسلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ .
پىداگوكىكا ئەخلاقىي ۋەزىپە، مەزمۇن ، پىرىنسىپ ، يول ، شەكىل ۋە ئۇسۇل قاتارلىق تاشقى تەدبىرلەر بىلەن ئۈنۈممۇناسىۋەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ . ئەمما ، مائارىپ پىسخولوگىيىسىئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن تەربىيە تەسىرىدەشەكىللىنىش ياكى ئۆزگىرىشىنىڭ جەريانىنى كۆزىتىدۇ .
ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ ئۆزىمۇرەككەپ ھادىسە ، ئۇنى تەتقىق قىلغاندا ، قانداق مېتود قوللانسا مۇۋاپىقبولىدىغانلىقى ، ئىزدىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە . ھازىر تۈرلۈك ئۇسۇللارقوللىنىۋاتىدۇ . لېكىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىم تەكشۈرۈش ، ئىزمۇ ـ ئىز كۆزىتىش ،سۆھبەتلىشىش ۋە يازغان ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش ، تەبئىي تەجرىبە قىلىش ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانماقتا . بۇ ئۇسۇللارنىڭھەر قايسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا پايدىلىق تەرەپلىرى بار . ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش كېرەك .
§2 . ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ پىسخىك تەركىبلىرى ۋە
شەكىللىنىش جەريانى
1 . ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭپىسخىك تەركىبى
ھەر قانداق بىر ئەخلاقىيپەزىلەت مەلۇم ئەخلاقىي بىلىش ، ئەخلاقىي ھېسىيات ، ئەخلاقىي ئىرادە ، ئەخلاقىيھەرىكەت ئادەتلىرىدىن ئىبارەت پىسخىك تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ پىسخىكتەركىبلەر ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئەخلاقىيبىلىش ئەخلاقىي ھېسىياتنىڭ پەيدا بولۇش ئاساسىي . ئەخلاقىي ھېسىيات يەنە كېلىپئەخلاقىي بىلىشنىڭ شەكىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەخلاقىي بىلىش ـ بىر خىلھەق ـ ناھەقلىق ، ياخشى ـ يامان ھەرىكەتلەر ئۆلچىمىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىبىلىشتىن ئىبارەت .
ئەخلاقىي ئىرادە ـ توغرائەخلاقىي مۇددىئادىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت قارارلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشتىنئىبارەت .
ئەخلاقىي ھېسىيات ـئەخلاقىي بىلىشنى ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بىر خىل ئىچكى تۇيغۇدىن ئىبارەت .
ئەخلاقىي ھەرىكەت ـئەخلاقىي مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرى . ئۇ بىر شەخسنىڭ ئەخلاقىي بىلىشىنىڭكونكرېت ئىپادىلىنىشى بىلەن تاشقى ئالامىتى . ئۇ ئاساسەن مەشق ياكى ئەمەلىيەتئارقىلىق ھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلەش بىلەن ئادەتنى يېتىلدۈرۈش يولى ئارقىلىقشەكىللىنىدۇ .
2 . ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭشەكىللىنىش جەريانى
1) ئەخلاقىي بىلىشنىڭشەكىللىنىشى
ئەخلاقىي بىلىش بىر خىل ھەقـ ناھەقلىق ، ياخشى ـ يامان ھەرىكەتلەر ئۆلچىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىشتىنئىبارەت بولغان پىسخىك تەركىب بولۇپ ، ئەخلاقىي بىلىش ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭشەكىلىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ . چۈنكى ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە ھامان ئادەمنىڭبىلىشى يېتەكچىلىك قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇ ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسىيتەركىبىي قىسمىدۇر .
ئەخلاقىي بىلىش ھېسسىيبىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچتىن ئۆتكەندىلا ، ئاندىنئەخلاقنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ، ئەقلىي بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ . كىشىنىڭ ئەخلاقىيبىلىشى تۇغما بولمايدۇ . بەلكى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ ھەقبىلەن ناھەقنىڭ ، ياخشى بىلەن يامىننىڭ ئۆلچىمىنى بىلىش بىلەن تەدرىجىيشەكىللىنىدۇ .
(1) ئەخلاقىي كۆز قاراشنىڭبارلىققا كېلىشى
ئەخلاقىي كۆز قاراشئىجتىمائىي ئەخلاق ھادىسىلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدە قالدۇرۇپ كەتكەن تەسۋىرىدىنئىبارەت . ئەخلاقىي كۆز قاراشنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاساسەن سەزگۈ ـ ئىدراكپائالىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . مانا بۇ ئەخلاقىي بىلىشنىڭ ھېسسىي بىلىشباسقۇچىدۇر .
(2) ئەخلاقىي چۈشەنچىنىئىگىلەش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيبىلىملەرىنى ئىگىلىشى دائىم ئەخلاقىي چۈشەنچىنى ئىگىلەش شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەخلاقىي چۈشەنچە ئىجتىمائىي ئەخلاق ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيەتلىكئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئىنكاسى . ئەخلاقىي چۈشەنچە ، مول بولغان ئەخلاقىي تەسۇۋۋۇرئاساسىدا تەپەككۇرنىڭ جەريانلىرى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ . ئەخلاقىي چۈشەنچىنىئىگىلەش ئەخلاقىي بىلىشنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
(3) ئەخلاقىي ئىشەنچىنىتىكلەش
ئەخلاقىي ئىشەنچ مۇستەھكەشئەخلاق كۆز قارىشىدىن ئىبارەت . ئۇ ئەخلاقىي كۆز قاراش بىلەن ئەخلاقىي چۈشەنچەنېگىزىدە ھاسىل بولىدۇ . ئۇ ئەخلاقىي ھېسىيات ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتلەر بىلەن يېقىنباغلىنىشلىق بولغان بىر خىل ئەخلاقىي بىلىشتۇر .
(4) ئەخلاققا باھا بېرىشقابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئەخلاققا باھا بېرىشئەخلاقىي بىلىم ئارقىلىق ئەخلاقىي پائالىيەتلەرنىڭ ياخشى ـ يامانلىقىغا ھۆكۈمقىلىش جەريانىدىن ئىبارەت . ئەخلاققا باھا بېرىش بىر خىل ئەقلىي پائالىيەت جەريانىبولۇپ ، ئۇ ئەھۋالنى ئانالىز قىلىپ ، مۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى بەلگىلەشكە ياردەمبېرىدۇ ، ۋە ئەقلىي بىلىملەرنىڭ شەخسنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەشتىكى ئاڭلىق كۈچكەئايلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاققاباھا بېرىش قابىلىيىتى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ . ئومۇمەن ، ئەخلاققا باھا بېرىشقابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇنداق بولىدۇ :
بىرىنچى ، ئەڭ ئاۋۋالباشقىلارنىڭ باھا بېرىش تەسىرىدە شەكىللىنىدۇ .
ئىككىنچى ، بالىلارنىڭئۆزىگە باھا بېرىشى باشقىلارغا باھا بېرىشكە يەتمەيدۇ .
ئۈچىنچى ، بالىلارنىڭئەخلاققا بەرگەن باھاسىدا بىر تەرەپلىمىلىك تولاراق بولىدۇ .
تۆتىنچى ، باھا بېرىشتەئاۋۋال ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىشقىلا دىققەت قىلىدۇ . كېيىن ئاستا ـئاستا ئۆز چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ، ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەرىكەتنىڭ تاشقىسەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىدىغان بولىدۇ .
2) ئەخلاقىي ھېسىياتنىقوزغاش
ئەخلاقىي ھېسىيات ئەخلاقىيبىلىش ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ . ئەخلاقىي ھېسىيات كىشىنىڭ بىلىشى ، ئىشەنچ ، دۇنياقارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ . بىلىش بولمىسا، ھېسىيات بولمايدۇ . بىلگەن ، چۈشەنگەن ، ئىگىلىگەن ، شەيئىلا كىشىلەردە ھېسياتپەيدا قىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېسىياتىنىئۆزگەرتىش كېرەك .
(1) ھېسىيات دېگەن نېمە ؟
ھېسىيات كىشىلەرنىڭئېھتىياجى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك . ئېھتىياج كىشىلەرنىڭ مەلۇم تۇرمۇششارائىتى ئاستىدا پەيدا بولغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپتەلەپلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئېھتىياجىدىن ئىبارەت . ئېھتىياج كىشىنىڭ مەلۇمئوبيېكتىپ شەيئىگە بولغان تەلىپىنىڭ ئىنكاسى .
(2) ئەخلاقىي ھېسىياتنىڭمەزمۇنى ۋە شەكلى
بىر كىشىنىڭ ئەخلاقىيئېھتىياجى ئىشقا ئېشىشتىن ـ ئاشماسلىققا ئاساسەن كېلىپ چىققان ئىچكى چۈشەنچەئەخلاقىي ھېسىيات بولىدۇ . ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەخلاقىي ئېسىياتكىشىلەرنىڭ مەلۇم ئەخلاقىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، باشقىلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سۆزھەرىكىتىگە باھا بەرگەندە پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھېسىيات چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت .بۇ خىل چۈشەنچىنىڭ ئىپادىسى مۇنداق بولىدۇ : باشقىلار ياكى ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى سۆز ـھەرىكەتلىرى مەلۇم ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلگەندە ئىجابىي پوزىتسىيە چۈشەنچىسى ھاسىلبولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھۈرمەت ھېسسىياتى ۋە كۆڭلى ئارام تېپىش ھېسسىياتى قوزغىلىدۇ.
ئەخلاقي ھېسسىيات ئۈچ خىلشەكىلگە ئىگە :
① پاراسەتلىك كەيپىياتتۇيغۇسى . بۇ مەلۇم ئەھۋالنى سېزىپ ئىدراك قىلغاندا پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ پەيدابولۇشى ناھايىتى تېز ۋە توساتتىن بولغانلىقتىن ، كۆپىنچە بۇ جەرياندىكى ئەخلاقئۆلچىمىگە بولغان ئاڭلىقلىق روشەن بولمايدۇ .
② كونكېرت ئەخلاقىي ئوبرازبىلەن باغلىنىشلىق بولغان كەيپىيات چۈشەنچىسى . بۇ كىشىنىڭ خىيالى ئارقىلىق رولئوينايدىغان بىر خىل ھېسىيات .
③ ئەخلاقىي نەزەرىيە بىلەنباغلىنىشلىق بولغان ھېسىيات چۈشەنچىسى . بۇ ئىجتىمائىي ئەخلاق تەلىپىنى ئېنىقبىلىشنى ۋاستە قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھېسىياتتۇر . بۇ خىل زور ئومۇملۇققا ۋەئەخلاق ـ قائىدە خاراكتېرىگە ئىگە .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيھېسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك .
بىرىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇناسىۋەتلىك ئەخلاق ئۇقۇملىرىنى بېيىتىش ھەمدە بۇ ئەخلاقىي ئۇقۇملارنى ئەخلاقىيھېسىيات چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلاش لازىم .
ئىككىنچى ، ياخشى ئەدەبىيئەسەرلەر بىلەن جانلىق مىساللاردىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاقىي ھېسىياتجەھەتتە ئورتاق ھېسىيات پەيدا قىلىپ ، ئەخلاقىي ئەمەلىيەتنىڭ ۋاستىلىك تەجرىبىلىرىبىلەن ھېسىيات مەزمۇنىنى ئاشۇرۇش لازىم .
ئۈچىنچى ، ئەخلاقىي ئۇقۇمۋە نەزەرىيىلەرنى كونكېرت ھېسىيات ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيچۈشەنچىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئومۇملاشتۇرۇپ ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم .
گۈزەللىك ھېسىياتى ـئادەمنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجىنىڭ قانائەتلەندۈرۈلگەن ياكى قانائەتلەندۈرۈلمىگەندەپەيدا بولىدىغان ھېسىيات . گۈزەللىك ـ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىنئىپادىلەنگەن گۈزەللىكى ياكى گۈزەل ۋە سەتلىك توغرىسىدىكى باھاسى بولۇپ ، بۇنىڭدىنمۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش ، خۇشال ـ خۇراملىق ياكى كۆڭۈلسىزلىك ،ياقتۇرۇش ياكى بىزار بولۇش ، ئالىيجانابلىق ياكى چاكىنىلىق قاتارلىق ھېسىياتلارپەيدا بولىدۇ .
ئاقىلانىلىك ھېسىيات ـكىشىلەرنىڭ بىلىش ۋە ھەقىقەتنى ئىزلەش ئېھتىياجى قانائەتلەندۈرۈلگەن ياكىقانائەتلەندۈرۈلمىگەندە تۇغۇلىدىغان ھېسسىياتتۇر . بۇ كىشىلەتنىڭ بىلىم ئىزلەشئارزۇسى ، ھەقىقەتنى قىزغىن سۆيۈشتەك ھېسىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ .
3) ئەخلاق ئىرادىسىنىيېتىلدۈرۈش
(1) ئىرادە دېگەن نېمە ؟
ئىرادە ـ ئاڭلىق ھالدامەقسەتنى بەلگىلەيدىغان ھەمدە ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەتنىئىشقا ئاشۇرىدىغان پىسخىك جەرياندىن ئىبارەت .
(2) ئىرادە ھەرىكىتىئۈستىدە ئانالىز
ئىرادە ھەرىكىتى ئۆز ئاراباغلىنىشلىق بولغان ئىككى باسقۇچقا بۆلىنىدۇ ، يەنى قارار قىلىش باسقۇچى ۋەقارارنى ئىجرا قىلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت .
① قارار قىلىش باسقۇچى
كىشىلەر ھەرىكەت قىلىشتىنئىلگىرى مېڭىسىدە نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق ھەرىكەت قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ . بۇ بىرزەنجىرسىمان مۇرەككەپ پىسخىك ھەرىكەت . ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ بۇ بىر باسقۇچى ئاساسەنمۇددىئالار كۈرىشى ، ھەرىكەت مەقسىتىنى بەلگىلەش ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاش ،ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئويلاپ قارار قىلىش قاتارلىق ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولغانبىر قانچە ھالقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ .
② قارار ئىجرا قىلىشباسقۇچى
ئىرادە قارارغا كېلىشجەريانىدىلا ئەمەس ، مۇھىمى قارارنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ .
(3) ئىرادىنىڭ سۈپەتلىرى
ئىرادىنىڭ سۈپەتلىرى ـئاڭلىق ، كەسكىنلىك ، چىداملىق ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت پىسخىلپائالىيەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
① ئاڭلىقلىق
ئىرادىنىڭ ئاڭلىقلىقى ،ئادەمنىڭ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ئېنىق بىلىش ، ئۆز ھەرىكىتىنىتەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنى توغرا مەقسەتكە بويسۇندۇرۇشقابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .
② كەسىكنلىك
كەسكىنلىك ـ بىر ئادەمنىڭھەق ـ ناھەقنىڭ ئايرىشنىڭ ماھىرلىقىنى ، دەل ۋاقتىدا بىر قارارغا كېلەلىشى ھەمدەئۇنى ئىجرا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
③ چىداملىق
چىداملىق ـ تولۇپ ـ تاشقانكۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پۈتمەس ـ تۈگىمەس غەيرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
④ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ، ئۆزھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت .
(4) ئەخلاقىي ئىرادىنىچېنىقتۇرۇش
ئەخلاقىي ئىرادە توغرائەخلاقىي مۇددىئانىڭ ناتوغرا ئەخلاقىي مۇددىئانى يېڭىشى ، ئىچكى ـ تاشقىتوسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، ئەخلاقىي مۇددىئادىن كېلىپ چىققان ھەرىكەت قارارىنىقەتئىي ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت . ئەخلاقىي ئىرادە ئاساسەن ئىككى جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ . بىرىنچى ، مۇددىئالار كۈرىشىدە . ئىككىنچى ، ئىچكى ـ تاشقىقېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قارارنى قەتئىي ئىجرا قىلىشتا .
ئەخلاقىي ئىرادىنىچېنىقتۇرۇش ئىرادە تەرەققىياتى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق ، بالىلار ۋە ياشلارنىڭئەخلاق ئىرادە سۈپەتلىرىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشلازىم .
بىرىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىئەخلاقىي ئىرادە چۈشەنچىسى بىلەن ئەخلاقىي ئىرادە ئۈلگىسىگە ئىگە قىلىپ ، ئىرادەكۈچىنى چېنىقتۇرۇش لازىم .
ئىككىنچى ، ئوقۇغۇچىلارپائالىيىتىنى تەشكىللەپ ، ئۇلارنى ئىرادە ـ تاۋلاشنىڭ بىۋاستە تەجرىبىسىگە ئىگەقىلىپ ، ئىرادە كۈچىنى چېنىقتۇرۇش لازىم .
ئۈچىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئىرادە تۈرىگە قاراپ تۈرلۈك تاۋلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم .
تۆتىنچى ، بەلگىلەنگەنقارارنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش كۈرىشى جەريانىدا ئىرادىنىتاۋلاش لازىم .
بەشىنچى ، تەنتەربىيەپائالىيىتى ئارقىلىق تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش لازىم .
4) ئەخلاقىي ھەرىكەت تەلىمتەربىيىسى
كىشىنىڭ ئەخلاقىي قىياپىتىبىرەر ھەرىكەتنى قىلىش ياكى ئۇنى توختىتىش ئىپادىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ .شۇنىڭدەك ئەسلىدىكى ھەرىكەت جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ .
ئەخلاقىي ھەرىكەت تەربىيىسىتۆۋەندىكى ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
(1) ئەخلاقىي ھەرىكەتئۇسۇلىنى ئىگەللەش .
ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۇسۇلىنىئىگەللەش ئەخلاقىي ھەرىكەتنىڭ زۆرۈر شەرتى . ئوقۇغۇچىلارغا ھەرىكەت ئۇسۇلىنىئىگىلىتىشنىڭ شەكلى خىل مۇخىل .
(2) مەشق ئارقىلىق ئەخلاقىيھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە يالغۇز مۇددىئا تەربىيىسى بىلەن ھەرىكەت ئۇسۇلىغاتايىنىپلا يېتەكچىلىك قىلىش يېتەرلىك بولمايدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىيھەرىكەتلەرنى مەشق قىلدۇرۇپ ، مۇستەھكەم ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
دېمەك ، ئوقۇغۇچىلارنىڭئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى ، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بىلىش ، ھېسيات، ئىرادە ھەرىكەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدىن ئىبارەت .
3.ئەخلاقىي پەزىلىتى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش
مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپۋەزىپىسى ــــ ئىختىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت . بۈگۈنكىياشلار ئىسلاھات ۋە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ زاپاس ئارمىيىسى بولۇپ، ئەتەدۆلەتنىڭ غول تايانچىلىرى بولىدۇ . سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەقلىيۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تولۇق ئىجتىساسلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدەئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك .
1.    ئەخلاقىي پەزىلىتى ياخشىئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرى
ئوقۇغۇچىلاردا ياخشىئەخلاقى پەزىلەت شەكىللەنگەندە تۆۋەندىكىدەك پسىخىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ:
1)   بىلىش جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
(1)  توغرا ھەق ـ ناھەقلىق كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىلئەخلاقىي پەزىلەتلىرى مۇھابەت ـ نەپرىتى ئېنىق بولۇش ۋە توغرا ھەق ـ ناھەقلىق كۆزقارىشىغا ئىگە بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ . ئۇلار تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئەمگەكنى سۆيۈش،پەننى سۆيۈش، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولۇش، ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، ئوقۇتقۇچىنىھۆرمەت قىلىش، كوللىكتىپقا كۆيۈنۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپھېسابلاشلارنى كىشىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ .
(2)  ئۈستۈنلۈك قازىنىش ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگەبولۇش .
ئۆسمۈر ياشلار دەل تەرەققىيقىلىۋاتقان بىر باسقۇچتا تۇرغانلىقتىن، ئۇلار ئاكتىپ، جۈرئەتلىك، پائال قىزغىن،ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە . بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ يۈرەكلىكبىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھىدىن ئاجىرالمايدۇ .
2) ھېسسىيات جەھەتتىكىپسىخىك ئالاھىدىلىكى
         (1) مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،ھەققانىيەت ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش .
   بۇ كوللېكتىپ تۇرمۇشقا كۆيۈنۈش،ئوقۇتقۇچى ۋە كوللېكتىپ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپ ئورۇنلاش، خىزمەتنى قىزغىنۋە خالىس ئىشلەشتە ئىپادىلىنىدۇ .
  ھەققانىيەت ھېسسىياتى دېگىنىمىز ھەقبىلەن ناھەق، ياخشى بىلەن ياماننى ئېنىق ئايرىش، يامان ھادىسىلەرگە قارشى كۈرەشقىلىش، شەخسى پايدا – زىياننى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىش،ياخشى ئىش قىلسا ماختانماسلىق .... لاردىن ئىبارەت .
(2) ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنىسۆيۈش ھېسياتىغا ئىگە بولۇش .
           بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە .ۋەتەننى سۈيۈش تەربىيىسى بېرىشتىن بۇرۇن « ئۆز ئاتا – ئانىسىنى سۆيۈش » « يۇرتىنىسۆيۈش » تەربىيىسىدىن باشلاش لازىم .
        (3) شان – شەرەپ ھېسسىياتى بىلەن غورورھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش .
        ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ تۇرمۇش ئىچىدەئۆزىنىڭ ئورنىنى بىلىدۇ . شۇنىڭدىن پەخرلىنىش بىلەن خىجالەتچىلىك، غورۇر بىلەنئۆكۈنۈش، قاتارلىق كەيپىيات تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ .
        3) ئىرادە جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
       (1) ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە .
   ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىگە توغرا ئىدىيەبىلەن رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەر ۋاقىت بېرىلىپ ئۆگىنىدۇ . بەزىلەر توغرا مەقسەتنىئىشقا ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىقتىن قورۇقماي، ئارسالدىلىق، قورقۇنچاقلىق، ھورۇنلۇق،تارتىنچاقلىقلاردەك ناچار كەيپىياتلارنى يېڭەلەيدۇ .
       (2) قىيىنچىلىقنى يېڭىش روھىغا ئىگە .
   ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا ئىككىخىل قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ . بىرىنچى، ئىچكى قىيىنچىلىق يەنى سوبيېكتىپ جەھەتتەمۇددىئا ياكى مەقسەتنىڭ ئېزىقتۇرىشىنى يېڭىش . ئىككىنچى، تاشقى قىيىنچىلىق يەنىئوبيېكتىپ جەھەتتە ھەر خىل توسالغۇ ئامىللار ، ناچار شارائىت ، ئۈسكۈنىلەرنىڭكەملىكى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش .
     4) ھەرىكەت ئادىتى جەھەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى
     (1) سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش ۋە خاتالىقىنىئۆزگەرتىش روھىغا ئىگە بولۇش .
    بۇ ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلىتى . بۇ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپبېرىدىغان تەربىيە ۋە ياخشى ئادەت .
(2) ياخشى ھەرىكەتئادەتلىرىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش .
ياخشى ھەرىكەت ئادەتلىرىكىشىنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنىڭ تاشقى ئىپادىسى . ئۇ ھامان ئىچكى جەھەتتىن يەنىبىلىم ، كۆز قاراش، ئىشەنچ، غايە غورور ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى ئاساسقىلىدۇ .  
2.    ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىشقائاشۇرۇلىدۇ .
1)   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلىتىنى ئوقۇتۇشئارقىلىق يېتىلدۈرۈش
مەكتەپ خىزمىتىدە ئوقۇتۇشئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ھەر قايسى پەنلەرنى ئوقۇتۇش ، بىلىم تەربىيىسى بىلەنئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم رولغا ئىگە . بۇئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قاراش ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
2)  تۈرلۈك تەربىيە ئەھمىيىتى بولغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشىئەخلاقىي پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش
مەخسۇس تېما بويىچەئېچىلغان سىنىپ يىغىنلىرى، كۈرەش قەھرىمانلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەمۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، ئىنقىلابىي مۈقەددەس جايلارنى ئېكسكۇرسىيەقىلىش، مەكتەپ خاتىرە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىق ، تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگەپائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرىشتە مۇھىمئەھمىيەتكە ئىگە .
قەھرىمان ، نەمۇنىچىلاردىنئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت تەرەپنى چىڭ تۇتۇش كېرەك :
① قەھرىمان، نەمۇنىچىلاردىنئۆگىنىشتىكى ئوبيېكتىپ تەلەپنى ئوقۇغۇچىلارنىنىڭ ئىچكى ئاڭلىق ئېھتىياجىغائايلاندۇرۇپ ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى قوزغاش كېرەك .
② ئوقۇغۇچىلارغاقەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلدۈرۈپ ، شۇ ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ يۈكسەكئىدىيە چېگرىسى ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر توغرىسىدائوقۇغۇچىلارنى توغرا چۈشغنچىگە ئىگە قىلىش كېرەك .
③ ئوقۇغۇچىلاردىن شەيئىلەرگەنىسبەتەن قەھرىمانلارنىڭ ئىدىيە ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ،بىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك .
④ ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنىمەشق قىلدۇرۇپ ، ئاددىي ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى ئەخلاقىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇش بىلەن، ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
3) مۇنەۋۋەر سىنىپكوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنىيېتىلدۈرۈش
بىر مىنەۋۋەر سىنىپ كوللىكتىپى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئىنقىلابىي غايىنىڭ تىكلىنىشىنى ،ئەخلاقىي ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىقنىڭ يۈكسىلىشىنى كوللېكتىپ ئۈچۈن خالىس ئىشلەشھېسسىياتى ، جاۋابكارلىق روھى ، پەخرلىنىش ھېسسىياتى ، دوسلۇق ھېسسىياتى ۋەپائالىيەتچانلىق روھى، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە بويسۇنۇش قاتارلىق ئېسىل ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلاركوللېكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىگە نىسبەتەن ناچار تەسر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كوللېكتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە تىكلىشىنى يوققا چىقىرىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنىڭتەرەققىيات جەريانى تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچتىن ئىبارەت :
بىرىنچى باسقۇچ، تەربىيەتەلىپى، كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا سىرتتىن كەلگەن بولىدۇ .
ئىككىنچى باسقۇچ،ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىلغارلار، ئاكتىپلار تەربىيە تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەمدەئوقۇتقۇچىلارغا ھەمكارلىشىپ ، بۇ تەلەپلەرنى قالغان كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارغاقويۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
ئۈچىنچى باسقۇچ،ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپى تەربىيە تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، كوللېكتىپنىڭ ئۆزى بۇتەلەپلەرنى ئايرىم پەرقلىق ئوقۇغۇچىلارغا قويۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ .
تۆتىنچى باسقۇچ، تەربىيەتەلىپى – كوللېكتىپقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە ئايلىنىدۇ . ئەمدىكوللېكتىپنىڭ سىرتتىن نازارەت قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .
(2) ئوقۇغۇچىلارنىڭدورامچىلىق ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش لازىم .
ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپئىچىدە ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بىۋاسىتەئالاقە قىلغانلىقتىن ، باشقىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى ئۇلاردا ئويلىنىش ،سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ ۋە بۇنىڭدىن دوراش پىسىخىك پائالىيىتى قوزغۇلىدۇ .شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك رولىغا دىققەت قىلىشى كېرەك .
نەمۇنىچىلارنىڭ ئىشئىزلىرىنى دورىتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەتقىلىشى كېرەك :
بىرىنچى، مەكتەپنىڭ ئۇتۇقۋە ئىلغارلىق ئىش ئىزلىرىنى ، كەلگۈسى تەرەققىيات مەنزىرىسىنى ئوقۇغۇچىلارغاكۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى پەيدا قىلىش.
ئىككىنچى، كۆپ سانلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ شان – شەرەپ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، باشقائوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش .
ئۈچىنچى، تۈرلۈكشەكىللەردىن پايدىلىنىپ ، سىنىپنىڭ ئىلغارلىق ئىش ئىزلىرىنىڭ پۈتۈن كوللېكتىپبىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش .
تۆتىنچى ، ئوقۇغۇچىلارنىمەكتەپ ۋە سىنىپنى سۈيۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپنىياخشىلاش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش كېرەك .
(4) ئوقۇغۇچىلارنىڭكوللېكتىپنىڭ ئىستىقبالىغا تەلپۈنۈش روھىدىن تولۇق پايدىلىنىش .
ياش ئوقۇغۇچىلار خىيالچانكېلىدۇ ، خام خىيالنى تولا قىلىدۇ ، خام خىيال بولسا ئىجادىي پائالىيەتلەرنىڭمۈقەددىمىسىدۇر . ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر .
(5) ئوقۇغۇچىلارنىڭكوللېكتىپقا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن خاراكتېرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە دىققەتقىلىش كېرەك .
كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭكوللېكتىپقا قاراتقان پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ كۆز قارىشى ، ئەخلاقىي ئېڭىبىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بەزىدە ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئالاھىدىلىك بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭئەخلاقى تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىلئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەشقابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . ئۆسمۈر ياشلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلىتىتەربىيە ۋە باشقا تاشقى تەسىراتلار ئاستىدا ئۇلارنىڭ تونۇشى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىئارقىلىق پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ . شۇڭا ، ئۇلار تەربىيە ئوبيېكتى بولۇپلاقالماستىن، بەلكى تەربىيىنىڭ سوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ . ئۆز – ئۆزىنى تەربىيىلەشدېگىنىمىز ؛ بىر كىشىنىڭ ئېسىل ئىدىيىۋى ئەخلاق پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن،ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ئۆزگەرتىش بىلەن ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
5) ئېسىل ئەخلاقىيپەزىلەتلەرنى يېتىدۈرۈشتە ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈش
ئوخشاش ياشتىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەقىل تەرەققىياتى جەھەتتە پەرق بولىدۇ .شۇنداقلا روھى قىياپىتى، ئەخلاقى پەزىلەتلىرى جەھەتتىنمۇ پەرقلىنىدۇ . مانا بۇئەھۋال تەربىيىچىلەردىن ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ئەمەلىيەتنىنەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى ، ئوبيېكتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
6) مەكتەپ تەربىيىسى بىلەنئائىلە تەربىيىسىنى يېقىندىن ماسلاشتۇرۇش
مەكتەپ تەربىيىسى – مائارىپفاڭجېنى بىلەن مائارىپ مەقسىتىگە ، باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭجىسمانىي ۋە پسىخكىلىق تەرەققىياتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلىنىپ، توغرا تەربىيەمەزمۇنى ۋە توغرا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان مەقسەتلىك ، پىلانلىق ،تەشكىللىك تەربىيە پائالىيىتىدىن ئىبارەت . مۇشۇنداق پائالىيەت ئارقىلىق قىسقامۈددەت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك كۆزقاراش ۋە ئىشەنچى ، ھەرىكەتئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل ۋە ئىندىۋىدۇئال ئەخلاقىيپەزىلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . جەمئىيەت ۋە ئائىلىلەرنىڭئوقۇغۇچىلىرىنى تارقاق ، ستىخىيىلىك ھالدا تەربىيىلىشىگە قارىغاندا ، مەكتەپتەربىيىسى يېتەكچى رول ئوينايدۇ .
ئائىلە تەربىيىسىئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ .ئائىلە جەمئىيەتنىڭ « ھۈجەيرىسى » . ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ بىرىنچىئوقۇتقۇچىسى ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەر بىر سۆز ، ھەرىكەتلىرى بالىلارغا بىۋاسىتە ھەمبىلىندۈرمەي تەسر كۆرسىتىدۇ . قەدىمدىن ھازىرغىچە قەدىىمدىن ھازىرغىچە ، جۇڭگودىنچەتئەللەرگىچە مائارىپچىلار ئائىلە تەربىيىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمەكتە .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىلئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئالدى بىلەن ئائىلە تەربىيىسى بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك .
§4. ئەخلاقىيپەزىلىتى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنى تۈزىتىش
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچى دېگىنىمىز - سوتسىيالىستىك ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئېغىرئەخلاقىي خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ .
1- ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكى
1) بىلىش جەھەتتىكى پىسخىكئالاھىدىلىكى
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي بىلىمى يوق ، قارىغۇلارچە ئىش قىلىدۇ . ئەخلاقىي كۆزقارشى  مۇجمەل ، ھەق بىلەن ناھەق، ياخشىلىقبىلەن يامانلىقنى ئايرىمايدۇ. مەسىلەن: ئۇلار ، لۈكچەكلىك، بۇزغۇنچىلىق،ۋەھشىلىكنى قەھرىمانلىق ھېسابلايدۇ . قانداقتۇر بىرتۈركۈم بىكار تەلەت « ۋىژدانلىقئاغىنىلەر» بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «دوستلىق» ھېسابلايدۇ . ئوغرلىقھەرىكەتلىرىنى « بەدەن بىلەن مېڭە بىرلەشكەن ئەمگەك» دەپ قارايدۇ . باشقىلارغاياردەم بېرىشنى « يالغان ئاكتىپچىلىق» ھېسابلايدۇ . ياخشى يەپ – ئىچىپ، بۇزۇپ – چېچىشنى«ئەمەلىي نەپ» ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي غايىسى قىلىۋالىدۇ . ئۇلارمۇشۇنداق «ئەمەلىي نەپ»نى دەپ باشقىلارغا زىيان كەلتۈرۈشتىن يانمايدۇ .
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پاسسىپ نەرسىلەر ئەمەس . ئاكتىپ(ئىجابىي) تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ . ئەمما ، پاسسىپ ئامىللار ئۈستۈنلىكنى ئىگىلەپ،ئۇلارنىڭ ھەركەت مۇددىئاسىغا ئايلىنىپ قالغان . مەسىلەن: ئۇلار باشقىلارنىڭنەرسىلىرىنى ئوغىرلاشقا كىرىشكەندە ئىكىلىنىدۇ . ئارىسالدى بولىدۇ . ئوغىرلىقىبىرىنچى قېتىم ئاشكارىلىنىپ قالغاندا يۈزى قىزىرىدۇ . قورقۇش ۋە خىجالەتچىلىك ھېسقىلىدۇ . بۇ قىلىقنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى مۈجمەل تونويدۇ . پۇشايمان قىلىپخىجىل بولىدۇ . مانا بۇلار ئىجابىي ئامىللارنىڭ ئىپادىلىرىدۇر .
2) ھېسيات جەھەتتىكى پېسخىكئالاھىدىلىكى
①ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلار ئۇرۇش، تىللاش، ئەيىبلەش، مەسخىرە قىلىش، سولاپ قويۇشلار ئىچىدەئۆسكەچكە ، ئۇلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ، ئاتا - ئانا ۋە قانۇن ئورۇنلىرى ئوتتۇرسىداقارشىلىق ھېسيىات بولىدۇ .
②ھېسياتى چىرايىدا ئوڭايلابىلىنىپ قالىدۇ . ھەر ۋاقىت ھەرىكىتى نورمال ئەمەس. ئۇلار خۇشال بولغانداسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئاچچىقلانغاندا غەزەپلىنىپ يېرلىپ كەتكۈدەك بولۇپكېتىدۇ .
③ئۇلاردا ھەق بىلەن ناھەق ،ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت روشەن ئەمەس. بەزىلىرى شەرەپنىنۇمۇس، نۇمۇسنى شەرەپ ھېساپلايدۇ .
④ئوڭاي تېرىكىدۇ . ئۇلار تېرىككەندەئىشنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ .پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنىچىقىرىۋالىدۇ .
⑤ھېسياتى غەيرى، ھەركىتىئىپتىدائىي بولىدۇ. خاتالاشقاندا « پۇشايمان » ھىس قىلىدۇ . كېيىن ھىچ ۋەقەسى يوقدېگەن ھېسياتقا كېلىدۇ . ئۇلار ھەممىلا ئىشىنى مەنىسىز ھېسابلايدۇ . ھەتتاياشاشتىن ئۆلۈش ئەۋزەل دەپ قارايدۇ  .
⑥ھېسياتى ئۆزگىرىشچان ،كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ . بۇنداق ئوقۇغۇچىلار بەزىدە ناھايتى يامان، بەزىدەتەسىرلىنىپ، ھاياجانلىنپ كېتىدۇ . تەربىيە بەرسە خاتالىقىغا ئېچىنىدۇ، تۈزىتىشكەبەل باغلايدۇ . لېكىن ، بۇ خىل ھېسيات نۇرغۇن ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلاردا ناھايتى تېزلا يوقاپ كېتىدۇ . بەزىدە خاتالىقىنى يەنە تەكرارلايدۇ .
3) ئىرادە جەھەتتىكى پىسخىكئالاھىدىلىكى
①ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى ئاجىز بولىدۇ .
② ئۇلارنىڭ ئۆزىنىتۇتۇۋېلىش كۈچى ئاجىز بولۇپ ، توغرا ئىدىيە بىلەن ئۆز ھەركىتىنى چەكلىيەلمەيدۇ .
4)ھەرىكەت ئادىتى جەھەتتىكىپىسخىك ئالاھىدىلىكى
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئاغزىنى ئاچسىلا تىللاش ، قول كۆتۈرسىلا مۇشتىلاشقاتارلىق يامان ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۋالغان بولىدۇ . بەزىلىرى تاماكا چېكىش، ھاراقئېچىش، ئوغىرلىق ، بۇلاڭچىلىق قىلىشتەك يامان ھەركەتلەرنى يۇقتۇرۋالغان بولىدۇ .مۇئامىلىدە بوزەكنى بوزەك قىلىپ، ياماندىن قورقىدۇ . مۇشتۇمىزورغا خۇشامەت قىلىدۇ. ئاجىزنى بوزەك قىلىپ ھۇزۇرلىنىدۇ . ئۆگىنىشكە قىزىقمايدۇ . بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭئالاھىدىلىكى : مەدەنىي كۆڭۈل ئىچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ .
شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار بۇنداقئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ ، تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ،ئۇلارنىڭ ئۆز قابىليىتىنى جارى قىلىش پۇرسىتىنى يارتىپ بىرىش كېرەك .
5) خاراكتېر جەھەتتىكىپىسخىك ئالاھىدىلىكى
①ئەمگەككە تۇتقانپوزىتسىيىسى
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەككە تۇتقان پوزىتسىيىسى پاسسىپ بولىدۇ . ئەمگەك قىلىشقائادەتلەنمىگەن بولىدۇ . بىراق ، ئۇلار كۈچ – قۇۋەتكە تولغان بولۇپ ، نورمۇلۇقكۆتۈرە ئالىدىغان ئىشلارنى ئىنتايىن تېزلىك بىلەن ئورۇنلايدۇ . مەلۇم جەھەتتەئىجادچانلىق روھىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ . لېكىن، ئۇلاردا ئېنىق ئۆگىنىش مەقسىتىۋەئاڭلىق ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بولمايدۇ . ئۆگىنىشكە ئادەتلەنمىگەن بولىدۇ .
②كوللىكتىپقا ۋە باشقىلارغاتۇتقان پوزىتسىيىسى
ئۇلاردا توغرا ئاممىۋى كۆزقاراش ۋە كوللېكتىۋىزىملىق ئىدىيە بولمىغانلىقتىن ، كوللېكتىپ  ئىچىدە ئىنتىزام چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. شەخسىيەتچى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار خاتالىقىنى تۈزۈتىشكە ياردەمبېرىدىغان ئوقۇتقۇچىنى ھخرمەت قىلىدۇ .
③ ئۆزىگە تۇتقانپوزىتسىيىسى
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە غورۇر ۋە كەمسىتىش بولۇپ ، بۇ ئۇلارنىڭ ھەركىتىنىباشقۇردىغان ئىككى خىل زىددىيەت ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار ئۆزىنى ھۈرمەتلەيدۇ .باشقىلارغا تېز پۈكمەيدۇ . باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشكە يول قويمايدۇ .باشقىلارنىڭ ئۆز خاتالىقلارنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىشنى خالىمايدۇ . تەنقىد قىلىشنىخالىمايدۇ . ئوقڭتقۇچى ، ئاتا - ئانا ، ۋە كوللېكتىپنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقىدۇ،بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى : ئوقۇتقۇچىنىڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشسە ، ئۆزىگەتاپشۇرغان ئىشنى بىجاندىل ئورۇنلايدۇ . بۇنىڭدىن تەقدىرلىنىپ ياكى مۇكاپاتلانساخىجالەت بولىدۇ .
6)قابىليەت جەھەتتىكىپىسخىك ئالاھىدىلىكى
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن يامان ئادەتلىرىدىن باشقا ، يەنە ئاكتىپ ئىجابى تەرەپلىرىمۇبولىدۇ . بەزىلىرى تەشكىللەش قابىليىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بەزىلىرى تەنتەربىيەماھىرلىرى ئىكەنلىكىنى .... ۋە ھەر خىل ماھارەت قابىليەتلىرىگە ئىگە  ئىكەنلىكىنى ئۇچىرتىمىز . ئۆگىنىشتە بەزىلىرىنىڭدىققەت كۈچى تۇراقسىز بولۇپ، ئۇلار ئوڭايلا سىرتقى تەسىرگە بېرىلىدۇ . بەزىلىرىنىڭخاتىرە كۈچى ئاجىز ، بەزىلىرى ئىرادىسىز، بەزىلىرىنىڭ يېزىق ۋە تىل قابىليىتىناچار . بىلىمسىز ، قابىليەتسىز بولۇپ ، بالىلىق روھى تەرەققىياتى تولىمۇماسلاشمىغان بولىدۇ، ئومۇمىيلاشتۇرغاندا، ئەخلاق پەزىلىتى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭبىلىم ئۆگىنىش جەھەتتىكى ھەر خىل قابىليەتلىرى تۆۋەن بولىدۇ .
2. ئەخلاقىي پەزىلەتتە ناچارلىقىنىڭ سەۋەبلىرى
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتتەناچارلىقىنىڭ ئوبىيكتىپ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1)جەمىيەتتىكى يامانتەسىرلەر
مەملىكىتىمىزدە بۇرژۇئازىيەيوقالغان بولسىمۇ، ئېكسپىلاتاتۇر سىنىپ ئىدىيىسىنىڭ چىرىتىشى ۋە قالدۇق تەسىرىھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە . زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۆچلۈك بىلەن قارايدىغان،بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئاز ساندىكى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار ھېلىمۇ مەۋجۇت . ئۇلارسوتسىيالىستىك تەرتىپنى بۇزۇپ، ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ئۆسمۈر ياشلارنى، كوناجەمئىيەتتىن قالغان سېرىق كىتاپ، يامان ئادەتلەردىن پايدىلىنىپ، فىئوداللىق،خۇراپىي، ئەكسىيەتچى ئىدىيە ۋە پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەرنى تارقىتىپ، ئەيش – ئىشرەت،كەيپ – ساپا تۇرمۇش ئارقىلىق جەلىپ قىلىپ، ياشلارنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى جىنايىئىشلارنى قىلىشقا قۇتراتتى .
  قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قاتتىقبولماسلىق ۋە ئادىل بولماسلىق، جىنايى ھەرىكەت ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا كۈچلۈكزەربە بەرمەسلىك قاتارلىقلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ناچار بولۇشىغا تەسركۆرسىترىدۇ .  
(2)ئائىلە تەربىيسىنىڭناچارلىقى ۋە ناچار شارائىت تەسىرى
ئەخلاقى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بىلەن ئائىلە شارائىتىدىن ئالغان يامان تەسىرىتۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن بولىدۇ:
①ئائىلىدىكى ناچارئىستىللار
ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يامانتەسىرى، مەسلەن: ئوغىرلىق، قىمارۋازلىق، تۇرمۇشتىكى  چىرىكلىك قاتارلىقلار بالىلارنى خاتا يولغا سېلىپ قويىدۇ .
②ئائىلىدە بالىلارنىباشقۇرۇشتا توغرا ئۇسۇل بولماسلىق ، تەربىيلەش ئۇسۇلى بىردەك بولماسلىق، بەزىدەچىڭ تۇتۇش، بەزىدە ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىش..... مەسلە  چىقسا نېمە قىلىشنى بىلمەي ، بالىنى تىللاش، ئۇرۇش، سولاپ قويۇش، باغلاپ قويۇش،ئاچ قويۇش ھەتتا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش....
③ئائىلە باشلىقلىرىنىڭبالىغا قويغان تەلىپى يۇقىرى بولماسلىق
لايىقىدا تەلەپ قويماسلىق ،ئارتۇقچە ئەركىلىتىش ، ئۆز مەيلىگە يول قويۇش ، بالىلارنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ بىرىنچىقەدىمى.
④ئائىلە قۇرلۇشىنىڭبۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشى
ئائىلە شارائىتىنىڭتوساتتىن ئۆزگىرىشى ، ئاتا - ئانسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن تەربىيە شارائىتىدىنمەھرۇم قېلىشى ياكى ئائىلىسنىڭ باشقا ئورۇندا بولۇشى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاجىرشىپكېتىشى، باشقىدىن نىكاھلىق بولۇش ، مەلۇم مەزگىل خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن باللىرىنىتەربىيلىيەلمەي قېلىشى ، تەربىيىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى ، بالىلار روھى جەھەتتىن  زەربىگە ئۇچىرغاندىن كېيىن يامان ئادەملەرنىڭ تارتىپكېتىشى....
⑤ تۇرۇشلۇق جاي شارائىتىنىڭناچارلىقى ، ئاتا - ئانا تۇرمۇشنىڭ تېجەشلىك بولماسلىقى، ئائىلىدىكىئىسراپچىلىق....
(3) مەكتەپتىكى تەربىيەخىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر
①مائارىپ فاڭجىنىنى توغرا ،تولۇق ئىزچىللاشتۇرماسلىق، دائىملىق ئىديىۋى خىزمەتكە سەل قاراش .
②ئەخلاقىي ناچارئوقۇغۇچىلارغا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشى بويىچە قارىماسلىق. ئۇلارغا سوغۇق مۇئامىلەقىلىش ، كەمسىتىش، ئەيىبلەش، غەمخورلۇق ۋە ياردەمگە ئېرشەلمەسلىك .
③رەھبىرى كادىرلار بىلەنئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسۇلىيەتسىزلىكى، ئەخلاقىي ناچار ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەب «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا » دېگەن كۆز قاراشتا بولۇش. ئۇلارنىڭ مەسىللىرىنى ھەلقىلىشتا ھېسياتقا قاراپ ئىش قىلىش ، قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش.....
④مەكتەپ بىلەن ئائىلەتەربىيىسىنىڭ بىر – بىردىن ئاجىرلىپ كېتىشى .... قاتارلىقلار.
    2) ئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىي پەزىلىتىناچارلىقىنىڭ سۇبىيېكتىپ سەۋەبلىرى
پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭقارشىچە: جەمىيەت، ئائىلە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋەئۆزگىرىشتىكى تاشقى سەۋەب بولۇپ ، ئۇ، ئوقۇغۇچى پىسخىكىسنىڭ ئىچكى زىددىيىتىئارقىلىق رول ئوينىغاندىلا ، ئاندىن ئوقۇغۇچى پىسخىكىسنىڭ تەرەققىي قىلىپئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
(1)توغرا ئەخلاقىيچۈشەنچىنىڭ كەملىكى
كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىئەمەلىيتى داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئېھتىياجى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتداۋامىدا ئۆزىنىڭ تۇغما ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىدۇ، چەكلەيدۇ . ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلاردائەخلاق چۈشەنچىسى كەملىكتىن ناھايتى ئوڭايلا ئېزىقتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئارزۇتۈرتكىسىدە ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغانتۈرلۈك ھەرىكەتلەر پەيدا بولىدۇ .
(2) پاسسىپ نەرسىلەرنىقارىغۇلارچە دوراش
ئۆسمۈر ياشلارنىڭ بىلىمئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنى بىر قابىل كىشىقىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدىغان بولىدۇ .
(3) ئىرادىسىزلىك
ئىرادە كۈچى توغرا ئەخلاقىيچۈشەنچە ئارقىلىق ناچار ئەخلاقنى يېڭىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان پىسخىك ئامىل .بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ناچارلىقى ئىرادىسى ئاجىزلىقتىن ، نامۇۋاپىقتەلەپلەرنى توغرا كۆزقاراش ئارقىلىق يېڭەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ .
(4) ناچار ھەرىكەتئادەتلىرى
ئوقۇغۇچى سوتسىيالىستىكجەمىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان ھەرىكەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ،ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا غەلبە قىلغان بولسا ، بۇ خىل ھەرەكەت ئۇسۇلى مېڭىدەئېھتىياج بىلەن مەلۇم باغلىنىش ئورناتقان بولىدۇ . بۇ كۆپرەك تەكرارلانسا باغلىنىشمۇستەھكەملىنىپ ، قېلىپلىشىپ قالىدۇ ياكى يامان ئادەت شەكىللىنىدۇ . يامانئادەتلەرنى تەكرارلاش جەريانىدا ، ئوقۇغۇچى ئوڭايلىق ، ھوزۇرلۇق كەيپىيات تۇيغۇسىھاسىل قىلۋالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ناچار قىلىقلار ئىچكى كۈچكە ئايلىنىپقالىدۇ .
3.ناچار ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنى تۈزىتىشنىڭ پىسخولوگىيلىك ئاساسلىرى
ئەخلاق پەزىلىتىي ناچارئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەب توغرا تونۇش بولۇش ، ئۆسمۈر ياشلار خاتالىق ئۆتكۈزگەنبولسىمۇ ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ماھىيتىنىىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،ئۇلارغا قىزغنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ ، خاتا ھەركەتلەرنى تەربىيە ئارقىلىقئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ، شۇنداقلا تەربىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلىبولدىغانلىقىنى توغىرسىدا ئۇلاردا ھەقىقىي ئىشەنچ پەيدا قىلىش لازىم . يەنە بىرتەرەپتىن، ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ دۇنيا قارشى ، ئىدىيىۋى ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ تېخىمۇقىملاشقان ۋە ئىنتايىن چوڭ ئەۋرىشملىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ناچار مۇھىتتائاسانلا يامان تەرەپكە ئۆزگىرىپ ئوڭۇشلۇق شارائىتتا يەنە ياخشى تەرەپكە قاراپئۆزگىردىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك . لېكىن ، ئەخلاقىي پەزىلىتي  ناچار  ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش مۇشەققەتلىك، ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بىر خىزمەت بولۇپ، مەكتەپ ، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ئاكتىپ ماسلىششى ۋە ئورتاق ماسلىششىنى تەلەپقىلىدۇ .
1)ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورقۇش ،گۇمانخورلۇق ۋە قارشىلشىش كەيپىياتىنى تۈگىتىش كېرەك.
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلار ئەخلاقىي جەھەتتىن ئېغىر ۋە يېنىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن،ئەتراپتىكى كىشلەرگە نىسبەتەن كۆپىنچە بىر خىل قارشىلىش كەيپىياتى بولىدۇ . بۇنداق  ئوقۇغۇچىلارنى ماختاش ۋە  ئىلھاملاندۇرۇشتىن، ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەش كۆپ بولغاچقا ئۇلارداكۆپىنچە «خۇدۇكسىنىش»،«سەگەكلىك» «ئېھتىياتچانلىق»،«ئۆچلۈك» ئالەمەتلىرى بولىدۇ .ئۇلار دائىم «ئوقۇتقۇچى مېنى كەمسىتىدۇ، مەندىن بىزار» دەپ قارايدۇ . ئۇلارئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى قاچۇرۇش، جىم بولۇۋېلىش ياكى قوپاللىق، يولسىزلىققىلىپ «نورمالسىز» پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيلىرىئۇلارغا نىسبەتەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش قىيىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلارنىئەيىبلەش ياكى نەسھەت قىلىش ھەرگىز كار قىلمايدۇ. بۇ خىل پىسخىك توسالغۇنى يوقىتىشئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ۋە كوللېكتىپ ئۇلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆپتەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىي- ساداقەتلىك بىلەن ياردەم بېرىش،ئۇلار بىلەن سىرداش دوست بولۇپ، سەۋرچانلىق ،ئىنچكلىك بىلەن ئۇلارغا نەسھەت قىلىپ،ئۇلاغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سەمىمىي نىيتىنى، كوللىكتىپنىڭ مېھرى –شەپقىتىنى ھىس قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى كىشلەرگە بولغان ئىشىنىش ھېسىياتىنى كۈچەيتىش لازىم.
2) ئويغىنىش ۋە ئۆزگىرىشنىڭئاچقۇچلۇق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمەن ئويغىنىش، ئۆزگىرىش، تەكرارلىنىش،مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىشىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناچار قىلىقلارنىتۈزىتىش جەرياننىڭ ئومۇمىي قانۇنىدۇر.ئويغىنىش دېگىنىمىز، خاتالىق سادىر قىلغانئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىقتاداۋاملىق چىڭ تۇرۇشنىڭ خەتەرلىكىنى تۇتۇپ، خاتالىقىنىتۈزۈتۈش ئارزۇسىنىڭ باشلىنشىنى كۆرسىتىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭئويغىنشىدىكى ئوبدان پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي ، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ئلگىرلىشىنىمۇمۇئەييەنلەشتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش ئارزۇسىنى ئىلگىرلەش ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇشلازىم .
3)ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىنىۋە باشقىلارنىڭ كوللېكتىپ شان – شەرەپ ھېسياتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك .
غورۇر-شەخىسنىڭ جەمىيەتتىكىۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلدىغان بىر خىل ھېسياتتىنئىبارەت. ئۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقرى ئۆرلەپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تىرشىپ يېڭىشىدىكىئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى . غورۇرنىڭ كەمچىل بولۇشنى ئارتۇقچە ئەيىپلىنىش، جازالىنىش ، مەسخىرە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ . شۇڭا ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىپ قوللاش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىكۆپرەك قوللىنىپ ، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى ئۇرغۇتىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىشى ھەمدەكوللىكتىپنى بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە قىزغىن ياردەم بېرىشتوغىرسىداتەربىيلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىۈا ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى توسۇشكېرەك .
4)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم .
ھەق- ناھەق نۇقتىنەزىرى ۋەھەق – ناھەق ھېسياتنىڭ كەمچىل بولۇشى ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم سەۋەنلىكئۆتكۈزشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەخلاقىي پەزىلىتىي ناچارئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ . ھەق- ناھەق كۆز قارشى ئاجىزئوقۇغۇچىلار خاتا ھەرەكەتلىرىنى دەرھال پەرق ئېتەلمەي، ھەركەتنى چەكلەپقالالمايدۇ.خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كىيىنمۇ تۈزىتش خاھىشى دەرھال ھاسىل بولمايدۇ .شۇنىڭ بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار ئوقۇغۇچىغائايلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن  بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سۆز بىلەن قايىل قىلىش ، قاتتىق تەلەپ قويۇش، جامائەت پىكرى تەييارلاش، تەنقىدلەشنى قوشۇمچە مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلىش ،مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق بولۇش، ئۈلگەتىكلەش، ئىجابىي يىتەكلەش قاتارلىقئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەق- ناھەقنى پەرق ئېتىش قابىليىتىنىئۆستۈرۈش كېرەك ، بۇ، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەخلاقىي كۆز قارشىنىڭ شەكىللىنشىگەياردەم بېرىدۇ .
5) ئوقۇغۇچىلارنى  ئازدۇرشقا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىنىقتۇرۇپ ،يىڭى ھەرىكەت ئادەتلىرىنى مۇستەھكەملەش لازىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىشەكىللەنگەن ناچار ھەركەت ئادەتلىرى نامۇۋاپىق تەلەپلەر بىلەن خاتا ھەرىكەت  ئۇسۇللىرى ئارىسىدا مۇستەھكەم باغلىنىش ئورناتقىلىبولىدۇ . بۇنى تۈزىتىش قىيىن بولىدۇ . خاتا ھەركەتلەر ھامان مەلۇم ئازدۇرۇشتەسىرىدە ، ئىچكى خاتا كۆز قاراشنىڭ يىتەكچىلكىدە مەلۇم ھەرىكەت ئۇسۇلى ئارقىلىقئىپادىلەنگەنلىكتىن ، بىر خىل خاتا ھەرىكەتنى تۈزىتىشتە نامۇۋاپىق تەلەپلەرنىئۆزگەرتىش ھەم ئازدۇرۇش ھەم ئازدۇرۇش شارائىتىنى تېزگىنلەش لازىم . يامانھەرىكەتنى يوقىتىش كېرەك .
6) ئوقۇغۇچىلارنىڭئىندىۋدۇئال پەرقلىرىگە ئاساسەن ، جانلىق ، كۆپ خىللىق تەربىيە ئۇسۇللىرىنىقوللىنىش كېرەك .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتاھەركەتلىرى بىلەن ئەخلاقىي ناچارلىقى، ئۇلارنىڭ يېشى، ئىندىۋدۇئاللىقى ،خاتالىقىنىڭ خاراكتىرى بىلەن ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا، كۆپخىل ۋە جانلىق تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم . يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارداكۆرۈلگەن ئەخلاقسىزلىق قىلىقلار ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى بىلمىگەن ياكىچۈشەنمىگەنلىكى ئارقىسىدا يۈز بىرىدۇ. ئۇلرنى كۆپرەك ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشلازىم . مەسلەن:ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئاكتىپ ئامىللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ھەرىكەت ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىش ، ئۇلارنىڭ قايسى ئۇسۇلبىلەن مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش لازىم.
يېشى چوڭراقئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىغا قارىتا قاتتىق تەربىيە ئۇسۇلى قوللىنىش كېرەك.لېكىن، ئۇلارنىڭ  خاتالىقىنىڭ ئىغىرلىق دەرىجىسىگە،ئىندىۋدۇئاللىقىغا، خاتالىقىنىڭ  تەكرارلىقىغا، پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا، تۈزىتىش ئىپادىسىگەقاراپ پەرقلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەربىيە قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارچۇڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ، ئىندىۋدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىقئىگىلىشى ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلىشى لازىم .
    ھەر قانداق ئەخلاقىي پەزىلەت مەلۇمئەخلاقىي بىلىش، ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئەخلاقىي ئىرادە ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەتئادەتلىرىدىن ئىبارەت پسىخىك تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ پسىخىك تەركىپلەرئۆز ئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، بىرى كەم بولسابولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى – ئۆسمۈر ۋەياشلارغا بىلىم، ھېسسىيات، ئىرادە، ھەرىكەت – ئادەتلىرى جەھەتتىن تەربىيە بېرىش جەريانى.شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى تۈزىتىش جەريانىدۇر .
5. باب ئىندىۋىدۇئالپەرقلەر
ئىندىۋىدۇئال پەرقلەرئوبيېكتىپ مەۋجۇت . 2000 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن كۇڭزى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەھلىلقىلىپ ۋە ئۇلارغا باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن : « چەي – گالۋاڭ، شىن – قاشاڭ، شى –كۆپتۈرمىچى، يۇ – قارام » . بىر كۈنى جۇڭيۇ :« ئاڭلىغان ھامان قىلىش كېرەكمۇ؟» دەپسورىغاندا، كۇڭزى « ياق» دەپ جاۋاپ بەرگەن، رەنچۇ: « ئاڭلىغان ھامان قىلىشكېرەكمۇ؟» دەپ سورىغاندا، كۇڭزى « قىلىش كېرەك » دەپ جاۋاپ بەرگەن، گۇڭشىخۇابۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ « ئىككەيلەننىڭ سۇئالى ئوخشاش تۇرسا ئىككى خىل جاۋاپبەردىڭىزغۇ؟ مەن بىر ئاز ئېلىشىپ قالدىم، چۈشەندۈرۈپ قويامسىز » دەپ كۇڭزىغائېلتىجا قىلىپ سورىغاندا، كۇڭزى : « رەنجۇ بولسا جۈرئەتسىز، شۇڭا ئۇنىيۈرەكلەندۈرۈش كېرەك . جۇڭيۇ بولسا قارام، شۇڭا ئۇنى چەكلەپ تۇرۇش كېرەك » دەپجاۋاپ بەرگەن، دېمەك ، كۇڭزى ئۆزىنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ئودان بىلگەن ھەمدەئۇلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر بولغان .
  ئىندىۋىدۇئال پەرق تارىختىن بۇيانقىتەلىم – تەربىيىنىڭ نەتىجىسى . شۇنداقلا تەلىم – تەربىيىنىڭ ئاساسى .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىمئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىنى ئىگەللىگەندىلا، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىدىكى ئوخشاش بولمىغانئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئوبيېكتىپقا قاراپ تەربىيە بېرىپ، ياخشى تەلىم –تەربىيە ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرى ئاساسەن قابىلىيەت، خاراكتېر،تېمپېرامېنت قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
§ 1. ئىندىۋىدۇئاللىق ۋە تەلىم – تەربىيە
     ئىندىۋىدۇئاللىق دېگىنىمىز ، بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋەئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىدا دائىم ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان بىر قەدەر تۇراقلىق،بەلگىلىك مايىللىققا ئىگە شەخسى پسىخىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت .
   ئاددىي قىلىپ ئېيتساق،  ئىندىۋىدۇئاللىق دېگىنىمىز — ئادەمنىڭ تۇراقلىق پسىخىكئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇ بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان  ئىندىۋىدۇئاللىق پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ .شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتى جەريانىداپەيدا بولغان پىسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىندىۋىدۇئاللىق بولىۋەرمەيدۇ .پەقەت تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال، ئوخشاش بولمىغان پائالىيەت داۋامىدا دايىمئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان، بەلگىلىك مايىللىققا ۋە تۇراقلىققا ئىگە بولغان شەخسىپسىخىك ئالاھىدىلىكلەرلا ئىندىۋىدۇئاللىق بولىدۇ .
   ئىندىۋىدۇئاللىق — ئىنسانلاردىكى ئورتاق پسىخىك ئالاھىدىلىكنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ . ئادەمنىڭ  پىسىخىك پائالىيىتىدىكى ئورتاقئىندىۋىدۇئاللىق ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئوخشاش بىر جەمئىيەت، سىنىپ،مىللەت ۋە ئوخشاش بىر ياشتىكى ئادەملەردە بولسۇن ياكى ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت،سىنىپ، مىللەت ۋە ئوخشاش بولمىغان  ياشتىكى ئادەملەردە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق پسخىك قانۇنىيەتبولىدۇ . مەيلى بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادە جەھەتتە بوسۇن ئورتاق بەلگىلەرگە ئىگەبولىدۇ .
ئادەم پسىخىكىسىنىڭ يەنەبىر مۇھىم تەرىپى، ئادەم پسىخىكىسىنىڭ پەرقلىقلىقىدىن ئىبارەت . ئوخشاش بىر ياشباسقۇچىدىكى، ئوخشاش بىر سىنىپ، مىللەت، ئوخشاش بىر جەمئىيەتتىكى ئادەملەردەئوخشاش بولغان پسىخىك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ . لېكىن ئوخشاشلىق ئىچىدە پەرق بولىدۇ.   ئوخشاش پسىخىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەربىر كىشىدىكى ئىپادىسى ھەر قاچان شەخسگە تۈس ئالغان بولىدۇ . ئادەم پسىخىكىسىدائايرىم پەرق بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئادەم پسىخىكىسىدىكى خاسلىق ۋە چەكسىز خىلمۇخىللىق شەكىللەنگەن .
   ئۇنداقتا ئادەم پسىخىكىسىدىكى ئايرىمپەرقلەر قانداق شەكىللەنگەن؟ ئادەم ھامان ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتتا ياشايدۇ .ھامان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ. شۇڭا ، بىر ئادەمنىڭئىندىۋىدۇئاللىقى ھامان ئىجتىمائىي ماددىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگەئۇچىرايدۇ .
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا نىمە ئۈچۈن پەرقبولڭدۇ ؟ ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى يەنى فىزىئولوگىيىلىك شەرتلىرى ئوخشاشبولمىغانلىقتىن، كىشىلەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، دۇچ كەلگەن تەبىئىي مۇھىت،ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئۇلارنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى، تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ .ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ، ئالغان تەربىيىسى ، شۇنىڭدەك سوبيېكتىپتىرىشچانلىقى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئىندىۋىدۇئال پەرقلەر ۋە ئۇنىڭ كۆپ خىلبولۇشى كېلىپ چىققان .  
  ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ پسىخىك قۇرۇلمىسى —قابىلىيەت، خاراكتېر، تېمپېرامىنتتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق .ئىندىۋىدۇئاللىق قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر بىر تەركىبىي قىسمى نىسپىيتۇراقلىققا ئىگە . شۇسەۋەپتىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئەھۋالدا ئىپادىلەيدىغان پسىخىك ھالىتى ۋەقىلىقلىرى ئئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە ئۇنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ئۆزگىرىشچانلىقىمۇھىت شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بېقىنىپ ئۆزگىرىدۇ . دېمەك، تۇراقلىقلىقنىسپىي بولىدۇ . ئۆزگىرىشچانلىق مۈتلەق بولىدۇ .
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقپەرقلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ئەمەلىيىتىدەمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىگەئاساسەن ، ئوخشاش بولمىغان تەلىم – تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىلا ، ئاندىنياخشى تەلىم – تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . «ئوبيېكتىپىغا قاراپتەربىيە بېرىش » دىگىنىمىز ئەنە شۇ .
  « ئوبيېكىت » دېگىنىمىز — ئوقۇغۇچىلارپسىخىكىسىدىكى ئايرىم پەرقلەر بولۇپ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيەت، خاراكتېر،تېمپېرامېنت قاتارلىق پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ . « ئوبيېكتقا قاراپتەربىيە بېرىش » دېگىنىمىز — پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش،ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ۋە نىشانلىقئوق ئېتىش شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بولمىغان يول، ئوخشاش بولمىغان شەرتۋە ئۇسۇللار بىلەن مائارىپنىڭ بىرتۇتاش تەلىپىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت .
   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئالپەرقلىرىنى ياكى ئالاھىدىلىكىنى چۇڭقۇر چۈشىنىپ، بۇ پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگۈچىئامىللارنى تەھلىل قىلىپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تەلىم –تەربىيىلىرىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن ياخشى تەلىم – تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلىبولىدۇ .
             §2 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرى
1.     ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرى
1)   قابىلىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
قابىلىيەت دېگىنىمىز — ئادەمنىڭ مەلۇم پائالىيەتنىئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكتىنئىبارەت قابىلىيەت كۆپچىلىككە بىر قەدەر تونۇش بولغان بىر خىل پسىخىك ھادىسە .قابىلىيەت ئادەمنىڭ كونكرېت پائالىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، پائالىيەتنىڭئورۇندىلىشىغا ۋە پائالىيەت ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسر كۆرسىتىدۇ .
   ھەر قانداق پائالىيەت مۈرەككەپ ۋەكۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ .شۇڭلاشقا، يالغۇز بىر تەرەپتىكى قابىلىيەتنىڭ ئۆزى مەلۇم پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇقئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ . كۆپ خىل قابىلىيەتلەرنىڭ بىرىكىشىبولغاندىلا، ئاندىن مەلۇم ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندىغىلى بولىدۇ.     
كۆپ خىل قابىلىيەتنىڭ پائالىيەتتىكى ئورگانىكبىرىكىشىنى ئىقتىدار دەپ ئاتايمىز . مەسىلەن : بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىكدەرسنى ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن، نۇتۇق قابىلىيىتى، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش قابىلىيىتى،دىققىتىنى تەشكىللەش قابىلىيىتى، شۇنىڭدەك تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى چېچەنلىكى قاتارلىق تۈرلۈك قابىلىيەتلەر بولۇشى زۆرۈر .
   پىىخولوگىيىدە ھەر خىل قابىلىيەتلەرنىڭبىرلىشىشى بىلەن ھەرىكەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتا ئىپادىلەنگەن ئىقتىدارنى تالانتدەپ ئاتايمىز .
  قابىلىيەت كىشىنىڭ تۇغما تەبىئىي ئاساسىدا ، كېيىنكىئەمەلىيەتنىڭ تاۋلىشى ھەم ئۆگىنىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ .  
  ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىتى دېگىنىمىز ، كىشىدە تۇغما بار بولغان ئاناتومىيە ،فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بولۇپ ، ئۇ ئىچكى – تاشقى سەزگۈ ئەزالىرىدا ۋەھەرىكەت ئەزالىرىدا ، شۇنداقلا نېرۋا سىستېمىسى ھەم مېڭە تۈزۈلۈشى ۋەئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ . ئۇ قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىئۈچۈن تەبىيى ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن : تۇغما ئەما ( قارىغۇ )ئادەمنىڭ رەسىم سىزىش جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۈمكىن ئەمەس .
  ئادەمنىڭ قابىلىيىتى — ئادەتتىكى قابىلىيەت ( ئومۇمى قابىلىيەت ) ۋە ئالاھىدەقابىلىيەت دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ . ئادەتتىكى قانىلىيەت دېگىنىمىز؛كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەمدەتۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئىپادىلىنىدىغان ئاساسىي قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن :كۈزىتىش قابىلىيىتى، خىيال قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى قاتارلىقلار .
ئالاھىدە قابىلىيەت دېگىنىمىز ؛ مەلۇم بىر مەخسۇسكەسپىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەمدە شۇ پائالىيەتتەئىپادىلىنىدىغان قابىلىيەتنى كۆرسىتىدۇ . بۇ مەخسۇس قابىلىيەت دەپ ئاتىلىدۇ .مەسىلەن : ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قابىلىيىتى، موزىكا ۋە رەسساملىق قابىلىيىتى،تېخنىكا قابىلىيىتى، ۋە مەلۇم ئەمەلىي باشقۇرۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلار . كىشىلەرمەلۇم بىر پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئادەتتىكى قابىلىيەت بىلەنئالاھىدە قابىلىيەتكىمۇ ئىگە بولۇشى زۆرۈر . ئادەتتىكى قابىلىيەت بىلەن ئالاھىدەقابىلىيەتنىڭ پائالىيەتتىكى مۇناسىۋىتى دىئالېكتىكىلىق بىرلىك مۇناسىۋىتىدىنئىبارەت .
    2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتىكى پەرقى
قابىلىيەتنىڭ ئىندۋىدۇئال پەرقى كىشىلەرنىڭ قابىلىيىتىئوخشاش بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن ، يەنە ئوخشاش بىر خىلدىكىقابىلىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى – تۆۋەنلىكى ۋە قابىلىيەتنىڭئىپادىلىنىشىنىڭ بالدۇر – كېيىنلىك پەرقى جەھەتتىمۇ كۆرۈلىدۇ . قابىلىيەتنىڭئىندۋىدۇئال پەرقى ئادەتتىكى قابىلىيەت جەھەتتىمۇ ، ئالاھىدە قابىلىيەت جەھەتتىمۇئىپادىلىنىدۇ .
(1)  ئادەتتىكى قابىلىيەت بىلەن ئالاھىدە قابىلىيەت جەھەتتىكى پەرقى
ئادەتتىكى قابىلىيەت جەھەتتە : ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۆۈزىتىشقابىلىيىتى ، جتىرە قابىلىيىتى ، تەپەككۇر قابىلىيىتى ، قاتارلىق جەھەتلەرنىڭھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ .
ئىدراك جەھەتتە : بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدراك قىلىشىسېنتىزلاش تىپىگە مەنسۇپ بولۇپ ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلۈك ، ئومۇملاشتۇرۇشكۈچى كۈچلۈك بولىدۇ . بىراق ئانالىز قىلىشتا ئاجىزراق بولىدۇ .
خاتىرە جەھەتتە : بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش خاتىرىسىكۈچلۈك ، بەزىلىرىنىڭ ئاڭلاش خاتىرىسى كۈچلۈك ، بەزىلەر ھەرىكەت خاتىرىسىگەئادەتلەنگەن . بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى تېز بولۇپ ، ئۇنتۇشى ئاستابولىدۇ . بەزىلەرنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى ۋە ئۇنتۇشىمۇ ئاستا بولىدۇ . يەنەبەزىلىرىنىڭ ئەستە قالدۇرۇشىمۇ تېز ، ئۇنتۇشىمۇ تېز بولىدۇ . يوقىرىقىلارغائاساسەن ، ئەستە قالدۇرۇشنى كۆرۈش تىپى ، ئاڭلاش تىپى ، ھەرىكەت تىپى دەپ بۆلۈشكەبولىدۇ .
خىيال جەھەتتە : خىيال جەھەتتىكى ئىندىۋىدۇئال پەرق ئەڭئاۋال ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈكىدە ئىپادىلىنىدۇ . خىيال قابىلىيىتى كۈچلۈك ئادەملەرنىڭخىيال تەسەۋۋۇرى ئېنىق ، جانلىق بولىدۇ . خىيال قابىلىيىتى ئاجىزلارنىڭ خىيالتەسەۋۋۇرى ئاجىز بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، خىيالنىڭ كەڭ دائىرىلىكى ، بايلىقىمەزمۇنىنىڭ ئىجادىيلىقى جەھەتلەردىمۇ ئىندىۋىدۇئال پەرقلەر بولىدۇ .
تەپەككۇر جەھەتتە : تەپەككۇردىكى ئىندىۋىدۇئال پەرقلەرتەپەككۇرنىڭ چۇڭقۇرلىقى ، لوگىكىلىقى ، مۈستەقىللىكى ، ۋە خاراكتېرى ، سەزگۈرلۈكىقاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .
ئالاھىدە قابىلىيەت جەھەتتە : ئالاھىدە ئىقتىدارلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ .
(2)  قابىلىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقلەر .
قابىلىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتەئوقۇغۇچىلاردا بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك ئەھۋاللار بار . بىز ئادەتتەئوقۇغۇچىلارنى قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن يوقۇرىلار ( تالانتلىقلار ) ، قابىلىيىتىئادەتتىكىلەر ۋە قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن تۆۋەنلەر دەپ ئۈچ تۈرگە ئاجرىتىمىز .تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تارقىلىشى نورمال تارقىلىشبولۇپ ، ئىككى بېشى كىچىك ، ئوتتۇرىسى چوڭ بولىدۇ . تەتقىقاتلار نەتىجىسىدىن شۇنىكۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈستۈن ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ئوتتۇراھالئادەملەر كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ . بۇ تۇغما ئېرسىي ئامىل ۋە كېيىنكى تەربىيەشارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئەگەر كېيىنكى تەربىيە دەل ۋاقتىدا بولۇپ،مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلەنسە ، شەخسى ئۆزىمۇ سوبيېكتىپ تىرىشچانلىقىنى ئىشقاسالسا ، كۆپلەپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش تامامەن مۈمكىن .  قابىلىيەتنىڭ ئىلگىرى – كېيىن مەلۇم بولۇشى ھەر كىمدەئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدا ئىپادىلىنىدۇ . بەزىلەرنىڭ قابىلىيىتى بالىلىق دەۋرىدىلامەلۇم بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالنى قابىلىيەتنىڭ بالدۇر ئىپادىلىنىشى دەيمىز .
   قابىلىيەتنىڭ بالدۇر ئىپادىلىنىشىنىڭ ئەكسچە ، بەزىلەرنىڭئالاھىدە قابىلىيىتى كېيىنىرەك ئىپادىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ . ئۆمرىنىڭئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاندىن ئىپادىلىنىدۇ .
   (3) ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈستۈن بالىلار ئۈستىدە ئانالىز
   پسىخىك تەرەققىيات بولۇپمۇ ئەقلىي قابىلىيەت تەرەققىياتىداتەڭ قۇراملىق بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بالىلارنى ئەقلىي قابىلىيىتىئۈستۈن بالىلار دەپ ئاتايمىز . ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈستۈن بالىلارنىڭ شەيئىلەرنىئىدراك قىلىشى بوۋاقلىق دەۋرىدىلا مەلۇم بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىدراكلىقلىقىنىڭئەتىراپلىقى ، ئىنچىكىلىكى توغۇرىلىقى ، تېزلىكى جەھەتتە ، دىققىتىنى مەركەزلىشىشىۋە كەڭلىكى جەھەتتە ، خاتىرىسىنىڭ تېزلىكى ، توغرلىقى جەھەتتە تەپەككۇرىنىڭكەڭلىكى چۇڭقۇرلىقى ۋە جانلىقلىقى جەھەتتە بىر قەدەر ياخشى تەرەققىياتقا ئىگە .مۇشۇ بىلىش قابىلىيەتلىرىنىڭ بىر قەدەر مۈكەممەل بىرىكىشى نەتىجىسىدە ئۇلار تەڭقۇراملىق بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ . بۇنداق بالىلار كۆپىنچەكىچىكىدىنلا مەلۇم بولۇپ ، كۆزگە چېلىقىدۇ . شۇڭا كىشىلەر بۇنداق بالىلارنى «بالدۇر ئەقىل كىرگەن بالا » ، « دانىشمەن بالا » دەپ ئاتىشىدۇ .  
  ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈستۈن بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇلار كۆرۈش ، ئاڭلاش ،جەھەتلەردە ئىنچىكە پەرق قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە . كۈچلۈك خاتىرە قابىلىيىتىگە ،تۇراقلىق دىققەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلىقدىن تاشقىرى ، بەلگىلىكدەرىجىدە ئاستراكتلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، باشلانغۇچ دەرىجىدىكى ئەقلىي خۇلاسەچىقىرىش قابىلىيەتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ .
  ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈستۈن بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى بىلەن بىرەركەسپتىكى پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتى بەك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭفىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى تەبىئىي شەرتكە ئىگە بولۇشتىن باشقا ،ئاساسەن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى كېيىنكى شارائىتى ۋە ئۆزىنىڭ سوبيېكتىپتىرىشچانلىقى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ .
  مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تالانتلىق كىشىلەرنى بايقاش ۋەئۇلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت . شۇڭلاشقا ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىدىن يوقىرىبالىلارنى بالدۇرراق بايقاپ ، ئۇلارنى ئىخلاس بىلەن تەربىيىلىشىمىز ، مۇۋاپىقئۇسۇل قوللىنىپ ، رىغبەتلەندۈرۈپ ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قابىلىيىتىنى تەرەققىياتقائېرىشتۈرۈشىمىز لازىم .
  (4) ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بالىلار ئۈستىدە ئانالىز
      ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بالىلا دېگىنىمىز —ئەقلىيقابىلىيىتى تەرەققىياتىدا تەڭ قۇراملىق بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدەكېيىن قالغان بالىلار ياكى شۇ جەھەتتە چاتىقى بار بالىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ . بۇنداقئەھۋال ئادەتتە كېسەللىك دەرىجىسىگە كىرىدۇ . ئېلىمىزدىكى پسىخولوگىيە خادىملىرىبىلەن تىببىي خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىچە ، بالىلارنىڭ ئەقلىيقابىلىيىتتە كېيىن قېلىش ئەھۋالىنى يېنىك ، ئوتتۇرا ، ئېغىر دەپ ئۈچ دەرىجىگەبۆلگەن . ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېنىك دەرىجىدە كېيىن قالغانلارنىڭ ئىپادىسىتۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
ئۇلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئاددىيئەمگەكلەرگە يارايدۇ . راۋان سۆزلىيەلەيدۇ . بىراق ئۆگىنىشتە قىنىلىدۇ . سانلارئۇقۇمىنى ئىگىلىشى ناچار بولۇپ ، ھېسابلاشتا قىنىلىدۇ .
    ئەقلىي قابىلىيىتى ئوتتۇرا دەرىجىدە كېيىن قالغانلارنىڭ ئىپادىسىتۆۋەندىكىدەك بولىدۇ . بۇلار تۇرمۇشتا ئۆز ھۆددىسىدىن يېرىم – ياتا چىقالايدۇ .يۈرۈش – تۇرۇش ھەركىتى يامان ئەمەس . بىراق ، چاتىقى بار . تۇرمۇشتىكى ئاددىيگەپلەرنى قىلالايدۇ . ئۇزۇنراق جۈملىلەرنى سۆزلىيەلمەيدۇ . تىلى كەم ياكى يەككەتاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلىدۇ . ساننى ھېسابلاشنى بىلمەيدۇ .
  ئەقلىي قابىلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە كېيىن قالغانلار ئاساسەن نېرۋاكېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ .
  ئەقلىي قابىلىيىتى يىنىك دەرىجىدە كېيىن قالغانلار بىلەن بىر قىسىم ئوتتۇرادەرىجىدە كېيىن قالغان بالىلارنىڭ پائالىيەتتىكى پسىخىك ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەكبولىدۇ . بۇلارنىڭ بىرەر شەيئىنى ئىدراك قىلىش سۈرئىتى تۆۋەن ، تار دائىرىدەبولىدۇ . لوگىكىلىق پىكىر قىلالمايدۇ . بۇنداق بالىلارنىڭ تىلى كېيىن چىقىدۇ.ئاستا تەرەققىي قىلىدۇ . بۇنداق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيەتتە كېيىن قېلىشىبىرەر پسىخىك جەرياننىڭ بۇرۇلۇشىدىن ئەمەس ، بەلكى پۈتكۈل پسىخىك سەۋىيىسىنىڭتۆۋەنلىكىدىن بولىدۇ . ئەقلىي قابىلىيەتتىكى ناچارلىق كۆپىنچە چوڭ مېڭەفونكسىيىسىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكى ياكى نېرۋا سېستىمىسىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىككېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە بىئولوگىيىلىك،فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەر ، ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى سەۋەبلەر ، تۇغۇتتىن ئىلگىرى ،تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئامىللارمۇ سەۋەبچى بولىدۇ .
   تۇغۇتتىن ئىلگىركى ئامىللار دېگەندە ، تۇخۇمداننىڭبۇزۇلۇشى ، ئانىنىڭ ئېغىر ئاياغ مەزگىلىدە تۆرەلمىنىڭ مېڭە تەرەققىياتىغا زىيانلىقكېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى بىلەن ، ھەر خىل دورىلارنى ئىستىمال قىلىشى ،زەھەرلىك دورىلار بىلەن زەھەرلىنىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر بالىلارنىڭ ئەقلىيقابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى غەيرى تۇغۇلۇشنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
  تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئامىللارغا باغلىق دېگىنىمىز — تۇغۇتنىڭ قىيىن بولۇشى ،بالىنىڭ تۇنجۇقۇشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ .
  تۇغۇتتىن كېيىنكى ئامىللار دېگەندە ، بالا تۈرلۈك ئېغىر كېسەلگە دۇچاربولغاندىن كېيىن ( مېڭە ياللۇغى ياكى مېنىنگىت ) مېڭە پوستلىقى مەلۇم دەرىجىدەبۇزۇلىدۇ . نەتىجىدە بالىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىرى بولىدۇ . يوقىرقىلاردىن باشقا ، يەنەمەلۇم بولمىغان ئامىللارمۇ بولۇشى مۈمكىن .
    2 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقلىرى
1) خاراكتېر توغرىسىدائومۇمىي چۈشەنچە
خاراكتېر دېگىنىمىز :شەخسنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ۋە ھەرىكەت قىلىقلىرىدا ئىپادىلىنىدىغانبىر قەدەر تۇراقلىق ، مۇقىملىشىپ قالغان پسىخىك ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت .
ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكھەممىدىن ئاۋال كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن :كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى تىرىشچان ، تۈز كۆڭۈل ، سېخى ، كەمتەر كېلىدۇ . بەزىلىرىھورۇن ، مەنمەنچى ، بېخىل ، تەپەككۇر كېلىدۇ . بەزىلىرى سەمىمىي ساداقەت ، پىداكار، بەزىلەر شاختىن – شاخقا قونۇپ يۈرىدۇ ، پايدىنى دەپ ۋىجدانىدىن كېچىدۇ ،دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز . بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئادەمنىڭ خاراكتېرئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . دېمەك خاراكتېر بىر ئادەمدە مەۋجۇت بولغانئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت .
ئادەمنىڭ شەيئىلەرگە بولغانپوزىتسىيىسىدە بەزىدە تادىپىي خاراكتېرلىك ئىپادىلەر بولىدۇ . بۇنداق قىلىقلارنىئادەمنىڭ خاراكتېر بەلگىسى دەپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ . مەسىلەن :
ئادەمنىڭ رېئاللىققاپوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسى بولغان قىلىقلىرىدا ھامان ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگەخاس ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنى ھەر بىرىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگەئاساسەن تەربىيىلەشكە بولىدۇ .
ئادەمنىڭ رېئاللىققا تۇتقانپوزىتسىيىسى ۋە قىلىقلىرىدا ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى ئادەمنىڭماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىنكاسى . ھەر بىر ئادەم مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭئەزاسى ، مەلۇم ئىجتىمائى گۇروھنىڭ گەۋدىلەندۈرگۈچىسى بولۇپ ، مۇئەييەن ئىجتىمائىيمۇناسىۋەت ئىچىدە تۇرىدۇ . مەلۇم ئورۇن ئىگىلىگەن بولىدۇ . باشقىلار بىلەنمۇناسىۋەت باغلايدۇ . بۇ ئەھۋال ھەر بىر ئادەمدە ئۆزىگە خاس ئېھتىياج ، مۇددىئا ،مەقسەت ، ئىدىيىۋى نۇقتىئىنەزەر ، ئادەت ۋە ئىستىللارنى پەيدا قىلىش بىلەن ، بۇئادەمنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە قىلىقلىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ .
بىز ھەر قانداق ئەھۋالدائادەمنىڭ خاراكتېرىنى تەھلىل قىلغاندا ، ئادەم خاراكتېرىدا ياخشى – يامانلىقپەرىقى بولىدىغانلىقىنى كۆرىشىمىز كېرەك .
2)   خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش
ئادەمنىڭ خاراكتېرى يۇغما بولمايدۇ . كىشىنىڭ تۇغماتەبىئىي خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە تەبىئىي ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن: تۇغما ئەمگەكچان ياكى ھورۇن ، تۇغما سەمىمى ياكى ساختىپەز ، تۇغما باتۇر ياكىقورقۇنچاق ئادەم بولمايدۇ .
ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئامىللار ،ئىجتىمائىي مۇھىت تەسىرى (ئائىلە ، مەكتەپ ، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت ، ئائىيلىنىڭئىجتىمائىي ئورنى ، تۇرمۇش شارائىتى ) ، تەلىم – تەربىيە تەسىرى ( ئۆگىنىش ،ئەمگەك ، خىزمەت ) قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن خاراكتېر شەكىللىنىدۇ .خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ بۇرۇن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل ئائىلە .ئائىلە شارائىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ئالدى بىلەن ئائىلە ئارقىلىقيەنى بالىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ، ئاتا – ئانا ھەرىكىتىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ،تەربىيىسى ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق رول ئوينايدۇ . ئاتا– ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ، تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ۋەئىجابىي ، سەلبىي تەسرلەر بالا خاراكتېرىدە بىۋاسىتە ئەكس ئېتىدۇ .
3)   ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقى
(1)  خاراكتېر بەلگىلىرىنىڭ تىپ جەھەتتىكى پەرقى
خاراكتېرنى تىپلارغا ئايرىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلىبولۇپ ، بىرىنچى خىل تىپقا ئايرىش ئۇسۇلىدا ئاقىلانىلىك ، ئىرادە ۋەكەيپىياتلارنىڭ خاراكتېر قۇرۇلمىسىدا قايسى ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىشىگە قاراپ ،بىرىنچى ، ئاقىلانىلىك تىپى ، ئىككىنچى، كەيپىيات تىپى ، ئۈچىنچى، ئىرادە تىپى دەپئۈچكە ئايرىيمىز . ھەممىنى ئەقىل بىلەن ئۆلچەيدىغان ، ئۆز ھەرىكىتىنى ئىدارەقىلىدىغان ئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ ئاقىلانىلىك تىپى دەپ ئاتىلىدۇ .يۈرۈش – تۇرۇشتا كەيپىيات تۈسى ئالغان ، چۇڭقۇر ھېسسىيات تۇيغۇسىغا ئىگەئادەملەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ كەيپىيات تىپى دەپ ئاتىلىدۇ . ئىرادەئالاھىدىلىكى يېتەكچى ئورۇننى ئىگەللىگەن ، ئېنىڭ نىشان بولغان ، ھەرىكەتتەتەشەببۇسكار كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ، خاراكتېرنىڭ ئىرادە تىپى دەپ ئاتىلىدۇ .
   ئىككىنچى خىل تىپقا ئايرىشتا ، شەخسىنىڭ پىسىخىكپائالىيىتىنىڭ سىرتقا مايىل ياكى سىرتقا مايىللىقىغا قاراپ ، ئادەمنىڭ خاراكتېرىسىرتقا مايىل تىپ ۋە ئىچكە مايىل تىپ دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . ئىچكى مايىللارئادەتتە جىمغور ، خىيالچان كېلىدۇ . ئادەمگە ئارىلاشمايدۇ . سىرتقا مايىللارئادەتتە ئوچۇق ، تۈز كۆڭۈل ، چىقىشقاق كېلىدۇ .
  ئۈچىنچى ، خىل تىپقا ئايرىشتا ئادەمنىڭ مۈستەقىللىك دەرىجىسىگە قاراپخاراكتېر ، ئىتائەتچان ، تىپ ۋە مۈستەقىل تىپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . باشقىلارنىڭپىكرىگە ئوڭايلا ئىشىنىپ كېتىدىغان ، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرمايدىغان يۇمۇلاق تاۋۇزكىشىلەر ، ھوقۇقى كۈچى بارلارغا بويسۇنىدىغان ، باشقىلارغا ئەگىشىپ ئۆگۈنىپقالغانلار ، ئىشارەتكە بېقىپ ئىش قىلىدىغانلار ئېتائەتمەن تىپقا تەۋە بولىدۇ ؛ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۈستەقىل پىكىر ۋە تەھلىل يۈرگۈزىدىغان ئۆز ئىرادىسىنى ۋە ئۆزپىكرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا خۇشتارلار ، باشقىلارنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈشنىئويلايدىغانلار مۈستەقىل تىپقا تەۋە بولىدۇ .
  (2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقلىرى خاراكتېر بەلگىلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ .
  ① جەمئىيەتكە ، كوللېكتىپقا ۋە باشقىلارغا بولغان پوزىتسىيىسىدەئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى
② ئەمگەك ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيىسىدەئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى .
③ئۆزىگە بولغان پوزىتسىيىسىدە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېربەلگىلىرى .
④ئىرادە جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى .
⑤كەيپىيات جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر بەلگىلىرى.
⑥ئاقىلانىلىك جەھەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېربەلگىلىرى .
ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەنخاراكتېرىنىڭ ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئارىلاشتۇرېۋېتىشكە بولمايدۇ . ئادەمنىڭئەقلىي قابىلىيەت ئالاھىدىلىكى شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش تېزلىكىدە ، چوڭقۇرلۇغىدائىپادىلىنىدۇ . خاراكتېردىكى ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىك بولسا ، شەيئىلەرنى ئەكسئەتتۈرۈشتە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ھەم ئىش ئۇسۇللىرىدا ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن :ئەستە قالدۇرۇشنىڭ تېز ـ ئاستىلىقى ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈرلىكى ، تەپەككۈرنىڭجانلىقلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ .شەيئىلەرنى كۆزىتىشتە ئىپادىلىنىدىغان ئىنچىكىلىك ۋە يۈزە كۈزىتىش ئەھۋاللىرىئادەمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ .
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپېرامېنت جەھەتتە پەرقلىرى
1) تېمپېرامېنت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە
تېمپېرامېنت دېگىنىمىز ـ ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنىڭسۈرئىتىگە ، كۈچلۈكلۈكى ، مۇقىملىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ۋە سۆز ھەرىكىتىدەئىپادىلىنىدىغان پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ . تېمپېرامېنت بىر ئادەمنىڭھېسىيات تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت ئىكاسىنىڭ تېزلىكى ، سىجىللىقى ، ئىپادىسىنىڭيوشۇرۇنلۇق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ . مەسىلەن : بەزىلەرنىڭكەيپىيات ۋە پائالىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ ، تاشقى ئىپادىسىئىنتايىن روشەن بولىدۇ . پۇت ـ قوللىرى ئويناقلاپ تۇرىدۇ . چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىلەرنىڭ كەيپىياتى ۋە پائالىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا ۋە ئاجىز بولىدۇ .چىرايىدىن ھېچ نەرسىنى بىلگىلى بولمايدۇ . پەرۋاسىز بولىدۇ . دېمەك ، تېمپېرامېنتبىر ئادەمنىڭ پائالىيىتى ۋە ھەرىكىتىنى شەخسگە خاس تۈسكە كىرگىزىدۇ . ئوخشاش بولمىغانتېمپېرامېنتتىكى ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ .مەسىلەن : بەزى ئادەملەر ئازار يېگەندە ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى قويىدىغان يەرتاپالماي قالىدۇ . ئىشنىڭ راست ـ يالغانلىقىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقمۇغىچە كۆڭلىئارام تاپمايدۇ . بەزى ئادەملەر ھاياجانلانسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ .ئۈچىنچى خىلدىكى ئادەملەر ئاسانلىقچە ھاياجانلىنىپ كەتمەيدۇ . ياكى كۆرۈنۈشتەپەرۋا قىلمىغاندەك تۇرسىمۇ ، لېكىن قەلبى ھاياجانغا تولغان بولىدۇ . تۆتىنچىخىلدىكى ئادەملەر بولسا ،  جىددىيلىشىپ كېتىدۇ . ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ . ھەتتا قورقۇپ كېتىدۇ .كىشىلەرنىڭ ھېسىيات تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت ئىنكاسى جەھەتتىكى بۇنداق پەرقلىرىئۇلارنىڭ تېمپېرامېنت جەھەتتىكى پەرقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ قوزغىلىشى جەريانى بىلەنتورمۇزلىنىش جەريانى كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، جانلىقلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاساسىيخۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ .
كۈچلۈك دېگىنىمىز ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ۋە پۈتۈننېرۋا سىستېمىسىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاشقا بەرداشلىق بېرىش ياكى ئۇزاققىچە ئىشلەشقابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .
  تەڭپۇڭلىقى دېگىنىمىز ، نېرۋا سىستېمىسىدىكى قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىشتىنئىبارەت ئىككى جەرياننىڭ كۈچى بىر – بىرىگە تەڭ كېلىش – كەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ .بۇنىڭدا تەڭپۇڭلىق ۋە تەڭپۇڭسىزلىق پەرقى بولىدۇ . تەڭپۇڭسىزلىقتا يەنەقوزغىلىشنىڭ ياكى تورمۇزلىنىشنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ئىگىلەش پەرقى بولىدۇ .
   جانلىقلىق دېگىنىمىز ، غىدىقلاشقا بىلدۈرگەن ئىنكاسنىڭتېزلىكى ۋە قوزغىلىش جەريانى بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭ بىر – بىرىگە ئايلىنىشتېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىمۇ جانلىقلىق ۋە جانسىزلىق پەرقى بولىدۇ . بۇخۇسۇسىيەتلەر شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنگەن ياكى ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىتتا ئۆزئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ .  ئالىي نېرۋا پائالىيىتى جەريانىنىڭ يوقىرقى ئۈچ خىل خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرىكىشىبىلەن ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاساسلىق تىپقا بۆلۈنگەن .  
①كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، جانلىق تىپ (شوخ تىپ ) دەپ ئاتىلىدۇ، ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇ تىپى ، تېمپېرامېنت تەلىماتىدىكى كۆپ قانلىق (سانگىۋنىكلار) تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇ تىپقا تەۋە كىشىلەر ھەرىكەتچان ، چاققانكېلىدۇ . بىراق غىدىقلاش كېمىيىش بىلەنلا روھسىز كۆرىنىدۇ .
② كۈچلۈك ، تەڭپۇڭ ، ئەمما جانسىز تىپ ( خاتىرجەم تىپ )دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ تېمپېرامېنت تەلىماتىنىڭ بەلغەملىك ( فېلگىماتىكلار ) تىپىغاتەۋە بولىدۇ . بۇ تىپقا تەۋە كىشىلەر ئېغىر بېسىق كېلىدۇ .
③ كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇڭسىز تىپ (ئۆزىنىتورمۇزلىيالمايدىغان تىپ ) دەپ  ئاتىلىدۇ .بۇ  تېمپرامىنت تەلىماتىنىڭ سەپرا(خۇلېرىكلار) تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇنداق كىشلەرنىڭ ئاسان ھاياجانلىنىدۇ ، ئاسانئاچىقلىنىدۇ ،ئۆزىنى تۇتىۋېلىش قابىليىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ .
④ئاجىز تىپ ، بۇ تېمپرامىنت تەلىماتىنىڭ سەۋدا(مېلانخۇلىكلار)تىپىغا تەۋە بولىدۇ . بۇنداقلار قاتتىق غىدىقلاشنى قوبۇلقىلالمايدۇ. لېكىن بىر قەدەر يۇقىرى سېزىمچانلىققا ئىگە ، يۈرەكسىز ،ئاجىز كېلىدۇ.
2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېمپرامىنت پەرقى نېرۋا جەريانىنىڭئۈچ خۇسۇسىيتى (كۈچلۈك ،تەڭپۇڭ ،جانلىق )نىڭ ئوخشاش بولمىغان بېركىشىدىن ۋۇجۇدقاكەلگەن بولۇپ ،يوقىرى تۆت خىل تېمپىرمىنت تىپىىدىكى كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدەتۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەت بولىدۇ
① كۆپ قانلىق(سانگىۋىنىك) تىپىدىكى : ئىنكاس تېز ۋەجانلىق تېتىك كېلىدۇ .
شوخ ، چېچەن ، ھەرىكەتچان ، چىقىشقاق ، ھېسيىاتچان ،قىزغىن ، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسان ماسلىشىدۇ ،غىدىقلاشلارغا تېز جاۋاپقايتۇرىدۇ ، تاشقى ئىپادىسى روشەن، دىققىتى ئاسان يۆتكىلىدۇ ، قىزغىن ئالمىشىپتۇرىدۇ ، يېڭى شەيئىيلەرنى تېز ئۆزلەشتۇرىۋالىدۇ .
② سەپرا (خولېرىكلار) تىپىدىكى : جۇشقۇن كەيپىياتلىق ،ئاسان ھاياجانلىنىدۇ. تۈز كۆڭۈل ، قىزغىن ، پوزىتىسىيىدە ئوچۇق–يورۇق بولۇپ غەيرەت– شىجائەتلىك كېلىدۇ . ئىنكاس تېز كېلىدۇ . بىراق مىجەزى چۇس ، چېقىلغاق كېلىدۇ .ئاچىققىنى باسالمايدۇ . ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىليىتى تۆۋەن بولىدۇ . ئاداۋەتساقلىمايدۇ . جانسىز كېلىدۇ . بۇنداق كىشلەر تاشقى مايىل كېلىدۇ .
③ بەلغەم(فېلگىماتىكلار) تىپىدىكى: سىرتقى ھەرىكىتىئېغىر – بېسىملىق ،ئىزلەڭگۈ ، كەيپىياتى ئاسان قوزغالمايدۇ ، ھەر قانداق ئىشتاتەڭپۇڭلىقنى ساقلىيالايدۇ.ھاياجىنىنى بېسىۋالالايدۇ ، باشقىلارغا بولغان ھېسياتىناھايىتى سەمىمىي بولىدۇ .ئىنكاس ئاستا ، كەيپىياتنىڭ تاشقى ئىپاسى روشەن بولمايدۇ.چىراينى ئاسان ئۆزگەرمەتمەيدۇ . يېڭى شەئىيلەرگە سېزىمچان ئەمەس . دىققىتىتۇراقلىق بولۇپ ئاسان يۆتكەلمەيدۇ ، سەۋر تاقەتلىك ، كەم سۆز ، جىمغۇر، ئاسانئاچچىقىلانمايدۇ ، بۇنداق كىشلەر ئىچكى مايىل كىلىدۇ .
④سەۋدا (مېلانخۇلىكلار) تىپىدىكى : سۆزى بوش،ھەرىكىتىسۇس. ھېسىياتى چوڭقۇر ۋە ئۇزاققا داۋاملىشىدۇ ، چىداملىق تۆۋەن ، كۈچلۈكغىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ . نازۇك ،كۆڭلى ئىنچىكە ، ئاسانلا خۇدۇكلىنىدۇ .ئىنكاس ئاستا ، مەسىلىلەرنى ئااڭقىرىشى ئاستا ،ئۆزىگە ئىشەنچىسى ئاجىز بولۇپئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ . بىراق شەئىيلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىدۇ .  ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان ،ئەستايىدىل ، چوڭقۇر ۋەئەتراپلىق  ئ.ويلىندۇ ، مىجەزى غەيرى بولۇپئادەمگە ئارىلاشمايدۇ ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە بوشاڭلىق ، بىقارارلىق قىلىدۇ ،ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ . بۇنداقلار ئىچكى مايىل كېلىدۇ .
6. بابئوقۇتقۇچىلار پىسخىكىسى
ئوقۇتقۇچىلار ـ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى،كۆچەتلەرنى يېتىشتۈرگۈچى باغۋەن، كىشىلەر روھى ھالىتى ۋە قەلبىنى ياراتقۇچىپسىخولوگ، ياۋۇزلۇق ۋە نادانلىققا قارشى ھۇجۇم قوزغىغۇچى جەڭچى . شۇڭائوقۇتقۇچىلار پارتىيە ۋە خەلىقنىڭ ئىزچىل ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە .
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭۋەزىپىسى:
تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى، ئەقىلى ۋە جىسمانىجەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاڭغا ۋە مەدەنىيەتكەئىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىنئىبارەت . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى پەننى بىلىم ۋە ماھارەت بىلەنقوراللاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت ۋە مەدەنىي ئادەت ـقىلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا سىستېمىلىق ئىلىم ـ پەنبىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنىيېتىشتۈرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوممۇنىستىك ئەخلاقىي پەزىلىتىنى تەربىيلەپيېتىشتۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشجەريانى ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ھەممىلا جايدا نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ .ئوقۇغۇچىنىڭ سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچى بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىئوقۇتقۇچى تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى . كالىننىن « قۇياشنىڭ ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىقتىنتېخىمۇ ئۇلۇغ، شەرەپلىك خىزمەت يوق» دېگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپلەرسوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇشنىڭ بۆشۈكى بولسا، ئوقۇتقۇچىلارسوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلاردۇر.
§1. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىكئالاھىدىلىكى
ئوقۇتقۇچىلار پىسخىكىسى ئوقۇتۇش خىزمىتى ئەمەلىيىتىدەتەدرىجى شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان . ئۇ، روشەن ۋە مۇھىم كەسپىيئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن زىچباغلىنىشلىق بولىدۇ . چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى، پىسخىكئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوبيېكتىپ شارائىت . شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىزمەت ئالاھىدىلىكىنى تەتقىققىلىشىمىز كېرەك .
1) ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭپىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئوبيېكتىپ شەرت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭپىسخىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، ماددىي تۇرمۇششارائىتى، كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىپ كۆزىتىشكەبولمايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك كەسپىي ئاڭ، ئوبيېكىتقائاساسەن، ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئىقتىدارى ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەككەسپىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپقان . ئوقۇتقۇچىلارئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشتەك كەسپى ئاڭغا ئىگە بولغانلىقتىن، مەيلى قانداقۋاقىت ياكى قانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىسۇن ئۇلار ھامان تەبئىي ھالدا «مەنئوقۇتقۇچى» دېگەننى ئويلايدۇ ـ دە، ئۆزىنى ئاڭلىق ھالدا «تەربىيچى ئالدى بىلەنتەربىيىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك» دېگەن ئورۇنغا قويىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىيئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ سەزگۈسى ئۆتكۈر، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ،بىلىم ئېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولىدۇ . «بىر ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپنى ئېچىش» قا ماھىركېلىدۇ . يەنە ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەك كەسپىي ھەرىكەت تەربىيلىنىشكەئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا خالىسانە بىلىم بېرىشنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمدەپ بىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتى ئەخلاقىي ـ پەزىلىتىئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
(1) بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ تەربىيلەشئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئوبېكتى ياش - ئۆسمۈرئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت. ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭتۈپ مەجبۇرىيىتى. خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكىئىدىيۋى سەپتىكى جەڭچىلەر، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلار ۋەباشلامچىلاردۇر. ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈكتەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭيىغىندىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . خۇددى لۇشۈن ئەپەندى ئېيتقاندەك:«ئىىديۋى ئەخلاقى بىمەنە بولغان ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا پەقەت قانداق قىلىپقولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىش، جان ساقلاشنىڭ كويىدىلا بولۇش، خۇشامەتچىلىك، نەيرەڭۋازلىق،شەخسىيەتچىلىك قىلىش، ھەققانىيەتچىلىك يولى بىلەن ياخشى نامغا ئېرىشىۋېلىشنىئۆگىتىدۇ» بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرالمايلا قالماستىن، بەلكىجەمئىيەتكە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتنى كۆپەيتىدۇ . روشەنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭئوقۇغۇچىلارغا بولغان بارلىق خىزمىتى باشتىن ئاخىر تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەتقىلىدۇ .
(2) خالىسانە بىلىم بېرىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ خالىسانىلىقىنى مائارىپخىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە ئەمگەكنىڭ ئىزچىللىقى بەلگىلىگەن. ئوقۇتقۇچىلارخىزمىتى مېخانىك ھالدا ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.مەسىلەن: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيۋى تەربىيە خىزمىتى ئىشلەشتە، تەربىيىدەياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا «ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى» ۋە مەكتەپئىچىدىكى ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدەۋاقىت، ماكان چەكلىمىسى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوقۇغۇچىلارغا سىڭدۈرگەن يۈرەك قېنى، زېھنى كۈچىنى سانلىق مەلۇمات بىلەنسىتاتىستىكىلاش ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن قىيىن .
(3) ئوبيېكتقا قاراپ ئوقۇتۇشتەك ئىجادچانلىقئالاھىدىلىكىگە ئىگە .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيلەش خىزمىتى بىر ئىجادىيخىزمەت . گەرچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىنسانلار توپلىغانبىلىم، ماھارەت، ھەرىكەت مىزانلىرىنى يەتكۈزۈشى بىلەن ئالىملارنىڭ بىلىم«ئىشلەپچىقىرىش» غا ئوخشىمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلار تەكرار ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ،بىلىمىنى «تەكرار ئىشلەپچىقارغاندەك» كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىكىنىبىر ئىجادىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى جۇشقۇن، روھلۇق، ئۆسۈپ ـ يېتىلىشى ئەڭ تېز، ئىلاستىكىلىقى ئەڭ يۇقىرىمەزگىلدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئوقۇتقۇچى بىلىم سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇشئۇسۇلىنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋەئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك . ئىندىۋىدۇئاللىقى ئوخشىمىغانئوقۇغۇچىلارنى بىر قېلىپقا سېلىپ تەربىيلەشكە ھەرگىز بولمايدۇ .
(4) خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۇنىۋېرسال ئۆلچەيدىغانئالاھىدىلىككە ئىگە .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمگىكى بىلەن پىششىقلاپئىشلەپچىقارغان «مەھسۇلات»ى ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىيقىلغان ئادەملەردىن ئىبارەت .  بۇ خىل «مەھسۇلات»نى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا ۋە «مەھسۇلات» نىڭئالاھىدىلىكىگە، شۇنىڭدەك سۈپەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆلچىمىگە كۆپ تەرەپتىن تەلەپلەرقويۇلىدۇ . ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيلەشكە، بىلىش، ھېسسىيات، ئىرادە، ھەرىكەت، ئادەتجەھەتتىن تەلەپلەر قويۇلىدۇ . ئەقلى جەھەتتىن تەربىيلەشكە بىلىم قابىلىيەت،ماھارەت ۋە ھەر خىل بىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلەپلىرى قويۇلىدۇ .
2) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ خىزمىتىنىڭتەلىپى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇلارداتۆۋەندىكىدەك پىسخىك خۇسۇسىيەتلەر شەكىللەنگەن:
(1) ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئىقتىساسئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىش
ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئىقتىساس ئىگىسىبولۇشنى ئارزۇ قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھىم پىسخىك ئالاھىدىلىكى .
ئوقۇتقۇچى تەلىم ـ تەربىيە جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭھېسسىياتىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ھېسىياتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئوت يېقىپ،ئۇلارنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى چەكسىز ھارارەت ھېس قىلدۇرىدۇ. ئارقىدا قالغانئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنى پەقەت قەلب ھارارىتى ئارقىلىق ساقايتىپ،ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. «بىلىم بېرىش» ۋە «چىگىشمەسىلىلەرنى يېشىش» جەريانىدا، ئالتۇن ئاچقۇچ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبدەرۋازىسىنى ئاچىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم دېڭىزغا يۈرۈش قىلىدۇرىدۇ .ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەقىل ـ پاراسەت ۋە يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىنمۇ ئارتۇق سۆيىدۇ. ئۇلارغا تۇرمۇشتا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىپ«ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم ئاتا - ئانا» بولۇپ، قان ـ تەر سىڭدۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشئۈنۈمىدىن دائىم غەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىيالى، جىددىيلىكى، خۇشاللىقى ۋەقايغۇسى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ «تۆمۈرنى پولاتقائايلاندۇرۇشنىڭ غېمىدە بولۇش» دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭئىنكاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقىي سۆيۈش كېرەككى، ئۇلار ئۆزىگەئوقۇتقۇچىنىڭ چىن كۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىغا چىنكۆڭلىدىن غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۆزىدەھۆرمەت ھېسسىياتى پەيدا بولسۇن. ئوقۇتقۇچىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر بىردەك ئۆزىنى سۆيۈپكېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىدە ئەمدىيېتەرسىزلىكلىرىمنى تۈزەتمىسەم ئوقۇتقۇچىمغا يۈز كېلەلمەيمەن دەيدىغان ھېسسىياتنىپەيدا قىلسۇن، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئۆزى بىر خىل شەرەپلىكئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق قىزغىنسۆيگەندىلا، ئۇلارغا ئەنە شۇنداق غەمخورلۇق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇبۇل قىلىشقا زېمىن ھازىرلاپبەرگەن بولىمىز.
ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە مۈيەسسەر بولالايدۇ .
«بىلىمىڭ قانچە چۇڭقۇر بولسا، مۇھەببىتىڭ شۇنچە چىڭبولۇر » دېگەن گەپ بار . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشى مائارىپ خىزمىتىنىڭئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىدىن ۋە مائارىپ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىدىنكېلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشى قانچەچۇڭقۇر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىمۇ شۇنچە چۇڭقۇر بولىدۇ .
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭھەرقانداق ئەھۋالدا ئىپادىلەنگەن ئالىيجاناپ ئەخلاقى ھېسسىياتى گۈزەللىكھېسسىياتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەسرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىنىيېتىلدۈرۈشتە ئۇلارغا گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئەخلاقىتەربىيە ئېلىپ بېرىشتا سەلقارىغىلى بولمايدىغان ئەھمىيەتكە ئىگە .
ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئوبيېكتىپ شەيئى بىلەن سۇبيېكتىپنىڭئەخلاقىي ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىۋاستە گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئويـ پىكىرىمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە يۈرۈش ــ تۇرۇشىمىز بۇ ئەخلاقىي مىزانغا ئۇيغۇن كەلسەبىزدە مۇئەييەنلەشكەن ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ ۋە كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ، ئەكسىچەبولسا نەپرەتلىنىمىز. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باشقىلارنىڭ ئەخلاقىيھېسسىياتى بىلەن ناھايىتى ئاسانلا ئورتاق ھېسسىياتى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ ھېسسىياتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىتەربىيلەپ مېڭىش لازىم.
كىشىلەر يوقىرى مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشكەبولغاندىلا، ئۇ سۆزدە ئىپادىلىنىپ سۆزى گۈزەل بولىدۇ . ھەركىتىدە كۆرۈلۈپ ھەركىتىگۈزەل بولىدۇ . مۇھىت تازىلىقىنى سۆيسە، شۇنداقلا شېئىرىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولسا،مۇھىت گۈزەللىكىنى يارىتالايدۇ . مانا بۇ ئۈچى بىرلىشىپ قەلپ گۈزەللىكىنى يارىتالايدۇ. ئادەمنىڭ تاشقى گۈزەللىكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقايدۇ . لېكىن، بىر ئادەمكىچىگىدىن تارتىپ ئۆزىنى ئەخلاقلىق، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق قىلىپتەربىيىلىسە، قەلپ گۈزەللىكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ . شۇنداقلا پارلاقنۇر چاچىدۇ .
(2) ئىرادىسى قەتئىي ۋە ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىربولۇش.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنىڭئىختىساس ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقتىن، ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيە ئەمەلىيىتىداۋامىدا ئوقۇتقۇچىدا قەتئىي ئىرادىلىك بولۇش، ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىربولۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىك پەيدا  بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىنى ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتيېڭى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش خىزمىتى داۋامىدا تۈگىمەس قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكېرەك. بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچىدا ئېسىل ئىرادە پەزىلەتلىرى شەكىلىنىدۇ. ئاڭلىقلىق،كەسكىنلىك، چىداملىق ۋە ئۆز ھېسسىياتىنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولۇش ئوقۇتقۇچىئىرادىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش ـئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلار«تۆت كىشلىك گۇرۇھ» نىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى كۈرەشتە، كېسەللىككە قارشى كۈرەشتە،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتە، چېچىلاڭغۇ سىنىپلارنى ئوڭشاشتاقەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك ياخشى پەزىلىتىنىئىپادىلىدى. مەسىلەن: مەلۇم بىر ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق ـزومبۇلۇق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئانىسى ۋە ئېرى كەينى ـ كەينىدىن زىيانكەشلىككەئۇچراپ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزىمۇ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككەئۇچراپ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزىمۇ روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيانكەشلىككەئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ «ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش گۇناھسىز» ئىكەنلىكىگەقەتئىي ئىشەنگەن. ئۇ «جىن - شەيتانلار قورۇسى» دىن دەرىسخانىغا قايتىپ كەلگەندىنكېيىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، ئوقوغۇچىلارنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئوقۇتقان.
سالماق بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ھېسسىياتىنى كونترولقىلىشقا ماھىر بولۇش ـــــ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىدىكى بىر ئالاھىدىلىكبولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ، سۆزىنى چەكلىيەلەيدىغان بولۇش، پايدىسىز قايناقھېسسىيات ۋە ھاياجىنىنى تورمۇزلاش ــ كەسپىي تەربىيىلىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغانپسىخىك پەزىلەتتۇر .
ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلار قانداق قىلغاندا ئۆزىنىتۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟
بىرىنچىدىن، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنىئونتۇماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار « تەربىيە بېرىدىغان، بىلىم بېرىدىغان، قىيىنمەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىدىغان» كىشلەر بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلارغائۈلگە بولىدىغان، ئادەمگە قانداق  ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدىغان كىشلەردۇر. شۇڭا، غەزەپلەندە، مەن ئوقۇتقۇچىدېگەننى ئويلاپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ سىزنىڭ ئۆرلەۋاتقان ئاچچىقىڭىزنىبېسىۋېلىشىڭىزغا، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلالىشىڭىزغا ياردىمىبولىدۇ.
ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشتەك كەسپىي ئەخلاقتەربىيلىنىشى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشسوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەخلاق مىزانى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىتۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ياكى شەكلىئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈشتەككەسپىي ئەخلاق تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە قاتتىق  تەلەپ قويۇش، ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى كۆپ ئويلاش كېرەك.ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى بىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەلىم - تەربىيەمەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. راستتىنى ئېيتقاندا،ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىك، خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇبىر ئۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار. ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن ئەقلىنىڭ بۇلىقى،ئالدىراقسانلىق قابىلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. «ئاچچىق ئەقلىنى كېسىدۇ» دېگەنتەمسىل بار . شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار يامانلاپ قالغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇكى،ئوقۇتقۇچى ئېغىر -  بېسىق بولۇپ، ئالدى بىلەن مەن تەلىم -تەربىيە مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىممۇ - يوق؟ دېگەننى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك.
(3) بىلىم ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك، ئۆگىنىشكە قىزىقىشىقويۇق بولۇش
قىزىقىش ۋە ھەۋەس مۇئەييەن ھېسسىيات بىلەن باغلىنىشلىقبولۇپ، ئۆگىنىش ئېھتىياج ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مول بىلىم بولۇش،ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ تۇرۇش كېرەك. شۇڭلاشقا بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ئۆگىنىشكە بولغانقويۇق قىزىقىش ئوقۇتقۇچىنىڭ يەنە بىر پىسخىك ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭجىسمانىي، روھىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ . ئۇلارنىئىختىساس ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىل ۋە ئۇسۇللىرىنى تاپىدۇ .
ئوقۇتقۇچى ھەر قاچان ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ئۈلگە، ئۇلار«ھەممىنى بىلىدۇ» شۇڭا ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر خىل غەلىتە سۇئاللارنى سورايدۇ. بۇ ھالئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىن مول بىلىمگە ئىگە بولۇشنىتەلەپ قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزىقىشى دەرسلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ .ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ . يولۇققانمەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئۆگىنىدۇ . ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ . «سەككىز سائەتنىڭ ئىچى ۋەسىرتى» دەپ ئايرىمايدۇ . بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ دەم ئالمايدۇ . بارلىقكۈچى بىلەن چەكلىك ۋاقتىنى چەكسىز بىلىم خەزىنىسىنى ئېچىشقا سەرپ قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭبىلىمگە بولغان قويۇق قىزىقىشى، كەڭ ۋە چوڭقۇر بىلىملىكلىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ سىڭىپۋە تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردىمۇ بىلىمگە بولغان قويۇق قىزىقىشىنى پەيداقىلىدۇ . بۇنداق قىزىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈكتۈردە ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ .
قىزىقىش ــــ ئالىم، پروفېسسور ، مۇتەخەسسىس، يازغۇچىۋە شائىرلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . ئوخشاشلا يوقىرى ئىجادىيەت تىپتىكى ئەقلىيماھارەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارمۇ قىزىققاق كېلىدۇ .
(4) ئىنىچكە كۆزىتىش، ئوقۇغۇچىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇش
ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى ئۆتكۈر، مۇكەممەل،چوڭقۇر ۋە ئوبيېكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىنەر ـبىلىنمەس ئىپادىلىرىدىن ئۇلارنىڭ بىلىمى، ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئىدىۋىدۇئاللىقنىڭتەرەققىياتىنى بىلىۋالالايدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشتىكى مۇھىم خىزمەت . ئوقۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغاندەرسخانىدا ھەممىنى تەكشى كۆزىتىش، ھەممىگە تەڭ قۇلاق سېلىش، پۈتۈن دىققىتى بىلەنبىرىلىشتەك ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . ئوقۇغۇچىلار قول كۆتۈرۈپ سۇئالغا جاۋاببېرىش ۋاقتىدا، قايسىسىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىغا، قايسىسىنىڭ جاۋاببېرەلمەيدىغانلىقىغا، كىمنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشى كېرەكلىكىگە تېز ھۆكۈم قىلالايدىغانبولۇش لازىم . ئوقۇغۇچىلار سۇئالغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن جاۋابنىڭ توغرا ـ خاتالىقىغائوقۇغۇچىلار ئالدىدا دەرھال ھۆكۈم قىلالىشى كېرەك . دەرسخانا ئىچى ۋە سىرتىداتۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى كەسكىن، ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىۋەرلىكىنى، پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم .
ياخشى كۆزىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭدىققىتىنى بىر نەچچە ئوبيېكىتىغا تەقسىملەشكە ماھىر كېلىدۇ. تەلىم ـ تەربىيە،ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پائالىيىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىغىمۇ دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پائالىيىتى ۋەتەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىدۇ .
ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلاردىكى شادلىق، ھەيرانلىق، شۈبھىيلىك، تەشۋىش، ئوڭايسىزلىقلار ۋە ئىچكىپائالىيەتنىڭ ئەڭ نازۇك ئىپادىلىرى.....قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلالايدۇ .
(5) تەپەككۇر جانلىق بولۇش، ئوبيېكتىپ ئانالىز قىلىشقائېتىبار بېرىش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ئوبيېكتىپ بولۇش، چوڭقۇربولۇش، كەڭ بولۇش، ئىجادىي ۋە جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .تەپەككۇرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە جانلىقلىق ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە ئالاھىدەمۇھىم ۋە كۆرۈنەرلىك رولغا ئىگە .
ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت ئوبيېكتى پىسخىكىسى مۇرەككەپبولغان ئۆسمۈر ياشلاردىن ئىبارەت . تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتى بىر قېلىپتىكى خىزمەتئەمەس . تەلىم ـ تەربىيە شارائىتلىرىنىڭ پەرقسىز ھالدا تەكرار مەيدانغا كېلىشىمۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئىككى تەربىيلەش ئوبيېكتىنىڭبولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت، ئوخشاشبولمىغان ياشتا ئوىشاش سەۋىيىدە، ئوخشاش روھى ۋە جىسمانىي ھالەتتە توختاپقالمايدۇ. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگەبولۇشنى تەپەككۇر جەھەتتە جانلىق ۋە ئىجادچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىز كونا قائىدىلەرگە يېپىشىۋالماي،ھەر ۋاقت يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئۇچقۇنلىرىغا،ئىجتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى كەشپىياتچى، تەرەققىياتچى، ئىزدەنگۈچىقىلىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەپەككۇر جەھەتتىكى پەزىلەتلىرىكونكرېت ئەھۋالغا قاراپ جانلىق ئىشلىتىلگەندە، كونىلىققا ئېسىلىۋالماي يېڭىلىقياراتقانلىقىدا، ئىلگىرىكى يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىدىكى تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،ئوقۇتۇشتىكى ئىجادىيلىقنى توغرا، جانلىق قوللانغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
§2. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە زېرەكلىكى
ئىقتىدارى - كۆپ خىل قابىلىيەتلەرنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىبولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈرماھارەتتۇر. ئىقتىدار بەلگىلىك بىلىم - ماھارەتنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە ئوقۇتۇشئەمەلىيىتى جەريانىدا يېتىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ زېرەكلىكى دېگىنىمىز، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم-  تەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم تەجرىبىسى، جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدەك ئايرىمپەرقلىرى قاتارلىق تەرەپتىكى ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن، ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تېز،جانلىق، توغرا ۋە ئەپچىللىك بىلەن قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىيېتىشتۈرۈش ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا، زېرەكلىك ئىقتىدارىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتى، ئىقتىدار زېرەكلىكىنىڭ ئاساسىبولۇپ، بۇلار زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
ئىقتىدار ۋە زېرەكلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ـتەربىيە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەھەتتىكى ماھارىتى بولۇپ، قابىلىيەت كاتېگورىيىسىگەمەنسۈپ. شۇڭا ئىقتىدار بىلەن زېرەكلىكىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرتەرىپى. لېكىن، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر قىسمى .بۇلار ئوقۇتقۇچىلار پىسخىك پەزىلىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ھەم باغلىنىشلىق ھەمپەرقلىق بولىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە زېرەكلىكى ئىككى جەھەتتەئىپادىلىنىدۇ . بىرى، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، يەنە بىرى تەربىيلەش ئىقتىدارىدىنئىبارەت .
1. ئوقۇتۇش ئىقتىدارى
(1) ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشقابىلىيىتى
ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ـ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئوبيېكتى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئويۇشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپجانلىق ئىشلىتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش، چۈشىنىش، ھەر خىلقابىلىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش قابىلىيىتى، كەسپىي بىلىمنىڭچوڭقۇر ئەتراپلىق بولۇشى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى چۈشىنىشى، پىداگوگىكاپىسخولوگىيە بىلىملىرىنى قوللىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىم ـ تەجرىبىسىۋە ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن تونۇشۇش قاتارلىقلارغا باغلىقبولىدۇ.
(2) يۈكسەك ئىپادىلەش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ـ  ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان نەزەرىيۋى بىلىملەرنى ئىگىلىتىشتىنئىبارەت . ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ـ يامانلىقى ۋە كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىنىڭنوتۇق قابىلىيىتىگە باغلىق بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى دەرسلىكلەرنى ئىخچام، توغرا، ئېنىق،جانلىق، قىزىقارلىق بايان قىلىپ، ھېسسىياتلىق، روھلۇق سۆزلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭماتېرىياللارنى چۈشىنىۋېلىش ۋە ھەر خىل قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىنمۇھىم. چۈنكى، تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قورالى. ئىدىيە ئالماشتۇرۇشتىكى ۋاستە .ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نوتۇقى ئارقىلىق تەپەككۇر جەريانلىرىنى ۋە دۇچ كەلگەنمەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالىدۇ .
تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوتۇق شەكلى ئاددىي، سۆزگەباي، مەزمۇنى كونكرېت، ئوبرازلىق، جانلىق، لوگىكىلىق، جۈملىلەر قىسقا، ئېنىقبولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە، چۈشىنىشىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ . ئەگەر ئوقۇتقۇچىنوتۇقنىڭ جۈملىلىرى تولىمۇ ئۇزۇن، توختاش  كۆپ ياكى دۇدۇقلاش، قايتا – قايتا تەكرارلاش كۆپ بولسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇۋېلىپ پىكىر يۈرگۈزىشىگە پايدىسىز بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنوتۇقىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن تىل ۋە يېرىم گاچىلىق تىللار كۆپ تەكرارلانسائوقۇغۇچىلار ئاسانلا زېرىكىپ قالىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل بىلەنئىپادىلەش قابىلىيىتى بەزى ۋاقىتتا ھەتتا بىلىمدىنمۇ موھىم .
(3) ئوقۇتۇش مېتودىنى تاللاش قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش مېتودى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى تەرەققىيقىلدۇرۇشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ئامىل. بىزنىڭ قوللانغان ئوقۇتۇشمېتودىمىز ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل بىلەنئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن بىرلەشكەن بولۇشى كېرەك. بەزى ھاللاردائوقۇتقۇچىلارنىڭ تاللىغان ئوقۇتۇش مىتودىلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمۇئوخشاش بولمايدۇ.
ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە قوللىنىۋاتقان ئوقۇتۇشمېتودىلىرى خلىمۇ - خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسقىلنىغان ئوقۇتۇش مېتودىدۇر. ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇش مېتودىئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك قابىليەتتۇر . ئىلھاملاندۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپتەپەككۇرنى قوزغايدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى چۈشىنىشى، ھەر خىلماھارەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. تەجرىبىلىكئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلاردا مەسىلىلەرئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان ھالەتنى پەيدا قىلىپ، ئاڭلىق كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ۋەخىيال قىلىشتەك پائالىيەتلەرگە يېتەكلەيدۇ . تەييار بىلىمىنى كاللىسىغا قويۇپقويماستىن، ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈش باغلىنىشلارنىڭ تېپىش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسەچىقىرىش قاتارلىق تەپەككۇر پائالىيەتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغۇزىدۇ. بۇئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىش، خىيال قىلىش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپماڭىدۇ . نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىلىق قولغاكەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن رىغبەتلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشپائالىيىتى ئۆز ئېھتىياجىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى مۇستەھكەملىنىدۇ.
(4) ئوقۇغۇچىلارنى مەشىق قىلشقا تەشكىللەش قابىلىيىتى
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېلھاملاندۇرۇش ئاساسىدىكى ئوقۇتۇشمېتودىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار بىلىمىنى تولۇقلاپ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپماڭىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى ھەر خىل ماھارەت ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىپ، مەسىلىلەرنىتەھلىل ۋە ھەل قىلىدىغان ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇستەقىل ئەقلىپائالىيەت مەشىقى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللاندۇرۇش كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنىتەرەققىي قىلدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان خىزمەتتۇر.
(5) ئوبيېكتقا قاراپ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى
بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، چۈشىنىشى،ئۆگىنىش مۇددىئاسى، قىزىقىش، ھەۋەس، خاراكتېرى، قابىلىيەت جەھەتتە ئۆزىگە خاسئالاھىدىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنى تەشكىللىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى ھېسبقا ئېلىپ، ئوخشىمىغانئوقۇتۇش مىتودىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ،يېتەرسىزلىكلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيەت جەھەتتەئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم .
ئوقۇتقۇچىلار ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دەرىسخانىدا، ھەممىنىتەكشى كۆزىتىش، ھەممىگە تولۇق قۇلاق سېلىش، پۈتۈن دېققىتى بىلەن بېرىشتەكماھارىتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلىگەندە، پۈتۈنسىنىپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ بىرەرسىنمۇ ئۆزىنىڭ دىققەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرمايدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىىنىڭ دەرىسكە دىققەت قىلغان-قىلمايۋاتقانلىقىغا، كۆزىئوقۇتقۇچىغا تىكىلگەن بىلەن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىغا، قانداق ئۇششاق ھەرىكەتلەبىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا، دەرىسكە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توسالغۇبولۇۋاتقان روھى كەيپىيات ۋە ئىچكى كۆڭۈلسىزلىك ئەھۋالىرىغا دىققەت قىلىش بىلەنھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى چېچىۋەتمەي ئۇنى پۈتۈنلەي لېكسىيىگەتوپلايدۇ.
تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشىبولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە توسالغۇ بولىۋاتقان سەۋەپلەرنى تېپىپ چىقىپ،ئۇنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈپ، دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشىئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
2. تەربىيىلەش ئىقتىدارى
ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك ۋەتەننى قىزغىنسۆيىدىغان پرولېتارىيات ئىشلىرىغا سادىق. كوممۇنىستىك ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە يېڭىئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىجادىي ئەمگەكچىلەر.شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا پەننى بىلىم بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىقابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭئەقلى تەربىيىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى، گۈزەللىكۋە جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشنىكۈندىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتى ئارقىلىق ئېلىپ بارغاندىن تاشقىرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگىلىكرولى ۋە مەخسۇس خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ سىنىپمەسئۇللۇق خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلەت تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىقىسمى. سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا تۆۋەندىكىدەكقابىلىيەتلەر بولۇشى كېرەك؛
1) ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى تەشكىل قىلىش قابىلىيىتى
سىنىپ مەسئۇلى ياخشى سىنىپ كوللېىكتىپىنى ۋە ياخشىسىنىپ ئىستىلىنى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتلىرىنىڭ بىرىھېسابلايدۇ .
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى پەزىلىتى ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىۋە ياخشى سىنىپ ئىستىلىدىن كېلىدۇ . بۇنداق ياخشى كوللېكتىپ ۋە ياخشى سىنىپئىستىلىنى بەرپا قىلىش ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم ــ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانىھېسابلىنىدۇ .
2) ھەر خىل كۈچلەرنى تەشكىللەپ تەلىم - تەربىيە ئېلىپبېرىش قابىلىيىتى
تەلىم - تەربىيە ئىجادىي سەنئەت. ئوقۇتقۇچنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم قابىلىيەتلەرنىڭ بىرى .
سىنىپ مەسئۇللىرى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ماسلىشىپ،ياخشى ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم ــتەربىيە ئېلىپ بېرىشىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، بەلكى مەكتەپ، ئىتتىپاق تەشكىلى،پىئونېرلار ئەترىتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋەئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى، مائارىپ ئورگانلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرى بىلەنئالاقە باغلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەسر كۆسىتىپ ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەت يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىقشەرت ـ شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم . بۇنىڭ ئىچىدىكى موھىم ئامىل ــ ئائىلىنىڭئوقۇغۇچىغا بولغان تەسرى زور بولىدۇ.
3) ئوبيېكتقا قاراپ تەربىيە بېرىشتىن ئىبارەت تەلىم -تەربىيە قابىلىيىتى
ئوقۇتۇش تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپتىن كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئالىقىنى ۋە بۇئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە سەۋەبىنى ئىنىقلاپ،تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ .
« ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى » غا جاپالىق ئەجىرسىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى قەھرىمانلاردىن، نەمۇنىلىكشەخسلەردىن ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق ــ ناھەق توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، كۈچەيتىدىغان غۇرۇرىنى، ئاشۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنىجارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىجابىي تەربىيە بېرىپ، ئالغا ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بېرىشىلازىم .
§3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتى
ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكىئىناۋىتىگىلار ئەمەس، بەلكى خىزمەتداشلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭبارلىق ئىجتىمائىي سورۇنلىرىدىكى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كىشىلەر نەزەرىدىكىئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بىلەن ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۈشىگە تولىمۇ كۆڭۈلبۆلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دوستلۇق،ھەمكارلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇنداق مۇناسىۋەت بىر - بىرىنى ئاسراش، ئىشىنىشئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەگەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا بۇنداق مۇناسىۋەتكەمچىل بولسا، ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ھۈرمىتى ۋە ئىشەنچىنىڭئۆزى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتى بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتساق، ئىناۋەت -ئىززەت ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتى ۋە ئۇنىڭ رولى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىن كۆڭلىدىنقايىل بولۇش، ھۆرمەتلىشى، قەدىرلىشى، ئىشىنىشى ۋە ھىمايە قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان.ئەگەر ئوقۇتقۇچى مائارىپ ئىشلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيسە، ئىدىيىسىئىلغار، ئەخلاقىي پەزىلىتى ئالىيجاناب، بىلىمى مول، قىزىقىشى كەڭ بولسا، كەسىپنىچوڭقۇر تەتقىق قىلسا، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى ئىلمى بولۇپ، ئوقۇتۇش مىتودىئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلارلىق بولسا، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، كىشىلەرگە قىزغىنمۇئامىلە قىلسا، ئۆزىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانلىق قەدىر - قىممىتىنى ھۈرمەتقىلسا، بۇنداق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدەئىناۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە مۇيەسسەر بولغانئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئىناۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭبارلىق ھەرىكەت، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئۆزلىرىگە تەقلىدى ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇۋە دورايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك.
ئىناۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنىڭ تەسىرى بىلەنئۇلارنىڭ لېكسىيىسى ۋە كۆرسەتمىسىنىڭ راست ۋە توغرىلىقىغا ئىشىنىدۇ . ئۇلارنىڭھەرقانداق تەلەپلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇنلايدۇ. ئىناۋەتلىكئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى ئۆزىگە تەقلىدى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھەر قانداقنەسىھەتلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈۋالىدۇ. تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىدىنپايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ جانلىق، تېتىك تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2.ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنشىگە تەسىركۆرسىتىدىغان ئامىللار
1) ئوبيېكتىپ ئامىللار
ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىركۆرسىتىدىغان ئوبيېكتىپ ئامىللار كۆپ بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغانپوزىتسىيىسى، مائارىپ ئورگانلىرى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغانپوزىتسىيىسى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان پوزىتسىيىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقخىزمىتىگە بولغان تونۇشى ۋە پوزىتسىيىسى قاتارلىقلار ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتىشەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمىجەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان پوزىتسىيىسىدۇر.
2) سۇبيېكتىپ ئامىللار
سۇبيېكتىپ ئامىل ئوقۇتقۇچى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنىشتىكىھەل قىلغۇچ ئامىل.
(1) ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەت، ئېسىل پسىخىك پەزىلەتۋە ئىدىيىۋى پەزىلەت، يۇقىرى كەسپىي قابىلىيەتنىڭ بولۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋەتقازىنىشتىكى ئاساسىي شەرتىتۇر. نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭتەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئىناۋەت قازىنىشتىكى شەۋەب تۆۋەندىكىئالاھىدىلىكلەرنىڭ بولغانلىقىدۇر .
ئۇلار پارتىيىنى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۈيىدۇ،پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرۈشيولىدا ئىسسىق قان ـــ تەر ئاققۇزىدۇ، ئىدىيىدە ياخشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپقويالايدۇ، ئەخلاق تەربىيىلىنىشىگە ئىگە، مەدەنىيەتلىك، ھەرىكىتى دۇرۇس، تۇرمۇشتائاددىي ـــ ساددا، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك، ئۆزى ھەممىگە ئۈلگە بولالايدۇ،بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى كەڭ، بىلىمى مول، كەسپىي قابىلىيىتى يوقىرى، ئوقۇتۇشتەجرىپىسىگە باي، ئۇسۇلى ياخشى، جانلىق تىل بىلەن ئىپادىلەشتىكى نۇتۇق قابىلىيىتىياخشى بولۇپ، ئاقكۆڭۈل، ئادىل، كەمتەر كېلىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىئىناۋەت قازىنىدۇ . خۇسۇسىلىقى كۈچلۈك، بەزى ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىۋارلاپ بەزى ئوقۇغۇچىلارنىيەكلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنى ئوقۇغۇچىلار يامان كۆرىدۇ .
(2) ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگىلىك رولى، ئۆز سۈپىتىنى ساقلىشى،چىراي شەكلى، تۇرمۇش ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئادتلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋەتقازىنىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ .
ئوقۇتقۇچنىڭ تۇرمۇش ئىستىلى ۋە ئادىتى، ھەددىدىنئاشۇرۇۋېتىلگەن چىراي ئىپادىسى، يېشى كىچىكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىكىسىغابەلكىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رەتسىز كېيىنىش، غەلىتە كېيىنىش، تازىلىققارىئايە قىلماسلىق، چېچىلاڭغۇلۇق، قوپاللىق، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەش قاتارلىقلارئوقۇتقۇچى ئىناۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئەگەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى، پىسىخىكپەزىلىتى، ۋە كەسپىي سەۋىيىسى يەنىلا تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرغان بولسا، ئۇنىڭئىناۋىتى داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ . ئەگەرئوقۇتقۇچى كەسپى جەھەتتە ئىلگىرىلىمىسە، كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەنلا بولسا، ئۇنداقئوقۇتقۇچىنىڭ ئىناۋىتى بارا - بارا تۆۋەنلەيدۇ .
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچى ئۆزىگەقاتتىق تەلەپ قويۇشى، ھەم ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق بولۇشى، كەسىپتە ئۈزلۈكسىزئىلگىرىلىشى، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشى لازىم .

4

تېما

2

دوست

2077

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6463
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:56 |ئايرىم كۆرۈش
تەھىرىرلەر ئوڭشاپ قويۇڭلار ما تېمىنى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )