تاھىر ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيىغا 6 تۈرلۈك تەكلىپ–پىكىر بەردى
ئۆزتۈرك شىركىتى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى دىرېكتورى تاھىر ئىمىن 2015– يىل 20– يانۋارئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 12– نۆۋەتلىك 3– ئومۇمىي يىغىنىغا ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئەزاسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس تەكلىپ بۆلۈمى،شۇنداقلاتور بېكىتى ئارقىلىق 6 تۈرلۈك تەكلىپ يوللىدى. تەكلىپلەر ۋەكىللەر ئارىسىدا قىزغىن تەسىر قوزغىغان بولۇپ، پات ئارىدا جاۋاب بېرىلىدىكەن. تەكلىپلەر ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا يوللانغان بولۇپ، تۆۋەندە ئاساسىي مەزمۇنى يوللاندى.تور دۇنياسغا سەل كىچىكىپ يوللاندى.
1.«دېھقانلار مەكتىپى» قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەتسەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رايونىمىزئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ مائارىپ–مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر ئاز. بۇ ئۆز نۆۋىتىدەئىشلەپچىقىرىش، ئىقتساد، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا،يېزىلارنى بىرلىك قىلىپ «دېھقانلار مەكتىپى» قۇرۇپ،ساۋات چىقىرىش، قانۇن ئۆگىنىپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش، تەنتەربىيە دەرسلىرى ئارقىلىق چېنىقىش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەش، دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ،ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق!
2.بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش پەرزەنتلەر— ئاتا–ئانىلارنىڭ جېنى، ئۇلار خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، بىرنەچچە يىلدىن بېرى كىچىك بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىپ، ئاتا–ئانىلارنى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىدىن زور ئەندىشىلەندۈردى. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئىشخانا ۋە ئادەم كۈچى، قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسس قىلىش، تېلېۋىزىيە–رادىيو، گېزىتلەردە«بالىلارنى قوغدايلى، ئادەم ئوغرىلىرىغا زەربە بېرەيلى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس پاراۋانلىق ئېلانى ئىشلەش، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت تەركىبىگە«بالىلارنى قوغداش» باھالاش تۈرىنى كىرگۈزۈش، ئادەم ئوغرىلىرىغا قاتتىق زەربەبېرىش قاتارلىق چارىلەرنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.<<ياشلارقۇرۇلتىيى» قۇرۇپ، ياش ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىش نۆۋەتتەجەمئىيەتتە ياشلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئۆتەپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. يەنە نۇرغۇنلار چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ يۈرمەكتە ۋە ئىجتمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلايدىغان مائارىپ، كارخانا، مەدەنىيەت–سەنئەت، ئاخبارات ساھەسىدىلەر شۇنداقلائىشسز ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر يىغىن قۇرۇپ، يىلدا بىر قېتىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشقا بولغان پىكىرلىرىنى، يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاش. 4.ئاياللار ئائىلە ئىگىلىكى فوندى ۋەتەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇش ئاياللاربىرلەشمىسى ۋە مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار ئاياللارنىڭ ئائىلىدە قىلالايدىغان ئىشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىن چىقماي تۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس تۈر يولغا قويۇش. ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن قوشالايدىغان تۆھپىلىرىگە سەھنە يارىتىش. ئاياللار ئۈچۈن ھەقسىز ئىش ئورنى تەمىنلەيدىغان مەركەز ۋە ھەقسىز تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش
5.<<يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭلىقلار ئوبرازى قۇرۇلۇشى»نى ئېلىپ بېرىش شىنجاڭلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شىنجاڭلىقلار ۋە دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇ، خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئالاقە ئېلىپ بېرىش، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوبراز قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭلىقلار ئىچىدىكى مائارىپ،تەتقىقات، كارخانا، ئىجتىمائىي شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، ھەرقايسى مىللەت ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭلىقلار تورى شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكەتتۇر.ھۆكۈمەتنىڭ شنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
6.مىللىي يېزىقتىكى خۇسۇسىي تور بېكەتلەرنى قوللاش مىللىي يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنىڭ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى، پەن–تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردەمۆلچەرلەپ بولغۇسىز رولى بار. تور خادىملىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولسىمۇ،ئەمما ئىقتىسادىي كۈچ يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە مىللىي يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنى سىياسەت، ئىقتىساد جەھەتلەردە كۆپلەپ قوللاپ، مەخسۇس تۈر ئاجرىتىش.
تاھىرئىمىن: شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دىرېكتورى، شىنجاڭ ئوتتۇزئوغۇل شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى،ئۆزتۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، ئىلىم مۇنبىرىنىڭ ئاساسچىسى،«ئاچچىق ھايات» قاتارلىق تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمە قىلغۇچىسى،«ئىقتسادشۇناسلىق مۇنبىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى، «شىنجاڭلىقلار» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،«ئوباما نۇتۇقلىرىدىن تاللانما»، «ئىقتسادشۇناسلىق پىرىنسىپلىرى ۋە كارخاناباشقۇرۇش مەدەنىيىتى» يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرىنىڭ تۈزگۈچىسى، ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلار ھەمكارلىق مۇنبىرى، ئاياللارغا ياردەم جەمئىيىتى ۋە توققۇز قىزئىلغار ئاياللار مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى.
|