قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2256|ئىنكاس: 83
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇمۇنغا رەددىيە ( 3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

145

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۇمۇنغا رەددىيە
( 3)

جان



تاققا تۇققا، جەنجىر ھالقا. ھالقاڭ نەدە ؟ ...كۆۋرۈكتە.
ئاسماندىكى ئايروپىلان، ئېگىز ئۇچقىن، پەس ئۇچقىن.
لى مۇتەللىپكە خەت يازسام ، ئالغاچ كېتەمسەن؟
ئۇئېرىقنىڭ دوقىسى، بۇ ئېرىقنىڭ دوقىسى،
ھەجەپمۇيارىشىپتۇ، يارىم بەرگەن ئىشتان باغ.....
-گۇڭگا ! ياكى سۇررېئالىزىم      

    « كىشىلەرنىڭ شەخسى ھاياتى ۋە شەخسى ئىستەكلىرىگە قاراپ مىللەت ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغان تىرىشچانلىقلىرىغا باھا بىرەلمەيمىز. بىر ھەمجىنىس، بىرپائىشە، بىر ئارتىسىت ۋە ياكى بىر جىنىس ئۆزگەرتكۈچى ۋە ياكى بىر ھاراقكەش مىللەتكە قوشقان تۆھپىللىرى بىلەن ئۇلۇغ سانىلىشى تامامەن مۇمكىن. »   (ئۇمۇن) -  مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز
   شائىرلىرىمىز يېڭىلىققا قىزىقىۋاتىدۇ :  نېمە ئۇ ھېلىقى ئارۇز ۋەزىن- دېگەن؟ نېمىتى ھېلىقى فائىلاتۇن، فائىلاتۇن فەئۇلۇن- دەيدىغان بىر نېمىلەر؟ شائىر دېگەن مىللەتنىڭ يوشۇرۇن قەھرىمانلىرىدۇر- دەپتىكەن بىر چەتئەللىك دانا، پەيلاسوپمۇئىشقىلىپ. شائىر دېگەن قەھرىمان بولغانكىن، كۆكۈرۈپ، پاختىلىشىپ كەتكەن ھېلىقى كونا نېمىلەرنى چۆرۈپ  تاشلىۋېتىپ، بىزمۇيېڭى زامانغا لايىق، غەرپتىن ئۈلگە ئېلىپ، پابلو پېكاسسو، ماكىس ئېرنىست، سالۋادورداللى... لارنىڭ  سۇررېئالىستىك سەنئەتمېتودىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلساق، رېئالىزىمدىن ھالقىغان، زامانىۋى ئىدىيە،زامانىۋى مەدەنىيەت ياراتساق نېمىشقا بولمىغۇدەك. شۇنداق قىلىپ، فۇزۇلى، نەۋايى، سەككاكى، نەپىسى يۈكنەكى... يەنە نېمىلەرئىدى، ھە . بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆكۈرۈپ كەتكەن، پاختىلىشىپ كەتكەن نەرسىلەردۇر.ئۇلار ئۆز زامانىسىنىڭ يوشۇرۇن، ئاشكارە قەھرىمانلىرى بولۇپ ئۆتكەنلەر. بىزمۇ زامانىمىزغا مۇناسىپ يېڭىلىق ياتىرىشىمىز لازىم. پۈتۈن بىر مىللەتنى يېڭىلىققا،يېڭىلىنىشقا چاقىرىشىمىز كېرەك.  ئەقلى،كاللىسى پاختىلىشىپ كەتكەن ساختا دىندار، رادىكال، ئوتتۇر ئەسىرگە ئائىت جاھاللەتتە قالغان،  كاللىسىنى ھېسسىيات چىرماپ كەتكەن نادانلار  نېمە دېسەدەۋەرسۇن. تىللىسىمۇ، ھاقارەت  قىلسىمۇمەيلى، چۈنكى بىز دېگەن   مىللەتنىڭ يوشۇرۇن قەھرىمانلىرىدۇرمىز!
   توۋا يارەببىم. جاھان  نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟  قايسى بىر يىللىرى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ھەزلەكلەرنىڭ، ئەركەك زەدەكلەرنىڭ چىركاۋدا نېكاھلىنىپ  توي قىلىشىغارۇخسەت قارارى ئېلىنىپتۇ- دېگەن، خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا ، توۋا يارەببىم، دۇنيا نەگە كېتىۋاتىدۇ!- دەپ ياقىمىزنى چىشلىگەن. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر تورلىرىدا مۇشۇنداق« ئەركىنلىك » كىمۇ يول ئاچىدىغانلار چىقىدىغان ئوخشايدۇ.  مەسىلەن ئۇمۇن بەگنىڭ « غىلجىڭ ياشلىرى» غائوخشاشلار. ئېنىق مەلۇماتلاردىن بىلىشىمىزچە، ھازىر كۆپلىگەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە،ئامېرىكىنىڭ بەزەن شىتاتلىرىدا ھەزلەكنى – ھەزلەك دەپ ئاتاش قانۇنى جەھەتتىن چەكلىنىۋېتىپتۇ. خۇدايىم ساقلىسۇن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ شۇنداق بىر قانۇن چىقىپ قالسا، ئىش چاتاق. چۈنكى « ئىتىكاپتا ئولتۇرغان يۈز ھورۇن موللىدىن، قۇلىقىغا ھالقا تاقىۋالغان بىر غىلجىڭ ياخشى»دەيدىغان شائىرلىرىمىز، مىللەتنى غىلجىڭ ياشلار بىلەن، كالتا  يوپكا كىيگەن قىزلار بىلەن يېڭىلايدىغان  شائىرلىرىمىز ئۇ چاغدا  ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ نىكاسىنى ئوقۇيدىغان زامانىۋى نىكاچىلارغا ئايلىنىپ، قەھرىمانلىقىنى كۆرسىتىشى، ئۇنىڭغا قارشى گەپ ، سۆزقىلغانلار  رايونلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى - دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە قامالسا، مىللىتىمىز راستىنلا يېڭىلىنىپ ،يىپ يېڭى بىر مىللەت بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
   بىزنىڭ - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئالدىدا « ئۇمۇن»  بەگ كۆرسىتىپ ۋە تەكىتلەپ ئۆتكەندەك «ياكى يوقۇلۇش، ياكى  ئىلىم  پەن بىلەن، زامانىۋى يېڭى مەدەنىيەتلەر بىلەن  قوراللىنىپ، دەۋرى تەرەققىياتىغا  ماسلىشىش ئارقىلىق  مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش» تىن ئىبارەت ئىككىلا يول قالغان بولسا، ئالدى بىلەن « ئىلىم پەن »  توغرىسىدا سۆزلىشىپ باقايلى .  ئىلىم-  پەنگە قانداق ئۇقۇم بېرىلىدۇ ؟
   ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1920- يىللىرىدىن ئېتىبارەن جەدىتلىك  ئېقىمى باش كۆتۈرۈشكەباشلىدى .  30 - ۋە 40- يىللىرىداۋەتىنىمىزنىڭ  كۆپلىگەن شەھەر، ناھىيىلىرىدەجەدىتلىك مەكتىپى ئېچىلىپ، مىللىي مائارىپىمىزدە جىددى ۋە زور كۆلەمدە يېڭىلىنىش  قانات يايدى. مۇشۇ 20 يىللىق يېڭىلىنىش جەريانىدا  ئوقۇ- ئوقۇتۇش، بىلىم تەھسىل قىلىش ئىشلىرى نۇقۇل ھالدا  دىنى ئۆلىمالارنىڭلا  قىلىدىغان ئىشى ئەمەسلىكى،بىلىمنىڭمۇ نۇقۇل ھالدا دىنغىلا ئائىت ئەمەسلىكى خېلە ئىلگىرلىگەن ھالدائايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن  ئاۋالقىدە ۋرىلەردە  ئىسلام دىنى  بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان كەسىپلەرمۇمەدىرىستە ئوقۇتۇلۇشقا مەجبۇر بولغاچقا، ھەم دەرسلىكلەر ئەرەپچە، پارىسچە يېزىلىدىغان ۋە شۇ تىللاردا ئوقۇتۇلىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇر جەمئىيىتدە ئېغىر دەرىجىدە ساۋاتسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن.چۈنكى  تىبابەت كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى باربىر ياش،  ئالدى بىلەن دىنى بىلىملەرنى تولۇق ئۆگىنىشى، ئەرەب ، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلىشى كېرەك بولاتتى.   شۇنىڭدەك  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مىڭ يىل ئاۋالقى دەۋرىگە ئائىت بەكلا ئارقىدا قالغان بولغاچقا،  ئەڭ تېز  ئىلىم تەھسىل قىلالىغان، زەكى، زېھنى ئۆتكۈر- دەپ ، مەدھىيەگە لايىق بولالىغان ئوقۇغۇچى تىبابەت ساھەسىدە كېسەل كۆرۈپ،رېتسىپ بېرەلىگۈدەك بولغىچە 25 يىل ۋاقىت كېتەتتى. 10 يېشىدا ئوقۇش باشلىغان بولسا  35 ياشتا  ئوقۇش تاماملاندى دېگەن گەپ. ئۇ دەۋرىلەردىكى  دىن بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ، لېكىن مەدىرىستەئوقۇشقا مەجبۇر بولىدىغان كەسىپلەر ئاساسەن تىبابەت ، (  مېتېدسىنا ) ، مىمار سېنا ، مۇھەندىس،  ( ماتېماتىكا ) كېمىيا ، ( خېمىيە) ئىلمىنۇجۇم، ( ئاسترونومىيە)   قاتارلىق بىرقانچە تۈرلەردە چەكلىنەتتى. لېكىن  مۇشۇكەسىپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانلىرىمۇ داموللام- دەپ، ئاتىلاتتى.
   كېيىنكى جەدىتلىك ئېقىمى يۇقىرىقىدەك دىن بىلەن ئالاقىسى بولمىغان كەسپى بىلىملەرنى ئايرىدى ۋەفاكولتېتلاشتۇردى. نەتىجىدە ئىلىم دەسلىۋىدە دىنى ئىلىم ۋە  جەدىدىي - دەپ ، ئىككىگە ئاريىلدى. ئۇلارنىڭ جەدىدىي دېگىنى دەل ئىلىم پەن دېگەنلىك ئىدى. 40 – يىللىرىنىڭ دەسلىۋىدىن  باشلاپ، بۇ جەدىدىي ئىلىمنىڭ نامى ئىلىم پەن-دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.  مۇشۇ ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە يېڭى مامارىپ  سىستېمىنى ئومۇملاشتۇرغان قىسقىغىنە يىگىرمە يىللىق زامان ئىچىدە قانچە ئون مىڭلىغان مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىز تۆھمەت قۇربانى بولۇپ ، ئۇلارغا مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن،جەمئىيەتتىكى مۇتەئەسسىپ قارا قوساق سۇپى- ئىشانلار ۋە جاھىل،  شەخسىيەتچى موللىلار ، لۈكچەكلەر تىلبېرىك تۈرۈپ  زىيانكەشلىك قىلدى.
    50  –يىللىرىدىن ئېتىبارەن  مەدىرىسلەر  پۈتۈنلەي تاقىلىپ، چېقىلىپ، دىنى ئوقۇتۇشلارچەكلەنگەن، ئوقۇيدىغان نەرسىمۇ، ئوقىتىدىغان نەرسىمۇ شۇ بىرلا ئىلىم قالغان تۇرۇپ ،يەنە ئۇنىڭ نامى ئىلىم پەن- دەپ ئاتىلىپ ماڭدى. ئىلىم پەنمۇ تۇغۇپ،  بالا چىقىرىپ، بىرمۇنچە ئائىلە  ئەزالىرىغا ئىگە بولۇشقا ئەگىشىپ، دەسلىۋىدەتۈرلەرنىڭ  نامى كېلىپ چىقتى. مەسىلەن:ئىجتىمائىي پەن، تەبىي پەن- دېگەندەك. ئىلىم - پەن ئىككىلار تۈرگە ئايرىلىدۇ- دەپ،ھۆكۈملەرمۇ چىقتى. 80- يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن  تەبىي پەنگىمۇ، ئىجتىمائي پەنگىمۇئوخشىمايدىغان  كەسىپلەر پەيدا بولۇشقاباشلىدى. كۈنىمىزدە كەسىپلەرنىڭ تۈرى ناساپ تۈگەتكۈسىز كۆپىيىپ،  تەبىي پەن، ئىجتىمائىي پەن-  دېگەن گەپلەر خۇددى  مېدىرىس تىلىغا ئوخشاش كونىراپ كەتتى. شۇڭا كەسىپلەر تۈر بويىچە ئاتىلىۋاتقىلىمۇ ( ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ) 20يىلىنى ئارقىدا قالدۇرىۋاتىدۇ.
   ئەمدى «ئۇمۇن» بەگنىڭ « مىللىتىمىزنى ئىلىم پەن بىلەن، زامانىۋى مەدەنىيەتلەر بىلەن  قوراللاندۇرۇپ، دەۋرى تەرەقىياتىغا ماسلاشمىساق ،بۇ مىللەت يوقىلىدۇ!» دەۋاتقىنى نېمە گەپ؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاللىبۇرۇن تارىخقا  ئايلىنىپ كەتكەن جەدىتلىقنى يېڭىدىن  تەشەببۇس قىلىۋاتامدۇ؟ - بىز ئۇنىڭ ئىلىم پەن تەبىرىگە قاراپ باقايلى:
    « .... بىرمىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىلاسسىك  تەبىرىمىزدىكى « ئىلىم- پەن بىلەن قۇراللىنىشىمىز كىرەك » دىگەن قاراشنى قوللايمەن. بىراق ئىلىم- پەن دىگەن ئاتالغۇغا بولغان قارىشىم بىر ئاز پەرىقلىق.
    زامانىۋىي ماشىنا كارخانىللىرى، چوڭ فابرىكىلار، كومپىيوتۇرئىنژىنىرى، ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفون دىگەندەك ئۇقۇملارنى كاللىسىغا ئىلىم- پەندەپ يەرلەشتۇرۋىلىش بىر مىللەتنىڭ ئىلىم- پەن قارىشىدىكى پاجەئە. » ( ئۇمۇن) مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز
   ئۇمۇنبەگ  ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە  يېڭىدىن مېھمان بولۇپ كېلىپ قالدىمۇ قانداق! يۇقىرىدائېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىلىم- پەن دېگەن بۇ ئاتالغۇ بەك كونىراپ كەتكەن، ئۇيغۇرجەمئىيىتىدىمۇ ئاز دېگەندە يىگىرمە يىللىق كونا سۆز تۈركۈمىگە ئائىت سۆزلۈكتۇر. بۇسۆز پىشىقەدەم شائىرلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىدا ھازىرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇ كۆنۈپ قالغانلىق، ياكى يېڭى يۈزلىنىشلەرنى قوبۇل قىلىپ بولالماي، كونا ئادەت بويىچەداۋام ئېتىۋاتقانلىق بولىشى مۇمكىن . ئۇمۇن بەگنىڭ كەسكىن ھۆكمىدىكى مۇنۇ جۈملەقىزىقارلىق تۇيىلىۋاتىدۇ:
« ....زامانىۋىي ماشىنا كارخانىللىرى، چوڭ فابرىكىلار، كومپىيوتۇرئىنژىنىرى، ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفون دىگەندەك ئۇقۇملارنى كاللىسىغا ئىلىم- پەندەپ يەرلەشتۇرۋىلىش بىر مىللەتنىڭ ئىلىم- پەن قارىشىدىكى پاجەئە. » ( ئۇمۇن)  مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز   
    مۇشۇ تۆمۈر-تەسېك، ئىشلەپ چىقىرىش ۋاستىلىرى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش مەھسۇلاتلىرىنى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە  قايسى دېھقان « ئىلىم- پەن » دەپ چۈشۈنۈپ قېلىۋاتقاندۇر؟ - ئىلىم- پەن دېگەن بۇ كونا گەپ ئابستراكىت ئۇقۇمدۇر. زامانىۋى ماشىنا كارخانىسى،  چوڭ فابركا،تېلېفون.... دېگەن نەرسىلەر ئىلىم- پەن كەشپىياتىدىن تۇغۇلغان كونكرېت نەرسىلەردۇر. مەسىلەن : ئۇمۇننىڭ ئاتا- ئانىسى، دېسەك بۇ ئابسراكېت ئۇقۇم . ئۇمۇن -دېسەك كونكرېت بالا.  كاللىسى جايىدائىشلەۋاتقان ھەرقانداق ئادەم ئاتا- ئانا بىلەن بالىنى بىر نەرسە-دەپ ، چۈشۈنۈپ قالمايدۇ. دېمەك، ئىلىم- پەننىڭ   ماشىنا ياسايدىغان  كارخانا ئەمەسلىكىنى « ئۇمۇن»  بەگ بايقاپ چىققان گەپ. چوڭ بايقاش. ئۇنداقتائۇمۇن بەگنىڭ تەرىپلىشىدىكى ئىلىم – پەن نېمىدۇر؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

  « تىخنىكاۋە كەسىپ ئىگىلەش بىلەن بىلىم ئىگىلەشنىڭ پەرقى بار. تىخىكا ۋە كەسىپ ئىگىلەشبىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئوتتۇرسىدا پەقەت قاتتىق دىتال مۇناسىۋىتى بولىشىمومكىن.
   ھەقىقى بىلىم ئىگىلىگەن كىشىدە  رىئالمەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان،ھىسسى سىزىملارغا ئەمەس ئەقلى دەلىللەرگەتايىنىدىغان ئۈستۈنلۈك شەكىللىنىدۇ.بۇ خىل كىشىلەر ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋە ئەمەلىي نۇقتىدىن باھا بىرىدۇ ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى روھانىي ۋە خىيالىي ھاياتتا ئەمەس رىئال ھاياتتا تاپىدۇ .»  
   « ئۇمۇن » بەگنىڭ بۇ يەشمىسىدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى  « ئىلىم – پەن » قاتتىق دېتاللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدىكى « بىلىم» ئىكەن. بىلىم نېمە دېمەك؟ - بىلىمنىڭ ئەرەبچىسى ئىلىمدۇر. پەن نېمە دېمەك؟ -  بىلىمنىڭ كەسپى تۈرى دېمەكتۇر.  يىغىپ ئېيتقاندا ئىلىم- پەن دېگەن بۇ سۆزئاساسەن ئۇيغۇرچىدىلا  بىر مەزگىل بايراقدارلىقىنى كۆرسەتكەن، سىياسى شۇئار ئارلىشىپ كەتكەن بىر ئاتالغۇ ئىدى. ئەمدى كېلىپ، مىللەتنى زامانىۋىلىققا، مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇققا چاقىرىۋاتقان بىر « ئەقىلچى »كىشىنىڭ  ئالاھىدە « يېڭىدىن پەرقلەندۈرۈشى» چە :  ئىلىم- پەن دېمەك  ھەقىيقى بىلىم ئىگىلەپ، رېئال مەسىلىلەرگەرېئال پوزىتىيە تۇتۇپ، سېزىملارغا ئەمەس ( ھېسسىياتقا ئەمەس دېمەكچىمىش) ئەقلىي دەلىللەرگە تايىنىپ، ئۈستۈنلۈكنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپتىكى مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋەئەقلىي نۇقتىدىن باھا بېرىپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى روھانى ۋە خىيالى ھاياتتا ئەمەس،رېئال ھاياتتىن تېپىپ.... قۇزىنى پۇزا قىلىش دېمەك بولىدىكەن . قارىغاندا « ئۇمۇن» بەگنىڭ نەزىرىدىكى ئىلىم- پەن ئىجتىمائي بىلىملەرگە ئائىت بولغان تىل – ئەدەبىيات، لوگىكا، پەلسەپە، پىسخىكا،ئېتھىكا، پولىتىكا - سىياسەت، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق،دىنشۇناسلىق، ئىلاھشۇناسلىق- دېگەندەك كەسىپلەردىن ئىبارەت بولسا كېرەك. مۇشۇنۇقتىنى ئىپادىلەپ بولالماي خېلە ئېغىر قارغىشلىق قىلغان گەپ. «ئۇمۇن » بەگنىڭ ئۆزھالىتىگە بەكمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان ، ئۇنىڭ ئەلى قۇرباننى تەنقىد قىلىش جەريانىدا قارغىشلىق قىلغان سۆزلىرىدىن بىر پارچىنى كۆرۈپ باقايلى:
« ئىلمىي بىر مەسىلىگە بىلىم جەھەتتە سەۋيە يەتمىسەچوقۇم بىلجىرلاپ بىقىش مەسئۇلىيىتىمىز يوق. شۇنۇڭ ئۈچۈن بىلمەيدىغان نەرسىلەرئالدىمىزغا تۆكۈلگەندە سۈكۈت قىلىش ئىنتايىن گۈزەل ئەخلاق . »
   مانا بۇ نېمەدېگەن گۈزەل تەربىيە، ھە! ئەسلىدە باشقىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، مۇنبەردىكى «  ئوتتۇر ئەسىر جاھالىتىدە قالغان » ئاڭسىزكىشىلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە تەلەپ قويىشىمىز كېرەك ئىدى. بىلىپ بولالمايۋاتقان نەرسىمىزنى، ياكى ئەمدى بىلگىلىۋاتقان نەرسىمىزنى « مانا ماۋۇ  ئىلىم- پەن، مانا ماۋۇ ھەقىيقەت !» دەپ،بازارغا سېلىپ، ئۇنىڭ خېرىدارى چىقماي قالغاندا، « ھەي رادىكال، ئوتتۇر ئەسىرنىڭ جاھالېتىدە قالغان نادانلار !» - دەپ،  خۇدىكىن تۆگە پالان  نەرسىسىدىن يامانلىغاندەك، كۈندە ئون مىڭلىغان ئادەم كىرىپ چىقىدىغان ئاممىۋى سورۇندا ، مالنى ياراتمىغان خېرىدارلارنى غاجىلاشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق ئىدى. ئوتتۇرغا قويغان پىكرىمىزنى ئوقۇرمەنلەر ياراتماي قالسا ( مەيلى قەستەنلىك بىلەن، مەيلى پىكىرنىڭ سۈپىتىنى بايقاپ) ، ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ چالۋاقاشنىڭ ئۆزىلا ئەقىلدىن، ئىلمىيلىكتىن، مەدەنىيلىكتىن نەسىۋىسى بولمىغان، بىر قالاق كەيپىيات ئىدى.
     « ئۇمۇن » بەگنىڭ « غىلجىڭ » ياشلىرىمىكىن  ئالدىنقى يازمامدىن تازا مەمنۇن بولالمىغان ۋە :رەددىيەمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟ - دېيىشكەن . يازمىنىڭ داۋامى باتتى بولمىسا. لېكىن ئۇلار  بەك ئالدىرىشىپ كېتىشكەن. يۇمشاقراق گەپنى قوبۇل قىلالمىسا، ئۇنىڭدىنمۇ « يۇمشاقراقى »مانا مۇشۇنداق چىقىپ قالىدۇ.
    بىز « ئۇمۇن » بەگنىڭ  بىلىم بۇسۇغىسىدا تۇرۇپ ، كىرەيمۇ، كىرسەم بولارمۇ- دەپ، ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتقان ھالىتىنى مۇنۇ تۆۋەندىكى  پارچىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ  ئوقۇرمەنلەردىن يامانلىغان كەيپىياتى :   
«  ( ئەلى قۇرباننى كۆرەممەپتۇ)، (ئۆزىگە دىسىڭىز بولمامتى)،(بىزدە بىرسى يۇقۇرغا چىقساتارتىپ چۈشۈرۇش مودا)،(ئاۋۋال بىر نەرسە قىلىڭ ئاندىن سۆزلەڭ)،دىگەندەك ئىنكاسلارنى ئانالىز قىلساق بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىلىم - پەندىن قانچىلىك يىراقتائىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
    ئىلىم- پەن سىزنىڭ خوشنىڭىز ئەمەس،(ھەي خاتا قىلىپ قاپتۇ،دەپ قويسام مىنى كۆرەممەس دەپ قالمىسۇن،بولدى قىلاي) ( خاتاسۆزلەپ قويسا كەمتەرلىك قىلاي)،(بۇندىن كىيىن تۈزىتىۋالا) دەپ بوپتۇلا دىۋىتىدىغان. ئىلىم- پەننىڭ نىمەئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بىزدە تىخىچە بارلىقى ئوتتۇرا ئەسىرجاھالىتىنىڭ  بىزدە ئاتا مىراس كىسەلگەئايلانغانلىقىغا تولۇق ئىسپات.  »
   ئوقۇرمەنلەرگەبۇنداق بىر جاۋاپتا بولالىغان كىشى ئەسلىدىنلا ئاتالمىش « ئىلىم – پەن » دىن  نەسىۋىسى بولمىغان كىشى بولاتتى.  يول بىلمىگەن كىشى باشقىلارغا يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. ياكى قارىسىغىلا : يول مۇشۇ- دەپ، خاتا، چىقماس يولنى كۆرسىتىپ قويىشى مۇمكىن. ئىلىم – پەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ياكى بولمايدۇ ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرق ئېتەلمىگەندەك كۆرۈنىۋاتقان بىرىنىڭ ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، يوقىلىشى – دېگەندەك، بۇنچىۋالا چوڭ تېمىغا كىرىۋېلىشىنىڭ ھېچبىرزۆرۈرىيىتى يوق ئىدى ئەسلىدە. زىيالىلارنىڭ تەكلىبىنى چىرايلىقچە قوبۇل قىلىپ،بىلىمىنى پىششىقلىشى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىد، تەكلىپ ۋە ھەتتا تىل-ھاقارەتلىرىدىنمۇ  تېگىشلىك بىلىمگەئېرىشىشى پايدىلىق بىر دەرس بولاتتى.    چۈنكى   خەلقىمىزنىڭ : بۇ مىللەتنى « سىز ساقلاپ بېرىڭ»دەپ، « غىلجىڭ » ياشلارغا تاشلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر  قىلىش ئانچە قىيىن ئىشمۇ ئەمەس.

( كېيىنكى يازمامدا   « ئۇمۇن » بەگنىڭ يازمىسىدىكى  : مەدەنىيەت ، ياشلار،  ساختا دىن .. دېگەندەك  مەزمۇنلار تەھلىل قىلىنىدۇ ئاللاھ نەسىپ قىلسا )

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3528
توردىكى ۋاقتى: 1441
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىككى قور ئوقۇپ داۋامىنى ئوقۇشقىمۇ رايىم بامىدى.  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

358

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9040
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپسىز. كېيىنكى يازمىڭىزدا تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

600

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

يۇقارقىدەك قاراشلارنىڭ بولغىنى ئەۋزەل...! بەلنى چىڭ باغلاپ ئوقۇغۇلۇق ئەكسىچە بولسا ئۇخلىغۇلۇق!

0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3528
توردىكى ۋاقتى: 1441
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېمىنى ئوڭلاپ قويغۇلۇق، شەخىسكە ئەمەس پىكىرگە رەدىيە بەرگۈلۈك..!

2

تېما

1

دوست

760

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىنتايىن مەسئىلىيەتسىزلىك  بىلەن يىزىلغان يازما

2

تېما

1

دوست

727

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32087
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 13:35
ئىككى قور ئوقۇپ داۋامىنى ئوقۇشقىمۇ رايىم بامىدى.

مەنمۇ شۇ، لىكىن ئىنكاسىڭىزنى تولۇق ئوقۇدۇم. بۇ يىل بىرسى بىرسىنى تىللاپ داڭلىق بولۇشقا ئۇرۇنۇش مودا بولىدىغان ئوخشايدۇ. «جان» نىڭ يازغانلىرىغا ئەتە-ئۆگۈن «خان» دىن بىرسى رەددىيە يىزىپ «داڭلىق» بولىدىغان چىراي.

2

تېما

1

دوست

727

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32087
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 14:46
ئىنتايىن مەسئىلىيەتسىزلىك  بىلەن يىزىلغان يازما

يولداش ئۇمۇننىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىگە «رەددىيە» يىزىپ روماندىن بىرنى پۈتتۈرىۋىتىدىغاننىڭ شەپىسى كىلىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )