قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1398|ئىنكاس: 27
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: كۋانت تەڭلىمىسى ئالەمنىڭ باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 21
مۇنبەر پۇلى: 490
تۆھپە : 3650
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 10:07  

كۋانت تەڭلىمىسى ئالەمنىڭ باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى

تاشپولات روزى

bigbang.jpg

مىسىرلىق فىزىكا پروفېسسورى Ahmed Fag Ali  بىلەن ھىندىستاندا تۇغۇلغان كانادا فىزىكا پروفېسسورى Saurya Das لار داڭلىق فىزىكا ژۇرنال Physics Letters B دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى. يەنە چوڭ پارتلاش مەۋجۇت ئەمەس؟

ئەسلى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىنى چېكىپ ئوقۇڭ:

http://www.sciencedirect.com/sci ... i/S0370269314009381

بۇ ئىككى پروفېسسور ماقالىسىدە، ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە كۋانت تۈزىتىلگەن ئەزايىنى قوللىنىپ تولۇقلانغان يېڭى مودېل ئارقىلىق ئالەمنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.  يەنى بۇ دېگەنلىك ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چوڭ پارتلاشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ يېڭى مودېل قارا ماددا ۋە قارا ئېنېرگىيىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىكەن.

ھازىرغىچە ئالەمنىڭ يېشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق تەخمىنەن 13.8 مىليارد يىل دەپ قارىلىپ كەلدى. ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان بارلىق نەرسىلەر يەككە چەكسىز زىچلىق نۇقتا ئارقىلىق ياكى غەيرىي نۇقتا ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىپ كەلدى دەپ قارالدى.

ھەمدە چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھەم ئامالسىز ھالدا پەيدا بولغان. بەزى ئالىملار بۇنى مەسىلە دەپ قارايدۇ چۈنكى ماتېماتىكا غەيرىي نۇقتا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنىلا چۈشەندۈرەلەيدۇ.

ئاھمەد فاراگ ئالى Phys.org غا مۇنداق دەيدۇ، “چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ناھىيىتىمۇ ئېغىر مەسىلە  چۈنكى فىزىكا قانۇنلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ“

Ahmed Farag Ali بىلەن Saurya Das نىڭ تەرجىمالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

http://www.zewailcity.edu.eg/res ... /staff/ahmed-farag/
http://scholar.ulethbridge.ca/sauryadas/

ئەگەر بۇ پەرەز توغرا بولسا ئالەمگە بولغان كۆز قاراشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

http://phys.org/news/2015-02-big-quantum-equation-universe.html


2

تېما

69

دوست

6004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1798
توردىكى ۋاقتى: 392
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تاشپولاتكا بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك نەزىرىيە بولۇپتۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3728
توردىكى ۋاقتى: 780
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر...ئۇنداقتا ‹‹دەۋرىي ئالەم›› قارىشىمۇ بىر پەرەزكەندە؟

2

تېما

69

دوست

6004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1798
توردىكى ۋاقتى: 392
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
nijat0220 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 10:45
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر...ئۇنداقتا ‹‹دەۋرىي ئالەم›› ق ...

پەرەز بولۇشى شەكسىز ،ئۇ قاراشنى ئىسپالىغىلى بولمايدۇ ھەم ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ .ئەمما رەددىيە ئاساسلىرى بەك كۆپ

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   13.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21625
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 4960
توردىكى ۋاقتى: 512
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپۇلاتكا :

ھازىرغىچە ئالەمنىڭ يېشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق تەخمىنەن 13.8 مىليارد يىل دەپ قارىلىپ كەلدى. ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان بارلىق نەرسىلەر يەككە چەكسىز زىچلىق نۇقتا ئارقىلىق ياكى غەيرىي نۇقتا ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىپ كەلدى دەپ قارالدى.

ئالەمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى - مىنىڭ قارىشىمغا ئاساسلانغاندا - قانداقتۇر زىچلىقى چەكسىز چوڭ بولغان غەيرى نوقتىدىن ئەمەس بەلكى شىۋازچىلىد ھورزۇنىدىن باشلانغان، ئالەمدە ئەسلىدىلا يۇقۇرىدىكى تىلغا ئېلىنغان غەيرى نوقتا مەۋجۇت بولغان ئەمەس ھەم بولمايدۇ ، ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نوقتىسىمۇ ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك بولغان يۇرۇقلۇقسىمان بوشلۇقتىن ئىبارەت بۇلىشى مۇمكىن ، مەن ئالدىنقى يىلى غەيرى نوقتىنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا بىر يازما ئىلان قىلغان ، بىر يىلدىن كوپرەك ماتىرىيال كۇرۇش ، ئوگىنىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئاخىرى يىزىپ چىقتىم  (ماقالىنىڭ ھەجىمى بۇرۇنقىدەك جېق ئەمەس 10 بەت ، بەك جېق جەرىياننى قىسقارتتىم . )، ھازىر ھىساپلاشلارنى  قايتا تەكشۇرۇش ۋە پايدىلانغان ماتىرىياللارنى بېكىتىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن .  بېكىتىپ بولغاندىن كىيىنلا سىز قاتارلىق ئوستازلارنىڭ كۇرۇپ بېقىشىغا ئەۋەتمەكچى  ( ئەسلى سىلەرنى كوپ ئاۋارە قىلىۋەتكەن بولغاچقا يەنە ئاۋارە قىلماي دەپ ئويلىغان ، بىراق ، بۇ ماقالىدىكى چىقىرىلغان يەكۇنلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا  كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ، ئالەمشۇناسلىق ، قارا ئۇڭكۇر تىرمودىنامىكىسى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى نىسبەتەن زور بولغاچقا يۇزۇمنى قېلىن قىلىپ يەنە ئاۋارە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم . )، بۇ ماقالىدىكى تەڭلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا قانچە زور ماسسىلىق ئىككى ( ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق )   ئاسمان جىسىمى  بىرىكسە ماسسىدىكى خوراش شۇنچە يۇقىرى بۇلىدۇ ، مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماسىسى ھازىرقى ئالەمنىڭ ئۇمۇمى ماسىسىدىن ناھايىتى كوپ كىچىك بۇلىدۇ .  ئەگەر ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىنى بىلمەكچى بولساق ھازىرقى ئۇمۇمى ماسىسى ، زەرىتى ، بۇلۇڭلۇق ئايلىنىشى ، كېىڭىيىش تىزلىكى دائىرىسى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشسا ماقالىدىكى ئالاقىدار تەڭلىمىلەر ئاساسىدا بىلىشكە بۇلىشى مۇمكىن .

ھەمدە چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھەم ئامالسىز ھالدا پەيدا بولغان. بەزى ئالىملار بۇنى مەسىلە دەپ قارايدۇ چۈنكى ماتېماتىكا غەيرىي نۇقتا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنىلا چۈشەندۈرەلەيدۇ.

ئاھمەد فاراگ ئالى Phys.org غا مۇنداق دەيدۇ، “چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ناھىيىتىمۇ ئېغىر مەسىلە  چۈنكى فىزىكا قانۇنلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ“

مىنىڭ قارىشىمدا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ناھايىتى زور ئۇتۇق قازانغان نەزەرىيە بولسىمۇ ، بىراق ، غەيرى نوقتىغا كەلگەندە مىنىڭ ئالاقىدار يازمىلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك قىسمىيىلىككە ئىگە ، يەنە كىلىپ يۇرۇقلۇقسىمان بوشلۇققا كىرگەندىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەشتە قىيىنچىلىق ئېغىر بۇلۇپلا قالماستىن شىۋزچىلىد غەيرى نوقتىسىنى گەرچە كوردىناتنى  كىروسكال كوردىناتىغا ئالماشتۇرۇپ  ياكى مىترىك تېنزورلارنى ئوزگەرتىپ قوللىنىپ يۇقاتقىلى  بولسىمۇ بىراق كوردىنات باشلىنىش نوقتىسىدىكى سىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان يۇقۇرىدىكى غەيرىيلىك بىلەن ئاھماد پاراگ تىلغا ئالغان غەيرى نوقتىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ .
مىنىڭ بۇ ماقالەمدە ئاساسلىق ھەل قىلغان مەسلىنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ غەيرىيىلىكنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش شۇنداقلا  كىر يىشىمىدىكى بولسۇن ، ياكى شىۋازچىلىد يىشىمىدىكى بولسۇن شىۋازچىلىد يادروسى ئىچىدىكى مەسلىلەرنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن شىۋازچىلىد ھورىزۇنى سىرتىدىكىمۇ مەسلىلەرنى تەسۋىرلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىش .
مەسلەن ، ماقالىدىكى بىر تەڭلىمىگە ئاساسلانغاندا تارتىش كۇچى مەيدانى  (بىزگە قارشى يۇنۇلۇشتە )يۇنۇلۇشىدە مۇئەييەن تىزلىك بىلەن كىتىۋاتقان بىر جىسىم تارقاتقان نۇردىكى دوپلىر ئىففىكتى بىلەن ئوخشاش تىزلىك بىلەن تارتىش كۈچى مەيدانىدىن چىقىۋاتقان ھېلىقى جىسىم ئالدىنقى ئوخشاش نوقتىدا تارقاتقان نۇردىكى دوپلىر ئىففىكىتىنى سېلشتۇرساق پەرق كىلىپ چىقىدۇ(بۇ پەرق تارتىش كۈچى ۋە تىزلىك يۇقۇرى بولغااندا كۇرۇنەرلىك بۇلىدۇ) ، بۇنىڭ يىشىمىنى ھازىرقى ئېينىشتىيىن تەڭلىمىسىدىكى 16 فونىتسىيىنىڭ 10ى مۇستەقىل  ھەم باغلىنىشلىق فونكىتسىيە بولغاچقا چىقىرىش ئىنتايىن تەس . ئەمما بۇ ماقالىدىكى تەڭلىمىگە ئاساسەن بۇنى قىينالمايلا يىشىش مۇمكىن.
رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1322

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-pen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 16:16  

بۇ مىسىرلىق  ئالىمنىڭ تەتقىقاتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.

ئىىسمى : ئەھمەت



65

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2595
تۆھپە : 12868
توردىكى ۋاقتى: 6307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 20:13  

تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
مەن بۇ تېمىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ئاپتۇماتىك تەرجىمانغا چاپلاپ،مەزمۇنىنى تولۇق بىلەلمىگەن ئىدىم.ئۇسسۇغان يەرگە باردى.

مىنىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىشىمدىكى سەۋەپ،شەكىل نەزەريىسى تەشەببۇس قىلغان،كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋرى قىلىدىغان ئالەممۇ ماھىيەت جەھەتتىن بىر يوقالمايدىغان ئالەم بولغانلىغىدا.ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى،زادىلا يوقالمايدىغان ۋە يىمىرلمەيدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان زەررىچىلەرنىڭ مەۋجۈتلىكى.ئەسلا يوقالمايدىغان ئىلىمىنتار زەررىچىلەر،يوقالمايدىغان ئالەمنىڭ كاپالىتى.بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ سانى،ھەجىمى تۇراقلىق بولىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلار ئۇلارغا تەقسىملەنگەن بولىدۇ.

تاشپولات مۇئەللىم،تۆۋەندىكى گىراپىكنى (كۆك سىزىقنى) يۇقۇردا مەن دىگەندەك دەۋرىلىككە يول قويۇدىغان گىراپىك دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟،ئارتۇقچە ئويلىۋالغان بولسام ئەسكەرتىپ قويارسىز.



- -كىلاسسىك تەڭلىمىدىكى غەيرى نۇقتا يېشىمى
- - كىۋانىت تەڭلىمىسىدىكى غەيرى نۇقتا يېشىمى

65

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2595
تۆھپە : 12868
توردىكى ۋاقتى: 6307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 20:43  

شەكىل نەزەريىسى فىزىكا قانۇنلىرى ئورۇنلۇق بولغان غەيرى نۇقتىغا يول قويۇدۇ،يەنى ئۇ بىر نەزەريىۋى مۆمكىنلىك،لىكىن ئۇنىڭ رادىئۇسى ھازىر دېيىلىۋاتقاندەك 0گە يېقىنلاشقان نۇقتا ئەمەس.ئۇ ئىلىمىنتار زەررىچىلەر جەمگاھى بولۇپ،ھەجىمى ئىلىمىنتار زەررىچىلەر ھەجىمىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ بولىدۇ.بۇنداق چوڭ بولۇشنى ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
شەكىل نەزەريىسى يەنە چوڭ پارتىلاش،ئالەمنىڭ كېڭىيىشى بىر دەۋرى ئالەمنىڭ كونكىرىت قەدەم باسقۇچلىرى دەپ قارايدۇ.بىر قېتىملىق پارتىلاشتىن پەيدا بولۇپ،كىيىن يوقۇلىدىغان ئالەمنى تەشەببۇس قىلمايدۇ.بۇ قېتمقى پارتىلاش ئالدنقى قېتىملىق يىغىلىشنىڭ ،ئالدىنقى قېتىمقى يىغىلىش كىيىنكى قېتىمقى پارتىلاشنىڭ سەۋەپ-نەتىجە زەنجىرىدىكى ھالقلىرىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.....

بۇ تېمىدىكى نەتىجە شەكىل نەزەريىسىنىڭ يۇقۇرقىدەك قاراشلىرىغا پايدىلىقتەك قىلىدۇ.....

شەكىل نەزەريىسىدە بىر قېتىملىق دەۋرىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ.لىكىن ،ئىزچىل دەۋرى ئالەمنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى باشلىنىش نۇقتىسىنى بەلگىلىگىلى،بىلگىلى بولمايدۇ.يوقالمايدىغان،لىكىن ئىزچىل دەۋى بولغان بىر رىياللىققا نىسبەتەن،بۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ بېشى قاچان؟دىگەن سوئالنى قويۇش ئەھمىيەتسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )