ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى
ئىزاھات:ئوتتۇزئوغۇل <<ئېقتسادشۇناسلىق مۇنبىرى>>-ئۆز تۈرك شركىتى دىرىكتورى ۋەئوتتۇز ئوغۇل شركىتى قانۇنى ۋەكىلى تاھىر ئىمىن تەشكىللىگەن كارخانىچىلارھەمكارلىق مۇنبىرى .شۇنداقلا كەسپلەشكەن ئېقتسادشۇناسلىق دەرس مۇنبىرى.بۇ مۇنبەرئۇندىدار توپى ئاساسىدا ئەمەلى ھەمكارلىق گەۋدىسگە ئايلىنىپ،كارخانىچىلارتونۇشۇش،ئۇچرىشش،ئۆگىنىش،يېڭى تۇرلەردە ھەمكارلىششنى ئشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە،ھازىرغىچە جەمئى 3 قېتىم ئۇچرىشپ،ئوخشىمىغان تېمىلاردا ھەم كەسپ ئەھلىھەم كارخانىچىلار ئەمەلى تەجربىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئورتاقلىقلارنى ئشقا ئاشۇرغان.كارخانىچلار ئارسىدا 200دىن ئارتۇق كىچىك ئەمما ئەمەلى ئېقتسادى ھەمكارلىقلارنى ئشقا ئاشۇرغان.
مەزكۇر نۇتۇق «ئوتتۇز ئوغۇل ئىقتىساشۇناسلىق مۇنبىرى» 3– سانىداسۆزلەنگەن،ۋاقتى:2015-يىلى 1-.ئاينىڭ 25-كۈنى.قاتناشقۇچىلار:10 نەپەر ئېقتساد ۋەقانۇن مۇتەخەسسلىرى،75 نەپەر كارخانىچى.
ئۇيغۇر خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە رايونىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئەينى دەۋردىكى سودىگەر، دۇكانچى، تۈرلۈك ھۈنەرۋەن-كاسپلار، ھۆپىگەرلەر، ۋاسىتىچىلاربۈگۈنكى كۈندىكى چوڭ كارخانا-شىركەت غوجايىنلىرى ۋە زامانىۋى سودىگەرلەر سۈپىتىدەئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ يۈكسەك قىممەت قارىشى بار.
بىز يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچەتاكتىكا، يېڭىچە مەھسۇلات، يېڭىچە بازار، يېڭىچە ئەندىزە، يېڭىچە مۇلازىمەت،يېڭىچە تەشكىلىي قۇرۇلما، يېڭىچە ئىجتىمائىي تۆھپە، يېڭى تەرەققىيات بىلەن ئۆزىمىزنىڭ باشقا ساھەلەردىن پەرقلىق ھالدا قىممىتىمىز بارلىقىنى ئسپاتلايمىز.
بىز ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان بارلىق تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپلىك ئورتاق مەنپەئەتنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز. جۇغراپىيەلىك، ئىدىيولوگىيەلىك، مىللىي ئايرىمچىلىقلاردىن خالىي ھالدا تەرەققىيات ۋە ياخشىلىق ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
بىز ئىنسان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز، ئىنسان سۈپىتىدە ئېھىتىياجىمىز بار، كىشىلەرگە ھەم ئىنسانچىلىق نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىمىز.
بىز چوقۇم ئۆز ئەقلىي،جىسمانىي ئەمگىكىمىز بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىنى گەۋدىلەندۈرىمىز. جاپادىن قورقماسلىق، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش روھىمىزنى نامايان قىلىمىز.
بىزگە يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئارتىلغان، بۇ مەسئۇلىيەتنى بىز ئۆزىمىز خالاپ تاپتۇق. بىز بىزگە ئىشەنگەن،مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتىدىن پەخىرلىنىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردەقويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز. خادىملىرىمىزنىڭ بارلىق ھوقۇقى، غورۇرى، پاراۋانلىقى ئۈچۈن مەسئۇل بولىمىز. دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مەسئۇل بولۇپ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرىمىز. ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش، مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىشى،داۋالاشنىڭ ياخشى بولۇشى، تۇرمۇشنىڭ سۈپەتلىك، ھاياتنىڭ مەنىلىك بولۇشى ئۈچۈن تىرىشمىز.
بىز ئۆزىمىزنى تونۇش؛مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشاش؛ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى پۇختىلاش؛ ئىقتىسادشۇناسلىق ۋەباشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئىگەللەشكە مۇھتاج. شۇڭا، بىز ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيمىز.ئۆگەنگەنلىرىمىزنى قىممەتكە ئايلاندۇرىمىز.
بىز ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغاسەمىمىي مۇئامىلە قىلىمىز. تەرەققياتىمىزدا يالغانچىلىق، ئالداش، كۆز بوياشقا يول قويمايمىز. سەمىمىيەت بىزنىڭ بەرىكىتىمىز، سەمىمىيتىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىشەنچ—كارخانىمىزنىڭ قېنى!
مەھسۇلاتىمىز ۋەمۇلازىمىتىمىزنىڭ سۈپىتى—بىزنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىمىز بىلەن مۇناسۋەتلىك. بىز ئۆزساھەيىمىزدىكى ئەڭ ياخشىسى بولۇش ئۈچۈن، ناچار دېگەن نامغا قالماسلىق ئۈچۈن.
بىز ئۆز مەدەنىيتىمىزنى ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا كارخانا ئىچكى قىسمىغا بىرلەشتۈرۈپ،يېڭىچە، ئۈنۈملۇك، خاسلىقى بار بولغان كارخانا مەدەنىيىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
بىزنىڭ ئارزۇيىمىز—ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىمىز ۋە پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش، شۇنداقلا ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۈنۈم ۋەئەمەلىي كۈچ يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ھەمبەھرىلىنىش.
بازار ئىنتايىن كەسكىن ھەم رەھىمسىز بىر سەھنە، بىز بۇ سەھنىدە قانۇنىيەت بويىچە ئش كۆرىمىز. بازار ئارقىلىق ياراتقان ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە قىممەتلىرىمىزنى رەقەم ئارقىلىق چۈشىنىمىز.
بىز كەسپداشلىرىمىز بىلەن ئادىل ۋە ئىنسانىي يوسۇندا ھەمكارلىشىمز، رىقابەت ئۇسۇلىمىزدا رەزىل ئۇسۇللارنى قوللانمايمىز. باشقىلارغا ياردەم قىلىمىز.
بىز يېڭى دەۋر روھى بويىچە،لايىھە ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇستەقىل سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە بازىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز.
خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش،قورقماسلىق، كەسكىن قارار چىقىرىش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرىغا چىقىرىش پەزىلىتىمىزنى نامايان قىلىمىز. ئشىنىمىزكى، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمز.
بىزگە بۇ خىل روھ—ئورقۇن،ئىدىقۇت، قاراخان دەۋرلىرىدىن باشلاپ يىپەك يولى مەدەنىيەت ۋە سودا بەلبېغىنى بەرپا قىلغان، غەرب بىلەن شەرقنىڭ سودىسىنى راۋاجلاندۇرغان، ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان، بىز ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىمىز!
مەزكۇر نۇتۇقنى ئەلپىدا تەھرىراتىدىن قەيسەر غازى رەتلىدى،سۇرەتلەرنى جۇمەخۇن تارتتى.