نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاجايىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن.چۈشۈمدە كۆزيەتكۈسىز ،ياپيېشىل بىر بوستانلىقتا چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغۇدەكمەن .كۆز ئالدىمدىكى بۇ بوستانلىقنى تەكلىماكان ،بۇ خىزىر سۈپەت بوۋاينى بولسا تارىخ بوۋام دېگۈدەكمەن . "ساختىلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتىن ھەجەپمۇ بىزاربولدۇم" دەپ دەرت تۆكۈۋاتقۇدەكمەن تارىخ بوۋامغا . تارىخ بوۋام :قانداق دەيسەن ،ئوغلۇم ؟ مەن :ھەممىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن مۇقەددەس تېمىلارنى ئاڭلايمەن،ئەمما قاراپ باقسام ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى دەۋاتقانلىرىغا ھېچ توغرا كەلمىگەن . خۇددى" ئۇلۇغ ساختىلىق "مودا بولغاندەك. تارىخ بوۋام :ئادەملەر ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ماددا بىلەن ئىسپاتلاۋاتقان دەۋردە بۇ ھەيران قالغۇچىلىك ئىش ئەمەس ،بۇنداق دەۋردە مۇقەددەسلەر كىشىلەرنىڭ ئەسىرى ،ھۈنىرى،بىساتى ،تاۋارىغا ئايلىنىدۇ . مەن :كىشىلەر نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر رەزىللىشىپ كېتىدۇ ؟ تارىخ بوۋام:چۈنكى ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن ئويلايدۇ،ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئويلانمايدۇ . مەن :بوۋا نېمىشقا كىشىلەر سېنى تاشلىۋېتىدۇ ،ئۆگەنمەيدۇ؟ تارىخ بوۋام :چۈنكى مېنى ئاسانلىقچە تاۋارغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ . مەن :ئۇلارغا مەكتەپلەردە سەن توغرىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرئۆگىتىلىدىغۇ ،ئۇلار نېمىشقا ساڭا قىزىقمايدۇ؟ تارىخ بوۋام :ئۇلارغا ئۆگىتىلگىنى مەن ئەمەس ،مېنىڭ سايەم. مەن :بوۋا سېنىڭچە ھاياتلىق مۇھىممۇ غۇرۇرمۇ ؟ تارىخ بوۋام :بۇنى تۇمارىس ،نۇزۇگۇم،ئىپارخانلاردىن سورا،ئوغۇللاربۇنىڭ جاۋابىنى بىلمەيدىغان بوپ كەتتى . مەن :بوۋا ،سېنىڭ غورۇرۇڭ نېمۇ ؟ تارىخ بوۋام :مېنىڭ غۇرۇرۇم ئىككى پارچە رەخت،بىرسى ئوغۇللىرىمنىڭ،بىرسى قىزلىرىمنىڭ . مەن :سېنىڭچە بىرسى ئۇلۇغلىرىمىزنى ھاقارەتلىسە قانداق قىلىشىمىزكېرەك ؟ تارىخ بوۋام :ئەگەر سەن شۇنىڭغا قاراپ تۇرساڭ ۋىجدانىڭنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى بىل ،ھەر قەۋمنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشىلىرى ۋە نەرسىلىرى بولىدۇ .ئۇلارنى ئۇنتۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ زالالەت ،مىراسلىرىنى ساقلىماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ خىيانەت،ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەسلىكنىڭ ئۆزى دەل قىيامەت ،ئۇلار ھەققىدەتاققا تۇققا سۆزلەشنىڭ ئۆزى بىر خىل ھاماقەت ۋە جىنايەتتۇر . مەن :بۈگۈنكى كۈندە بىر كىمنىڭ ئۆزىنى خاس ھاجىپ بوۋام بىلەن سېلىشتۇرۇشى ۋە مەن ئۇنىڭدىن مۇھىم دېيىشى دۇرۇسمۇ ؟ تارىخ بوۋام :ئۇ "قۇتادغۇبىلىك "تىن نەچچىنى يېزىپتىكەن؟.ھەر زاماندا بۇنداقلار چىقىپ تۇرىدۇ ،ئۆز ۋاقتىدا مەنسۇر ھەللاجىنىڭ "ئەنەلھەق "دەپ چىققىنىنى ،شاپتۇل داموللىنىڭ "رەسۇلۇللاھدىن كېيىن پەيغەمبەركەلمەيدۇ ،كېلىدىغان بولسا شېڭ دۇبەن پەيغەمبەر بولاتتى "دېگىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ مەن :نېمە ئۈچۈن ياشلىرىمىز پىسخىكا دېسە شۇنچە قىلىپ كېتىدۇ ؟ تارىخ بوۋام :چۈنكى ئۇلار قۇتادغۇبىلىك ئوقۇمايدۇ . مەن :يېقىندىن بۇيان تاققا تۇققا سۆزلەيدىغانلار كۆپىيىپ قالدى ،بۇنېمە ئۈچۈن ؟ تارىخ بوۋام :خەلقنىڭ نادانلىقى ۋە ھەقىقى ئالىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بۇنىڭ سەۋەبىدۇر . مەن :ھەقىقى ئالىملارنى قانداق تونۇيمەن؟ تارىخ بوۋام :ئۇلارنىڭ چىرايى نۇرلۇق ،كۆزى ئۆتكۈر كېلىدۇ . مەن :چۈشەنمىدىم ،كونكېرت سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟ تارىخ بوۋام :ئۇلارنىڭ ئۆزى ،ئايالى ،بالىلىرىنى ئۆزلىرى سۆزلەۋاتقان قىممەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساڭلا بولىدۇ . مەن :بىز ناخشا ئۇسسۇل مىللىتىمۇ ؟! تارىخ بوۋام :بۇ گەپ نادانلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى باھانىسى.دۇنيادا ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى دەيدىغان مىللەت يوق ئوغلۇم . مەن :نېمىشقا ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئاجرىشىدىغانلار شۇنچە كۆپىيىپ كېتىدۇ ؟ تارىخ بوۋام :چۈنكى ئاتا -ئانىلىرى ئۇلارنى ئاجراشتۇرۇش ئۈچۈن تەربىيىلىگەن .ئۇلارنىڭ توي قىلىشىمۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن . مەن :بۈگۈنكى زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنە ئارلىقىدا مەن سەل گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن، بوۋا،مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ماڭا بېرەر يول كۆرسەتسەڭ ؟ تارىخ بوۋام :ئابدۇلقادىر ئەزىزىنىڭ يولى ساڭا يارىمامدۇ ؟بىلىپ قال ،يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يولى قىممىتىنى يوقاتمايدۇ .شۇ يول بويىچە خاتىرجەم مېڭىۋەر . مەن :ماڭا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىسەن،بوۋا؟ تارىخ بوۋام :گېپىڭ ئاز بولسۇن ،بەختىڭ باشقىلارنىڭ ھەسرىتى بەدىلىگە بولمىسۇن ،ئېھتىياجىڭدىن ھوقۇقۇڭنى چوڭ بىل ،بۇ گەپلەرنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا. مەن :سېنى سېغىنسام نەدىن تاپىمەن بوۋا؟ تارىخ بوۋام :مېنى ئاتىلارنىڭ چۆچەكلىرىدىن،غۇلجا يولىدىن ،ئالتاي تاغلىرىدىن ،تەكلىماكان شەھەرلىرىدىن ،كۈسەن،كاشغەر ،مەشھەد ،خوتەن ،نىيە،لوپنۇر،قومۇل ،شىخۇ ،ماناسلاردىن تاپالايسەن .خەير ئوغلۇم، ئامان بول ،بالىلىرىمغا سالام ئېيت،ئۇلارنى سېغىندىم . قانداق ئويغىنىپ كەتكىنىمنى بىلمىدىم ،بوۋامنىڭ يەنە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغىنى ئېسىمدە .
|