قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3117|ئىنكاس: 107
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تارىم:مەھمۇد كاشغەرىي ئاددىيلا لۇغەت تۈزگۈچىمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

3685

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1186
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مەھمۇد كاشغەرى ئاددىيلا لۇغەت تۈزگۈچىمۇ

ئوسمان ئىسمايىل تارىم

(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئادەمىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى)

6I}K}1OC_L8E98KGJDXANJP.png


      تېما يوللىغۇچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ مەزكۇر تېما ھەققىدە ئەسكەرتىشى: مەھمۇد كاشغەرى ئۈزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنى  مىلادىيە 1074-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تاماملىغان ئىدى. مانا بۈگۈن، يەنى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ ئەسەرنىڭ پۈتكىنىگە توپ-توغرا 941 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە ئەسقەرجان ئەلسۆيەر ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى تورداشلارنىڭ نەزىرىگە سۇندۇم. بۇ ماقالە 2008-يىلى دۇنيا بويىچە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مىڭ يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان مەزگىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ شىنجاڭ گېزىتىدە قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى تورداشلارنىڭ نەزىرىگە سۇنىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز  ئىككى بولۇپ،  بىرى بۇ مەشھۇر دۇنياۋى ئەسەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن  كۈنىنى خاتىرىلەش، يەنە بىرى بەزىلەرنىڭ « مەھمۇد كاشغەرى پەقەت بىر ئاددىلا لۇغەت تۈزگۇچى، خالاس» دىيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان ئەخمىقەنە بىلجىرلاشلىرىغا ئەمىلىي پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت.
   ئوسمان ئىسمايىل تارىم بۇ ماقالىسىدا ئاممىباپ تىل ئارقىلىق مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ھاياتى ۋە « تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن، جۈملىدىن ئۇ مەھمۇد كاشغەرى قەشقەرلىكمۇ-بارىسخانلىقمۇ؟ مەھمۇد كاشغەرى شىنجاڭدىكى قەشقەردىن باشقا يۇرتلارغا بارغانمۇ-يوق؟ مەھمۇد كاشغەرى باغداتغا پاناھلىنىش ئۈچۈن بارغانمۇ ياكى تەتقىقات ئېھتىياجى بىلەن بارغانمۇ؟ مەھمۇد كاشغەرى باغداتتىن قەشقەرگە قانداق قانداق قايتىپ كەلگەن؟ 20-ئەسىردىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئالىملار  « تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن خەۋەردارمىدى؟  « تۈركىي تىللار دىۋانى» 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىنى تونۇشقا باشلىغانمۇ ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىلەمتى؟ دىگەندەك بىرقاتار مەسىلىلەرگە ئېنىق جاۋاپ بەرگەن.
باش تېمىغا كىرىش

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ « دىۋانۇ لوغەتت تۈرك»  ناملىق ئەسىرى ھەققىدە

( مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن)

0.png


1. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆمۈر بايانى

     مىلادىيە كالېندارى بويىچە ئىنسانىيەت بىرىنچى مىڭ يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەمدىلا ئىككىنچى مىڭ يىلغا قەدەم قويغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى.  بوۋاقنىڭ دادىسى ئەمىر  ھۈسەيىن ئوغلىنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، ئۇنىڭغا «مەھمۇد» دەپ ئىسىم قويدى. «مەھمۇد» دېگەن بۇ ئىسىم «خەلقنى مەمنۇن قىلغۇچى، ياخشىلىقنى مەدھىيىلىگۈچى، ئىلىمگە ۋارىسلىق قىلغۇچى، ئىلىم- ھۈنەر بىلەن شۆھرەت تاپقۇچى» دېگەن مەنىلەردىكى سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسىدىن تەركىب تاپقان ئىدى.
     «مەھمۇد» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ بوۋاق كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنىڭ «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» ناملىق بىباھا ئەسىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن قاراخانىيلار پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ نەۋرىسى- بۇغراخان مۇھەممەد بىن يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ھايات پائالىيەتلىرى قەشقەر بىلەن يەكەندە ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەدمۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، بۈيۈك قاراخانىيلارغا تەۋە كىچىك خانلىقنىڭ بىرىگە خان بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇنىڭ ئوردىسى قەشقەر ئوپالنىڭ يېنىدىكى بىر قەلئەدە ئىدى. يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاراخانىيلار تەۋەلىكىنى بۆلۈشۈپ باشقۇردى. بۆلۈشۈشتە مۇھەممەد بۇغراخانغا، يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تالاس ۋە ئىسفىجاپ زېمىنلىرى تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ئۇ يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئوغلى ھۈسەيىننى، يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ دادىسىنى بارىسخان شەھىرىگە ئەمىر قىلىپ تەيىنلىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مەھمۇد كاشغەرى بارىسخان شەھىرىنى «ئاتامنىڭ شەھىرى»دېگەن ئىدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەزىلەر ئېيتقاندەك «ئاتامنىڭ يۇرتى»ئەمەس، بەلكى «ئاتام باشقۇرغان شەھەر» دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا مەھمۇد كاشغەرى قەشقەردىكى «ئوپال» ۋە «ئازىق» نى بارىسخاندىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ «بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى» دەپ يازدى.بۇنىڭدىن شۇنى روشەن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قانداقتۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرقىسىم مۇتەخەسىسىلەر ئېيتقاندەك: «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ دادىسى ھۇسەيىن بارىسخانلىق» ئەمەس، بەلكى  قەشقەرلىق بولۇپ، ئۇ بارىسخان شەھىرىنى باشقۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇ يەردە بىر بىرمەزگىل تۇرۇپ قالغان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ۋە دادىسى ھۈسەيىنلەر كېيىنكى كۈنلەردە قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا بولغىچە، بىر مەزگىل قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە خېنىم قەشقەر ئوپال ئازىق مەھەللىسىدىكى بىلىملىك زات خوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى ئىدى. بۈۋى رابىيە دادىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى بىلەن مول مەلۇماتلىق ۋە گۈزەل پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ يېتىلگەن ئىدى.
     قاراخانىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ، گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا - غەربى قىسىمى، ئىلى ۋادىسى ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ  دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى، شۇنىڭدەك ماۋارائۇننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ياشىغان دەۋردە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن ئىدى. شەرقى قىسىمدىكى قەشقەر ۋە بالاساغۇن، غەربى قىسىمدىكى سەمەرقەنت ۋە بۇخارا قاتارلىق جايلاردا شەھەر ۋە قەلئە قۇرۇلۇشلىرى، مەدرىس ۋە بىلىم يۇرتلىرى كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ مەركىزى شەھەرلەرگە بولۇپمۇ پايتەخت قەشقەرگە نۇرغۇن بىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئەدىبلەر توپلانغان ئىدى. بۇ شەھەردىن دىنى ئۆلىمالار، ئالىملار، مەشھۇر شائىر ۋە تېۋىپلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقماقتا ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئەنە شۇنداق بىر ياخشى ئىلمىي مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئائىلىسى ۋە ئوپالدىكى مەكتەپلەردە ئالدى. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد قەلەم ۋە ئەلەمدە تەڭ يېتىلگەن يۇقىرى ئىقتىدار ئېگىسى ئىدى. ئانىسى بۈۋى رابىيەمۇ بىلىملىك ئايال ئىدى. شۇڭا ھۈسەيىن بىلەن رابىيە بالىسىنىڭ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. مەھمۇد كاشغەرى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى «مەدرىسەئى ساجىيە» ۋە «مەدرىسەئى ھامىدىيە» قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭلىق بىلىم ئوچاقلىرىدا ئالدى. بۇ بىلىم ئوچاقلىرىدا ھۈسەيىن ئىبىن خەلەق كاشغەرى، ئوبۇلھەسەن سەئىد خاتەم سەئىد جالالىدىن باغدادى، ئىماددىدىن كاشغەرى، ئابدۇغاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرى، مۇھەممەد ئىبنى رەشىد ئىبنى ئەلى كاشغەرى، جامالىددىن كاشغەرى قاتارلىق ئالىملار دەرس ئۆتەتتى. مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئالىملاردىن ئەرەب - پارس تىللىرى، مەنتىقە ئىلمى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى نۇجۇم، تېبابەت قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنسە، قاراخانىيلار ئوردىسىدىكى سەركەردىلەردىن ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى. نەتىجىدە ئۇ 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «ئەڭ سۆزمەن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغان، ئەڭ زېرەك، جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلاردىن» بولۇپ يېتىشتى. مەھمۇد كاشغەرى ئۆز دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر يۈكسەك ئارمان ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى. بۇ ئارمان – ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يېزىش ئارمىنى ئىدى.
    مىلادىيە 11 – ئەسىردە تۈركى تىللىق خەلقلەردىن ئوغۇز تۈركمەنلىرى ئىراق، شام ۋە كىچىك ئاسىيا تەرەپلەرگە تۈركۈملەپ كۆچتى. غەرب تەرەپتە تۈركىي مىللەتلەر قۇرغان سالچۇقىلارنىڭ، شەرقتە قاراخانىيلارنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە 11 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دۇنياسىدا ئۈستۈنلۈك قازانغان بىر تەبىقىگە ئايلاندى. تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئەرەب تىلى ۋە مەدەنىيىتى «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب ھۆكۈمران دائىرىلىرى، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەربابلار، ھەتتا ئاھالىنىڭ بەزى قاتلىمى تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىشكە تەقەززا بولدى. ئۇلارغا «ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق» بولۇپ قالدى. بۇ  ھال مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئەسەر يېزىش ئارمىنىنى تېخىمۇ يېلىنجىتىۋەتتى. ئۇ قەتئىي قارارغا كەلدى. ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيگەن بۇ ئالىم «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس – تۈگىمەس بىر بايلىق» يارىتىش مەقسىتىدە بۇ ئۇلۇغ ئىشقا قەدەم قويدى.
    مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ بۇ چوڭ ئىلمىي خىزمىتىنى ئاۋۋال ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن باشلىدى. ئۇ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، بارچۇق (مارالبېشى)، ئۇش  (ئۇچتۇرپان)، كۈسەن (كۇچا)، سۇلمى (قاراشەھەر)، قوچۇ (تۇرپان)، ئېۋىرغول( قۇمۇل)،جانبالىق (سانجى)، بەشبالىق (جىمىسار)، ياڭى بالىق( قۇتۇبى) قاتارلىق ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى، بۇخارا، سەمەرقەنت، تالاس، ئىسفىجاپ، بالاساغۇن، شۇ، قاۋزىن، مەرۋ، بارمان، بارىسخان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇرتلارنى، تارىم، ئىلى، ئېرتىش قاتارلىق دەريالارنىڭ ۋادىلىرىنى كېزىپ چىقىپ، تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركى قوۋملارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى بىر  - بىرلەپ خاتىرىلەپ چىقتى.  ئۇ يەنە بۇ كەڭ رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ قوشاق – بېيىتلىرى، داستان – ئېپوسلىرى، ماقال – تەمسىللىرى ۋە ئەپسانە – رىۋايەتلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەمدە توپلىدى.  ئۇ مانا مۇشۇنداق قاتتىق ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە جاپاغا چىداش روھى بىلەن ئون نەچچە يىل ئەمگەك قىلىپ ئاخىرى مول ماتېرىيالغا ئىگە بولدى. ئۇ ئۆزى توپلىغان ماتېرىياللارنى ئېلىپ قەشقەر گە قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەھمۇد كاشغەرى بىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىم بولۇپلا قالماي، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى تېتىپ، پىشىپ يېتىلگەن زەبەردەست كىشىگە ئايلانغان ئىدى.
    مەھمۇد كاشغەرى توپلىغان ماتېرىياللىرىنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن رەتلەشكە كىرىشىپ كەتتى. ئەمما ئۇ قەشقەردە ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنى قايسى ئۇسۇلدا يېزىشنى بىلمەي قالدى. ئۆز ۋاقتىدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان باغدادتا نۇرغۇن كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئەرەب تىلىدا تۈزۈلگەن لۇغەتلەرمۇ بار ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىدىن بۇرۇن تۈزۈلگەن ئەنە شۇ لۇغەتلەرنى كۆرمەي، ئۇنىڭدىن پايدىلانماي بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆز كىتابىنى ئەرەب تىلىدا يېزىشنى، ئەرەبلەرگە ۋە ئەرەب تىلىنى  بىلىدىغان كىشىلەرگە تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان باغدادقا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز يۇرتى ئوپالدىكى «مۇق يولى» ئارقىلىق پامىر تاغلىرىنى ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇخارا ئارقىلىق نىشاپورغا ۋە ئۇ يەردىن باغدادقا يۈرۈپ كەتتى.
    مەھمۇد كاشغەرى باغدادقا كەلگەندىن كېيىن ئەرەب تىلشۇناسلىرىنىڭ لۇغەت تۈزۈشتە ئىشلەتكەن بارلىق ئۇسۇللىرىنى بىر – بىرلەپ تەتقىق قىلدى ۋە مۇشۇ ئاساستا تۈركى تىللارنىڭ لېكسىكولوگىيە ماتېرىياللىرىنى رەتلەشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئەسىرىنى «ئۆزىدىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە، ئۆزىگە خاس قائىدە، يېڭى ئۆلچەمدە» يېزىپ چىقىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى. مەھمۇد كاشغەرى ئاۋۋال تۈركى تىللارنىڭ سىنتاكسىسىغا ئائىت بىر كىتاب يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «تۈركى تىللار سىنتاكسىسىنىڭ جەۋھەرلىرى» دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئاساسىدا «تۈركى تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشتى. بۇ مۇشەققەتلىك ئەمگەك مىلادىيە 1072 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى باشلىنىپ، 1074 - يىلى 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تاماملاندى. ئارقىدىن يەنە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۈزىتىلىپ، 1077 – يىلى ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى بېكىتىلدى ۋە شۇ چاغلاردا ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ تەختىگە يېڭىلا ئولتۇرغان ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلىندى.
    مەھمۇد كاشغەرى ئۇزۇن مۇددەت باغدادتا تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئۇ يەردە ئىسلام دىنى ۋاسىتىسى بىلەن توپلانغان دۇنياۋى ئىلىم - پەن جەۋھەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى، ئۇنىڭدىن بەھرى ئالدى ۋە باشقا مەشھۇر ئالىملار بىلەن بىللە ئىسلام قانۇنلىرى، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، تېبابەتچىلىك قاتارلىق پەنلەر بويىچە تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇردى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارمىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، بۇ ئانا تۇپراقنىڭ قوينىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىشنى ئويلايتتى. ئۇ ئاخىرى ئارزۇسىغا يەتتى. 11 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قاراخانىيلار ئوردىسىدىن ئەۋەتىلگەن سودا كارۋانلىرى باغدادقا يېتىپ كەلدى. بۇ كارۋان تۆگە چومى ئۈستىگە شىۋەلىك ياساپ، مەھمۇد كاشغەرىنى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ قەشقەرگە ساق – سالامەت ئېلىپ كەلدى.
    مەھمۇد كاشغەرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانا يۇرتى ئوپالغا ماكانلاشتى. ئۇ ئوپالدىكى مەدرىستە مۇددەرسلىك قىلىپ، ياشلارغا نۇرغۇن بىلىم بەردى، نورۇز بۇلاقنىڭ بويىدا شاگىرتلىرى بىلەن شېئىر - نەزمە ئوقۇشتى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىشتى. بۇ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆمۇر بويى ئىلىم يولىدا كۆيۇپ  پىشىپ ۋە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، 97 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. كىشىلەر ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاغ باغرىدىكى «چەشمە زۇلال» ناملىق بۇلاق ئۈستىدىكى سەيناغا دەپنە قىلدى.
                      2. «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك»نىڭ مەزمۇنى

    مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىپ بەردى. شۇڭا بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىكى يىگانە قامۇس دەپ ئاتالدى.
   مەزكۇر ئەسەردە ئالدى بىلەن تۈركى تىللارنىڭ فونىتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گرامماتىكىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى ۋە تۈركى تىللارنىڭ دىئالىكت شىۋىلىرى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ، ئەھمىيەتلىك خۇلاسىلەر چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركى تىللار بىلەن ئەرەب ۋە پارىس تىللىرى سېلىشتۇرۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىندى.
    «دىۋان» دا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلار بېرىلدى. مەھمۇد كاشغەرى ئۆز دەۋرىدىكى بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى غەربتىن شەرققە قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە بىرمۇ - بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇلار پەچەنەك، قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز، چىگىل، توخسى، ياغما، ئۇغراق، چارۇق، چۇمۈل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت ۋە قىتانلاردىن ئىبارەت ئىدى.
    مەھمۇد كاشغەرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلار، شەھەر -  قەلئەلەر، تاغ – دەريالار، يېزا – قىرلار ۋە قاتناش تۈگۈنلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ھەتتا ئۇ بىر پارچە خەرىتە سىزىپ چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى كۆرسەتتى. مەزكۇر خەرىتە ئالىملار تەرىپىدىن ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى خەرىتىسى، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن تۇنجى خەرىتە دەپ قارالدى.
    مەھمۇد كاشغەرى ئۆز ئەسىرىگە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 300 كۇپلېتتىن ئارتۇق شېئىر - قوشاق ۋە داستان پارچىلىرىنى 200 پارچە ماقال – تەمسىلىنى، ئون نەچچە پارچە ئەپسانە – رىۋايىتىنى كىرگۈزدى. بىز بۇ ئەدەبىي پارچىلار ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋردىكى ئەدەبىياتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋى ۋە ئەخلاقى قاراشلىرىنى بىلەلەيمىز.
    «دىۋان» دا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ فولكلور مەدەنىيىتى كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇلدى، بولۇپمۇ ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەتلىرى، چالغۇ – ئەسۋابلىرى، جەمئىيەت تەشكىلى ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئەدەب – قائىدىلىرى ۋە داۋالىنىش ئادەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ بايان قىلىندى. ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەزى پاكىتلارمۇ بېرىلدى. مەسىلەن، بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇنلا ئاياللانىڭ باغىرداق تاقايدىغانلىقى، كىيىم – كېچەكلەرگە دەزمال سېلىپ كىيىدىغانلىقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
    «دىۋان» دا يېزا - ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، قول – ھۈنەرۋەنچىلىك، ئوۋچىلىق، ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت سۆزلەر، ھەرخىل ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ناملىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى چۈشەندۈرۈلدى. كالېندارچىلىق ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر مەلۇماتلار سۆزلەندى. يىللارنى مۆچەل بىلەن ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركىي مىللەتلەردە ناھايىتى قەدىمدە مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
«دىۋان» دا يەنە ھاكىمىيەت تۈزۈلۈشكە ئائىت ئاتالغۇلار، ئەمەلدارلارنىڭ دەرىجىلىرى ۋە ئۇنۋانلىرى، شۇنىڭدەك ھەربىي ئىشلار، جەڭ ۋە تاكتېكا توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.
    دېمەك، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» ناملىق ئەسىرى ئەينى دەۋردىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان بىردىنبىر لۇغەت بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى، كېلىپ چىقىشى، ئۆرپ – ئادەتلىرى، قائىدە – يوسۇنلىرى، ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات – سەنئىتى، قانۇن – تۈزۈملىرى، پەلسەپىۋى - ئەخلاقى چۈشەنچىلىرى، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيىسىگە ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل قامۇستۇر.
                     3. «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك»نىڭ سەرگۈزەشتىسى

    مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى باغدادنىڭ ھۆكۈمرانى خەلىپە ئەلمۇقتەدگە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، بۇ كىتاب ئوردىدا بىر مەزگىل ساقلاندى. مىلادىيە 1258 – يىلى ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىلىكى بىلەن بىللە ماملۇكلار خاندانلىقىغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن قاھىرە ۋە دەمەشىقتىكى بىر قىسىم ئالىملار بۇ كىتابنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 1266 – يىلى دەمەشىقتە مۇھەممەد ئىمىن ئەبۇ بەكرى ئىبىن ئەل فاتىھ دېگەن كىشى مەھمۇد كاشغەرىنڭ ئۆز قوليازمىسىدىن بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ، قالدۇرۇپ قويدى. 1517 – يىلى ئوسمانىيلار تۈركلىرى ماملۇكلار خاندانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنى ئىستانبولغا ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسم تۈرك ئالىملىرى بۇ كىتابنى كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدى.
مىلادىيە 1200 – يىلىدىن 1700 – يىللارغىچە ئۆتكەن ئالىملاردىن جامالىددىن ئىبنى مۇھەننا، بەدرىددىن  مەھمۇد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇسا ئەينى، شاھابىدىن ئەھمەد، ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرى، ئەبۇ ھەييان، مۇستەفا ئىبنى ئابدۇللا كاتىپ چەلەبى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى تىلغا ئالدى ۋە ئۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ، ئوسمانىيلار دەۋرىنىڭ ئاتاغلىق يازغۇچىسى چەلەبى 1650 – يىلى «كەشفۇز زۇنۇن» ناملىق ئەرەبچە ئەسىرىدە «دىۋان» نىڭ ئاپتۇرى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇردى.
    «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇسخىسىنى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازىپ بىيىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە مىلادىيە 1914 – يىلى تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن بىر كىتابپۇرۇشنىڭ سېتىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر كىتاب ھەۋەسكارى ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ قولىغا چۈشتى. ئەلى ئەمىر بۇ كىتابنى كىلىسلى رىفئەتكە تاپشۇردى. رىفئەت 1917 – يىلىدىن 1919 – يىلىغىچە بۇ قوليازمىنى ئۈچ توم قىلىپ مىخ مەتبەئەدە باستۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاھاندا تەڭدىشى يوق ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولدى.
«دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» ھازىرقى زامان ئالىملىرىغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، كەينى – كەينىدىن ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، زور شۆھرەت قازاندى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار جۈملىدىن بېسىم ئاتالاي، كارل بروككېلمان، شاكىر ئۆلكۈتاشىر، ئومېليان پرتساك، مارتىن ھارتمان،فۇئات كوپرۇلۇ، روبېرت دانكوۋ، ن. ئا. باسكا كوۋ، سالىھ مۇتەللىپوۋ، كلاۋسۇن، بارتولد، ئەخمەد زەكى ۋەلىدى، كىلياشتورنى، لۇيىس بازىن، ئىتتۇر روسسى، تايمىس، شېنكوۋىچ، رىشات گەنج، جەمىس كېللىې، شىناسى تېكىن، كونول ئالپاي تېكىن قاتارلىقلار مەزكۇر ئەسەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
     4. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ياد ئېتىلىشى

    ئۇيغۇر خەلقى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنى مىڭ يىلدىن بېرى «ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم» دەپ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى «ھەزرىتى مەۋلام شەمسىددىن مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن»،قىسقارتىپ «ھەزرىتى موللام» دەپ ئاتىدى. ئالىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل نورۇز بۇلاق ئېگىزلىكىگە مەقبەرە تىكلەندى. «ھەزىرىتى موللام» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ مەقبەرىنىڭ ئالدى ئىلىم ئەھلىلىرى قەرەللىك ھالدا توپلىشىپ تاۋاپ قىلىدىغان خاسىيەتلىك ئورۇنغا ئايلاندى. كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرى مۇددەرىسلىك قىلغان مەدرىسنى «مەھمۇدىيە» دەپ ئاتىدى ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ خاس تەزكىرىسىنى يېزىپ قالدۇردى. بۇ تەزكىرە «تەزكىرەئى ھەزرىتى موللام» نامى بىلەن قولدىن - قولغا كۆچۈرۈلۈپ كەلدى. 1836 – يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەر ئۆلىماسى ۋە ئەدىب مۇھەممەد سادىق كاشغەرى «مەسنەۋى شىرىپ» ناملىق قىممەت باھالىق كىتابىنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازىرىغا تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭغا «بۇ كىتابىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا، سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام، دىننىڭ قۇياشى، ھۈسەيىن ئوغلى، قەلەم ئېگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازىرىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەبەدىي سەدىقە قىلدىم» دەپ يازدى. بۇ ۋەخىپنامىدە مەھمۇدى كاشغەرىنىڭ نامى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەسىرلەرگىچە ئالىمنىڭ مۇبارەك نامىنى قەلب تۆرىدە ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
19– ئەسىرنىڭ داڭلىق شائىرى ئابدۇرېھىم نىزارى:
«ئوپالدا يېتىپتۇ ھەزرىتى مەۋلى،
كى موللام ئاتاپ  ھەر زەئىپۇ قەۋى»
دەپ يېزىپ، مەھمۇد كاشغەرىنى چوڭقۇر ياد ئەتكەن بولسا، شۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر شائىرى تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى مەھمۇد كاشغەرى مەدرىسىنىڭ ئىشىكىگە :
«ئۈمىد بىرلە كېلىپتىمەن دەرگاھىغا پادىشاھىم دات،
بۇ بەقرۇ – زارى بىرلە ئەرز قىلدىم، قىلغىمىل بەرباد»
دەپ يېزىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىخلاس ئېتىقادىنى ئىپادىلىدى. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى «تاشبالىق» دەپ ئاتىلىدىغان تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان ئىدى. كىشىلەر كېيىن بۇ تاغنىڭ نامىنى «ھەزرىتى موللام تېغى» غا ئۆزگەرتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر نەزمە توقۇلغان ئىدى:
«تاشبالىق بولسۇن ئەبەد ھەزرىتى موللامنىڭ تېغى،
نامى ئۆچمەس، گۈل – چېچەكلەر مېۋە بولغاي موللام بېغى».
ئوپال رايونىدا يەنە مەھمۇد كاشغەرى ھەققىدە نۇرغۇن شېئىر - نەزمىلەر توقۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسىدە مۇنداق دېيىلدى:
«ئەلۋىدا ئەي شەيىخ مەۋلانى شەمسىدىن پىرىم
ئەلۋىدا ئەي مەھمۇد ئىسمىڭ ھەمد ئۇرگەنتىڭ بىزىم».
    دىمەك،خەلقىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نامىنى تاكى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ئۇنتۇپ قالماي يادلاپ كەلدى.
كىشىلەر مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى قايتا- قايتا رېمونت قىلىپ تۇردى. ئۇلار بۇ قەبرىدە ياتقان زاتى مۇبارەكنى ياد ئېتىپلا قالماي، ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەيىن، بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخانلار ئۇچۇنمۇ خاس قەبرە قاتۇرۇپ، ئۇلارنى «بۇزرۇكۋارلىرىم »دەپ ئاتىدى. ئوخشاشلا مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسى بۇۋى رابىيەنىڭ قەبرىسىنى «بۇۋى رابىيە خېنىكەمنىڭ مازىرى» دەپ، ئۇنىڭ دادىسى خوجا سەيپىدىننىڭ قەبرىسىنى «سەيپىدىن بۈزرۈكۋارنىڭ مازىرى» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا بولغان ئىززەت - ئېكرامىنى بىلدۇردى.
    20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئالىملىرى تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» تىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئانا ۋەتىنىدە ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى باشلىۋەتتى. ئابدۇقادىر داموللام ۋە قۇتلۇق شەۋقىلەر تۈركىيىدە رېفئەت تەرىپىدىن مىخ مەتبەئەدە ئەمدىلا بېسىپ چىققان «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى دەرھال قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. 1920 –1930 – يىللىرى قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، شەمسىددىن داموللام، مەمەتئېلى تەۋپىق قاتارلىقلار مەھمۇد كاشغەرى ۋە «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» ھەققىدە بەلگىىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. قۇتلۇق شەۋقى ئۆزىنىڭ «قەشقەر» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازدى:
    «يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى <دىۋانۇلۇغەت>
    مەھمۇدىل قەشقەر كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر»
    1940– يىللارغا كەلگەندە ئەھمەد زىيائى، ئىمىن تۇرسۇن، ئىبراھىم مۇتئى، بورھان شەھىدى، ھىدايىتۇللا ئاخۇن، سابىر ئاخۇن، ئابلىمىت رۇزى قاتارلىق ئالىملار ماقالىلەرنى يېزىپ «تۈركى تىللار دىۋانى» ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئىسمائىل داموللا دېگەن كىشى رېفئەت نەشر قىلدۇرغان مىخ مەتبەئە نۇسخىسىنى چۆچەكتە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى باشلاپ، ئۇنىڭ بىرىنچى تومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى كۈنتەرتىپكە قويۇلۇپ، بىرقىسىم ئالىملار بۇ خىزمەتكە جەلپ قىلىندى. مەسىلەن، 1951 – يىلىدىن 1953 – يىلىغىچە قەشقەردە ئەھمەد زىيائى ۋە مۇھەممەد پەيزىلەر، 1960 _ 1965 _ يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى ۋە مۇھەممەد سالىھلار «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئەمما ئۆز ۋاقتىدىكى سولچىل سىياسەتنىڭ كاساپىتىدىن بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسى نەشر قىلىنالمىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن تارتىپ، 1979 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگو ئالىملىرىدىن مۇھەممەدجان سىدىق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، گۇئاڭتيەن، ئەھمەد زىيائى، ئابلىمىت رۇزى، گېڭشىمىن، فېڭ جياشېڭ، چىڭ سۇلۇ، مۇگۇاڭۋېن، خۇ جېنخۇا، جاڭ گۇئاڭدا، ئابدۇشكۇر تۇردى، خاۋ گۈەنجۇڭ، ما ئەن قاتارلىقلار ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، «دىۋان» نى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى پەقەت مەملىكىتىمىزدە ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىنلا ھەقىقىي يوسۇندا سىستېمىلىق ئىشلىنىشكە باشلىدى.
    1978 – يىلى «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نى تەرجمە قىلىپ، نەشر قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ بىرنەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتجىسىدە «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، 1981 – يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى نۇسخىسىمۇ نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى. 1982 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىن ئىبراھىم مۇتئىي، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ، قەشقەر شەھىرىدىكى مەدەنىيەت تارماقلىرىدىن مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق، مۇھەممەد ئىمىن سايىت، ئابدۇرىشىت سابىت، ئىسمائىل ئىبراھىم قاتارلىقلار تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوپالدىكى ھەزرىتى موللام قەبرىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان پولاتتەك پاكىتلار پۇتۇن دۇنياغا جاكارلىنىپ، «دىۋانشۇناسلىق›› تەتقىقاتى جەھەتتە چوڭ بۆسۇش ھاسىل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادكارلىق ئورنى قىلىپ بىكىتتى، نەتىجىدە 900 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي قەبرە قايتىدىن چوڭ رىمونت قىلىندى. بۇ قەبرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر ئورۇن مۇۋاپىزەت دائىرسىگە كىرگۈزۇلۇپ، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭقى  كەتكەن زىيارەت رايونىغا ئايلاندى.
    يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ «دىۋانشۇناسلىق›› تەتقىقاتىدا زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر، لوغەت، قامۇس ۋە قوللانمىلاردا نامايان قىلىندى. ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا «دىۋانۇلۇغەتت تۈرك» كە ئائىت بىلىملەر كەم بولسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا «دىۋانشۇناسلىق»ناملىق مەخسۇس بىر دەرس تەسسىس قىلىندى. مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن رەسم، ھەيكەل، ناخشا، شېئىر ۋە رومانلار ئىجاد قىلىندى. كاشغەرشۇناسلىققا بېغىشلانغان مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى توختىماي ئېچىلىپ تۇردى. بولۇپمۇ 2005 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەردە مەملىكەت بويىچە ئالىملار يىغىلغان كاتتا يىغىن ئۆتكۈزۈلۇپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مىڭ يىللىقى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.
                    5. خاتىمە

    «دىۋانۇلۇغەتت تۇرك» 11 – ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ پارلاق ناماياندىسى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىباھا مىراسى، ئادىمىيات پەنلىرى ساھەسىدىكى يىگانە مۆجىزە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، جۇغراپىيە، فولكلورسىتىكا، ئېتنوگرافىيە، ئانتىروپولوگىيە ۋە سوتىئولوگىيە پەنلىرىنى كىرىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشنىڭ يۇكسەك نەمۇنىسى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى. قەشقەر خەلقىنىڭ نەسەب يىلتىزى ئۇنىڭغا تۇتىشىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى زاماندىكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى دەل ئەنە شۇ مەھمۇد كاشغەرى جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدۇر.     شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر خەلقى مىڭ يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئالىمىنى ياد ئېتىپ كەلدى؛ ئۇنىڭغا مەقبەرە تىكىلدى، تاۋاپ قىلدى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە تەزكىرە يازدى، ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن بىلىمى، يۈكسەك پەزىلىتىنى مەدھىيىلەپ ئاغزاكى ھېكايىلەرنى توقۇدى ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ – ئەلاۋد تارقىتىپ كەلدى. دۇنيا بويىچە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مىڭ يىللىقى تەنتەنىلىك خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمىدىن ھەقلىق يوسۇندا پەخىرلىنىدۇ.!
ئۇلۇغ ئالىم، سۆيۈملۈك بوۋا، خاتىرجەم يېتىڭ! سىز ياندۇرغان مەرىپەت مەشئىلىنى مەڭگۈ ئۆچۈرمەيمىز.

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33470
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھازىرلا بىرسى ئۈچۈرۈلگەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33470
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قىل قاپتىمە تىيمىنىڭ ئىسمىنى كۈرۈپلا  ئۇقۇماي ئۈتۈپ كەتكنى . مەنمۇ  ھازاىر  پەرھات جىلاننىڭ  « مەھمۇد كاشغەرىي» دىگەن كىتاۋىنى كۈرىۋاتاتتىم ،بۇتىيما ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم  .تىيما ئىگىسىگە رەخمەت

0

تېما

0

دوست

480

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32138
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۈمىد غەنى: «مەھمۇد كاشغەرىي ئاددىيلا لۇغەت تۈزگۈچى خالاس» دەپ ئېيتقانىدى.
ئەپسۇس، ئۈمىد ئەپەندى، ساڭا دىققەت قىلىدىغان نى نى ئالىملار بار ئىكەن،  سېنىڭ گېپىڭنىڭ خاتالىقىنى قاتمۇ قات پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىپتۇ،  ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەرسەنكى.....

1

تېما

1

دوست

4851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7646
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 834
تۆھپە : 918
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
surtokay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 22:08
ئۈمىد غەنى: «مەھمۇد كاشغەرىي ئاددىيلا لۇغەت تۈزگۈچى خا ...

ئۇمۇدجان  راسلا  شۇنداق  دىگەنمىدۇ...  تۇۋا،،

0

تېما

1

دوست

436

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33470
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى بولدى قىلايلى .ئەسلى بىز تىللايدىغان ئادەم  بۇ يەردە       ./thread-26905-7-1.html

0

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34087
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىما.....!!
ئالىملىرىمىزدىن پەخىرلەنگەندە خەيرىلىك دۇئالاردا يات ئىتىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى !


0

تېما

0

دوست

342

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33616
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
surtokay يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 22:08
ئۈمىد غەنى: «مەھمۇد كاشغەرىي ئاددىيلا لۇغەت تۈزگۈچى خا ...

ئۈمۈدجان «دىۋانۇلۇغەتت تۇرك» ئوقۇپ باقمىغان ئوخشايدۇ ، ئوقۇغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى چۈشەنمەپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )