- تىزىملاتقان
- 2014-4-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 586
- نادىر
- 0
- يازما
- 35
ئۆسۈش
17.2%
|
كىتاپ ئۇقۇماڭ
(بەگمۇراد)
يىقىندىن بۇيان كۈندە مۇنبەرلەردە، ئۈندىدار يەنە ئالاھىدە پىروگىراممىلاردا كىتاپ ئۇقۇشنىڭ گىپى بەكلا ئەۋىج ئىلىپ كەتتى. ھەممە بەس-بەستە بۇ يىل كىتاپ ئۇقۇش يىلى قىلىمىز دەپ داۋراڭ قىلغىلى تۇردى. بەزىلەر تىخى 2015-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنى چۈشەپ ھىچ قانچە كىتاپ ئۇقۇمايلا بۇ يىلنى ئۈتكۈزۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ چۈشىنى باشقىلارغا ھەمبەھىرلىدى ياكى شۇ مۇناسىۋەتتە كىتاپ ئۇقۇشتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتتى. ئەلى قۇربان مۇئەللىم بولسا باشقىلار نىمىلا بۇلۇپ كەتسۇن مەيلى ئۇ ئاكادىمىك ، ياكى پسخولۇگ ۋە ياكى دوكتۇر، پىراففىسور بولسا مەيلىكى مانا مەن كىتاپ ئۇقۇغۇچى، مىنىڭ كەسپىم كىتاپ ئۇقۇش دىدى. ئۈمىد غىنى قۇپۇپ ھازىرقى كىتاپلارنىڭ جىقلىقىدا ئۇنى ئۇقۇپ بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس شۇڭا بىر ئۇقۇشتا مىڭ كىتاپنىڭ ئۇرنىنى باسىدىغان كىتاپ ئۇقۇشمىز كېرەك دىدى. شۇنداقلا بىز كىچىكىمىزدىن ئاڭلايدىغان بىر گەپ ھازىر دۆلىتىمزنىڭ ھەممە يېرىدە مەجبورىي مائارىپ يولغا قۇيۇلغان بۇلۇپ بىزگە دائىم ‹‹ كىتاپ- بىلىم بۇلىقى ، بىلىم- ئەقىل چىرىقى.›› دەيدىغان ھىكمەت ئوچراپ تۇرىدۇ.‹‹ كىتاپ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقى››. ‹‹بىلىم خورىماس ، ئەقىل توزىماس››.
خوش ئەمدى يەنە نىمە ئۈچۈن كىتاپ ئۇقۇشنى تەشۋىق قىلىش كېرەك بۇلۇپ قالدى؟ مانا مەن كىتاپ ئۇقۇشنى تەشۋىق قىلمايمەن. ياكى ئۇنى داڭلىمايمەن. مەن بۇ يەردە كىتاپ ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. يۇقىرىقى ئابزاسلاردىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، شۇنداق ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىدۇ؛ كىتاپ ئىنتايىن ياخشى نەرسە . ئىنسانيەتنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقى. يەنە بىلىم ۋە ئەقىل -پاراسىتىمىزنى تاۋلايدۇ. بىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ. شۇنداق بۇنى ھەتتا باشلانغۇچنىڭ بالىسىدىن سورىسىڭىزمۇ بىلىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ بەزىلەر يەھۇدىيلار بۇۋىقىغا كىتاپقا ھەسەل تىمىتىپ شۇنى يالاتقۇزدىكەن، دىگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان بولغىيتتۇق. كىتاپ شۇنداق ياخشى، شۇنداق ئىسىل نەرسىكەن ئەمما ئەتراپىمىزدا كىتاپ ئۇقۇيدىغانلارمۇ بار، ئۇقۇمايدىغانلارمۇ بار. ئۇقۇمايدىغانلار ئۇقۇيدىغانلاردىن كۆپ. مەن ئۆز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى دەۋاتىمەن مەكتەپ بالىلېرىنى دىمىدىم. ھەتتا يىللاپ-يىللاپ بىرەر پارچە كىتاپ ئۇقۇمايدىغانلار مۇ بار. ئۇنداقتا كۆپ سانلىق كىشى ئەخمەقمۇ ؟ شۇنداق ياخشى نەرسىنى نىمىشقا ئۇقۇمايدۇ. ئەجىبا ئۇلارنىڭ بىلىملىك ، ئەقىللىق بۇلۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۇرگىسى يوقمۇ؟ ياق ياق......
قىنى تەھلىلىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى!!! مەسلەن ‹‹ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى›› نى مىسال قىلايلى. ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنى قانچە داڭلىغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىسا ئىستىمالچىلارنى رازى قىلالمىسا ئۇنى ئالغانلار بىرە قىتىم ئالا ياكى ئالمايدۇ. ئەمما ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمى بولسا ئۇنى ھىچكىم تەشۋىق قىلمىسىمۇ قۇۋۋەتكە ئىھتىياجلىق ئادەملەر ئىزدەپ-سوراپ تىپىپ ئىچىدۇ. ھەتتا مانا مەن پىچاندىن ئەگەر ماڭا جىددىي قۇۋۋەت تۇلۇقلاش كېرەك بۇلۇپ قالسا مەن قەشقەردە بولسىمۇ يىراق دىمەي بېرىپ ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى تىپىپ ئەكىلىپ ئىچىمەن. ئۇ چاغدا 20 نەچچە سائەتلىك يو ئازابى مەن ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس. باشقىلار ھەتتا چەتئەلدە بولسىمۇ تىپىپ ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنى تىپىشتىن ۋاز كەچمەسلىكى مۇمكىن. دىمەك ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ ھەقىقىي ئۈنىمى بولسا، شۇنچە قىممەتلىك بولسا، ھەقىقىي بولسا ئھتىياجلىق ئادەملەر ئۇنى ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار تارتقان جاپا ھىچنىمە بىلىنمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئۈنىمى بولمىسا ئۇنى زورلاپ مىڭ ماختىغان بىلەنمۇ بىكار. مەنچە ئىنسان دىگەن ئەقىللىق نەرسە ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەيلى سىز ئۇنى كوھىقاپنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇپ قۇيۇڭ ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم بولسا ئىنسان ئۇنى ئۆزى تاپىدۇ. ئەمدى كىتاپ ئۇقۇش ۋە كىتاپ دىگەن نەرسىگە كىلەيلى . مەن بۇ يەردە ھىچكىمگە كىتاپ ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن كىتاپنىڭ تەرپىنى كۆپ ئاڭلىغان، ئەمما يەنىلا كىتاپنى قۇلىغا ئالمىغان سەۋەپ بىرلا ئۇلا كىتاپتىن ئۆزىگە لازىملىق نەرسىنى تاپالمىغان ياكى ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىنى كىتاپتىن تاپالمىغان پەقەت يۈزە ۋە بىر تەرەپلىمە نەرسىلەرنى كۆپ ئۇچراتقان. شۇڭا ئۇلارغا كىتاپنى قانچە ماختاپ بەرسىڭىزمۇ بىكار.
يەنە بىرى كىتاپ ئۇقۇش بىر ئادەت دەپ قارىلىدىكەن. مەسلەن ئامىرىكىلىقلار ئۈچۈن قەھۋە ئىچىش بىر ئادەت، ئۇلار خزمەتتىن سىرت ۋاقىتلېرىدا بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ئادەت قىلىشقا ئامراق. ئۇلار مىنىڭ قارىشىمچە بەدەن گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا دائىم نەپىس ھەيكەللەرنى ئۇيۇپ چىقرىدۇ. ئەمما شەرق ئەللىرىدە بولسا بەدەن گۈزەللىكىگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. شەخسەن كىچىمدىن چوڭلاردىن بىرەرى ماڭا چىنىقىپ مۇسكۈل چىقىرىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقىن دەپ باقىمدى. ئەمما ماڭا 12 ياشتىن باشلاپ ئوغوللارغا ناماز پەرز بۇلىدۇ. ناماز ئۇقۇشنى ئۈگىنىۋال ، مەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز ئۇقۇ، دىدى. ھىچكىم ماڭ قەھۋە دەملەشنى ئۈگىنىۋال دەپ دەپ باقمىدى. دىمەك يۇرتلېرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئادەتلېرى غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئادىتى بۇيىچە ياشايدۇ، بىزمۇ ئۆز ئادىتىمىز بۇيىچە ياشاۋېرىمىز. قەھۋە دەملەپ ئىچىپ تۇرمىغانغا ، بەدەن چىنقىتۇرۇپ ئالاھىدە مۇسكۇل چىقرىپ يۈرمىگەنگە بىر يېرىمىز كام بۇلۇپ قالمايدۇ. ئەگەر كىتاپ ئۇقۇشنىمۇ ئادەت دەپ قارىغاندا ھىچكىم كىتاپ ئۇقۇمىغانغا ياكى ئاز ئۇقۇغانغا ئۈلۈپ قالمايدۇ. كىتاپ ئۇقۇمىسىمۇ كۈنى ئۈتىۋېرىدۇ. ئۇنداقتا كىتاپ ئۇقۇش بىلەن كىشىلەرنىڭ نىمە كارى ؟ ئۇقىمسىمۇ بۇلىدىغۇ........
مىنىڭچە كىتاپ ئۇقۇشنى تەشۋىق قىلشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق. چۈنكى كىتاپ تۇغۇرلۇق ھەممىمىز كىتاپنىڭ ياخشى تەرپىنى ئاڭلىغان . ئەگەر كىشىلېرىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ئىنتايىن زۆرۈر كىتاپ بولغان بولسا كىشىلېرىمىز ئۇنى چۇقۇم ئۇقۇيتتى. ھەتتا تۇسىسىڭىزمۇ ئۇقۇيتتى. شۇڭا مەن كىتاپ ئۇقۇشنى تەشۋىق قىلمايمەن. ھەم ئۇقۇماسلىقنىمۇ تەشۋىق قىلمايمەن. ئەمما مەن كىتاپ ئۇقۇشنى تەشۋىق قىلىشقا قارىشى، ئۇنى تەشۋىق قىلىشنى ئۈلۈك شۇئار قىلىۋىلىشقا قارىشى. ئەگەر سىز ياخشى كىتاپلارنى ئۇقۇپ ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تەسىر كۆرسەتكەن بولسىڭىز ئۇنداقتا ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر تەبئىيلا كىتاپ ئۇقۇشنىڭ ئادەمگە پايدىلىق ئىنكەنلىكنى بىلىپ قالىدۇ -دە، ئۆزلىكىدىن كىتاپ ئۇقيدىغان بۇلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا كىتاپ ئۇقۇش يىلى، كىتاپ ئۇقۇش بىرنىمىسى، كىتاپ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي ئۇزۇقى قۇرۇق گەپ بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنداق كىتاپ ئۇقۇغۇچىلار كىتاپ خالتىسىنىڭ ئۆزىدۇر.
|
|