قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1607|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆتۈنۈپ قالاي، چاقچاق قىلماڭلار (كاخې . سەيلا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

4

دوست

2447

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 782
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 01:22:38 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۆتۈنۈپ قالاي، چاقچاق قىلماڭلار

كاخې . سەيلا (ئىسپانىيە)



     كالو پالياكنو باشقا بۇلاڭچىلارغا ئوخشاشلا يۈزىنى يۆگەپ، قولىدا بىر دانە پىلىموتنى كۆتۈرۈپ، چوڭ كوچا لېۋىدىكى چوڭ بىر ئاشخانىغا ئېتىلىپ كىردى. ئاشخانىدا مېھمانلار مىغ - مىغ بولۇپ، ھەربىرىنىڭ سالاپىتىنىڭ پۇزۇرلىقىدىن ۋە بويۇنلىرىدىكى ئۈنچە - مەرۋايىتلارنىڭ يالتىراپ تۇرغانلىقىدىن ھەممىسىنىڭ پۇللۇق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بايقىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى. قارىماققا ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى چاغ، ئەلپازىمۇ ئۇششاق بالىلاردەك شۇنچىلىك بىغەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقايسىسىنىڭ يېنىدا قورال بولمىغاچقا، كالو پالياكنونىڭ تۇنجى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ھەرىكىتى راستتىنلا گۈزەل ئېلىپ بېرىلىغاندەك قىلاتتى. كالو پالياكنو كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى پىلىموتنىڭ تەپكىسىگە ئەكىلىپ تۇرۇپ دېدى:
     ___ ھەممىڭلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
     كالو پالياكنونىڭ ھەيۋىسىز ئاۋازى ھەرگىز بىر بۇلاڭچىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دەككە - دۈككىچىلىك بىلەن زىيادە تۆۋەن ھەم زەئىپ رەۋىشتە سالغان بۇ تەھدىتىنى پەقەت ئۇنىڭغا يانداش بىر - ئىككى ئۈستەل ساھىبلىرىلا ئاڭلىدى، بىراق ھېچقانچە ئىنكاس بىلدۈرۈشمىدى.
     ئوركېستىرلار سەھنىدە «ئۈچىنچى ئادەم» دەيدىغان ئادەم غىڭشىغىلىمۇ بولمايدىغان بىر قوپال فوكستروتنى ئورۇنلاۋاتاتتى. چىرايىنى ساختا تەبەسسۇم قاپلىغان كۈتكۈچىلەر ئۈستەللەر ئارىسىدا تىنىمسىز قاتراقلىق بولۇپ، قاچا - قۇچا يىغىشتۇرۇش، سەي - تاماق توشۇش، بوتۇلكا ئېچىشلار بىلەن تولىمۇ ئالدىراش ئىدى. ئاشخانا خوجايىنى بولسا ھېلى بېشىنى ھېلى بېلىنى ئېگىپ، يېڭى كىرگەن ھەربىر خېرىدارنى ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئورنىغا جايلاشتۇرۇۋاتاتتى. كالو پالياكنو نىقاب ئىچىدىكى يۈزىنىڭ بارغانچە ئۆپكىدەك قىزىرىۋاتقانلىقىنى ۋە قىزىۋاتقانلىقىنى سېزىشكە باشلىدى.
     ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش... «بۇ بىرنېمىلەر مېنى ئەجەب كۆزگە ئىلماي كەتتا، ___ دەپ خۇرۇجى تۇتتى ئۇنىڭ، ___ بىر توپ ئەخمەق ئېشەكلەر، ئەجەبا قولۇمدىكى پىلىموتنى كۆرمىگەنمىدۇ؟» شۇنىڭ بىلەن كالو پالياكنو ئىنجىقلاپ تۇرۇپ جېنىنىڭ بارىچە توۋلىدى:
     ___ قوللىرىڭنى كۆتۈرۈش!
     ئۇھ... تەڭرىگە شۈكرى! ئاخىرى بىر نەچچە ئادەم نەزىرىنى ۋېيلوۋلى خانىمنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدىن قايرىپ، كالو پالياكنوغا تىكتى.
     ___ نېمىدىگەن تەمكىن ھەم ئېسىل بۇلاڭچىلىق - ھە! ___ دېدى بىرەيلەن، ___ ھەقىقەتەن قالتىس يىگىتكەنسەن!
     كالو پالياكنو بۇ خەقلەرگە بىر ياقتىن غەزەپلەنسە، يەنە بىر ياقتىن تەئەججۈپلەندى.
     ___ قوللىرىڭنى كۆتۈرۈش، دەيمەن! ھەرقايسىڭ ئەمامۇ، قولۇمدىكى ماۋۇ پىلىموتنى كۆرۈشمىدىڭمۇ؟ تېخىچە بۇنىڭ بىر بۇلاڭچىلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقۇشالمايۋاتامسەن؟ يەنە قوللىرىڭنى كۆتۈرۈشمىسەڭ، بۇ تەپكە بېسىلىپ كېتىدۇ جۇمۇ! ھۇ ئەقلىنى جىن ئەپقاچقان ساراڭلار!
     بۇنى ئاڭلاپ، پەستىكىلەر ئۆزىنى تاشلاپ - تاشلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، بىر ئۈستەلنىڭ قېشىدىن ئەڭ چېڭىغا چىققان بىر كۈلكە ساداسى تورۇسقا ئۆرلىدى: «نېمانداق قېرىشقاق بەز نېمە ماۋۇ! ۋېي، بالا بۇلاڭچى، تولا قۇرۇق ئىش قىلىپ يۈرمەي، كېلىپ بىز بىلەن بىرەر رومكىغا ئۈلپەت بولغىنا. مۇلازىم، مۇلازىم، بۇ ئەپەندىگە بىر بوتۇلكا شامپان ھارىقى كەلتۈرۈڭ!»
     كالو پالياكنو يەرگە بىرنى قاتتىق تېپىۋېتىپ:
     ___ ھەر قايسىڭ ياخشىسى مېنىڭ غىدىقىمنى قىچىقلىماي، چاپسان قوللىرىڭنى كۆتۈرۈش، ___ دېدى.
     ھېلىقى كىشى يەنە قاقاھلاپ كۈلۈۋەتتى. ئىنتوناتسىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئۇنىڭ كۈلگەن ئۈنى بىر نەچچە كوچا تېشىدىكىلەرگىمۇ بىمالال ئاڭلىناتتى.
     ___ يېتەر، بالاڭزا، ئەمدى تىنچلىنىۋال! ئويۇنىڭغا ئىچ - ئىچىمىزدىن رازى بولدۇق. چاقچاق قىلىمەن دەپ ھاياجىنىڭنى بېسىۋالالمايۋاتىسەن.
     ___ نېمە ھاياجان - پاياجان! مەن بۇ يەرگە پۇل بۇلىغىلى كىردىم، پۇل. ھەر قايسىڭنى تالان - تاراج قىلغىلى، يانچۇقلىرىڭنى ئۆتمىتۆشۈك ئەتكىلى كىردىم. گېپىمنى چۈشىنىشىۋاتامسەن يا؟ مانا، قولۇمدىكى ما نەرسىنىڭ ئىسمى قورال، ئەزرائىل دەپ تونۇساڭلارمۇ بولىدۇ. شۇڭا چاپسان پورتمال، زىننەت بۇيۇملىرى دېگەندەك پۇلغا يارايدىغان نەرسىلىرىڭنى ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇشمىساڭ، بۇ بېرىپ بېشىڭنى تېشىدۇ. سەنلەر تېخى مېنى كۈلكە ماتېرىيالى كۆرۈشۈۋاتامسەن؟ ھوي ئەپەندىم... سەن... ھە سېنى دەۋاتىمەن، سەن بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماي، ئەكسىچە بۇنى ئەتەي چاقچاققا ھەيدىۋاتىسەن. شۇڭا سەن ھەممىدىن بەك ئۆزۈڭنى تۇيۇۋال!
     ___ ئوخشىدى، ئوخشىدى! ھا - ھا - ھا...!
     ئوركېستىرلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك «ئۈچىنچى ئادەم» نى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئارقىدىنلا «كىممۇ قورقسۇن ياۋۇز بۆرىدىن» دېگەن مارشىنى باشلاپ كەتتى.
     ___ سېنى قولۇڭنى كۆتۈر، دەۋاتىمەن.
     ___ ياق، يىگىت، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. چۈنكى مەن ئەزەلدىن بىراۋنىڭ ماڭا بۇيرۇق قىلىشىنى ياقتۇرمايمەن. شۇڭا چاقچاقنى بۆلەك بىرسىگە قىل.
     يەنە بىر ھازا قېقىلىپ كۈلۈشلەر... بىر قانچە خېرىدارلار كالو پالياكنونى چەمبەرسىمان ئورىۋېلىشتى - دە، خۇددى ئىندىئانلار بىر ئاق تەنلىكنى چۆرگىلەپ ئۇسسۇل ئوينىغاندەك، ئۇلارمۇ تۇشمۇتۇشتىن تانسىغا چۈشۈپ كەتتى.
     كالو پالياكنو بار قۇۋۋىتى بىلەن روھىنى تېتىكلەشتۈرۈپ شۇنداق دېدى: «خەپ... خەپ، قېنى كۆرەرمىز، قايسىمىز يامانكەن؟! بىرەرسىڭنى جېنىڭدىن ئايرىمىسام، سەنلەر...»
     كۆپچىلىك كالو پالياكنونىڭ قىلىقلىرىغا كۈلۈپ بولالماي كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كېتىشتى. بىر نەچچە ھاياسىز چوكانمۇ شەھۋەت بىلەن داۋراڭ سېلىشتى: «نېمىدىگەن تاتلىق بۇلاڭچى بۇ!» ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. كالو پالياكنو بارا - بارا ئۆزىنىڭ باشتا ئاشخانىغا كىرگەندىكى جاسارىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
     ___ بوپتۇ، ياخشى، ___ دېدى ئۇ نائىلاج سىپايىگەرلىك بىلەن، ___ ئاۋۇ بىر ئىستاكان شامپاننى ماڭا سۇنۇپ بېرىش، ئۇسساپ ئۆلەيلا دېدىم.
     ئاشخانىدىكى بېرى مېھمانلار مەست - ئەلەسلىكتىن خۇدىنى يوقاتقانىدى. بايىقى تۇيۇقسىز باشلانغان بۇ ئۇيۇنغا ھەممەيلەن رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىتىشتى.
     ___ ئاشخانا خوجايىنى بىكارغا ئالۋاستى ئەمەس - تە، ___ دېدى بىر كىشى خوجايىنغا ھەزىل قىلىپ، ___ ئۇنىڭ كەشىپ قىلغان بۇ يېڭى ئويۇنىغا ئاپىرىن!
     كالو پالياكنو بىر كۆتۈرۈشتىلا سۇنۇلغان رومكىنى قۇرۇقدىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلدىكى گۈل تەشتەك، يەلپىگۈچ، بىر نەچچە ھاراق جاملىرى ۋە كالو پالياكنونىڭ مۆرىسىدە ئېسىقلىق تۇرغان پىلىموت قاتارلىقلار يىغىلىپ بىر پارچە قىزىقارلىق تىنچ ناتۇرا رەسىمنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
     ساقچىلار كېلىپ كالو پالياكنونىڭ قولىغا كويزا سالدى. ئىككى ساقچى ئۇنى يالاپ ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىۋاتقاندا، يىغلىۋەتكىلى تاس - تاماس قالغان كالو پالياكنونىڭ كۆزىدە مېھمانلارغا قارىتا سۇسقىنا يېلىنىش نەزىرى پەيدا بولدى: «سېلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا چاقچاق قىلماڭلار!»


      ئەسەر ھەققىدە بىر سوئال:
     ● ھازىرقى جەمئىيەتتە مۇشۇنداق بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ؟ ئاپتور نېمە مۇددىئا بىلەن كالو پالياكنودىن ئىبارەت بۇ بۇلاڭچىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ؟

     (خەنزۇچىدىن ئەفغانىي تەرجىمىسى)

               2015 - يىلى فېۋرالنىڭ 10 - كۈنى، يۇرۇڭقاش

2

تېما

0

دوست

2174

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 16:57:53 |ئايرىم كۆرۈش
مەزمۇنلۇق ھىكايە ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28291
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 88
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 19:14:48 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسەر مەزمۇنى بەك ياخشىكەن. ھەم بەك ئۆزگىچىكەن.

0

تېما

2

دوست

333

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   16.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34120
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 22:13:11 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى .ئەسەركەن

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 23:18:04 |ئايرىم كۆرۈش
ئاجايىپكەن راسلا، ھەقىقەتەن ئاجايىپ يارتىلغان ئوبرازكەن

0

تېما

2

دوست

1298

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   29.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 381
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 01:34:17 |ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ىئشنى كەسىپ ئىگىلىرى قىلسا بولغىدەك

1

تېما

0

دوست

917

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 06:33:11 |ئايرىم كۆرۈش
ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا يۈرەكلىك بۇلۇشنى ۋە ئىككىلىنىپ ، قورقۇنچاقلىق قىلىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ. يەنە بىر ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىنى قىلالايدىغانلىقى ۋە ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلاشمايلا ئىش قىپ قويغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغان بولدى.

0

تېما

1

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 312
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 10:02:37 |ئايرىم كۆرۈش
تايىنلىقكەن .      
   خوددى دىمۇگىراتىيە يوقتەك   ھەممەسىلا ياخشى دەپ    مانا چاخچاق دىگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )