يۇرۇت تارىخىنى ئۆگنىشمۇ مۇھىم پەرھات ئەمەت
دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ ئائىلسى،يۇرۇت ماكانى بولىدۇ،مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلىش ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغاندەك مىللەتلەرنىڭ
تارىخىتىن بېرى پەيدا بولۇش،راۋاجلىنىش خاراكىتىرى،باسقان ئىگىز-پەس مۇساپىسى ۋە تارىخى قاتلاملىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار چۆل ۋە بوستانلىق گىرەلەشكەن شىنجاڭدەك كەڭرى بىر زىمندا ياشاپ كەلدى،خۇددى نۇرغۇنلىغان قېرىنداش ئىچكى قۇرۇقلۇق مىللەتلىرىدەك يۇرۇت يۇرۇتلاغا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار چوڭ مىللى بىرلىك ئاساسىدا نۇرغۇن يۇرۇتلاردىكى قېرىنداشلاردىن تەركىپ تاپقاق چوڭ جامائە ديېشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار فامىلە- نەسەپ سۈرۈشتە قىلدىغان ۋە شۇ ئاساستا كېڭيىپ مىللى بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇردىىغان باشقا مىللەتلەرگە ئوخشمايدۇپەقەت يۇرۇتلۇق ئورتاق بىرلىك ئاساسىدا مىللى بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان،شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ماھىيەتتە ھەرقايسى يۇرۇتلارنىڭ تارىخىنىڭ مۇجەسسىمدىن ئىبارەت . ئۆز گېپمىزگە كەلسەك،بىر ئادەم ئۆزنىڭ كىملىكىنى ھامان شۇ مىللەت ئىچىدىن ئىزدەيدۇ،بۇ ئائىلە كېلىپ چىقىشتىن كېينكى ئادەملەرنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى يولۇقىدغان بىرىنچى مەسىلە ،دۇنيانى بىلىش دەسلىۋىدە ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى بىلىشتىن باشلىنشىش تارىخىدۇر، ھازىر مىللەتلەرنىڭ تارىخى مەخسۇس فاكۇلتتىلاردا ئۆتۈلىدۇ،ئۇندىن باشقا چوڭ شەھەرلەردە مەخسۇس" تەتقىقاد يۇرۇتلىرى،ئاكادىميلەر" بار بولۇپ مەلۇم دائىردە يۇرۇتلارنىڭ تارىخى ھەققىدە ئىلىمى ماقالىلەر تەتقىقاتلار مۇشۇ يەرلەردە ئېلىپ بېرلىدۇ،مۇھاكىمە قىلىندۇ. بۇلاردۆلەت زور مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تەشكىلى ئورۇنلار ،لىكىن بىر مىللەتنىڭ يۇرۇت تارىخى ئاممىۋى جەھەتتىن يەنىلا خۇددى خەلق قوشاقلىرىدەك خەلق ئارسىدا بولۇپ بۇلارنى ئۆگىنىش ئۇنچە قېينمۇ ئەمەس.يېقىن يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومى تارىخى "دىن باشقا ھەرقايسى يۇرۇتلاردا شۇ يۇرۇتلارنىڭ تارىخى ماتىرياللىرى نەچچە قىسملارغا بۆلىنىپ كىتاب بولۇپنەشىر قىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ،گەرچە بۇ كىتابلار بازارغا سېلىنغان بولسمۇ كەڭ تارقىتىلغان بولسمۇ كىشلەرنىڭ يۇرۇت تارىخىغا بولغان ئۆگىنىش، بىلىش ئىڭى يېتەرلىك ئەمەس،ئۇلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى باشقا تۈردىكى كىتابلارنىڭ سېتلىشدىن پەرقىلق. بولۇپمۇ بۇلارنى بىلىش ئىزدىنشكە نېسبەتەن قىزغىنلىق كەمچلىك،بالىلارغا يۇرۇت تارىخى ھەققىدىكى كىتاب ماتىرياللارنى ئېلىپ بېرش،ئۇلارنى توغرا بولغان يۇرۇت -ۋەتەن قارىشى ،ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى يېتلدۈرۇشتىكى مۇھىم ۋاستە.يۇرۇت تارىخىنى ئۆگىنىش يۇرۇتۋازلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ،ھازىرقىدەك ئۇيغۇلارنىڭ مىللى ئۇيۇشچانلىقى كېڭەيىگەن،يۇرۇت ماكانلاردىن ھالىقىپ دۇنياغا يۈزلىنشى ئالدىدا ،ئادەملەرنىڭ بىر يۇرۇتتا بۇرۇنقىدەك ئۇزاق ،مۇقىم ياشاش ھالەتلىرنى ئۆزگەرتىپ يۆتكەلمە ،كۆچۇپ تۇرۇش،سىرتقا چىقىشنىڭ كۆپيشى بىلەن كىشلەر ئۈچۈن"تۇغۇلغان يۇرۇت""كېندىك قېنى تۆكۈلگەن ،ئانا ماكان"دېگەن ئۇقۇملار غۇۋالىشىپ كەتتى،گەرچە خۇددى قايسى بىر تەشۋىقاتلاردا ئېيتىلغاندەك "مىللىتىم ئۇيغۇر، يۇرتۇم شىنجاڭ " بولسىمۇ لىكىن كونكىرىت جەھەتتىن بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان يۇرۇتى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئاندىن شۇ ئادەمنىڭ شۇ ئەتراپتىكى مېھىرى ئىسسىق خەلقى بىلەن بولغان باغلىنشچانلىقىنى يوققا چىقىرۋىتىشكە بولمايدۇ.ۋەتەن ئەزىز بولسا يۇرۇت ئەزىز دۇر،ئۇنىڭ دائىرىسى،كۆلىمى،دەريا -كۆللىرى،تاغلىرى،قۇملۇقلىرى،يېشىل ئورمانلىرى،تاشلىقلىرى ھەممسى شۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە قەلبىگە سىڭىپ كىرگەن يارالمىش مەۋجۇداتلارنىڭ تۇنجىسى سۈپتىدە تەسىر كۆرستىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرنىڭ تارىخى ئىزناسى،كېلىپ چىقشى،تەۋرۇكلىرى،ھىكايسى بار،بىز بىر ئادەم سۈپتىدە بۇلارنى بىلىشكە ھەقىلىقمىز.بۇنداق بۇرۇچ تۇيغۇسى ئادەملەرنى ئۆز يۇرۇتى ھەققىدىكى تۇنجى ئىزدىنشقا باشلايدۇ. بۇ ئىزدىنىش خۇددى ئانىسنى ئىزدىگەن بالىنىڭ تىپرىلىشدەك تەخىرسىز تۇيغۇدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى دائىرسدە كەڭرى تارقىلىشى ھەمدە دۇنياۋىلىشىش ئورتاق مۇساپىسدە ئۆزلىرنىڭ يۇرۇت تارىخىغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ ،ئۇنى ئۆگىنشكە، ئەۋلاتلاردا ساغلام بولغان يۇرۇتنى بىلىش،يۇرتنى چۈشىنىش،سۆيۇش بىلىمى ۋە تۇيغۇسنى يېتىلدۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرشى شۇ ئارقىلىق ئۆز -ئۆزىنى ، مىللى مەدەنىيەتنى ساقلاش، مىللەتنىڭ بىرلىك،ئىچكى ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا بۇ بايلىقتىن جانلىق پايدىلانساق بۇنىڭ ئەھمىيتى تېخىمۇ زور بولىدۇ.شۇڭلاشقا بىز يۇرۇتمىزنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز،ئۇنىڭ تارىخىنى ئۆگىنشكە بىلىشكە ئاز-تولا ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولۇشىمىز كېرەك.
2015.2.11 |