- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 34169
- نادىر
- 16
- يازما
- 1720
ئۆسۈش
60.42%
|
شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى يالقۇن ئوسمان بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق تونۇشقانتىم. تور ۋە مەتبۇئاتلاردا بۇ كىشى ھەققىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ كىشى ماڭا خىېلىلا تونۇش ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا يالقۇن ئوسمان قومۇلغا كەلدى.بىز تۇنجى يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندىن چاغدا يالقۇن ئاكام ماڭا : خەيرى ساخاۋەت ئىشى بىلەن سۇنەنگە بارسام ئۇ يەردىكى سېرىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار سېنىڭ گېپىڭنى قىلغان، خېنەندىكى لىيۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا بارساممۇ يەنە سېنىڭ گېپىڭ بولدى، شۇڭا بۇ قېتىم قومۇلغا كېلىپ سېنى بىر كۆرۈپ كېتەي دىدىم، دەپ چاخچاق قىلدى. كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ چوڭ بولغان بۇ يالقۇنكامنىڭ مېنى قاتتىق قايىل قىلغان يەنە بىر تەرپى شۇكى، ئۇنىڭ ئانا تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرماي ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشى بولدى. ئالدىنقى قېتىم قومۇلغا كېلىپ ئۇيۇشتۇرغان ساخاۋەت پائالىيەتلىرىدە بىر نەچچە كۈن بۇ كىشى بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم توختىماي ئاشتى. ئۇ مۇشۇ جەرياندا قارىماي، ئۈرۈمچى، خۇنەن فىڭشۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە داخىل بولدى. يالقۇن ئاكامنىڭ9-چىسلا قومۇلغا << بىر سوم فوندى>> نىڭ 30 يەشىك مېھىر بوغچىسىنى سەبىيلەرگە تارقىتىشقا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئۇ پىدائىيلىق يولىدىكى ھارماس تۇلپار ئىكەن، پىدائىيلىق ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بوپتۇ. ئۇ ساپ، پاكىزە قەلبىدىكى مېھرى مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىللىقلىقنى ئۆزىنىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى تۇپراقلارغا تارىتالايدىكەن. 9-چىسلا ئەتتىگەندە قومۇلدىكى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، بوستان ساخاۋەتچىلىكى، چىلان ساخاۋەتچلىكىدىكىلەر يالقۇن ئوسمان، ئىساق سۇلايمان (رىياسەتچى، دېكتور) ، ئەل سۆيگەن چولپىنىمىز ئىسكەندەر سەمەت قاتارلىقلار
قومۇلنىڭ ئەڭ چېتىدىكى خىلۋەت كەنت تالتېغىغا (شوپۇل-31-يىلىدىكى ئىنقىلاب پىلتىسىگە ئوت ياققان سالى دورغا بوۋىمىزنىڭ يۇرتى) قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
---
---
<< بىر سوم فوندى >> نىڭ 13 يەشىك ئىللىقلىق بوغچىسى شوپۇل باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 13 نەپەر سەبىينىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى. قابىل رىياسەتچى ئىساق سۇلايمان بالىلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆز قابىيىلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوۋغاتلارنى ئۆز ئەجىرى بىلەن ئېلىشقا مەدەت بەردى. پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. پائا لىيەتتىن كېيىن ئىسكەندەر سەمەت، ئىساق سۇلايمانلار ئىختىيارسىز ئوماق بالىلار بىلەن قارلىق دالىدا پومداقلىشىپ ئويناپ كەتتى.
---
2015- يىلى 2-ئاينىڭ10 كۈنى قومۇل ئىقبال مائارىپىدا قومۇل شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ، راھەتباغ باشلانغۇچ، گۈيلەن باشلانغۇچتىكى دەرستە ئالاھىدە ياخشى 16 نەپەر ئوقۇغۇچىغا ئىللىقلىق بوغچىسى يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق بىر سوم فوندى ئىللىقلىق بوغچىسى يەتكۈزۈش پائالىيتىگە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، ئىقبال مائارىپى، بوستان ساخاۋەتچىلىكى، چىلان ساخاۋەتچىلىكى، تامچە ساخاۋەتچىلىكى، ماياك ساخاۋەتچىلىكى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى قومۇل بېكىتى قاتارلىق ئىللىقلىق گۇرۇپپىلىرى قاتناشتى.
|
|