«خېزىر»غا يولۇققانلار ھېكايە مۇھەممەد ئەمىن ئابدۇلئەزىز
بوۋاي قايناق بازارنىڭ قاق ئوتتۇرسىدىلا بۇ پىشكەللىككە يولۇقتى. بەلكىم يولۇقۇپمۇ قالماستى. بىراق، يولنىڭ چېتىدە ئوقى سۇنغان ھارۋا بىلەن قۇلاقلىرى سالپايغان ئېشەككە قاراپ، خېلىدىن بىرى توختىماي كۈلۈۋاتقان بالىلار، ئۆزلىرى كولىغان ئورەككە بىرەرىنىڭ سېپىلىپ كىتىشىنى ناھايىتى ئارزۇ قىلغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر، ئىشقىلىپ بوۋاي مۇشۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالدى.
بوۋاي قانداق قىلارىنى بىلمەيۋاتاتتى، بۇنى بىلمەيۋاتاتتى دېگەندىن كۆرە ساقلاۋاتاتتى دېسەك بىر ئاز مۇۋاپىق بولاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ بىرەرىنىڭ كېلىپ ياردەم بىرىشىگە مۇنتەزىر بولغان كۆزلىرى ياشاڭغىراپ كەتكەنىدى.
ئەپسۇس، ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت-ئېتىبارىنى ئاغدۇرۇپمۇ قويمىدى. ھەممە ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن. كاۋاپچى ھەدەپ كاۋاپلىرىنى ماختىماقتا. ناۋاي ئۇنىڭدىن قىزغانغاندەك « ئاللاھۇ ئەكبەر! قۇماردۇق! »
دەپ كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىرىماقتا. « ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلاقنى كەس » دېگەندەك ئاشپەزمۇ قايتىدىن جانلىنىپ ئاشخانىغا ھەدەپ خېرىدار چاقىرماقتا.....
ھەممە ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن. بوۋايمۇ ھەم شۇنداق. ئەتتىگەننىڭياقى بىر ھارۋا شورنى سۆرەپ ھالىدىن كەتكەن ئېشەكنىڭ ئەمدىلىكتە ھارۋىنى سۆرەپ كاتاڭدىن چىقىرىشقا قۇربى يەتمىدى. بوۋاي ھارۋىنى كەينىدىن ئىتتىرىپ باقتى، بىر كۆتۈرۈپلا چىقىرىۋالماقچىمۇ بولدى. لېكىن قورۇق باسقان چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىسى يەنىلا ئەكس ئەتمىدى.
بالىلار ئاچچىقتىن زەردىگۆش بولغان بوۋايغا قاراپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كۈلۈشكە باشلىۋىدى، بوۋاي بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ ئويلاپ، جىمى ئەلىمىنى ئېشەكتىن ئالماقچى بولغاندەك، ئېشەكنى زەردە بىلەن قامچىلاشقا باشلىدى. ئېشەك يا ئالدىغا ماڭالماي، يا كەينىگە ماڭالماي خۇددى كۆكۈيۈن چېقىۋالغاندەك چىچاڭشپ كەتتى. گەرچە ھايۋان بولسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاچچىقى بولغاچقا غەزەپ بىلەن ھاڭراپ تاشلىدى.
باياتىن بىرى ھېچكىم پىسەنت قىلمىغان بوۋاي ئەمدىلىكتە مىڭلىغان كۆزلەردە ئەكس ئەتتى. كىشىلەر بوۋاينى تېخى ئەمدىلا كۆرگەندەك بىر-بىرىگە تەئەججۈپ بىلەن قارىشىپ قويدى. راست، بوۋاينى ھېلىقى ئاتا-ئانىسى باشقۇرمايدىغان كەپسىز بالىلاردىن بۆلەك تېخى ھېچكىم كۆرمىگەنىدى. بوۋاي بىر دەمدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا قالدى. بوۋاينىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
-ئېشەكنى نەچچىگە ساتىسىز؟
توپ ئارىسىدىن بىرىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. باشقىلارمۇ بۇنى بىلىشكە قىزىققاندەك بوۋايغا تكلىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئۇلار بوۋايغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا مەخسەتتە كەلگەندەك قىلاتتى.
-ئېشەكنى سېتىش خىيالم يوق، بالام. ئېشەكنى سېتىۋەتسەم قانىتىمدىن ئايرىلىپ قالمامدىم؟
-ئۇنداقتا بۇ بازارغا نېمىگە كەلدىڭىز؟ شور ساتقىلىمۇ يا؟
-بۇ شور بىر دوستۇمنىڭ ئامانىتى ئىدى. ھاۋالىسى بىلەن شۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغانىدىم.....
بوۋاي ھەيرانلىق بىلەن
-ئەجەبا بىرەر سودىلىق بولمىسا بۇ بازارغا كەلسە بولمامدىكەن؟
-كەلسە بولىدۇ. بىراق بۇنداق قاراپ تۇرسا بولمايدۇ. يا سېتىش كېرەك. يا ئېلىش كېرەك.
-مېنىڭمۇ بۇنداق قاراپ تۇرغۇم يوقتى بولمىسا، بالام. ئۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. شۇتاپتا ھارۋىنىڭ ئوقى سۇنۇپ كەتتى. كاتاڭدىن چىقىرالمايۋاتىمەن. ئەگەر خالىساڭلار قېرىنداشلىرىم، ھە-ھۇ دەپ بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولساڭلار.
-ۋاي-ۋۇي، شۇ گەپمىتى بوۋاي. ھازىر بارغۇ، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا. قېنى، مەردلىك بىلەن پۇللىرىڭنى خالايىققا چېچىپ بەر. ھارۋاڭنى بىردەمدە چىقىرىۋېتىمىز. بۇياقنى كۆردۈڭمۇ؟ مۇشۇ بازاردىكى ئۇستا رېمونىتچى. ھارۋاڭنى ھەش-پەش دېگۈچە ئوڭشىۋېتىدۇ. بەلكىم بۇ بازاردىكىلەرنىڭ ساڭا قىلغان كاتتا ياردىمى بوپقالا.
بوۋاينىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئادىمىلىكنى پۇل ئۈستىگە قۇرۇۋالغان بۇ كىشىلەرگە قاراپ ئىچى سىيرىلدى. شۇنداقتىمۇ ئاز-تولا ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلارغا
-يېنىمغا پۇل سالماي چىقىپتىكەنمەن. ئاللاھ رىزقىڭلارنى كەڭرى قىلسۇن. ھەققىڭلاردا دۇئا قىلىپ قۇياي. ساۋابلىق ئۈچۈن بولسىمۇ مەن قېرىغا بىر ياردەم قىلىپ قۇيۇڭلار، بالىلىرىم،-دېدى.
لېكىن بۇ سۆزلەرنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى. بوۋايغا ھېچكىمنىڭ ئىچى ئاغرىمىدى. بالىلار تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشكە باشلىدى. كۆپچىلىك پېشىنى قاققىنىچە كۆرمىگەن، ئاڭلىمىغان بولۇپ يەنە ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن قىزىپ كەتتى.
تۇرقىدىن بىچارىلىك يېغىپ تۇرىدىغان بوۋاي، قۇلاقلىرى سالپايغان ئېشەك، بىر چاقى كاتاڭغا قىيسىيىپ قالغان ئوقى سۇنۇق ھارۋا. ئۇلار گويا قايناق بازارنىڭ قاق ئوتتۇرىدا قېتىپ قالغان مەنزىرە. قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى ئۇقمايدىغان ھەيكەل.
بوۋاي ئۆزىنى شۇنداق يىگانە ھېس قىلىپ قالدى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى مىغ ئادەم. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى تەننى شۈركەندۈرىدۇ. ئادىمىزات يوق قاقاسلىقتا قالمىغانغا مىڭ ھەمدۇ-سانالارنى ئېيتقان بوۋاي ئەمدىلىكتە شۇ ھەمدۇ-سانالىرىغا پۇشايمان قىلغاندەك چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قويدى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ بازاردىكى كىشىلەرگە ۋابا تىگىپتۇ. بوۋاي ئاللىقانداقتۇر ئىككىلىنىشلەر بىلەن دېلىغۇل بولغاندىن كىيىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئېشەكنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئېشەكنىڭ بوينىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە ئۇزۇن قۇلاقلىرىغا پىچىرلىدى
-كەچۈرگىن، ئېشىكىم. سېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇشقا مەجبۇرمەن. سېنى بولسىمۇ ئېلىپ كەتسەم بولاتتى. بىراق ئامانەتنىڭ ئىگىسىگە تەگمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بەلكىم بۇ ئۇچچىغا چىققان ئەخمىقانىلىقتۇر. بىراق ماڭا قېرىنداشلىرىمدىن ۋاپا كەلمىدى. بەلكىم ساڭا قېرىنداشلىرىڭدىن كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئامان بول قەدىناسىم، ئامانەت ئەمدى مېنىڭ بوينۇمدىن ساڭا كەتتى.
بوۋاينىڭ دوڭغاق گەۋدىسى ئاستا-ئاستا كۆزدىن غايىب بولدى. ئېشەك بوۋايغا قىيالمىغاندەك ھەسرەت بىلەن ھاڭراپ تاشلىدى. گەرچە بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك ھالسىز چىققان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر بۇ ئاۋاز بازاردىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاڭلاندى. ئاڭلانغاندىمۇ ناھايىتى ئېنىق ئاڭلاندى. كىشىلەر قىقاس-چۇقان سېلىشىپ ئېشەككە ئۆزىنى ئاتتى.....
تالاش-تارتىش، ئۇرۇپ-تىللاش بىردەم داۋاملاشقاندىن كىيىن، ھەممە ئۆزىنىڭ ئازغىنە نىسىۋىسىدىن خۇشال بولۇشۇپ، قاش-قاپاقلىرىنىڭ يېرىلىپ كەتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشكەنىدى. ئارىدىن بىر چاڭگال شورغا ئىگە بولۇپ خۇشاللىقتىن خۇدىنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغان بىرى
-ھەي! بۇرادەرلەر! ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ بىز خېزىرغا يولۇقۇپتۇق. بولمىسا يوچۇنلا بىر ئادەم، يەنە كېلىپ مويسىپىت بىر ئادەم بىزگە شۇنچىۋالا نەرسىنى بىكارغىلا قالدۇرۇپ كېتەمتى؟!!،- دەپ ۋارقىرىدى.
ھارۋىنىڭ بىر پاي چاقىغا ئوڭچى ئىگە بولۇۋالغان رېمونىتچى ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى.
-راست دەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خېزىر ئىكەن. باشتا دۇئا قىلىپ قۇياي دېدى. كىيىن بۇ نەرسىلەرنى بىكارغىلا بىرىۋەتتى. خېزىر دېگەن ئاجايىپ ئوچۇق قول كېلىدىكەن. ھەي ئىسىت، ھەي ئىسىت! بايا دۇئاسىنىمۇ ئېلۋالساق بوپتىكەنتۇق. بەلكىم خېزىرنىڭ دۇئاسى بىلەن تېخىمۇ كۆكلەپ، ياشناپ كېتەر ئىدۇق.
-ھازىر ئالساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ!،- دېدى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى كىسىۋالغان بىرەيلەن. ئۇ قۇيرۇقنى تالىشىپ بۇرنىنى ماكچايتىۋالغانىدى. شۇنداقتىمۇ ئوبدانلا بىر چىۋىن قورۇغۇچقا ئىگە بولغىنىدىن گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ، بۇرنىنىڭ ئاغرىغىنىنىمۇ سەزمىدى.
-ھازىر ئالساقمۇ كېچىكمەيمز. بىز خېزىرنى كۆرەلمىگەن بىلەن شۇتاپتا ئۇ بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. خۇشاللىقىمىزدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. قېنى خالايىق! ھەممەيلەن بىرلىكتە خېزىر غوجامدىن دۇئا تىلەيلى!
كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى. ھەممەيلەن تەڭلا ۋارقىرىدى
-خېزىر غوجام، بىزگە بىر دۇئا قىلىپ قويۇڭا!
ئەپسۇس، بوۋاي بۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىمدى. لېكىن، ئاللىبۇرۇن ئۇلارغا دۇئا قىلىشنىمۇ ئۇنۇتمىغانىدى:
-« ئاللاھ سىلەرگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن، ئامىن. »
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى.
خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ.
|