- تىزىملاتقان
- 2015-2-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 39
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
13%
|
ئىنساننىڭ ھاياتى ھامان ئاخىرلىشىدۇ، ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ، يەنى ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرماسلىققا ئىنساننىڭ ئامالى بولمىغاچقا، قېرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە چىدىماي ئامال يوق. ئەمما، ئەيدىز بىمارلىرى ساقايماس كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتى ئاخىرلاشماستىنلا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى، قېرىغاندا ئۆلۈپ كېتىش بىلەن ئەيدىزدىن ئىبارەت ساقايماس كېسەللىك بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئادەمنى چىدۇغۇسىز ئازاپلايدىغان پەرقى بولغاچقا، ئەيدىز بىمارلىرى تەغدىرگە تەن بەرگۈسى كەلمەي، ئەيدىزگە داۋا-شىپا بولىدىغان پۇرسەت-ئۇچۇرلارغا بەك قىزىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىزگە داۋا بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىسىا، ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يۈرگەندىن كۆرە ساقىيىپ قالسامچۇ دېگەن ئۈمىددە راسىت-يالغانلىقى بىلەن كارى بولماي، شۇنداق دورا-داۋالاشلارغا ئۆزىدە بارىنى ئاتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بۇ ئېھتىياج-ئاجىزلىقىنى چىڭ تۇتىۋالغان پۇرسەتپەرەس ئالدامچىلار تېخى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچنەرىدە ئەيدىزنى ساقايتىدىغان دورا-داۋالاشنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكى ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ئېلان-تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئەيدىزنى ساقايتىمىز، ئەيدىزنى داۋالاشنىڭ دورىسىنى ياسىدۇق...» دېگەندەك، «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان» ئۇسۇل بىلەن، ئەيدىز بىمارلىرىنى ئالداپ ئۇلارنى «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلىپ كولدىرلىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ بەدىنىنىڭ ئىمىنۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ئەيدىز ۋىروسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان باسقۇچ-مەزگىللەرنى ئۆتكۈزىۋېتىشكە سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، «ئەيدىزنى ساقايتىش دورىسى» چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئالدامچىلىقلار سەۋەبى بىلەن، بۇنداق ئالدامچىلىقلارغا ئىشىنىپ قالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ئىقتىسادى ھەم جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان بولىۋاتىدۇ.
ھېلىھەم دۇنياۋى جامائەت ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەيدىز دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ، ھازىرغىچە دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. 2013-يىلى يەر شارىدا 1.5 مىليون ئىنسان ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئىنسان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھالەتتە ياشىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2.1 مىليون كىشى شۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغان.
سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافىرىقا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تەسىرگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ، 2013-يىلى مۇشۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدىلا 24.7 مىليون كىشى ئەيدىزنى ئىلىپ يۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سەھرايى-كەبىرنىڭ نېرىسىدىكى ئافرىقا دۇنيادىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى دوكلات قىلغاندىن، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، پۈتۈن رايوندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارىنىڭ سانى 43533 كە يەتكەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، ئىلى، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن رايۇنىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سانىنىڭ %91 ئىگەللىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 8102 كىشى قازا قىلغان. نۆۋەتتە ھايات يۇقۇملانغۇچى 27373 بولۇپ، بىمار 8058 كەن.
شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى جۇڭگو بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، مۇشۇنداق ئەيدىز بازىرىنى كۆزلىگەن ئالدامچىلار پۇللا تاپسا بولىدىغان غەرەز بىلەن ئەسلىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئەيدىز دەرتمەنلىرىنىڭ ئارزۇ-ئېھتىياجىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن تەجرىبىخانىلاردا ئەيدىز ۋىروسى تەتقىق قىلىنماقتا. چاتاق يېرى، ۋىروس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئۇسۇلى ۋۇجۇتقا كەلمەيلا قالماستىن، بۇ ۋىروستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق. شۇ سەۋەپتىن ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشى ئوبدان كونتۇرۇل قىلىنماي، ئەكسىچە كۈنسايىن كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانماقتا.
نۆۋەتتە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ داۋاسى يوق. ئەمما ئۈنۈملۈك بولغان ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىغاندا يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ساغلام ۋە ئۈنۈملۈك ھاياتتىن بەھرىمان بولالايدۇ.
2013-يىلى، 12.9 مىليون كىشى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 11.7 مىليونى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەردىن بولۇپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى بولغان 32.6 مىليون كىشىنىڭ 36% نى تەشكىل قىلىدۇ.
بالىلارنىڭ داۋالىنىشى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە يەنىلا ئارقىدا. 2013-يىلى، دۇنيادىكى ھەر تۆت نەپەر يۇقۇملانغان بالا ئىچىدىكى بىر بالا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولۇپ، بۇ چوڭلاردىكى ھەر ئۈچ كىشى ئىچىدىكى بىر نىسبەتكە روشەن سېلىشتۇرما.
ھەممىمىزگە مەلۇم، جەمىيىتىمىزىدىكى داۋالاش ئېلانلىرىنىڭ ئىچىدە ساقايماس كېسەللەرنى «ساقايتىمىز» دەيدىغان داۋراڭلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئېغىر كېسىلىدىن غەمگە چۈشكەن كىشىلەر «كېسىلىمنى نەدە، كىم داۋالىيالايدىغاندۇ» دېگەندەك ئۇچۇرلارغا ئەڭ بەك دىققەت قىلىدۇ. «ساقايتىدىكەن» دېگەن دورا-دوختۇرنى ئاڭلاپ قالسا، قانچىلىك پۇل كېتىشىگە قارىماي نەدە بولسا ئىزدەپ بارىدۇ. جانغا تاقاشقان كېسەل كىشىلەرنى ھاياتلىق ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيۇۋاتىدۇ. ئالدامچى دورىپۇرۇشلار بۇنداق كۈچلۈك ئېھتىياجنى پۇل تېپىشنىڭ نەق پۇرسىتى دەپ قاراپ، ئاتالمىش ئېلان ھەققىنىڭ كۈچى بىلەن يالغان-ياۋىداق ئېلان-داۋراڭلىرىنى ھەممە يەرگە تارقىتىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە داۋالاش ئامالىنى قىلالمايۋاتقان، ئادەم بەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان، ساقايماقتا يوق بەلكى ئادەم ئۆمرىنىڭ مۇھلىتىنى بەلگىلەپ قۇيۇدىغان ئەيدىزنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن جەمىيەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ ئەيدىز توغرىسدىكى ئەڭ توغرا تۇنۇشقا ئىگە بولۇش پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتشىمىز كېرەك.
|
|