قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1718|ئىنكاس: 30
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تەنقىدچىلەرگە بىر تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!

1

تېما

0

دوست

496

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32223
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تەنقىدچىلەرگە بىر تەكلىپ
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر




قوپال سۆز - ئەقلىي، ئەخلاقىي، روھىي گادايلىقنىڭ ئىپادىسى.

-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

      ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئاللىقاچان 1200 يىللىق تارىخ شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئاكتىپ كۈچكە ئايلىنىپ بولغانلىقى بىزگە ئايدىڭ. تەتقىقاتلاردا <<دەسلەپكى ئەدەبىي تەنقىد مەنبەلىرى>> دەپ قارىلىۋاتقان ئىدىقۇت دەۋرى ئەدەبىياتىمىزدا تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئىزاھ-شەرھلىرىنى ئىشلىگۈچى تەرجىمانلار << ئەڭ دەسلەپكى ئوبزورچىلار>> دەپ كۆرسىتىلگەن.
    تەرجىمانلىق - تىل ئۆرۈش سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەلۇم مەنىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان <<يېرىم تىلشۇناسلىق ئىلمى>> بولغانلىقتىن، ئەينى زامان تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ھەم تەرجىمان، ھەم تەنقىدچى رولىنى ئۆتەش جەريانىدا تىل پاساھىتى ۋە بالاغىتى جەھەتتىن قانچىلىك زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى شۈبھىلىك ئەمەس. مۇشۇ ياقتىن سۆز ئاچقىنىمىزدا مەيلى تەرجىمانلار بولسۇن ياكى تەنقىدچىلەر بولسۇن، بىر مىللەت تىلىنى پاساھەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنىڭ گۈزەللكىنى جىلۋە قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك زور زېھىن سەرپ قىلغانلىقى بىزنىڭ ئويلىنىش ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئېسىل پەزىلەت ۋە ئۈلگە.
     نەچچە كۈن ئاۋۋال <<ئىلى دەرياسى>> ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن دولقۇن روزى ئەپەندى ئاپتورلۇقىدىكى <<ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان>> ماۋزۇلۇق رەددىيە ماقالىسىگە نەزىرىم چۈشتى. بۇ تەنقىدىنى ئاپتور ئۆزى ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، مەزكۇر ژورنالنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىغا بېرىلگەن <<ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان>> ماۋزۇسىدىكى، ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى نامىدىكى ماقالىگە قارىتا يازغان بولۇپ، دولقۇن روزى ئەپەندى مەزكۇر ژورنالدىن جەمئىي 32 بەت ھەجىمنى ئىگىلىگەن مەزكۇر رەددىيىسى ئارقىلىق، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ <<ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قەشقەر (ئاتۇش)تىن باشلانغان>> دېگەن ئاساسلىق نوقتىنەزىرىگە قارشى سۆز باشلاشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلى (غۇلجا)دىن باشلانغان>> دېگەن قارىشىنى پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئاساسلىق مەسىلىدىن ئايانكى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇنازىرە قىلىشىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك مۇھىم مەسىلە. مەزكۇر <<ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان>> ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئوقۇپ چىقىش داۋامىدا مېنىڭ بەكرەك دىققەت قىلغىنىم، ماقالىدىكى يېڭى قاراشلارنىڭ پاكىت ئاساسىنىڭ بار-يوقلۇقى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىدىن تاشقىرى، يەنە ماقالىدىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ گۈزەللىكى مەسىلىسى بولدى. بىز سۆزىمىزنىڭ دەسلىپىدە تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل بايلىقى ۋە ئۇنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى پاساھەتدارلىقىنى <<ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئۈلگە>> دېگەنىدۇق. مەن دەل مۇشۇ نوقتىدىن ماقالىنى يۈزەكى ھالدىلا بىر قۇر <<تەكشۈرۈپ>> چىقتىم. <<تەكشۈرۈش>>تىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى، ئاپتور دولقۇن روزى ئەپەندى مۇنازىرە ئوبىكتى بولىۋاتقان يالقۇن روزى ئەپەندىنى ۋە ئۇنىڭ شەخسىي قاراشلىرىنى تەنقىدچىلىك ئەخلاقىغا مۇخالىپ ھالدا خېلىلا مەسخىرە قىلغان. سىلىق ئىپادىلىگىلى بولىدىغان بايانلىرىغا زورمۇ-زور تەنە ئارىلاشتۇرۇپ، ئىلمىي پائالىيەت ھېسابلىنىدىغان مۇنازىرىچىلىكنى كىشى ئىچى سىقىلىدىغان دەرىجىدە بۇرۇقتۇرمىلىققا باشلاپ قويغان. بىز سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە شۇ ماقالىدىن ئازراق قىستۇرما ئالايلى: ئاپتور دولقۇن روزى ئەپەندى يالقۇن روزى ئەپەندىگە قارىتا <<... بۇ قارىشىنى <مۇتلەق ھەقىقەت> سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە قوبۇل قىلدۇرۇش يولىدا تىنماي ئات چاپتۇرىۋاتقان مۇئەللىپنىڭ ئوغىسى ئۇشتۇمتۇت قاينايدۇ-دە، ئۇنىڭ <ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى>نى جان-جەھلى بىلەن ئىسپاتلاش كويىغا چۈشىدۇ. ئۇ بۇ مۇددىئاسىغا يېتىش ئۈچۈن، ھەتتا تارىخ ۋە ھەقىقەت روھىغا تىغ تەڭلەشتىنمۇ ھېيقمىغان بولۇپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش يولىدىكى دادىل ئۇرۇنۇشلىرى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن جانپىدالىقىنى خۇپسەنلىك بلەن مەسخىرە قىلىدىغان...>> دەپ يېزىش ئارقىلىق مەزكۇر قۇرلىرىدا ھېچ بىر ھاجىتى بولمىغان <<تىنماي ئات چاپتۇرۇش>>، <<ئوغىسى ئۇشتۇمتۇت قايناش>>، <<جان-جەھلى بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش>>، <<ھەقىقەت روھىغا تىغ تەڭلەشتىن ھېيقماسلىق>>، <<خۇپسەنلىك بىلەن مەسخىرە قىلىش>> قاتارلىق مۇنازىرە ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان بىنورمال سۆزلەرنى قوللانغان. ئۇ يەنە ماقالىسىدە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ شەخسىي پىكىر-قاراشلىرىغا قارىتا <<پەلپەتىش گەپلەرنى قىلىدۇ>> دېيىش ئارقىلىق، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىنى يولىدا ئىنكار قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئەكسىچە بىراۋنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەپ <<پەلپەتىش گەپ>> دەپ ھاقارەت قىلىدۇ. تەنقىدچى قارشى تەرەپنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىنى ھەق يوسۇندا ئىلمىيلىك بىلەن ئىنكار قىلسا بولىدۇكى، بىراق ھاقارەت قىلىش ۋە بىھۇدە مەسخىرىلەشتىن ساقلانمىقى لازىم! بىراق ماقالىدە ئاپتور بۇنداق سەۋەنلىكنى بىر نەچچە يەردە ئۇدا تەكرارلىغان بولۇپ، بۇلارنى مىسال قىلىۋېرىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق تەنىلىك سۆزلىرىنى قىسقارتىپ دەپلا ئۆتۈپ كېتىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. ئۇ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى ۋە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇشىنى <<ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىش غەرىزىدىن پەقەتلا يانمايدۇ>>، <<مۈجىمەل قاراشنى يورغىلىتىدۇ>>، <<تاققا-تۇققا گەپلىرىگە نېمە دېگۈلۈك؟>>، <<تۇترۇقسىز پەرەز>> دەپ باھالىغان. ئۇيغۇر تىلىمىزدا مۇشۇنداق مەسخىرىلەشنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان سىلىق ۋە ھېكمەتلىك سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تالايلىقى دولقۇن روزى ئەپەندىگە نامەلۇم ئەمەس بەلكىم!
     ئەلۋەتتە بىزنىڭ يۇقىرقى بايانلىرىمىزدىن <<يالقۇن روزى ئەپەندىمدە بۇنداق سەۋەنلىك ئەزەلدىن ئۆتۈلۈپ باقمىغان>> دېگەن مەنە چىقمايدۇ. بىز مەزكۇر ئاددىي مۇلاھىزىمىزنىڭ ئىلمىيلىك، پاكىتلىك، لىللالىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن <<كانىيى پاكىز، مەردانە ئوبزورچى>> دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئوبزورچىمىز يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ تەنقىد ماقالىلىرىدىن خالىغان بىرىنى ئەۋرىشكە سۈپىتىدە تاللاپ، ئۇ تەنقىد ماقالىسىنىڭ رەددىيە ساپلىقىغا، تىل گۈزەللكىگە قارىتا ئاددىيلا <<تەكشۈرۈش>> ئېلىپ بېرىپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ 2012-يىلى نەشردىن چىققان <<مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن>> ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىكى <<بىھخام مۇھىممۇ، ئېشەكمۇ؟ - ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت>> ناملىق مۇنازىرە قوزغىغان ماقالىسىگە يۈزەلا قاراپ چىقايلى: ئوبزورچى مەزكۇر ماقالىسىدا ئاساسلىق تېمىدىن چەتنەپ كەتكەننى ئاز دەپ، تېما چەتنەش جەريانىدا قۇربانلىق بولۇپ كەتكەن مەلۇم بىر يازغۇچىنى <<بارغانسىرى چېلىكىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان، تەپەككۇرىنىڭ تۇتامى يوق، قارىسىغا سۆزلەشكە خۇشتار بۇ قەلەمكەش ... ھەممىنى بىراقلا ھەل قىلىۋېتىشكە ئۇرۇندىغان تەنتەكلىكى بىلەن...>> دەپ خېلىلا بەتبەشىرە سۈپەتلەپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇ يازغۇچىمىزنىڭ راستىنلا سەل ساددا قاراشلىرىنى ئۆز يولىدا مۇۋاپىق تەنقىدلەش بىلەن توختىماستىن، <<بىمەنلىكتە ئۇچىغا چىققان>> دەپ يازغان. مېنىڭچە، تېمىدىن چەتنەپ تۇرۇپ تەنقىد ئوبىكتى قىلىنغان ئۇ بىر تەرەپلىمە قاراش راستىنلا خاتا بولسىمۇ، بىراق <<بىمەنىلىكتە ئۇچىغا چىققان>> بولۇشى ناتايىن. چۈنكى سەللا ئەستايىدىل قىدىرىپ كۆرسەك، ئەدەبىياتىمىزدا يالغۇز ئۇ جىمىپ قالغان يازغۇچىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنىڭ يازمىسىدا بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە <<بىمەنە>> قاراشلار كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئوبزورچىمىز مەزكۇر يازغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ شەخسىي قارىشىنى خېلىلا ھاقارەت ئاستىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىنمۇ توختىماستىن، كېيىنكى بەتتىلا يازغۇچىنى << 8-10 يىلدىن بېرى يازغان يازمىلىرىدا تاققا-تۇققا گەپلەرنىلا يېزىپ كېلىۋاتقان، ئولتۇرغان-قوپقان يېرىنىڭ ھەممىدە ئاغزىغا نېمە كەلسە پاراڭ دەپ سوقۇپ كېلىۋاتقان بۇ نادان سەركە>> دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرىقى ئەمگەكلىرىنى قارىقويۇقلا  ئىنكار قىلىۋەتكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ناتوغرا ۋە بىتەرەپلىمە باھادۇر. يۇقىرىدا بىز ئۈزۈندە قىلغان قۇرلاردا ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى <<ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان>> ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى دولقۇن روزى ئەپەندىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بىراۋنى ۋە ئۇنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىنى مۇنازىرە ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ھالدا راسا توقماقلىغان. بۇ يەردە شۇنداق بىر مەسىلە بار: يەنى << تەنقىدچى تەنقىدىدە ئاپتورنى (ئادەمنى) تەنقىد تىغى ئاستىغا ئالسا بولامدۇ-يوق؟>> دېگەن نازۇك مەسىلىدۇر. بۇ بىر مەسىلىگە ھازىرچە كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قارىمۇ-قارشى جاۋاب مەۋجۇد. بىرى، <<تەنقىدچى ئەسەرنىلا تەنقىد قىلىشى، ئەسەر ئاپتورىنى تەنقىد سىرتىدا قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەم تەنقىدچىلىك ئەخلاقىغا چېتىلىدىغان ئىش بولۇپ،يەنە شەخسىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق>> دېگەن قاراشتۇر. يەنە بىرى بولسا <<ئاپتورمۇ (ئادەممۇ) تەنقىدلىنىش كېرەك، چۈنكى ئەسەرگە سىڭگەن خاتا ئىدىيە-قاراشلار تەنقىدلىنىۋاتقانىكەن، ئۇنداقتا شۇ خاتا ئىدىيىلەرنىڭ ئىگىسى ۋە ئىنفورماتسىيىلىك تارقاتقۇچىسى بولغان ئەسەر ئاپتورىمۇ تەنقىدلىنشى - ئۇنىڭ يېتەكلىنىشىگە ياردەمدە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاشۇ خاتا ئىدىيىدىكى ئاپتور ئۆز ئىدىيىسىنى توغرىلايدۇ-دە، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە يەنە قايتا خاتا ئىدىيە تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ>> دەپ قاراشتۇر. قارىماققا ھەر ئىككى خىل قاراشنىڭ ئۆزىگە لايىق قايىل قىلارلىق جايلىرى بولسىمۇ، مەن يەنىلا تەنقىدىي ئەسەرلەردە ئاپتورنىڭ ئامال بار تەنقىدلەنمەسلىكىنى، ئەگەر چوقۇم بىر تەنقىدلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك دەرىجىدە تەكرار خاتالىقى بولغاندىمۇ، ئۇنىڭغا قارىتا يۇقىرىقى ئىككى ئەسەردىكىدەك ئېتىكىلىق ئاتالغۇ ۋە مەنىسى ئېنىق بولمىغان سۆزلەر بىلەن يوشۇرۇن-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشتىن كۆرە، ئىلىم خادىملىرىغا خاس ئەپۇچانلىق، ئىلمىيلىك ۋە سىلىق-سىپايىلىق بىلەن تەنقىدىي تەكلىپ بېرىشنىلا تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىنمەن. بۇنداق دېيىلگەندە بەزىلەر بەلكىم <<سىلىق-سىپايىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆز مەنىسىگە ئىگە، لېكىن ئەدەبىياتتا بىر خىل ياتلاشقان ھەمدە كۆپىنچە زىيانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ>>(بۇ شوپىنخاۋېرنىڭ سۆزى) دېيىشى ھەم <<ھەقىقىي ئوبزورچى ئىللىق سۆزگە گاداي كېلىدۇ>>(بۇ ئايتماتوفنىڭ سۆزى) دېيىشى مۇمكىن. بىراق شۇنى بىلىش كېرەككى، يۇقارقى ئىككى جۈملە گەپ قانداقتۇر تەنقىدچىلەرنىڭ قوپال گەپ-سۆز بىلەن بىراۋنىڭ زىتىغا تەگسە بولىدىغانلىقىدىن، سامان تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ سېسىق گەپ قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەنچە بولغاندا بۇ ئىككى ھېكمەتنىڭ ھەقىقىي قارىتىلما مەنىسى شۇكى، <<ئەدەبىيات كوچىسىدا، جۈملىدىن ئوبزورچىلىق ساھەسىدە يۈز ئاياشقا، لىڭتاسمىلىق قىلىشقا، جۈرئەتسىزلىك قىلىشقا، نوپۇزغا باش ئېگىشكە بولمايدۇ. تەنقىدلەشكە تېگىشلىك ئەسەرلا بولىدىكەن، يۈز-خاتىرىسىز ھالدا كەسكىن ۋە قاتتىق تەنقىد قىلىش، ئەخلەت يازمىلارنى پاكىز تازىلاپ يوقىتىش ھەم ئالدىنى ئېلىش كېرەك>> دېگەنلىككى، ھەرگىزمۇ ھېلىقى ئىككى پارچە ماقالىدىكىدەك <<سىلىق-سىپايە بولمىدىم>>، <<ئىللىق سۆزگە گاداي كەلدىم>> دەپ شەخىسنى ۋە ئۇنىڭ شەخسىي پىكىرلىرىنى ئۆلچەمدىن ھالقىپ تۇرۇپ توڭ، قوپال سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەشنى كۆرسەتمەيدۇ. شوپىنخاۋېردەك پەيلاسوپ ۋە ئايتماتوفتەك ئېسىل پەزىلەتلىك ئەدىبلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا بۇرمىلىنىپ، سەلبىي مەنىدە پايدىلىنىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەر بىر كىشىگە، بولۇپمۇ قەلەمنى يېڭىدىن قولغا ئالغان ھەۋەسكارلار قوشۇنىغا ناھايىتى ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى ئېنىق.
     مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن << تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت>> دەپ كۆرسەتكەنىدى. بىر كىشىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان مەقسەت ئىپادىلەش جەھەتتىكى تىل پاساھىتى ياكى ھاقارىتىدىن ئۇنىڭ قەلب گۈزەللىكىدىنمۇ روشەن ئۇچۇرغا ئېرىشىپ تۇرالايمىز... سىر ئەمەسكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئارىسدا ئانچە توغرا چۈشىنىلمەيدىغان ساھە. بىزنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز، ھەتتاكى قەلەم ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزمۇ ئەدەبىي تەنقىدنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە <<تەنقىدچىلىك دېگەن بىر-بىرى بىلەن تاكاللىشىدىغان، جەڭگى-جېدەل ئويناپ، پىيىنى قىرقىشىپ، نىزا تېرىيدىغان بىر ئىشقۇ؟>> دەپ خاتا چۈشىنىشكە ئاران تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىلمىي بولمىغان چۈشەنچە. ھەقىقىي مەنىدىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەسلىي ئۇنداقمۇ ئەمەس. كىشىلەرنىڭ بىلىشىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئومۇمىي روھىيەت ئەدەبىي ئوبزورچىلىقىمىزغا ۋە ئوبزورچىلىرىمىزغا پايدىسىز بولىۋاتقان مۇشۇ چاغلاردا، بىز يۇقارقىدەك ئەسەرلىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىمىز-دە، ئاقىۋەتتە بۇ مىللىي ئەدەبىياتىمىزغىمۇ زور سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
     ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ناھايىتى پاساھەتلىك ۋە گۈزەل مەنىلەرگە تويۇنغان تىل ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز تەرىپلەش ھىسسىياتىدا تىلغا ئالىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئۆزىمىزنى چاندۇرۇپ، تىلىمىزنى خار قىلىپ، قوپال سۆز بىلەن ئەسىرىمىزنى بىزەپ-جابدۇپ، قارشى تەرەپنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇنۇش زىيالىيلارغا نىسبەتەن توغرا بولسۇنمۇ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يەنە <<گەپتە ئۇتقاقلىق، يىرىك گەپلەر بىلەن بېسىم ئىشلەتكەنلىك غەلىبە ياكى شۆھرەت ئەمەس>> دېگەن گەپنىمۇ قىلغان ئىدى. شۇڭا مېنىڭ بارلىق قەلەمكەشلەرگە، جۈملىدىن تەنقىدچىلەرگە بېرىدىغان سەمىمىي تەكلىپىم: ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئويناق، پاساھەتلىكى قەلىمىمىزدە خارلىنىپ قالمىسا، مۇنازىرىدىكى ئوبىكتىمىزنى ئەشەددىي دۈشمەن ئەمەس، بەلكى قېرىندىشىمىز دەپ تونۇپ، ئەدەبىياتىمىزدا يېڭى مەيدان كۆڭۈلسىزلكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق دېمەكچىمەن!
     مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ھەر بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تەنقىد ئوبىكتى بولىدىغانلىقى، تەنقىدنىڭ سىرتىدا قالسا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت توغرا قارىشىنڭ روھىغا بىنائەن، گۆدەك قەلبىم ۋە سەمىمىي قەلىمىم بىلەن بۇ ھەقتىكى ئويلىرىم توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك قەلەم تەۋرەتتىم. ماقالەمدە كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرىم بولسا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا، ئىلمىي ھالدا تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە قايىل بولسام دەرھال تۈزىتىمەن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىمدە يۇقارقىدەك سەۋەنلىكتىن ساۋاق ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى سەمىمىي بىلدۈرىمەن.


                                          2014-يىل 5-ئىيۇل، پەيزاۋات.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
(1) ‹‹ئىلى دەرياسى›› ژورنىلى 2014-يىل 1-سان.
(2) ئەكبەر قادىر: ‹‹بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى››.
(3) يالقۇن روزى:‹‹ مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن››.

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33560
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يازمىڭىزدىن قارىغاندا تېخى پىشمىغان بىر« بالا» ئىكەنسىز . بۇنىڭدىن باشقا ئارتۇقچە گەپ ھاجەتسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34101
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   ئەدەبىي تەنقىت بىلەن سىزنىڭ يازغىنىڭىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
‏   ماۋۇ تارىخ تەتقىقاتى تەنقىتچىلىكى.
‏   شۇنداقتىمۇ، قىممەتلىك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئەمىلىيەتتە، ئەسەر بىر ياندا قېلىپ ئاپتورغا ھوجۇم قىلىش يالقۇنجاندا ئېغىرراق.

ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!

1

تېما

0

دوست

496

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32223
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
bahadir003 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:49
يازمىڭىزدىن قارىغاندا تېخى پىشمىغان بىر« بالا» ئىكەنس ...

پىشقان يازغۇچى بولغان بولسام بۇ يەردە يۈرمەيتتىم، بىلمىگەننى بىلەي دەپ يوللىدىم. خاتا كەتكەن يەرلىرى ھەققىدە ئىلمىي تەلىمىڭىزنى سورايمەن.

ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!

1

تېما

0

دوست

496

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32223
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Wallow يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 19:51
ئەدەبىي تەنقىت بىلەن سىزنىڭ يازغىنىڭىزنىڭ نېمە مۇنا ...

مۇناسىۋىتى يوق. بۇ يازما ئالدىنقى يىلى يازغۇچىلار مۇنبرىگە يوللانغان. بۈگۈن قارىسام ئىككى مۇنبەردە بۇ ماقالە پەيدا بوپتۇ. مەن بۇ تارىخ تەنقىدچىلىكلىرىگە ئارىلاشمايمەن. بۇ ئوبزورلاردىكى نوقتىنەزەر بىلەنمۇ ماقالەمنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. يازمامنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ ھەم ئۇنداق مەزمۇن چىقمايدۇ. ماقالىدە ئوچۇق قىلىپ، ئىككى ئوبزورنىڭ تىلىغا (نەپىسلىكى ۋە قوپاللىقىغا) قارىتا پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىمنى دەپ ئۆتتۈم. ماقالىدە يېڭى مائارىپنىڭ قاچان، قەيەردە باشلانغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنى ئۇرۇشۇپ كەتمەي، تۈكۈرۈك جېڭى قىلىشماي سىلىقراق دېيىشىشنى تەۋسىيە قىلدىم.
كۆپچىلىكنىڭ كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئىلمىي ۋە پاكىتلىق تەنقىد بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33560
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 20:08
پىشقان يازغۇچى بولغان بولسام بۇ يەردە يۈرمەيتتىم، بى ...

يولداش يۇسۇفىي ئىسىملىك تورداش ، بىر ئىنكاسقا بىر جاۋاپ قايتۇسىڭىز بەك جاپا تارتىپ قالىسىز. بۇ ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى ھەركىم ئويلىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان تەرەپنى قوبۇل قىلسىڭىز ، بولمىغان تەرەپنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ مۇنبەردە بىر قانچە ئەزا بار ، ئۆزى يازما يېزىپ ، ئۆزى ئىنكاس قايتۇرۇپ تېما قىزىتىدىغان . شۇلاردىن بولۇپ قالماڭ.
ئەمدى تېمىڭىزغا كەلسەك، بۇ يەردە قانداقتۇر تىل ئۇرۇشى مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر ئىككى ئەسەرنى ياخشى بىر ئوقۇغان بولسىڭىز بۇ ھەقتە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولاتتىڭىز. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن توغۇرىسىدا يالقۇن روزى چوقۇم ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە. بىراق دولقۇن روزىنىڭ قايتۇرما ئىنكاسىدىن قارىغاندا بۇ جەھەتتىكى يالقۇن روزى ماقالىسىدە  بەزى بىر تەرەپلەرنى ئاستىن -ئۈستۈن قىلۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يالقۇن روزىنىڭ ئەنە شۇ ماقالىنى «ئىلى دەرياسى ژۇرنىلى»غا بېرىشىنىڭ ئۆزى نېمىنى كۆرسىتىدۇ، ياخشىراق ئويلانسىڭىزلا بۇنىڭ جاۋابى چىقىدۇ. ئارتۇقچە گەپ ھاجەتسىز.

0

تېما

0

دوست

626

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33827
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

تەۋەكۈلچىلىكىڭىز بولىدۇ...!

0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34220
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يارايسز ياخشى يېزپسىز   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )