ھۇن ياكى ھۇنلار ئاسىيا قىتئەسىدە ياشايدىغان نۇرغۇنلىغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئاسىيا ھۇن ئىمپىرىيىسى خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە 東匈奴 دەپ يېزىلىدۇ. ھۇن دۆلىتى مىلادىدىن بۇرۇن 318 يىلىدىن باشلاپ، دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇن 214- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگۇ ھۇنلارغا قارشى سەددىچىن سېپىلىنى سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھۇنلارنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى پادىشاسىنىڭ ئىسمى تېئومان Teoman دۇر. ھۇنلارنىڭ تارختىكى ئەڭ مەشھۇر خاقانىنىڭ ئىسمى ئوغۇز خاقان بولۇپ، ئوغۇز خاقان بەزى تۈرك تىللىرىدا مېتە Mete خان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 209- 174 يىللىرى ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ھۇنلار بۈگۈنكى كۆنىمىزدە مۇڭغۇلىيەدە ۋە جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىداياشايدۇ. تۈركلەرنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن يېزىقى مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىردە ئورخۇن ئابىدىلىرىدە Orhun Yazıtları'nda ئىشلەتكەن يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىق تارىختا كۆكتۈرك يېزىقى Göktürk Yazısı دەپ ئاتالغان. بۇ يېزىق مىلادىدىن كېيىن550- يىللىرىدىن باشلاپ كۆكتۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، قورال، تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە قەسەتلەر بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن ئەشيالاردا ئۇچرايدۇ. 7- ئەسىرلەرگە كەلگەندە رەسمى ھالدا سېستىمىلىشىپ، تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىشلىتىشكە باشلانغان بولۇپ، بۇ تارخىتىن كېيىنمۇ 5-6 ئەسىر بويىچە ئىشلىتىلگەن.
يېقىنقى زاماندىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ھۇن يېزىقى ۋە كۆك تۈرك يېزىقى ئۈستىدە ئاز بولمىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا. بۇ تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كۆك تۈرك يېزىقى ئورخۇن ئابىدىلىرىگە يېزىلغىدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ بۇرۇنقى زاماندىن تارتىپ بار ئىكەنلىكى، بۇ ئۇزۇن يىللىق تەرەققىياتلار داۋامىدا ئورخۇن ئابىدىلىرىگە يېزىلغىدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ھازىر تەتقىقاتچىلارنىڭ ھۇن يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق يېزىقلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، تۆۋەندە بۇ يېزىقلاردىن بىرقانچە پارچە ئۆرنەك بېرىلدى. ھۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقلىرىغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
http://www.turktarihim.com/T%C3%BCrk_Alfabesi_2_0.htm
|