بۇ يازمىنى ئاخىرىدا halifax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 22:46
<مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى>نى ئۇقۇغاندىن كىينكى بايان
تۇرسۇن مەمەت
زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى،مەدىنىيەت تەتقىقات،تارىخ ،جەمىيەتشۇناسلىق ،پەلسەپە قاتارلىق ساھالەردە ئۇستاز ھساپلىندىغان پىرافىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنڭ19-ۋە 20- ئەسىردىكى دۇنيانىڭ غوجىسى بولىمىش <قېرى جاھانگىر >ئەنگىليەدە ئېلىپ بارغان بىر يىللىق ئىستىقامەت ئاساسىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە سۇنغان مۇبارەك يازمىسى <مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى> دىگەن كىتابى باشقا 100دىن ئاشدىغان يازمىلار بىلەن كىتاب ئىشكابىمدا تۇرغىلى 2يلدەك بولغان بولسىمۇ تۇگىمەس خىزمەت،تەتقىقات ،ئۇقۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن بەنت بۇلۇپ كىتىپ ئىزچىل تۈردە ئۇقۇشقا نىسىپ بولمغان ئىدى،بۇ يىل ئۆرۈلۈپ 2015يىل كىتاب ئۇقۇش يلىدا قاتتق ئىرادە بىلەن مۇبارەك يازمىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم.
ئاپتۇربىر يىل جەريانىدا ئۆزىنىڭ كۆرگەنىلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرنى ئۆتكۈر تەپپەككۇر ئارقىلىق يۇغۇرۇش ئاساسدا ئەنگىليەنىڭ سىياسى،ئقتىساد ،جەمىئەت ،مائارىپ،ئىنسانشۇناسلىق ،ۋە مىللەت ئەندىزىلىرى تۇغۇرلۇق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇسساپ تۇرغان مەنىۋى دۇنياسىغا روھى ئۇزۇغلۇق ئېلىپ كەلگەن.كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدغان،تەپەككۈرنى غىدقلايغان ھىكمەتلەرنى كۆرگىنىمدە مۇئەللىپكە چوڭقۇر تەشەككەرلەر ئېيتتىم.
ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمىشى ،ھازىرى ۋە كەلگۈسىى توغۇرلۇق قىلغان مۇلاھىزىلىرى ،ئۇيغۇر مەدىنىيتى ،ئۆزلۈك قارىشى،قىممەت قاراشلىرى ھەققدە ئېلىپ بارغان بايانلىرى روھى قەھۋەتچىلىك ئەۋىج ئالغان،خەلىق تۇرمۇش ۋە ئالىقانداقتۇر بىر قانداق بېسىملارنىڭ دەستىدە نورمال ئوي پىكىر ئىقتىدارن مەھرۇم بۇلۇش گىردابىىغا بېرىپ قالغان،ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ مىللەت نامىنى تىلغا ئىلشقا خۇدۇكسىرايغان بۇلۇپ قالغان مۇشۇ تۇمانلىق كۈنلەردە ،خەلىقىمىزگە تۇمان ئىچىدىكى قوياش نۇرنى تېپىشقا ياردىمى زور دەپ ئويلايمەن.
ئوقۇغانلىرنى ،ئاڭلىغانلرنى باشقلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىش ۋە شۇ ئاساستا مۇكەممەلككە قاراپ ئىنتىلىش بىر ئىنساندا بۇلۇشقا تىگىشلىك بىر پەزىلەت دەپ ئويلايمەن. كەمىنەمۇ ئىككى يىل مۇقەددەم ئىلىم تەھسىل قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادادا تۇرغان بولغاچقا مۇئەللىپتە بولغان ئنىچكە ئىچكى ھىس تۇيغۇلار ۋە ۋاكازالار مەندىمۇ بولغاچقىمىكىن ،<مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى>نى زور ئىشتىياق بىلەن ئۇقىدىم ھەمدە مۇۋاپق بولغان ئۈزۈندە قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كۈردۈم. تەبئى پەن تەتقىقاتى بىلەن ھەپلەشكەن ئادەمگە بۇندان 444بەتلىك بىر كىتابنى بىر قېتىم ئۇقۇپ ئەتىراپلىق تەسىرات قالدۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن،ئەلۋەتتە ئۇستازنىڭ كىتابى ئۈستىدىن خۇلاسە چىقىرىشقا مېنىڭ ئاجىزى قەلىمىم ماس كەلمەيدۇ دەپ قارايمەن،يازماي دىسەم يازغىم كەلدى،تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئۇقۇشنى ۋە تەنقىدى تەكلىپ بىرشىلىرنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بىرىنجى بۈلىگىدە مۇئەللىپ ئاۋال لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەزەلدىنلا خيالچان ،مۇڭلۇق بىر يىېگت ئىدىم. تڭشىغاچقا مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى. سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلىرىدا مەن قايناپ تۇرسام. ئۇسۇزلۇقۇم قانداق قانسسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى
دىگەن شىېئىرنى قەيت قىلىش ئارقىلق ئۆزىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتياقى،ۋە ماددى ۋە مەنىۋى ئىسكەنجىدىن قۇتۇلۇپ ئىلىم دۇنياسىدا پەرۋاز قىلىش ئىستىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن سەپەرگە ئاتلىلنىش جەرياندىكى ئايرۇدورۇمدىكى چگرا ساقچىسى بىلەن بولغان دىئالوگلار ئارقىلىق ھەربىر ئۇيغۇر دۇچ كىلىش ئىھتىماللغى بولغان ،ئەممە ھىچكىم خالىمايدىغان بىر خىل ئامالسىز رئىاللقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. شۇنڭ بىلەن بىر ۋاققىتتا چەتئەل ئايروپوتلىرىدا ئىرىشكەن مۇئامىلە توغرۇلۇق سىلشتۇرما بايانلار بىلەن تەمىنلگەن.
ئىككنىچى بۆلىكىدە ئەنگىليە جەمئىيتىنى كۆپ يۆلىنىش ،كۆپ نۇقتىدىن كۈزەتكەن ،ۋە ئېدمۇد ئىسىمىلىك شەخس ۋە باشقا ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە كۈزىتىشلەر ئاساسىدا،بىر جەمئىيەتشۇناس ،ئەدەبييەشۇناس نىڭ نەزىدىركى ئەنگلىيە جەمىيتىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن ،ھەمدە بىزدە ،جەمىيتىمىزدە ساقلىنۋاتقان بەزى ئىللەتلەر ئىلىم قامچسى بىلەن ساۋالغان،بۇلۇپمۇ مۇئەللپىنىڭ ئەنگىليە مائارىپى ،تارىخى ،مەدىنييىتى ۋە ئۇلارنىڭ مىللەت ،دىن ۋە دۆلەت تۇغرۇلۇق ئېلىپ بارغان مۇلاھىزىلىرى بىزنىڭ كۈنپاتماس ئىمپىريە دەپ ئاتالغان ئەنگىلەينى ،ئۇيەردە ياشاۋاتقان ئنىساننى چۈشۈنۈشىمىزگە ماياكلىق رولنى ئوينايدۇ.
ئۈچىنجى بۈلۈمدە ئاپتۇر كەسپى نۇقتدىنى چىقىپ ئۆزنىڭ لوندۇندىكى ئونۋىرستىلار ،كۈتۈپخانلاردكى پىكىر دۇردانىلىرى ئورۇن ئالىدى.
تۆتىنجى بۇلۇمدە چەتئەلدە ياشاۋاتقان جۈملىدىن لوندۇندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بىر قەدەر ئەتىراپلىق مۇلاھزە ئېلىپ بىرلغان بۇلۇپ ئۇلار دۇچ كىلۋاتقان پۇرسەتلەر شۇنداقلا رەھىمسىز رىياللقلار ،ئۇلارنىڭ نىملەرگە ئىرىشىپ نىمىلەرنى يوققاتقانلىغى ۋە يانا نىمىلەردىن ياتلىشىپ كىتىشكە مەجبۇر بولۋاتقانلىغى ئاپتۇرنىڭ مۇبارەك قەلىمىدە پاساھەتلىق تىللار بىلەن ئەكس ئەتتۈرلگەن.،بۇلار بىزنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى چۈشۈنىشىمىزگە ،ئۇلار دۇچ كەلگەن ۋە دۇچ كىلۋاتقان سىياسى ،ئىجدىمائى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىللەر توغرىسىدا چۈشەنچ ھاسىل قىلىشىمىزغا كۆپ ياردىمى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
بەشىنجى بۈلىمىدە ئاپتۇر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۇقۇتقۇچسى بۇلۇش جەريانىدىكى كۈزەتكەنلىرىنى ۋە بەزى مۇھىم دەپ قارىغان دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە يازارمەنلەرنىڭ ئەسەرلىنى تۇنۇشتۇرغان.
ئالتىنجى بۈلىمىدە ئاپتۇر <پاسپورت ۋە كىملىكتىكى مەن>دىگەن بۆلىمىدە چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم ئىستىلا قىلىش جەريانىدا ئۇچىرغان قىينىچىلقلىرنى ۋە ۋە ئۇيغۇر جەمىيتى يۈزلىۋاتقان مۇرەككەپ رىئاللقلارنى ئىلمى يۇسۇندا شەرھلەپ ئۆزىنىڭ ۋەتەن ،يۇرت ۋە خەلىقىگە بولغان مۇھەببىتىنى شەرھلىگەن،شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئادىمىلىكى ۋە غۇرۇرىنىڭ باشقا قۇۋوملار تەرىپىدىن ھۆرمەت قىلىنغان قىلىمغىانلىقىنىك شۇ ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى مۇھىملىق دەرجسىى تەكىتلىەنگەن ،ھەمدە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش توغىرسىدىكى پەلسەپىۋىلىك ئوي پىكىرلىرى ۋە ئۈمىدنى ئوتۇرغا قۇيۇش بىلەن مۇئەللىپىنىڭ قەلىمى ئاخرقى چىكىتنى دەبدەبىلك ھالدا قەغەز يۈزىگە چۈشۈرگەن.
قىسقىسى بۇ ئەسەردە ئاپتۇر مەۋجۇتلىق كىرزىسىگە پاتقان خەلىقنىڭ قاتمال تەپەككۈرلىرنى غىدىقلاپ ،ھەر بىر ئىنسىانننىڭ ئۆزنىڭ ھەم ئۆزى تەۋە ئاشۇ قۇۋۇمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايتا ئويلنىىشى لازمىلىغى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. كەمىنە <مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى>نى ئۇقۇشقا ،ساقلاشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل يازما دەپ قاراپ ئۇنىڭغا كىتاب ئىشكاۋىمزدىن مۇھىم ئۇرۇن بىرىشكە ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن.
|