قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇنازىرىچىلىرىمىزغا تەۋسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

3

دوست

1288

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 17:38:07 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
     
    يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تور دۇنياسىدا بەزى مۇنازىرىلەر قوزغىلىپ، جەمىيىتىمىزدىكى ياش بىر تۈركۈم قابىلىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئارا تالاش – تارتىش، مەسىلىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئومۇمەن قىلىپ ئيتقاندا بۇ بىرخىل خۇشاللىنارلىق ھادىسە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى شۇنداقلا ساپا دەرىجىسىنىڭ تەرەققىياتى مانا مۇشۇنداق مۇنازىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە توغرا پىكىرلەرنى، مۇنازىرە قىلىنغان تېمىنىڭ قارىتىلغان ئوبېكتلىرى بويىچە جەۋھەر پىكىرلەرنى يىغىنچاقلاپ، يۇغۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇنى كەڭ ئاممىنىڭ ئاڭىغا سىڭدۈرۈپ، جەمىيەتنىڭ، ئىلىم – پەننىڭ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەلگىلىك نەزەرىيە ئاساسى ھازىرلايدىغان مۇنبەردىن ئىبارەت.
بۇ قېتىملىق مۇنازىرىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللار زىۋىدە خانىمنىڭ ئەلى قۇرباننىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېردىتىتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەڭ تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى مۇنبەر ئارقىلىق شەرھىلاپ چىقىشتى. پېقىرمۇ بۇ مۇنازىرىلەرنى ياندىن كۈزۈتۈش بىلەن بىرلىكتە ئانچە-مۇنچە كېرەكلىك بولۇپ قالدى دەپ بىلگەن يەرلىرىمدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولدۇم.
   زىۋىدە خانىمنىڭ ئەلى قۇربانغا بەرگەن پىكىرى توغرىسىدا ئانچە خەۋىرىم يوق ئىكەن، ئەمما "ئۇمۇن" ناملىق توردىشىمىزنىڭ "ئەلى قۇربانغا ئاكادېمىك تەنقىت" دىگەن ئوبزورىنى كۆرۈپ چىقىپ تۇرسام بۇ ئوبزورنىڭ روھىدىن ئۆزلىرى مەستخۇش بولۇپ كەتكەن بىر تۈركۈم تورداشلىرىمىز ئەلى قۇرباندىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنىمۇ سورىغان بولدى. دەرۋەقە ئەلى قۇربانمۇ بۇ تەكلىپلەرگە جاۋابەن يەنە شۇ مۇنبەر ئارقىلىق سىنلىق ئىنكاس قايتۇردى... بۇنىڭ بىلەن كەمىنىنىڭ كاللىسىدا ئىزچىل ئۆتمەيۋاتقان بىر مەسىلە تۇغۇلدى. بۇ مەسىلە بولسىمۇ يۇقارقى ئوبزورلارغا، ئوبزورغا قارىتا جاۋاپقا بولۇۋاتقان كەڭ ئۆزلىرىنى "زىيالىي" لار دەپ ئاتاۋاتقان بىر توپنىڭ قايتۇرۇۋاتقان ئىنكاسلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
   ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى كۆرۈپ چىقتىم. ياشلارنىڭ ئاساسەن ئسىلىۋالغىنى ئۇنىڭ "مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەخمۇد قەشقەرىيدىن ئۇلۇق، مىڭ ئۆلۈكتىن بىر تېرىك ئەلا " دىگەندەك قاراشلىرىدىن بوپتۇ.
    يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ "قۇتاتغۇبىلىك" ئەسىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئالىم ئەسەرنى زامانىسىدىكى پادىشاھلار ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ئۆزلىرىگە نەزەرىيە قامۇسى سۈپىتىدە پايدىلانغان.  ئۇ زامانلار بىزدىن خېلى كۆپ نېرىدا قالغان بولسىمۇ گەرچە زامان تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ئىلىم – پەن يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان جەمىيەت يېتىپ كېلىپ، بىزلەر شۇ جەمىيەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ياشاۋاتقان بولساقمۇ مەزكۇر ئەسەر تېخى ھېچقانداق جايدا ئۆزىنىڭ بەدىئىي ۋە تەربىيىۋىي قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئۇنداق ئىكەن ئەسەر مۇئەللىپى خاس يۈسۈپ تېخى ھۆرمەت تۆرىدىن چۈشۈپ كەتكىنى يوق.
ئەمدى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ئەسىرىگە كەلسەك، مەزكۇر ئەسەر ئۆز زامانىسىدىمۇ قىممەتلىك روھىي بايلىق سۈپىتىدە پادىشاھ جەمەتىنىڭ يۈكسەك ئەتىۋارىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنىلا شۇ قىممىتىگە قىممەتلەر قوشۇلۇپ، ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى دۇنيا ئالىملىرى تېخى سىرىنى يېشىپ تۈگىتەلمەيۋاتقان جۇغراپىيە، تارىخ، ئېتنوگرافىيە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى يىگانە قامۇستۇر. ئەسەرنىڭ بۇ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن دۇنيا زىيالىيلىرى ئەسەرنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئۆزلىرىدىن ئونلاپ ئەسىرلەر ئىلگىرى ياشىغان مەرھۇم ئالىمغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن 2008-يىلىنى دۇنيا "مەھمۇد قەشقەرىي يىلى" قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى قارىسام مۇشۇ مۇنازىرىگە قاتناشقان شەخىسلەرنىڭ مەلۇم  بىر قىسمىنىڭ چۈشەنگۈدەك قابىلىيىتى يوق ئىكەن دەيدىغان خىيالغا كېلىپ قالدىم. دەرۋەقە مېنى بىلجىرلاپتۇ دەيدىغانلرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئەمما ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بىلەلىگەن ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەسەرگە بولغان تەرىپىم تېخى يۈزەكىيلا خالاس.
   ئەمدى ئەلى قۇرباننىڭ ھېلىقى كەلىمىسىگە كەلسەك: مەن بۇ ئىبارىنى ئىككى خىل مەنادا چۈشەندىم.
   بىرى : ئەلى قۇربان بۇ ئىبارىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ياشلارغا كونىلىققا ئېسىلماسلىق، توختاۋسىز يېڭىلىق ئىزلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمەكچىمىكىن دەپ چۈشەندىم. يەنى كونا ئالىملارغا ئېسىلىۋېلىپ كۆل سۈيىدەك تۇراقلىق بولۇپ قالماڭلار  يېڭى ئالىملارمۇ چىقسۇن دىمەكچى دەپ قىياس قىلدىم ئەگەر بۇ قىياسىم توغرا بولسا، ئەلى قۇربان تارىخىمىزدىكى ئىككىنچى قېتىملىق جەدىدچىلىك ئېقىمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن دەپ قارالغان بولسا، بۇنى مەلۇم جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەپەككۇر قىلغاندا توغرا پىكىر (پەقەتلا ئوخشىتىش تۈسىنى ئالغان) دەپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. پسىخولوگىيە نۇقتىسىنمۇ توغرا ئوخشىتىش دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. ئەمما مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئەلى قۇرباننىڭ يۇقۇرىقى قارىشى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىنىڭ تولىمۇ كەمچىل، نەزەر دائىرىسىنىڭ تولىمۇ تار ئىكەنلىگىنىڭ تولۇق ئىسپاتى. سەۋەبى ئەلى قۇربان ھەقىقىي ئىلىم ئىگىسى بولغىنىدا ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان پسىخولوگىيە ئىلىمىنىڭ تەڭ دەرىجىدىكى رىقابەتچىسى ۋە تولۇقلىغۇچىسى بولغان مەدەنىيەتشۇناسلىق، تارىخ ئىلىمىگە پىشمىغانلىقى، ئەڭ ئەققەلىي بولغان چوڭلارنى ھۆرمەتلەش دەيدىغان ئۇقۇمدىنمۇ روھىي كەمبەغەل بولۇپ قالغىنى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە كەمىنىدە ئۇنىڭدەك يۇمۇرىستىك نۇتۇق قابىلىيىتى يوق، بۇ تەرىپىدىنى مەندىن ئۈستۈن دەپ قوبۇل قىلىمەن. پسىخىك بولغاندىمۇ ئۆز ئەنئەنىسىنى ئەجدادىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان بىر ئەخلاقتىن ھالقىغان شەخىس دەپ قارايمەن. ئەگەر ئەشۇ ئۇلۇغلىرىمىزدىن ئەلى قۇربان ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يۇقۇرى چاغلىغان بولسا بىرەر نەزەرىيە يىغىنچاقلاپ دۇنيا ئەھلىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ئەتىۋالانغان "ئەلى قۇربان بىلىگ" ياكى " ئەلى قۇربان دىۋانى" يارىتىپ باقمىسۇنمۇ؟ ھايات ۋاقتىدا ئۇنداق ئۇلۇغلاشلارغا ئېرىشىش قىيىن دەپ قارايدىغان يەنە بىر لوگىقىلىق تەپەككۈرنى ئالدىمىزغا تاشلايدىغان بولسا، ھاياتلارنىڭ ۋەكىلى بولغان بىل گايتس، ۋە باشقا نامايەندىلەر تۇرۇپتۇ. ئۇنداق لوگىكىلىق تەپەككۈرمۇ بازار تاپالمايدۇ.
    ئەمدى "ئۇمۇن" غا بەرگەن جاۋابىغا قاراپ ئۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. "ئۇمۇن" ئۇنىڭ لوگىكىلىق ۋە پسىخولوگىيە ئىلىمىغا زىت قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. " 1.ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ پىسخۇلوگىيە بىلەن روھ ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇم مەسىلىسىدە ئوتتۇرغا قويغان قارشى ئىلىميلىككە خىلاپ.
     روھ تىئولوگىيە ۋە مىتافىزىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىققان تىرمىن . روھ سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيە ۋە پەلسەپە تارىخىدىكى ئورنى پىسخىكا ۋە پىسخۇلوگىيە بىلەن تامامەن پەرىقلىق.پىسخۇلوگىيە پوزىتسىيە ۋە زىھىنى جەريانلارنىڭ ئاكادىمىك مىتودتا تەتقىق قىلىنىشىدۇر."
    بۇ قاراش ھېچقانداق پسىخىكا ئىلىمى نۇقتىسىن قارالغان  كۆز قاراش ئىكەنلىگى توغرىسىدا بىرەر ئېغىز كەلمە كەلتۈرۈشكىمۇ قادىر بولالمىدى.  چۈنكى پسىخولوگىيە چۈشەنچىسى پەيدا بولغان دەۋىرلەردە پسخىخولوگىيەنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ئوبېكتى "روھ" دەپ قارالغان ھەتتا بۇ قاراش بىرنەچچە ئەسىر داۋاملاشقان بولۇپ، پسىىولوگىيە ئىلىمىنىڭ ئوبېكتلىرىنى تەتقىق قىلغاندا "روھ" ئۇقۇمى  قەدىمقى يەنى ئېلىمېنتار پسىخولوگىيە ئىلىمىدىن ئىبارەت.  سەھنىلەردە نۇتۇق سۆزلەپ، ياشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋاتقان بىر پسىخولوگ ئۈچۈن بۇ خاتالىققا يول قويۇش ئەقىلگە سىغمايدۇ. ناتىق دىگەننىڭ تىل ۋە ئىپادىلەش قابىليىتى ئىنتايىن يۇقۇرى ۋە شېئىر تېرمىنلىرىدەك بولغىنى ياخشى. بۇنىڭغا بەرگىنى "مۇرەككەپ تېرمىنلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قايمۇقۇش پەيدا قىلىدىكەن" دەپ، پسىخولوگىيە ۋە تېرمىنولوگىيە شۇنداقلا ناتىقلىق ئىلمىگە زىت بولغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ھەقىقىي پسىخولوگ بولغىنىدا "ئۇمۇن"نىڭ ئۇ يازمىسى ھېچقانداق مۇنازىرە قىلىنىشقا، ۋە سىنلىق جاۋاپ بېرىش دەرىجىسىگە پەقەتلا توشمايدۇ. چۈنكى پسىخولوگىيە دىگەن سۆزنىڭ ئۆزى گرىكچە سۆز بولۇپ، "روھ ئىلىمى" دىگەندىن ئىبارەت. يەنى ψυχή  پسىخون بىلەن λόγος  لوگوس سۆزلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، پسىخون --- روھ، لوگوس--- ئىلىم ياكى ئىلىمى دىگەندىنلا ئىبارەت.
    روھ ھېچقانداق تېئولوگىيە ياكى مېتافىزىكىدىن كېلىپ چىققا ن ئۇقۇم ئەمەس. روھ ئىنساننىڭ جىسمىدا تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان سۇبىكتىپ مەۋجۇدىيەت. تئېولوگىيە بەزى ئەللەر تەرىپىدىن بىرەر ئىلىم سۈپىرىدە قوبۇل قىلىنغان نەزەرىيە ئەمەس.  ئۇ پەقەت پەلسەپىدىكى خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ بارلىقىنىلا  ئېتىراپ قىلىشقا قارىتىلغان تېرمىندىن ئىبارەت. ئەجىبا ئەلى قۇربان شۇنىڭغىمۇ رەددىيە بەرمىدىمۇ ياكى بېرىشنى خالىمىدىمۇ؟
   ئەمدى مېتافىزىكا τὰ μετὰ τὰ φυσικά  گرىكچە سۆز بولۇپ ، "فىزىكىدىن كىيىنكى" دەيدىغان مەنىگە ئىگە بولۇپ، پەلسەپە ئىلىمىنىڭ بىر بۆلۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىپتىدائىي رىئاللىق، مەۋجۇتلۇق ۋە دۇنيا توغرىسىدىكى كۆز قاراش ياكى ئىلىملەرنى تەتىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن قارىغاندا مېتافىزىكا وھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ خالاس.  ئەمدى بۇ يەردىكى "ئاكادىمىك مېتود" دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى چۈشۈنۈشكە پېقىر سەل ئاجىزمەن. "ئۇمۇن" ئەپەندى مۇشۇ تېرمىنغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتسە. ئەمەلىيەتتە "ئۇمۇن" ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسى تاقا – تۇقا مەنىسىزلىگىدىن مۇنازىرىگە مۇناسىپ كەلمىسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن كۆزى ئوچۇق ئەما يولداشلىرىمىزنىڭ زىتىغا تىگىش بىلەن ئىككى قۇتۇپلىشىش مەسىلىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە تاسلا قالدى. بۇ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. چۈنكى بىز شۇنچىلىك جەمىيەتتە ياشاۋېتىپتۇق.
ئەلق قۇرباننىڭ سۆزىنى ئىككىنچى ىىل مەنىدە چۈشۈنىشىم: ئۆزىنى ئۇلۇغلاردىن ئۈستۈن قويۇشى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ياكى ئۇنىڭ پىكرىگە ئەگەشكەن بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئالدىدا ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەل كۆرسەتمەكچىمىكىن دەپ چۈشەندىم.  ئۇنداق قاراش ئەلى قۇرباندەك بىر ئەقىل ئىگىسىگە يات بولسا كېرەككى ھەرگىز ئۇمۇ قوبۇل قىلمايدۇ دەپ چۈشۈنىمەن.  چۈنكى ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەڭ قاچىدىغىنى شۆھرەتپەرەسلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇقتۇر.
بۇ مەزمۇنلارمۇ ئەمدى بېسىقىپ تۇرىۋېدى نوپۇزلۇق مۇنبىرىمىز باغداش ئۇنىڭ ئاكادېمىك تەنقىدىنى جەۋھەرلەپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يەنە بىر بىمەنە ئىدىيەنى ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ بازىرىغا ئېلىپ كېلىشىگە يول قويدى.
   ئۇ بولسىمۇ " يىڭى مەدەنىيەت بوھرىنىدا ئەۋلادلار" دەيدىغان تېمىسىدۇر.
   ھەقىقىي ئىلىمنى چۈشەنگەن ئادەم بىر قاراشتىنلا بۇ تېمىنىڭ مەلۇم ئىدىيىنى بازارغا سېلىشنىلا مەخسەت قىلغان تۇترۇقسىز ھەتتا لوگىكىلىق تەپەككۈر نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىشقا قىلچە ئەرزىمەيدىغان تېما ئىكەنلىگى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مىسالى:
   " ئۇزۇن زامان يىپىق جەمىيەتتە ياشىغان كىشىلەر ئەنئەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلىشالمايدۇ.يىڭى ئىدىيە،يىڭى تەپەككۈر مىۋىللىرى، كونا قىممەت ئۆلچەملىرى تەرىپىدىن ئىنكارلانغانلىقى ئۈچۈن زامانىۋىي جەمىيەت ئۇقىمى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئەخلاقسىز ۋە ئىتىقادسىز جەمىيەت بولۇپ تۇيىلىدۇ.بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر تارىخىدا ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن خەتەرلىك ۋە كەسكىن  تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.مىللەت، ۋەتەن ۋە ئەركىن ھايات ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن توقۇنۇش ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياكى مىللەتكىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرىگە مەجبۇرلاۋاتىدۇ."
    بۇ ئابزاس قاراشتىن توغرا تەپەككۇرغا يىتەكلەيدۇ. ئەمما كەينىدىنلا " مىللەتكە كۆيۈنۈش ۋە مىللەتكە بارلىقىنى بىغىشلاش ئۈچۈن ئەركىن ياشاشنى قۇربان قىلىش ۋە تەبىئىي«مەن»نى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش كىرەك بولىۋاتىدۇ.چۈنكى خەلقىمىزگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن  ئۇيغۇردىكى پالەش تۈزۈملەرگە تەسلىم بولۇش كىرەك.بۇ خىل قىممەت ئۆلچەملەر ياشلىرىمىزنىڭ قىززىقىشى ۋە ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ. ياشلىرىمىزدىن مىللەتكە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەركىن ھاياتى، قىززىقىشلىرى ۋە چۈشەنچىللىرىنى قۇربان قىلىشنى تەلەپ قىلىشىمىز ياشلىرىمىزنىڭ مىللەتتىن سەسكىنىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر.زوق ئىلىش تۇيغۇسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ،" نى شەرھىلەپ بولغاندىن كىيىن، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، "زوق ئېلىش تۇيغۇسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ" دەپ بىزگە يېڭىچە (يېڭىچىمۇ ئەمەس، غەرىپ ئەللىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان جامە دەرەجىسىدە شەكىللىنىپ بولغان) ئوخشاش جىنىسلىقلارغا بولغان توغرا قاراش ئىدىيىسىنى ئېلىپ كەپتۇ. ئاپىرىن. مېنىڭ تەھلىل قىلغىنىمدىن باشقا مەزمۇن بۇ يازمىدىن چىقىدىغان بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار.  بۇنىڭغا قارىتا كۆز قاراشلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. قىزىققۇچىلار شۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ باقسا بولىدۇ.
گەپنىڭ قىسقىسى مەن ئەلى قۇرباننى كۆرەلمىگەنلىكتىن ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭدىكى قابىلىيەت مەندە كەمچىل. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزى تەھسىل قىلىۋاتقان ئىلىمگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملىرىنى مۇستەھكەملىسە. ئۆز بىلىمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بولاتتى. يۇقارقى تېمىغا قىلغان ئىنكاسىدىن ئۇنى غاجاشقا بەك ئالاھىدە چىشمۇ كەتمەيدىكەن.  چۈنكى "ئۇمۇن"غا بەرگەن جاۋابىدا قوسىغىدا بارنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇنى مەن يۇقۇرىدا بىر ئىلىم ئەھلىدە بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم . سېلىشتۇرۇش ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
   "ئۇمۇن" توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغۇم يوق. چۈنكى بۇنىڭغا ئەرزىمەيدۇ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى.  شۇلارغا قاراپ مۇنبەردىكى مۇنازىرىگە ھېچقانداق ئىلىم سەركىسىنىڭ قاتناشمىغىنىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ بەزى قىممەتلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىلغار پىكىرلىك ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەسكەن. ئۇلارنىڭ روھىغا ئاپىرىن. مۇنازىرىگە خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى، تۇرمۇشىنى، ئىقتىسادىي ئورنىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىجابىي خاراكتېرلىق نەزەرىيە ئاساسى بار، ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلىپ كېلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلاتتىم. چۈنكى بۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەقىقىي مۇھتاج بولۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

0

تېما

1

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26258
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 96
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
«مۇنازىرىگە خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى، تۇرمۇشىنى، ئىقتىسادىي ئورنىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىجابىي خاراكتېرلىق نەزەرىيە ئاساسى بار، ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلىپ كېلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەۋسىيە قىلاتتىم. چۈنكى بۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەقىقىي مۇھتاج بولۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئىبارەت ئىدى.»

تىما ئېگىسى تەشەببوس قىلغان بۇ پىكىرلەرنى قوللاش كىرەك، شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى- ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات پەلسەپەسى كونىراپ قالغىنى يوق، ئۇ ھەرۋاقىت ئۆزىدىكى چاڭ-توزاننى قىقىپ تۇرىۋاتىدۇ ھەمدە يېڭلىقتىن ھۆزۇرلىشىقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

247

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33782
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سىز 1ئاينىڭ بېرى نەدە قالدىڭىز،ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئىشى ئەمدى بىسىقىۋىدى،يەنە شۇ تېما بەك يازغىڭىز كەپ كەتكەن بولسا ،بۇ تېمىنى 1ئاينىڭ ئالدىدا يازسىڭىز بولمامدۇ.توردا خامان سورۇپ

6

تېما

3

دوست

1288

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
rambo8 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 22:00
سىز 1ئاينىڭ بېرى نەدە قالدىڭىز،ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئىشى ئ ...

تەسەۋۇر قىلالىسىڭىز بىلىم ھېرىسمەنلىرى مۇشۇ يول بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلاپ ماڭىدۇ. ئەلۋەتتە مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ئەمما مۇكەممەل بىلىم بولۇشى مۈمكىن. ئەلى قۇربانغا ۋە باشقىلارغا زىيىنى يوقكى، پايدىسى بولىدۇ.

0

تېما

13

دوست

3578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1031
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق  ، لىكىن  مىللىتىمىزنى پارچىلايدىغان  تېمىنى  يوللاشتىن  ئەمدى توختىساق  دەيمەن   ،  .

0

تېما

2

دوست

902

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئاسترونومىيە جەھەتتە : پتولېمىي ( 90-168 ) نەزىرىيىسى 15 ئەسىر ھۆكۈم سۈرگەن ، كوپېرنىك ( 1473-1543 ) پتولېمىي نەزىرىيىسىنى چۆرۈۋەتكەن ، كېپلېر ( 1573-1630 ) كوپېرنىك نەزىرىيىسىنى چۆرۈۋەتكەن ، نيۇتون ( 1642-1727 ) كېپلېر نەزىرىيىسىنى چۆرۈۋەتكەن ، ئېينىشتېين ( 1879-1955 ) نيۇتون نەزىرىيىسىنى چۆرۈۋەتكەن ، ھازىر ئېينىشتېين نەزىرىيىسى چۆرۈلۈپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ .
لېكىن ھازىرغىچە ھېچكىم بۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلغىنى يوق . ئەلى مۇئەللىم ئالىملىرىمىزنى ئىنكار قىلمىدى . لېكىن بىزنىڭ جەمىيىتىمىز تېخى كوپېرنىك چىقىش شەرتىنىمۇ ھازىرلىغىنى يوق ، ھەممىسى پتولېمىي دەپلا ياشاۋاتىدۇ ، ئۇنداق قىپكەتمەيلى خالايىق ، بىزدىنمۇ كوپېرنىكسىمان ئادەملەر چىقسۇن .

6

تېما

3

دوست

1288

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
babur-7 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-17 02:11
گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق  ، لىكىن  مىللىتىمىزنى پارچىلايدى ...

مۇلاھىزىڭىزگە تەشەككۈر. ئەمما ئۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )