- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1163
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
16.3%
|
يىقىندىن بىرى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى كۆپ ئارلايدىغان بولۇپ قالدىم.سەۋەبى ، يىڭى يىل كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بولىنىۋاتقان ،كىتاپ يىلى تەكلىپى،ئەلى مۇئەللىم.ئۆمۈد غەنى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيلىك زىيالىلارنىڭ تەشەببۇسى ،قوللۇغىچىلار ۋە قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ تىما ۋە ئىنكاسلىىرى مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئويغاقلىق ئىزدەيدىغان ياشلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاز تولا غىدىقلىدى دەپ ئويلايمەن .شۇ سەۋەپلىك بەزى كۆز قاراشلىرىمنى ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆرۈپ قەلەم تەۋىرتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بولۇپمۇ مەن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە دەۋىر رىتىمىغا ماسلىشىپ ،ئاكىتىپلىق بىلەن ئۆزمىىزنىڭ ئىدىيسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرشىمىز كىرەكمۇ ياكى ئەسلى ھازىرقى ھالىتىمىزنى ساقلاپ بىرخىل رىتىمدا جاھان غەۋغالىرىدىن خالى ھالدا ،رىقابەتسىز خاتىرجەم تۇرمۇش يولىنى تۇتۇپ زامان تەرپىدىن ئۆزگەرتىلىشنى كۈتۈپ ياشىشىمىز كىرەكمۇ ۋە ياكى زامان تەرەققىياتىغا قارشى مۇقام توۋلاپ خىيالى جەنىنتىمىزنى چۈشەپ زامان تەققەززالىرىدىن ۋاز كىچىپ تۈرلۇك ۋاقتى ئۆتكەن .ئەقىدە-ئادەت قىلىپلىشىپ قالغان تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئاسارتىدىن قۇتۇلالماي .قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى ئەرزىمەس ئەقىدە.پاسسىپ ئىدىيەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ ياشامدۇق.
دەۋىر رىقابىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە رايۇنىمىزنىڭ چەت ياقا يىزلىرىدىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلماي قالمىدى ،مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن مەيلى ئىختىساد ياكى ئىجتىمائى ھوقوق جەھەتتىن بولسۇن پاسسىپ ئورۇندا تۇرۋاتقان بىزلەر زادى قانداق بىر ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە راۋاج تاپالايمىز؟بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم ئويلىنىشمىزغا ھەم ھەل قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە .
ئادەم بولغان ئىكەنمىز ھاياتلىق ھەممىدىن موھىم .ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۇن تەبئەتنىڭ قانۇنىيتىگە ۋە ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشاشقا توغۇرا كىلىدۇ.جەمىيەتتىن ،قاخشاشنىڭ ئۆزى ياشاشقا ماسلىشالمايۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى ،مەنچە بولغاندە ھەر بىر گۈزەل سەھەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتىۋىلىش بىرنىجى قىلىدىغان ئىشىمىز بولىشى كىرەك. كۈندە ھەل قىلىدىغان مەسىللىرىمىز قانچە كۆپ بولسا.قىلىدىغان ئىشىمىز قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى .چۈنكى ھاياتنىڭ قىممىتى ھەركەتتە ئىپادىلىنىدۇ.ئورۇنسىىز قاخشاشنىڭ ئەھمىيتى يوق.باشقىلارنىڭ ئەۋزەل شارائىتىنى ئۆزىمىزنىڭ ناچار شارائىتىمىز بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەڭسىزلىك ھىس قىلىش ياكى زامانغا قىيداشنىڭ قلىچە ئەھمىيتى يوق .تەبىئەت شۇنداق ئادىل .ئويلاپ باقسام ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ،دىن مىللەت،باي،ياكى نامىرات دەپ ئايرىلماي تەڭ دىگىدەك ئىكەن ئەلۋەتتە .(بەزى مىللەتلەر 200يىل.بەزى مىللەتلەر 20 يىل ياشىمايدىكەن). دىمەكچى بولغىنىم ئىنسان ھاياتىنى ھىچقانداق بىر ئەقىدە.ياكى ئىدىيەنىڭ ،مەلۇم بىرخىل قارشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىشقا قىلچە ئەرزىمەيدۇ .بىھۇدە قان تۆكۈشكە تىخمۇ ئەرزىمەيدۇ. شۇڭا ئىنسان ۋاقىتىلق ياكى ھامان بىر كۈنى ئۆزگۇرىپ كىتىدىغان (ھازىرچە قىلىپلىشىپ قالغان نۇپوزلۇق)كۆزقاراش لارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قوتۇلمىقى زۈرۈر. چۈنكى دۇنيادا موتلەق توغۇرا.مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەقىدە(ئىتتقاد)يوق.شۇڭا ئىنسان بالىسى توغۇرا ياشاش يولىنى تاپماقچى بولىدىكەن .ئىنسانلار تارىخىدىكى ھاياتلىق تەجىربىلىرىگە مۇراجەت قىلىشى .مەيلى قايسى دىن.قايسى ھاياتلىق ،ياشاش پەلسەپەسى بولىشىدىن قەتئى نەزەر ياخشى ناچار،توغۇرا خاتا دەپ ئايرىماي ياشاشقا پايدىلىق بولغان جەۋھىرىنى ئىگىلەپ ئۆزھاياتىغا تەدبىقلاپ .ئوتتۇرھال ھەم بىر قەدەر توغۇرا بولغان يولنى تۇتۇپ ياشاش كىرەك.دەپ قارايمەن.
ھىلھەم ئۇچۇر ،تور دەۋىدە ياشاپ تۇرۇپتىمىز . يەرشارنىڭ ھەرقانداق يىرى بىز گە ئايان بولىۋاتىدۇ.ئارلىق بارغانسىرى قىسقىراپ يەرشارى بىر كەنىتكە ئوخشاپ قالدى.كەلگۈسى تىخىمۇ شۇنداق .شۇڭا ئىگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سىلىشىمىز كىرەك .ھەرگىزمۇ .يۇرىت.مىللەت، دىن ،دۆلەت دەپ تۈز يوللارغا چىگىرا ،توساق قۇرىۋالماسلىقىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن.مۇنداق بىر گەپ ئىسىمدە بىر دانىشمەن خۇدادىن :ئى خۇدا ئۆزۈمدەك دانىشمەنلەربىلەپ ئەپ ئۈتۈشكە نىسىپ قىلغايسەن .دەپ تىلەپتۇ. يەنە بىر دانىشمەن .:ئى خۇدا ياتلار ۋەئەخماقلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە نىسىپ قىلغايسەن دەپ تىلەپتۇ.
ئۇنداقتا قايسى دانىشمەن ئەقىلىقراق ؟.ئەلۋەتتە كىينكىسى ، شۇڭا ياشاش يولىمىزنى تارايتىدىغان ئۆزىمىزگىمۇ ،باشقىلارغىمۇ قۇلايسىزلىق كەلتۇردىغان قاتمال ئىدىيەدىن ئازات بولۇپ توغىرا بولغان ئىلمى ياشاش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرشىمىز كىرەك. ئارىمىزدا تۇرمۇشىمىزغا قۇلايسىزلىق ئىلىپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن .خۇراپى .دىننى ھەتتا مەھەللىۋى ئىدىيەلەر ھىلھەم مەۋجۇت ھەم شۇنداق ياشاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس .مەسلەن :بىر تونۇشۇم .ئايالىنى ئۈچ تالاق دەپ ئاجىرشىپ كەتكەن بولۇپ ،ئەمدى يىشىپ ئىككى بالىمىزنى ئۆزىمىز باقايلى دىيىشكەن بولسىمۇ .يىنىشىشقا يوليوق دەپ ،يىنىشالماي باللىرىنى يىتىم قىلىپ باشقا بىرىگە ئۆيلەندى .بەلكىم بۇ دىگەن كونا پارڭ
دەپ قارىشىڭىز مومكىن ،ئەلۋاتتە تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان قلمىشلار ئاز ئەمەس.
يەرشارىلىش مەسىلىسى بىز تالايدىغان يول ئەمەس بەلكى چوقۇم ماڭىدىغان يول ئەلۋەتتە بۇجەرياندا نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلىرىمىزدىن.نۇرغۇن قىممەتىلىك مەنىۋى بايلىقىمىزدىن ئايرىلىپ قىلىشىمىز مومكىن ،لىكىن ئۆمۈد بىلەن قارىغاندا يەنە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرگە.نۇرغۇن ئويلاپمۇ باقمىغان ئەزەللىككە ئىرىشىشىمىز مومكىن . تارىخمىزغا قارايدىغان بولساق بىز نىمىلەرنى يوقاتمىدۇق ،نىمىلەرگە ئىرىشىپ . ھاياتى كۈچىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق،ئەلۋەتتە 1000 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرنىڭ پەرىقى بار.
ئەلى قۇربان .ئۆمۈد غەنى قاتارلىق ئىلغار ئىقىم ۋەكىللىرى نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ مىڭىسىنى ئاز تولا زەرەتلىدى مىنىڭچە ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەستەك .پەرىقى باردەك تويۇلسىمۇ نىشان ئوخشاشتەك تۇرىدۇ.يەنى يەرشارىلىشىش . ئەلۋەتتە يەرشارىلىشنىڭ قارشى تەرىپىدە يالغۇز ياشاش (ياۋايلىشىش)ياتىدۇ دەپ قارايمەن. تۈرلۈك روھى كىشەنلەربىلەن ئۆزىمىزنى كىشەنلەپ .خۇددى مەلۇم ئەقىدە.ياكى ئىتىقاددىن ئايرىلىپ قالساق ئادەم قىلىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەپ .قاتتىق ئەنسىزلىك ھىس قىلىدىكەنمىز. ئۆيۈنىڭ ئىچىدىن چىقماي تۇرۇپ ئۆيۈڭنىڭ نەگە جايلاشقىنىنى بىلەلمەيسەن شۇڭا ساڭا ھۆكىمىران بولۋاتقان ئىدىيە(ئىتقاد)دىن ئايرىلماي تۇرۇپ ، قايسىنىڭ بىر قەدەر توغۇرا ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. مەنچە بولغاندھازىر بىزگە ا قارغۇلارچە چوقۇنۇشتىن . سەرسان لارچە تەپەككۇر ساھىبى بولۇش مۇھىم دەپ ئويلايمەن.بۇجەھەتتە بارلىق دىننى چۈشەنچە .دۇنيا قاراشلارنى نولدىن باشلاپ ئىزدىنىپ دۇنيانە قايتا تونۇشقا ،ئەڭ ئىغار دەپ قارالغان ئىدىيەلەر بىلەن ھەقنى قايتىدىن تونۇشقا روھى ھازىرلىق كۆرۈش كىرەك.بولمايدىكەن .كونا ئەنئەنىۋى كۆز قاراش.تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ رىلىسىدىن چىقالماي ،بىكىنىپ قاتمۇ قات قورشاۋ تاملارنىڭ ئىچىدە ياشاۋىرىمىز.بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز ئەرەپپەرەپ بولغان بولسا(شۇدەۋىرلەدە ئەرەپ لەر مەدەنىيەت جەھەتتىنن بىزدىن ئىلغار ئىدى) . ھازىر چە غەرىبپەرەس بولىشىمىز.تەرەققىيات شەرىقتە يۇقىرى بولسا شەرىقپەرەس بولىشىمىز كىرەك ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ياتلارنىڭ (شىنجاڭپەرەس) بولۇشقا شەرىت ھازىرلاش كىرەك دەپ ئويلايمەن.
ئىنسان ھامان ئۆلىدۇ.نۇرغۇن ئەقىدىلەر بىز بىلەن كىتىدۇ .قالىدىغىنى بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز يەنى بىزنىڭ ھاياتلىق زەنجىرىمىز بولغان پەرزەنىت. نەۋرە چەۋىرلىرىمىز نىڭ ئۈز زامانىغا يارىشا ياشاش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۇرۈش ياكى يول ئىچىش مەجبۇرىيتىمىز بار.
قانداق ياشاشنى تاللاش .ھەرقانداق ئادەمنىڭ .ئىقتىدارى .شارائىتى .شۇنداقلا تەقدىرىگە باغلىق .لىكىن مەنشۇنداق قارايمەنكى مەيلى كىم ،قايەردە ،قانداش ياشاشتىن قەتتئى نەزەر ئەڭ يىڭىچە ئىدىيە.بىلەن ئەڭ ئىلىمى بولغان .بارلىق ئىنسانىيەتتكە ئورتاق .بىر قەدەر توغۇرا بولغان ئوتتۇرھال يولنى تىپىشى كىرەك.
|
|