قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2386|ئىنكاس: 28
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەت ئىشلار (1) - ئەفغانىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 358
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
سەت ئىشلار (1)

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي



     جاھان مالىماتاڭ بولۇپ كەتتى...
     كوچىدا ناھەقنىڭ تولىلىقىدىن ھەق چېلىقمايدۇ. ساقچىلار ساياھەتتە، ئالىتوپىلاڭنى غۇرۇرلۇقلار بېسىقتۇرىدۇ. قازىمۇ يانچۇققا چۆمچىيىدىغان بولۇۋالدى.
     بۇرۇن موللىلار ياخشى ئادەملەرنىڭ ئازلىقىغا ۋايسايتتى. ھازىر ياخشىلىق قىلىدىغانلار كۆپ، بىلىدىغانلار ئاز (يەنى قىلغاننى). تۈنۈگۈن مەن ئۇنى بېشىمدا ئىززەتلىسەم، ئۇ مېنى پېتەكچىلىكمۇ كۆرمىگەنىدى، مەنمۇ بۈگۈن ھۆرمەت كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم.
     نادان تىلىنى زەھەر قىلسا، دانا كۈلۈپ «رەھمەت!» دېدى. ئالىم تەۋازۇلىقىدىن بۇرجەككە ماڭسا، يوغان باشلار مېھرابقا ئۆتتى. ئۇلار ئاللىنېمىلەرنى كاپىلدايدۇ، ئالىم قوۋمىگە ئاھ ئۇرىدۇ.
     بىر قەبىلىنىڭ قاراڭغۇ جاڭگالدا ئېزىتقۇغا ئۇچرىغىنىغا 300 يىل بولاي دېدى. مانا بۈگۈن يىراقتىن بىر گۈلخان كۆرۈنۈۋىدى، ئۇلار كەلمىگەن ئۆلۈمدىن قورقتى. ۋاي بىچارىلەر! ئەجەبا ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك يورۇقلىققا زار - زار بولۇپ، ئارمان بىلەن كۆز يۇمغىنىنى بىلمەمدۇ؟ دېمەككى، ئابدۇلھەسەن ھەراكانى ئېيتقاندەك، ئۇلار گەرچە يەر يۈزىدە تىرىك يۈرسىمۇ، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك.
     ئاسمانغا قارايدىغان خوجايىن داشقالغا پۇتلىشىپ سەنتۈرۈلۈپ كېتىۋىدى، ھەممە ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ كەتتى. ئەكسىچە ئىشچان ئىشچى ئۈچىنچى قەۋەتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەچچە ئۇمۇرتقىلىرى سۇنۇپ كەتسىمۇ، ئىنس - جىن قاراپ قويمىدى. بۇنى كۆرگەن ئۆلىمامۇ بەك ئەجەبلىنىپ كەتمىدى: ئىتمۇ ئىگىسىنى يۆلىگەن بىلەن، قېرىندىشىغا قاۋايدۇ ئەمەسمۇ؟!     
     قىزچاقلار يەرگە قاراپ تۇرۇپ ئەرگە تېگىدۇ. ئۇلار ئۆمۈرلۈك قاياشى بولماقچى بولۇۋاتقان جۈپتىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگەن بولسا، بەلكىم ئاللىقانداق بىر نېمىلەرنى سېزەر ئىدى. ئەقىلسىزلەر ئويلاشماي ئىش قىلىدۇ، ئىشتىن كېيىن پۇشايمانغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى. «سۆيىمەن!» دەيدۇ، سۆيۈپ بولۇپ سۆيمەيدۇ. كاززاپلىقنىڭ ئورنىنى ساداقەت باسسىدى، لۇغەتتىن «يىتىم» دېگەن بىر سەت سۆز ئۆچەتتى.
     كەچمىشكە شاھىت بوۋامنىڭ كۆزلىرىدە ئۇيقۇ يوق، ئەمما ئۇخلاي دېسە ئۇخلىيالايتتى. تىڭشاڭ! بىرى خورەك تارتىۋاتىدۇ، پۇرىقىدىن زالىمنىڭكىدەك قىلىدۇ. ئۇ ئۇخلاقلىق بولغان بىلەن، لېكىن ئۇمۇ بىكار ئەمەس. ئۇ تاڭ ئاتقۇچە «كوزىر! كوزىر!» دەپ جۆيلۈپ ھېرىپ كېتىدۇ.
     ھەق ئاشىقلىرى ئۆيىدە يېڭى ئىدىيەنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بىراق ئۇ ئىدىيەنى ئىپتىدائىي جامائەسى تارقىتىدۇ. چۈنكى، بۈگۈن ئۈستى - بېشى رەتلىكلەر ئەمەس، تۇرقى - تەلەتى ئالىتاغىللار ئىلغار قارالدى. كەڭ تەبىئەتكە ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، ھەممىسى قەپەسكە قىستىلىدۇ. تۈزۈم دېسە، كىشىنىڭ كاللىسىغا ۋاششىدە كېلىدىغىنى: ئەركىنسىزلىك، بولدى.
     ئۇنىڭ گېپى دۇنيانى چۆرگىلەيدۇ، ئۆزى ئىشرەتخانىلارنى...
     ھەر مىللەت خوجايىنلىقنى تەمە قىلىۋاتسا، بىر مىللەت كىمگە چاكار بولۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن ئاتىلىرى نارازى.
     ئېتىزلار جەۋھەرگە، ئېرىقلار يۇندىغا تولغان. قايسىسى مۇھىم ئىدى؟ سەت ئىشلار داۋام ئەتكەنسېرى، دۇنيامۇ تەتۈرلۈككە كۆندى.
     زالىم ئۆز خىلىنى ئەمەس، ئۆز خىلىدىن يىراق بولغان مەزلۇمنى خورلاۋاتىدۇ. تەڭسىزلىك تارازىنى ئۆلتۈردى. زوراۋانلىق باينى گاداي، ئەركنى مالاي ئەتتى. ھەتتا بىر ئىنگلىزمۇ يىغلىماقتا:
     ___ Tell me why?

   

        2015 - يىلى فېۋرالنىڭ باشلىرى، يۇرۇڭقاش

2

تېما

8

دوست

5371

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەققەتەنمۇ مەنىلىك   يازمىكەن.   ئىسىل يىزىپسىز...  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1375

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 400
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە ۋە قەدىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن.

2

تېما

5

دوست

1160

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30103
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ كىشى خىلى تىرەن پىكىر قىلىشقا تۇتۇشۇپتۇ،ئاۋۋال ئورۇن ئىلىپ قۇيۇپ، ياخشى ئويلىنىپ. قارشى ياكى تەشەككۇر پىكىرلىرىمنى كىيىن يازاي،

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33337
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن بەك كۆرۈپ كىتەتتىم مۇنۇ ناخشىنىTell me why

0

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   74.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
Tell me why?
Tell me why?
Tell me why?

سەنمۇ دۇنياغا سۇئال قوي،ئەي ۋىجدان ئىگىسى،ئۆزىڭنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇر.

0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33366
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەك مەنىلىك چىقىپتۇ،تىلمۇ بەك راۋان.

‹كاززاپلىقنىڭ ئورنىنى ساداقەت باسسىدى، لۇغەتتىن «يىتىم» دېگەن بىر سەت سۆز ئۆچەتتى.›

يىتىم دېگەن سۆز ئۆچمەيدىغان سۆز .

0

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33366
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
‹زالىم ئۆز خىلىنى ئەمەس، ئۆز خىلىدىن يىراق بولغان مەزلۇمنى خورلاۋاتىدۇ. ›

مۇشۇ جۈملىنى خىلى ئويلىساممۇ چۈشنەلمىدىم،مۇشۇ جۈملە ھەققىدە سىلەرمۇ  ئويلىغىنىڭلارنى ئېيتىپ باقساڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )