قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4439|ئىنكاس: 59
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىڭلىغان جۇڭگولۇقلارنى يىغلاتقان نۇتۇق(تەۋسىيە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

877

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىششىنى ئۆز بۇرچىمىزغا ئايلاندۇرايلى

(گاۋ جېن دوڭ)

(يولوچى تەرجىمىسى)

8fdef841t7b89c2d3bb6d&690.jpg


   بۇ نۇتۇقنى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ باشتىن-ئاخېرى چىداپ تۇرۇپ كۆرۈپ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، بەلكىم ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ سەرخىل نۇتۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ "نىمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟" دىگەن ئىككىلىنىش ، دىلىغۇل بولۇپ يۈرگەن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ چىقىشى مۇمكىن
     تەيۋەندە مۇنداق بىرمەكتەپ بار بولۇپ،ئوقوغۇچىلارنىڭ يىشى 15_ 18ياشقىچە پۈتۈن مەكتەپتىكى 3000ئوقوغۇچنىڭ ئىچىدە ھەريىلى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن مەكتەپتىىن ھەيدىلىدىغانلارنڭ سانى 200_300گىچە ، .ەكتەپنىڭ ئىشچىسى يوق،ئامانلىق ساقلىغۇچىسىمۇ يوق، مەكتەپ ئۈسكىنىلىرىنى ئوڭشايدىغان ئۇستىلارمۇ يوق بولۇپ بارلىق زۆرۆر خىزمەتلەرنىڭ ھەممىنى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى قىلىدۇ. 3-يىللىقتىكى ئوقوغۇچىلار 1-يىللىقتىكى ئوقوغۇچىلارنى يىتەكلەپ ماڭىدۇ،پۈتۈن مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرنىڭ يىغىلىشىغا پەقەت 3مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ، ئوقوغۇچىلار مۇئەللىملەرگى 7 مىتىر يىراقلىقتىن سالام بىرىپ كىلىدۇ، ئوقوغۇچىلارغا تەتىللىك تاپشۇرۇق بىرىلمەيدۇ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغان بىر مۇ ئوقوغۇچى بولمايدۇ. بۇدەل تەيۋەندىكى 30يىللىق شەرەپكە نائىل بولۇپ كىلىۋاتقان ئەخلاق مائارىىپىنى ئاساس قىلغان "جۇڭشىن  ئالىي سودا-سانائەت مەكتىۋى"دۇر. تەيۋەندىكى ھەرقايسى چوڭ گىزىتلەر ھەم ئىلانلاردا ھائىم دىگۈدەك"پەقەت جۇڭشىن مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن ئوقوغۇچىلارلا قوبۇل قىلىنىدۇ"دىگەن خەتلەر ئۇچرايدۇ. تۆۋەندە بىز مۇشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى گاۋ جىن دۇڭ مۇدىرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا سۆزلىگەن نۇتۇقىنى كۆرۈپ باقايلى:
58643924-f999-4d44-9860-6cda63c56466.JPG


ساۋاقداشلار، ئىيتىپ بىقڭلارچۇ،"دۆلەتنىڭ گۈللىنشى ھەم خارابلىششى" دىگەن جۈملىنىڭ ئاخىرى نىمە؟ (پەستىكى ئوقوغۇچىلار بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا:"ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بار").   
    _ ياق ، ئاخىرى" مىنىڭ مەسئۇلىيتىم بار " ئەگەر بۇيىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا ھەربىر ئوقوغۇچىغا 10نۇمۇردىن قوشۇپ بەرسە ، ئۇنداقتا نۇمۇر قاتمىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟  شۇڭلاشقا" دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىششى،ھەممەكىشىنىڭ  مەسئۇلىيتىدۇر"دىگەنلىك "ھىچكىمنىڭ مەسئۇلىيتى يوق" دىگەنلىكتۇر. "ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيتىدۇر" دىگەننى "مىنىڭ مەسئۇلىيتىمدۇر"دەپ ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك، مەن ئوقوغۇچىلىرىمغا شۇنداق تەربىيە بىرىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇق مائارىپىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مەن گاۋ جىن دۇڭنىڭ مەسئۇلىيتى، پەقەت شۇنداق بولغاندىلا مەن ۋەتەنگە قايتىپ سىلەرگە مەخسۇس ئەخلاق توغۇرسىدا نۇتۇق سۆزلىيەلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولىمەن(چاۋاك) "دۆلەتنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىششى، مىنىڭ بۇرچۇم"دەپ بلىش، دەل مىڭزىنىڭ ئىددىيسىدۇر.  يۈ(خەنزۇ رىۋايەتلىرىدىكى تاغنى يۆتىكىگەن ئادەم)،شۇن( سۇ تىزگىنلەپ پۈتكۈل خەلىقنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئادەم) مۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم،ئۇلار قىلالىغاننى نىمە ئۈچۈن مەن قىلالمايدىكەنمەن؟ "دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىششى مىنىڭ مەسئۇلىيتىم" پەقەت مۇشۇ ئىدىيە بولغاندىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى ھەم بولىدۇ ناۋادا بارلق ئوقوغۇچىلار"مەكتەپ تەرتىۋىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مىنىڭ مەسئۇلىيتىم؛ دۆلەت مائارىپىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مىنىڭ مەسئۇلىيتىم؛دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپالماسلىقى مىنىڭ مەسئۇلىيتىم........"دەپ قاراپ ھەممىمىز ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالساق، دۇنيادا قانداقمۇ گۈللەنمەيدىغان دۆلەت بولسۇن؟ قانداقمۇ ئىتتىپاقلىشالمايدىغان كوللىكتىپ بولسۇن؟ شۇڭلاشقا،ھەرقايسى ئوقوغۇچىلار مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز زىممىسىگە ئالالايدىغان بولىشى كىرەك، ئەكسىچە مەسئۇلىيەتتىن قاچالايدىغان ئەمەس. مەن مەكتىۋىمنى  مۇشۇنداق  مۇشۇنداق باشقۇرىمەن، ئەگەر سىنىپ مەينەت بولسا مەن سورايمەن:
   _بۇ نىمە ئىش؟ . ئەگەر مەلۇم ئوقوغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ:
   _مۇئەللىم، بۈگۈن 32-نۇمۇرلۇق ساۋاقداش دىجورنى ئىدى،لىكىن بۈگۈن تازلىق قىلمىدى_ دىسە ئۇنداقتا بۇ ئوقوغۇچى دەككىسىنى يەيدۇ، مىنىڭ مەكتىۋىمدە ئوقوغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ:
    _مۇئەللىم، كەچۈرۈڭ،  بۇ مىنىڭ مەسئۇلىيتىم ئىدى_ ئاندىن دەرھال قولىغا سۈپۈرگە ئىلىپ تازلىق قىلىدۇ. چىراق بۇزۇلۇپ قالغان بولسا قايسى ئوقوغۇچى بايقىسا شۇ ئوقوغۇچى يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، دەرىزە ئەينىكى بۇزۇلۇپ قالغان بولسا كىم ئاۋال بايقىسا شۇ ئوقوغۇچى يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئالماشتۇرىدۇ_ مانا بۇنى مائارىپ دەيمىز، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇش، ئۇنىڭدىن قىچىشنى ئەمەس، بەلكى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئىلىشنى مائارىپ دەيمىز. بەلكىم بەزىلەر بۇنى زىيان تارتقانلىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن ،مەن سىلەرگە شۇنى ئىيتىپ قوياي، بۇنداق زىيان تارتىش، ئەمەلىيەتتە پايدا ئالغانلىقتۇر، مانا مۇشۇ خىل ئامارىپنى بارلىق جۇڭگولۇقلار ئىسىمىزدە چىڭ ساقلايلى، قەلبىمىزگە ئورنىتىۋىتەيلى..
wKhTglL6QVgEAAAAAAAAAAAAAAA615.jpg


     مەكتەپ مانا مۇشۇنداق "دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىششى، مىنىڭ مەسئۇلىيتىم"دىگەن ئىددىينى مەشىقلەندۈرشى كىرەك.مەكتەپ پاكىزە بولمىسا بۇ جەزمەن كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيتى بولىشى كىرەك، ئويلاپ بىقىڭ، مۇشۇنداق يوغان مەكتەپنى سىز بۇلغىمىسىڭىز، مەن بۇلغىمىسام، ئۆزى مەينەت بولۇپ قالامدۇ؟ مەينەت بولغان بولسا ئۇرىغانلار  ئۇنى تازلاپ تۇرساق، ئۇيەنە مەينەت تۇرىۋىرەمدۇ؟ سىز ئاشۇ مەكتەپ ئىشچىلىرىغا، ياكى دىجورنى ئوقوغۇچىلارغا قاراپ " بۇ ئۇلارنىڭ ئىشى، مىنىڭ ئەمەس" دەپ يۈرسىڭىز_ بۇ قانداق ئىدىيە؟ سىز يەنە مەكتەپتە ئوقۇپ نىمە قىلىسىز؟ مەكتەپتە ئوققۇشتىكى مەقسەت دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقۇ؟ كۆزئالدىڭىزدىكى خىزمەتنى قىلمايسىز يۇ كەلگۈسىدىكى خىزمەتنى قانداق قىلماقچى سىز؟ كۆزئالدىڭىزدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالالمىغان يەردە كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىيەتنى قانداق ئۈستىڭىزگە ئالماقچى؟ سۇ تۇربىسىدىن سۇ ئىقىۋاتسا شۇ تۆشۈكىنى ئىتەلمەمسىز؟ بىزىلەر دىيىىشى مۇمكىن" بۇ مىنىڭ ئىشىم ئەمەس، بۇ دىگەن مەكتەپ ئىشچىلىرىنىڭ ئىشى" بۇ خاتا گەپتۇر، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكى ئەىيبى دەل مۇشۇ: جۈمەكنى ئاچقاندىن كىيىن سۇ چۈشمەيۋاتقانلىقىنى بايقىسا، 2-جىسىنى ئاچىدۇ، 2-جىسىدىن سۇ چۈشمىسە  3-جىسىنى ئاچىدۇ........ _ بۇنداق ئوقوغۇچىلار مىنىڭ مەكتىۋىمدە مەكتەپتىن ھەيدەش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بىرنى ئۈگۈنۈش ئارقىلق باشقىنى بىلىۋىلىشنى بىلمىسە، ئادەم دىگەن يىراقنى ئويلىمىسا بولامدۇ؟  ئادەم بولغاندىكىن ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئويلىشىمىزكىرەك تا، قانچىكى يىراقنى كۆرەلىگەن ئادەم شۇنچە مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئادەمدۇر. پەقەت كۆزئالدىدىكىنىلا ئويلايدىغان،كەلگۈسى بىلەن كارى بولمايدىغان ئادەم يارامىلىق ئادەم ئەمەس،جۈمەكنى ئەتمەيدىغان، سۇ چۈشىۋىرىپ ھەممەيەرنى ھۆل قىلىۋەتسىمۇ كارى بولمايدىغان "ئىشقىلىپ مىنىڭ ئەمەس،دۆلەتنىڭكىغۇ"دەپ ،دۆلەت مۈلكىنى ئسراپ قىلىدىغان "خائىنلاردۇر"!نىمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سۈيىنى ئىسراپ قىلىسىز؟ نىمە ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى ئىسراپ قىلىسىز؟ مەن ھەركۈنى بىرداس سۇ تىجەپ بەرسەم، بىر يىلدا قانچىلىك بولىدۇ؟ ھىسابلاپ بىقىڭلارچۇ، سىلەر ھەربىرىڭلار ھەركۈنى بىرداس سۇ تىجەپ بەرسەڭلار بىر يىلدا قانچىلىك سۇتىجىگەن بولىسىلەر؟ سۇ تىجىگەنلىك توك تىجىگەنلىك بولىدۇ، دۆلەتنىڭ بايلىقىنى تىجىگەنلىك بولىدۇ. دۆلەتنى سۆيۈش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى،ئاكتىپلىق بىلەن سۆيۈش، يەنە بىرى، پاسسىپلىق بىلەن سۆيۈش، ئاكتىپلىق بىلەن سۆيۈش دۆلەت ئۈچۈن بايلىق يارىتىش دىگەنلىك، پاسسىپلىق بىلەن سۆيۈش دۆلەتنىڭ بايلىقىنى تىجەش دىگەنلىكتۇر.دۆلەت ئەنە شۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ، مىليونلىغان پۇخرالارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇل بىلەن سىزنى ئوقۇتىۋاتسا،سىز قوپۇپ دۆلەت بايلىقلىرىنى ئسراپ قىلسىڭىز، ۋىجدانىىڭىز بارمۇ سزنىڭ؟ ئالىي مەكتەپتە مۇشۇنداق تۇرسىڭز،قانداقمۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن؟ قانداقمۇ جەمىيەتتىكى ساپاسى سىزگىمۇ يەتمەيدىغان كىشىلەردىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولسۇن؟ يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە تۇرۇپ دۆلەتنى سۆيمىسىڭىز، قانداقمۇ مەكتەپتە تۈززۈك ئوقۇمىغان كىشىلەردىن دۆلەتنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلغىلى بولسۇن؟ ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىغاندا ئاندىن دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولىدۇ،مانا بۇ "دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىششى مىنىڭ مەسئۇلىيتىم"دەيدىغان ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇل بولىدىغان ئەخلاق قارشىدۇر، ئەخلاق مائارىپىدۇر.
     بىزدە"مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن ھەرگىز كىچىك سانىما" دىگەن قاراش بار، دۇنيادا چوڭ ئىش بارمۇ؟ يوق، بىراق بارىلىق كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش ھىسابلىنىدۇ، يامان ئىشلار يىغىلسا رەزىللىككە ئايلىنىدۇ، ياخشى ئىشلار يىغىلسا ساخاۋەتكە ئايلىنىدۇ. ياخشى ئەخلاى يىتىلدۈرۈش مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەشتىن باشلىنىدۇ،بىز ئادەتتە ياراتمايدىغان ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ ، بۇنداق ئەخلاق ئاستا-ئاستا يىتىلىدۇ،ئاتالمىش "چوڭ ئىشلار"دىن ئەمەس.بۈگەۈن چۈشتىن بۇرۇن دەرىستىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا،مەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرگە چىقىۋاتسام زالدا بىرپاتمان قەغەز پارچىلىرىنىڭ چىچىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم، مەكتەپ مۇدىرى قەغەزلەرنى تېرىۋىتىشكە تەمشەلگەن ئىدى مەن" تەرمەڭ، سەل تۇرۇپ ئوقوغۇچىلار دەرستىن چۈشكەندە ئۆزلىرى تەرسۇن"دەپ تەرگىلى قويمۇدۇم. ساۋاقداشلار ، كىم مۇشۇ قەغەزلەرنى تاشلىغان بولسا ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمەيدىغانلىقى ئىلان قىلغان بولىدۇ،  شۇنداق ، دۇنيادا چوڭ ئىش يوق ، ئالدى بىلەن ھەممىڭلار پۇتۇڭلار ئاستىدىكى قەغەزلەرنى تېرىۋىتىڭلار، ئۇلار مىنىڭ ئوقۇش ماتىرياللىرىمدۇر.
     ساۋاقداشلار ، بىز جۇڭگو ئاشخانىسىغا كىرسەك جۇڭگوچە پاراڭلىشايلى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزەيلى، جۇڭگونىڭ كىيمىلىرىنى كىيىپ، مىللىي مەدەنىيتىمىز بولغان ئەخلاق مائارىپىمىزنى راۋاجلاندۇرايلى. بىر جۇڭگولۇق جۇڭگوچە تاماق يىيەلمىسە، ئۇنى يەنە جۇڭگولۇق دىگىلى بولامدۇ؟ جۇڭگوچە تاماق يىيىشنىڭ ۋەكىلى چوكىدۇر، چوكا جۇڭگولۇقلارنى كۈلتۇرى ھەم مەدەنىيتى، مەن ئامرىكىغا بارغاندا ئانچە -مۇنچە غەرىپچە ئاشخانىلارغا كىرىپ قالىمەن، كىگىمىندە بىرىنچە بولۇپ مۇلازىمغا دەيدىغىنىم"ماڭا چوكا ئەكەپ بىرىڭ" ، ئۇلار مەندىن" غەرپچە ئاشخانىلاردا پىچاق ئىشلىتىمىز ، سىز نىمىشقا چوكا ئىشلىتىسىز؟"دەپ سورايدۇ، مەن" چوكا مەدەنىيەتنىڭ سىمولى، پىچاق بولسا ياۋايىلىقنىڭ بەلگىسى، شۇڭلاشقا مەن چوكا ئەمەس، پىچاق ئىشلىتىمەن، چوكىدا ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ، لىكىن سىلەرنىڭ پىچىقىڭلار ناھايىتى كالامپاي بولۇپ ئادەم ئۆلتۈردىغان قۇرالغا ئوخشايدۇ" .  ئوقوغۇچۇلۇرۇم ماڭا"توخوكاۋىپى"يەيمەن دىسە ،مەن "بولىدۇ"دەيمەن، ئەگەر ئۇلار"كېندېجى"يەيمەن دىسە ئۇلارغا قاتتىق تەبىھ بىرىمەن، ئۇلار بولكىنىڭ ئارىسىغا پۇرچاي ئۇيۇتمىسى قىستۇرۇپ يەيمەن دىسە بولىدۇ دەيمەن، لىكىن ھامبۇروگ بولكىسى يىيىشىگە بولمايدۇ.........بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي روھ تەربىيىسىدۇر! چەتئەللىكلەر پەقەت ماشىنا، ئۇلارنىڭ توپ-زەمبىرىكى بىزدىن كۈچلۈك، مەدەنىيەتتە جۇڭگولۇقلارغا يىتەمدۇ؟
     بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتۇشلىقى پۈتۈن تەيۋەن بويچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، مەن چەتئەلدىن ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدىم، ئۇلار مەخسۇس ئىنگىلىزتىلى بىرىدۇ، مىنىڭ مەخسۇس بىر ئامرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغان سىنىپىم بار ، ئۇلار چوقۇم ئامرىكىغا ئوقۇشقا بارىدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ دەرىسلىك ماتىرياللىرىنىڭ بىرىنچى بىتىدە مىنىڭ" جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنىشى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ھاقارەتلىك ئىشتۇر، ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈش جۇڭگولۇقلارنىڭ پاجىئەسىدۇر، بىراق بىز ئۇنى ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزدىن ئىشىپ كەتتى"دىگەن سۆزلىرىم بىسىغلىق. "دۈشمەنلىرىمىز" توپ-زەمبىرەك، ئىلىم-پەن بىلەن بىزگە زۇلۇم ئىدى، بۈگۈن بىز شۇلارنىڭ پەن_تىخنىكىلىرىنى ئۈگەنگەن چىغىمىزدىلا ئاندىن ئۇلارنى يىڭەلەيمىز! ئۇلاردىن ئېشىپ كىتەلەيمىز!ياتلارنى ئۇسۇلى بىلەن ياتلارنى تۈزىشىمىز ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلىنى چوقۇم ئۈگەنمىسەك بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلىنى چىشىمىزنى-چىشلەپ تۇرۇپ ئۈگۈنىشىمىز كىرەك! بىزنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنىشىمىز ھەرگىزمۇ ئامرىكىغا بىرىپ، قاچا يۇيۇپ، تەرەت تۇڭى تازلاپ ئامرىكىلىقلارنى كۈتۈش ئەمەس، بېرىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ئەمەس! شۇڭلاشقا مىنىڭ ئوقوغۇچۇلۇرۇم ئىنگىلىز تىلىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگۈنىدۇ. ئەگەر ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم دەرس ۋاقتىدا:"ئوقوغۇچىلار، بۈگۈن بىز ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنىمىز، ئىنگىلىز تىلى دۇنيا تىلى،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىل! ئىنگىلىزتىلىنى ئۇقمايدىغان مىللەت قالاق مىللەت ھىسابلىنىدۇ،ئىنگىلىزتىلى ئىنتايىن گۈزەل ئىنتايىن قالتىس"دىسە دەپ بىقىڭلارچۇ،مۇشۇنداق مۇئەللىمنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇش كىرەكمۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن داۋاملىق مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارغا" ئوقوغۇچۇلۇرۇمغا دەرىسنى ياخشى ئۆتۈڭلار،چەتئەل ئۈچۈن تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ ئوقوغۇچۇلۇرۇمنى"خائىن"غا ئايلاندۇرۇپ قويماڭلار،ئۇلارغا دۆلەتنىڭ ئارنۇمۇسىنى يۇيۇپ، دۆلەتنى كۈچەيتىپ، زومىگەر دۆلەتلەرنى يىڭىش توغۇرسىدا سۆزلەرڭلار،مانا بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارزۇسىدۇر" دەيمەن. سىلەرنىڭ مەكتىۋىڭلاردىمۇ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتۇقۇچىسى بار ئەمەسمۇ؟ چەتئەل تىلى فاكۇلتۇتىدىكى ئوقوغۇچىلارمۇ كەلگۈسىدە ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىسىلەر ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق چاغدا دەرس ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئوقوغۇچىلارغا ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىنگىلىزتلى ئۈگىنىدىغان تەربىيە بىرىڭلار، ھەرگىزمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئورنىدا پو ئىتىپ بەرمەڭلار، بىزنىڭ مائارىپىمىز نىمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟ چنكى بىز باشتىلا تەربىيەنى خاتا بىرىپ كىلىۋاتىمىز.
     نۇرۇغۇن كىشىلەر قىززىققانلىقى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدۇ، قاملاشمىغان ئىشيتە بۇ! كىتاپ ئوقۇشتا قانداق قىزىقىش بولسۇن؟ ھەقىقىي مەقسەد قىزىقىش ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەت ئىچىدە قىزىقىش ئىزدەيمىز، لىكىن قىزىقىشنى مەسئۇلىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. "زۇلمەت"ئىچىدە"ئاپتاپتەك"ئىشلارنى قىلىش مانا شۇ ئەخلاق مائارىپىدۇر. بىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىمىز دۆلىتىمىز ئۈچۈندۇر.  ساۋاقداشلار ئويلاپ بىقىڭلارچۇ ، كىچىكىڭلاردىن تارتىپ قانداق تەربىيەگە ئىگە بولۇپ كەلدىڭلار؟ بولۇپمڭ يىزىدىن كەلگەن ئوقوغۇچىلار، ئاتا-ئاناڭلار سىلەرگە قانداق تەربىيە بىرىدۇ؟ بەلكىم سىلەرگە:" ياخشى ئوقۇغىن، ياخشى ئوقۇمىساڭ بىشىڭنى كۆتۈرۈپ ياشىيالمايسەن، تىرىشىپ كۆرەش قىلغىنىڭدىلا ئاندىن ئىستىقبالىڭ بولىدۇ، ئوقۇش ساڭا، بەخىت، ئىستىقبال ئىلىپ كىلىدۇ، ئوقۇشۇڭنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭ ئۈچۈن..." مانا مۇشۇ ئەڭ خاتا ، ئەڭ ناچار تەربىيە، سىلەر مانا مۇشۇنداق تەربىيەدە تەربىيلىنىۋاتىسىلەر. شۇڭلاشقا بالىلار چوڭ بولغاندا" خا خا.. .. مىنىڭ ئوقۇشۇم ئۆزۈم ئۈچۈنغۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق،ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ،بەختى، ئىستىقبالى ئۈچۈن خالاس" ئويلاپ بىقىڭلار ، مۇشۇنداق ئىددىيەدە تەشكىللەنگەن دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئوقۇشى ئۆزى ئۈچۈن ، دۆلەت بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى بولمىسا، خىجىل بولماي يەنەشۇ دۆلەتنىڭ سۈتىنى ئىچىپ، بىجىنى خەجلەپ يۈرسە، پۇخرالارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇللار بىلەن مانا مۇشۇنداق شەخسىيەتچى، نەپسانىيەتچى بالىلار تەربىيلەنسە، ئويلاپ بىقىڭلارچۇ مانا مۇشۇنداق دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولالمدۇ؟ سىزنىڭ ئوقۇشتىكى يۆلىنىشىڭىز خاتا، ئوقۇش ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەنە شۇ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن، دۆلىتىمىز ئۈچۈن! دۆلەت ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج، ھەقىقىي كادىرلارغا ، دۆلەت قۇرۇپ چىقالايدىغان تۈرۈكلەرگە مۇھتاج. دۆلەت نىمە ئۈچۈن سىزنى تەربىيلەيدۇ؟ ئەجىبا دۆلەت سىزگە قەرزمۇ؟ نۇمۇس قىلماي، دۆلەتنىڭ تامىقىنى بىكاردىن يەپ، ياتاقلىرىدن، ئاشخانىلىرىدىن ھەتتا مۇئەللىمنىڭ قىممەتلىك بىلىملىرىدن بىكاردىن-بىكار بەھىرلەنمەكچىمۇ سىز؟ نىمىگە ئاساسەن شۇنداق قىلىسز؟ دۆلىتىڭىزگە قوشقان تۆھپىڭىز بارمۇ؟ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىڭىز بارمۇ؟ قانداق قۇربانلىقلارنى بەردىڭىز؟ ھىچقانداق قىلمىغان بولسىڭىز سىز پوق چىقىردىغان ماشىنا خالاس. ھەركۈنى تاماق يەيسىز، لىكىن قىلىدىغان ئىشىڭىز يوق، ھىچقانداق تۆھپە قوشمايسىز، لىكىن دۆلەت سىزنىڭ تۆھپە قوشۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، سىزدىن كەلگۈسىنى كۈتىۋاتىدۇ، چۈنكى ھامان بىركۈنى سىز چوڭ بولىسىز، بىركۈنلەردە دۆلەتكە تۆھپە قوشالايدىان ئىشلارنى ئۈگۈنىسىز،شۇڭلاشقا دۆلەت سىزگە مەبلەغ سىلىۋاتىدۇ، سىزدىن پىداكارلىقنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.   
      ئەخلاق مائارىپى دۆلەت مائارىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. سىلەر پىداگوكىكا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىسىلەر، يەنە 3-4يىلدىن كىيىن دۆلەت ھالقىغان ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ چىقىسىلەر شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ مەسئۇليتىڭلار ھەممىدىن ئېغىر. ناۋادا سىلەردە دۆلەت ئۇقۇمى بولمىسا ، دۆلىتىڭلارنى سۆيمىسەڭلار، قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ئوقوغۇچىلىرىڭلاردىن دۆلەتنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلماقچى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى مۇئەللىملەر ئىنتايىن مۇھىم، مۇشۇ مىنىڭ ھەممەيەرگە قاتراپ يۈرۈپ ۋەتەننى سۆيۈش ئىددىيسىنى تەشەببۇس قىلىشىمنىڭ سەۋەبى. ئوقۇتقۇچىلار دۆلەتنى سۆيسە،ئوقوغۇچىلارمۇ تەبىئىي ھالدا دۆلەتى سۆيىدىغان بولىدۇ، ئەگەر سىلەر دۆلىتىڭلارنى سۆيمىسەڭلار، ئەتىدىن كەچكىچە ۋىتىلداپلا يۈرسەڭلار ، راھەتكە بىرىلىپ كەتسەڭلار ئۇنداقتا كىيىنكى ئەۋلاتلاردا يەنە قانداق ئۈمۈد بولماقچى؟ بولۇپمۇ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقان ئوقوغۇچىلار ئىنگىلىزتىلىنى چوقۇم ياخشى ئۈگۈنىڭلار، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايسى بىر شىركەتكە، قايسى بىر خوجايىنغا، قايسى بىر لىدىرغا تەرجىمانبولۇپ قالساڭلار، تەرجىمىنى ئوبدان قىلالمىساڭلار نىمىدىگەن سەت ئىش ، نىمىدىگەن نۇمۇس نۇمۇس، نىمىدىگەن لەقۋالىق.
مەن تۆۋەندە دۆلەت ئىڭى توغۇرسىدا تەكىتلەپ ئۆتەي:
    مەن داۋاملىق ئوقوغۇچىلارغا مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆلەپ بىرىمەن: بىركۈنى دوسلار بىلەن ساياھەتكە چىقتۇق، ئۇشتۇمتۇت بورانلىق يامغۇرنىڭ شەپىسى كۆرۈندى،چاتاق يىرى بىزنىڭ بۇ جۇدۇندىن پاناھلانغۇدەك ھىچ ىبر يېرىمىز يوق، پەقەت ئالدىمىزغا قاراپ يۈگۈردۇق، يۈگۈرۈپ كىتىۋاتساق ئالدىمىزغا تاشلاندۇق ياغاچ ئۆي ئۇچرىدى دە ھەممىمىز يۈگۈرۈپلا شۇ ئۆيگە ئىتىلىپ كىرىپ كەلدۇق، تەلىيمىز ھەقىقەتەن ياخشى كەن، مۇشۇنداق ھاۋارايىدا بۇ ئۆينىڭ ئۇچراپ قالغىنىنى. بورانلىق يامغۇر يىتىپ كەلدى، ئۆي بەكلا كونا بولغاچقا بورانلىق يامغۇرنىڭ بىر ھۇجۇمى بىلەنلا لەپپەڭىشپ قالدى،قانداق قىلىمىز؟ دەرھال تۈرۈكلەرنى يۆلىۋالايلى، ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتسى قەتئىي بولمايدۇ" ، شۇچاغدا قاتتىق قايغۇردۇم، ساۋاقداشلار دەپ بىقىڭلارچۇ؟ ئۆي بىزگە ئىھتىياجلىقمۇ ياكى بىز ئۆيگە ئىھتىياجلىقمۇ؟  مەنچە بىز ئۆيگە ئىھتىياجلىق، بۇ ئۆي دەل بىزنىڭ دۆلىتىمىزدۇر، قانچىلىك نامرات، قانچىلىك ئەسكى بولسۇن يەنىلا بىزنىڭ ئائىلىمىزدۇر،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى سۆيىشىمىز كرەك، . نىمىشقا چەتئەللىكلەرگە ھەۋەس قىلىسىلەر؟ "ھەي......قارا چەتئەللىك بولسا نىمىدىگەن ياخشى، مىنىڭ جۇڭگولۇق بولغۇم يوق، چەتئەللىك بولغۇم بار" بۇنداق دىيىش خاتا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز باشقىلارغا يەتمەيدۇ، بۇنى ئىتراپ قىلىمىز، بىراق بىزدىكى قەتئىي نىيەت، ئىرادە، ئۇنى ئاستا-ئاستا ياخشىلىيالايدۇ. بىراق بىز جەزمەن ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىشىمىز، دۆلەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئاڭ تۇرغۇزشىمىز كىرەك.

مىللىي ئاڭ:
    كىشىلەرنىڭ يەيدىغىنى دۆلەتتىن ، ئالىدىغىنى دۆلەتتىن تۇرۇپ، بەنەشۇ دۆلەتنى سۆكۈپ تۇرسا، بۇ دۆلەت قانداقمۇ ياخشىلانسۇن؟ پارىخور، خىيانەتچىلىك بىلەن تولغان دۆلەت قانداقمۇ ياخشىلانسۇن؟ ھەممە كىشىلەر دۆلەتتىن "ئالىمەن" دەپلا تۇرسا ھەرقانچە چوڭ دۆلەتمۇ قۇرۇغدىلىپ كەتمەمدۇ؟  مەن مەيلى قەيەرگە باراي،كۈتۈنىشنى رەت قىلىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭكىنى يەپ ،ئۆزۈمنىڭكىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن، باشقىلارنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرسام، مىھمانخانىسدا تۇرسام، تامىقىنى يىسەم، پۇلىنى بىرىپ كەلدىم، دۆلەتنىڭ بىرموچەن پۇلىنى ئىشلەتكىنىم يوق، مەن پەقەت سىلەرگە ئۈلگە كۆرسىتىۋاتىمەن. دۆلەتنى سۆيۈش دىگەن نىمە ؟ مەن يىنىمدىكىنى ، پۇلۇمنى ، ھاياتىمنى دۆلەتكە تەقدىم قىلالىسام،مانا بۇ دۆلەتنى سۆيگەنلىك بولىدۇ. داۋامىلىق دۆلەتنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆيىڭىزگە توشۇسىڭىز بۇ قانداقمۇ دۆلەتنى سۆيگەنلىك بولسۇن؟ بەزىلەر دۆلەتنىڭكىنى ئوغۇرلىسا، دۆلەتنىڭكىنى ئالسا، ئالغاندىمۇ زوق-ئىشتىياقى بىلەن ئالسا، چوڭ سۆزلەپ خىجىل بولماي ئالسا، ئالغىنىدا يۈزىمۇ قىزارمىسا بۇ قانداق بولغىنى؟
   بەزىلەر دەيدۇ:"مۇئەللىم، مىنى دۆلەتنى سۆي دەيسىز، بولىدۇ،مەن دۆلەتنى سۆيەي، لىكىن دۆلەت نەدە؟ مەن تاپالمايمەنغۇ؟" ئەجىبا سىز دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دۆلەتنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەمسز؟ مۇئەللىم بولغۇچىنىڭ دۆلىتى ئۇنىڭغا يۈلۈنۈپ تۇرغان ئوقوغۇچىلاردۇر، سىز مۇنبەرگە چىقىپ تۇرغىنىڭزدا پەستە سىزگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوقوغۇچىلار دەل سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدۇر. دۆلەتنى تاپماق تەس ئەمەس، مەن مۇشۇ سەھنىگە چىقىىپ تۇرغىنىمدا پەستە ئولتۇرغان 1500 ئوقوغۇچى-ئۇستازلار دەل مىنىڭ دۆلىتىمدۇر. مەن چوقۇم سىلەرگە مەسئۇل بولۇشۇم ،تەربىيلەش رولىنى ئۆتەلىگەن بولۇشۇم، سىلەرگە تەسىر كۆرسۈتىشىم كىرەك، چۈنكى سىلەر مىنىڭ دۆلتىم،مەن سىلەرنى سۆيگەنلىكىم،دۆلىتىمنى سۆيگەنلىكىمدۇر، ئىدىيەمنى سىلەرگە تاقىتالىغىنىم دەل دۆلىتىمنى سۆيگىنىمدۇر. باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى، ھاياتىنى ئىسراپ قىلماڭلار،دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيلەڭلار،ئۇلارغا مۇشۇنداق دۆلەتنى سۆيۈش ئىددىيسىنى ئۈگىتىڭلار،بۇ سىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكىڭلارنى بۈلدۈرىدۇ، ئۇنداق بولمىسا سىلەر ۋەتەننى سۆيمەيدىغان خائىن سىلەر.
    ساۋاقداشلار كەلگۈسىدە چەتكە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قىلىشىڭلار مۇمكىن، شۇنداق چاغلاردا دىققەت قىلىڭلاركى قەتئىي جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭلار،چەتكە چىقىۋىلىپلا قايتىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماڭلار،بۇ جۇڭگولقلارنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك، چەتئەللىكلەر سىلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار" قارا، ئۇلارغا، كىچىككىنە دۆلەت ئۇقۇمىمۇ يوقكەن"دەيدۇ. ئاشۇنداق تۇزىنى يەپ، تۇزلىقىنى چاقىدىغانلارنى كىممۇ كۆزگە ئىلسۇن؟ بۇ ئىنتايىن نۇمۇسسىز ئىشتۇر.
     دۆلەت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،چەتئەلگە برىپ باقمىغانلار دۆلەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ. دۆلىتى يوق ياكى دۆلىتى ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەر ھەقىقەتەن بىچارە ئادەملەردۇر، شۇڭلاشقا بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلار ئۆزىمىزنى سۆيىشىمىز، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنى قانداق سۆيۈشنى بىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت قۇدرەت تاپمىسا بىرقانچە ئادەمنىڭ باي بولۇپ كەتكىنىنىڭ، يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولىۋالغىنىنىڭ نىمە پايدىسى؟ ئۇلار يەنىلا مەڭگۈ بەشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
     كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلاردىن خەۋرىڭلار بار، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەپلەرنىڭ ئۇرىشى تازا قىززىۋاتقاندا ئامرىكىدا دۇنيا گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلىۋاتاتتى، شۇ مۇسابىقىدە ئىسرائىلىيە گۈزىلى دۇنيا گۈزىلى بولۇپ تاللاندى، نۇرغۇن كىنو ساھەسىدىكىلەر ئۇنى ئورىۋىلىپ، "ئىمزا قويۇپ بەرسىڭىز"،" مەن بىلەن ھەمكارلاشسىڭىز، سىزنى مىليونىر قىلىۋىتىمەن، توختام تۈزگەندىن كىيىن دۇنياۋى نامغا ھەم بايلىققا ئېرىشەلەيسىز، دۆلىتىڭىزگە قايتىپ نىمە قىلىسىز، ئۇيەردە ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ، ئۇنداق كىچىك دۆلەت ھامان ھەرۋاقىت ئەرەبلەر تەرىپىدىن يوقۇلىدۇ، قايتىپ بارسىڭىز نىمىدىگەن خەتەرلىك، ئامرىكىدا قىلىڭ" دەپ ئۇنى قىززىقتۇرۋاتاتتى، لىكىن بۇ قىز تىلىۋىزوردا بايانات ئىلان قىلىپ:"دۇنيا گۈزىلى بولۇش مىنىڭ تاللىشىم ئەمەس،مەن پەقەت سىلەرگە يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەت ئىكەنلىكى، ئسرائىلىيە دىگەن دۆلەتنىڭ بارلىقىنى سىلەرگە بۈلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتىم، بۈگۈن دۇنيا گۈزىلى بولۇپ تاللاندىم، مىنىڭ ۋەزىپەم تۈگىدى، مەن پۈتۈن دۇنياغا شۇنى دىمەكچى: ئىسرائىل مىللىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەت، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايال، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا خەلقىگە شۇنى مۇراجەت قىلىمەنكى: ئىسرائىلىيە ھازىر ئىنتايىن جاپالىق ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بىزگە ھىسىداشلىق قىلىشىنى، مۇستەقىللىقىمىزنى  قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! ھازىر دۆلىتىم ئۇرۇش ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ، ماڭا پۇلنىڭ نىمە كىرىكى بولسۇن؟ ئىسرائىلىيە 2000يىل زىمىندىن يوقالدى، لىكىن بىزنىڭ مەدەنىيتىمىز يوقالغىنى يوق، شۇڭلاشقا بىز يەنە دۆلەت قۇرالايمىز، بۈگۈن مەن قايتىپ كىتىمەنم ۋەتىنىم ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن، ماڭا بۇيەردە نام-ئاتاق، بايلىقنىڭ لازىمى يوق" ئۇ بۇ سۆزلىرىنى ئىيتىپ بولغاندىن كىيىن ئەتىسىلا ئايرىپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە قايتىتى. بۇخەۋەر ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىسرائىلىيەگە باشقىچە نەزەردە قارىدى:"ۋاھ...... ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەقىقەتەن قالتىسكەن" شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيە ئارمىيسىنىڭ روھى كۆتۈرلۈپ ساراڭلارچە ئۇرۇش قىلىپ، ئەرەپ قوشونلىرىنى پاك-پاكىز چىكىندۈرۋەتتى. بۇ تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ"7كۈنلۈك ئۇرۇش" تۇر. ئۇرۇش 7كۈندە ئاخىرلاشتى، مۇشۇ قىزنىڭ بىر جۈملە سۈزى ئۈچۈن.
     شۇڭلاشقا ساۋاقداشلار ، دۆلىتىنى سۆيۈش داۋامىلق كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلاردا بولىدۇ، بىز ئالىي مەلۇمات تەربىيسى كۆرگەن ، ئۈستىمىزدە دۆلەتنىڭ شەرەپ-نۇمۇسى تۇرۇپتۇ. دۆلەتنىڭ ئۆتمىشى ئۆتمىشكە قارايدۇ، لىكىن شەخىسنىڭ ئىستىقبالى كەلگۈسىگە قارايدۇ. مۇئەللىم شۇنداق بىر ئەسلىسە، 20يىل ئىلگىرىكى جۇڭگونىڭ  ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ، ئوقوغۇچىلارغا قارىسا 30يىل كىيىنكى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى كۆزئالدغا كىلىدۇ.ئەگەر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ياخشى ، ئىسىل پەزىلەتلىك بولسا ۋەتىنىنى سۆيسە 20يىل كىيىنكى جۇڭگودا ئۈمۈد بولىدۇ، ئەگەر ئوقوغۇچىلار ئىنتايىن ئەدەپلىك-ئەخلاغلىق،ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان بولسا، 30يىلدىن كىيىنكى جۇڭگولۇقلار قالتىس كىشىلەر ھىسابلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئوقوغۇچىلارنىڭ سىماسىدىن ھورۇنلۇق، شەخسىيەتچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق،ئەدەپسىزلىك، سەۋىيەسىزلىك دىگەندەك ھالاتلەر ئەكىس ئەتسە سىلەرچە 30يىلدىن كىيىنكى جۇڭگونىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟ ساۋاقداشلار ئەجداتلىرىمىزنىڭيۈزىنى تۆكمەيلى ،نۇمۇسىمىزنى يۇيۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،قەددىمىزنى كۆتۈرۈپ ياشايلى!
مىنىڭ مەكتىۋىمنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا مۇنداق بىر لوزۇنكا بار:"مەكتەپتىن ئايرىلغان بىرىنچى قەدىمىڭىزدىن باشلاپلا، زىممىڭىزگە جۇڭشىننىڭ شەرەپ-نۇمۇسى يۈكلەنگەن بولىدۇ" ، شۇنى كىڭەيىتسەك،"دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان بىرىنچى قەدەمدىن باشلاپ زىممىڭىزگە دۆلىتىمىزنىڭ شەرەپ-نۇمۇسى يۈكلەنگەن بولىدۇ" دىگەنلىك بولىدۇ، جۇڭگودا تۈكۈرگەن تۈكۈكىڭىز كىچىك ئىش ھىسابلىنىدۇ، لىكىن چەتئەلدە تۈكۈرگەن تۈكۈركىڭىز، ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇق 1مىلىيارد 300مىلىيون جۇڭگولۇقنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەنلىك بولىدۇ، چۈنكى بۇچاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋەكىلى ئەمەس بەلكى 1مىلىيارد 300مىلىيون جۇڭگولۇققا ۋەكىللىك قىلىسىز."ئۆزۈم قىلغان ئىشىمغا ئۆزۈم ئىگە"دەپ ئويلىغان بولسىڭىز قەتئىي خاتالاشقان بولىسىز، بۇچاغدا سىز ئۆزىڭىز گە ئىگە بولالماي قالىىسىز، چۈنكى سىز بۇچاغدا ئۆزىڭىز ئەمەس بەلكى 1مىلىيارد 300مىليىون جۇڭگولۇقسىز. تۈكەرگىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەس بەلكى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈزى بولىدۇ.شۇڭلاشقا ھەربىر سۆز-ھەركىتىمىزگە دىققەت قىلايلى، مەن دۆلىتىمگە قايىتقاندا كۆزۈمگە سىغمىغان گەپلەرگە ناھايىتى قاتتىق تەنبىھ بىرىمەن، تەنقىد لەيمەن، پىكىر-تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن. لىكىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋنگە قايىتقىنىمدا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىرئىغىز يامان گىپىنى قىلمايمەن، ئۇلار مەندىن" چوڭ قۇرۇقلۇق ياخشىمىكەن؟"دەپ سورىشىدۇ، مەن" بەك ياخشى ئىكەن ، بەك چوڭ ، ھەم بەك قالتىسكەن"دەپ جاۋاپ بىرىمەن. ئامرىكىغا بارغىنىمدا"جۇڭگولۇقلار ئۇلۇغ مىللەت"دەيمەن قەتئىي جۇڭگولۇقلارنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان، تەنقىدلەيدىغان بىرئىغىز گەپنى قىلمايمەن، بىراق دۆلىتىمگە قايىتقىنىمدا ياخشىنى ياخشى ياماننى يامان دەيمەن، يىتەرسىزلىكلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، تەكلىپ-پىكىر بىرىمەن. بەزىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ،دۆلەت ئىچىدە بىر ئىغىز راست گەپ سۆزلەشكە پىتىنالمايدۇ، يالغاندىن سىلىق-سىپايە، ناھايىتى ئۇماق قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، شۇنداقلا دۆلىتىدىن ئايرىلسا خورىكى يوغىناپ، جۇڭگولۇقلارنى تىللاپ بىرتىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋىتىدۇ. مانا مۇشۇلار ھەقىقىي ئۆلچەملىك خائىن، ئەبلەخلەردۇر.   


_______________________________________________________________________________________
باغداش ئۈندىدار سالونى تەسىس قىلىندى ،تېزدىن قوشىۋېلىڭ :
ئىزدەش نومۇرى :bagdaxtori
تۆۋەنكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق قوشۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .

bagdax salon.jpg



0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34219
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىما، ئالدىرماي كۈرەي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 1952
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ گومىنداڭ يولداشنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى بولىدىكەن. لىكىن، تار مىللەتچى، مەنمەنچى، ئاqچىلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك  مۇدىر ئىكەن.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 1952
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
باش ماۋزۇنى «مىڭلىغان جۇڭگولۇقلارنى يىغلاتقان نۇتۇق» دەپ قويۇپسىز. بۇنداق نۇتۇقلارغا يىغلىغۇدەك جۇڭگۇلۇق بولسا، بۇ تەيۋەنلىك بۇنداق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمايتى. ئەخمەق جۇڭگۇلۇق يوق، بىكارغا كۆز يېشىنى ئىسراپ قىلىپ يىغلاپ ئولتۇردىغان.

5

تېما

0

دوست

877

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
a.kaxkiriy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 03:27
بۇ گومىنداڭ يولداشنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى بولىدىكەن ...

مەن ئۇنداق دەپ ئويلۇمۇدۇم. 100يلىدىن ئارتۇق غەرپنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرىغان، ھازىرمۇ بىرگە-بىر جاۋاب قايتۇرالمايدىىغان دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىددىيسى ئىنتايىن مۇھىم، ئامرىكىدەك تەرەققى قىلىپ تاغنىڭ ئۇچىغا چىقىپ بولغان دۆلەت «دۇنيا تىنىچلىقى» دەپ توۋلايدۇ، ئۇندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى، ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ياكى مىللەتچىلىك، ياكى دىننىي ئەسلىھەتچىلىك بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىزنىڭچە قانداقراق سۆزلىگەن بولسا ياخشى بولار ئىدى؟

5

تېما

0

دوست

877

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 254
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
a.kaxkiriy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 03:35
باش ماۋزۇنى «مىڭلىغان جۇڭگولۇقلارنى يىغلاتقان نۇتۇق»  ...

ئاۋۇ رەسىمدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭيىغلاۋاتقىنى دەل نەخ مەيداندا تارتقان رەسىم. بۇ 2006-يىلدىكى نۇتۇق، شۇچاغدا بۇنۇتۇقنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تىزبولغان، كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى، ھەتتا تىلىۋىزورلاردىمۇ مەخسۇس يۇقىرى باھالار بىرىلگەن . يىغلىغانلانلار شۇنىڭ ئۈچۈن يىغلان «ئۇلاردا دۆلەت، مىللەت ئۇقۇمى بولغانلىقى ھەم شۇنىڭغا بولغان چۇڭقۇر ھىسياتى.»  .  ئۇيغۇرلارنىڭ يىغلىمىقى تەس.

0

تېما

0

دوست

170

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33337
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
a.kaxkiriy يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 03:35
باش ماۋزۇنى «مىڭلىغان جۇڭگولۇقلارنى يىغلاتقان نۇتۇق»  ...

ھازىر مۇشۇنداق دەپ دەپۋىيلىك ماۋزو قۇيۇش مودا بوپقالدىغا باغداش تا،  ماۋزو قويغاندا سەل ئويلىشىپراق ماۋزو قويسا دەپ ئويلايمەن.

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34096
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ماقالىدىكى سۆزنى يىغىپ ئىيتقاندا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن قىممەت يارتالىسا ئاندىن ئۇ خەلقىگە،ۋەتىنگە ياراملىق ئادەم بۇلالايدۇ ،ئۆزى ئۈچۈن تىرشالمىغان ئادەم قانداقمۇ باشقىلار ئۈچۈن تىرشالايدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )