- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 162
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
54%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز قېرىنداشلار !بىزنىڭ قەۋمىمىز قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە مۇنازىرە ئەخلاقىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ كەڭ داۋاملاششىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ،ئىلىم ۋەپەننىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پارلاق بىر مەدەنىيەتنى بەرپا قىلدى ،بۇنىڭ تىپىك نامايەنىدىسى ئۇيغۇر تىبابىتى
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى يېرىمىدا ئۇيغۇر تىبابەت ئالمىمىزدىن ئابدۇلھىمىد يۈسۈپ ھاجىم ،تۇردى ھاجىم ،ئەمەت ھاجىم ..قاتارلىق داڭلىق تىۋىپ ھۆكۈما ،ئاتاساغۇنلار شۇنداق ئىلمىي مۈنازىرلەرنى كۆپ قېتىپ ئېلىپ بېرىپ ،دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر تىبابەت نەزىيۋىي ئاساسى ،داۋالاش ئىلىمى دېگەندەك بىر تۇركۈم دەرىسلىك كىتاپلارنى تۈزۇپ بىزگە سۇنغان ۋە ئۇيغۇر تىبابتىبىڭ بىزگە يىرتىپ كېلىشى ئۈچۇن مائارىپ ئاساسىنى تىكلەپ،خەلقىمىز ساغلاملىقنى قوغداش ۋە بۇ ئىلمنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت تارىخى بۇرۇچنى ئادا قىلىپ بۇ بىز ئايرىلدى .. بۇ كىشلەر توغرىسدا ھىكايەتلەر ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا داۋام قىلماقتا،خەلق ئاغىزىغا ئاغىزى تەگمەي ئابدۇلھېمىد ھاجىمنى 70ياشقا كىرىپمۇ ئىنگىلىس تىلىنى ئۆگۈنگەنگەنلىكىنى بايان قىلماقتا، تۇردى ھاجىمنى بولسا خەلق ئاتىسىنى يۇدۇپ پىيادە ھالدا مەسچىتى ھەرەمگە ئاپارغانلىقىنى پەرزەنتلىرگە سۆزلەپ بەرمەكتە...
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرگە كەلگەندە خالمۇرات غۇپۇر باشچىلىقىدا توققۇز كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات گۇرپىسى ،ئۇيغۇر تىبابىتىنى ھازىرىقى زامانىۋىي تىبابەت تېىخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ،دۇنيا مېدىسىنا سەھىنىسىگەئېلىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت تارىخى بۇرۇچنى تۇنۇپ يىتىپ، جان دىلى بىلەن كېچنى كۈندۇزگە ئۇلاپ ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ ئىلمىلىقىنى ئىسپاتلاش جەريانىدا تالاي ئىلمىي مۇنازىرلەرنى ئېلىپ بېرىپ ،زامانىۋىي تىبابەت تەجىرىبە پىرىنىسىپلىرغا ئاساسەن ،زامانىۋېى تەتقىقات ئۈسكۈنلىرىدىن پايدىلنىپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلارنى دۇنياۋىي تىبابەت ژورناللىردا ئېلان قىلىپ خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دېققتىنى تارتتى ۋە نۇرغۇن ئۇتۇق نەتىجىلەرتنى قولغا كەلتۇردى ،شۇنىڭغا پىرافىسور خالمۇرات غۇپۇر :ـــ مېنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرغان قانات ئۇيغۇر تىبابىتى!ئۇيغۇر تىبابىتى بولمىغان بولسا مېنىڭ بۇ نەتىجەممۇ بولمغان بولاتتى .دەۋاتىدۇ ،
ئەمدى بىز بۇيەردە شۇنداق بىر نوقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچى مۇنازىرە بولغان ئىكەن بىر مەقسەت ئۈچۈن بىرەر نەتىجىنى كۆزلەپ ئىلمىي يۈسۇندا ئىلىپ بېرلىپ خەلققە مەنپەت ئېلىپ كېلىشى شەرەت ،بولمىسا ئۇنداق مۇنازىرىدە ھېكمەت بولمايدۇ .،ئەقىللىق كىشى بۇنداق مۇنازىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى شەرت ،بولمىسا يامانلىق ئۇنىڭغا يار بولىدۇ .
مۇنازىرە كىشلەر توپنىڭ بىرەر مەسلە توغرىسىدا ئوخشىمغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ تەڭ بەھرىلنىشىدىن ئىبارەتتۇر ،ئۇنداق بولسا ئىلمىي مۇنازىرىچۇ ؟ئىلمىي مۇنازىرە بولسا ئىلمىلىك كىشلەرنىڭ ئىلمىي يۈسۇندا ئېلىپ بارغان ،ئۆزىگە ۋە خەلققە مەنپەت يەتكۈزىدىغان تىما توغرىسىدا ئېلىپ بارغان مۇھاكىمە ،ھۆكۈم ۋە خۇلاسە قىلش جەريانىدىن ئىبارەت ،ئىلمىي مۇھاكىمە ئەمىلىيەتكە ئاساس بولىدۇ ،پىكىرنى بىردەك قىلدۇ ،كۈچنى بىر يەرگە يىغىدۇ ،مادىي ۋە مەنىۋىي قىممەت يارتالايدۇ.
لېكىن ئىلمىي مۇنازىرەنىڭ قىمىمىتنى پەقەت مۇنازىرە ئەخلاقىغا رىئايە قىلغاندىلا ھەققىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ !
ئۇنداق بولسا مۇنازىرە ئەخلاقى قايسىلا؟
1. خالىسلىق ،شەخسىيەتسىز ھالدا باشقىلارنى ئويلاش ۋە باشقىلار ئۈچۇن بەدەل تۆلەش ،ساختا ئالىي جاناپلىقتىن ھەزەر ئەيلەش .
2.سەمىمىيەت .راستچىل بولۇش ،كەمتەرلىك بىلەن بىلمەيدىغانلىقنى ئېتراپ قىلش، بىلمايدىغان تىما سۆزلەنسە جىم تۇرۇش ۋە ئۆزىنى ئېتراپ قىلش .
3.سالماقلىق ،تەمكىن ھالدا ئاڭلاش ،ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ،تەنتەكلىكتىن ساقلىنىش ،ئېغىر بولۇش ،ئويلاپ سۆزلەش ،يەتتە ئۆلەچەپ بىر كىسىش
4.كىچىك پىئىللىق،سۆزدە مۇلايىم ،سىلىق بولۇش ،ئاچچىقلانماسلىق ،ھىسىياتنى كونتىرۇل قىلش ،ئەقىلىي ۋە نەقلى دەلىلنى ئاساس قىلىش ،بولمىسا سۈكۈتتە تۇرۇش .
5.سۈكۈتتە تۇرۇش .ئىنسان تىلنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ،سۈكۈتتە تۇرغان كىشى نىجات تاپىدۇ ، بېشىنى ساقلاپ قالايدۇ.
6.كەڭ قۇرساقلىق ،باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۇن ئۆزىنى جازىلىماسلىق ،كەچۇرۋېتىشقا ماھىر بولۇش
7.ھەقىقەتتە چىن تۇرۇش ،ئۇنىڭغا سادىق بولۇش، ھەقىقەت مۇتلەقلەشكەن قانۇنىيەت ،ئەگەر سەن ئەقىل كۆزۈڭ بىلەن ئۇنى بىلگەن بولسا ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇر،ھەتتا جان بەر.
يازغۇچى :ئۆزۈم
2015-يىل 2-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت 3:54تتە يېزىلدى
داۋامى بار
|
|