قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3440|ئىنكاس: 52
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

134

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1125
تۆھپە : 3675
توردىكى ۋاقتى: 1431
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (1)


بىلىمخۇمار
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

    مەن بۇرۇن تەييارلىغان ئۈچ پارچە ماقالەمدە جەمئىي يەتتە نەپەر قېرىندىشىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. يەنى، «يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 ئۇسۇلى» دېگەن ماقالىدە تۆمۈر پالتاش، ئاينۇر ئابدۇرازاق ۋە مۇھەممەتجان ئابدۇللانى، «ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى كەشپىيات مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرى» دېگەن ماقالىدا مەخمۇت ئابلا بىلەن نۇرنىسا قۇرباننى، ۋە «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن ماقالىدا ئەكبەر شېرىپ بىلەن مىرشاد ئابدۇرېھىمنى تونۇشتۇردۇم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ (1)» دېگەن ماقالىدە يەنە ئىككى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرغان ئىدىم، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئىككىيلەن ھەققىدىكى مەزمۇننى ماقالىدىن ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىپ تۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇم. ئاللاھ خالىسا مەن ئۇ مەزمۇننى كېيىنچە بىر مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ، تورلارغا قايتا يوللايمەن. دېمەك، مەن ھازىرغىچە 9 نەپەر قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر يازمىدا يەنە 2 نەپەر يېڭى قېرىندىشىمىزنى، يەنى، 10- ۋە 11-قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىمەن.

    مېنىڭ چەت ئەلدىكى نەتىجىلىك قېرىنداشلارنى تونۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىم، ۋەتەندىكىلەرگە چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياكى خەلقئارادىكى سەھنىلەردە مۇھىم رول ئېلىپ، «باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ھەقىقەتكە مىسال بولۇۋاتقان قېرىنداشلارنى قىسقىچە ۋە ئەينەن تونۇشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ نىشانلارنى تۇرغۇزۇپ، ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. مەن تونۇشتۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىنى قانائەتلەندۈرگەنلەر: (1) چەت ئەلدە ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. (2) چەت ئەلدە ئىشلەپ، بىر مۇھىم كەسپىي خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن. (3) چەت ئەلدە ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجە قازانغان. مەن ھازىرغىچە بۇنداق مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تەييارلىغان باشقا تېمىلاردىكى ماقالىلەرگە قوشۇپ قويغان ئىدىم. ئەمما يېقىندا ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇنداق مەزمۇننى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسام، سەل ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم بۇ ھەقتىكى يېڭى مەزمۇننى مەزكۇر ماقالىدە ئايرىم تېما قىلىپ يوللىدىم.

    مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، چەت ئەللەردە يۇقىرىدىكى 3 شەرتنىڭ كەم دېگەندە بىرىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلاردىن بىرەر مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرنىڭ كەم دېگەندە بىرسىگە چۈشىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بىرەرسىنى بىلسىڭىز، ماڭا شۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىپ ماڭدۇرۇپ بەرسىڭىز، ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز بىۋاسىتە تورلارغا چىقارسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ماڭا ماڭدۇرىدىغان مەزمۇن ئۇيغۇرچە ياكى ئىنگلىزچىنىڭ قايسىسىدا بولسا بولۇۋېرىدۇ. شۇنداقلا ئىملا قائىدىسى ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىن تەلەپكە ئانچە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئۇنداق مەسىلىلەرنى مەن ئۆزۈم ئوڭلاپ كېتىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلار مەندىن يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارنى ئىمكانقەدەر تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق تەرجىمىھال قانچە تەپسىلىي بولسا شۇنچە ياخشى. مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىز ۋە قوللىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

   بەزى ئۇكىلار مەن تونۇشتۇرىدىغان كىشىلەر چوقۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەر بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلاپ قاپتۇ. مەن ئۈچۈن سىزنىڭ ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئوقۇپ، بىر يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىڭىز ئوقۇغان كەسىپكە لايىق بىر كەسپىي ئورۇنغا ئېرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارغا قوشقان بىر ئالاھىدە تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدىڭىز. ئۇيغۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىدارە ياكى شىركىتىدىكى چەت ئەللىكلەرگە تونۇتتىڭىز. «باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ»، دېگەن ھەقىقەتكە بىر ئىسپات بولۇپ بەردىڭىز. سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ كۈچىدىن تېخىمۇ تولۇق  پايدىلىنىش، شۇنداقلا سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئارقىلىق بىزنىڭ يېڭى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن، مەن سىزنى باشقا ئىنى-سىڭىللارغا تونۇشتۇراي. شۇڭا سىز ماڭا يېقىندىن ياردەملىشىپ بەرسىڭىز. رەھمەت!
يېڭى قېرىنداشلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى ئەمدى باشلايمەن.


شاكىر شەمشى

n01_shakir.png

1-رەسىم: شاكىر شەمشى

   شاكىر شەمشى (ئىنگلىزچە «Shakir Shamshy» دەپ يېزىلىدۇ) 1970-يىلى توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۆلۈم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى يىل تەييارلىق دەرسلىرىنى ئۆگىتەتتى. شاكىر ئىككى يىل ئىچىدە بۇ بۆلۈمدىكى ئوقۇشىنىمۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.
    شاكىر شىنجاڭدىن ئىنتايىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشقا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى سەۋىيەسى، بولۇپمۇ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى سىنىپىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بەكلا تۆۋەن تۇراتتى (چۈنكى ئۇ ئىنگلىزچىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىللا ئۆگەنگەن ئىدى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈردى. نەتىجىدە بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە 3-بولدى. ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، 2-يىلى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە تاللانغان 39 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1-بولدى. شاكىرنىڭ تىرىشچانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە نەتىجىلىرى مەكتەپ گېزىتى ۋە «جۇڭگو نېفىت گېزىتى» دە تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ قالغان ئىككى يىلدا داۋاملىق تىرىشىپ، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى.
     1994-يىلى شاكىر بېيجىڭدىكى بىر چەت ئەلنىڭ نېفىت شىركىتىدە ئىشلەش پۇرسىتىنى تاشلاپ، شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى گېئولوگىيەلىك نېفىت چارلاش باشقارمىسىغا بېرىپ ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ نېفىت ئىزدەشنى لايىھەلەش ئىنژېنېرى بولۇپ 3 يىل ئىشلىدى. كېيىن بىر نېفىت ئىزدەش ئەترىتىگە ئەترەتنىڭ تېخنىكىلىق باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى، ۋە بۇ ئورۇندا 3 يىل ئىشلەپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شاكىر ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى. TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 2000-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىسى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى. ئامېرىكىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىپ، ئاسپىرانتلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشقىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت شىركىتى شېۋرون (Chevron) گۇرۇھى شاكىرنى يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندە ئاشۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. شاكىر 2003-يىلىنىڭ بېشىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، يەرشارى فىزىكىسى (گېئو-فىزىكا) كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شېۋرون گۇرۇھىنىڭ نيۇ ئورلىنز (New Orleans) شەھىرىدىكى تارماق شىركىتىدە يەرشارى ئىلمى مۇتەخەسسىسى (Earth Scientist) بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، بىر نېفىتلىكنىڭ تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەشنى باشلىدى. 2005-يىلى شاكىر شېۋرون گۇرۇھىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ھىيۇستون (Houston) شەھىرىدىكى شېۋرون شىمالىي ئامېرىكا باش شىركىتىگە يۆتكىلىپ، بىر قانچە نېفىتلىككە يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسى ۋە پىروگرامما يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى.
     شاكىرنىڭ ياراتقان تېخنىكىلىق نەتىجىلىرى، ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرگەن شىركەت رەھبەرلىكى 2008-يىلى ئۇنى شېۋرون گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پىلان بۆلۈمىگە يۆتكەپ، شىركەت لىدېرلىرىنىڭ «قارار ئېلىش مەسلىھەتچىسى» دېگەن خىزمەت ئورنىغا تەيىنلىدى. بۇ جەرياندا شېۋرون شىركىتى شاكىرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ تېز ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان رايىس (Rice) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى» (EMBA) پىروگراممىسىغا ئەۋەتتى. 2011-يىلى شاكىر بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالغاندىن كېيىن، شېۋروننىڭ يېڭى تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. شاكىر ھازىر ئاشۇ بۆلۈمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ لىدېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
     ھازىر شېۋرون شىركىتى تەۋەككۈل مەبلىغى (Venture Capital) سېلىپ باشقۇرۇۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك شىركەتلىرىدىن جەمئىي 36 سى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق بۆلۈملىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر شاكىرنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى يېتەكچىلىكىدە يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇ تېخنىكىلارنى شېۋرون شىركىتىنىڭ ئېھتىياجلىق ساھەلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.
     شېۋرون گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرى ئىچىدە چوڭلۇقتا 2-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ زاپىسى مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان خەلقئارالىق چوڭ نېفىت ئېنېرگىيە شىركىتىدۇر. ئۇنىڭ دۇنيادا 180 دىن ئارتۇق دۆلەتتە نېفىت بازىسى، شۆبە شىركىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى بار. شاكىر ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا نېفىت-گاز ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مەن ئىنىمىز شاكىر شەمشىدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.

ئەركىن ئابدۇۋايىت

n02_erkin.jpg

2-رەسىم: ئوتتۇرىدىكى كىشى ئەركىن ئابدۇۋايىت ئۇكىمىز بولىدۇ.

    ئىنىمىز ئەركىن ئابدۇۋايىت 1972-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە 2 يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەندى. 1992-يىلى ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخنىكىلىق فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، يادرو فىزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرسنى ئوقۇدى. 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئۇ بىر يىل ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇشى بىر يىل ئۇزىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تولۇق كۇرسنى 1997-يىلى يازدا پۈتتۈردى.
    ئەركىن باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن جەمئىي 7 يىل سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىپ، 1997-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研究所) غا خىزمەتكە كىردى. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، 1999-يىلى شىنجاڭ فىزىكا تەتقىقات ئورنى (新疆物理研究所) نىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندى، ھەمدە بۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مىكرو-ئېلېكتىرونىكا كەسپى بويىچە 2002-يىلى تاماملاپ، ئاشۇ ئورۇندا بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، 2005-يىلىغىچە ئىشلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئەركىن جۇڭگودىكى داڭلىق ئىلمىي-تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

n03_erkin.jpg

    3-رەسىم: ئەركىن ئابدۇۋايىت ئىشلىگەن تەجرىبىخانىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. ئىنىمىز ئەركىن ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىخانىدا يېرىم ئۆتكەزگۈچنى ئىنگلىزچە « Metal-organik chemical vapor deposition » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىدىغان بەزى ماتېرىياللار زەھەرلىك.  شۇڭا ئۇلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆستۈرگەن چوڭ ساندۇق شەكلىرىدىكى قۇرۇلمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى تازىلايدىغاندا، ئۆزلىرىگە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك ماسكا تاقىۋالمىسا بولمايدۇ.  بۇ رەسىمدىكى ئوڭدىن 1-كىشى ئىنىمىز ئەركىن بولۇپ، ئۇ قالغان 2 ئوقۇغۇچىغا مەزكۇر قۇرۇلمىنى تازىلاشنى ئۆگىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
    2005-يىلى 4-ئايدا، ئەركىن فىنلاندىيەدىكى خېلسىنكى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Helsinki University of Technology) نىڭ فوتو-ئېلېكتىرونىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ كەسىپ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نورمال ئەھۋالدا بىر ئوقۇغۇچى 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. ئەمما ئەركىن ئىنتايىن قاتتىق تىرىشىپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئۈچ يېرىم يىلدىلا تاماملىدى. ئاشۇ ئوقۇش جەريانىدا خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «قوللىنىشچان فىزىكا قىسقا ماقالىلىرى» (Applied Physics Letters)، «نانو تېخنولوگىيەسى» (Nanotechnology)، «كىرىستال ئۆستۈرۈش ژۇرنىلى» (Journal of Crystal Growth) قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 8 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۆزىنىڭ مەكتىپىدە تاكى 2014-يىلىغىچە «دوكتور-ئاشتى» (post-doc) بولۇپ ئىشلىدى (بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى كېيىن «ئالىتو ئۇنىۋېرسىتېتى» (Aalto University) غا ئۆزگەرتىلدى). ئەركىن 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار مەبلەغ ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى چوڭ پروجېكتكە ئاساسلىق تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن يەنە ئىككى باكلاۋۇرلۇق ۋە بىر ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسىغا تەتقىقات يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. شۇنداقلا 2008-يىلىدىن باشلاپ فاكۇلتېتنىڭ تەجرىبە دەرسلىرىنى ئۆتتى. فىنلاندىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئەركىن ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا جەمئىي 20 پارچىغا يېقىن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى.
      2014-يىلى، ئەركىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研究所) غا بىر پىروفېسسور ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتچىسى (创新研究员) بولۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ھازىر زامانىۋى ئوپتىكا زاپچاسلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
    دوكتور ئەركىن ئابدۇۋايىتنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشتىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ:
<http://lib.tkk.fi/Diss/2008/isbn9789512296156/>
    ئىنىمىز ئەركىن يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك ۋە قايىل قىلغۇدەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ ياراتتى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىدەكلا ھوسۇللۇق بولۇشىغا ئىشىنىمەن، ھەمدە شۇنىڭغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

دوكتور ئەركىن ئابدۇۋايىت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

    ئىنىمىز ئەركىن ھازىر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:
    (1) ھازىردىن باشلاپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研究所) دا ئوقۇيدۇ. بۇ ئوقۇشنىڭ ئورنى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئىنىمىز ئەركىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى (中国科学院大学 <http://www.gucas.ac.cn/>) دە بىر يىل نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئالىدۇ.
مەسىلەن، ئەگەر سىز 2015-يىللىق ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنسىڭىز، 2015-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، 2016-يىلى 6-ئايغىچە شۇ يەردە ئوقۇيسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىسىز.
    (2) دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭغا بارمايدۇ.
    (3) ئەركىن ئۇكىمىز جۇڭگودىكى باشقا بىر قانچە شەھەرلەرگە جايلاشقان تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بەزىدە ئاشۇ شەھەرلەرگە بېرىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
   (4) ئەركىن ئۇكىمىز بەزى تەجرىبىلەرنى فىنلاندىيەدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ فىنلاندىيەگە بېرىپ، قىسقا مۇددەت تەجرىبە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى تۇغۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىشنى ھازىرچە «يۈزدە-يۈز شۇنداق بولىدۇ»، دېگىلى بولمايدۇ.
    ئىنىمىز ئەركىن بۇ ئورۇنغا يېڭىدىن كىرگەن بولۇپ، 2015-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر ئورۇندا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 2014-يىلىلا بېكىتىلىپ بولغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر سىز ئاشۇ ئورۇندىكى تىزىملىككە قارىسىڭىز، ئەركىن ئۇكىمىزنىڭ ئىسمى «يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار» تىزىملىكىدە يوق ئىكەن. ئەمما ئەركىن ئۇكىمىز ئىدارىسى بىلەن كېلىشىپ قويغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار «قاتتىق ھالەتلىك رادىياتسىيە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسى» (Laboratory of Solid State Radiation Physics) گە ئىلتىماس قىلسا، ئۇ ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۇكىمىزنىڭ گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

بۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ئۇكىلار ئەركىن ئۇكىمىز بىلەن erkin118@163.com ئارقىلىق ئالاقىلەشسە بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز
   مەن ئۆز ماقالىلىرىم ئارقىلىق «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ، ئۇيغۇرلار ھەتتا باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقىلى ھازىرغىچە 10 يىلدەك ۋاقىت بولدى. بۇنىڭ بىر مىسالى ئورنىدا مەن 2008-يىلى يازغان «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن [1]. ئەگەر مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 11 نەپەر قېرىندىشىمىز ئىشلەۋاتقان ئىدارە-شىركەتلەرگە، ھەمدە ئۇلار ئېرىشكەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىر دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنولوگىيە، ئاكادېمىيە، تىببى-داۋالاش،  ئىقتىساد، ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك بالدىقىنىڭ ناھايىتى ئېگىز پەللىسىگە چىققانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرغان ئىنىلىرىمىز شاكىر شەمشى بىلەن ئەركىن ئابدۇۋايىت مانا بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى. بىزنىڭ ئاشۇنداق قېرىنداشلىرىمىز يەنە خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنىمۇ تونۇشتۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشىمەن (مەن ئالاقىلىشىپ، تەكلىپنامە ماڭدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلغان كىشىلەردىن بىر قانچىسى بار). مەن ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەلدىكى بارلىق ئىنى-سىڭىللاردىن كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى، ئۆزىدىن كۆپ يوغان بولغان ئىشلارنى پۈكۈپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، جېنىنى قولىغا ئېلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ئەگەر تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مەن يازغان «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق-بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» [2] دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، باشقا ئۇيغۇرلار قىلالىغان ئىشلارنى سىزمۇ چوقۇم قىلالايسىز.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە: مەن يېقىندىن بۇيان ئىدارەمدە بىر قانچە پروجېكتنىڭ جىددىي ۋەزىپىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلار ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىدارەمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەپتە «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن ماقالىنىڭ داۋامىنى تەييارلىيالماي قالدىم.  قېرىنداشلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى، شۇنداقلا توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!


پايدىلىنىش ماتېرىيالى:


[1] بىلىمخۇمار: ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق
<http://book.menzil.biz/2013/08/05/3070.html>

[2] بىلىمخۇمار: بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق-بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم
http://bbs.izdinix.com/thread-60487-1-1.html

-----------------------------------------------------------------------------------------
باغداش ئۈندىدار سالونى تەسىس قىلىندى ،تېزدىن قوشىۋېلىڭ :
ئىزدەش نومۇرى :bagdaxtori
تۆۋەنكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق قوشۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
bagdax salon.jpg


0

تېما

0

دوست

236

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23432
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن،مەن بۇكىشلىرىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!مۇئەللىم،سىزنىڭ 80 - يىللاردا ياشلىرمىز ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن ئىزدىنىش يوللىرىڭىزدا نۇرغۇن ياشلىرىمىز جاپالىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق   زور نەتىجىلەرگە ئېگەبولۇپ مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم پاسىبانلىرىغا ئايلاىدى بىز بونۇڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز،سىزنىڭ مىللىتىمىزگە تۇتىۋاتقان مەشئىلىڭىز مەڭگۇ نۇر چاچسۇن.

0

تېما

0

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32777
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەيران قالدىم ھەم خورلۇق ھېس قىلدىم، بۇ يازما ئاخىرىدا پايدىلىنىش ماتىريالى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ماقالە سەۋەپلىك.   قانداق بىر زۆرۈرىيەت ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىي نورماللىقىنى  مۇشۇنداق بىر ئاممىۋىي سورۇندا مۇشۇنداق ئۇزۇن يازما بىلەن ئىزاھلاشقا ۋە ئىسپات كئرسىتىشكە مەجبۇر قىلدى؟  مەنچە  « ئۇيغۇرلار ..... ئەمەس، ئەقىللىق » دېگەن  ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا ھاقارەت ياكى ھاقارەتنى قوبۇل قىلىش. بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئوغرى ئەمەسلىكى ياكى بىر ئايال ئۆزىنىڭ پاھىشە ئەمەسلىكى  ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكە ئۆتكەن ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى خۇمدان دەزىنى ئېتىراپ قىلغان ياكى غورۇرىنى يوقاتقان ۋاقتى. نەتىجە قازانغالانى تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما سەۋەبى بۇ يازمىدا دېيىلگەندەك ئۇيغۇرلارنىڭ « ...» ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاش ۋە ئىسپاتلاش ئۈچۈن دېيىلسە توغرا بولماس ئەپەندىلەر؟!

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مىللىتىمىزدىن يېتىشىپ چىققان مۇشۇنداق ئوغلانلارنىڭ خوش خەۋىرى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى لەرزىگە سېلىپ،زور مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىدىكەن.....

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34239
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
موشۇنداق ياخشى تىمىلار يوللانسا نىمىدىگەن ياخشى ھە!

1

تېما

3

دوست

7562

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1917
توردىكى ۋاقتى: 598
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سېدنېيدىكى تىببى پەنلەر دوكتۇرى--مۇتەللىپ ھامۇت.
                 خىمىيە ماتېرىيال كەسپى دوكتۇرى--ئىلياس قاسىم.
                  مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى دوكتۇرى--ئايشە
قاتارلىق قىز-ئوغلانلىرىمىزمۇ پروفېسسورلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش يولىدا ئىزچىل تىرىشقان بىلىم پەرۋانىلىرىدۇر.

1

تېما

3

دوست

7562

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1917
توردىكى ۋاقتى: 598
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ۋە يەنە--كەنبېررا دۆلەتلىك ئۇنۋېرستىتۇتتا:

ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى--دىلبەر خانىم ۋە باشقا ئۈچ نەپەر دوكتۇرىمىزمۇ بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )