ئەگەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالسام (سۈتچى )
ئوقۇتقۇچى ،مۇئەللىم ،ئۇستاز دىگەن بۇ شەرەپلىك نامغا ئىرىشكۈچىلەرنى تەلەيلىك ۋە بەخىتلىك دەپ ئويلايمەن.ھەم ئۇلارنى بەك ھۆرمەت قىلىمەن.سەۋەبى ئۇلار بىۋاستە ئادەم تەربىلەيدۇ .كەلگۈسىمىز ئۈچۈنياراملىق ئەۋلاتلارنى تەربىلەيدۇ .مىللەتنىڭ كەلگۈسنى بەلگىلەيدۇ .ئۇلار بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ھالدا بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە تەسر كۆرسىتەلەيدۇ .شۇڭلاشقا بۇ كەسپ بەك ئۇلۇغ -كەسپ .شۇنداق بولغاچقىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا ھەر قايسى جەھەتتىن قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ .سىنىلىدۇ ۋە دەرس مۇنبىرىگە چىقىدۇ .ئۇلاردا يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بولىدۇ .
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھەر بىر مائارىپچى ،ھەر بىر مۇئەللىم ،ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا چوقۇم ئۆز –ئۆزىگە‹مەن بۈگۈن بالىلارغا نىمە ئۈگۈتىمەن؟ ›دىگەن تەييارلىق بىلەن كىلىشى كىرەك .ئۇلار ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى پەرزەنىتلەر ئۈچۈن ئاتىۋىتىشى ،بەدەل تۆلىشى ،قاقشىماسلىقى كىرەك .ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ ئوقۇتقۇچى روھى بولماي قالىدۇ.جەمىيىتىمىزدىكى ئاساسى مائارىپچىلار ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ،ئۆز كەسپىنى ياخشى سۆيۈپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ،قۇرۇتتەك ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارمۇ يوق ئەمەستەك .
شۇنداق قاراپ باقسام ،بىزدە ئوقۇتقۇچى روھىغا ماس كەلمەيدىغان ،ئەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش كويىغا چۈشۈۋالغان،كۈن ئۇياققا ،پۇل بۇياققا دەپ ،ئاي توشقۇزۇپ مائاش ئالىدىغان،تاماق يىيش ئۈچۈن ياشايدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ باردەك قىلىدۇ .دائىم مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز .(ئەپلەپ –سەپلەپ ئوقۇتقۇچى بولىۋالسام بولدىغۇ ؟) ( بالامنى يول مىڭىپ ،50 مىڭ خەجلەپ ،ئوتتورا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويدۇم)(ئوقۇتقۇچىلىق ياخشى ،شەنبە يەكشەنبسى بار ،تەتىلى بار ،مائاش ۋاقتىدا چىقىدۇ ) (مەن دىگەن 15 يىل ئوقۇپ مەلىم بولغان ،ئەمدى ئوقۇمۇساممۇ بولا ).بۇ گەپلەرنى قىلغۇچىلار مائارىپنى چۈشەنمىگەنلەر ،ياشاش مەقسىتى ئىنىق بولمىغانلار ،تاماق يىيش ئۈچۈن ياشاۋاتقانلار .ئۇلار ،ھورۇن ،ئىزدەنمەيدۇ .ئۈزلۈكسىز ئۈگەنمەيدۇ .زامانغا ئەگەشمەيدۇ .شۈكرى قىلىپ ئۆتۈۋىرىدۇ .
مەن بۇنداق بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىنى كۆرۈپ قالدىم .دوستۇم بىلەن كۆرۈشەي دەپ مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە كەلدىم .بىر ئاز ساقلاشقا توغرا كەلدى .دەل شۇ چاغدا ،قوڭغۇراق چىلىنىپ ،دەرس باشلاندى .مەن مەيداندا ساقلاپ تۇراتتىم . بىر مۇئەللىم ،بىر سىنىپ باللىرىنى قاتار قىلىپ مەيدانغا ئىلىپ كەلدى. بوي تۇرقىدىن قارىغاندا ،ئۇ بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى .ئۇنىڭ كىيىنىشى رەتسىز ،ھارغىن،قوپال كۆرىنەتتى .ئۇ بالىلارنى قاتار قىلىپ تەخمىنەن بىر –ئىككى مىنۇتتەك بىر نىمىلەرنى دىدى.(ئارلىقىمىز خىلى بولغاچقا ،نىمە دىگىنىنى بىلمىدىم ).دە مەيدانىنىڭ بىر چىتىدىكى ئىرىق بويىغا كىلىپ تىلىفۇنغا قاراپ ئولتۇردى.ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن بويى ئىگىزرەك بىر بالا ،بالىلارنى قاتار قىلىپ ،مەيداننى ئايلىنىپ يۈگۈرتىشكە باشلىدى .ئۇلار مەيداننى ئىككى ئايلانغاندىن كىيىن ،بالىلارنى .سەكرىتىشكە ،ئۆمىلىپ مىڭىش مەشىقى قىلدۇدى .مۇئەللىم ئۈچ مىنۇتتا بىر قىتىىم ،بالىلارنىڭ تەرتىپى بۇزۇلغاندا بالىلارغا قاراپ ۋاقىراپ قوياتتى (ھەي پاراڭ سىلشما )( تۈزۈك سەكرە ) ( قاتارغا كىرە ) .....ئۇلار ھەركەتنى ئىشلەپ بولۇپ ،شۇ توپا مەيداندىلا ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈشتى .مۇئەللىم قولىدىكى پۇتبولنى ئۇلارغا تاشلاپ بەردى .ئوغۇللار خۇشال ھالدا توپ قوغلۇشۇپ كەتتى .قىزلار دەرەخ بويىغا كىلىپ سايىداشقا كىرىشتى .
ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن قوڭغىراق چىلىندى .مۇئەللىم توپنى ئىلىپلا كىرىپ كەتتى .
مانا بۇ مەن كۆرگەن بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى ئىدى .بەك ئۈمۈدسىزلەندىم ،ئىسىت دىدىم .ئىشەنگىم كەلمىدى .ئىككىنچى كۈنى باشقا بىر مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە دەرسنى كۈزەتتىم .ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش .
مەن بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇنىمىزدا 1000دىن بىر بولىشىنى ،بۇ بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ 2000دىن بىر بولۇشىنى ئۈمۈد قىلدىم .لىكىن رىئاللىق ئۈمۈدىمنى رەت قىلاتتى .بۇنداق مىتوتسىز ،شەكىلسىز ،مەنىسز دەرس ئۆتۈدىغانلار خىلى كۆپ ئىدى . يەنە بىر قىتىم ئىسىت دىدىم .ھەممەيلەنگە مەلۇم ،ھازىرقى مائارىپىمىزدا ئۆتۈلىۋاتقان پەنلەر ،ئاساسى پەن ۋە قوشۇمچە پەن دەپ ئايرىلىدۇ .مەكتەپلەر ئاساسى پەنلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ،نوقتىلىق تۇتىدۇ .غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجرىتىدۇ .(مەسىلەن :خەنچە،ماتىماتىكا،...)قوشۇمچە پەنلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ .نەتىجە سۈرۈشتە قىلمايدۇ .ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزىۋىتىدۇ .كىم بولسا ئۆتۈپ قويسلا بولىدۇ،ھەتتا ئۆتمىسمۇ بولىدۇ (مەسىلەن ،سەنئەت،مۇزىكا ،ئەخلاق ،جەمىيەت ،تەنتەربىيە ).
راسىت ئاساسى پەنلەر مۇھىم. لىكىن قوشۇمچە پەنلەرنىڭ رولىغا سەل قارىساق بولمايدۇ .قوشۇمچە پەنلەر بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن تەربىلەيدۇ .ۋە ئاساسى پەنلەرنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ .تەنتەربىيە دەرسگە ھەممە بالىلار بەك ئامراق بولىدۇ .چۈنكى ،دەرس سىرىتتا ئۆتىلىدۇ ،ئوينىغىلى بولىدۇ ،قىزىقارلىق ،دەرس سائىتى ئاز...بالىلار مۇشۇنداق قىزىقىدىغان بىر دەرس قىزىقارلىق جانلىق ئۆتۈلسە ،
ئۇنىڭ بالىلارنى جەلىپ قىلىشى ،بالىلارغا بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولىدۇ .يەنە بىر جەھەتتىن تەنتەربىيە دەرسى بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىكگە،بەدەن تۈزىلىشىگە،ناھايىتى ياخشى پايدا قىلىدۇ .بالىلارنىڭ بىسمىنى چارچىشىنى كىمەيتىدۇ .ياخشى روھى ھالىتىنى ساقلايدۇ .كەلگۈسىمىزدە ياراملىق تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى قىزىش بايقاش،يىتىلدۈرۈش رولى بەك كۈچلۈك .
مۇشۇنداق ئۇبدان بىر پەن ،ئەپلەپ سەپلەپلا ئۆتۈلسە بۇ پەرزەتلەرگە ،مىللەتكە قىلىنغان زىيانكەشلىمۇ قانداق ؟ بىزنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىللىرىمىز مۇشۇنداق زىيانكەشلىكنى قىلسا ،بىز كىمدىن ئۈمۈد كۈتىمىز ؟؟مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم ،ئەگەر مەن بىر سۈتچى بولماي ،بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالسام ھە ؟؟؟؟؟
مەن بىر سائەتلىك دەرىسنى مۇنداق ئۆتەتتىم .
1:تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىغا خاس ،ئۆتمەكچى بولغان دەرس مەزمۇنىمغا خاس ،كىيىملەرنى كىيەتتىم .
2: روھىمىنى جۇشقۇن ،قەدىمىمىنى مەزمۇت ،گەپ سۆزلىرىمنى دانە-دانە جانلىق ئىشلىتەتتىم .
3: دەرس پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ ،نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت ھەر جەھەتتىن ياخشى تەييارلىق قىلاتتىم .مەسىلەن :100 مىتىرغا يۈگۈرۈش دەرسى ئۆتمەكچى بولسام ،ئالدى بىلەن نەزىرىيە جەھەتتىن بالىلارغا سۆزلەيتتىم .بۇنىڭدا ،بۇ تۈر قاچان پەيدا بولغان؟ قاچان رەسمى مۇسابىقە تۈرى قىلىنغان ؟ بۇنىڭ رىكورتى كىمدە ؟ قانداق ياراتقان ؟يۈگۈرەش يولىنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟ بەدىنىمىزگە قانداق ياخشى يامان تەسىرى بولىدۇ ؟ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۈردىكى ھازىرقى سەۋيەسى قانچىلىك ؟...دىگەندەك بەك جىق مەزمۇنلاردا قىزىقارلىق قىلىپ قىسقا سۆزلەيتتىم .ئاندىن پەللىدىن چىقىش ئۈسكىنىسى ،تاپانچا،،سائەت ،قاتارلىقلارنى ۋە ئۆلچىملىك مەيداننى سىزىپ چىقىرىپ ،باشتا ئۆزۈم ،ئاندىن شارائىتى يار بەرگەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنى .ئەڭ يۇقۇرى سەۋيەدە سىناق قىلدۇراتتىم .مۈمكىن بولسا تور دا ئەڭ ياخشى يۈگۈرەش ئۇسۇلىنى تىپىپ بالىلارغا ۋىدىئو ئارقىلىق كۆرسىتەتتىم .بالىلار چارچىسا ،بەش مىنۇت بالىلارنى ئۇيغۇر ئويۇنلىرىغا تەشكىللەيتتىىم .كۆڭۈللۈك قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتەتتىم .
ئۇنىڭدىن باشقا توپ تۈرلىرى ،تورنىك ،ئەنئەنىۋى تۈرلەرنىمۇ ئۆزىگە خاس ھالەتتە .ئەڭ يۇقىرى ھالەتتە ئۆتەتتىم .
4:تەنتەربىيەدە ياخشى نەتىجە ۋە ياخشى ھالىتىمنى ساقلاپ كىلەتتىم .دائىم بەدەن چىنىقتۇراتتىم .
5:بالىلار بىلەن دوستەك بولاتتىم .ئۇلار بىلەن كۆپ بىللە بولاتتىم.
6:مەيلى قانداق بولسۇن تۈر تۇتاتتىم .كوماندا تەشكىللەيتىم
7:ۋاقىتنى قەدىرلەيتتىم بىر مىنۇت ۋاقىتنى زايا قىلمايتتىم .
ئىشقىلىپ ماڭا بۇ 45مىنۇت يەتمەيتتى .دەرس ئاخىرلاشقاندا ،پىشاينەمدىن بىر تامچە تەر چىقىپ ،تەنتەربىيە مەيدانىغا چۈشەتتى.ئاندىن مەن (ئۇھ ئەجەپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالدىم ) دەپ ئۆز –ئۆزەمدىن رازى بولاتتىم .بۇ مىنىڭ خىيالىم بۇ مىنىڭ چۈشۈم ئىدى .بۇ ئارقىلىق بەدەن سۈپىتى ياخشى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا خىمىرتۇرۇچ سالغان بولاتتىم دە ،ھاردۇقۇم چىقاتتى .
يۇقارقى ئەھۋال بىر قىسىم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرىلا ئەمەس ،باشقا پەن ئوقۇتقۇچىللىردىمۇ بولىشى مۈمكىن .ئۇچۇر ،تور دەۋرىدە ياشاۋاتقان مىللىتىم ئۈچۈن،بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىكى يوق دەپ قارايمەن.تۇغماس توخۇ كاتەكنى بىكار قىلىشى كىرەك .ئەلۋەتتە .بىزنىڭ ئەڭ ئەقىللىق ،يىتشىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلىرىمىز بار .ئۇلارغا ئۈگۈتۈش ،ئادەم تەربىلەش پۇرسىتى كىرەك .
ھۆرمەتلىك ،ئەزىز ،سۆيۈملۈك ئۇستاز ،ئۇلۇغ شەرەپلىڭ نامىڭىز بىلەن ئوخشاش ،باتۇر ،قەيسەر ،
ئوتتەك روھىڭىز بولسۇن . ،شۇ روھ بىزنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ .ساقلاپ قالىدۇ ،دۇنياغا تونۇتىدۇ . سىز مىللەتنىڭ يول باشچىسى.ھەممە ئىشتا باشچى بولۇڭ.
شۇنداق بولسا سىز مىللىتىمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى .ئۇنداق بولمىسا سىز خەلقىمنىڭ يوقاتقۇچىسى .
ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى)
2015يىل 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈستۇن ئاتۇش
|