قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1590|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خاتا پەلسەپە ۋە سەپسەتىلەرگە رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

468

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22222
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    ماددا ۋە ئىنساننىڭ ماددىنى تونۇشى ۋە ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىدراك قىلىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلساق ،ئىنسانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى بەش خىل سەزگۈسى ئارقىلىق ھېس قىلالىغان مۇشۇ مەۋجۈدىيەتنى ماددا دەپ قارىغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا ھەرخىل  تەبىر بەردى.ئىنسانلارنىڭ ماددى دۇنياغا بولغانئىزدىنىشى  فىزىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولدى دىيىشكە بولىدۇ. ماددىلاربىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ھەممە ماددا سەۋەب –نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلانغان بولۇپ ،ئالەمدىكى پۈتكۈل ماددىلار مەۋجۈدىيىتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ،بىر–بىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھىچقانداق ماددا باشقا ھىچقانداق ماددىغا تايانماي مۇستەقىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ.ماددىلار ئارىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت،بىرخىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىز بۇخىل باغلىنىش قانۇنىيىتىنى فۇنكىسىيە دەيمىز. ماددىلارئارىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەت (فۇنكىسىيە) ماددىلارمۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ بىۋاستە بولغان  ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر.مانا بۇخىل  ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سان ئارقىلىق ئىپادىلەش ماتىماتىكىدۇر.ئەمدى بۇ مۇناسىۋەتلەر قانۇنىيەتلىك بولىدۇ .مانا بۇ قانۇنىيەتنىڭئۆزىنى بىلىش لوگىكىدۇر. مەسىلەن، لوگىكا ۋە ماتىماتىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا،كومپيۇتىرنى مىسال ئالساق،كومپيۇتىر بىر جانسىز ،ئاڭسىز ماددىدۇر،ئەمىسە ئۇ قانداق قىلىپ شۇنچە زور ماتىماتىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال لوگىكىلىق تەپەككۈردىن كىلەيلى . ئادەتتە بىز توك يولىدا پەقەت ئىككى خىل ھالەتلا بولىدۇ،ئۈزۈك ياكى ئۇلانغان،يۇقىرى بېسىم ياكى تۆۋەن بېسىم،يۇقىرى ماگنىت مەيدانى ياكى تۆۋەن ماگنىت مەيدانى... بۇ ئىككى خىل ھالەتنى سان بىلەن ئىپادىلىسەك ‹1› ياكى ‹0›، دىمەك كومپيۇتىر پەقەت بىر ۋە نۈلدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنىلا «تونۇيدۇ». ئەمدى بىز بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ،مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قىلىپ مۇشۇ ئىككى سان ئارقىلىق ئىپادىلەپ ،ئۇنى ‹1›ۋە‹0›مۇناسىۋىتىگەئايلاندۇرۇپ كومپيۇتىرغا ھىساپلىتىپ،چىققان نەتىجىنى يەنە قانداق قىلىپ ئادەتتىكى ئونلۇق سىستىمىسىدىكى سان ھالىتىدە ئىپادىلەش مەسىلىسى لوگىكىلىق تەپەككۈرگە بېرىپتاقىلىدۇ.ھەتتا خەت ،ئاۋاز ،كۆرۈنمە ،رەسىم قاتارلىقلارنىمۇ ئىككىلىك سانلىق رەقەم ھالىتىدە كومپيۇتىرغا تونىتىپ بىرتەرەپ قىلىپ بولۇپ،ئۇنى قايتىدىن يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتىر ‹1›بىلەن ‹0›نىلا تونۇيدىغان ‹گالۋاڭ›ماشىنا بولۇپ ،پەقەت بۇ گالۋاڭ ماشىنىنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كومپيۇتىرنىڭ  كەمچىللىكىنى يېپىپ، ئۇنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك .مانا بۇ لوگىكىلىق تەپەككۈرنىڭ مەھسۇلىدۇر. دىمەك لوگىكىلىق تەپەككۈر كومپيۇرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىپ ئاشۇنداق «قالتىس » نەرسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
       فىزىكىنى ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن پەنلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسانلار يارىلىشتىنلا كۈچدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش  ئۈستىدە ۋە  بېشى ئۈستىدىكى تولىمۇ سىرلىق كائىنات ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئېدى. شۇڭا مىخانىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ تارىخىنى  ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىلىش جەريانىنى ئۇنىڭ بىلگەنلىرىنى ئۆزلۈكسىزچوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تىنچ جىسىمغا كۈچ تەسىر قىلسا ھەرىكەتكە كېلىدۇ،بولمىسا ئۇ توختايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئارستوتېل ئەينى چاغدا«كۈچ جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئامىل »دەپ يەكۈن چىقارغان ئېدى. ئارىدىن ئون نەچچەئەسىر ئۆتكەندە گالىلى ئۇنىڭغا گۇمانىنى ئوتتورىغا قويدى . يەنى يانتولۇقتىن ھارۋىنى قويۇپ بەرسەك ،ئۇ گورىزونتال تەكشى يۈزگە كەلگەندىن كىيىن ،توختاپ قالماي يەنە بىر ئاز مېڭىپ توختايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ھارۋىنى قايسى كۈچ ھەرىكەتلەندۈرگەن؟ بۇ ئەينى چاغدا ھەقىقەت دەپ قارالغان، ماددىنى چۈشەندۈرۈشكە  ئاساس قىلىپ كېلىۋاتقان ئارىستوتىلنىڭ تەلىماتلىرىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. دىمەك شۇ چاغدىكى زىيالىيلارنىڭ پىكىر قىلىش لوگىكىسىغا يەنى ئۆلچىمىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشتىن بىشارەت كەلدى. كىيىنكى ۋاقىتتا نىيۇتون «كۈچ جىسىمنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتكۈچى ئامىل» دەپ يەكۈنلەپ، ئېنىرتسىيە قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. « نىسبىيلىك نەزىرىيسى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى نيۇتوننىڭ يەكۈنىنىڭمۇ چەكلمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئىبىن سىنا بىلەن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى مۇنازىرە قىلغان يەرنىڭ يايپاڭ ياكى يۇمىلاق بولۇش مەسىلىسى، نەچچە يۈز يىلدىن كىيىنمۇ ياۋرۇپادا نۇرغۇن تىراگىدىيىلىك تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ، كولۇمبۇنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقىنىغا قەدەر داۋاملاشتى .كولۇمبۇ ياۋرۇپالىقلارغا نىسبەتەن دۇنيادا تۇنجى يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئەمەلى ئىسپاتلىغان كىشى ھىساپلانسىمۇ.  كولۇمبۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ 1-كىشى ئەمەسلىكى ئايان ئېدى ...دىمەك ،ئىنساننىڭ بىلىشى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدىدۇر. ئۇئىزدىنىش جەريانىدا ،مۇئەييەن ئۆلچەمگە تايىنىپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتىدۇ،پىكىرقىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ ئۆزى بولمىغانلىقتىن ،ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئۆلچەم ئۆزگەرسە يەكۈنمۇ ئۆزگىرىدۇ.
    ئىنساننىڭ بىلىشى ھەقىقى مەۋجۈدىيەت ئالدىدا پەقەت ھەقىقەتكە يېقىنلىشىش بولۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئەمەس .شۇڭا ئىنساننىڭ بىلىش تارىخىنى ئۆزلۈكسىز خاتالىشىش ۋەئۇنى ئۆزلۆكسىز  تۈزىتىش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ بىلىشى مەلۇم دائىرىدە نىسبى توغرىلىققا ئىگە بولغاچقا ئۇئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن ،ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەيمىز . لوگىكا ماددىنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىشتىكى پىرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ.مۇشۇ ئۆلچەم ئارقىلىق ئىنسان ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئىنسانىيەت تەپەككۈر ئارقىلىق ئاخىرى مۇشۇ مەۋجۈدىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ، ھاياتنىڭ مەنىسى ،دۇنيا ھەققىدە مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن بىريەكۈنگە كېلىدۇ.مانا بۇ پەلسەپىدۇر..
     ئىنساننى ئازدۇرۇشتا خاتا پەلسەپەدىنمۇ كۈچلۈك مەنىۋى ئەپيۇن بولمىسا كېرەك. خاتا پەلسەپە كىشىنىئاخىرى چىقماس تۇيۇق يولدا ئازدۇرۇپ يۈرۈيدۇ. بۈگۈن چىقارغان يەكۈنىنى ئەتىسى ئېنكار قىلىدۇ،ئۇلار خۇددى باياۋاندا تېڭىرقاپ يۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ...  خاتا پەلسەپە قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟ خاتا پەلسەپە خاتا بولغان پىكىر قىلىش يولىدىن كېلىپ چىقىدۇ.خاتا پىكىر قىلىش دىگەن نىمە؟ ئۇپىكىر قىلىشتىكى لوگىكىلىق ئاساسنى خاتا بىكىتىۋىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.يەنى ماددىلاردىن يەكۈنلىگەن لوگىكىلىق باغلىنىشنى ماددىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ، ماددا قانۇنىيەتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان مەنبەنىڭ ماھىيىتىگە تەدبىقلىۋىلىشتۇر .  خاتا پەلسەپىنىڭشەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر ئامىل ئىنساننىڭ تەپەككۈرىنى چەكسىز دەپ قارىۋىلىپ،تەپەككۈر ماھىيىتىنى بىلىشكە قەتئى قادىر بولالمايدىغان ساھەگە ئېسىلىۋىلىپ،ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشتۇر. تارىختا بىرقىسىم پەيلاسوپلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ بىر-بىرىگە زىت نەتىجىگە ئېرىشىپ ئاخىرى ئۈمىتسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ۋەقەلەر بولۇپ تۇرغان. « توكۇرلارنىڭ قولىدىكى ھاسىنى تارتىۋىلىڭلار ،پەقەت ھاسا بولغاچقىلا توكۇرلار پەيدا بولغان.» دەپ«ئاجىزلىق جىنايەت » قارىشىنى تەكىتلەيدىغان نېتزىمۇ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئېدى.  ھەتتا خاتا پەلسەپەلەرنىڭ ئازغۇن تەسىرىدە بۈيۈك ئېمپىرىيەلەر ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. ھازىركۆپلىگەن دىنلاردا مەۋجۈت بولغان ،يارالمىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلاپ ياراتقۇچى بىلەن بىرلىشىپ كېتىش، ياراتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرىنى ماددىدا بار دەپ قىياس قىلىش، ياكى ماددىدىكى سۈپەتنى ياراتقۇچىدا بار دەپ تەسۋىرلەشنىڭ ھەممىسى ئازغۇن خاتا پەلسەپىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
    خاتا پەلسەپەدىكى يەنە بىر نۇقتا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئېنتىلىشنى رەزىللىك بولىدۇ دەپ قاراپ،« رەزىللىك ،شەھۋەت،جىنسىيەت دىگەنلەر ئىنسان يارىلىشىدىلا بولىدۇ،ئۇنى تىزگىنلەش دىگەنلىك ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى چىققانلىق ياكى مۇقەددەس ئەركىنلىكنى بوققانلىق »دەپ قارايدۇ.توغرىسى شۇكى ،ئىنسان تەبىئىتىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش، ھاياتىنى ساقلاش تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان  يېيىشكە –ئىچىشكە ئېنتىلىش، ئۆزىنى قوغداش ، يات جىنىسقا تەقەززا بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ ،ئۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياخشىلىقى ياكى يامانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىنساننىڭ مۇشۇ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشى ئاڭلىق ھالدا تەرتىپلەش پائالىيىتى بولۇپ،ئۇ ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ.ئەگەر مۇشۇ مەسىلىلەر گۈزەل تەرتىپتە تەرتىپلەنسە ئۇ ئىنسانغا خاتىرجەملىك ،بەخىت،ئىنسان نەسلىگە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ تەبىئەتنى ئەسەبىيلەرچە مەيلىگە قويىۋەتسەك ،ئىنسان ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن پەسلىككە چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن ،ھايۋانلار بەچچىۋازلىققىلمايدۇ،  لېكىن ئىنسانلار قىلماقتا ...  
     ئىنسان تەبىئىتى ئەسلى ياخشىلىقنى خالايدۇ. مەسىلەن، ئاپتوبوستا بىر مىيىپ كىشىنىيېنىڭىزدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئالىيىپ ئولتۇرغاندىن،ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۆزىڭىز ئۆرە تۇرسىڭىز ،يۈرىكىڭىز بەكرەك راھەت ھېس قىلىدۇ. ھەتتا ئوغرىمۇ ئۆزشېرىكىنى ئۆزىگە خىيانەت قىلمىسىكەن دەيدۇ. شۇڭا ئىنسان تەبىئىتى ئەسلى ياخشىلىققا تەشنا، ھايات ياخشىلىق يەتكۈزۈش بىلەن مەنا تاپىدۇ.
    خاتاپەلسەپەدىكى يەنە بىر شەيتانىۋى قاراش سەۋەبسىزلىكتۇر .ئۇلارنىڭ قارىشىچە« ئالەمدەھىچنىمە ھىچنىمىگە تايانمايدۇ. ھەممە نەرسە مۇشۇنداقلا سەۋەبسىز مەۋجۈت، دىن،ئەخلاق دىگەنلەر ئىنسانلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ،ئۆزىنى كىشەنلىۋالغان نەرسىلەردۇر،ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھىچنىمە ئەمەس .ئىنسان ئەسلى ئۆز تەبىئىتى بىلەن ھايات تىرىتورىيىسىنى ئۆزى سىزىپ ، قاندان ياشىغۇسى كەلسە شۇنداق ياشاش كېرەك.يەنى ھايات ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈن نىمە قىلساڭ بولىۋىرىدۇ.ئىشقىلىپ سەن قىلغان ئىكەنسەن ئۇ توغرا...»
    ئەمەلىيەتتە ھەممە ماددا سەۋەب –نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلانغان بولۇپ ،ئالەمدىكى پۈتكۈل ماددىلارمەۋجۈدىيىتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ،بىر –بىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھىچقانداق ماددا باشقا ھىچقانداق ماددىغا تايانماي مۇستەقىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ.پەلسەپەدىكى«مەن كىم؟» ،«مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟» دىگەن سۇئالمۇ سەۋەبىنى ئىزدەشتىن كەلگەندۇر.يەنى ھەتتا پەلسەپەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭمۇ سەۋەبى باردۇر.سەۋەبنى ئىنكار قىلىش ،ئەڭ بىمەنە  ،مەنتىقىسىزلىق ئەخلىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سېسىق ئەخلەتتۇر. بۇ خىل پەلسەپىدە يۇقۇملانغان كىشىئۆزىنى بەك بىلەرمەن چاغلايدۇ، ھەممە نەرسىنى ئېنكارقىلىپ ،مەسخىرە قىلىپلا ئىشنى تۈگىتىدۇ . ئۇلار ھەقىقەتنى نەيرەڭۋازلىق بىلەن سۆز ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق بۇرمىلىماقچى بولىدۇ.  نەيرەڭۋازلىق ھەققىدە مۇنداق بىر  مىسالنى كۆرگىنىمئېسىمدە،
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن سورايدۇ :
ــ مۇئەللىم «نەيرەڭۋازلىق »دىگەن نىمە؟
ــ مەن مۇنداق بىر مىسال ئالاي ، ئىككى ئادەم  سەپەردىن تەڭلا  قايتىپ كەلدى ، بىرى پاكىزلىقنى سۆيىدۇ،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن ئۇ ئانچە مەينەت بولۇپ كەتمىگەن، يەنە بىرى تازىلىققا ئېتىبار بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇ مەينەت بولۇپ كەتكەن . سېنىڭچە ئۇلارنىڭ قايسىسى يۇيىنىدۇ؟
ـــ مېنىڭچە ، كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم يۇيىنىدۇ،چۈنكى ئۇ يۇيىنىشقا ئېھتىياجلىق.
ـــ خاتا ! كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەم يۇيىنىدۇ،چۈنكى ئۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يۇيىنىش ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ كەتكەن ،ئەكسىچە كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم بولسا ، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، يۇيۇنۇش –يۇيۇنماسلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر . چۈشەندىڭمۇ ؟ كىم يۇيىنىدىكەن؟
ــ چۈشەندىم ، كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەميۇيىنىدىكەن.
ـــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنىدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ .شۇڭا ئۇ يۇيىنىدۇ. ئىككىنجىسى  كىر بولۇپ كەتكەن ئۇ يۇيۇنۇشقا ئېھتىياجلىق.ئەمدى چۈشۈندىڭمۇ؟
ــ ھە چۈشەندىم ، ھەرئىككىسى يۇيۇنىدىكەن.
ــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنمايدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىز ،يۇيىنىشقا ئېھتىياجى يوق . ئىككىنجى كىشى يۇيۇنۇش بىلەن خوشى يوق شۇڭائۇمۇ يۇيۇنمايدۇ. ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟
ــ مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم ــ ،دېدى ئوقۇغۇچى ھاڭۋاققان ھالدا.
ــ ھە مانا مۇشۇنى «نەيرەڭۋازلىق » دەيمىز ــ ،  دېدى ئوقۇتقۇچى مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ .
سۆز ئويۇنى ئويناشنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ،مۇقەددەس كىتابتا بۇرۇنقى قەۋىملەرنىڭ سۆز ئويۇنى ،ئىككى بىسلىق سۆز قاتارلىقلارنى  قوللىنىپ ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىقى قەيتقىلىنىدۇ.
     «يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار ئۇلار:«بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق بىزگە قۇلاق سال بىز ساڭا قۇلاقسالمايمىز» دەيدۇ. دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرىقىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقۇرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق قۇلاق سالدۇق ئۇنزۇرنا دېسە ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ توغرا بولاتتى لېكىن كۇفرى سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.(سۈرە نىسا 46)»
     سۆزئويۇنى ئويناش، ئىنكار قىلىش ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.ئىشنى بۇزۇش ،ئىشنى پۈتتۈرمەكتىن ئاسان. شۇڭائۇلار بۇخىل «ئاسان» يولنى تاللىۋالغان بولۇپ،ئۆمرىنى مۇشۇنداق مەنىسىزلىككە زاياقىلىپ ئۆتىدۇ، كۆرۈنۈشكە بەك كۆرەڭ، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى قۇرۇق، ھەسەت،ئاچچىق، رەزىل، شەھۋانى، بىچارە ھالەتتە ياشاپ،ئەگىز لاي سۇدەك ئېقىپ  ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
     «ئۇلارغاقارايدىغان بولساڭ بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ ئەگەرئۇلار سۆزلىسە (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن (ئىلىمسىز ئەقىلسىزپاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر.ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ ئۇلار (ساڭا ۋە مۇئمىنلەرگە) دۈشمەندۇر .ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!(63:4)»

10

تېما

14

دوست

8004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 813
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2374
توردىكى ۋاقتى: 605
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:45 |ئايرىم كۆرۈش
ئەتتىگەندە  ناھايىتى  ياخشى  تىمىدىن بىرنى  ئوقۇۋالدىم  ،  رەھمەت  سىزگە ،    ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

8

دوست

5371

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   7.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1594
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:05 |ئايرىم كۆرۈش
ئاشقا چىۋىن چۈشۈپتۇ..  قارىغاندا بۇ تېمىمۇ قىززيدىغان چىغى بار...
  تېما ئگىسىگە رەھمەت.

0

تېما

12

دوست

3469

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 999
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:08 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تېما  ،   

1

تېما

2

دوست

1985

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22018
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:52 |ئايرىم كۆرۈش
پەلسەپە ھېچقانداق مىللەتنى بىرلەشتۈرمەيدي بەلكى ئورتاق ئىدولوگىيە،  سىياسى مەنپەئەت بىرلەشتۈرىدۇ.

1

تېما

0

دوست

466

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32888
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:44 |ئايرىم كۆرۈش
پەلسەپەنى «توغرا پەلسەپەۋە خاتا پەلسەپە» دەپ ئايرىش تولىمۇ يەڭگىللىك بولۇپ قالامدۇ قانداق . پەلسەپەنى  تارىختىن بىرى پەيلاسوپلار «ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى» مەركەز قىلىپ، «ئىدىيالىستىك پەلسەپە» ۋە «ماتىرىيالىستىك  پەلسەپە» دەپ ئايرىپ كەلدى.ۋە ئۇنى ھۆكۈمرانلار  ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن  خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلدى. ( ماركىسىزىلىق دىيالىكتىك ماتىرىيالىزىمچە پەلسەپەنى كومپارتىيە ئۆزىنىڭ نەزىرىيەۋى ئاساسى قىلغانغا ئوخشاش) .پەلسەپە دىگەن ئەسلى تەبىيەت، جەمىيەت، ۋە ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ،ئۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ ، ئەمما ئۆزىدىن باشقا بارلىق پەنلەنىڭ تەرەققىياتىنى مىتودولوگىيە( ئۇسۇل نەزىرىيىسى) بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەلسەپە ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنساننىڭ بىلىش پائالىتى ۋە  ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئىنسان پەلسەپىيىۋىي تەپەككۇر ئارقىلىق ئەقىل پاراسىتىنى تەكەممۇللاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ۋە ياراتقۇچى ئاللاھنى  چىن مەنىسىدىن تونۇپ يېتىپ ،ئىسلامىي ئەقىدىگە ئىگە مۇسۇلمان بولالىسا ، ھەر ئىككى دۇنيالىق بەخىت سائادەتكە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر كاززاپلىق پەلسەپەسىنى ئۆزىگە تەپەككۇر مىزانى قىلىپ ھەق - ناھەقنى ئاستىن- ئۈستۈن قېلىپ ، پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا چىقىش قېلىپ،تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزى خالىغانچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ،ۋە چۈشۈنۈپ ھەركەت قىلسا ئۇ ئۆزى ئويلىيالمىغان ئەكسىچە مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولىدۇ . بۇ ھەقتە تورداشلار مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقسا بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30510
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:47 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل   ئىسل تىما   رەھمەت سىزگە. نەيراڭۋازلىق تۇلىمۇ ياخشى ئىزاھلىنىپتۇ

0

تېما

0

دوست

468

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22222
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:26 |ئايرىم كۆرۈش
tarsayi1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 11:44
پەلسەپەنى «توغرا پەلسەپەۋە خاتا پەلسەپە» دەپ ئايرىش ت ...

قوللايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )